ئا. پائالىيىتىمىزكۈن تەرتىپىنىڭ 6-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش ئەلفىرە ئەنۋەرنى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلايلى!
پائالىيەت كۈن تەرتىپىنىڭ 6-ماددىسىغا ئاساسەن بىز ساۋاقداش ئەلغىرە ئەنۋەرنى ئەلىمنىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا ماقالە ئۇقۇشقا تەكلىپ قىلدۇق.
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىننىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى 20 پارچىگە يېقىن كىتاب،200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە،500 پارچىدىن ئارتۇق لىرىك نەسىر،200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،بىر كىنو سىنارىيىسى ئىشلىدى.باشقا تىللاردىن بىرقانچە كىتاب ۋە كۆپلىگە شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى.20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى تۈرلۈك ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزدى.35 پارچە ئىلمىي ماقالىسى ۋە ئۈچ پارچە كىتابى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.ئىككى پارچە كىتابى ۋە ئىلمىي ماقالىسى مۇكاپاتلاندى.نۇرغۇن ئەسەرلىرى ياپونىيە،قىرغىزىستان،مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى.
ئالىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1948-يىلى « قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قېلىنغان «كېسىلگەن قۇلاق» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بۇلۇپ،« شەيدائى». «قۇزۇن » «گۈلزار ئاشىقى»،«بۇلبۇل ئازادى» دېگەن تەخەللۇسلاردا نۇرغۇن شېئىرلارنى ئېلان قىلدى.ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە شېئىرىيەتنى ئاساس قىلغاچقا 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازدى. لېكىن نەشىر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمىدى. ئۇ ھېكايە ئىجادىيىتىدە ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ« كېسىلگەن قۇلاق»،« زۇلۇم ئوچىقى»،«ئاق خالات»،
«كېچىككىنە ئاسىگۈل»،«نىلوپەر»،«تاش پەرى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدى.ئارسالدى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلنىپ ئون نەچچە ئوبزور يازدى. «روبائىيات»( ئىككى قىسىم)،« قارلىق تاغ شەجەرىسى»(تارىخى قىسسە)، «چوغلۇق» ( شېئىرلار توپلىمى)،«كوماراجىۋا»(كىنو سىنارىيىسى) «تاش پەرى» (ھېكايە)،«سەۋدالىق تەئەججۇبنامىسى» (نەسىرلار توپلىمى) «سۇكۇنات»،
« تۇپراقنىڭ مونولوگى»،«تەبەسسۇم» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى.
ئۇ يەنە «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىس)،«غەزەلىيات» (غەزەللەر توپلىمى)، «باھارىيات» (شېئىرلار توپلىمى)،«ئاق تۇز» (شېئىرلار توپلىمى)،«ئىزگۈ مەلىكىسى» (ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە)،«شېرىن ۋە سېرىن» (شېئىرلار توپلىمى) «مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم» ( تەرجىمال)، «ئوردىدا باھار»،«پىلە مەلىكىسى»،«مەلىكە گۈليۈز»، «تەڭرىتاغ ناخشىسى»،«دات باسقان قىلىچ»،«مۇھەببەت يىغلايدۇ» قاتارلىق تارىخى تىپتىكى دىرامما،شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ،ئېلان قىلىشقا مۇۋەپپىق بولالمىدى، «فارابى» ناملىق ئەسىرىنى يېزىشقا ۋاقىت يار بەرمىدى.
يۇقىرىدا كۈرۈپ ئۆتكۈنىمىزدەك ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئېلمىي تەتقىقات ئىجادىيىتى كۆپ قىرلىق كۆپ دائىرىگە چېتىلدىغان بولۇپ،ئۇمۇمەن بىرقانچە تۈرلەرگە بۈلىنىدۇ.
1،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى
2.ئۇيغۇر مەدەنيەت تارىخى تەتقىقاتى
3.ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى تەتقىقاتى
4.ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى
5.غەربىي يۇرت تاشكېمىر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى
6. ئىستىكا(گۈزەللىك) ئىلمى تەتقىقاتى
7.ئۇيغۇرلار روھىيەت قۇرۇلمىسىغا دائىر تەتقىقاتى
8.يىپەك يولى تەتقىقاتى
9.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخى تەتقىقاتى
10.قەدىمىي مەركىزى( تۇران تارىخى) ئاسىيا تەتقىقاتى
ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنىڭ كاتولوگى
نەشر قىلىنغان كىتابلىرى:
1.«شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1980- يىلى نەشر قىلغان.
2.«ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى “ئون ئىككى مۇقام”ھەققىدە»مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980- يىلى نەشر قىلغان.
3.«رۇبائىيات»(1) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشر قىلغان.
4.«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىللەر» ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشر قىلىنغان ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە ماقالىسى كىرگۈززۈلگەن).
5.«چوغلۇق»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلغان.
6.«ئومومىي ئىستېتكا»، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى 1985- يىلى نەشر قىلىنغان.
7.«فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلىنغان.
8.«قارلىق تاغ شەجەرىسى» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1988- يىلى نەشر قىلغان.
9.«رۇبائىيات» (2)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1989- يىلى نەشر قىلغان.
10.«قاتلاملىق ئېستېتكا»، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىستىتى نەشرىياتى 1994- يىلى نەشر قىلغان.
11.«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.
12.«ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.
13.«غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى نەشر قىلغان.
