مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3226|ئىنكاس: 10

NASA بۈگۈن «سەپەرچى-1» نىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

217

تېما

730

يازما

947

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
730
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41822
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2612 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-3-11
NASA بۈگۈن «سەپەرچى-1» نىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى

بىلىمخۇمار

ناسا بۈگۈن پۈتۈن دۇنياغا 1977-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغان ئالەم ئۇچقۇرى «سەپەرچى-1» نىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.  سەپەرچى-1 نى ناسا مەركىزى جپل ياسىغان بولۇپ، ئۇنى ھازىرمۇ جپل باشقۇرىدۇ.  سەپەرچى-1 نىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن رەسمىي ئايرىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان سانلىق مەلۇماتلار دۇنياغا داڭلىق «ئىئىلم-پەن ژورنىلى» (Science Journal) ئەڭ يېڭى سانىغا بېسىلغان بولۇپ، بۈگۈن ناسا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر مۇخبىرلار يىغىنى چاقىردى، ھەمدە يۇقىرىقى خەۋەرنى ئاشۇ يىغىندا ئېلان قىلدى.  بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەرگە بۈگۈن بۇ مۇخبىرلار يىغىنىنىڭ نەخ مەيدان كۆرىنىشى قويۇپ بېرىلدى.  بۈگۈن ئامېرىكىدىكى بارلىق چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرى مۇشۇ ئىشنى خەۋەر قىلىۋاتىدۇ.

مەن سەپەرچى-1 ھەققىدە نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر يازما تەييارلىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قالغان ئۇچۇرلارنى ئاشۇ يازمىدىن كۆرىۋېلىشى ئۈچۈن، ئۇ يازمىنى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم.  لېكىن، رەسىملەرنى قايتا چاپلىمىدىم.  شۇڭا ئوقۇرمەنلەردىن رەسىملەرنى ئەسلىدىكى تور ئادرېسىدىن كۆرىۋېلىشىنى سورايمەن.

1-رەسىم: سەپەرچى-1 نىڭ بىر كۆرىنىشى
2-رەسىم: سەپەرچى-1 بىلەن سەپەرچى-2 نىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئورنى (سىزىلغان رەسىم)

2013-يىلى 12-سىنتەبىر

تورداشلارغا ماۋۇ تېمىنىمۇ تەۋىسىيە قىلىمەن:
http://bbs.bagdax.cn/thread-19793-1-1.html
= ============================================== =
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107626-1-1.html
«سەپەرچى-1» ناملىق ئالەم ئۇشقۇرى قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كېتىشكە ئاز قالدى

1977-يىلى، ناسا ئالەم بوشلىغىنى تەكشۈرىدىغان، ئىنگلىزچە «Voyager» («سەپەرچى» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىلىدىغان 2 سەپەرچىنى قويۇپ بەردى. بۇ سەپەرچىلەرنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى «يۇپىتېر» بىلەن «ساتۇرن» دىن ئىبارەت ئىككى پىلانېتىنى تەكشۈرۈش بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى 1981-يىلى غەلىبىلىك ئورۇنلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ۋەئىزىپىسى ئۇزارتىلىپ، داۋاملىق تۈردە قۇياش سېستىمىسىنىڭ ئەڭ چېتىگە قاراپ ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇردى.

بۇ 2 سەپەرچى قۇياش سىستېمىسىدىكى چوڭ پىلانېتالارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ بولدى. سەپەرچى-2 سەككىز پلانېتا ئىچىدىكى قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغان نېپتۇننىڭ قېشىدىن 1989-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتتى.  ھازىرغىچە ناسا قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ سىرتىغىچە بارغان ئالەم تەكشۈرگۈچىلىرىدىن جەمى تۆتنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇرۇنقى ئىككىسى «پيونۇر 10» ۋە «پيونۇر 11» (Pioneer 10 ، Pioneer 11 ) دەپ ئاتالغان ئىدى. لېكىن، بۇ ئىككى سەپەرچى ئالدىنقى ئىككىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈپ، ئىنسانلار ياساپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان نەرسىلەر ئىچىدە ئەڭ يىراققا بارغان نەرسىگە ئايلاندى.

