ئادەتتىكى ئەزا
يىغلىماقتا يىرىم يەر شارى. نەغمە-ناۋا مەشرەپكە چىللىماڭ مىنى، بۇ يۈرۈكۈم ھازىداردۇر كۆڭلۈم يىرىم. دىل يارىسى ساقايمىسا قانداق كۈلەي، قان يىغلىسا ئوتتۇر شەرىق ئىرۇسالىم. يىغلاۋاتسا يەر شارىنىڭ يىرىم قىسمى، ھارام بولسۇن ماڭا نەغمە ئوينىغىنىم. بىرلىكىدىن مەھرۇم بولسا مۇسلىم روھى، كار قىلماسكەن يۈرەك يىرىپ ئىچىنغىنىم. كۈندە كۆرسىتەر جاھاننامە ئەينىكى، سۈرىيەنىڭ جان تالاشقان شۇ ھالىنى. مىڭلاپ سەبى قۇربانىغا ئايلانماقتا، لەختە قىلىپ ھەممە كىشىلەر باغرىنى. مۇساپىرلىق، ماكانسىزلىق ئېغىر كۈنلەر، ئەگەشمەكتە سايە بولۇپ ھەربىر جانغا. ئۆي ماكانسىز ،ۋەتەنسىزلىك قارا تۈنلەر، قان ھىدىنى پۇراتماقتا ئىنسانغا . بىر تال نانغا زار بولماقتا مىڭلاپ ئادەم، كۆپەتمەكتە ئاچارچىلىق قەبىرلەرنى. يوللاپ تۇرار مۇخپىرلار دۇنيا ئەھلىگە، ئاچلىق دەستى كۆز يۇمغان شۇ سەبىيلەرنى. دۇنيانىڭكى ئۇ چىتىدە بولسىمۇ گەر، ئاغرىيدىغۇ بۇ يۈرۈكۈم قىيناپ مىنى. قانداق كۈلەي چىلىپ نەغمە سىلىپ چوقان، يىغلاۋاتسا يەر شارىنىڭ يىرىم قىسمى. ئۆچمەس ئوت.
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 549 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