14.«”قۇتادغۇبىلىك”خەزىنىسى» ، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتى نەشرىياتى 1999- يىلى نەشر قىلغان.
15.«سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىلى نەشر قىلغان.
16.«ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن ھىكمەتلىرى» (1) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىلى نەشر قىلغان.
17.«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001- يىلى نەشر قىلغان.
18.«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدىنىيتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلغان.
19.«قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»(“تۇران تارىخى”) ، شىنجاڭ نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلىنغان.
20.«ئائىلە» ، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتى نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلغان.
ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن كىتابلار
1. «جاھاننامە»(2) (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “گۈللۈك دوپپا توغرىسىدا ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988 – يىلى نەشر قىلىنغان .
2. « مەھمۇد قەشقەرى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985 – يىلى نەشر قىلىنغان .
3. « غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر » (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە غەزەل ، بىر پارچە مۇخەممەسى كىرگۈزۈلگەن ) مىللەتلەر نەشرىياتى 1983 – يىلى نەشر قىلىنغان .
4. «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” يۈكسەك قەلىبنىڭ شېئىرى ھەيكىلى ” ناملىق ئوبزورى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989 – يىلى نەشر قىلىنغان .
5. « يېڭى رۇبائىيلار » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ئالتە پارچە رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن ) مىللەتلەر نەشرىياتى 1988 – يىلى نەشر قىلغان .
6. « “قۇتادغۇ بىلىك ” ھەققىدە بايان » (1) ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ « “قۇتادغۇ بىلىك” ئىلمىي قىممىتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 – يىلى نەشر قىلىنغان .
7. « “قۇتادغۇ بىلىك ” ھەققىدە بايان » (2) (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ « ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار نامايەندە > ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 – يىلى نەشر قىلىنغان .
8. « ئاھ ، يۇلتۇزلار » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 – يىلى نەشر قىلغان .
9. « ياپراقتىكى نەقىشلەر» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ تۆت پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن)قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىر قىلغان.
10.« توي چاچقۇسى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ 17پارچە رۇبائىي ۋە غەزىلى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىر قىلغان.
11.«100شېئىر» ( بۇكىتابقا ئالىمنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن )،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان.
12. «مۇھەببەت لىرىكىلىرى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئرى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان.
13.«قايغۇلۇق ئەسلىمىلەر» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ”ئىزگۈ پەزىلەتنىڭ ئۇيغۇر شېئرىيىتىدىكى ئىپتىخارى”ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى نەشر قىلغان.
14. «قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قەدىمكى گەۋدىسى – قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994 – يىلى نەشر قىلىنغان .
15. « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە – ئېقىملىرى توغرىسىدا” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 – يىلى نەشر قىلىنغان .
16. « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى » (2) (ئالىم بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسىم 2 – پاراگراف ۋە 2- ، 4- ، 5- ،10 – بابلىرىنى يازغان ) ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1993 – يىلى نەشر قىلغان .
17. « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەتقىقاتى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە – ئېقىملىرى توغرىسىدا” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1995 – يىلى نەشر قىلغان .
18.«ئىبىن سىنا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى » ( ئالىم بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى يېزىپ بەرگەن ) ،
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى نەشر قىلىنغان .
19. «سىلىشتۇرما ئەدەبىيات ئاساسلىرى » ( ئالىم بۇ كىتابقا بېغشلىما ماقالىسى يېزىپ بەرگەن ) ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان .
20. « ئاھ ، نۇرلۇق ئابىدىلەر » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997- يىلى نەشىر قىلغان .
21. « ئابدۇكېرىم خوجا ئىجادىيىتى توغرىسىدا » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئىرى ۋە ” ئۇ شېئىرلىرى بىلەن
خەلق قەلبىدە ياشايدۇ ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈلەر نەشرىياتى 1999- يىلى نەشىر قىلىنغان .
22. « ئەدەبىيات » ( بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2- يىللىقنىڭ دەرسلىك كىتابى بولۇپ ، ئۇنىڭغا ئالىمنىڭ ” كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1999- يىلى نەشر قىلىنغان .
23. « جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە تارىخى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ” ناملىق ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، ئەنخۈي خەلق نەشرىياتى 1992- يىلى نەشر قىلىنغان .
24. « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپە – ئىدىيە تارىخى » ( ئالىم بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر ، ئۆزبىك ، قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ پەلسەپە – ئىدىيە تارىخىغا ئائىت قىسمىنى يازغان ) .
25. « يىپەك يولى مۇزىكا سەنئىتى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “ئون ئىككى مۇقام ۋە تۇردى ئاخۇن ” ناملىق ماقالىسى
كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىلى نەشر قىلىنغان . (خەنزۇچە) .
26. «شاھنامە» (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مىسلىسىز ئەزىمەت ، ئەبۇلقاسىم فىردەۋىسى ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى نەشر قىلغان .
27. « كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2540 يىللىقنى خاتىرلەش مۇھاكىمە ماقالىلار توپلىمى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “كۇڭفۇزى ۋە قوچۇ
مەدەنىيىتى ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شاڭخەي سەنلەن كىتاب نەشرىياتى 1992- يىلى نەشر قىلىنغان .
28. «بۈيۈك شائىر ئەلشىر ناۋائي » ( بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ “ئەلشىر ناۋائىينىڭ پەلسەپە قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش” ۋە “ئەلشىر ناۋائىينىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدا تۇتقان ئورنى ” قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1996 – يىلى نەشىر قىلىنغان .