بۇ ئىككى سەپەرچىنىڭ ئۈستىدە بىردىن ئالتۇن تەخسە بار بولۇپ، ئۇنىڭ دىيامەتىرى 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇ پەتىپۇن تەخسىسىگە ئوخشاپ كەتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يەر شارىدىكى ھاياتلىق بىلەن مەدىيەتنىڭ كۆپ خىللىغىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىملەردىن 115 پارچە رەسىم، ۋە ھەر خىل ئاۋازلار قاچىلانغان بولۇپ، ئۇنداق قىلىشتىن مەقسەت باشقا پىلانېتالاردىكى ھاياتلىقلار ئۇچراپ قالسا، ئۇلارنى مۇشۇ ئارقىلىق قارشى ئېلىش. قاچىلانغان ئاۋازلارنىڭ ئىچىدە ئوخشىمىغان مەدىيەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىردىكى مۇزىكىلىرىمۇ قاچىلانغان.  ئۇ ئالتۇن تەخسىنىڭ بىس نۇسخىسى بىزنىڭ ئىدارىدە بار بولۇپ، ئۇنىڭغا 28 مىللەتنىڭ تىلىدا باشقىلارنى قارشى ئەلىش ئاۋازى قاچىلانغان ئىكەن.  مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «سالام» دەگەن ئاۋاز بىلەن «سەلام» دەگەن بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئىككى سوز چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرچە ئوخشايدۇ، دەپ ناھايىتى خوشال بولۇپ، ئۇ 28 مىللەتنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپ چىقتىم. نەتىجە يۇقىرىقى ئىككى سۆزنىڭ بىرى تۈركچە،يەنە بىرى ئەرەپچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم.  «ئىسىت!» دېدىم ئىچىمدە--«كېلەر قېتىم چوقۇم ئۇيغۇرچىنىمۇ كىرگۈزۈشكە تىرىشمىسام.»

ئامېرىكا گېئو-فىزىكا بىرلىكىنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلى «گەئو-فىزىكا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىلى 3-ئايدىكى سانىغا بېسىلغان بىر ئىلمىي ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، سەپەرچى-1 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەن.  ئۇ يەرنىڭ بىزنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 17.6 مىليارد كىلومېتىر ئىكەن.  ئۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ دېيىشىچە، سەپەرچى-1 نىڭ ئۈستىدىكى بىر ئۆلچەش ئەسۋابى ئۆلچەۋاتقان رادىئاتسىيىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان.  يەنى غەيرى كائىنات نۇرى (anomalous cosmic rays) بىراقلا ئاجىزلاپ، يۇلتۇزلارنىڭ كائىنات نۇرى (galactic cosmic rays) بىراقلا كۈچىيىپ كەتكەن.  سەپەرچى-1 نىڭ ئۈستىدىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى مۇشۇنداق سىگنالنى مىكرو-دولقۇن ئارقىلىق يەر شارىغا قارىتىپ تارتقىدۇ.  يەر شارىدا دىئامېتىرى 30 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولغان ئۈچ چوڭ مىكرو-دولقۇن ئانتېنناسىدىن تەركىپ تاپقان، يەر شارىدىكى ئوخشىمىغان ئۈچ جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى خەۋەرلىشىش تورى» (Deep Space Networks) بار بولۇپ، ھېلىقىدەك سىگناللارنى ئاشۇ ئۈسكۈنىلەر يىغىۋالىدۇ.  

يۇقىرىدىكى ئىلمىي ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەكۈنگە نىسبەتەن، ناسا مۇ بىر بايانات ئېلان قىلدى.  ئۇ باياناتنامىدا ئېيتىلىشىچە، سەپەرچى-1 بىر يېڭى «ماگنېتلىق تېز سۈرئەتلىك يول» رايونىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئىسپات بولالايدىغان ماگنېت مەيدانى يۆنىلىشىدىكى ئۆزگىرىش ھازىرغىچە تېخى بايقالمىغان.

سەپەرچى-1 نى ناسا ئۈچۈن JPL باشقۇرۇپ بېرىدۇ.  ناسا نىڭ ھازىرقى پىلانىچە، سەپەرچى-1 نىڭ توك مەنبەسى 2020-يىلى ئۈزىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىشى 2025-يىلى توختۇتىلىدۇ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى :
http://www.latimes.com/news/science/sciencenow/la-sci-sn-voyager-edge-solar-system-20130320,0,30837.story

http://voyager.jpl.nasa.gov/mission/index.html

رەسىملەر:




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-13 09:52 AM  


1-رەسىم

1-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

216

يازما

216

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 61891
يازما سانى:
216
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4169
تۆھپە :
90
باھا :
114
توردا:
456 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-10-23
ئاخىرقى:
2016-1-25
ۋاقتى: 2013-9-13 17:30:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Rahmat aka sizga

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

6

تېما

932

يازما

938

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18699
يازما سانى:
932
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2831
تۆھپە :
452
باھا :
406
توردا:
2068 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-23
ئاخىرقى:
2016-3-8
ۋاقتى: 2013-9-13 18:25:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلەمدە يەتتە قات ئاسمان بولىدىكەن دەپ ئاڭلىغان بۇ ئىككنچى ئاسمانمىدۇ؟

