|
|
|
|
مۇھەببەت ئۈچۈن توي قىلىمەن
ئېلى ياسىن (ئەختەر)
1
مانا ئوقۇش پۈتتۈرگىنىمگە ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، خىزمەتكە چىقىش ئىمتاھانلىرىغا قاتناشقان بولساممۇ ئۈتەلمەي ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالغان قېرى قىزدەك سىرىتقا چىقىشمۇ خوش ياقمايدۇ، ئاتا-ئانام ئىمتاھانىدىن ئۈتەلمەي سالپىيىپ ئۆيگە كىرگىنىمدە دەسلەپتە:‹‹ تىرىش، كىلەر قېتىم چۇقۇم ئۆتۈپ كىتىسەن ›› دەيىتتى، ھازىر ماڭا دەيدىغان گېپىمۇ يوق ئېغىر پۇشۇلداپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان، جەمئىيەتتە ماڭا ئوخشاش ياشلار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ چىقىش يۇلىنى تاپىدىكەن، مەنمۇ شۇنداق قىلسام بولماسمۇ دەپ ئويلۇدۇم، بىر كۈنى بۇ گېپىمنى ئۆيدىكىلەرگە ئېيىتسام:
-كاللاڭنى ھەرە چېقىۋالمىغاندۇ؟! بىز سىنى بىكارغا ئوقۇتتۇقمۇ، بۇ گېپىڭنى بۇرۇن دېسەڭ بولمامدۇ؟ پايدىسى يوق خىيالنى قىلماي ئىمتاھاندىن ئۆت،-دېدى ئانام زەردە بىلەن.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دىمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى ، كۈنلەر ئۈتىۋەردى ، باشقىلار نەزىرىدىكى ھەممىدىن ‹‹ بۈيۈك›› ھىسابلىنىدىغان ‹‹ تۈمۈر تاۋاق›› قا مەن تېخى ئىرىشەلمىگەنىدىم، بۇ ئىش ماڭا بەكلا ھار كەلدى ، مەنغۇ كۈنلىرىم ئاددى- ساددا بولسىمۇ مەنىلىك ئۆتسە، ئاددى ئىشلارنى قىلساممۇ قىممىتىم بولسا شۇنىڭغا رازى ئىدىم، بىراق ئاتا- ئانامنىڭ تاپا- تەنە قىلىشى، تۇنۇش- بىلىشلەرنىڭ مىنى كۆزگە ئىلماسلىقى ، مەسخىرە قىلىشلىرى ماڭا قاتتىق ھار كەلگەنىدى،‹‹ خەپ، مەنمۇ خىزمەتكە چىقارمەن››...
ـ يېشىڭمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، پۈتۈشكىنىڭ بولسا تۇيۇڭنى قىلىۋىتەيلى،- دېدى ئانام بىر كۈنى
راسىت، مەن بىلەن تەڭتۈشلەرنىڭ تۇرمۇش قۇرۇپ ئالدىنىڭ بىردىن بالىسى بولۇپ قالغانىدى، قاچانغىچە توي ئىشىمنى خىزمەتكە باغلىۋالاتتىم، توي قىلساممۇ قىلاي دەپ ئويلۇدۇم. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ناھىيىمىزدىكى بىر قىز بىلەن يىقىن ئۆتكەنىدىم. ئۇنىڭ ئۇچۇق- يۇرۇقلىقى، ئاۋازىنىڭ قوڭغۇراقتەك زىل يېقىملىقلىقى، تالچىۋىقتەك زىلۋا قامىتى، سۈت ئالمىسىدەك سۈزۈك رۇقسارى كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا سىڭىپ كەتكەنىدى... بىز تەڭ ئوقۇش پۈتتۈردۇق، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئۆيدە ئولتۇرۇپ خىزمەت كۈتىۋاتقان ئىدى، گەرچە مەكتەپتە شۇنچە يېقىن ئۆتكەن بولساقمۇ يۇرتۇمىزغا كىلىپ بىرەر ھەپتىدە بىر نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلىشقىنىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئالاقىمىز سۇسلۇشۇپ قالغانىدى، بەلكىم ھەر ئىككىلىمزنىڭ ئالاقىسىنى يەنىلا شۇ ‹‹ خىزمەت›› ئىشى سۇسلاشتۇرۇپ قويغان بۇلۇشى مۇمكىن. مەن ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ توي قىلايلى دىمەكچى بولدۇم.
ـ ئالمىرە تىچلىقمۇ؟ـ دېدىم مەن سەل ھۇدۇققاندەك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا بۇنچە ھۇدۇقمايىتتىم،ـ بىز بىر كۈرۈشسەك بوپتىكەن...
