مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6716|ئىنكاس: 0

«ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ھەققىدە ئىزدىنىش  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 30
مۇنبەر پۇلى : 469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7008 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئىزچىل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئالاھىدە جانلاندى، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق رايونلاردا بىر قاتار زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تۇغدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق ئەندىشىسى ۋە كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بىرىنچى، «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىش تارىخى ۋە ئاساسىي ئەھۋالى
سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئەينى چاغدا ئۆزبېكىستاندا قىسمەن دىنىي ئەنئەنىچىلەر بىلەن ئىسلاھاتچىلار ئارىسىدا كۈرەش يۈز بەردى ھەمدە ئېغىر ئىجتىمائىي، سىياسىي، مىللىي ۋە دىنىي توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىر قىسىم كىشىلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سىياسىي تەلەپ بىلەن دىنىي ئېتىقادنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندى، نەتىجىدە سىياسىيلاشقان «ۋاھابىزم» بارلىققا كەلدى. بۇ كىشىلەر سىياسىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىسلامنى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىدىن قوغداش» [1] نى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە كۈرەش قىلىش شەكلى ئارقىلىق زۆرۈر سىياسىي ئورۇنغا ئېرىشىشنى پىلانلىدى. دەسلەپتە، ئۇلارنىڭ شەكلى ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلەشكەن دىنىي سىياسىي پارتىيە قۇرۇش بولدى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ سەزگۈز پوزىتسىيىسى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى دىنىي ئالىملارنىڭ گۇمانى بۇ خىل ئىتتىپاقلىشىش سىياسىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. دۆلەت ئىچىدە دىنىي شەكىل ۋە ئاۋام ئىدىيىسى بۇ خىل ماجىرا سەۋەبلىك كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ، دىنىي نامدا سىياسىي ھەرىكەت قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي قۇرۇلما سىستېمىسىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى ھەمدە فەرغانە ئويمانلىقىدا يولغا قويۇشقا باشلىدى. ئىسلام گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئاشقۇن ئەزالىرى ۋە نەمانگان شەھرىدىكى دىنىي ئاشقۇنلار جۈمە نەمانگانىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئادالەت تەشكىلاتىنى قۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
يولداشېۋ رەھبەرلىك قىلغان ئەل ئارىسىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ توقۇنۇشى كەسكىنلىشىشى ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر باستۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 1992-يىلى 3-ئايدا ئادالەت تەشكىلاتىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، يولداشېۋ قاتارلىق كىشىلەر چەتئەلگە يۆتكەلدى. يولداشېۋ 1997-يىلى 6-ئايدا چېچىنىيەگە كېلىپ، چېچىنىيە مۇجاھىدلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى مۇجاھىدلىرىنىڭ ھەربىي مەشىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
يولداشېۋ 1992-يىلدىن باشلاپ ئالدى-كەينى بولۇپ ئافغانىستان، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران ۋە تۈركىيەلەردە پائالىيەت قىلدى، 1998-يىلى ئافغانىستان كابۇلدا ئولتۇراقلاشتى.
تالىباننىڭ قوللىشىدا، يولداشېۋ ئافغانىستاندا «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى رەسىمىي قۇردى.[2] ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشىدا ئېغىر زەربە يېگەن «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» 2002-يىلى 10-ئايدا «شەرىقى turk ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام ھەرىكىتى» (IMCA) تەشكىلاتىنى قۇردى، رەھبىرى يەنىلا يولداشېۋ بولدى. 2003-يىلىنىڭ بېشىدا، قايتا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاىيا رايونىدىكى تورىنى كېڭەيتتى، بۇ تەشكىلاتنىڭ نىشانى ئۇيغۇر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئىسلاملىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دىنسىز ھاكىمىيەتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خەلىپە دۆلىتى قۇرۇش ئىدى. دەل «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبىرى:«بىزنىڭ تەكىلاتىمىز ئۆزبېكلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئەمەس. بىز دېگەن ئىسلام تەشكىلاتى، ئەزالىرىمىز قىرغىز، قازاق، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» [3] دەپ ئېيتقىنىدەك ئىدى. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار 2003-يىلى ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەنە «ئەتىيازلىق ھۇجۇم قوزغاپ»، «ۋەتەنگە قايتىپ، كەرىموۋ تۈرمىسىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ئازاد قىلىش» قا داۋراڭ قىلدى، يەرلىك ئاممىنى «خەلق ئىنقىلابى» قىلىشقا كۈشكۈرتتى، ھەتتا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىمىز،[4] دەپ داۋراڭ سالدى. «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ سىياسىي رەھبىرى تاھىر يولداشېۋ، ھەربىي رەھبىرى جۈمە نەمانگانى، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئۆزبېكىستان دەھرىي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە دىن بىلەن سىياسىي بىرلەشكەن ئىسلام خەلىپىلىكى ھاكىمىيىتى قۇرۇش، نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى كەرىموۋ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، فەرغانە رايونىدا ئەنئەنىۋى ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشتۇر. پائالىيەت شەكلى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاساسىنى تەۋرىتىپ، ئەڭ ئاخىرى قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىشتۇر.
«ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ تۈزۈمى چىڭ، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، بازىسى دىنىي ئەنئەنە پۇرىقى قويۇق بولغان فەرغانە ئويمانلىقىغا جايلاشقان، تاجىكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاجىز بولغان تەۋىلدارادا ئالدىنقى سەپ ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى تەسىس قىلغان. قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، مەزكۇر تەشكىلات بىن لادىن، تالىبان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە چېچىنىيە قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆپ تەرەپلىك قوللىشىغا ئېرىشتى، مەبلىغى تولۇق، قورال-ياراقلىرى ئىلغار بولۇپ، يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ئارمىيىلىرىنىڭ قورال-ياراقلىرىدىن ئېشىپ كەتتى.
يىغىنچاقلىغاندا،  «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ تۆۋەندىكىدەك نەچچە كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى بار: تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىيلىشىشى ۋە مەخپىيلىشىشى؛ پائالىيەت ۋاسىتىسىنىڭ كۆپ خىللىقى؛ كۆپ تەرەپتىن دەھرىي جەمئىيەتكە ئارىلىشىش؛  پائالىيەت بوشلۇقىنىڭ كېڭىشى؛ خەلقئارا ئارقا كۆرۈنىشنىڭ مۇرەككەپلىشىشى؛ سىرتقى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشنى تېزلىتىشى؛ زوراۋانلىق خاھىشىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشى قاتارلىقلار.

ئىككىنچى،  «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى
1. تارىخىي مەدەنىيەت ئامىلى
ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ، دىنىي ئېتىقاد دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، تارقىلىشى ئەڭ مەركەزلەشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى، ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدۇ.[5] ئۆزبېكىستاننىڭ دىنىي مۇھىتى «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىسلام كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە زېمىن ھازىرلىغان.
2. جۇغراپىيىلىك ئامىل
سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيىۋى سىياسەت ئەندىزىسىدە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت گەرچە مۇستەقىل بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چېگرىسى تارىختا سۈنئىي ئۇسۇلدا مىللەتلەرنى بۆلۈش سەۋەبلىك ئۆز ئارا چىگىشىپ كەتكەن، مۇجمەل ھەمدە مۇداپىئەسى بوش. فەرغانە ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىي بەلۋېغىدىكى فەرغانە، ئەنجان، نامانگان ئۈچ ئوبلاست ئۆزبېكىستانغا تەۋە، ئويمانلىقنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خوجەنت تاجىكىستانغا تەۋە، شەرىقى جەنۇبىدىكى ئوش ھەمدە ئەتراپىدىكى تاغلىق رايون قىرغىزىستانغا تەۋە، فەرغانىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون قىرغىزىستان چېگرىسى ئىچىدە، يەنە تاجىكىستانغا تەۋە ئىككى پارچە يەر سوخ، شاھى مەردانلار بار.[6] بۇنداق چىرمىشىپ كەتكەن چېگرا ئەمەلىيەتتە چېگرىسىز ھالەتتە تۇرماقتا، ئۈنۈملۈك مۇداپىئە كۆرۈش ناھايىتى تەس.
3. دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئامىل
ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قاتتىق مەركىزىي ھاكىم مۇتلەق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش بىلەن بىرگە ئىسلام ئۆلىمالىرىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتتى، شۇنداق قىلىپ ئۆزبېكىستاندا دىنىي ئۆكتىچى كۈچلەر پەيدىنپەي شەكىللەندى ھەمدە «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق ئىسلام تەشكىلاتلىرىغا كىردى.
4. ئىقتىسادىي ئامىل
ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن بېرى ئىقتىسادى ئىزچىل ياخشى بولمىدى، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ئىنتايىن ئۆتكۈر، ئاۋام تۇرمۇشىنىڭ نامراتلىقى ئىسلام ئاشقۇن كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زېمىن ھازىرلاپ بەردى. ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادى كىرىزىسقا پېتىپ قالدى، كۆپ قىسىم ئامما نامرات تۇرمۇش كەچۈردى، لېكىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر قاتتىق بېيىدى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ، باي نامراتلىق پەرقىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىسلام ئاشقۇنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باراۋەرلىك، ئادىللىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش شوئارلىرىنى توۋلاپ، ئاممىنىڭ ھازىرقى تۈزۈمگە نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇلار تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنىڭ نامراتلىقى «قۇرئان» غا ئەمەل قىلمىغانلىقى، خەلىپە تۈزۈمىنى يولغا قويمىغانلىقتىن بولغان، نامراتلىقنى يوقىتىپ، ياخشى كۈن كەچۈرمەكچى بولسا ، دەھرىي ھاكىمىيەتنى گۇمران قىلىپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش كېرەك، دېدى.

111111.jpg


ئۈچىنچى، «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە ئەتراپىدىكى رايونلارغا بولغان تەسىرى ھەمدە تەرەققىيات يۈزلىنىشى
(1) تەسىرى
1. ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشىنى، ئىجتىمائىي تەرتىپىنىڭ ئېغىر مالىمان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تۇغدۇرغان بىر قاتار ۋەقەلەر مەزكۇر رايوندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى. 2000-يىلى 7-ئايدا، «خەلقئارا تېرورىزم، ئاشقۇن دىنىي كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە ئورتاق زەربە بېرىش» روسىيە، جۇڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق 5 دۆلەتنىڭ دۈشەنبە يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ئىسلام قوراللىق كۈچلىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى قۇردى. قىرغىزىستانمۇ جەنۇبىي رايونىدا كۈچلۈك تارماقلاردىن تەركىب تاپقان مەخسۇس «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى» قۇردى. قازاقىستان جەنۇبىدىكى چىمكەنت ئوبلاستىدا تېزلىكتە جەنۇب ھەربىي رايون قۇردى ھەمدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتى قاتارلىق قوراللىق كۈچلەرنى جەنۇبىي چېگرا رايونىغا ئەۋەتىپ ھوشيارلىقنى كۈچەيتتى. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كەرىموۋ غەرب ئەندىزى بويىچە ئارمىيەنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، تېرورچى كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ھازىرقى زامان ئۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتى.
2. رايون ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئاشقۇن پائالىيەتلەر مۇقەررەر سىياسىي داۋالغۇشنى، توختىماس ئۇرۇش، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مالىمانلىشىشى ۋە ئاممىنىڭ ۋەھىمە يېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سودا پائالىيىتىنىڭ تەرتىپلىك بولىشى تەسلىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى تۈزگەن ئىقتىسادىي پىلان ئەمەلىيلەشمىدى ۋە يولغا قويۇلمىدى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرى قوللىنىشى چەتئەل مەبلىغى ۋە خەلقئارالىق نورمال باردى-كەلدىگە تەسىر كۆرسەتتى، بۇ رايوننىڭ مۇقىمسىزلىقىمۇ چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە زەربە بەردى. بىرلا ۋاقىتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر دىنىي ئاشقۇن كۈچلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن زور مىقداردا ئادەم كۈچى ۋە ماددىي بايلىق سەرپ قىلدى، بولۇپمۇ ئارمىيەنى ئىشقا سېلىش سەرپىياتى غايەت زور بولدى، مەسىلەن ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ھەربىي خىراجەتنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، جىددىي ئېھتىياجلىق دۆلەت ئىچى تەرەققىيات مەبلىغىنىڭ بارغانسېرى ئازلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئەسلىدىنلا قىيىنچىلىقتا قالغان دۆلەت ئىقتىسادىنى تېخىمۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا قويدى.
3. دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسەتتى. «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تاجىكىستاندىن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان پات-پات سىڭىپ كىرگەنلىكتىن، ئىككى دۆلەت تاجىكىستان پرېزىدېنتىدىن ئىنتايىن نارازى بولدى، كۆپ قېتىم ئاشكارا سورۇنلاردا تاجىكىستان پرېزىدېنتىنى تەنقىد قىلدى ۋە قارشىلىق بىلدۈردى. بىرلا ۋاقىتتا ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىقلار دۆلەتلەر بەس-بەستە تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئوقۇغۇچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى، بۇ نەچچە دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى دىن تارقىتىش قاتارلىق باشقا پائالىيەتلىرىگە قاتتىق چەكلىمە قويدى. ئەكسىچە، روسىيە ئىسلام دىنىي كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپ ياخشىلىدى، لېكىن روسىيەنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچراشىنى ئەزەلدىن خالىمايدىغان ئۆزبېكىستان دىنىي ئاشقۇن كۈچلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى ئاچقۇچ قىلىپ، روسىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپ ياخشلىدى، روسىيە بىلەن قايتىدىن يېقىنلىشىپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئاشقۇن كۈچلەر ۋە خەلقئارا تېرورىزم قاتارلىق ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ رايون ئاتلىغان پائالىيىتىگە ئورتاق زەربە بەردى.
(2)  تەرەققىيات يۈزلىنىشى
1. قىسقا مەزگىل ئىچىدە پۈتكۈل رايون ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سىياسىي كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە تېخى يېتەرلىك ئەمەس. نۆۋەتتىكى ئۆزبېكىستاننىڭ مىللىي ھاكىمىيىتى مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قىيىنچىلىقتىن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆتۈپ كەتتى ھەمدە مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشى قىلىپ بېكىتتى. ئافغانىستان تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ يوقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى قوللىشى مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلىدى، بولۇپمۇ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىشنى ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدى.
بۇلار «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ كۈچىنىڭ كېڭىيىشىدە بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەش رولىنى ئويناپ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە كۈچىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىنى تەسلەشتۈرۈۋەتتى.[7]
2. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قارىتا پەيدا قىلغان قىسمەن خەۋپ-خەتىرىگە يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقىلىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن مىستىكىزم ۋە ئاشقۇن تۇرمۇش ئەنئەنىسى بولغانلىقتىن، كۈچلۈك سىياسىي خاھىش بار ئاشقۇن دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيىتىدە كەڭرى پائالىيەت بوشلۇقى ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەۋجۇتلۇق زېمىنى بار. گەرچە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرى قەتئىي ئىرادىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئىچى ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ھەمدە ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر چىقارمىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۆزبېكىستان ئاساسلىقى پرېزىدېنتنىڭ شەخسىي نوپۇزى ۋە دائىرىلەرنىڭ زالىم سىياسىتىگە تايىنىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىسلام سىياسىي كۈچلىرىنى باستۇرماقتا. [8] مۇبادا ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشى يۈز بەرسە، ئىسلام سىياسىي كۈچلىرى چوقۇم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قايتا باش كۆتۈرۈپ، دەھرىي تۈزۈمگە خىرىس قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرى ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىيات يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ھەر خىل ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارا تېرورىزم پائالىيەتلىرى مۇھىم نۇقتىسىنى يېقىن شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىن ئافغانىستان-ئوتتۇرا ئاسىيا-شىمالىي كاۋكاز ياي شەكىللىك بەلۋېغىغا يۆتكىگەن.[9] «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ زور ساندىكى قالدۇق كۈچلىرى ھەرىكىتىنى توختاتمايلا قالماستىن، تېخىمۇ يوشۇرۇن مەخپىي ھالەتكە كىرىپ، تەشكىلاتىنى رەتكە سېلىپ، كۈچىنى ساقلاپ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان.
3. رايون سىرتىدىكى تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن پەيدا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ جۇغراپىيىۋى ئىستىراتىگىيە بوشلۇقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر قوللانغان كۆپ تەرەپلىك تەڭپۇڭ دېپلوماتىيە سىياسىتى كۆپ خىل خەلقئارالىق كۈچلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كىرگۈزدى. غەرب، روسىيە، ئىسلام دۇنياسى قاتارلىق ئاساسىي سىياسىي كۈچلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمىشىدا سەل قارىغىلى بولمايدىغان رول ئوينىدى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تارىختىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە، ئىران، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەر كۈچىنىڭ سايىسىدىن قاچالمىغان، لېكىن دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر كۈچى يەنە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن پايدىلاندى.
4. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئەمەلىي ۋە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان ئورتاق مىللىي تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇشتەك قولايلىق ئىجتىمائىي شارائىتتىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي ھېسىياتنى كۈشكۈرتتى ھەمدە كۆپ خىل يوللار ۋە ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا ئاشقۇن دىنىي ئىدىيلەرنى تارقاتتى، ھەتتا سىڭىپ كىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتىنى خېلى دەرىجىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەسىرىگە ئۇچراتتى. «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزىرىيىسى» ۋە «جۇڭگو تەھدىت نەزەرىيىسى» نىڭ تەسىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە سىرتىدىكى بەزى سىياسىي كۈچلەرمۇ باشقىچە غەرەزدە «ئاپەتنى شەرققە باشلاش» ئىستىراتىگىيىسىنى تەرغىپ قىلدى.[10] بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئىسلام دىنىي كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاتتىق دىققەت قىلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى ئاشقۇن دىنىي ئامىللارنىڭ جۇڭگو سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
ئاپتورى گو شىياۋجاۋ (郭晓钊) بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتې خەلقئارا سىياسىي فاكولتېتىنىڭ 2006-يىللىق ئوقۇغۇچىسى.  ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى تورى ماقالىسى، ئابابەكرى موختار مىسرانىم بىلەن نەپرەت بىرلىكتە تەرجىمە قىلدى.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
[1] سېگېي پ.پولىكوۋ:«كۈندە ئىسلام:ئوتتۇرا ئاسىيا كەنتلىرىدىكى دىن ۋە ئەنئەنە» (Seigei P. Poliakov ,“Everyday Islam: Religion andTradition in Rural Central Asia”, 1992 , M. E. Sharpe ,New York.)
[2] شۈ تاۋ، خې شىچۈەن: دۇنيا دىن مەسىلىسىدىكى قىزىق نۇقتىلار [M]. بېيجىڭ ۋەزىيەت نەشرىياتى، 2002 يىلى، 355-357
[3] پەن جىپىڭ: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى: تارىخى، ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى [M]. ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىلى: 106-107
[4] روسىيە ياۋروئاسىيا تورى 2003-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى. (www. eurasianet . org)
[5] چېن لىيەنبى: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىن بىلەن مىللەت مەسىلىسى [M]. بېيجىڭ: جۇڭگو جەمئىيەت نەشرىياتى، 1999-يىلى: 259
[6] ئىگور لىپوۋسكىي: «ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلام ئويغىنىشى» (Igor Lipovsky ,“The Awakening of Central AsianIslam”, Middle Eastern Study , Vol. 32 , No. 3 (J ul. 1996) ,PP1 - 21)
[7] ۋاڭ جىنگو: كۆپ خىل مەدەنىيەت كۈچلىرى رولىدىكى ھازىرقى زامان ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتى [M]. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2006-يىلى: 145
[8] روسىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» 1998-يىلى 11-سان
[9] جى يىجيۇ: ئىسلام دىنى بىلەن دۇنيا سىياسىيسى [M]. بېيجىڭ: ئىجتىمائىي پەن ۋە تارىخىي ماتېرىيال نەشرىياتى، 1996-يىلى: 112
[10] پەن جىپىڭ: ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلام گۈللىنىشى ۋە ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى [J]، غەربىي شىمال تارىخى، 1998، (2)

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
guzaltarim + 10 ئاخىرسى باردەكلا ...؟؟.
hanefa + 10 ؟
0999nazuk + 100 ئىنكاسسىز تىمىكەندە...
kapitan2 + 10 ياخشى ماقالىكەن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 130   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش