ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،ئەزىز مۇنبەرداشلىرىم. مەرھەمەتلىك ئايەم يىتىپ كىلىش ئالدىدا بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ئايىمىنىڭ خۇشال،خاتىرجەم ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دىيارىمىزدىكى بارلىقموسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا شەپقەتلىك ئاللاھتىن تەۋرەنمەس ئىمان،ھىدايەت تىلەيمەن. بۈگۈن ئولتۇرۇپ دىلىم سۇنغان ھالدا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكى قېيىنچىلىق ھالەتلىرى ئىچىمگە كىرىۋالدى.ھەممىمىز، خۇشال ئايەم تەييارلىقىغا چۆمىۋاتقان مۇشۇ دەقىقلەردە،ئەتىسىنىڭ غېمى بىلەن ئېغىر ئازابلارنى يۈدۈپ،پەرىشان يۈرگەن،تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقىدىن كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈۋاتقان،شارائىتى ئىنتايىن ناچار سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ بىلىم ئېلىۋاتقان، قىشنىڭ كۆمۈرىنىڭ غېمىنىقىلىپ ياشلىرىنى ئېقىتىۋاتقان،باققۇچىلىرى يوق چوڭلار بولسا ئايەمدە بىرە تۇغقان ياكى يېقىنلىرىنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ ئازراق بولسىمۇ مۇڭدۇشۇپ ئايەملىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاۋاتقان،ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نارەسىدىلىرى بولسا يېتىملىك ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقان... تۇل ئانىلىرىمىز مىسكىنلىك ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقان، تۈرمىلەردە ئېغىر ئازاب تارتىۋاتقان،ۋەتەنسىز،ماكانسىز ئاھلىرىنى ئۇرۇۋاتقان، ئاغرىق ئازابلىرىدا دوختۇرخانا كارىۋاتلىرىدا تولغىنىۋاتقان،ناتىۋانلىق ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقان، نۇرغۇن بىز ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك قېرىنداشلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن...!
مېھرىبان ئاللاھىم ئەنە شۇلارنىڭ غەملىرىنى كۆتۈرۋەتكەيلا...! ئازابلىرىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بەرگەيلا...! كېرەك بولسا ھەم مېنىڭ خۇشاللىقىمنى ئۇلار ئۈچۈن ھەرقانداق ئازابلارغا تېگىشىشكە رازىمەن ئاللاھىم... -بەلكىم،ھەممىمىز ئالدىراش ھېيتلىق كىيىم ئۈچۈن، ھېيىتلىق داستىخان ئۈچۈن ئالى تەييارلىقلارغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئەزىزلىرىم،شۇ كىيىملەرمۇ يىرتىلىپ كېتىدىكەن،قولىمىزدىكى ئاللاھ بەرگەندىن ئازراقىنى شۇ مىسكىنلەر ئۈچۈن ئاجرىتىپ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئىشلىتىش بىزگە ئىككى ئالەملىك ساۋاب ئېلىپ كېلىدۇ. دىلىمىزنى،تەپەككۈرىمىزنى ئويغۇتۇپ،ئەتراپتىكى ئىھتىياجلىق كىشىلەرنى ئىزدەپئاللاھ يولىدا ياخشىلىقلارنىڭ ساھىبلىرى بولۇشقا ئالدىرايلى...
رەسىم مەنبەسى: تور دۇنياسى
2013-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى قاراماي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-13 03:45 PM
|