دېيىشكىنىمىز بويىچە ياشلار باغچىسىدا ئۇچۇراشتۇق، بىلمىدىم بىزنىڭ بۇقېتىمقى ئۇچۇرشىشىمىز شۇنچىلىك سۇس كەيپىياتتا بولدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن بۇرۇنقىدەك كۈلكە جىلۋىلەنمەيىتتى ، قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋازىمۇ پەسلەپ ئوبدان قۇلاق سالمىسا ئاڭلىغىلى بولمايىتتى.
ـ نىمە بولدى، ھېچ گەپ قىلمايسىزغۇ؟- دېدىم مەن ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇش ئۈچۈن.
ـ نىمە دەيمەن، گەپ بولسا سىز دەڭ،ـ دېدى ئۇ زورىغا مېيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ.
توۋا، بۇرۇن ئۇ مىنى ‹‹ سىز بەك كەمسۆز، ئون ئېغىز گەپ قىلسا بىر قېتىم مۆرىمەيسىز›› دەپ قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋازىنى چىقىرىپ كۈلۈپ كىتەتتى ۋە ئۆزىچە مەنىلىك پاراڭلارنى قىلىپ كەيپىياتنى كۈتىرەتتى، مەن ئۇنىڭ شۇ خىل مىجەز-خۇلىقىنى ياخشى كۈرەتتىم ئەمەسمۇ؟
مەن ئۇنىڭغا كۆڭلىمدىكى گەپلەرنى ئېيىتتىم:
ـ ئالمىرە، بىز بىر- بىرىمىزنى خېلى ئوبدان چۈشىنىمىز، ھەر ئىككىلىمىز بىر- بىرىمىزنى ھۆرمەتلەيمىز، سىزگە دېسەم گەرچە سىزگە كۆڭلۈم بولسىمۇ سىزنى بەكلا ھۆرمەتلىگەچكە كۆڭلۈمدىكىنى ئۇچۇق ئېيتالمىغانىدىم، بۈگۈن سىزگە ئېيتىش نىيتىگە كەلدىم، خالىسىڭىز بىز توي قىلساق...
ـ نىمە دېسەم بۇلا؟ـ دېدى ئۇ يەرگە قاراپ پۇتى بىلەن يەرنى سىجاپ،- بىلىمەن، سىز بەك ياخشى ئابلەت، بىراق بىز ھازىر خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋاتىمىز، ھازىر توي قىلساق مۇقۇم ئىش ئورنىمىز بولمىسا تۇرمۇشىمىزنى قانداق قامدايمىز؟ شۇڭا، سىزمۇ تىرىشىڭ مەنمۇ تىرىشاي، خىزمەت ئىشىمىز ھەل بۇلۇپ قالغاندا ئاندىن...
ـ ھەممە ئىشنى خىزمەتكىلا چېتىۋالساق بولماس، بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزمۇ خىزمىتى بولمىسىمۇ تۇرمۇش قۇرۇپ بەخىتلىك ياشاپتىكەنغۇ، مەن چۇقۇم قارا ئىش بولسىمۇ قىلىپ سىزنى باقالايمان.
- سىز ئۇنداق ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتمەڭ، بىز بىكارغا ئۇقۇدۇقمۇ؟ تىرىشايلى، بۇنداق بۇرۇن بەل قۇيۋەتسەك بولمايدۇ...
ئۇنىڭغا يەنە ئېغىز ئاچالمىدىم، ئالدىمىزدا يەنە ئىمتاھان ئېلىندى ، بەلكىم ئۆتەلمەسلىك ماڭا رىفلىكىس بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ،لېكىن خۇشاللىنارلىقى ئالمىرە ئۆتكەنىدى، مەن خۇددى ئۈزۈم ئۆتكەندەك خۇشال بولدۇم ۋە ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ تەبىرىكلىمەكچى بولدۇم.
ـ مۇبارەك بولسۇن ئالمىرە !
ـ رەھمەت، ھەراست، ھازىر ئۆيدىكىلەر بار ئىدى، بەش مىنۇتتىن كىيىن ئۆزۈم تېلىفۇن قايتۇرسام قانداق؟
بەش مىنوت... ئون مىنوت... بىركۈن... ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلسام ‹‹ سىز ئۇرغان نۇمۇر ئىتىۋېتىلگەن›› دېگەن ئاۋاز كەلدى...
شۇنىڭ بىلەن ئالمىرە بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئۆزۈلۈپ قالدى، بىر كۈنى ئۇنى يولدا ئۇچىراتتىم ، ئۇ بىرسىنىڭ موتسىكىلىتىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ كىتىپ باراتتى، ئۇ موتسىكىلىت ئارقىسىدا خۇددى بۇرۇن ماڭا سۆزلىگەندەك خۇشال جىلۋە بىلەن ئالدىدىكى يىگىتكە سۆزلەۋاتاتتى، ئۇنىڭ قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋازى يەنە ئەسلىگە كەلگەنىدى...
2
ـ بۇقىزنىڭ ئىسمى رەيھانكەن،شەھەرلىك ئوتتۇردا ئوقۇتقۇچى ئىكەن، ئاتا- ئانىسىمۇ خېلى قول ئىلكىدە بار ئادەملەركەن، ئالدى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭلار، مىجەزىڭلار چىقىشىپ قالسا تويۇڭلارنى قىلىۋىتەيلى، ھە راست ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندا مۇردىدەك ئولتۇرماي خۇش- خۇي بولغىن، مانا بۇ قىزنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرى، ئۇنىڭ دادىسى بىلەن داداڭ يېقىن ئۆتەتتىكەن، داداڭ ئۇنىڭغا دەپ يۈرۈپ ئاخىرى ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ، ئەمدى گەپ ئىككىڭلاردا قالدى، پۇرسەتنى قولدىن بەرمىگىن،ـ دېدى ئانام قۇلۇمغا قىزنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىنى تۇتقۇزۇپ ، ئۇ شۇنچە خۇشال كۆرىنەتتى ،ـ نىمە بۇ كىيمىڭ ، تۈزۈكرەك ياسىنىپ بارغىن، ساقاللىرىنىڭ ئۆسۈپ قېرى گادايغىلا ئوخشاپ قاپسەن، ساتىراچخانىغا بېرىپ ئالدۇرۋەت.
ئانامنىڭ دېگىنى بۇيىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقماقچى بولدۇم ، كونىلىرىمىزمۇ ئۇچىراشتۇرۇش يۇلى بىلەن توي قىلىشىپتىكەن، بەلكىم شۇ قىز بىلەن رىسىقىم قېتىلغاندۇ، مەن ئۆزۈمنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆيىدە كۈرۈشمەكچى بولدۇم، ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلغانىدىم ئۇ مىنى ئۆيىدە ساقلاپ تۇرماقچى بولدى، ئۇلار كىچىك ئولتۇراقلار رايۇنىدىكى بىنادا ئولتۇرىدىكەن، سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۆيىنى تەستە تاپتىم.شۇنچە ئىككىلىنىپ قوڭغۇراقنى باسىتىم، ئىشىكنى ئەللىك ياشلاردىكى بىر ئايال ئاچتى ، ئۇنى رەيھانگۇلنىڭ ئانىسى دەپ پەرەز قىلدىم ، ئىچكىرى ئۆيدىن خېلى كۆپ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى ، ئۆزەمنى ئەپسىز بىر چاغدا كەپقالغاندەك ھىس قىلدىم، ئىشىك ئېچىلىپ بولغاچقا كىرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەي بولمىدى ، رەيھاننىڭ دادىسى كۆزەينەك تاقىۋالغان ئەللىك- ئاتمىشلارغا كىرىپ قالغان ئادەم ئىكەن، قېشىدىكى ئىككى ئوغۇل يەنە ئۈچ قىز ئۇنىڭ باللىرى بولسا كىرەك ئۇلار مىنى كۆرۈپ تىڭىرقاپ قالغاندەك ئورنىلىرىدىن تۇرۇشتى.‹‹ رەيھانگۇل ئۆيدە ئاتا- ئانام، ۋە مەنلا بار دەۋاتاتتى، ئەستا، ئەمدى چىقىپ كىتىشنىڭ ئورنى بولمىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىسى رەيھانگۇلدۇ››
ئارىنى چىدىغۇزىسىز جىمجىتلىق باستى، ئۆزۈمنى شۇنچىلىك يات، مىھرى سۇغۇق بىر يەرگە كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.
ـ سىز داۋۇتاخۇننىڭ ئوغلى بۇلىسىزغۇ دەيمەن؟- دېدى رەيھانگۇلنىڭ دادىسى بۇرنى ئۈستىگە چۈشۈپ قالغان كۆز ئەينىكىنى ئۈستىگە سۈرۈپ قۇيۇپ
ـ شۇنداق...
