سۇرىيەنىڭ G-0تەقدىرى
ئاپتورى: ئىئان برېممېر (ئامېرىكا)
تەرجىمىدە: نەپرەت2009
ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ
20 دۆلەت گۇرۇھى (G-20) سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدنىڭ زەھەرلىك گاز بىلەن 1400 دىنئارتۇق سۇرىيە پۇقراسىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئەيىبلەشكە ئالاقىدار يىغىن ۋەكەچلىك تاماق مۇزاكىرىسىنى ئاللاقاچان ئاخىرلاشتۇردى. فرانسىيە، ئەنگلىيە،تۈركىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بولسا ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى جون كېررىينى ئالدامچى، بەشار ئەسەدكە پايدىسىز ئەمەلىيئىسپات تاپالمىدى دېدى. روسىيە ۋە جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قوراللىق ئارىلىشىش لايىھىسىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەستىقى بولمىسا ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىدا چىڭ تۇردى. چەتتە قاراپ تۇرغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە پاپا فرانسمۇ «ھەربىي ۋاسىتە ئارقىلىق» سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەممىسى كۈتمىگەن يەردىن چىقتى. ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە يەنە باشقادۆلەتلەر روسىيەنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىدەك رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا داۋاملىق دەۋەت قىلدى؛ ئىتتىپاقدىشى سۇرىيەنى قوغداشقا ئالدىراپ كەتكەن روسىيەلىكلەر ئىسپات يېتەرلىك ئەمەس دېگەننى باھانە قىلىپ ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى؛ سۇرىيەدىكى قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى ھېلىمۇ داۋاملاشماقتا.تالاش-تارتىشنىڭ قىزىق نۇقتىسى ھازىر ئامېرىكا پارلامېنتىغا يۆتكەلدى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە تەنھا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن تەشكىللەنگەن ئاز كۆرۈلىدىغان ئىتتىپاق پرېزىدېنتنىڭ پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى.
داۋاملىق قان تۆكۈلۈشنى توسۇشنى خىيال قىلغان ئادەمنىڭ باشقا تاللىشى يوق. ئوبامانىڭ باشقا تاللىشى يوق، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي جاھىل كېسىلى سەۋەبلىك ئاغزى-بۇرنى قانغا بويالغان ياۋروپالىقلار ۋە بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلاپ چۈشىشىنى تېزراق كۆرۈشنى ئارزۇقىلغان لېكىن ئامما ئالدىدا ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان ئەرەب رەھبەرلىرىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى داۋىد كامېيرون بەشار ئەسەد مەسىلىسىدە يېڭى ئىسپات تاپقانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن پارلامېنت بېلەت تاشلاپ ھەربىي ھەرىكەتنى قوللاشنى رەت قىلدى. فرانسىيە قاتنىشىشنىخالىدى، ئەمما باش بولۇشنى خالىمىدى. ئەرەب ئىتتىپاقى «خەلقئارا جەمئىيەت»نىڭ قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى، لېكىن قورال كۈچى ئىشلىتىشنى قوللاپ كەتمىدى. ئوباما پارلامېنتتىن كەلگۈسىدە خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىشنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان چەكلىك ھاۋا ھۇجۇمىنى تەستىقلىشىنى تەلەپ قىلدى، ئەمما سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئويىدا بولمىدى.
بەشار ئەسەد، سۇرىيەقوزغىلاڭچىلىرى، ئامېرىكىلىقلار، روسىيەلىكلەر ۋە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسىنى تەنقىدلەش كېرەك. ئەمما ئۆز ئارا ئەيىبلەشسە ئاسانلا ھەقىقىي مەسىلىگە سەل قارىلىدۇ: سۇرىيە ۋەزىيىتى بۈگۈنگىچە «G-0» يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ كۈچلۈك ئاساسى بولالايدۇ، يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە، ھېچقايسى دۆلەت ياكى بىر قانچەدۆلەت يەر شارىۋى رەھبەرلىك ھوقۇقى پەيدا قىلىدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە بەدەلنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۈچ سەۋەبى بار، ئامېرىكا، فرانسىيە بېلگرادنى بومباردىمان قىلغاندەك دەمەشىقنى بومباردىمان قىلغان تەقدىردىمۇ، كوسوۋو ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندەك سۇرىيە توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرالمايدۇ.