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

4

تېما

787

يازما

791

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 92091
يازما سانى:
787
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3273
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2186 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-22
ئاخىرقى:
2015-11-24
ۋاقتى: 2013-9-13 18:29:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپەرچى-1 نىڭ توك مەنبەسى 2020-يىلى ئۈزىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىشى 2025-يىلى توختۇتىلىدۇ.
ئۇنداق بولغاندا 5 يىلغىچە قايسى ئىنىرگىيە بىلەن ھەركەت قىلدۇ؟

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

چىراقپاي

1

تېما

811

يازما

812

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64123
يازما سانى:
811
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10586
تۆھپە :
100
باھا :
90
توردا:
1523 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-11-8
ئاخىرقى:
2016-3-11
ۋاقتى: 2013-9-13 19:41:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ تىنىنىڭ سالامەت،ئۆمرىنىڭ ئوزۇن بولۇشىنى ئاللاھتىن
تىلەيمەن!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

44

تېما

751

يازما

795

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77212
يازما سانى:
751
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6006
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
291 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-3-10
ئاخىرقى:
2016-3-10
ۋاقتى: 2013-9-13 19:44:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى بىرىنچى قات ئاسىمانىڭ چىكىگە بارمىدى! بۇ بۇسۇغا

18

تېما

2265

يازما

2283

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 75010
يازما سانى:
2265
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4947
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
1615 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-7
ئاخىرقى:
2016-3-11
ۋاقتى: 2013-9-13 19:46:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئەركىن ئاكا:

بۇ ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ قۇياش سىسىتىمىسىدىن ھالقغانلىقىدىن خۇشالمەن.بۇ ئۇچقۇرنىڭ سەپىرىنىڭ مەقسىدى بولسا سامان يولى سىستىمىدا باشقا ھاياتلىق داۋام قىلىۋاتقان پىلانىتلارنى ئىزدەش ۋە شۇ ھاياتلىق داۋام قىلىۋاتقان پىلانىتلاردىكى جانلىقلارغا يەرشارىنىڭ سالىمىنى يوللاشتىن ئىبارەت.بۇ سالام يوللاش شەكلى دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىلى،سەنئەت جەۋھىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ جۇڭگۇنىڭ جىڭجۇ تىياتىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئون ئىككى مۇقامىغىچە يۇقارقى فاتىفۇنغا كىرگۈزۈلگەن،رەسىملەردىن سەددىچىن سىپىلى،تەڭرى تىغىنىڭ ھاۋادىن تارتىلىشىمۇ قۇشۇلغان.بۇ ئالەم ئۇچقۇرى قۇياش سىسىتىمىسىغا قاراپ ئۇچۇدۇ،ھاياتلىق بار پىلانىت تاپقانغا قەدەر ئىزدەشنى داۋام قىلىدۇ دىگەندەك بىر خەۋەر ئاڭلىغانلىقىم يادىمدا بۇرۇن.!بۇ بۇ ئىشتىن شۇ چاغدىكى خەۋەرنى يادىمغا ئالدىم.

يەنە سىزنىڭ ئۇيغۇرچىنىمۇ قۇشۇپ قۇيۇشنى ئويلىغانلىقىڭىزدىن تەسىرلەندىم.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

رامو

3

تېما

1257

يازما

1260

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 15527
يازما سانى:
1257
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
13752
تۆھپە :
353
باھا :
377
توردا:
6030 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-10-28
ئاخىرقى:
2016-3-8
ۋاقتى: 2013-9-13 22:56:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مۇھىم بىلىملەرنى يەتكۇزگىنىڭىزگە رەخمەت!تىمىللىرىڭىزغا داۋاملىق ئىنتىزارمىز!

2

تېما

1505

يازما

1507

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95726
يازما سانى:
1505
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6061
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1029 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-6-4
ئاخىرقى:
2016-2-11
ۋاقتى: 2013-9-13 23:01:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.ئۆزى توختىغۇچە ماڭدۇرسا بولمامدۇ؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

14

تېما

421

يازما

435

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 642
يازما سانى:
421
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10853
تۆھپە :
379
باھا :
289
توردا:
4938 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-24
ئاخىرقى:
2016-2-21
ۋاقتى: 2013-9-14 19:22:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-13 05:29 PM
سەپەرچى-1 نىڭ توك مەنبەسى 2020-يىلى ئۈزىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئى ...

ئۆزىنىڭ ئوربىتىسىدا ئايلىنىدۇ....ئالەملىك تارتىش كۈچى بىلەن..مېنىڭچىمۇ شۇنداق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-3-11 10:33 PM, Processed in 0.884709 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش