مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ahter

مۇھەببەت ئۈچۈن توي قىلىمەن (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97697
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-9-8
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 05:39:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ ...تۇرمۇشقا يىقىن ...داۋامىغا تەشنامىز

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 931
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2747
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2044 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 06:54:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراقلا ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازاي دىگەن لىكىن ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋېلىپ تۇراي ، ئادەمنى تىت-تىت قىلماي ئىتتىك يوللاسىز!!!!!!!!!!

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 766
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10123
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4058 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 06:55:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن!!!!

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2857
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10593
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3322 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 07:58:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ەىكايىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئۇ بالا خىلى كىچىك پىئىل ئاددى ساددا بالىكەن
ھىكايىنى پۈتۈن يوللاپ بوپ ئۇچۇر قىلىۋەتسىڭىز بىراقلا ئوقۇييا

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77463
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2012-3-15
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 08:01:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4

ئەتىسى قورسۇقۇم ئېچىپ ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ قوپتۇم ، لاۋماغا دېگەنىدىم ئۇ بىر خالتا ئۇن بىلەن بىر باك ياغ تېپىپ بەردى، مەن ئامالسىز قازان نېنى ئىتىپ يىمەكچى بولدۇم، ئانامنىڭ خىمىر يۇغۇرغىنى كۆرگەنىدىم ، شۇ بۇيىچە خېمىر يۇغۇرماقچى بولدۇم، بىراق سۇنى ئاز قۇيسام ئۇن قېتىۋېلىپ جېق قۇيسام مەددىدەك سۇيلىۋېلىپ ئازراق يۇغۇرىدىغان خېمىر لىق بىر داس بولۇپ قالدى ، قازان نېنى تاماقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ ئاسان تاماق بولسا كىرەك قازانغا ماينى قۇيۇپ خېمىرنى يېيىپ تاشلىسا پىشىدىكەن، قۇرسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىدا قىززىق قازان نېنىنى بىرلا چىشلىۋىدىم ، تۇزنى بەك كۆپ سېلىۋەتكەچكە نان تۇلۇمۇ ئاچچىق بۇلۇپقالغانىدى، ئامالسىز يىدىم... مەيلى بىزنىڭ ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىمىزمۇ بۇرۇن يىلتىز، قوۋزاق يەپ جەڭ قىپتىكەنغۇ دەپ ئۆز- ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم.

شۇنداق قىلىپ پاختا تىرىشكە چۈشۈپ كەتتىم، ئالدىمدا ئاپ-ئاق ئېچىلغان پاختا يېيىلىپ تۇراتتى، سەل يىراقتا ماڭا ئوخشاش پاختا تەرگىلى كەلگەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى چىرايى كۈسەيدەك قارىداپ كەتكەن بىر ئادەم ۋە قىزى بولسا كىرەك ئون يەتتە ئون سەككىز ياشلاردىكى كونىراپ كەتكەن چىت كۆڭلەك ، بېشىغا تەڭگە گۈللۈك ياغلىق ئارتىۋالغان بىر قىز پاختا تىرىۋاتاتتى، قېرىشقاندەك كۈن چۈش بولماي تۇرۇپلا ھاۋا ئىسسىپ كەتتى، كىۋەزنىڭ غازاڭلىرى ئۇۋۇلۇپ تەرگەن پاختىلاردىن ئۇۋۇلغان غازاڭلارنى ئاجىرتىپ بۇلالماي جىلە بولسام دوڭغۇيۇپ يۈرۈپ بەللىرىم ئاغىرىپ كەتكەنىدى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا قارىسام ئايىغى كۆرۈنمەس ئۇزۇن قۇر ، ئالدىمغا ھەر قارىغىنىمدا ھارغىنلىقتىن بېشىم قايىيدۇ، بۇنداق بىسمىللاسىدا چىدىيالمىسام بىرەر ئىككى ئاينى قانداقمۇ چىداپ ئۆتكىزەلەرمەن... شۇتاپتا پاختىسى ئۈزۈپ بولغان غۇزىلار خۇددى مىنى مەسخىرە قىلىپ ھىجارىۋاتقاندەك كۆرىنىپ كەتتى، ھېلىقى ئىككەيلەن بىلەن پاختا تىرىشنى تەڭ باشلىغاندەك قىلغانئىدىم، بىراق ئۇلار مەندىن خېلىلا ئۇزاپ كەتكەنىدى، توۋا مەن ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمايدىغان كالامپاي ئادەم بۇلۇپقاپتىكەنمەن ...

چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بۇلۇپ قالغانىدى، تۇرىۋاتقان جايغا ئىشلەيدىغان يەر يىراقراق بولغاچقا چۈشلۈك تاماقنى مۇشۇ يەردە يىيىشكە توغرا كىلەتتى ، مەن ئەتتىگەن ئېلىۋالغان تۇزلۇق قازان نېنىمنى يەنە سۇداندا سۇ ئەكىلىۋالغانىدىم، سۇ ئىسسىقتا تۇرۇپ يىلمان قايناق سۇدەك بۇلۇپ قالغانىدى...

ـ ھەي، بالام، بۇ يەرگە كىلىپ بىز بىلەن تاماق يەڭ،ـ دېدى بايىقى دىھقان، يالغۇزچىلىق تارتىپ ئۈزۈمنى شۇنچىلىك بىچارە ھىس قىلغانئىدىم ، دېھقاننىڭ بۇ سۈزىنى ئاڭلاپ قەلبىم پاللىدە يۇرۇپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم. قورۇنۇپ دېگۈدەك ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدىم، دېھقاننىڭ قىزى چىنىغا سۇغۇق سۇ قۇيۇپ ئالدىمغا قويدى، داستىخاندا قىزىرىپ پىشقان گىردە نان، ئۈزۈم، تاۋۇز بار ئىدى.