29.«”تارىم ” ۋە مەن » ( بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ “تەبرىك ۋە ئۈمىد” ناملىق بىر پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996 – يىلى نەشىر قىلغان .
30. « تاللانغان رۇبائىيلار » (بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ 10 پارچە رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1999 – يىلى نەشىر قىلغان .
31. « بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى » (بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ “شېئىرىيەت ئېستىتىكىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە ” نامىلىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001- يىلى نەشىر قىلىنغان .
ئالىمنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى
1. «چوغلۇق قىز» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1981- يىلى نەشر قىلغان .
2. «توققۇز نەزىم» مىلەتلەر نەشىرياتى 1987- يىلى نەشىرى .
3. «ئېستېتىكىدىن لېكسىيىلەر»1987- يىلى شىنجاڭ رادىئو-تېلۋىزىيە ئۇنۋېرسىتىتى باسمىسى .
4. «شىكىسپىر سونتلىرىدىن تاللانما».
5. «فارابى شېئىرلىرىدىن نەمۇنە» “تارىم” 1984- يىلى 5 – سان .
6. «شاھنامە»(باشقىلار بىلەن) : شىنجاڭ خەلىق نەشىر ياتى 1998 – يىلى نەشىرى.
نەشىر قىلىنمىغان كىتابلىرى
1. «ھەمراھى غەزەللەر»
2. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىسقىچە تارىخى » (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
3. «ئانالىتىك پوئىتىكا» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ، تاماملانمغان ).
4. «يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
5. «غەزەليات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
6. «باھارىيات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
7. «شېرىن ۋە سېرىن» ( شېئرلار توپلىمى،ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
8. «ئاق توز» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
9. «شەبنەم ۋە ئۇچقۇن» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
10. «ئىزگۈلۈك مەلىكىسى» ( ئايالى رەنا مەخسۇتقا بىغىشلاپ يازغان ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ) .
11. «مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم» ( ئۆزى ھەققىدىكى ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان)
ئىلان قىلىنمىغان باشقا ئەسەرلىرى
1. «ھاياتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» (ماقالە).
2. «سكتايلارنىڭ مىتال تاۋلاش ھۈنەر سەنئىتى» (ماقالە).
3. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنۋى ھايات قاراشلىرىغا باھا» (ماقالە).
4. «تۈرك مەدەنىيىتى ھىندىستاندا» (ماقالە ).
5. «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىسى ).
6. «مۇھەببەت يىغلايدۇ» (پوۋېست ، تاماملانمىغان ).
7. «فارابى» (رومان ، تاماملانمىغان ).
ساۋاقداش ئەلغىرە ئەنۋەرنىڭ بۇ نۇتىقى ئارقىلىق بىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئەسەرلەرنى يازغانلىقىنى،كۆپ قىرلىق يازغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلۋالدۇق.
ب. پائالىيىتىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ 7-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش بۈۋەجەر دىلشاتنى ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن نەسىرلىرىنى تەكلىپ قىلايلى!
پائالىيەت كۈن تەرتىپىنىڭ 7-ماددىسىغا ئاساسەن بىز ساۋاقداش بۈۋەجەرنى ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ سەۋادالىق تەئەججۇبنامىسى دىن پارچىلارنى ئۇقۇشقا تەكلىپ قىلدۇق.
سەۋدالىق تەئەججۇبنامىسى
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
1.
ئۈمىد تاڭ شەپەقنىڭ رەڭدار كۆڭلىكىنى كىيىپ قاقاپلاپ كۈلگەندە،ئۈمىدسىزلىك گۈگۈم ئوتقېشىنى قارايتىپ لام-جىم دىيەلمىدى.ئۈمىدنىڭ تەنتەكلىكى بىلەن ئۈمۈدسىزلىكنىڭ تەمكىن سىپايىلىكى ئارىسىدا تېڭىرقاپ شېۋىرلايمەن.
2.
ئۈمىد خۇشاللىقى بىلەن ئۈمىدسىزلىك ھودۇقۇشى تۆت كوچا ئاغزىدا دوقرىشىپ قالدى.ئۇلارنىڭ خالىغىنى شاراب ئىدى.
چۈنكى ئۇ،ئىختىيار يىپىزىغا سومرۇغ قانىتىنى قوشىدىغان خىيالىي سايە.ھاقارەت لەنگەن روھ شاراب ئىچىدە غالىب
3.
ھەسەل- چېچەك شىرنىلىكنىنڭ جەۋھىرى، شېئىر- گۈزەللىك تۇيغۇسنىڭ كىرىستالى.
4.
نىقابىڭ ئۆتكۈر زولپۇقارىڭنىڭ تەمكىن غىلاپىغا ئوخشاش كۈزۈمنى قاماشتۇتۇپ،
ئەقلىمنى تەڭپۇڭدىن خالاس قىلىدىغان نۇرانە جامالىڭنىڭ رەھىمدار يېپىنچىسى.
يۈزۈڭدىكى نىقابىڭنى ئېلىۋەت،بۇ ماڭا مۇقەددەس ئېلتىپات.
ئۆتكۈر زۇلپىقارىڭنى سانجى، بۇ ماڭا يىڭى ھايات!
5.
ھەسەلچى ھەرە ئۆز پادىشاھىنى خوش پۇراق بال جەۋھىرى بىلەن باقىدۇ.
