مىسرانىمغا تەكلىپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم ئەپەندى. كەمىنە ئۇيغۇر ئوغلىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام...
بۈگۈن مەن ھەممىڭلارنىڭ ئالدىغا بىر تەكلىپ ئېلىپ كەلدى. بەلكىم ئورۇنسىز بۇلىشىمۇ مۇمكىن. مەن دەپ باقاي سىلەر ئويلىنىپ باقاسىلەر!
تارىخ بىرنىڭ ئارقىسىن يەنە بىرسىنى قوغلاپ،21-ئەسىرگە كەلدى. 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ھەر بىر ئۇيغۇر قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلارنى قالدۇردى. تالاي مەشھۇرلار مەيدانغا كىلىپ ئۇيغۇر جەمىيىتىنى،ئەدەبىياتىنى يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.
مانا بۇ يىل ئالىم،تىلشۇناس ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىقى، ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقى.
مەن ئالدىنقى ھەپتە يەنە 9-ئاينىڭ 27-كۈنى سىنىپىمدا ئاددى بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-111784-1-1.html
ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرلىدۇق. پائالىيەت گەرچە ئاددى بولسىمۇ يەنىلا شۇنچە ئەھمىيەتلىك بولدى..........
مېنىڭ يەنە بىر ئۈمۈدۈم ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش. بۇنى ئاددى سىنىپتا ئۆتكۈزگەندىن چوڭراق تىپتا جەمىيەتتە ئۆتكۈزۈش..
شۇڭا مىسرانىم مۇنبىرىگە بۇ تېماممنى يازدىم. مىسرانىم ئەپەندى ۋە بارلىىق مۇنبەرداشلار بىر قۈر كۈرۈپ تەكلىپىڭلارنى بەرسەڭلار، ئەگەر شارائىت يار بەرسە مىسرانىم ئەپەندى باش بۇلۇپ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بەرسە دېگەن ئۈمۈتتىمەن.......
ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
2013-10-1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-1 05:42 PM