ـ قېنى تارتىنماي ئېلىڭ بالام،ـ دېھقاننىڭ مىنى بالام دېگىنىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى شۇنچىلىك يېقىن ئادەملەرنىڭ قېشىدا تۇرغاندەك ھىس قىلدىم،ـ بالام ئۆزىڭىز نەدىن كەلدىڭىز؟

ـ خۇتەندىن.

ـ بىزمۇ خۇتەندىن كەلگەن، بىر يەردىن كەلگەندىكىن ھال-مۇڭ بۇلۇشمىساق بىزنى مۇسۇلمان دېگىلى بۇلامدۇ؟ يالغۇز كەلگەنمۇ؟

ـ ھەئە...

ـ بۇ يەرگە بۇرۇن چىقىپ باققانمۇ؟

ـ ياق

ـ ھىم، بايا قارىسام غەمكىن كۈرىنىسىز، پاختىمۇ تەرگىڭىز يوق ، پاختا تەرگەندە ئالدىغا بەك قارىۋالسىڭىز ھېرىپ قالىسىز، بۇ پاختا تىرىش دېگەنگە چىدام غەيرەت كىتىدۇ، قاراڭ ئىش ئورنىغا شۇنچە يېڭى كىيىمنى كىيىپ چىقىپسىز ، خۇددى كادىردەك.ھا... ھا...ھا...

دېھقان كۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ قىزىمۇ ماڭا قاراپ كۈلدى، ھەي ، مەن كالۋا ئىش كىيمى كەيمەستىن يېڭى كاستۇمنى كىيىپ پاختا تەرگىلى كەلگەنىدىم، بۇ تۇرۇقۇمغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر كۈلكۈلۈك ئىش قىلىپ سالغىنىمنى ھىس قىلدىم.

ـ تاماقنى ئۆزىڭىز ئىتىپ يەۋاتامسىز؟

ـ شۇنداق،- دېدىم مەن خىجىل بولغاندەك بولۇپ

ـ قارىغاندا ، تاماق ئىتىشنى ئەمدىلا ئۆگىنىۋاتقان ئوخشايسىز،- دېدى دېھقان، كۆڭلۈم تۇيغاندەك بولۇپ قۇلۇمغا قارىدىم،قوللىرىمدا ئەتتىگەن يۇغۇرغان خېمىرنىڭ يۇقۇندىلىرى قانغانىدى...

ـ ھا...ھا...

دىھقان قوللىرىمغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى ، قىزىمۇ ئاۋازىنى چىقارماي دادىسىغا ئەگىشىپ كۈلدى، مەنمۇ كۈلدۈم بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم  چىن كۈلكىگە جۆر بولۇپ كۈلۈشۈم ئىدى.

ـ بالام، ئىشلىگەندە ئادەم قۇرساقنى ئۇتتىرۋەتسە بولمايدۇ، بىزنى ئۆز كۆرسىڭىز بۇندىن كىيىن بىز بىلەن غىزادا بىرگە بۇلۇڭ، چۈشتە ئىسسىق تاماق ئىتىشكە ۋاقىت چىقمايدۇ، شۇڭا قاتتىق قۇرۇق بولسىمۇ ناندا قۇرساقنى گول قىلىپ تۇرىدىغان گەپ، ئەتتىگەن كەچ تەرەپلەردە قىزىم پەزىلەت تاماق ئىتىدۇ، تاماقنى بىز بىلەن بىرگە يەڭ بۇلامدۇ؟

نىمە دېگەن ساپ نىيەت، نىمە دېگەن ئالىي جاناپلىق ھە؟ھازىرقىدەك كىشىلەر قەلبىدىن مىھىر- مۇھەببەت كۈتۈرلۈپ كېتىۋاتقان كۈنلەردە بۇ دېھقاننىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك بىباھا نەرسىلەرگە تەڭ قىلىش مۇمكىن؟

ـ قېنى ئىشلەيلى،- دېدى دېھقان

قانداقتۇر قايتىدىن كۈچ غەيرەتكە كەلگەندەك بولۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
                                                                            5

شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىلەن خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك چىقىشىپ كەتتىم ، دېھقانىڭ ئىسمى راخمان ئىكەن، ئۇنىڭ ئايالى بۇرۇندىنلا تۈگەپ كەتكەن بۇلۇپ ھازىر قىزى بىلەن ئۈزى قالغانئىكەن ، راخمان ئاكا يۇرتىدىكى چاغدا چۆلگە كىرىپ ئۇتۇن ئاچىقىپ بازار كۈنى ئۇتۇن سېتىپ، قىزى بولسا گىلەمچىلىك ۋە دوپپا تىكىپ سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن ، ھەر يىلى پاختا ئېچىلغاندا مۇشۇ تەرەپلەرگە كىلىپ پاختا تىرىپ پۇل تاپىدىكەن ، ئۇنىڭ دۇنيالىقتا بىرلا پەرزەنتى يەنى قىزى پەزىلەت بار بولۇپ ئۇنى جېنىدىن ئەزىز كۈرىدىكەن، ئۇلار شۇنچىلىك تىرىشچان، جاپاغا چىداملىق  ئادەملەر ئىكەن، ئادەتتە مەن بىر كۈندە سۆرۈلۈپ يۈرۈپ ئوتتۇز كىلو پاختا تەرسەم ئۇلارنىڭ ھەر بىرى سەكسەن-توقسان كىلودىن تىرەتتى، مەنمۇ شۇلاردەك تەرسەم بولماسمۇ دەپ شۇنچە تىرىشسام ئاران قىررىق كىلو تىرەلىدىم... ئۆيدىكى ۋاقىتلاردا ئۇيقۇغا قېنىپ ئۇخلىيالايىتتىم لېكىن ھازىر تاڭ يۇرىماستىنلا پەزىلەت:‹‹ ئابلەھەت ئاكا، تۇرۇڭ ئورنىڭىزدىن، تاماق يەپ ئىشقا ماڭايلى!›› دەپ ئويغۇتىدۇ، ئورنۇمدىن تۇرغۇم كەلمەي نەچچە تولغۇنۇپ ئاران تۇرىمەن، پەزىلەت تاماقنى تۇلۇمۇ چاققان ئىتىدىكەن ، ئۇنىڭ تامىقى تۇلىمۇ يىيىشلىك ئىدى، بىز تاماقنى يەپ بولۇپ تاغارلارنى كۆتۈرۈپ پاختىلىققا يۈرۈپ كىتەتتۇق... ھەر قېتىم پاختىلىققا بارغاندا تۇنجى پاختىنى خالتىغا سالا-سالمايلا ھۇرۇنلۇقۇم تۇتۇپ بەدەنلىرىم بۇشۇشۇپ كىتەتتى... مانا بۇ يەردە پاختا تىرىۋاتقىلى ئۈچ ھەپتە بولدى، قوللىرىىمنىڭ تىرىلىرى ئېتىلىپ تىرناقلىرىمغا يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىپ تۇرىدۇ، بەلىرىمگە خۇددى تاختاي تېڭىپ قويغاندەك ئېگىلمەك شۇنچىلىك تەس، ئېگىلىپ بولغاندىن كىيىن تەستە رۇسلايمەن، ئاخشام ئەينەككە قارىغانتىم قارىداپ نېگىريىدىن كەلگەندەك بولۇپ قاپتىمەن.‹‹توۋا نىمە كۈن بۇ ماڭا، مەن ئەسلى مۇشۇنداق يەرلەردە يۈرىدىغان ئادەممىدىم، ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان مەندەك سېتودىنتنىڭ قارا ئەمگەك قىلىپ يۈرىشى پەقەت ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئەمەسمۇ؟ ئەسلىدە كاستوم بورولكا كېيىپ، ئاياغلىرىمنى مايلاپ ئىشخانىدا كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرسام ماڭا ياراشمامتى؟ ياق، مەن بۇ يەردە ئەمدى تۇرمايمەن، قايتىپ بېرىپ ، ئوبدان تەييارلىق قىلىپ ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغان خىزمەتچى بۇلىمەن، بۇ يەردىن بۈگۈنلا كىتىمەن، زادى كىتىمەن...››

ـ ئابلەت ئاكا، پاختا تەرمەي نىمىگە ھاڭۋېقىپ قالدىڭىز؟ ،ـ چۆچۈپ ئالدىمغا قارىدىم، پەزىلەت لىق بىر تاغار پاختىنى يۈدۈپ مەن تەرەپكە كىلىۋاتاتتى.

ـ مانا، تىرىۋاتىمەن...

ـ بەك ھۇرۇنكەنسىز، قارىڭە ئاتام بىلەن مەن باشقا چىقىپ بۇلاي دېدۇق، سىز تېخىچىلا ئون نەچچە قەدەم تىرىپ بوپسىز، بۇنداق ھۇرۇنلۇق قىلسىڭىز كەچكىچە يىگىرمە كىلومۇ پاختا تىرەلمەيسىز.

ـ ھازىر تۇرغان جايىمنىڭ پاختىلىرى بەك بۇلاقكەن . شۇڭا...

ـ ھەممە قۇرنىڭ پاختىلىرى ئوخشاش، قىنى ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ماۋۇ تاغاردىكى پاختىنى يۈدۈپ يولغا ئاچىقىپ بىرىڭە...

پەزىلەت تۇلىمۇ ئۇچۇق-يۇرۇق قىز ئىدى، بۇ يەرگە كېلىپ ئۇلار بىلەن تۇنۇشقاندىن بىرى ئۇ ماڭا خۇددى ئۆز ئاكىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى، مىنىڭ سۆرەلمىلىك بىلەن پاختا تەرگىنىمگە قاراپ:‹‹ سىز نىمە دېگەن ھۇرۇن›› دەپ كۈلۈپ كىتەتتى، بەزىدە پاختا تەرگەچ تۇلىمۇ پەس ئاۋازدا ناخشا ئېيتاتتى، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلايمەن دەپ قۇلۇم ئىشتىن توختاپ قالغاندا ئۇ ناخشىسىنى توختۇتۇپ :

-  ۋاي ھۇرۇن، ھاڭۋېقىپ تۇرماي پاختا تىرىڭ،- دەيىتتى

-  ناخشىڭىزنى ئۈللۈك ئېيتىڭە، ئاڭلىيالمايدىكەنمەن،- دەپ كۈلسەم

-ئېيىتمايمەن، ئەجەپ قېلىنكەن بۇ - دەپ قىزىرىپ كىتەتتى.ۋە بىر دەمدىن كىيىن يەنە ناخشا ئېيتاتتى...

