مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 838|ئىنكاس: 5

بابۇر مىرزىنىڭ ئۇستازلىرى (بىرىنچى ماقالە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22440
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7132
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2137 سائەت
تىزىم: 2010-12-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 12:05:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يىل ئەتىياز ئۆزبېك شائىرى خۇرشىد دەۋراننىڭ «بابۇر مىرزىنىڭ ئۇستازلىرى: ئىككىنچى ماقالە» دېگەن ماقالىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، مىسرانىمدا كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان ئىدىم، شۇ پېتى بولسا ماقالە تولۇق بولماي قالىدىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ كىشىنىڭ بىرىنچى ماقالىسىنىمۇ ئىزدەپ تېپىپ، مەزكۇر شائىرنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن قوشۇپ يوللىدىم.
بۇ ماقالە ئانچە قىزىقارلىق ئەمەس ھەم سىزنى كۈلدۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئۇزۇن بولغاچقا زېرىكتۈرۈپ قويۇشى مۈمكىن، شۇڭا كۆپ خەتلەرنى كۆرسە كۆزى ئىمىر-چىمىر بولۇدىغانلار ياخشىسى ئوقۇمايلا قويۇڭ، ئېھتىمال مۇشۇنداق تىمىلارغا قىزىقىدىغانلار سۆيۈپ ئوقۇشى مۈمكىن ، شۇنداقلار ئوقۇپ باھالارنى بەرسە بۇ مېنىڭ نەچچە كۈن ئولتۇرۇپ قىلغان ئەمگىكىمدىن سۆيۈنۈپ قېلىشىم مۈمكىن.

بابۇر مىرزىنىڭ ئۇستازلىرى (1)


ئاتاقلىق ئۆزبېك شائىرى خۇرشىد دەۋران 1952-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ قەدىمىي شەھىرى سەمەرقەندتە تۇغۇلغان.1977-يىلى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1979-يىلى ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ھازىر ئۆزبېكىستان تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى 2-يۈرۈش ‹‹ياشلار›› قانىلىنىڭ باش دېرىكتۇرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
خۇرشىد دەۋراننىڭ ھازىرغىچە «قەدىردان قۇياش»، «تۈندىكى باغلار»، «شەھەردىكى ئالما دەرىخى»، «ئۇچۇپ بارىمەن قۇشلار بىلەن»، «تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى»، «بالىلىقنىڭ ئاۋازى»، «قەقىنۇس»، «باھاردىن بىر كۈن بۇرۇن»، «تەنھا قۇشنىڭ پەرۋازى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى، «قىرىق ئاشىق دەپتىرى»، «دېڭىز ياپراقلىرى»، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياش شائىرلىرى»، «ساكۇرا گۈللىرى تۆكۈلەر» قاتارلىق تەرجىمە شېئىرلار توپلاملىرى ۋە «ساھىبقىراننىڭ نەۋرىسى»، «شېھىدلار شاھى»، «سەمەرقەنت گۈللىرى»، «يەتتە دەرۋىش كىتابى» قاتارلىق تارىخ، پەلسەپىگە ئائىت ئوچىرك، ماقالىلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. «تېمۇرنامە» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىپ تارقىتىلغان، «بابۇر»، «ئالغۇل» ناملىق درامىلىرى ئۆزبېكىستان ۋە چەتئەل سەھنىلىرىدە ئوينالغان. بىر قىسىم شېئىر توپلاملىرى ئەزەربەيجان، پولشا، بۇلغارىيە، روسىيە، تۈركىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئامىرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، مېكسىكا، تاجىكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردە نەشر قىلىنغان. خۇرشىد دەۋران كۆپ قېتىم خەلقئارالىق شېئىرىيەت فېستىۋاللىرىغا ھەمدە ئامىرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا يازغۇچىلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1999-يىلى ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلانغان. 2000-يىلى ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ دېپۇتاتلىقى (پارلامېنت ئەزالىقى) غا سايلانغان.


مىرزا بابۇرنىڭ ئۇستازلىرى، بىرىنچى ماقالە


1. خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرار
1994-يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە دېۋاندا بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەتتىن كېيىن يۇرتباشىمىز مېنى ئالدىغا چاقىرىپ: «ئەمىر تېمۇرنىڭ قانداق بۈيۈك زات ئىكەنلىكىنى بىلىسەن-ھە؟» ــ دەپ سۇئال بەردى. مەن «بىلىمەن»ــ دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم. «ئەمما، تېمۇر بىردىنلا شۇنداق ئۇلۇغ ئادەم بولۇپ تۇغۇلمىغان، ــ دىدى ئىسلام ئاكا ماڭا جىددىي تىكىلىپ، ــ ئۇنى ئۇلۇغ قىلغان ئۇستازلىرى، سەن ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ھەققىدە ياز، ھەممەيلەن بىلسۇن».
مانا شۇ گەپتىن كېيىن «ئەمىر تېمۇر ئۇستازلىرى» ماقالىسىنى يازدىم ۋە بۇ ماقالەم 1995-يىلى «تەپەككۇر» ژورنىلىنىڭ 1-سانىغا بېسىلدى.
كېيىنچىرەك «مىرزا بابۇر ئۇستازلىرى» ماقالىسىنى يېزىشقا كىرىشتىم. ئەمما، باشلىغان ماقالەم بەزى پاكىتنى ئېنىقلىيالماسلىق سەۋەبىدىن ئۇزاق يىللار ئىش ئۈستۈلۈمدە قېلىپ قالدى.
پەقەت قىسقا پارچىسى «ۋەتەن» گېزىتىدە بېسىلدى. كىيىن مېنى ئاۋارە قىلغان بۇ تارىخىي پاكىتنى ئاتاقلىق ئالىم ئاكادىمىك باتىرخان ۋالىخانېۋ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، تەسەۋۇپشۇناس ئالىم كامىلخان كاتتايېۋدىن سوراپ-سۈرۈشتۈرۈپ، ئېنىقلاپ ئالغان بولدۇميۇ، ماقالىنى تولۇق ئېلان قىلىشنى نىمە ئۈچۈندۈر ئويلىمىدىم، ئۇنى ئېلان قىلىش كۈنى ئەلھەمدۇللىلاھ بۈگۈن ئىكەن. دەسلەپ بىرىنچى ماقالىنى ئوقۇيسىز.

خۇرشىد دەۋران
بابۇر مىرزىنىڭ ئۇستازلىرى



تارىخ توققۇزيۈز ئوتتۇز يەتتىنچى ھېجىريى، جامادىيەلئەۋۋەل ئېيىنىڭ ئالتىنچى كۈنى ــ مىلادىي 1530-يىلى 26-دىكابىردا ھىندىستان مۈلكىنىڭ ھۆكۈمدارى بابۇرشاھ ئاگرادىكى ئۆز قولى بىلەن ياساتقان زەرەپشان بېغىدا ئالەمدىن ئۆتتى. خەلق ئارىسىدا پادىشاھلارنىڭ ئۆلۈمى ھەمىشە ئىسيان-تەپرىقلەرنى قوزغاشقا سەۋەپ بولغاچ، بابۇرشاھنىڭ ئۆلۈمى بىرنەچچە ۋاقىتقىچە سىر تۇتۇلدى. «بابۇرشاھ تاجۇ تەختنى پەرزەنتى مۇھەممەد ھۇمايۇنغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى دەرۋىشلىك يولىنى تۇتۇپتۇ» ــ دىگەن خەۋەرلەرنى تارقتىشتى. تارقالغان بۇ خەۋەرلەر گەرچە يالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ گەپنىڭ چىقىشىدىمۇ بەلگىلىك ئاساس بار ئىدى. كۆپچىلىك بابۇرشاھنىڭ كېيىنكى يىللاردا يالغۇزلۇقنى ئارزۇ قىلىپ، بىر نەچچە قېتىم «كۆڭلۈم سەلتەنەت ۋە پادىشاھلىقتىن قالدى، مۇشۇ زەرەپشان بېغىنىڭ بىر بۇرجىكىنى ماكان تۇتسام، پادىشاھلىقنى ھۇمايۇنغا بەرسەم» ــ دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئەسلىدە بۇمۇ بابۇرشاھنىڭ كۆڭۈل ئارزۇسى ئىدى. ئۇ دۇنيادىن كۆز يۇمۇش ئالدىدا ھەم «شۇ مەقسەتكە يېتەلمىدىم» دەپ ئارمان قىلغان ئىدى.
11-12 يېشىدىن باشلاپ، ئۆمرى جەڭگە-جدەل، سەرسان-سەرگەردانلىق ئىچىدە ئۆتكەن، ئانا يۇرتىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان بابۇر پۈتكۈل ئۆمرىدە ئۇلۇغۋار سەلتەنەتكە ئاساس سالغان بولسىمۇ، كۆڭلى غېرىپ، ئىزتىراپلىق ئىچىدە قېلىۋەردى.