ـ دادىڭىز بىلەن يىقىن ئۆتىمەن، دادىڭىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئوغلۇم بار دەيىتتى، سىز شۇ بۇلامسىز؟
ـ شۇنداق.
ـ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپ نىمە خىزمەت قىلىۋاتىسىز؟
ـ خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇرىمەن...
ـ ئوقۇش پۈتتۈرگىنىڭىزگە قانچىلىك بولدى؟
ـ ئىككى يىلدىن ئاشتى.
ـ ئىككى يىلغىچە ئىمتاھانلارغا قاتناشمىغانمۇ؟
ـ قاتناشقان، بىراق ئۆتەلمىدىم.
شۇ تاپتا چىكەمدىن تەر چىقىپ كەتتى، ئۆزەمنى ئۆيدە ئەمەس بەلكى جازاغا بۇيرۇلۇش ئۈچۈن سۇراق قىلىنىۋاتقان مەھبۇستەك ھىس قىلدىم...
ـ يېشىم ئاتمىشتىن ئېشىپتۇ، ئىككى ئوغلۇم تۆت قىزىم بار ، يەنە باللىنىڭ ئالدىنىڭ ئىككىدىن بالىسى بار، مەن باللىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلدىم ، ئىككى ئوغلۇم ناھىيلىك كادىرلار ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ، بىر قىزىم دوختۇر، يەنە بىرى مۇھىت ئاسىراش ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ، كىچىك قىزىم رەيھانگۈل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپلا ناھىيلىك ئوتتۇرغا خىزمەتكە چۈشتى، ھەي، ئاتا- ئانا بولغۇچى باللىرىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ياشايدىكەن...باللىرىمىزنى خىزمەتچى،كادىر قىلىشنى ئويلىمىساق ئالىي مەكتەپتە بىكارغا ئوقۇتاتتۇقمۇ؟... شۇڭا سىزمۇ بۇنداق يۈرمەي تىزراق خىزمەتكە چىقىشقا تېرىشىڭ...
ئۇ شۇنداق دەپ قۇلىغا تىزگىنەكنى ئېلىپ تېلىۋۇزۇرنى ئاچتى، قەلبىمدە بۇ ئۆيگە نىمىشقىمۇ كەلگەندىمەن دەپ قاتتىق پۇشايمان قىلدىم.
ـ مەن ماڭاي ،- دېدىم مەن بۇ ئۆيدىن تىزراق چىقىپ كىتىش ئۈچۈن.
ـ بىردەم ئولتۇرمامسىز، رەيھانگۇل ئازراق ئىشىم بار ئىدى دەپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ، ھېلىغىچە كىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى.
ـ بولدى، رەھمەت ، باشقا چاغدا كىلەرمەن،-خۇددى بىرسى ئارقامدىن ئىتتىرگەندەك ئالدىراپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم.
ـ خوش ئەمىسە، دادىڭىزغا سالام ئېيتىپ قۇيۇڭ.
ئىشىكنىڭ گۈپپىدە يېپىلىشى بىلەن ‹‹ئۇھ›› دېدىم ، پەشتاقتىن چۈشىۋېتىپ بىر قىز بىلەن دۇقۇرشۇپ قالدىم ئۇ تېلىفۇندا سۆزلىگەچ مەن كىرگەن ئۆينىڭ قۇڭغۇرىقىنى باستى:
ـ خوش ئەمىسە، مەن ئۆيگە كەپ بولدۇم ، كەچتە كۈرىشەيلى،- ئۇ شۇنداق دېدىدە تېلىفۇنىنى بېسىۋېتىپ ماڭا بۇرۇلۇپ قاراپ قويدىدە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، چېچىنىڭ ئۇيەر- بۇ يىرىنى سېرىق بۇيىۋالغان، يۈزىنى ئۇن سۈرىتكەندەك ھەددىدىن ئارتۇق ئۇپپىدا ئاقارتىۋالغان، ساغىرسىنى دۇتتارنىڭ كۆپتۈرمىسىدەك چىقىرىپ پادىچىلار شىمى كىيىۋالغان بۇ قىز رەيھانگۈلدەك قىلاتتى، ‹‹ مۇشۇنداق كىيىملەرنى كىيىپ، مۇشۇنداق ياسىنىپ دەرس مۇنبىرىغا چىقىپ گۈدەك قەلىپلەرگە قانداقمۇ بىلىم ئۇرۇقى چاچالارسەن؟ ئىسىت سىنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغىنىڭ... مىنىىڭچە مەيخانىلاردا كۈتكىچى بۇلىدىغان نىمىكەنسەن... ››
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-19 05:51 PM
|
|
|
|
|
|