   بۇ دېھقان خەق دېگەننىڭ جېنى تۈمۈردىن ياسالغانمىكىن قىز بالا تۇرۇپ شۇنچە ئېغىر تاغارنى كۈتىرەلەيدىكەن، پەزىلەت كۈتەرگەن تاغارنى بەلكىم شەھەردىكى ئىككى قىز ئىنجىقلاپ يۈرۈپ ئاران كۈتىرەلەر ؟ پاختا قاچىلانغان تاغارنى كۆتۈرۈپ پاختا ئەمەس لىق بىر تاغار تاشىنى كۆتۈرگەندەك بىلىندى، پۇتلىرىمنى ئاران يۆتكەپ پاختا تۈكىدىغان يەرگە ئاران كىلەلىدىم ، ۋە پاختىنى تاشلاپ ئۈستىدە يېتىپ قالدىم.

-  ھا... ھا...- پەزىلەت تۇرۇقۇمغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئاۋازى تاڭ قوڭغۇرىقىدەك جاراڭلىق ۋە غۇبارسىز ئىدى...

راخمان ئاكام بىلەن پەزىلەتنىڭ ماڭا قىلىۋاتقان ياخشىلىقنى ئويلىسام ئۇلاردىن ئايرىلغىم كەلمەيىتتى، لېكىن بىز بەرىبىر بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمەس ، بۇ يەردىكى ئىشلار تۈگىگەندە ئۇلار بىلەن ئايرىلىدىغان گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا ئېغىرچىلىقىمنى سېلىۋاتىمەن، راستىنى ئېيىتسام بۇ يەردىكى ئىشنىڭ جاپاسىغا چىدىيالمىدىم... بۇيەردىن زادى كىتەي...

قۇلۇمدىكى خالتىنى تاشلىدىمدە بىكەتكە قاراپ ماڭدىم ، بىرەر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن چوڭ يولغا چىقىپ ئابدۇبۇس تۇسۇدۇم، چوڭ بىكەتتە خۇتەنگە بارىدىغان بىرلا ئابدۇبۇس قالغانئىدى،ئۇدۇل ئابدۇبۇسقا چىقىپ ئولتۇردۇم، شوپۇرنىڭ دېيىشىچە ئابدۇبۇس بىرەر سائەتتىن كىيىن يولغا چىقىدىكەن، نىمىشقىدۇر ئىچىم پۇشۇپ تۇراتتى، كاللامدا ئۈزۈممۇ بىلمەيدىغان بىرخىل خىجالەت  ھۆكۈم سۈرەتتى،‹‹ راسىت، مەن راخمان ئاكام بىلەن پەزىلەتكە خوشمۇ دەپ قويماي ماڭغانئىدىم، شۇ تاپتا ئۇلار نىمە دەپ ئويلاپ قالغاندۇ؟ ئۇلار ماڭا شۇنچە مىھىربانلىق قىلغانئىدى، ئۇلار بىلەن ھېچقانداق تۇققانچىلىق مۇناسىۋېتىم يوق بولمىسا... مىنىمۇ ئادەم دېگىلى بۇلامدۇ؟... ›› قەلبىمدە تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان پۇشايمەن پەيدا بولدى.

-ئەمىسە، يۈرۈپ كەتتۇق، ئابدۇبۇسقا چىقماي قالغانلار بارمۇ؟

-يوق...

ـ شوپۇر مەن چۈشىۋالاي،- ئىختىيارسىز شۇنداق دەۋەتتىم...

مەن كەلگەندە راخمان ئاكام بىلەن پەزىلەت پاختىلىقتىن كەپ بوپتىكەن ، ئۇلارنى كۆرۈپ خىجىلىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم، ئۇدۇل ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكنى ياپتىم...

ـ ئابلەت ئاكا، تاماق يەپ يېتىڭ!

كۈزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى، چوڭ بۇلۇپ تۇنجى قېتىم كۆزۈمدىن ياش چىقىشى مۇشۇ قېتىم بولسا كىرەك...

                                                                      6

بۇ يەردىكى ئىشلارمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالغانئىدى، يەنە بىرەر ھەپتىدىن كىيىن قايتىدىغان گەپ،ھازىر قوللۇرۇممۇ ئىشقا خېلى كۈنۈپ قالغانئىدى، راخمان ئاكام چاقچاق قىلىپ:

- ھىم، مانا، ئابلەھەت ھازىر پاختىنى مودودەك(چارلىز چاپلىندەك) يۈگۈرۈپ تىرىشنى ئۆگىنىپتۇ،- دېدى

-ئوغۇل بالا تۇرۇپ ھۇرۇنلۇقنى تاشلىمىسا سەت تۇرامىكىن،- دېدى پەزىلەت ماڭا قاراپ كۈلۈپ.

پەزىلەت كۈلسە مەڭزىدىن چىرايلىق زىناقلىرى چىقاتتى، مەن بۇ قىزغا دەسلەپتە ئانچە سەپ سالمىغانئىدىم ، ھەم ھازىرغىچە چىرايىغا سىنچىلاپ قاراپ باقمىغانئىدىم ،ئۇنىڭ ئۈجمە نوتىسىدەك زىلۋا سەرۋى قامىتى، بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا خۇپمۇ ياراشقان قىياقتەك قاشلىرى، قاپقارا قوي كۆزلىرى ئۈستىدىكى تال-تال كىرپىكلىرى ، ناچىدەك بۇرنى ئاستىدىكى غۇنچىدەك لەۋلىرى، لېۋىنىڭ ئۈستىدە كىچىككىنە خال...ئىھ، ئۇيغۇر قىزلىرى، ئاللاھ سىلەرنى نىمانچە ئۇز ياراتقان بولغىيدى؟!... كۆزلىرىمىز ئۇچۇرشۇپ يۈرۈكۈم ‹‹جىغغىدە›› قىلىپ قالدى، قىزغا قانداق نەزەردە قارىغاندىمەن؟ ئۇ ھۆپپىدە قىزىرىپ ھۇدۇقۇپ كەتتى، پاك مەسۇمە قىز قانداق ئويلاپ قالغاندۇ؟ ...