ئالدى بىلەن، سۇرىيە مەسىلىسى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆپلىگەن مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ. گەرچە بومباردىمان قىلىش بەشار ئەسەدنى سەل تەپتارتىدىغان قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ بۇ سەۋەبلىك تەسلىم بولمايدۇ ياكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ. بۇ جەرياندا نىشانى زىددىيەتلىك ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ چوقۇم ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشىنى ئويلاشقاندا، كىشىلەرمۇ قانداق بومباردىمان قىلغاندا ئاندىن سۇرىيەنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىم تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
ئامېرىكا، ياۋروپا سۇرىيەنىڭ رايوندا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. روسىيە ۋە ئىران ئۆزىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئىتتىپاقدىشىنى قوغداشنى خىيال قىلىدۇ. تۈركىيە،سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە قاتار سۇرىيە ۋە ئىراننىڭ ئارىلىق ساقلاپ، چېگرا ھالقىغان ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سۇرىيە شۇڭا رايونلۇق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار سىرتقى كۈچلەرنىڭ قوللىشىدا تەسىر كۈچ تالىشىدىغان سەھنە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئىككىنچىدىن، بىردىنبىر قارار قىلىش رولىنى ئوينايدىغان دۆلەت ئامېرىكا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاتنىشىشنى داۋاملىق بايقۇت قىلىدۇ. كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار سۇرىيەنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىگە ئارىلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئۇلار ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن بىزار بولدى ھەمدە رەھبەرلىرىدىن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە خىزمەت ئورنى يارىتىشقا كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئوباما پارلامېنتنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندىمۇ ئېھتىياتچان بولدى، چۈنكى ئۇنىڭ رىقابەتچىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بېلەت تاشلاپ چەكلىك قولللىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلاربارلىق ئاماللار بىلەن ئوبامانى ياخشى كۈن كەچۈرگىلى قويمايدۇ.
ئەڭئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىن ئېغىر ۋەزىپىنى بۆلۈشۈپ ئۈستىگە ئېلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈشكە ئامالسىز. لىۋىيە قازافى قىسىملىرى كەڭ زېمىننى كېسىپ ئۆتكەندەبومباردىمان قىلىش ئاسان ئىدى. ئەكسىچە، بەس-بەستە قېچىپ چىقىۋاتقان مۇساپىرلارغا قارىماي نوپۇس زىچ دەمەشىقنى بومباردىمان قىلىش شۈك-شۈبھىسىز زور ساندىكى سۇرىيە پۇقرالىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىدۇ.
ئالدىنقى ئەۋلاد غەرب رەھبەرلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپانىڭ ئەڭ قانلىق بالقان توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغىنىغا ئوخشاش، فرانسىيەلىكلەر سۇرىيەگە ئۇچقۇچى ۋەئايروپىلان ئەۋەتىشكە تەييارلاندى. ئەمما ئەنگلىيە تېخى بۇ مەسىلىدە بىردەكلىككە كەلمىدى. بۇنىڭدىن سىرت، كۆپ ساندىكى ياۋروپا رەھبەرلىرى ياۋرو رايونىدىكى دۆلەت ئىچى كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ باشقا ئىشلار بىلەن چولىسى يوق. مەسىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل پات ئارىدىكى چوڭ سايلام كېلىشتىن ئىلگىرى زۆرۈر بولمىغان بارلىق خەتەرلىك ئامىللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلايدۇ.
ئوخشاشلا،مىسىر مالىمانچىلىقى، ئىراق، لىۋىيە زوراۋانلىقىنىڭ كەسكىنلىشى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىجتىمائىي داۋالغۇشى سەۋەبلىك ئېغىز-بۇرنى قانغا بويالغا نئەرەب رەھبەرلىرى غەرب دۆلەتلىرىنى مۇسۇلمان دۆلىتىنى بومباردىمان قىلىشىغا ئاشكارا تەكلىپ قىلمايدۇ. ھەتتا كانادامۇ بۇ قېتىم قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇردى.
بۇنداقG-0 مەسىلىسى مەڭگۈ داۋاملىشىۋەرمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، كونتروللىقىنى يوقاتقان سىياسىي يانغىن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ھەمكارلىشىشىنى مەجبۇرقىلىدۇ. ئەمما بەختسىز سۇرىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت ئۇلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە تايىنىش خېلىلا يېتەرلىك ئەمەس.
ئاپتورى: ئىئان برېممېر ياۋروئاسىيا گۇرۇھىنىڭ لېدىرى؛ «ئۇتقۇچىلار ۋە ئۇتتۇرغۇچىلارنىڭG-0 دۇنياسى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-16 01:51 PM