خەزاندەك قان ياشىم سېرىق يۈزۈمدىن ئەل تەنەپپۇردا،
بەھار رەڭگى، بىھەمدىللاھ، ئۇلۇسدىن ئۆزنى قۇتقاردىم...
ئۇنىڭ كۆڭلى ھالاۋەت ئىستەيتتى، سەلتەنەت بولسا ھالاۋەت بېرەلمەيتتى، ئۇنىڭ نەزىرىدە :« پادىشاھلىق بىلەن يالغۇزلۇق ماس كەلمەس» ئىدى. شۇ سەۋەپتىن پادىشاھلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىستىگەن بابۇر ئۆمرىنىڭ شامىنى ئىجادقا، سوپىلارچە تۇرمۇشقا بېغىشلاشنى ئارزۇ قىلاتتى. ھىندى رەقىبى راناسىڭگىر بىلەن بولغان جەڭ ھارپىسىدا ئىچكىلۈكنى تەرك ئېتىشنى ئەھد قىلىشى، شۇندىن كېيىنكى غەزەللىرىدە تەسەۋۇپلارچە ئاھاڭلارنىڭ پەيدا بولۇشى مانا بۇ ئارزۇلارنىڭ مىۋىلىرى ئىدى.
بابۇر مىرزا ئۆز ئەجدادلىرى ـــ ساھىبقىران ئەمىر تېمۇردىن تاكى ئاتىسى سۇلتان ئۆمەرشەيخ مىرزىغا قەدەر بۇ ئۇلۇغ خانادانغا ئۆرۈپ بولغان خوجاگان ـــ نەقشىبەندىيە تەرىقىتى ئەمەلىدە بولۇشنى مۇقەددەس بىلەتتى، ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش تەرىقەت پىشۋالىرى بىلەن ھەردائىم ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئۇلارنى روھۇيەت ئالىمىدە ئۆزىگە ئۇستاز ۋە پىر ھېساپلايتتى. ھەسەنخوجا نىسارىي «مۇزەككىرى ئەھباب» دا، پىكرىمىزنى تەستىقلىغۇچى قۇرلارنى يازغان ئىدى: «بابۇر پادىشاھنىڭ نەقشىبەندىيە ئالىي خاندانىغا ئىرادەت نىسبىتى بار ئىدى. يۇقۇرى شان-شەۋكەتلىك بوۋىسى ۋە سەلتەنەت ئىگىسى ئاتىسىنىڭ ھەزىرىتى خوجا ئەھرارگە ئىرادەتى بولغان. بابۇر پادىشاھمۇ بۇ ئۇلۇغلار خانىدانىغا نىسبەتەن ئىززەت ئىكرامنى سائەتمۇ-سائەت قىلىپ تۇراتتى ۋە بىرەر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويمايتتى، ھەرقانداق بىر دەرۋىشكە لۇتپى ئىشىكىنى ئېچىپ، نىيازمەندلىك ئىشلىرىنى بەجا كەلتۈرەتتى.»
سۇلتان ئەبۇسەئىد مىرزىنىڭ كەنجى ئوغلى، فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمدارى سۇلتان ئۆمەرشەيخ مىرزا خانىدانىدا تۇنجى ئوغۇل تۇغۇلغاندا ئۇنىڭغا ئىسىم قويغان زاد خوجا ئۇبەيۇللا ئەھراردۇر. بىر كونا كىتابتا قەيت قىلىنىشىچە، «ئۇل زات ئۈچۈن ھەزىرىتى خوجا ئەھرار ۋەلىي مىرزا بابۇر ئىسمىغا خىتاب قىلدى، خۇتبىدە خاتىپلار مۇھەممەد زاھىرىددىن (زاھىرۇللوھدىن) بابۇر دەپ ئوقۇشتى».
بۇ ھەقتە مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخىي رەشىدىي» دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق يېزىلغان: «....پادىشاھ (مىرزا بابۇر) سەككىزيۈز سەكسەن سەككىزىنچى يىل مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئالتىنچى (1483-يىلى 14-فېۋرال) كۈنىدە تۇغۇلدى. ئۇلۇغبېكنىڭ ئۇلەمەيى مۇتەھھىلىرىدىن بىرى مەۋلانە مۇنىر مەرغىنانى ئۇنىڭ تۇغۇلغان تارىخىنى «شاشى مۇھەررەم» (مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئالتىنچى كۈنى) دېگەن سۆزدىن تاپتى. ئۇلار ھەزرىتى ئىشان ئۇبەيدۇللاھدىن گۆدەككە ئىسىم قويۇپ بېرىشنى سوراشتى، ئۇ كىشى زاھىرىددىن مۇھەممەد ئىسمى بىلەن مۇشەررەف قىلدى.
ئۇ چاغلاردا چاغاتايىلار كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، تېخى ئولتۇراق تۇرمۇشتا ئەمەس ئىدى. ئۇلار زاھىرىددىن مۇھەممەد دېگەن ئىسىمنى ئاتاشتا قىينلىشاتى، شۇ سەۋەپتىن ئۇنى بابۇر دەپ ئاتىدى. خۇتبە ۋە يارلىقلاردا «زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر» دەپ ئېيتىلاتتى ۋە يېزىلاتتى، ئەمما ئۇ كۆپۈنچە بابۇر پادىشاھ نامى بىلەن مەشھۇردۇر.
نەسىل-نەسىبى: ئاتا تەرەپتىن ئۆمەر شەيخ كوراگان ئىبنى سۇلتان ئەبۇسەئىد كوراگان ئىبنى سۇلتان مۇھەممەد مىرزا ئىبنى مىرانشاھ مىرزا ئىبنى ئەمىر تېمۇر كوراگاندۇر. ئانا تەرەپتىن – قۇتلۇق نىگار خېنىم يۇنۇسخان قىزى ئىبنى ئۇۋەيسخان ئىبنى شېرئەلىخان ئىبنى مۇھەممەدخان ئىبنى خىزىرخوجاخان ئىبنى تۇغلۇق تېمۇرخاندۇر.»
بىز بۇ ماقالىدا بابۇر مىرزا ئېتقاد قىلغان نەقشىبەندىيە خانىدانىغا مەنسۇپ ئۈچ ئۇلۇغ پېشۋا ھەققىدە ھىكايە قىلىشنى مەخسەد قىلدۇق. بابۇر مىرزىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يالغۇز ئۇنىڭ ئىجادى ۋە پائالىيتىلا ئەمەس شۇنىڭ بىلەن باراۋەر ھالدا ئۇ ئۇستاز –پىر دەپ بىلگەن كىشىلەرنىڭ قانداق پەزىلەتلىك زاتلار ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ زۆرۈر. بۇ ئۇلۇغ كىشىلەرنى بىلىش ئارقىلىق بابۇر مىرزا ھەققىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلەلىشىمىز شەكسىزدۇر.
I.        بابۇر مىرزىنىڭ موللا بوبىسى ــ خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار
بۇ مۇبارەك زات ھىجىريى 806-يىلى رامىزان ئېيىدا ــ مىلادىي 1404-يىلى مارت ئېيىدا تاشكەنتكە قاراشلىق تاغلى باغىستان يېزىسىدا تۇغۇلغان. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، خوجا مەنسۇپ بولغان جەمەت چاھاريارلاردىن بولىمىش ھەزىرىتى ئۆمەر نەسلىدىن بولغان. خوجا ئۇبەيدۇللانىڭ دادىسى خوجا مەھمۇد بولۇپ، ئۇنىڭ ئەجدادى خوجا مۇھەممەد نەمىي ــ باغدادلىق ئىدى. خوجا مۇھەممەد نەمىينى بەزى رىۋايەتچىلەر باغداددىن يەنە بەزىلەر بولسا خارازىمدىن دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تاشكەنتنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى شەيخ ئەبۇبەكىر مۇھەممەد بىن ئەلىي بىن ئىسمايىل قەففالى شاشىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ھوزۇرىغا ئىلىم تىلەپ كەلگەن ۋە تاشكەنتتە قېلىپ قالغان. خوجا ئەھرار ۋەلىي مانا ئاشۇ خوجىلارنىڭ ئىزباسارى ئىدى. خوجا ئەبەيدۇللانىڭ ئانىسى خوجا داۋۇدنىڭ قىزى بولۇپ، خوجا داۋۇت ئېسا شەيخ خاۋەندى تاھىرنىڭ پەرزەنتىدۇر. شەيخ خاۋەندى تاھىرنىڭ ئاتىسى ئېسا ھەزرەتى خوجا باھۇۋۇۇددىن نەقشىبەندىنىڭ ئېتىبارىنى قوزغىغان شەيخ ئۆمەر باغىستانىي ئىدى.
خوجا ئەھرار ئەسلەپ مۇنداق دىگەن: «مەن كىچىك ئىدىم، چېچىمنى چۈشۈرۈۋاتقان ئىدى. شۇ كۈنى ئەمىر تېمۇرنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر كەلدى. كىشىلەر ئىچىشىۋاتقان ئېشىنى قويۇپ، بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ دىگۈدەك يۈگۈرۈپ كېتىشتى.»