شۇچاغدا راخمان ئاكام:

ـ ئابلەھەت، تېرەكتۇرچىغا تېلىفۇن قىل، كەچ كىرىپ قالدى،-دېدى، تېلىفۇنۇمنى توكقا چېتىشنى ئۇنتۇپ قالغاچقا تۇكى تۈگەپ ئىتىلىپ قالغانىدى...

-ئەستا،-دېدى راخمان ئاكام جىلە بولغاندەك بېشىنى قاشلاپ،- پەزىلەت ، مەن ئابلەھەت بىلەن پاختىلارنى يولغا ئاچىقىپ خالتىلارغا قاچىلىغاچ تۇراي، سەن تىز بېرىپ تىرەكتۇرچىنى چاقىرىپ كەل.

پەزىلەتنىڭ چىرايىدىن ھېلىمۇ ھۇدۇقۇش چىقىپ تۇراتتى،ئۇ ئالدىراپ ماڭدى، ئۇ مەندىن خاپا بۇلۇپ قالغاندەك قىلاتتى، ئۆزۈمنى گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك ھىس قىلدىم...

كۈن ئولتۇرۇپ ،ئاسماندا قىپقىزىل شەپەق پەيدا بولدى، راخمان ئاكام بىلەن ئىككىمىز پاختىلارنى خالتىلارغا قاچىلاپ يولغا ئاچىقىپ بولغان بولساقمۇ پەزىلەت ياكى تىرەكتۇر كەلمەيۋاتاتتى ، ئەتىراپ بارغانسىرى قاراڭغۇلۇشۇپ قالدى.راخمان ئاكام تىت-تىت بۇلۇپ پەزىلەت كەتكەن تەرەپكە قاراپ ئۇياقتىن- بۇياققا ماڭغىلى تۇردى.مەنمۇ پەزىلەتنىڭ تېخىچىلا كەلمىگەنلىكىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.

- سەن ئالدىغا بېرىپ باققىن، مەن پاختىلارغا قاراپ تۇراي،- دېدى راخمان ئاكام .

مەن يۈگۈرگەندەك ماڭدىم، ئەتىراپ سىياھ چېچىۋەتكەندەك قاراڭغۇ . بۇ ئەتىراپتا ئۆي تۇلىمۇ شالاڭ بولۇپ بۇ يولدىن ئادەملەرمۇ ئانچە ماڭمايىتتى، ئەتىراپ چەكسىز كەتكەن كىۋەزلىك بولۇپ تار يول ئەتىراپىدىكى ئىگىز ئۆسكەن تىرەكلەر قاراڭغۇدا تۇلىمۇ مۇدھىش كۈرىنەتتى، ئەتىراپتىن ھۇ قۇشنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى...

-  يۇقال... ھۇ ئۆلگۈر... يۇقال!... ئانا...

بىرسىنىڭ چىقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈردۈم...

قاپقارا، قۇلاقلىرى دىڭ ، قاراڭغۇدا كۆزلىرى يېنىپ تۇرغان بىر مەخلۇق سەت ئاۋاز چىقىرىپ پەزىلەتكە خىرىس قىلىپ تۇرغانئىكەن، دەرھال يول ياقىسىغا قارىدىم، قۇلۇمغا ئىلگىدەك بىر نەرسە تاپالماي يەردىن تاشنى ئېلىپ ھېلىقى مەخۇلۇققا ئاتتىم پەزىلەتمۇ يۈگۈرۈپ كىلىپ دۈمبەمگە چاپلىشىپ تۇردى، ئۇ بەكمۇ قورقۇپ كەتكەچكە توختۇماي ئۆكسۈپ تۇراتتى ، تاش تەگمەي ھېلىقى مەخلۇق ماڭا ئېتىلدى، قانداق بولدى بىردەمدە ئۇنىڭ ئاغىزى قۇلۇمدا تۇرىدۇ ، قۇلۇمنى سىلكىسەممۇ ھېچ قۇيۋىتەي دېمەيدۇ، تەپسەممۇ مىت قىلماي تۇرىدۇ،ئۆزۈممۇ سەزمەي ئۇ مەخلۇق سەت غىڭشىپ قاچتى، ئەسلىدە پەزىلەت يۇغان تاش بىلەن ئۇنى ئۇرغانئىكەن.

-تىرەكتۇرچىنى چاقىرسام، يەنە باشقا يەردە تۇشۇيدىغان پاختا بار تۇشۇپ بولۇپلا بارىمەن دېدى، ئالدىراپ سىلەر تەرەپكە مېڭىۋاتسام، بۇ غالجىر ئىت نەدىن پەيدا بولدى ماڭا ئېتىلىپ كەلدى ، قۇرقۇپ كېتىپ يۈگۈرسەم كەينىمدىن قوغلىدى، ئولتۇرۋالسام ماڭا خىرىس قىلىپ تۇردى، يەنە ماڭسام يەنە ماڭا ئېتىلىپ چىشلىمەكچى بولدى، ماڭالماي مۇشۇ يەردە يىغلاپ ئولتۇردۇم، ئاكا، سىز كەلمىگەن بولسىڭىز...مەن... مەن قانداقمۇ قىلار ئىدىم .

- بولدى قورىقماڭ ئۇ كەتتىغۇ ئەنە...

ـ ئاكا، قۇلىڭىز؟...

قۇلۇمدىن قان ئېقىۋاتقاندەك قىلاتتى، پەزىلەت قۇلۇمنى تۇتۇپ قارىدى، ھارارەتلىك قول قۇلۇمغا تەگكەن ھامان تىنىم جۇغغىدە قىلىپ بىر خىل شىرىن سىزىم بەدىنىمگە تارقالغاندەك بولدى...

