|
|
|
|
پەرۋاسىزلىق
خەيرىگۈل ئۆمەر ئەلقىزى ئۇ يولدا كېتىپ باراتتى، كىچىككىنە بىر تاشقا پۇتلىشىپ يىقىلغىلى تاسلا قالدى. ئاران دېگەندە ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن، كەينىدىن كەلگەن كىچىك قىز يەنە شۇ تاشقا پۇتلىشىپ ئوڭدىسىغا چۈشتى، ئاپىسى ئۇنى يۆلەپ، كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۇپ، ئېلىپ ماڭدى. كەينىدىن ياشانغان بىر كىشى كەلدى، تاش ئۇنىمۇ بوش قويۇۋەتمىدى، ئۇ يىقىلغىنىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى، بۇنى كۆرگەن كىشىلەر بوۋاينى يۆلەپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىشتى. ئەپسۇس، تاش يەنىلا جايىدا قالدى.........
ئۇ ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئارقىدىكى بىر ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردى، چۈشۈش سىگنالى بېرىش بىلەن ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋىدى ئورۇندۇقنىڭ مىخى ئۇنىڭ چاپىنىنى ئىلىۋالدى، ئۇ چاپىنىنى تارتىپ ئالدىراپ ماشىنىدىن چۈشتى. ئۇ چۈشۈپ كېتىشى بىلەن ياشقىنە بىر ئايال ئۇ ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردى. مىخ ئۇنىڭمۇ مايكىسىنى ئىلىۋالدى، ئۇ مايكىسىنى مىختىن ئاجرىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئورۇن كۈتۈپ تۇرغان ياندىكى بىر جۈپ قىز-يىگىت ھېلىقى ئورۇنغا قاراپ ماڭدى، قىز ‹‹ۋايجان›› دېگىنىچە ئورۇندىن تۇردى، مىخ ئۇنىڭ يالىڭاچ دۈمبىسىنى سۈرۈپ قان قىلىۋەتكەنىدى، بۇنى كۆرگەن يىگىت ئالدىراپ قىزنى يۆلەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى. مىخ تېخىمۇ ئۇزىراپ چىقىپ قالغانىدى... ئۇ يۈزىنى يۇيۇش ئۈچۈن جۈمەكنى ئاچتى، يۈزىنى يۇيۇپ بولۇپلا ئالدىراپ چىقىپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىز كىردى، ئۇ ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزەشتۈردى-دە، چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كېتىشى بىلەن يەنە بىر قىز كىردى، ئۇ قولىنى يۇيۇپ بولۇپ ئۆرۈلىشى بىلەن بېشىغا قىسىۋالغان چاچ قىسقۇچى سۇ كۆلچىكىگگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ سەزمەستىن چىقىپ كەتتى. چاچ قىسقۇچ ئېقىپ سۇ چۈشۈش تۆشۈكىگە قاپسىلىپ قالدى، جۈمەك تېخىچە ئېتىلمىگەن ئىدى...
مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ29-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-12 12:48 PM
|
|
|
|
|
|