ھەسەلچى ھەرە پادىشاھى ئىشچى ھەرىسىنىڭ بېشىنى ئۈزۈش ئالدىدا تەنتەنە بىلەن: ۋاپاغا جاپا قىلغان،دەپ ۋارقىرايدۇ.
دەل ھەقىقەت،-دەيدۇ باشقا ئىشچى ھەرىلىرى ــ چۈنكى ھەرە پادىشاھنىڭ ئىكككى بېقىنىدا تەرسانىڭ غەزىپىگە قۇدرەت بىرىپ تۇرىدىغان شەمشەر قانىتى ئارتۇق،
6.
ئېھ،پايانى يوق ئاسمان!
سېنىڭ بوينۇڭدا سان-ساناقسىز يۇلتۇز تىزمىلىرى خۇددى جانان بۇيىدىكى قىزىل مارجانلاردەك يالتىراپ تاۋلىنىدۇ.
ئاھ،چېكى كۈرۈنمەيدىغنا ئوكيان!
سېنىڭ قوينۇڭ ھەددى ھېسابسىز مارجان بىلەن تولغان.ئۇ يۇلتۇزلاردەك،سۇ تېگىدە سىرلىق يۇشۇرۇنغان.
مەن ئاسمان بوينىدىكى يولتۇزلار بىلەن دېڭىز-ئوكيانلار قوينىدىكى مارجانلار ئارىسىدا مۇھتاجلىق غېمىنى يەيمەن
7.
مەن سېنىڭ گۈزەللىكىڭنىڭ مۇنازىرىسىز شاھىتى.
مەن سېنىڭ مۇھەببىتىڭنىڭ ھەسرەتسىز قۇربانى.
8.
قولۇڭدىكى ئالتۇن نەي ئەمەس،ئاددىغىنا قۇمۇش نەي!
9.
قورقۇنچاقلار!
ئۇلار قورقىدۇ،ئۇلار پۈتكۈل جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئانىللىرى! ئۇلار قورۇقمىغان بولسا،قۇقۇنچاقلىق كېسىلى ئەسىرلەر يالدامىسى بولمىغان بولاتتى.
10.
ھەقىقىي دوسىت – نىجادىيەتنىڭ ئەلچىسى. ئۇنىڭ دوسلۇقى سېنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىڭ ۋە دوستانە ئەمگەكلىرىڭنىڭ ئۇنىڭ قەلىب بېغىدا كۆكلىگەن شەمشادى. دوسىتلۇق ئۇرۇقىنى ئۆستۈرۈش بىلەن دوستلۇق قەلبىنى داۋالاش ئۈچۈن كەتكەن ئەجىر باغۋەن بىلەن تېۋىپنىڭ ئۆز مەشغۇلاتىغا سىڭدۈرگەن ئەجرىدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق. ھەقىقىي دوستى يوق كىشىنىڭ قەلبى ـ تۆڭلۈكى يوق ئۆي،دەرىخى يوق قورغان!
ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن نەسىر ئىجادىيىتىدە ئالاھىدە ئۇتۇق قازانغان يازغۇچىلارنىڭ بىرسى. بىز ئۇنىڭ نەسىرلىرىنى ئۇقۇپ ئالىمنىڭ نەسىر ئىجادىيىتىگە قول قويدۇق.
ئا. پائالىيىتىمىز كۈن تەرتىپىنىڭ 8-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش لۇتپۇللا ھەسەننى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شېىرى «قەشقىرىم» ناملىق شېئىرنى ئوقۇشقا تەكلىپ قىلايلى!
پائالىيەت كۈن تەرتىپىنىڭ 8-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش لۇتپۇللا ئالىم ئابدۈشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن نىڭ قەشقىرىم ناملىق شېئىرىنى ئۇقۇپ بەردى.
قەشقىرىمئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنشەرق بىلەن مەغرىپ ئارا نامىڭ نۇر ئەفشانقەشقىرىم،تارىخىڭ، زاتىڭ سىماسى دىلدا ئايان، قەشقىرىم.
ئوق بىلەن يائىلكىدە ئارتۇچدا ئەۋلادىم ئىزى،سەندە پامىردا تېپىلغان كونا گۈلخانقەشقىرىم.
دەسلىبا تاش كەتمەننى بىرلەن بىنا ئەيلەپئېكىن،تۇنجى بوز – چەكمەن بىلەن ئۈستىنى ياپقان، قەشقىرىم.
ئول ئوغۇزخاندۇلدۇلى باغرىڭدا كىشنەر تىك تۇرۇپ،قوۋمى ئۇيغۇر بايرىمى سەندىن قۇتاتقان،قەشقىرىم.
كۈلدى لوپنۇردا مەلەك مىلادىدىن مىلادبۇرۇن،جامى جەمشىت ئەكسىدە ھۆسنۈڭ نامايان، قەشقىرىم.
بىر تۈمەن كىيىكتېرىگە «ئاۋستا» نى پۈتكەن چىغى،ئۈچە، ياقۇت، قاشى بىرلەن نەقشى تاپقان،قەشقىرىم.
ئالدى ھەم ئارقىغا تەڭ ئوق ئۈزدى لاچىنلەشكىرىڭ،قەي ئېلىنىڭ خۇسراۋى يانىڭدا ۋەيران، قەشقىرىم.
باشىڭدا بۈركۈتدوبۇلغۇ، كۆكسى زەر ساۋۇت ئېگىن،قەھرىمان ئەپراسىياپقا بارىگاھان،قەشقىرىم.
