barisxan يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 05:39 PM 
اﷲ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەت ئە ...
ياخشى چۈشەنچە بىرىپسىز رەھمەت.
ھە راسىت ئىككى ئاينىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى چوڭقۇر پىكىر قىلماستىنلا ئوقۇپ چقىپ ئوقۇشماستىن خاتا چۈشەنچە ھاسىل قىلۋاپ سىزنى تىللاپ چۈشۈپتىكەنمەن . شۇ ۋاقىتتىمۇ ئەپۇ سورغان بولدۇم بىراق مانا ھازىرغىچە كۆڭلۈم شۇنچىلىك پەرىشان ھەم خىجىللىك ئىلكىدە تۇرۋاتىدۇ گەرچە سىز مىنى كۆرمىگەن بولسىڭىزمۇ . ھىلھەممۇ سىزدىن ئەپۇ سورايمەن . بولمىسىغۇ ئۆزۈم خىلى قىلىن بالا جىدەل دىسە باشقىلاردەك نازلىنىپ تارتىشىپ يۈرمەيمەن ،بىراق سەۋەنلىك مەندىن ئۆتسە ئۆزۈمدىن كىچىك ھەتتا ئۆسمۈر بالا بولسىمۇ ئىرەنشىمەيلا ئەپۇ سورايدىغان مىجەزىم بار . بولسا ئەپۇ قىلۋىتىڭ . ئەپۇ قىلمىسىڭىزمۇ سەت تۇرار ھەقەچان
شۇندىن بۇيان تېملىىرىڭىزنى ياكى ئىنكاسىڭىزنى كۆرمىدۇق . بولسا يوقاپ كەتمەي قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرلىرىنى يوللاپ تۇرسىڭىز . شۇ ئىنكاسىڭىز كۆزنەكنى ئەسلىتىپ قويدى .ئۇمۇ سىزدەكلا تەپسىر قىلاتتى ھازىر يوقاپ چوپلانلار مۇنبىرىگە ئەجىر سىڭدۇرۋىتىپتۇ مەن شۇ مۇنبەرگە سىرىتتىن كىرىپ كۆرۋاتىمەن . بولسا سىزمۇ قىچىپ كەتمەي سۆزلەپ تۇراسىز .