نىكاھىم بار ئەمما پەتتە يوق ،
بۇ كۆڭلۈم ھەم ئەمەستۇر بەك توق .
بۇ تۇرمۇشتىن ئالالمىدىم زوق ،
كىچىك خوتۇن بولغۇم يوق پەقەت .
ئولتۇرىمەن تالاغا چىقماي ،
ئۆز ئۆزۈمنى ئۆيدە قورقۇتماي .
ئىرىم بولسا داڭقى چىققان باي ،
كىچىك خوتۇن بولغۇم يوق پەقەت .
كەچ ئاخشامدا قالغاندا تەنھا ،
بولسام دەيمەن ئۇنىڭغا ئەسرا .
ئۇ كەلمەيدۇ چوڭ ئۆيدىن ئەسلا ،
كىچىك خوتۇن بولغۇم يوق پەقەت .
بىر ئايالنىڭ بەخت تەلىيى ،
قىشتا قولغا ئىرى پەلىيى .
ئىللىق ئۆيدە بالا ئەللىيى ،
كىچىك خوتۇن بولغۇم يوق پەقەت .
ئويلاپ باقسام بوپتىمەن قورچاق ،
داشقازانغا خىزمەتكار ئوچاق .
تۇرمۇشىمغا قىپتىمەن چاق - چاق ،
كىچىك خوتۇن بولغۇم يوق پەقەت .
بۇ تۇرمۇشتا ئېزىپ ساپتىمەن ،
شىرىن سۆزگە مەڭدەپ قاپتىمەن .
ئۆز ئۆزۈمگە داپنى چاپتىمەن ،
كىچىك خوتۇن بولغۇم يوق پەقەت .
يالغۇزلۇقتىن ھىجران چىكىمەن ،
توختىماستىن كەشتە تىكىمەن .
بۇ تۇرمۇشتىن ئەمدى كىچىمەن،
كىچىك خوتۇن بولغۇم يوق پەقەت .
ۋاز كىچىمەن ئەمدى بۇلاردىن ،
بەخت تاپاي تۈرلۈك يوللاردىن .
سۇنى ئىچەي باشقا قوللاردىن ،
كىچىك خوتۇن بولغۇم يوق پەقەت .
مەنبە : قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mikijin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-26 03:42 PM