يۇمسا كۆز ئېفرات، ئەجەم، باش ئەگسە ھىندۇ قوشمۇھەم،سەندە ئىسكەندەر چېكىندى، شانى ئاسمان قەشقىرىم.
رىم بىلەن تاكى يىراقچىنگىچە كارۋان مەنزىلى،ئىستىقامەت ئەھلىگە ئالىپتا داسخان، قەشقىرىم.
مەستىكى رۇم، چىن تاۋارى، ھىندۇ ئەنبەرىنيېيىپ،كۇللى ئالەم قىزلىرىنىڭ زەۋقىن ئالغان قەشقىرىم.
تەڭرىتاغدا بارىگاھقۇرغان سىياق تەڭرى – ئىلاھ،چوڭ قۇرۇمدا قاش يەنە ئالتايدا زەركان،قەشقىرىم.
ساك ۋە يۇرچى كونا زەرگەر، شاھىدى مىڭ – مىڭلەھەت،كۈن، يورۇقلۇق، پاكلىقتىن دىلدا ئىمان، قەشقىرىم.
تارمۇ باغراش ۋەئورخۇنلاردا كۆپلەپ قالدى باغ،باغۇ – بوستانلار ئارا شاھانە ئەدنانقەشقىرىم.
پىرى شامان داپ ئۇرۇپ ئەلگە سەھەتلىكئىزلىگەن،ئاتەشى زەر دوشىت چىغى نۇردىن زەرەپشان قەشقىرىم.
مىڭ ئەدەپكەپتەرلىرىن ئاسمانغا قويدى بۇددىھا،نەقشى سەنئەت بابىدا «مىڭ ئۆي» ياراتقانقەشقىرىم.
ئىشقى دەرياسىدا ئۈزگەن مۇندا تاھىر – زۆھرەھەم،قىسسەسى مىڭ يىل بۇرۇن تىللاردا داستان قەشقىرىم.
ئول گۈزەل ئەرمەنقىزىنى بەند ئىتىپ ئۆز قەلبىگە.
پەرھادىڭدىن ئۆزگە كىم ئىشىق ئىچرە سۇلتانقەشقىرىم.
سەندە قايتا ئالدى تەلىم خۇيلىن ھەمكومراجىۋا،رەقىس – چالغۇ سازنى كەڭ ئالەمگە يايغان قەشقىرىم.
نالە ئىزھارىمتالاي چۆل ئۈستىدە يىغلار بۇلۇت،ئۇستىخانىم بىر ئەمەس، مىڭلارچە بارخان،قەشقىرىم.
قۇم دۆۋىسى قانچە ئىزگۈ يۇرت – ماكاننى قىلدىغەرق،ئەگدى قەددىڭنى ئۆزۈڭدىن پىتنە – بوران، قەشقىرىم.
باشىدا پاك سەللىسىساتۇق بۇغرا ئاتام،قايتىدىن جىسمىڭنى يۇيدى نۇرى ئىرفان، قەشقىرىم.
ھىكمىتىڭ خارابىدا جەم قىلدى مەشرق غەربنىھەم،شۆھرىتىڭنى كۆكە يايدى تۈركىي دىۋان، قەشقىرىم.
«قۇت بىلىگ»جاۋاھىرىنۋايىگە يەتكۈزدى يۈسۈپ،يەسسەۋى ھېكمەتلىرىدەك دۇرى رەيھان قەشقىرى.
بولدى ئۇستاز سەددىدىن قەشقەر مۇبارەكجامىگە،مىر ئەلشىر نەزمىگە دۇرىنى چاچقان قەشقىرىم.
مالىك، ئەھمەت قەشقىرىتۈزدى سەمەرقەنت ھۆسنىنى،مىرزا ھەيدەر قەلبىگە ئاتەشنى سالغان، قەشقىرىم.
تەمبۇرىدە «چەببىيات»، قەلبى ناۋائاماننىسا.
قۇتلۇق«ئون ئىككى مۇقام»دا مەڭگۈ مۇزگان، قەشقىرىم.
ئىككى كۈن–تۈن چالسىمۇ پۈتمەس ساتارىڭ نالىسى.
ئىزگۈ، كۆرك، سۆيگۈ، ناۋادا سەن جاھان خان،قەشقىرىم.
خرقىتى، مەشرەئپ، زەلىلى، نۆۋبىتىدىن تا بۇدەم،ئەرشى ھەم خامۇشىنى باغرىغا باسقاب قەشقىرىم.
قالدى خاكىڭ قوينىدانىزارى تۇردۇم بۇلبۇلى،سادىقىڭ يازمىشلىرى خۇنابى ئەبغان، قەشقىرىم.
قۇم بىسىپ يىپەك يولىن كەتتى ئەسىرلەپ قۇتقوشۇڭ،كۆزلىرى ئۆچمەس ئۈمۈد كۆكىدە چولپان قەشقىرىم.
بولدى يات قۇرداشلىرىڭ،كەستى شېخىڭنى ئوت چىقىن،ئۇنتۇدى شەجرەڭنى ھەم قوينىدا جانان، قەشقىرىم.
بىر رىۋايەتتەك بۇدەم نامىڭنى ئەسلەر كەڭجاھان،بىر زامان ئىقلىم كۆزىدە شاھى مارجان قەشقىرىم.
سەن گويا «ئەسھابكەھەب» دە كۆپ ئەسىر ياتقان يىگىت،نۇر پىشانەڭدە يەنە تەقدىرى جەۋلانقەشقىرىم.
سەن قالۇرسەن بىز كىتەرمىز بۇنەپەس گويارابات،ئېتىبارىم تەختىدە تۇز ھەققى خاقان قەشقىرىم.
مېھرى سۆيگۈڭ ئاتەشىقىلدى مىنى يۇرت ئاشىقى،خاكىڭا بېشىم قويسام، بۇ كاتا دەرمان، قەشقىرىم.
سۆزلە سوقرات، ئەپلاتون، كۇڭفۇزى، سەكيامۇنيەنە،سىز گۇناھ دەمسىز ماكانىن سۆيسە ئوغلان، قەشقىرىم.
مەن گۇناھ دەرمەنجېمى بەڭباشلىقىم، بىخۇتلۇقۇم،مەن ساۋاب دەرمەن تاۋاب ئىلماقنى ھەر ئانقەشقىرىم.
روھى شەيدالىق تېشىپ شەيدائى يازدى ئىشقىنى،قۇتماڭا كۆكسىنى ئاچسا ئۆز قەردىردان قەشقىرىم.
پىتنىلەر ھەريان ھۆرۈپ باغىمتوزۇتسا ئەيىپ ئەمەس،ئىشقىدىن دەرد تارتمىقىم پاك خەير – ئېھسان، قەشقىرىم.
قىل ھەزەر بىر جىننى گەر ئىشىقتىن پاسات سۆزلەرساڭا،ئەقىل – ھېكمەتسىز سانا – ئۇل لاپى شەيتان قەشقىرىم.
ئاز ئەمەس پىرقە–نىزا، پىتنە تۈپەيلى تارتقىنىڭ،توختىماي ماتەم يېشىڭ بىرقانچە دەۋرانقەشقىرىم.
ئەندى جان باغىدا تۈزدۇم ئۇشبۇ ئىشقىڭنامەسىن،زەررە تۇپراقى شۇدەم تەختى سۇلايمان قەشقىرىم.
ب. پائالىيىتىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ 9-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش سۇلايماننى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن رۇبائىيلىرىنى ئوقۇشقا تەكلىپ قىلايلى!
رۇبائىيلار
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
1
باھارنىڭ زىننىتى بوستان، لاچىننىڭ پەخرى پەرۋازدا،
پىغاندا كۆز يېشى تۆككەن كۆزۈڭ شادلىقتا خۇش نازدا.
ئەمەس بىرخىل پەسىل-دەۋران،زىمىستان ھەم باھار باشقا،
نە شۆھرەت سايرىسا بۇلبۇل قىشى-ياز بىرلا ئاۋازدا.
2
ھەسەتخور بولسا باغۋەن-نە ئېچىلغاي باغدا گۈل رەنا،
ئۆزىنى پىتنىچى -بۇلبۇل دېسە خەندىدە نە مەنا.
بىراۋلار زەمزىمىن ماختاپ، تۈكۈرسە ئۆز بۇلاقىغا،
بولۇر چۆللۈك مۇكاپاتى قىلىپ نەم قەترىگە تەشنا.
3.
يولۇقماسمەن گۈزەللىك ئاختۇرۇپ دەرگاھى ئورداڭغا،
سېلىپ قامچىسى ئۇرماسمەن بەخت زەۋقىدە يورغامغا.
مۇھەببەت مىۋىسى پىشماس ساداق نەيزەڭ دەرەخ بولسا،
كى شۆھرەتتىن خۇشاللىق شولىسى چۈشمەيدۇ ھويلامغا.
4.
باقمىغايمەن توز قاناتىغا چېچىڭ تۇرغان چېغى،
بۇلبۇل ئاۋازى نەھاجەت لەۋلىرىڭ كۈلگەن چېغى،
گۈلگە مۇنداق باقمىدىم سىنەمدە قوزغاتمايدۇ زوق.
جەننەتى جىسمىڭ بېغىدىن خۇش ئىپار ئۇرغان چېغى.
5.
شىرنى يەڭگەن ئەزىمەت شېرىن سۆزگە ئەل بولدى،
يامغۇر سۆيىدىن قېچىپ، يولۇققىنى سەل بولدى.
گۈزەللەرنى ئاختۇرۇپ،يۈرگەن ئىدى مەنسىتمەي،
ئاخىرىدا تاپقىنى دىلى ئەما "چەل" بولدى.
6.
ساما ئاسمانى قاراڭغۇ-بولمىسا شەمشى-قەمەر،
ئەقىل غالىپلىقى جانسىز-بولمىسا سۆيگۈ ئەگەر،
دېڭىز مۈشكۈلى بولمىسا، باھاسىز قۇم ئۈنچە-مەرمەر،
ھاياتلىق تەختىنىڭ شاھى-ئۆزىن بىلمەك ئەنگۈشتەر.
7.
بەزىلەر ئۆزگىدىن ئەيىپلا ئىزدەر،
ئۆزىنىڭ قىلمىشىن پەردازلاپ بېزەر،
ئۆزىنى ئالداپ ئۇ خاتا يول كېزەر،
ئويغۇنۇپ ئەل بىركۈن ئۇنىڭدىن بېزەر.
8.
ئول پەرى ھۆسنى خىيالىم كۆكىدە چولپان مېنىڭ،
ئار ئېلىپ سۆز ئېيتمىدىم، قەلبىمدە ئۇ سۇلتان مېنىڭ،
ئىسمى زاتىنى سورار بولساڭ "تاۋاقتا ئۈنچە تاق"
ئۈنچىدىن يانسا چىراغ-جىسمىم دىمەك، پەرۋان مېنىڭ.
9.
كىتابەتتىن ئىلىم تاپقىن، ھاياتتىن تەلىم ئال تىنماي،
ئۆمۈر دەرياسىنىڭ تەكتى چۈشەنسەڭ ئۈنچىگە ئەڭ باي.
ئىلىم گەر ئاشىقىڭ بولسا بەئەينى بىر تۇلۇن ئايدەك،
كۆرۈنگەي بولسا دىل ئۆتكۈر مىسالى قەترىدە ئول ئاي.
10.
شېئىر شوھرەت ئەمەس، ئەمگەك-ساپاسى ھېس ۋە ئىدراكتا،
سىياقىڭ قانلچىلىك بولسا كۆرۈنگەي سۆزدە ئەينەكتە.
تەپەككۇر كانىنى قازماي، تەسەۋۋۇر تىكلىمەك مۈشكۈل،
جاۋاھىر تاپقىلى بولغاي كۆڭۈل كەڭ بولسا كۆكرەكتە
ئا. پائالىيىتىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ 10-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش نۇرئامىنەنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرىنى ئوقۇشقا تەكلىپ قىلايلى!
ئابدۈشۈكۈر مۇھەتتئىمىن ھېكمەتلىرى
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
Ø ھەقىقەتسىز كۈرۈش نىشانى،كۈرەش غايىسى ۋە كۈرۈش يۆنىلىشى بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس.
Ø ھەقىقەتنى سۈيىدىغان قەلىب نۇرانە قەلىب،خەلقىمىزنىڭ تارىخى ئىستىقبالىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قەلىب.مۇنداق قەلىب ھەقىقەتنى ھۆرمەت قىلىدۇ.ئۇنىڭغا جان پىدالىق قىلىدۇ.
Ø گۈزەللىك – مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەزبىدار مەلىكىسى،ئىنسان روھىيىتىدىكى جىلۋىلىك يۇلتۇز.
Ø ئىنساننىڭ قەددى-قامىتى گۈزەللىكى ئادەم ئورگانىزىمنىڭ ھەل قىلغۇچ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.بۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان تەبىي،بىئولوگىيىلىك قانۇنىيەت.
Ø ئۇيغۇر 12 مۇقامى يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇقامى بولماسىتىن،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مۇقامى.
Ø سەنئەتكارنىڭ ھېسسىياتى ئالامشۇمۇل تارىخىي خاراكتېلىك روھىيەت چىنلىقىدىن پۈتۈلگەن مەشئەل—دانكو يۈرىكىنىڭ يالقۇنى
Ø ئىنساننىڭ قىممىتى – ئاتنىڭ سۈرىتىنىڭ باھاسى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئات مىنگۈچى كىشىنىڭ ماھىيەت ۋەزىنى! ئۈزۈڭگە ئات باھاسىدا،ئويناقلاپ تۇرغان ياكى پۇشۇلداپ ياتقان ئات نەرقىدە قاراپ تەمەننا ياكى غەمكىنلىك يولاتما! بەلكى ئار مىنگۈچىگە قاراپ نەپرەتلەن.ئۆزىدىن نەپرەتلىنىشنى بىلىمىگە ئىنسان ئۆزىنى بارغانسېرى نەپرەتلىك سىماغا ئايلاندۇرۋاتقان غاپىلدۇر ئىنساندۇر! ئات چەيلەپ يېقتىۋەتكەن بۇ ئىنسانىي قىممەتتىن يەنە ساڭا قانداق تەقدىر نېسىپ بولار ! ئەي نادان!
Ø ھەقىقەت يول بويلاو ئېچىلىدۇ.
Ø ئەقىل-پاراسەت ئىنساننىڭ نۇرى.
Ø ئىنسان-پۈتكۈل كائىنات سىرلىرىدىن تۈزۈلگەن ئەۋرىشكە.ئىنساندا كائىنات مۇمكىنلىكلىرىنىڭ ھەممە قاتلاملىرى بىلەن كۈرۈنمىلىك سۈرەت ۋە يۇشۇرۇن تىلسىمات نەمۇنىللىرى ساقلانغان.
Ø ئۆزلۈك – ئۆزىنى بىلمەكلىك! ئىنساننىڭ ئۇلۇغ تەبىئەت ئالىمى سۈپتىدە تۇرغان ھازىرقى ھالىتى ئۇنىڭغا نىسپەتەن ساۋاتسىزلىقتىن ئىبارەت خالاس!!
Ø ئىنسان ئۆلىدۇ،لېكىن مۇتلەق مەنىدە ئەمەس!
Ø بىلىم – ئىنسانىيەت ياراتقان ھەقىقەت ۋە قۇدرەت خەزىنىسى.ئىنسان بىلىش بىلەن ھايۋاندىن،بىلىم بىلەن بىلىمسىز ناداندىن پەرىقلىنىدۇ.
ئادەم سۈپىتى،قەدىر-قىممىتى ۋە ئىجادىي ئىقدىدارانىڭ ئۇلى - ئىلىمدىن ئىبارەت.
دۇنيادىكى بارلىق جىنايەتلەرنى بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ـــ جاپا مۇشەققەتلەرگە باش ئەگمىگەندە قولغا كىىدۇ.
ب. پائالىيىتىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ 11-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش ئابدۇخېلىلنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقىغا ئاتاپ يازغان شېئىرىنى ئوقۇشقا تەكلىپ قىلايلى!
پائالىيەت ئاخىردا نەب قاراخان ئۇستاز يازغان شېئىرنى ئۇقۇپ بەردىم
‹‹ئۇلۇغ ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىننى ئەسلەپ››
قەدىمى ئاستانە ئۇلۇغلار توپى،
ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئەتمەكتە داۋام.
گاھىدا ئالقىشلاپ گاھىدا نوقۇپ،
باغرىدا ئۆستۈرگەن ئۇلارنى ئاۋام.
قاراخان دەۋرىدە گۈللىنىپ بۇ جاي،
ئەجدادلار جاھانغا تونۇلغان قەۋەت.
قالدۇرۇپ‹‹دىۋانى››ۋە‹‹قۇتادغۇبىلىك››،
ئەۋلادلار بەختىچۈن قىلغان كۆپ سەۋەپ.
شۇ تارىخ ئىزىنى يوقاتماي يەنە،
داموللام①خەلقنى باشلىغان پەنگە.
تەۋپىقمۇ②جاننى ئېلىپ ئالقانغا،
مەرىپەت ئۇرۇقى تېرىغان ئەلگە.
بۈگۈنمۇ بىر ئۇلۇغ ئىنساننى بىزچۈن،
③تەۋەللۇت قىلغانتى بۇ قەدىم زېمىن.
تولۇن ئاي جىمىرلاپ يۇلتۇزلار كۈلۈپ،
ئەجدادلار روھىمۇ تاپقانتى ئەمىن.
ئۇ سۆيگەن خەلقنى سۆيگەن ئېلىنى،
جىسمىدا ياندۇرغان ئەجداد روھىنى.
قوغلىماي شان-شەرەپ قوغلىماي دۇنيا،
بىزلەرچۈن تىكلىگەن شۆھرەت ئۇلىنى.
كىيىنىپ ئىلىمدىن غەۋۋاس كىيىمى،
شۇڭغۇدى تارىخنىڭ چوڭقۇر بېتىگە.
سۈزۈپ شۇ دېڭىزدىن ئالتۇن-جەۋاھىر،
تىزدى رەت-رېتىدە دەپتەر بېتىگە.
(ھە!مانا ئوغۇزخان كۆرۈندى ئاڭا،
كۆك بۆرە ئالىمغا كۆرسىتىپتۇ يول.)
قانائەت ئەيلىمەي شۇنىڭغا يەنە،
④ئارىيانلارغىمۇ سوزۇلۇپتۇ قول .
باشلىنىپ ‹‹ئىنقىلاپ››⑤بۇ دىياردىمۇ،
ئالىممۇ كىيىنىپتۇ بىر ئۈلۈش قالپاق،
ياۋىلار قۇترىدى ئېتىلماق بولۇپ ،
ھەسەتخور،پەسكەشلەر بولۇپ يانتاياق.
زېمىستان قوغلىنىپ كېلىپتۇ كۆكلەم،
〞قالپاقمۇ〝غىپپىدە تىكىپتۇ بەدەر.
يايراپتۇ كۆڭۈللەر ياڭراپتۇ بەزمە،
تۆلەنگەن بولسىمۇ گەرچە كۆپ بەدەل.
ئالىممۇ كۈلۈپتۇ ئەمما يۈرىكى ،
ياش تۆكۈپ بىھۇدە ئۆتكەن ۋاقىتقا.
تولۇقلاش ئۈچۈن بوش كەتكەن ئۆمرىنى،
باش چۆكۈپ كېچىنى ئۇلاپتۇ تاڭغا.
قول ئۈزۈپ بارچىدىن ئەۋلادلار ئۈچۈن،
بېكىندى بىر ئادديھۇجرىغا ئالىم.
ئۆتۈپتۇ قارىسى كۆرۈنمەي ئەسلا،
ئالىمنى چىللىغان سانسىز مۇراسىم.
خەق ساناپ ئۆتكۈزسەكۈنلەپ-ھەپتىلەپ،
ئالىم ئۇ سانىدى مىنۇت-سىكۇنىتنى.
ئىزدەندى،تىرىشتى،قىلمىدى ساقىت،
نەزەردىن ئۆتمۈشنىڭ ھەر چېكىتىنى.
ئەنە شۇ مىللەتنىڭ نۇرلۇق چېرىغى ،
بىر كېچە ئۈستەلدە ئۆچتى ۋاقىتسىز .
گاھىلار يىغلىدى، كۈلگەنلەرمۇ بار ،
ئاھ ھايات سەن نېچۈن بۇنچە رەھىمسىز.
ئا. ب. پائالىيىتىمىزنىڭ 12-ماددىسىغا ئاساسەن پائالىيىتىمىز ۋاقىت مۇناسىتى بىلەن مۇشۇيەردە ئاخىرلاشتى. كۆپچىلىك كەلگەن قەدىمىڭلارغا رازى بۇلۇڭلار. خەيىر – خوش!
شۇنداق قىلىپ ئىككى يېرىم سائەتلىك پائالىيەت غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. ئالىمنىڭ سىمايىسى سىنىپىمىزدا قايتىدىن پەيدا بولدى. بۇ مىنۇتلار ھەربىرىمىز قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ۋاقىتلارغا ئايلاندى.
ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
2013-يىلى 9-ئاي 30