-  ئۆلگۈر ، شۇنداقمۇ چىشلىگەن بارمۇ،- ئۇ بېشىدىكى ياغلىقنى ئېلىپ  قۇلۇمنى تاڭماقچى بولدى.

-بولدى، پەزىلەت،- نىمىشقىدۇر ئاۋازىم شۇنچە تىتىرەپ چىقىپ كەتتى،- ياغلىقىڭىزنى بۇزىۋالماڭ.

- جىم تۇرىڭە.

شۇ تاپتا قىز قوللىرىمنى تۇتۇپ ماڭا ئەڭ يېقىن تۇرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ بارماقلىرىدىن كەلگەن ھارارەت بەدىنىدىن كىلىۋاتقان خۇش پۇراق، مىنى مەست قىلىپ قويغانىدى، شۇ تاپتا ئۇنى باغرىمغا چىڭ باسقىم كەلدى:‹‹ ئاھ، مەن ئىزدىگەن، مەن ئارزۇ قىلغان جانان مۇشۇ پەزىلەت ئىكەن ئەمەسمۇ؟! مۇشۇنداق ۋاپادار بىلەن توي قىلسام بەختىمنى تاپقان بولمامدىمەن؟...››

يولدا ئىككىمز يالغۇز كىتىپ بارىمىز، ئادەتتە خۇشال كۈلۈپ چۈرۈك ئاۋازدا سۆزلەپ كىتىدىغان قىز نىمىشقىدۇر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي مەن بىلەن ياندىشىپ كىتىپ باراتتى، يەنە ئۈچ- تۆت كۈندىن كىيىن يۇرۇتقا قايىتىمىز، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقىدەك كۈندە ئۇچۇرشۇپ تۇرالمايمەن، ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكىنى ئېيىتسام نىمە دەر؟دەيمۇ- دېمەيمۇ؟ ئەگەر قۇشۇلمىسا قانداق قىلارمەن؟ئۇنى رەنجىرتىپ قۇيارمەنمۇ؟... ئوغۇل بالادېگەن دادىلراق بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ ...

-پەزىلەت ...ـ ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە كۆڭۈلدىكى گەپنى دېمەك بەكمۇ تەسكەن، شۇ تاپتا تىلىم كالۋالىشىپ بۇغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى...

-ئاكا،ئەجەپ ئىسمىمنى چاقىرىپ توختاپ قالدىڭىزغۇ؟

- بىز يەنە بىر نەچچە كۈندىن كىيىن بۇ يەردىن كىتىمىز ھە؟

- بۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇپ قالاي ، دېگەنمۇ؟

- دېمەكچى بولغىنىم ، قايىتقاندىن كىيىن  بىز يەنە... يەنە كۆرىشەلەرمىزمۇ؟

- بىز ئاكا سىڭىلدەك بولۇپ قالدۇق ، ۋاقتىڭىز يەتسە، بىزلەرنى ياراتسىڭىز ئۆيىمىزگە كىلىپ تۇرۇڭ.

ـ پەزىلەت... مەن... مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن... بىز توي قىلايلى بۇلامدۇ؟

ـ ۋېيەي، نىمىنداق قېلىن گەپ قىلىسىز...، - پەزىلەت خىجىل بولۇپ يۈزىنى ئالقانلىرى بىلەن تۇرىۋالدى.

- بۇ مىنىڭ چىن سۈزۈم پەزىلەت...

- سىز دېگەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپتىكەنسىز، مەن بولسام قارا تۈرۈك قىز تۇرسام...

- ھەممىمىز ئوخشاش پەزىلەت... ماقۇل دەڭ بۇلامدۇ؟

نەدىن كەلگەن جۈرئەتكىن قىزنىڭ قۇلىنى ئاستا تۇتتۇم، ئۇ دەسلەپ قۇلۇمنى بوش سىلكىشلىدى، لېكىن ئۇنىڭ قۇلىنى قۇيۇپ بەرمىدىم...شۇ تاپتا ئىككى قەلپنىڭ بىر-بىرىگەچىڭ باغلانغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتىم...؛


شۇ كۈن مەن ئۈچۈن تۇلىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۈن بولدى، مەندەك ھازىرغىچە ئۆز جۈپتىنى تاپالماي تەم-تىرەپ يۈرگەن بىچارىغا تەقدىر پەزىلەتنى ئۇچراشتۇرغانىدى، ئۇنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم قىلىش نىيتىگە كەلدىم، مەيلى قانداق ئىش بولمىسۇن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولدۇم...

                                                                          7

بۇ يەردىكى ئىشمۇ تۈگەپ يۇرتقا قايىتتۇق، مەن راخمان ئاكام، پەزىلەت بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆيگە

كىردىم، ئەسلىدە ئۆيدىكىلەر بىلەن خۇشال- خۇرام كۆرىشەرمەن دەپ ئويلىغانئىدىم ، بىراق، مىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ قاپىقىدىن مۇز ياغدى:

- ئىككى ئاي بولدى، نەلەردە يۇندا پۇراپ يۈردۈڭ،- دېدى دادام ماڭا يەۋەتكۈدەك ئەلپازدا قاراپ.

- ئىشلىدىم،- دېدىم مەن دادامنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ.

-ھەي لايغەزەل ، سەن بىر كەتكەنچە ئەمدى قايتىپ كەلدىڭما؟ سەن كېتىپ ئۈچ قېتىم مەمۇرلۇق ئىمتاھانى ئالدى، سەن زادى نىمىلەرنى ئويلايسەن؟ سەن ... سەن زادى بۇ دۇنياغا خاتا تۇغۇلۇپ قاپتىكەنسەن...

