رۇستەم قاراسۇ
چاقچاقچى ھىسام قۇربانغا مەرسىە
قان يغلايدۇ ماتەمدىن بۈگۈن ئىلى ۋادىسى،
چۈنكى كەتتى ئالەمدىن ھىسام دېگەن بالىسى.
ياق،تەڭرىتاغ تارىممۇ ياش تۆكىدۇ ئوغلىغا،
بىرىپ قويدۇق ھىسامنىى ئەجەل ئاتلىق ئوغرىغا.
ئەمدى قانداق قىزىيدۇ ئىلىلىقنىڭ سورىنى،
دورىغانلار ھىسامنىڭ باسالامدۇ ئورنىنى؟
كۆنۈپ قالغان خەلقىمىز چاقچىقىغا ئەجەپمۇ،
شۇ ۋەجىدىن تەۋرىدى پىقىردىكى قەلەممۇ.
نۇرلۇق يۇلتۇز ساقىدى ئاسمىنىدىن ئۇيغۇرنىڭ،
بۇ مۇسىبەت يىغلاتتى يۈرۈكىنى نۇرغۇننىڭ.
كەتكەن ئىدى تۇداخۇن يۈرەكلەرنى يىغلىتىپ،
كۈلدۈرمەككە خەلقىمنى ئۇ قالسىچۇ مەن كىتىپ.
رەھمەتلىكنڭ روھىنى قورۇپ قويماي بولدى بەس،
ئەمدى ئۇنداق ئوغلاننىڭ تۇغۇلمىقى بەكمۇ تەس.
تەغدىر دېمەي نە ئىلاج ئاجىز تۇرساق ھەمىمىز،
كەتكەن بىلەن ئايرىلىپ ھايات دەيدۇ قەلبىمىز.خەلقىمىز.
رۇستەم قاراسۇئاتۇش...2013.9.15..كەچ سائەت 10دا يېزىلدى
ئالاتاۋ چىگرا ئىغزىدا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-16 12:00 AM