دەرۋىش مۇھەممەد سەرپۇلىي نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن كىچىك ئىدىم، شۇ چاغلاردا ئاتام مەۋلانى نىزامىددىن خامۇش خىزمەتلىرىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىر كۈنى مەۋلانە نىزامىددىن مۇراقابەگە ئۆتتى ۋە ئاتام ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى. بىرنەچچە لەھزەدىن كېيىن مەۋلانە بىردىنلا پەرياد قىلىپ كەتتى،  دادام بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسا، مەۋلانە: «شەرق تەرەپتىن بىر كىشى پەيدا بولدى، نامى خوجا ئۇبەيدۇللادۇر، ئۇ پۈتۈن يەر-يۈزىنى ئىگەللەيدىغان كىشىدۇر» ــ دىگەن ئىكەن.»
خۇجا ئۇبەيدۇللانىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىللىرى باغىستان ۋە تاشكەنتتە، قەففال شاشى مەقبەرىسى ئەتراپىدىكى مەھەلىدە ئۆتتى. ئۇ شۇ ۋاقىتلىرىنى خاتىرلەپ قويغانلىرىدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئون سەككىز ياشقا كىرگەن چاغلىرىم ئىدى، كېچىلىرى تاشكەنتنىڭ بارلىق مازارلىرىنى تاۋاپ قىلاتتىم. جۈملىدىن شەيىخ ئەبۇبەكىر قەففال شاشى، شەيىخ خاۋەندى تاھىر، خوجا ئىبراھىم كىمياگەر، شەيىخ زەينىددىن كۈيى قاتارلىقلارنىڭ مازارەتلىرىنى تاۋاپ قىلاتتىم. مەندە ھىچقانداق بىر قورقۇنچ ۋە خەۋپسىرەش يوق ئىدى». يەنە شۇ يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى خاتىرلەپ مۇنداق يازغان: «ياشلىغىمدا ھەزرىتى شەيىخ ئەبۇبەكىر قەففالنىڭ نۇرلۇق مازارەتىنى تاۋاپ قىلغۇچە ئۇخلاپ قىلىپ ھەزىرىتى ئېسانى چۈشۈمدە كۆردۈم. ئۇ ھەزرەت ماڭا ئىلتىپات قىلىپ دىدىلەركىم: «غەم قىلما، سېنىڭ تەربىيەڭنى بىز ئۆز زىممىمىزگە ئالغانمىز....ھەزىرىتى ئېسا كەمىنەنى ئۆز تەربىيەتلىرىگە ئالغانلىقى سەۋەبىدىن مەندە ئۆلۈك قەلىبنى تىرىلدۈرۈش سۈپىتى ئايان بولدى....»
خۇجا ئۇبەيدۇللا 20 ياشقا (بەزىلەر 22 ياش دىيىشىدۇ ــ خ د) كىرگەن يىلى تاغىسى خوجا ئىبراھىم ئۇنى ئىلىم تەھسىل قىلىش مەقسىتىدە سەمەرقەندكە ئېلىپ باردى. تاغا ئۆز جىيەنىنى مەۋلانە قۇتبىددىن سادىر مەدرىسىگە جايلاشتۇردى. ئەمما ياش يىگىتتە ئىلىم ئېلىش ئىشتىياقىدىن ئەزىزلەر سۆھبىتىدە بولۇش ئىشتىياقى كۆپرەك ئىدى. سەمەرقەنددە ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر ئەللامەلىرى سەدىرىددىن كاشىغەرى، ئەمىر سەيىد قاسىم ئەنۋەر، مەۋلانە نىزامىددىن خامۇش مۇلازىمەتلىرىدە بولۇپ، ھەمسۆھبەتتە بولدى.
«...كۆڭلۈمدە ئىلىم ئېلىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، يىگىرمە يېشىمدا تاشكەنتتىن مەۋلانە نىزامىددىن خامۇشنىڭ خىزمەتلىرىگە راۋان بولدۇم. ئۇ كىشى شۇ چاغلاردا سەمەرقەددىكى ئۇلۇغبېك مەدىرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلاتتى. («ئەش شەقبىق ئەن-نەۋمانىيە»)»
ئىككى يىلدىن كېيىن سالامەتلىكى سەۋەپلىك خوجا ئۇبەيدۇللا مەدىرىسدىن ئايرىلىپ، مۇرشىد كامىل ئىزدەپ يولغا چىقتى. ئۇ دەسلەپ بۇخاراغا بارماقچى بولدى.  يولدا شەيىخ سىراجىددىن پىرمەستىي قىشلىقىدا قونۇپ، بىر ھەپتە شەيىخ بىلەن سۆھبەتتە بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇخاراغا بېرىپ مەۋالانە ھىسامىددىن شاشىينى كۆرگەن خوجا ئالاۋۇددىن غىجدۇۋانىي بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى . كېيىنچىرەك بۇخارادىن خۇراسان تامانىغا مۇرۋەت قىلىپ، مەرۋە يولىدىن  ئۆتۈپ، ھىراتقا بارغان ۋە ئۇ يەردە ئۇزاق ۋاقىت ياشاپ سەيىد قاسىم تەبرىزى، شەيىخ باھاۋۇددىن ئۇمەر، شەيىخ زەينىددىن خەۋافىينىڭ سۆھبەت ۋە مۇلازىمەتلىرىدە بولغان.
خوجا ئۇبەيدۇللا نەقىل قىلىدۇ: «مەن سەمەرقەند ۋە خۇراساندا كۆپ ئاكابىرلار ھۆھبىتىدە بولدۇم، لېكىن ھەزرىتى سەييىد قاسىم تەبرىزىيدەك ئۇلۇغ كىشىنى كۆرمىدىم. ھەر قېتىم ھەزرەتنىڭ سۆھبەتلىرىگە قاتناشقىنىمدا مەن شۇنداق تۇيغۇدا بولاتتىمكى، ئۇ كىشىنىڭ ئەتراپلىرىدا تامامى كائىنات ئايلىنىپ، ئېشاننىڭ باتىنلىرىدا مەھۋى بولۇپ، يوقۇلۇر ئىدى. ھەزرىتى سەيىد قاسىم دەرۋازىسى ئالدىدا بىر پاسىبان تۇراتتىكى، ھىچكىمنى رۇخسەتسىز كىرگۈزمەس ئىدى. لېكىن ئۇ پاسىبانغا ھەزرىتى سەيىد قاسىم: «ھەر مادامىكى، بۇ turkلىق كەلسە، ئۇنى توسما، رۇخسەت قىل، قېشىمغا كىرىۋەرسۇن»،ــ دەپ بۇيرۇق قىلغان ئىدى...»
خوجا ئۇبەيدۇللا ھىراتتىكى شەيىخ باھاۋۇدىن ئۆمەرگىمۇ ئىرادەت قىلاتتى. ئەمما، نەقىل قىلىنىشىچە، خوجا ئۇبەيدۇللا شەيىخ باھاۋۇدۇنغا بىر مەزگىل مۇرۋەت قىلىپ، قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ئالالمىغاچ، ئۆزى ئىزدىگەن پىرى كامىل ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئىزلىگەن جاۋاپ بولسا ئېسا بوباكالانى بولىمىش شەيىخ ئۆمەر باغىستانىينىڭ بىر نەسىھەتى بىلەن باغلىق ئىدى. شەيىخ ئۆمەر باغىستانى پەرزەنتى بولمىش شەيىخ خوۋەندى تاھىرگە نەسىھەت قىلىپ: «موللا بولما، شەيىخ بولما، سوپى بولما، مۇسۇلمان بول» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
خوجا ئۇبەيدۇللا 1432-1433-يىللاردا چاغانىيەگە يول ئېلىپ، ھەزىرىتى خوجا نەقشىبەندىنىڭ تۆت ئاساسى خەلىپىسىنىڭ بىرى بولغان مەۋلانە ياقۇپ چەرخىي مۇلازىمىتىگە باردى. خوجا نەقىل قىلىپ مۇنداق يازىدۇ. «مەۋلانى ياقۇپ چەرخىينىڭ مۇلازىمىتىگە بارغان ئىدىم. ئۇ سورىدى: «قەيەردىن كەلدىڭ؟» ئېيتتىمكى: «شاشتىن كەلدىم». ئۇ يەنە سورىدى: «شەيىخ ئۆمەر باغىستانىنى بىلەمسەن، يېقىنمۇ سەن؟» بۇ سۇئال ماڭا تازا ياقمىغان بولسىمۇ جاۋاپ بەردىم: «دادام ئۇ كىشىگە مۇرت ئىكەنمىش» كېيىن مەۋلانە شەيىخ ئۆمەر باغىستانىنى تەۋسىيە قىلدى».