يەنە شۇ گەپ، مەن زادى چۈشىنەلمىدىم، ئادەمنىڭ ئوقۇشىدىكى مەقسەت چۇقۇم خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ؟ ھازىر جەمئىيەتتە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن نى- نى ياشلار خىزمەت كۈتۈپ تۇرماستىن ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بۇيىچە ئىگىلىك تىكلەپ جەمئىيەتكە تۆھپىلەرنى قۇشىۋاتىدۇ، ھۆكىمەتمۇ ئۇلارنى قوللاپ ، مەدەت بىرىۋاتىدىغۇ... مەن ھەرگىز كىرەكسىز ئادەم ئەمەس، بىر كۈنلىرى مەنمۇ  چۇقۇم ئۆزۈمنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىمەن... ھەممىگە ئۆزۈمنىڭ كىرەكسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسۈتۈپ قۇيىمەن...

ئەسلىدە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن پەزىلەت بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆيدىكىلەرگە دېمەكچى ئېدىم، بىراق ئاتا- ئانامنىڭ يامان ئەلپازىدىن ئەنسىرەپ دېيەلمىدىم... كۈنلەر يەنە بۇرۇنقىدەك بىرئىزدا كىتىپ باراتتى، كۆڭلۈمدە ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىپ پەزىلەتنىڭ كۆڭلىنى بۇرۇنراق ئەمىن تاپتۇرۇشنى ئويلايىتتىم،   

-ئانا، دادا، مەن توي قىلاي دەيمەن.

-ياخشىغۇ، ئاخىرى بىرسىنى تېپىپسەندە، - ئانامنىڭ  توي  قىلىدىغىنىمنى ئاڭلاپ  شۇنچە خۇشال بولۇپ كىتىدىغىنىنى ئويلىماپتىكەنمەن،- ئۇ كىم، نىمە خىزمەت قىلىدىكەن؟

- ئۇ بىر دېھقاننىڭ قىزى...

ئانامنىڭ يۈزىدىن كۈلكە ئۆچتى، دادام ماڭا ئالىيىپ قارىدى.

- ئۇ گەرچە دېھقاننىڭ قىزى بولسىمۇ شۇنچىلىك ئىسىل قىز مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام چۇقۇم بەختلىك بۇلىمەن، ئانا، دادا، سىلەر مىنىڭ بەختىمنى ئويلىساڭلار ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىمغا قۇشۇلۇڭلار؟

-ئەمدىلىكتە ئۆيگە مۇشۇ گەپنى كۆتۈرۈپ كەلدىڭمۇ؟،- ئانام غالىلداپ تىتىرەپ كەتتى،- بىز سىنى شۇنچە جاپادا ئۇقۇتتۇق ، ئەتىراپقا قاراپ باق ،  ساڭا ئوخشاش ئۇقۇغانلارنىڭ قايسى بىرسى ئىش ئورنى يوق بىكارچى بىلەن توي قىپتۇ؟ سەن راستىنلا ھېچنىمىگە يارىماس ئەخلەت بوپسەن!... سەن... سەن مىنى جىلى قىلىپ ئۆلتىرەي دەۋاتامسەن!

- ئانا، مەن چىن  كۆڭۈلنى دەپ توي قىلىمەن ،  ماڭا بىراۋنىڭ ۋاپادارلىقى، چىن ئەقىدىسى كىرەك،ھەرگىزمۇ پۇلىنى، خىزمىتىنى، ئابرويىنى دەپ توي قىلمايمەن...

-ئۇسرۇق،-ماڭا داداممۇ قارشى قوپتى،- ھەي مىڭىسىنى قاغا چۇقىۋالغان، سەن بىر بىكارچى

يەنە كىلىپ بىكارچىدىن   بىرنى  تاپساڭ تۇرمۇشىڭنى  قانداق قامدايسەن ؟ كۇچىغا چىقىپ

داستىغان سالاي دەمسەن، ئىسىت، قۇشقاچچىلىكمۇ مىڭەڭ يوق لايغەزەل بىرنىمە بوپسەن...

-نىمە دېسەڭلار مەيلى، ئىشقىلىپ شۇ قىز بىلەن توي قىلغىنىم قىلغان!

-تۇيۇڭنى ئۆزۈڭ قىلىۋال، يۇقال... ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنمە... ئۆھۈ... ئۆھۈ...

ئۆيدىكىلەر بىلەن بۇنداق دېيىشىپ قېلىشىمنى  ئويلىماپتىكەنمەن، ‹‹ دادا!ئانا! ئوغلۇڭلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنسەڭلار بولماسمۇ، سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا ئوقۇمىغان ، خىزمىتى يوق ئادەملەر شۇنچە تۈۋەن ئورۇندا تۇرامدۇ؟ ئادەمنىڭ قىممىتى شۇنىڭ بىلەن ئۆلچىنەمدۇ؟ ياق مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن ...ھەرگىز ئىشەنمەيمەن!!!...››

                                                          ※          ※          ※

ئابلەھەت شۇ چىقىپ كەتكىنىچە پەيدا بولمىدى، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ دىرىكىنى قىلغان بولسىمۇ
ئۇنىڭ نەلەرگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدى.پەرزەنتى ھەرقانچە يامان بولسىمۇ مېھرى بولمايدىغان كىم بار؟ ئانا ھەر قېتىم ئۇنىڭ سۆرىتى سېلىنغان رامكىنى ئېلىپ قاراپ كىتەتتى، ھەر قېتىملىق نامىزىدا ئۇنىڭ ئۆيگە پاتراق قايتىپ كىلىشىنى تىلەپ يىغلاپ كىتەتتى، ئاتىسى بولسا ئەينى چاغدا ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ دەپ سالغان گېپىگە پۇشايمان قىلىپ ئىچى پۇشۇقىدا تاماكىنى كۆپ چىكىپ ئۇرۇقلاپ قالغانىدى... بىر كۈنى ئۇلارنىڭ كىچىك ئوغلى سىرتتىن يۈگۈرۈپ كىردى:
ـ دادا! ئانا! ئاكامدىن خەت كەپتۇ!
ـ نىمە؟ـ ئۇلار ئوغلىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىلىشتى، خەتتە مۇنۇلار يېزىلغانئىدى:
‹‹ قەدىرلىك دادا، مىھىربان ئانا، ۋاپاسىز ئوغلۇڭلاردىن سىلەرگە سالام، ئوبدان تۇردىڭلارمۇ؟ سىلەرنى بەك سېغىندىم، سېغىنغىنىمدىن ئۈنسىز ياش تۈكىمەن...يېنىڭلارغا قانچە باراي دېدىم، بىراق نىمىشقىدۇر ئالدىڭلاردا ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھىسابلاپ بېرىشقا پېتىنالمىدىم
مەن سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارنى ئالماي پەزىلەت بىلەن توي قىلدىم، تۇيۇمدا سىلەرنىڭ بولماسلىقىڭلار مەن ئۈچۈن ئەڭ ئازاپ بىلىندى، ئەھۋالىمنى بايان قىلسام، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن قېينى ئاتام راخمان، پەزىلەت بىلەن تۇيۇمىزنى قىلىپ قويدى، تويدىن كىيىن تۇرمۇشىمىز گەرچە جاپا- مۇشەققەتتە ئۆتسىمۇ لېكىن تۇلىمۇ مەنىلىك ئۆتتى... ئاڭلىسام ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئوقۇغىچىلارغا بانكىدىن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بىرىدىكەن، مەن قەرز ئېلىپ ئايالىم بىلەن ئاقسۇ تەرەپلەرگە چىقىپ شۇ يەردىن ئەللىك مو يەر ئېلىپ پاختا تېرىدۇق، تۇخۇ فىرمىسى قۇرۇپ تۇخۇ باقتۇق، ئادەم بىر ئىشقا ئىرادە قىلسا قورىقمىسا بۇلىدىكەن، ‹‹ ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن ›› دېگەندەك قەرزلەرنى بىر يىلغا قالماي تۈلەپ بولدۇق،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇنۇم ھەرگىز بىكارغا كەتمىدى،كېتابخانىدىن ئىلمىي باقمىچىلىق،دېھقانچىلىققا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭدىكى بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئەمىلىيەتتە قوللۇنۇپ ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئىرىشتىم. ھازىر تۇخۇ پىرمىسىدا ئون مېڭدىن ئارتۇق تۇخۇ، ئېغىلدا ئەللىكتەك قوي، يىگىرمىدەك كالا بار، بۇيىل پاختىلارمۇ ئوبدان بولدى، ئىشقىلىپ تۇرمۇشىمىز ھەر ھالدا ياخشى، بۇ جەرياندا ئايالىم مەن بىلەن كۆپ جاپالارنى تارتتى، ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا مەن قانداقمۇ قىلار بولغۇيدىم دەپ ئويلاپ قالىمەن، ئۇ دائىم: ‹‹ ئانام بىلەن دادام قانداقراق تۇرىۋاتىدىكىن ، يوقلاپ كەلسەك بولمامدۇ!›› دەپ سىلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ھەراسىت سىلەرگە دېسەم نەۋرەڭلار ھازىر تۆت ياشقا كىرىپ قالدى...شۇ تاپتا قانىتىم بولسا يېنىڭلارغا ئۇچۇپ بارغۇم كىلىدۇ... ئانا، دادا سىلەرنى سېغىندىم...سىلەر مېنى كەچۈرەرسىلەرمۇ...مەيلى كەچۈرۈڭلار ياكى كەچۈرمەڭلار ، مەن سىلەرنى چۇقۇم يوقلاپ بارىمەن!››

ئۇلار خەتنى ئۇقىۋاتقاندا ئابلەھەت، ئايالى بىلەن بالىسىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ بولغانئىدى...

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2857
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10593
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3322 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 08:30:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىتېەپ كەتتىميا ئاخىرىنى ئوقۇپ ، شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى ، ياخشى ئاياغلىشىپتۇ ، خوش بولدۇم

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2857
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10593
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3322 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 08:31:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 01:27 PM
شۇنداق  قىلىپ    ئۇ   يىگىت   پاختا  تەرگەن   يەردە  ،  باشق ...

ھىكايىنى بەك تولا ئوقۇۋىرىپ ئەقىللىق بوپ قاپسىز ، ئاخىرىنى ئوقۇڭ سىز دىگەندەك ئاياغلىشىپتۇ

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97331
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 08:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن

زۇلمەتتىن قۇتۇلۇشنى مىڭ يىل تىلىگەندىن، بىرتال شام ياققان ئەۋزەل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87681
يازما سانى: 580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 615
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 09:07:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ ھەقىقىي بەخىت، پايدا مەنپەئەت ئارىلاشمىغان ،چىن ئەقىدە بىلەن قۇرۇلغان  نىكاھ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97331
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 09:12:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكايىكەن  

زۇلمەتتىن قۇتۇلۇشنى مىڭ يىل تىلىگەندىن، بىرتال شام ياققان ئەۋزەل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش