|
|
|
|
دۈشەنبە(14-ئۆكتەبىر) ئاسىيا بازىرى،دوللار قىممىتى 80.30 ئەتراپىدا ،ئالدىنقى جۈمە كۈنى بازار ئازراق چۈشۈپ يېپىلغان ئىدى.ئالتۇن باھاسىى ھەر ئونسىيەسى 1273 دوللار ئەتراپىغا سەكرەپ چىقتى،ئالدىنقى جۈمە كۈنى چوڭ چۈشۈش بۇلدى(بىر مىنوت ئىچىدە 20 دوللار چۈشۈپ 1266 دوللار ئەتراپىغا كەلدى)، ئالتۇن باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كىتىشىگە نۇرغۇن مەبلەقچىلىرىمىز قولنى قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلالمىدى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا بازاردا بىرسى 5000 ئونسىيە قەرەللىك مال ئالتۇننى سېتىۋېتىشى چوڭ چۈشۈشكە سەۋەپ بولغان. ھەپتە ئاخىرسىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا ،ئامرىكىدىكى ئىككى پارتىيە قەرزنى تەڭشەش مەسلىسىدە بىرلىككە كىلەلمىگەن، بۇنىڭ بىلەن دۈشەنبە كۈنى خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى يەنە ئازراق يۇقىرى كۈتىرىلىشى مومكىن .
14-ئۆكتەبىردىكى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار
دۈشەنبە(14-ئۆكتەبىر) ئامرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توختىتىلىپ قۇيىلىشى بۈگۈن 13-كۈنىگە قەدەم قويدى،يەنە كىلىپ قەرزنى تەڭشەش مەسلىسىنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتىمۇ (17-ئۆكتەبىر) بارغانسىرى يېقىنلاپ كىلىۋاتىدۇ .بۈگۈن ئامرىكا كۇلۇنبۇ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بانكا ساھەسى دەم ئالىدۇ .بۇنىڭدىن باشقا كانادا مىننەتتارلىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ،ياپۇنىيە تەنتەربىيە بايرىمى بىلەن ،شىياڭگاڭ چوڭياڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بازار دەم ئالىدۇ .بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار بىر قەدەر ئاز ،ئۇچۇرلاردىن جوڭگونىڭ CPI ۋە PPI سانلىق ئۇچۇرى ۋە ياۋرۇ رايۇنىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سانلىق ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىڭ .
(سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ،بۇگۈنكىدەك چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى253 يۈەن
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
|
|
|
|
|
|