خوجا ئۇبەيدۇللا مەۋلانى چەرىخىيدىن نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ئاساسلىرىنى ئۆگەندى، ئۇستازىنىڭ «رىسالىئى ئۇنسىيە» سىنى زېھىن قويۇپ مۇتائىلە قىلدى. ئۇ مەۋلانە چەرىخىينىڭ سىماسىدىن ئۆزى ئىزدىگەن مەنىۋى ئۇستازنى كۆرۈپ، ئۇنى مۇرشىدى سۈپتىدە تونىدى، كۆپ ئۆتمەي ئۇستازىدىن ئىرشادلىق خېتىنى ئالدى. (بىز ھازىر ئىرشادنامە، دىپلوم، گۇۋاھنامە دەپ ئاتايمىز ــ ئا) ۋە 29 يېشىدا تۇغۇلغان يۇرتىغا قايتىپ، دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولدى.
خوجا ئەھرار ئەۋلادلىرىدىن بىرىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، خوجا ئەھرار فەركاتتىكى چېغىدا، بىر كۈنى ئۆز مۇلازىملىرىدىن قەلەم-قەغەز تەلەپ قىلىپ، ئۇ قەغەزگە سۇلتان ئەبۇسەئىد دېگەن ئىسىمنى يېزىپ، ئۆز سەللىسىنىڭ ئارىسغا قىستۇرۇپ قويدى. ئۇ مەزگىللەر سۇلتان ئەبۇسەئىدنىڭ نامى چىقمىغان ۋاقىتلار ئىدى، مۇلازىملىرى: «بۇ كىمنىڭ نامى؟» دەپ سورىغاندا، خوجا ئۇلارغا: «بۇ شۇنداق كىشىنىڭ نامىكى، پات ئارىدا تاشكەنت، سەمەرقەند، خۇراسان ۋە ھەممە ئۇنىڭ رەئىيتىگە ئۆتىدۇ»، ــ دېگەن. شۇ ۋەقەدىن كۆپ ئۆتمەي، سۇلتان ئەبۇسەئىدنىڭ نامى فەركاتقا يەتكەن .
باشقا رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، سۇلتان ئەبۇسەئىد مىرزا بىر كۈنى چۈشىدە خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ بىر كىشىگە سۇلتان ئەبۇسەئىدگە پاتىھە بېرىشنى ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. مىرزا ھەزىرىتى خوجا ئەھمەد يەسىۋىدىن پاتىھە بەرگەن كىشىنىڭ كىملىكىنى سورايمەن دەپ تۇرغىنىدا ئويغۇنۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ئويغىنىپ ئەتراپىدىكى ئۆلىمالارنى چاقىردى ۋە ئۇلاردىن پالانى رەڭدىكى، پالانى سۈرەتلىك كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىدى. دانىشمەنلەر ئۇنىڭ خوجا ئەھرار ئىكەنلىكىنى، ئۇ كىشىنىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشايدىغانلىقىنى دىيىشتى. سۇلتان ئەبۇسەئىد مىرزا دەرھال تاشكەنتكە ئاتلاندى ۋە خوجىنى ئۇ يەردىن تاپالماي فەركات (پەركەنت) كە قاراپ يول ئالدى. ئۇ شۇ يەردە چۈشىدە كۆرگەن كىشىسى ــ خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرارنى تاپتى. كاتتا سۆھبەت قۇرۇپ، خوجىنىڭ ئىرادىتىگە كىرگەن مىرزا، ئۇنىڭدىن سەمەرقەندنى فەتىھ قىلىش ئۈچۈن پاتىھە سورىدى. خوجا ئۇبەيدۇللا ئۇنىڭغا: «ئەگەر بۇ يۈرىشىڭىز ئىسلام ۋە رەئىيەتكە شەپقەت ئۈچۈن بولسا مۇبارەك ئېيتۇرمەنكى، فەتىھ سىزنىڭ تامانىڭزدا بولغاي» ــ دىدى. سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ئۆزىنىڭ مەقىستىنىڭمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شۇ ئارىدا سۇلتان ئەبۇسەئىد بىلەن ئابدۇللا مىرزا (ئۇلۇغبېك مىرزىنىڭ كۈيئوغلى) ئارىسىدا دەھشەتلىك جەڭ بولدى. سۇلتان ئەبۇسەئىد خاس نەۋكىرى بولمىش ھەسەن باھادىردىن: «ھەي، ھەسەن، سەن نىمە كۆردۈڭ؟» ــ دەپ سورىغاندا، ئۇ: «سۇلتانىم، ھەزىرىتى خوجىنى كۆردۈم، ئۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىۋاتىدۇ»، ــ دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن. سۇلتان ئەبۇسەئىد مىرزىمۇ ئۇ جاۋاپنى تەستىقلاپ: «ۋاللاھىكىم، مەنمۇ ھەم شۇ كىشىنى كۆردۈم»، ــ دەپ ئۆزىگە تەسەللى بەرگەن ئىكەن.
جەڭ باشلىنىپ يېرىم سائەتكە بارماي، ئابدۇللا مىرزا لەشكەرلىرى قېچىشقا باشلىدى، مىرزىنىڭ ئېتى بولسا لايغا پېتىپ قالدى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان نەۋكەرلەر ئۇنى تۇتۇپ، بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلدى. سۇلتان ئەبۇسەئىد مرىزا سەمەرقەندنى ئىگىلىدى.
خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرارنىڭ دىيىشىچە، ئۇرۇش بولۇۋاتقان پەيتتە ئۇ فەركاتتىن تاشكەنتكە كېلىۋاتقان ئىكەن. توساتتىن ئوق تېگىپ يارلانغان بىر قۇش يەرگە چۈشتى ۋە تىپىرلاپ جان بەردى. ئۇنى خوجا ئەھرار ئابدۇللا مىرزاغا كەلگەن ئەجەل دەپ بىلدى، يەنى قۇش ھالاك بولغان شۇ ئەسنادا مىرزىمۇ قەتلى قىلىنغان ئىدى. بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن سۇلتان ئەبۇسەئىد مىرزىنىڭ خوجىغا بولغان ئېتقادى ھەسسىلەپ ئاشتى. 1451-يىلى سۇلتان ئەبۇسەئىد مىرزا ئۇنى سەمەرقەندكە كۆچۈرۈپ ئەكەلدى. بۇ ئۇلۇغبېك مىرزا ئۆلىمىدىن ئىككى يىل كىيىن بولغان ئىشلار ئىدى. (بۇ گەپنى دىيشىمدىكى سەۋەپ، سوۋېت دەۋرىدىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ «مىرزا ئۇلۇغبېكنىڭ پاجىئەلىك ئۆلىمىدە خوجا ئەھرارنىڭ قولى بار» دېگەن گەپلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى يەنە بىر نۆۋەت تەكىتلەش ئۈچۈندۇر)
مۇۋەررىخ ئەبۇ تاھىرخوجا سەمەرقەندىي ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «سەمەرىيە» دە مۇنداق يازغان: «خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرارنىڭ لەقىبى ناسىرىددىن بولۇپ، نەسەبى ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا تۇتىشىدۇ. بۇ كىشى ئەسلى تاشكەنت ۋىلايىتىدىن بولۇپ، سۇلتان ئەبۇسەئىدنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىلتىماسى بىلەن سەمەرقەندكە كۆچۈپ كېلىپ، خوجا كەفشىر (خوجا كەفشىي دەپمۇ ئوقۇلىدۇ) مەھەلىسىدە ئولتۇرۇاقلاشقان. خوجا ئەھرار ھەزرىتى مەۋلانە ياقۇپ چەرىخىينىڭ مۇرىتى بولۇپ، ئۇ بۇخارالىق ھەزىرىتى خوجا باھاۋۇددىن نەقشىبەندىنىڭ مۇرىتىدۇر. لېكىن مەۋلانە ياقۇپ چەرىخىي ئەڭ ئاخىرقى ئىلمىنى (تۈگەللىمىسىنى) خوجا ئالاۋۇددىن ئەتتاردىن ئالغان، خوجا ئالاۋۇددىن ئەتتار خوجا باھاۋۇددىننىڭ خەلىفەسى ئىدى. خوجا ئەھرار شەيىخلىق يولىنى كەسىپ قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىدا سەمەرقەند ۋە بۇخارا شەھەرلىرىگە كۆپ قېتىم بېرىپ، ئول زامانىنىڭ شەيخىلىرى بولغان سەيىد قاسىم، مەۋلانە نىزامىددىن خامۇش، شەيىخ باھاۋۇددىن ئۆمەر سىڭارى قاتارلىق زاتلارنىڭ سۆھبەتلىرىدە بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا مەۋلانە ياقۇپ چەرىخىيگە يولۇقۇپ، مۇرد بولدى ۋە ئۇ كىشىدىن ئىلىمنىڭ تۈگەللىمىسىنى قوبۇل قىلىپ، زامانىنىڭ بىرىنچىسى ۋە جاھاننىڭ تەڭداشسىز كىشىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. ھەزىرىتى مەۋلانە ئابدۇراخمان جامى ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ يازغان «تۇھفەتۇل – ئەھرار» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ:
زەدى بە جاھان نەۋبەتى شاھانشاھىي
كەمكەباي فەقىر ئۇبۇەيدۇللاھىي.
ئون كى زى ھۇررىياتى فەقىر ئاگاھ ئاست،
خوجا ئەھرار، ئۇبەيدۇللاست.
تەرجىمىسى:
دۇنيادا شاھلىق نەۋبەتىنىڭ ناغرىسىنى چالغۇچى،
ئۇبەيدۇللادۇر فەقىرنىڭ شەۋكىتى.
فەقىرنىڭ ئەركىنلىكىدىن خەۋەردار بولغانلار بارمۇ
ئەركىنلىكنىڭ ئىگىسى ئۇبەيدۇللادۇر...
نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك ۋە باھادىر خاقانلار خوجىغا قارىتا قۇللۇق، پەرمانبەردارلىق ۋە ئىخلاسمەنلىك كەمەرىنى بەللىرىگە باغلاشقان ئىدى. خانلار، پادىشاھلار ئۇچىسىدا شاھلىق تون، بەللىرىدە پادىشاھلىق كەمەرى بولغان ھالدا ئۇنىڭ ئۈزەڭگىسىنى سۆيۈشەتتى....ئۇ ۋىلايەت ۋە تەسەرۇپىدىكى  خەلقنىڭ جىسمانىي ۋە روھىيتىنى ئىگەللىگەن بولۇپ، ئۆزى خالىغانچە باشقۇراتتى. خوجا ئىچكى ۋە تاشقى گۈزەللىكلىرى بىلەن بىزەلگەن بولۇپ، ئىچكى نىسبىتىدە شۇنچە شىرىن ئىدىكى، ئۇنىڭغا قۇللۇق بىلدۈرگەنلەرگە تۈگىمەس لەززەت ۋە پۈتمەس ھالاۋەت مۇيەسسەر بولاتتى. بۇنىڭ شاھىدى ئۇنىڭ مازىرىنىڭ زىيارىتىدۇر، ئۇنىڭ مازىرىنى زىيارەت قىلغانلارنىڭ ئۆلگەن كۆڭلى ۋە تىتىلغان يۈرىكى ئارام تاپاتتى. ئۇنىڭ قەبرىسىگە يۈزلەنگەن كىشىدە يېڭى روھ ۋە چەكسىز قۇۋۋەت پەيدا بولاتتى...
خوجا ئەھرار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. سەككىزيۈز توقسان بەشىنچى (1490) يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى، جۈمە چىقار شەنبە كىرەر كېچىسى غۇرۇبدىن بىر يېرىم سائەت ئۆتكەندە بەختلىكلەرنىڭ قىبلىسى ۋە ئارىفلارنىڭ ئارىفراغى سەمەرقەندنىڭ جەنۇبى تاغ ئېتىكىدىكى كەماگران قىشلىقىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىدى ئۇ يەردىن ئۆزىنىڭ تۇرار جايى بولغان خوجا كەفشىر مەھەلىسىدە، «مۇھاۋان مۇللايون» نىڭ سىرتىدىكى تۇپراغلىق ھەرەمساراينىڭ خىلۋەت يېرىگە دەپنە قىلىندى. «شەيىخلىقنىڭ يولباشچىسى قالمىدى» دىگەن مەزمۇندىكى «نەماند مۇرشىدى روھ» سۆزى ئۆلىمىنىڭ تارىخىدۇر (ئەبجەد ھېساۋىدا نەماند مۇرشىدى روھ سۆزىدىن 895 دىگەن يىل نامى چىقىدۇ)
خوجىنىڭ روھىنىياتىدىن كېيىنكى ئەۋلادلار ۋە سەمەرقەند خەلقى ئارىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەسەۋۇپ ئەسەرلەرلىرى كۆرۈنگەن. خوجىنىڭ سۆھبەتدىشى ۋە خەلىفەسى ناھايتتى كۆپ. ئۇلارنىڭ بىرى «سىلسىلات ئۇل-ئارىفىن» دىگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى دەھبېدلىك ھەزىرىتى مەھدۇم ئەزەمنىڭ ئۇستازى بولغان مەۋلانە مۇھەممەد قازىدۇر. ئول كىشىمۇ خوجا مازىرىنىڭ يان تەرپىگەا كۆمۈلگەن. قەبرىسى خوجا مازىرىنىڭ جەنۇبىدىن ئاياغ تەرپىگە توغرا كېلىدۇ. مەۋلانە قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە دەريا قىرلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن قايراقتاشلا تۆكۈلگەن بولۇپ، بۇ تاشلار ئۇلارنىڭ قەبرىسىنىڭ نىشانىدۇر. خوجىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ خەلىفەلىرىنىڭ كۆپۈنچىسىمۇ مۇشۇ يەرگە كۆمۈلگەن....
خوجا ئەھرار ۋەلىيدىن مىراس قالغان ئەسەرلەردىن: «فىقرات ئۇل-ئارىفىن» ياكى پارچە كىتاب شەكلىدىكى «ۋارىدات»، «رىسالەئى ۋەلىدىيە» ياكى «مۇختەسەر»، «رىسالەئى ھۇرەييە» لاردىن سىرت يەنە خوجىنىڭ ئەلشىر ناۋايىگە يازغان مەكتۇپلىرى قاتارلىقلار بار. بۇ ئەسەرلەرنى ئۇلۇغ ئۆزبېك شائىرى بېنھايا قەدىرلەپ، باشقا شەخسىلەردىن كەلگەن خەتلەر بىلەن بىرگە مەخسۇس دەپتەر ھالىتىگە كەلتۈرگەن.
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرار ئۆز دەۋرىنىڭ نوپۇزلۇق دىن ئەربابى ئىدى. بابۇر ياشلىق مەزگىللىرىدە بۇ ئۇلۇغ سىماغا قاتتىق ئېخلاس قىلغان. بۇ ھەقتىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان سالنامىلەرنى ۋاراقلايدىغان بولساق ساھىبقىران ئەمىر تېمۇر سەلتەنىتى پارچىلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھۇدۇدىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرى، تېمۇرى مىرزىلار ياكى موغۇل خانلىرى بولمىسۇن، خوجا ئەھرارغا ئېتقاد قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئىش قىلغان، بۇ زات نەچچە قېتىم بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرۈپ چىققان ھۆكۈمدارلارنى ئادالەت يولىغا قايتۇرغان، جەڭ باشلىناي دەپ تۇرغاندا لەشكەرلەر ئارىسىغا چۈشۈپ قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغان. بۇلارغا ئىشىنىش ئۈچۈن «بابۇرنامە»، «ئابدۇللانامە» قاتارلىق مۆتىۋەر كىتابلارنى ۋاراقلاش كۇپايە.
بابۇر مىرزا ئۆز كىتابىدا نەۋرە ئاكىسى سەمەرقەند ھۆكۈمدارى سۇلتان ئەھمەد مىرزا ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق يازغان: «سەمەرقەند ئەھلىكىم، يىگىرمە-يىگىرمە بەش يىل سۇلتان ئەھمەد مىرزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا باي-باياشات، راھەت-پاراغەتتە ئۆتتى. ئاكابىر، مۇئەممالار ھەزىرىتى خوجا (ئۇبەيدۇللا) جەھەتىدىن (خوجا تەرەپدارلىرى) ئىدى». باشقا بىر ئورۇندا يەنە تۆۋەندىكىلەرنى قەيىد قىلىدۇ: «ھەزىرىتى خوجا ئۇبەيدۇللانىڭ سەۋەبىدىن بۇرۇن پەقىر ۋە مىسكىنلىك تۈپەيلى كۆپ ھەرەج تارتقان كىشىلەر ئول كىشىنىڭ ھىمايسى بىلەن زۇلۇم ۋە تەھدېتلەردىن خالاس بولۇر ئىدى».
بابۇر مىرزىنىڭ بۇنداق يېزىشىدىكى سەۋەب شۇكى، خوجا ئەھرار ئۆز تەسەرۇپىدىكى يەر-مۈلۈكلىرىدىن كەلگەن دارامەتلەرنى خەيرلىك ئىشلارغا، مەكتەپ-مەدىرىس، مەسجىد، خانىقا ۋە باشقا قۇرلۇشلارغا، خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن تۈرلۈك ئاپەتلەرگە، ئاۋام پۇقراغا سېلىنغان ئارتۇقچە سېلىغلارنى تۆلەشكە سەرىپ قىلاتتى.
بوۋىسى سۇلتان ئەبۇسەئىد مىرزا ۋە دادىسى سۇلتان ئۆمەرشەيىخ مىرزىلارغا ئوخشاش بابۇر مىرزىمۇ خوجا ئەھرار ۋەلىيگە ئىخلاس قىلاتتى. ئۇنىڭ خاتىرە كىتابىنى ۋاراقلىسىڭىز، بابۇر ھاياتىنىڭ ئەڭ قالتىس چاغلىرىدا خوجىنىڭ غايىپ ئالەمدىن پەيدا بولۇپ، ئۆز كارامىتى بىلەن مىرزىغا يول ئاچقانلىقىنى، يول كۆرسەتكىنىنى كۆرىسىز. بۇ ۋەقەلەر غارايىپ ۋە ھەيران قالارلىق ئىدى. بۇ يەردە مۇشۇنداق ۋەقەدىن ئىككىنى مىسال كەلتۈرىمىز.
بىرىنچى ۋەقە
1500-يىلى كۈزدە، بابۇر مىرزا سەمەرقەندنى شەيبانىخاندىن تارتىپ ئېلىش نىيتىدە شەھەر ياقىسىدىكى ئەسفىدەك قورغىنىغا ئورۇنلىشىپ پۇرسەت كۈتتى. سەمەرقەندكە كىرىپ چىققان تىڭچىلار ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى. نىمىشقكىن، شەيبانىخان سەمەرقەندنى جانۋاپاباينىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا بار-يوق 600گە يېقىن نەۋكەر قالدۇرۇپ، ئۆزى شەھەر ئەتراپىدىكى باغلارنىڭ بىرىدە ئوۋ ئوۋلاۋاتقانمىش. يېنىدا يەتتە-سەككىز مىڭغا يېقىن نەۋكەر بار ئىمىش، شەھەرلىكلەر بۇ كۆچمەنلەر ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئىستىكىدىمىش.
بابۇر مىرزا شۇ ھامان كېڭەش چاقىردى، ئەسفىدەك قورغىنىدا بولۇنغان بۇ كېڭەشتە بابۇر مىرزا تەرەپدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ بار-يوق 200 يۈز ئادىمى بىلەن، سەمەرقەندكە تېگىش قىلسا ھەممىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، كېيىنگە سۈرۈش لازىملىقىنى، خەلق ئۇ كىشىگە كۆنۈپ قالدى دىگەن قارارغا كېلىشتى.
240 كىشى ئۇلۇغ بىر شەھەرنى قانداقمۇ قولغا كەلتۈرەلىسۇن؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇنقى ئۇسۇل بىلەن شەھەرگە كېچىسى، ئەل ئۇيقۇغا كەتكەن پەيتتە، خۇپيانە بېسىپ كىرىش كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ ھۇجۇم تۇيۇقسىز ۋە شىددەتلىك بولۇشى شەرت. شەھەر ئىچىدىكى تۆت-بەشيۈز ئادەمنى يېڭىش ئاسان ئەمەس، بىراق ئەڭ مۇھىمى ئۇلارغا شەھەر پۇقرالىرى ياردەم بەرمەسلىكى مۈمكىن، شەھەر ئېلىنسا ئاندىن بىر گەپ بولار. شۇ قاراردىن كېيىن، كۈن پېتىشى بىلەن ئۇلار ياريايلاقتىن يولغا چىقىپ، يېرىم كېچىدە خانيۇرتىغا يېتىپ كەلدى. ئەمما ئالدىن ئەۋەتىلگەن خەۋەرچىلەر: «شەھردىكىلەر بۇ پىلاندىن خەۋەردەر بولۇپتىمىش» ــ دېگەن گەپنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن بابۇر مىرزا ئۆز لەشكەرلىرىنى ئېلىپ ئارقىغا ــ ياريايلاققا قايتتى.
دۈشمەننى غەپلەتتە قالدۇرۇش ئۈچۈن يەنە ئەسفىدەك قورغىنىدا كۈتۈش باشلاندى. ئەمما ئاشۇ كۈز ئاخشاملىرىنىڭ بىرىدە قىزىق بىر ۋەقە بولدى. بابۇر مىرزىنىڭ ھەر ئاخشاملىرى ئەتراپىغا يېقىنلىرىنى يىغىپ، ئۇياق-بۇياقنىڭ گېپىنى قىلىپ، سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. لېكىن گەپ يەنىلا سەمەرقەندنى ئېلىش ئىشىغا كېلىپ تاقاشتى. مانا شۇنداق قىزغىن سۆھبەتلەرنىڭ بىرىدە بابۇر مىرزا: «كېلىڭ، ئېيتىڭكىم، تەڭرى بۇيرىسا، سەمەرقەندنى قاچان ئالغايمىز؟» ــ دېگەن سۇئالنى ئوتتۇرغا تاشلىدى. ھەممەيلەن جىمىپ قالدى. بىرئازدىن كېيىن ئەتراپتىكىلەردىن بىرى: «يازدا ئالغايمىز!»، ئىككىنچىسى: «بىر ئاي ــ قىرىق كۈندە!»، باشقا بىرسى: «يىگىرمە كۈندە ئالغايمىز!» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىشتى. شۇ چاغدا ئولتۇرغانلار ئارىسىدىن سۇخاندانلىققا قارىغاندا قىلىچ چېپىشقا مايىل، كەمسۆز نويان كۆكۈلداش: «14 كۈندە ئالىمىز» دىدى.
ئەتراپتىكىلەر: «نىمە ئۈچۈن دەل 14 كۈندە، ھەي، كۆكۈلداش، ئېيتىڭا قېنى؟» ــ دەپ نويان كۆكۈلداشقا قاراپ كۈلۈشتى. بابۇر مىرزىمۇ باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن بۇ سادىق نەۋكىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى. پەقەت ئىچىدە «كاشكى» دېگەن گەپ يۈرۈكىنى ئىچىشتۈراتتى.
بابۇر مىرزا شۇ كۈنى كېچىسى غەلىتە چۈش كۆردى. بۇ ھەقتە «بابۇرنامە» دە شۇنداق يېزىلغان: «چۈش كۆردۈمكى، ھەزىرىتى خوجا ئۇبەيدۇللا كېلىۋاتىمىش، مەن ئىستىقبالىغا چىقىپتىمىشمەن. خوجا كېلىپ ئولتۇردى، خوجىنىڭ ئالدىغا بىتەككەللۇپراق داستۇرخان سالدىم. شۇ سەۋەپ بىرەر نەرسىنى ئويلىدى بولغاي، موللا بابا ماڭا قاراپ ئىشارەت قىلدى. مەنمۇ ئىما بىلەن دىدىمكى: «مەندە سەۋەنلىك يوقتۇر، داستۇرخانچى تەقسىر قىلىپتۇر». خوجا بىر نەرسىنى پەملەپ، ئورنىدىن تۇردى. مەن ئۇزاتقىلى چىقتىم. ئۇ ئۆينىڭ دالانىدا ئوڭ قولۇمدىنمۇ ياكى سول قولۇمدىنمۇ تۇتۇپ، شۇنداق كۆتۈردىلەركى، بىر پۇتۇم يەرگە تەگمەي قالدى. بىر تۈرۈك دىدىكى: «شەيىخ مەسلىھەت بەردى». شۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈندە سەمەرقەندنى ئالدىم...»
بابۇر مىرزا نويان كۆكۈلداشنىڭ سۆزىنى ئەسلەپ مۇنداق يازغان: «تەڭرى راست كەلتۈردى، دەل 14 كۈندە سەمەرقەندنى ئالدۇق».
«بابۇرنامە» دىن كەلتۈرۈلگەن پارچىدا بابۇر مىرزىنىڭ خوجا ئەھرار ۋەلىيگە بولغان باتىنىنى ھۆرمەت ۋە ئىخلاس بىلەن يېزىشىدا بىر ئالامەت بار. بۇ زات تارىختا نى-نى پەخىرلىك ناملار بىلەن ئاتالغان. جامىي ئۇنى «كەبەي مەقسۇد» دەپ ئاتىغان بولسا، ھەزرىتى ئەلشىر نەۋائى ئۇنى «تەرىقەت قۇتبى» دەپ تەرىپلىگەن، بابۇر مىرزا بۇ پارچىدا خوجىنى «موللا بابا» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ساددا دىللىق بىلەن ئېيتىلغان نامدىن ئۇنىڭغا بولغان مېھىرىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى ۋەقە
بابۇر مىرزا ئەندىجاندىنمۇ، سەمەرقەنددىنمۇ ئايرىلىپ سەرىسانلىقتا قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر گورۇھ مۇناپىق كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇلار بابۇر مىرزىنى تۇتۇپ، مىرزىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئەھمەد تەنبەلگە تاپشۇرۇپ بېرىش نىيىتىدە بولدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ياش مىرزا پۈتۈن ئۈمىدىنى يوقىتىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بابۇر مىرزا بۇ ۋەقەلەرنى خاتىرلىرىدە شۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ئۆزۈمنى ئۆلۈمنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردۇم، باغدا سۇ ئېقىپ تۇرار ئىدى، غۇسلى قىلىپ، ئىككى رەكىئەت ناماز ئوقۇدۇم، بېشىمنى مۇناجاتقا قويۇپ، دۇئا قىلىۋېتىپ، كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىپ قېلىپتۇر، كۆردۈمكى، خوجا ياقۇپ ــ خوجا يەھيانىڭ ئوغلى، ھەزرىتى خوجا ئۇبەيدۇللاھنىڭ نەۋرىسى ئات مىنىپ، جەمەتدېشى ئابلاقسۇۋار بىلەن كەلدى، ۋە دىدى: «غەم قىماڭ، خوجا ئەھرار سىزگە گەپ ئەۋەتىپ بەردى.  (خوجا ئەھرار) شۇنداق دىدى، ھەر يەردە مۈشكۈلاتقا يولۇقسا، بىزنى ئېسىگە ئېلىپ، ياد ئەتسۇن، بىز شۇ ھامان ھازىر بولىمىز. ئۇشبۇ سائەت فەتىھ ۋە نۇسرەت سىزنىڭدۇر. بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ، ئويغۇنۇڭ».
شۇ ھالەتتە خۇشال ھالدا ئويغاندىم، يۈسۈپ دورغا ۋە ھەمرالىرى بىر-بىرىگە مەسلىھەت قىلىشىپ، شۇنداق كېلىشىپتۇ. ئۇ باھانە ئىزدەپ ۋاقىتنى سوزماقچى، دەرھال تۇتۇپ باغلاش كېرەك.
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ شۇنداق دىدىم: «سىلەر شۇنداق دەيسىلەر، ئەمما قايسىڭلار قېشىمغا كېلەلەيسىز؟»
شۇ سۆزنى ئېيتىۋاتاتتىم، باغنىڭ سىرتىدىكى قېلىن ئوتلاقتىن بىر ئاۋاز كەلدى. يۈسۈپ دورغا دىدى: «ئەگەر بىز سىزنى ئېلىپ تەنبەل قېشىغا بارساق، بىزنىڭ ئىشىمىز ئىلگىرى بولار ئىدى. يەنە سىزنى تۇتقىلى بىزدىن باشقا كۆپ كىشى ئەۋەتىپتۇر. شۇنداق پەرەز قىلىمەنكى، بۇ ئاۋاز تەنبەلنىڭ ئەۋەتكەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تاۋۇشى بولىشى مۈمكىن.» بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ماڭا ئىزتىراپلىق يېتىپ، نىمە قىلارىمنى بىلمىدىم.
شۇ چاغدا بۇ ئاتلىقلار باغنىڭ ئىشىكىنى تېپىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، بىر چاغلاردا ئۆرلۈپ چۈشكەن جايدىن يوپۇرلۇپ كىردى. كۆردۈمكى، قۇتلۇق مۇھەممەد بارلاس ۋە باباي پەرغەركىم، مېنىڭ جان بەرگەن نەۋكەرلىرىمدىن ئون-ئونبەش، يىگىرمىچە كىشى يېتىپ كەلدى. بۇلار ياياق كېلىپ، ئاتتىن ئۆزلىرىنى تاشلاپ، يىراقتىن يۈكۈنۈپ، تەزىم قىلىپ، مېنىڭ ئايىغىمغا يىقىلدى. شۇ چاغدا گويا ماڭا يېڭىدىن جان كىرگەندەك بولدى. مەن دىدىم: «يۈسۈپ دورغا ۋە بۇ تۇرغان مۇزدۇر مەردەكلەرنى تۇتۇپ باغلاڭلار.» مەردەكلەر قاچماقچى بولغان ئىدى ، بىر يەردىن تۇتۇپ باغلاپ كەلدى» مەن دىدىم: «سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار، قانداق خەۋەر تاپتىڭلار؟» قۇتلۇق مۇھەممەد بارلاس دىدى: «ئەھسىدىن قېچىپ چىققاندا سىزدىن ئايرلىپ ئەندىجانغا كەلدىم، خانلار (بابۇر مىرزىنىڭ تاغىلىرى: سۇلتان مەھمۇخان ۋە سۇلتان ئەھمەدخان ــ موغۇل خانلىرى) مۇ ئەندىجانغا كېلىپتۇ. مەن چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە خوجا ئۇبەيدۇللا دىدى: «بابۇر پادىشاھ كەرنان دىگەن كەنتتە، بېرىپ ئۇنى ئېلىپ كېلىڭ، پادىشاھلىق ئورنى ئۇنىڭغا تەئەللۇق بولۇپتۇر»  مەن بۇ چۈشنى كۆرۈپ، خۇشال بولۇپ، ئۇلۇغ خان، كىچىك خانلارغا ئەرز قىلدىم، خانلارغا دېدىمكى: «مېنىڭ بەش-ئالتە ئىنىم ۋە ئوغلۇم بار، يەنە بىرنەچچە يىگىت قوشسىڭىز، كەرنان تەرەپكە بېرىپ، خەۋەر ئالسام». خانلار دىدى: «بىزمۇ شۇنداق ئويلىغان ئىدۇق، دەرھال يولغا چىققىن»...ئۈچ كۈندەك يول مېڭىپتىمىز، ئەلھەمدۇلىللاھ، سىزنى تاپتۇق» ــ دىدى. يەنە دىدى: «يۈرۈڭ، ئاتلىنىڭ، بۇ باغلانغانلارنىمۇ ئېلىپ ماڭايلى، بۇ يەردە تۇرىۋېرىش ياخشى ئەمەس، تەنبەل سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىڭىزدىن خەۋەر تېپىپتۇر، بىر ئاماللارنى قىلىپ، خانلارغا قوشۇلۇڭ.»
«شۇ ھامان ئەندىجان تەرەپكا قاراپ يول ئالدۇق...ئەندىجانغا كېلىپ ئۇلۇغ خان دادام ۋە كىچىك خان دادامغا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئۆتكەن كۈنلەرنى تامام بايان قىلدىم. خانلار بىلەن تۆت ئاي بىرگە بولدۇم. چېچىلىپ كەتكەن نەۋكەرلىرىم يىغىلىپ، 300 دىن كۆپرەك كىشى بولدى، شۇنداق ئويلىدىمكى، فەرغانە ۋىلايىتىدە سەرگەردان بولۇپ تۇرغاندىن كۆرە، بىر تەرەپنى تەلەپ قىلاي...»
شۇندىن كېيىن، گۇلبەدەنبېگىم يازغاندەك: «200 كىشى پىيادە، ئۇچىسىدا چاپان، پۇتلىرىدا چۇرۇق، قوللىرىغا تاياق ئالغان ھالدا، خۇداغا تەۋەككۇل قىلىپ، بەدەخشان ۋە كابۇلغا قاراپ يول ئالدىلەر». ئەمما راست دېگەندەك بىر يىلدىن كېيىن، كەرنان كەنتدىكى چۈش ئوڭ كەلدى، خوجا ئەھرار ۋەلىينىڭ بىشارىتى ئەمەلگە ئاشتى. بابۇر مىرزا كابۇلنى فەتىھ قىلدى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرۇپ، پادىشاھلىق مەقسىتىگە يەتتى....
بابۇر مىرزا ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىغىچە خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرارغا بولغان ئىخلاسىنى مۇقەددەس بىلىپ كەلدى. ئۆمىرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ھەر دائىم قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا، شىفاتىنى(چارىسىنى) خوجا روھىدىن ئىزلەيتتى. بابۇرنىڭ پۈتۈن ھاياتى داۋامىدا مەدەدكار كۈچ سۈپتىدە قوللاپ كەلگەن خوجا بۇ سەپەردىمۇ ئۇنىڭغا نىجاتلىق يوللىدى:
«سەيشەنبە كېچىسى، سەپەر ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىسىدە ھەزىرىتى خوجا ئۇبەيدۇللانىڭ «ۋەلەدىيە» رىسالىسىنى شېئىرلاشتۇرماقنى ئويلىدىم، ھەزرەتنىڭ روھىغا ئىلتىجا قىلىپ، كۆڭلۈمگە كەچۈردۈمكى، بۇ مەقسىدىم ئۇل ھەزرەتنىڭ مەقبۇللىقىغا ئېرىشكەي، نىچۈككىم، ساھىبى «قەسىدەئى بۇردە» نىڭ قەسىدىسى مەقبۇل بولدى، ئۆزى ئەپلۇ مەزەجىدىن (بەھرىدىن) خالاس تاپتى. مەن داغى بۇ ئارىزەدىن قۇتۇلۇپ، نەزمەمنىڭ قوبۇلىغا دەلىلى بولغۇسىدۇر دېگەن نىيەتتە «رەمەل مۇسەددەس مەخبۇنى ئارۇز» ۋە «زەربگاھى مەخبۇنى مەھفۇز» ۋەزىنىدە (بۇلار ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ بەھىرلىرى ــ ئاققىر) يازدىم، مەۋلانە ئابۇراھمان جامىنىڭ «سۈھبە» سىمۇ مۇشۇ ۋەزىندە يېزىلغاندۇر. شۇنداق قىلىپ، رىسالە نەزمىلەشتۈرۈلدى، شۇ كېچە ئون ئۈچ بېيت يېزىلدى.
شۇنداق بېكىتىلگەنكى، ھەر كۈنى 10 بېيىتتىن كەم يېزىلماس ئىدى، ئارىدا بىر كۈن تەرك بولدى، ئۆتكەن يىلى ھەر مەھەل مۇشۇنداق دەۋاملاشتۇرۇلدى، تەخمىنەن بىر ئاي ــ قىرىق كۈنگە باردى. تەڭرى ئىنايىتى بىلەن ھەزرەتنىڭ (خوجا ئەھرارنىڭ) ھىممىتىدە، پەيشەنبە كۈنى، ئاينىڭ يىگىرمە توققۇزىدا مۇشۇنداق ئاياقلاشتى، شەنبە كۈنى رەببىئەل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ سەككىزدە رىسالە نەزم قىلىپ ئېيتىشقا يەتتى. بىر كۈن ئەللىك ئىككى بېيت ئېيتىلدى.»
بابۇر مىرزا ئۆز مەنىۋى ئۇستازىنى شۇنداق تەرىپلەيدۇ:
خوجىلار خوجىسى ئول خوجا ئۇبەيد،
خادىمۇ چاكارى شىبلىيۇ جۇنەيد.
ھالەتۇ مەرتىبەسى زاھىردۇر،
ۋەسىفۇ تەرپىدىن تىل قەسىردۇر.
خوجا ئەھرارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ماۋۇرەئۇننەھرىنى تەرىك ئەتكەن بابۇر مىرزى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزمىگەن. خوجىنىڭ نەۋرىلىرى، شەيبانىلار تەرپىدىن بىرى قۇۋغىن، بىر شەھىت ئېتىلگەن ئىككى ئوغلى: خوجا ئابدۇللاھ بىلەن خوجا يەھيانىڭ پەرزەنتلىرى بولمىش خوجا ئابدۇلھەق ۋە خوجا كالانلارنىڭ 1528-يىلى ھېندىستانغا كەلگەنلىكى مەلۇم.
«بابۇرنامە» دە بابۇر مىرزىنىڭ بىر قېتىملىق مۇراسىمدا ھەزىرىتى خوجىنىڭ نەۋرىلىرنى ئىززەت قىلىپ، ئوڭ قول تەرپىدە ئولتۇرغۇزغانلىقى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: «شەنبە كۈنى ئاينىڭ ئالتىسىدە توي بولدى...مەن يېڭى سالغان مۇسەممەن خەسپوش تەلارنىڭ شىمالى زىلئىدە ئولتۇردۇم، ئوڭ قولۇمدا توختە بوغە سۇلتان ۋە ئەسكەرلىرى  ۋە ھەزىرىتى خوجىنىڭ ئەۋلادى خوجا ئابدۇششاھىددىن ۋە خوجا كالان...يەنە سەمەرقەنددىن كەلگەن خوجىنىڭ تاۋاباتى ھاپىز ۋە موللىلار ئولتۇردى...ئۇلۇغ ئاش تارتىلغاندىن كېيىن، خوجا ئابدۇششاھىددىن بىلەن خوجا كالانغا ئۆرۈمە ئۈرۈلۈپ، مۇناسىپ كىيىملەر كىيدۇۈرۈلدى...ئىككى خوجىغا...كۈمۈش تەخسە بىلەن ئالتۇن ۋە ئالتۇن تەخسە بىلەن كۈمۈش تارتىلىپ، ئىنئام بېرىلدى...ھاپىز تاشكەندى ۋە موللا فەررۇھ باشلىق خوجىنىڭ مۇلازىملىرىغىمۇ...ئالتۇندىن، كۈمۈشتىن تەركەش ئىنئام قىلىندى».
خوجا ئابدۇلھەق 1530-يىلىغىچە ئاگرادا ياشىغان، خوجا كالان شەيبانىلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر قاتارىدا سەمەرقەندكە قايتىپ كەتكەن. «بابۇرنامە» دە: «تاڭلەسىگە خوجا ئابدۇلھەققە ئاگرادا تۇرۇش ئورۇنلاشتۇرلدى. خوجا كالان ــ خوجا يەھيانىڭ نەۋرىسىگە، ئۆزبېك خان ۋە سۇلتانلاردىن رىسالەت تەرىقىسى بىلەن كەلگەن ئىدى (رۇخسەت سوراپ دەپ چۈشەندىم  ــ ئاققىر)، سەمەرقەندكە بارماققا رۇخسەت بېرىلدى».
بابۇر مىرزا ئۆز پەرزەنتلىرىگە ھەزىرىتى خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئېتقاددا بولۇشنى ۋەسىيەت قىلدى. خۇسۇسەن، ئۇ ئوغلى كامران مىرزىغا يوللىغان مەكتۇبىدا نەسىھەت قىلىپ: «تەقى ماۋاروئۇننەھرى ئېلى بىسيار سادەلاھدۇرلەر، ھەر قېتىم بىقابىليەت بولساڭلار(ئامالسىز قالساڭلار)، ئۇلارغا ئېتماد قىلساڭلا بولۇر، تەخسىس ئۇل قۇرسى شەبىستانىنىڭ شەئى ئەنۋەرىدۇر، ئايا گۈلۈستانىنىڭ ئەندەلىبى سۇخەنۋارى ھەزرەت خوجا ئۇبەيدۇللاكىم، ئىمداد قىلىبتۇرلار، تا ھازىرغىچە بۇ ئىشلارنىڭ دەۋلەتى ئۇل ئەزىزلەرنىڭ ھىممەتىدىندۇر. ئۇل سىلسىلانىڭ مۇرىد ۋە ئەسھابىلىرى پادىشاھزادە دەپ ساڭا كەلسە، زىنھار ئىكرام ۋە ئېزىزلەرنى مەرئىي تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بارىسىدا تەقسىر قىلماغايسەن، ئەگەركىم، ئىشىق بابىندا بولسا، سەۋەرلەرنىڭ ئېتىنى ھەم سەۋەرلەر».
(بۇ مەكتۇپ توغرىسىدا بىلمەكچى بولسىڭىز بەگئەلى قاسىموۋ ماقالىسىنى ئوقۇڭ)
بابۇر مىرزىنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئىش كۆرۈپ، نەقشىبەندىيە خانىدانى ۋە ھەزىرىتى خوجىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئىخلاس قىلدى. ھەسەنخوجا نىسارىي ئۆز تەزكىرىسىدە كامران مىرزا ھەققىدە يازغان بولۇپ، قەيد قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىرادەت نىسبەتى ھەزرىتى شەيىخ مۇتلەق خوجا ئابدۇلھەق بىن ھەزرىتى خوجا بىن ھەزىرىتى خوجا ناسىرىددىن ئۇبەيدۇللا ئىدى. ۋە ھەزىرىتى خوجا ئابدۇلھەق ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ سۆھبەتى شەرىپىنى تاپقان ئىدى. ئۇلارغا ئەگىشىپ تەرىقەت مەسلەكلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھەقىقەت مەملىكەتلىرىگە يېتىشكەن ئىدى، خوجا ئابدۇلھەق تەقدىر تەققاززاسى بىلەن بىرنەچچە مۇددەت ھىندىدا ۋەتەن تۇتتى ۋە شۇ يەردە قەلبىگە ھىجاز ئارزۇسى تۇتۇشۇپ، شەرىف ھەرەمنى تاۋاپ قىلىشقا مۇشەررەپ بولدى.»
يەنە شۇ مۇئەللىپ خوجا ئەھرار ۋەلىينىڭ باشقا بىر نەۋرىسى خوجا ئابدۇلھەقنىڭ دادا بىر بۇرادىرى خوجا مۇئىنىددىن  ـــ ھەزىرىتى خوجا خاۋەند مەھمۇد (بىر كىتاپتا مۇھەممەد)  ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ «مۇلۈكانە سۈلۈك قىلىپ، ھۇمايۇن پادىشاھ بىلەن مۇھاسىب بولغان» دەپ يازغان.



ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئاققىر



مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىككىنچىسىنى ئاستىدىكى ئادىرىستىن ئوقۇڭ.

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-102176-1-1.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2842
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2535 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 12:05:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ئۇچۇر ۋە تەۋەرۈك قول يازمىلار ئىكەن،تەرجىڭىزگە بارىكاللا،قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35342
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13724
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 2040 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 12:48:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

خۇرشىد دەۋراننىڭ توربىكىتى  http://kh-davron.uz/   ياخشى ماقالىلەر بار.  
  

‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___   سۈرە شەمسى 9_ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87231
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 05:52:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بابۇرشاھ دەپ ئاتاش مۇۋاپىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97368
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-8-29
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 07:50:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بابۇر مىرزاھ دىگىنىڭىز ھىلىقى ھىندىستاندىكى موغۇلىستان خانلىقىنى قۇرغان شاھ بابۇر شۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 06:43:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشبۇغ يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 07:50 PM
بابۇر مىرزاھ دىگىنىڭىز ھىلىقى ھىندىستاندىكى موغۇلىست ...

بۈيۈك ھىندىستان مۇغۇل ئىمپىريىسىنى قۇرغۇچى زات دەل ماقالىدە تىلغا ئىلىنغان زوھىردىن مۇھەممەد بابۇر دىگەن كىشى دەل ئۆزىدۇر. ماقالىنى ئوقۇپ تازا چۈشۈنەلمىگەن بولسىڭىز مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ تارىخى رەشىد دىگەن كىتابىنى ياكى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ باھادىرنامە دىگەن كىتابىنى كۆرۈپ چىقىڭ قىرىندىشىم .

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش