مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1227|ئىنكاس: 13

بابۇر مىرزىنىڭ ئۇستازلىرى (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22440
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7132
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2137 سائەت
تىزىم: 2010-12-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 12:45:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بابۇر مىرزىنىڭ ئۇستازلىرى (1)

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ئاققىر

تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدىن تارىخقا قىزىقىمەن، شۇ چاغلاردا مۇئەللىملىرىم سۆزلەيدىغان تارىخ سۇلالە، پادىشاھلار خۇددى مىڭ بىر كېچە ھېكايىلىرى، مومام سۆزلەپ بېرىىدىغان چۆچەكلەرگە ئوخشاش تولىمۇ سىرلىق ۋە قىزىقارلىق بىلىنەتتى.  كېيىن يەنە يۇرتىمىز، ئەجدادلىرىمىز تارىخىغا دائىر ماقالە، رومان، ھېكايە، داستانلاردىن يۇرتىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن ھەمدە يۇرتلىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرىگەئائىت يازمىلارنى ئوقۇيدىغان بولدۇم. كېيىن شۇنى بىلدىمكى يۇرتىمىز تارىخىنى تولۇق چۈشىنىمەن دەيدىكەنمىز جۇڭگو تارىخىنى پىششىق بىلىپلا قالماي ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنىمۇ بىلىش زۆرۈر ئىكەن.

تور ئارلاپ مەلۇم بىلوگدىن خۇرشىد دەۋران تورى دەيدىغان ئۆزبەكچە تور بەتنى كۆرۈپ قالدىم. قارىسام بۇ تور بەتتە مەن بەك قىزىقىدىغان مەشھۇر پادىشاھلىرىمىزدىن بابۇر مىرزا ھەققىدە يازمىلار خېلى كۆپتەك ھېس قىلدىم، بۇ بىلوگنىڭ ئىگىسى خۇرشىد دەۋران نامىدا ماقالە يازىدىكەن، قارىسام ئۆزبېكىستاندىكى خېلى چوڭ ژورناللاردا ماقالىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى، نۇرغۇن ئۆزبېك ئالىملىرى بىلەن ئولتا- قوپىنىڭ بارلىقىنى دەپتۇ. دىمەك بۇ بىلوگ ئۆزبېكىستاندا نامى بار تارىخ ئالىمىنىڭ بىلوگىكەن، ئەمما  ماقالىلىرى ئۆزبېكچە ئىكەن قانداق قىلىش كېرەك؟ چىقىپ كېتەي دېسەم بۇ تور بەتتە بىز بىلمەيدىغان ياكى بىز بىلىدىغان شەخسلەرگە قارتا باشقىچە قاراشلارنىڭ بولۇشى ئېنىق. ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر تىرىشىپ باقمايمۇ دىگەن نىيەتكە كەلدىم ۋە تۇنجى قەدەمدە بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم.
بىلمىم چولتا بولغاچ ئاقساقاللىق قىلىپ قالغان بولۇشۇم مۈمكىن، دوستلارنىڭ توغۇرلاپ ئوقۇشىنى سورايمەن.
بۇ ماقالە مەزكۇر ئالىمنىڭ «بابۇر مىرزانىڭ ئۇستاز ۋە پىرلىرى2» ماقالىسى بولۇپ، 1-سىنىمۇ ئىزدەپ تېپىپ يوللاش نىيتىم بار.  مېنىڭچە  بۇ ماقالىنىڭ بىزگە نىسبەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بولۇشى مۈمكىن، پايدىلىنىش قىممىتى بولمىغاندىمۇ 15-ئەسىردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن ئاز-تولا خەۋەر تېپىشىمىز مۈمكىن ۋە ياكى تەسەۋۇپ تارىخىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ ياخشى ماتىريالى بولۇشى مۈمكىن. قېنى ئۇنداق بولسا…..

01300000203503128284746845750_s.jpg


مىرزا بابۇر پىرلارى  ئىككىنچى ماقالەخۇرشىد دەۋرانبىزبىرىنچى ماقالىدە بابۇر مىرزا ئۆمۈر بويى ھۆرمەتلەپ ئىززەتلىگەن ھەزرىتى خوجا ئۇبەيدۇللائەھرار ھەققىدە توختالغان بولساق، ئەمدى ئۇلۇغ شائىر ۋە سەركەردىنىڭ بالىلىقدەۋردىن باشلاپ تايانچ بولغان، ئۇنىڭ سەرگەردان-سەرسانلىق سەپەرلىرىگە مەدەتبەرگەن ۋە شۇ يولدا شىھىت بولغان خوجا مەۋلانە مۇھەممەد قازى بىلەن بابۇر مىرزانىڭماۋارەئۇننەھرىدىكى قول بەرگەن پىرى، ھىندىستان ئېكىنزارلىرى، گاھى ئىلچى ئارايۈرۈپ مەنىۋى جەھەتتىن مەدەت، دۇئايۇ فاتىھە بەرگەن مەخدۇم ئەزەم ھەققىدە ھىكايەسۆزلەشنى مەخسەد قىلدۇق.  بىراق، بۇ ئىككىئۇلۇغ سىيما ھەققىدە ھېكايە باشلاشتىن ئاۋۋال turk تەسەۋۇپ تارىخىدا سىزلەرگەئىز قالدۇرغان سۇلتان بۇرھاننىددىن قىلىچ توغرىسىدا مەلۇمات بەرمەكچىمىز. بۇ مۇبارەكزاد بىزنىڭ مەقسەدلىرىمىزگە سەۋەپ بولغان ئىككى زادنىڭ بوۋا كالانىدۇر. بابۇرمىرزا ئۆز كىتابىدا خوجا مەۋلانى قازى ھەققىدە مۇنداق دېگەن «خوجامەۋلانە قازىنىڭ ئېتى ئابدۇللادۇر. ئاتا تەرپىدىن نەسىبى شەيخ بۇرھانىددىن قىلىچقاتۇتىشىدۇ. ئانا تەرپىدىن سۇلتان ئىلىكقا يېتىدۇ. فەرغانە ۋىلايىتىدە بۇ كىشىلەرشەيخۇلئىسلام ۋە قازى بولۇپ كەلگەنلەردۇر...» مەخدۇم ئەزەم «رىسالىئى تارىخىۋافاتىى شەيخون(شەيخلەر ۋافاتى تارىخى)»، «رىسالىئى ئولامىيا» دە شەيخ بۇرھانىددىنقىلىچ ھەققىدە يېزىپ، ئۆز پۈشتىنى شەيخكە ئۇلىنىش قىلىپ «بوۋاكالانىم» دەپپەخىرلەنگەن. سۇلتان بۇرھانىددىن قىلىچ ھەققىدە مۇختاسارنىڭ(؟) «ماتلاپ ئات-تالىبىن»،«مەناقىبى مەخدۇمى ئەزەم»، «جامې ئۇل-ماقامەت»، «مۇلھاكات ئەس-سۇرۇھ» ناملىق ئەسەرلىرىدەرىۋايەت نەقىللەر مەۋجۇت.رىۋايەت قىلىنىشىچەھەزرىتى ئەبۇ تالىپ ئەۋلادىدىن بولمىش سايىد كامالىددىن مەدىنەنى تەرك ئېتىپ،ماۋارائۇننەھرىگە كەلگەن ئىكەن، بىر كۈنى ئۇ ئۆستەڭ بويىدا دەم ئېلىش ئۈچۈنتوختىغاندا فەرغانە ۋە ئۆزكەنت پادىشاھى سۇلتان ئىلىك مازىيى خەۋەر تېپىپ، «سەيىدزادىگەھۆرمەتسىزلىككە يول قويۇلمىسۇن» دېگەن نىيەتتە، ئۇنى ھوزۇرىغا چىللاپ ئادەملەرنىئەۋەتكەندە  سايىد كامالىددىن ئۇلارغا «مەنبىر قەلەندەر كىشىمەن، ئاللاھنىڭ ئىشقى ئىزدەپ بۇ دىيارغا كەلگەنمەن، سېنىڭپادىشاھىڭ بىلەن ئىشىم يوق» دەپ بېرىشقا قوشۇلمايدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھيەنە ئادەم ئەۋەرتىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆزى بېرىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان. شۇنىڭ بىلەنسەيىدزادە «پادىشاھىڭلار دەرۋىشلەر سۆھبىتىگە مايىل ئىكەن، ئۆزۈم بارىمەن» دەپسۇلتان ئىلىك ھوزۇرىغا گەپ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. پادىشاھ ئۇنى ئىززەت-ئىكرام بىلەنكۈتۈۋالىدۇ ۋە ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆز قىزىنى سەيىدزادىگە نىكاھلاپ بېرىدۇ. يەنەبىر مۇددەت ئۆتۈپ، سايىد كامالىددىن ئايالىنى ئېلىپ  ئۆز يۇرتى مەدىنەگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيدۇنيادىن كۆز يۇمغان. سەيدى كامالىددىن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئايالىغا تۇغۇلغانپەرزەندىنىڭ ئىسىمىنى سۇلتان بۇرھانىددىن قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان ئىكەن.رىۋايەتلەردىن كۆرەسۇلتان بۇرھانىددىن توققۇز يېشىدا ئانىسى بىلەن فەرغانىگە قايتقان. بوۋىسىنىڭۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە چىقىپ، بىرقانچە مۇددەت ئەل-ئۇلۇسقا ئادالەت ئىشىكىنىئېچىپ، ئەدلۇ-شەپقەتلەر قىلغان ئىكەن. ئەمما قېنىدا دەرۋىشلىك، سوپىلىق غالىپكەلگەن ياش پادىشاھ، خۇددى ھەزرىتى ئىبراھىم ئادھامدەك، تاجۇ-تەختتىن ۋاز كېچىپ،مۇرشىد ئىزدەپ خوجەندكە-ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ زەبەردەست تەسەۋۇپ ئەربابى شەيخمەسلاھاتۇددىن خوجەندى (ئۇنى بادېئون نۇرىمۇ دەيدۇ) دەرگاھىغا بېرىپ، كۆپ ۋاقىتمۇلازىمەت قىلغان ئىكەن. ئۇستازىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 1221-يىلى ئۆزىگە كېلىپ،خەلقنى ھەق مەرىپەتكە يۈزلەندۈرگەن ۋە ئالەمدىن ئۆتكەن. مەقبەرىسى ئۆزكەند شەھرىئەتراپىدىكى مۇساپىر ئاتا قەبرىستانلىقىدىدۇر.سۇلتان بۇرھانىددىن ئىسلامدۇنياسىدا شەيخ بۇرھانىددىن قىلىچ نامى بىلەن مەشھۇر. ئۇنىڭ «قىلىچ» لەقەبلىرىتوغرىسىدا بىر قاتار رىۋايەتلەر مەۋجۇد.ئېيتىشلارچە، بىر كۈنىئەزىز كىشىلەردىن بىرى سۇلتان بۇرھانىددىننىڭ نىمە سەۋەپتىن تاج-تەختتىن ۋازكېچىپ، سوپىلىقنى تاللىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش مەقسىدىدە ئۇنىڭ خانىقاسىغابارىدۇ، سالام بىرىپ كىرگەن كىشىنىڭ نىيتىنى ئۇققان شەيخ كارامەت كۆرسىتىپ،  ئەزىز كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر قىلىچ پەيداقىلىدۇ، ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىنلەر ئۇنىڭ تىغىغا ئۇرۇلۇپ ئىككى پارچە بولۇپكېتىدۇ. ھەيرانلىقتا ئېغزى ئېچىلىپ قالغان كىشىگە قاراپ، شەيخ ««چىۋىنلارئەيىبدارمۇ بۇ قىلىچقا؟» دىگىنىدە، ھېلقى كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزرە ئېيتىپ تەۋبەقىلغان ئىكەن. مانا شۇ ۋەقە سەۋەبلىك شەيخ «قىلىچ» لەقىمىنى ئالغان.جامالىددىن قارشى(1230-يىلى تۇغۇلغان) قەلىمىگە مەنسۇپ «مۇلھاقات ئەس-سۇرراھ» دىگەن ئەسەردە شەيخبۇرھانىددىن قىلىچ ئەل-ئۆزكەندى ھەققىدە مەلۇماتلار ۋە ئۇنىڭ ئەزمەتلىكى ھەققىدەھىكايەتلەر كەلتۈرۈلگەن. مەھدۇمى ئەزەمنىڭ يېزىشىھە، شەيخ بۇرھانىددىن ساھىبىقۇدرەت بولغان، ئەگەر ئۇ ئاق خەسىگە قارىسا، ئۇ خەسە دەرھال كۆكەرگەن. كوناكىتابلاردا شەيخنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئولۇغ پېشۋالىرى خوجا ئوبۇلقاسىم كورگانى ۋە خوجايۈسۈپ ھەمەدانىلار بىلەن سۆھبەت قۇرغانلىقى ھىكايە قىلىنغان.خوجا مەۋلانە ئابدۇللاھقازىبابۇر مىرزا ئىخلاسقىلغان زاتلاردىن بىرى، خاتىرە كىتابىدا «ئۇستازىم ۋە پىرىم» دەپ ئېزىزلىغان كىشىخوجا مەۋلانە ئابدۇللا قازىيدۇر. «بابۇرنامە» دە ئۇ«خوجا مەۋلانە قازى»، «خوجا قازى» دەپ تىلغا ئېلىنغان.«بابۇرنامە» گەئاساسلانساق، مەۋلانە مۇھەممەد قازى ئەينى يىللاردا بابۇر مىرزىنىڭ ئاتىسى،ئەندىجان ھۆكۈمدارى ئۆمەر شەيخ مىرزىنىڭ دەرگاھىدا، ئۇنىڭ ئەڭ سادىق كىشىسى -پادىشاھنىڭ پىرى مۇرشىدى بولغان. ئۆمەر شەيخ مىرزىنىڭ ۋاپات بولىشى، سۇلتان ئەھمەدمىرزىنىڭ  ئەندىجانغا قوشۇن تارتىشى بىلەنباشلانغان تەھلىكە كۈنلەردە بابۇر مىرزىغا خىزمەتتە بولغان دەسلەپكى كىشىلەرنىڭبىرىدۇر. بابۇر مىرزا شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ «خوجا مەۋلانە قازى، سۇلتان ئەھمەدقازىنىڭ ئوغلى ۋە شەيخ بۇرھانىددىن قىلىچنىڭ نەسلىدۇر، ئانا تەرپىدىن سۇلتان ئىلىكمازىيىنىڭ ئەۋلادى، ئۇنىڭ ئابا ئەجدادى مۇشۇ ۋېلايەتكە (فەرغانە ۋېلايىتىگە) قازىۋە شەيخۇلئىسلام بولۇپ كەلگەنلەردۇر.... قورغان ئىچىدىكى بەگلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىنكېيىن (ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كەلگەنلىكىنى دىمەكچى)  خوجا مۇھەممەدكە ئەرز قىلدى، ئۆمەر شەيخمىرزىنىڭ خوتۇن-قىزىلىرى ئاشۇ يەردە ئىدى، بېرىپ ئۇلارنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ،نامازدىگەر ۋاقتى بىلەن مېنى ئېلىپ ياندى. كېلىپ ئەرككە (قورغاننىڭ ئىسمى)  چۈشتۈم. خوجا مەۋلانى قازى ۋە بەگلەر مېنىڭقېشىمغا كېلىپ، سۆز ۋە كېڭەشلەرنى قىلىشىپ، قورغاننىڭ ئامانلىقى ۋە راۋانلىقىئۈچۈن مەشغۇللاردا بولدى....سۇلتان ئەھمەد مىرزاخوجەند، مەرغۇلانلارنى ئالغاندىن كېيىن، ئەندىجاننىڭ تۆت ئەتراپىنى قورشىۋالدى...خوجا قازىنى ۋە ئۇزۇن ھەسەن خوجا ھۈسەييننى ئەلچىلىككە... ئەۋەتتۇق» شۇ كۈندىنباشلاپ مەۋلانە مۇھەممەد قازى ئون ئىككى ياشلىق پادىشاھ ئۈچۈن رەھنامە بولۇپ،بابۇر مىرزا ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك تايانچلاردىن بولۇپ قالدى.1497-يىلى نويابىرنىڭئاخىرىدا سەمەرقەندنى ئىگىلىگەن بابۇر مىرزا بىر-ئىككى ئاي قامال ئىچىدە قالدى.سەمەرقەند قامال قىلىنغانلىق سەۋەب بىلەن شەھەرگە كىرگەن ئەندىجان قوشۇنىتەنقىسلىقتا قالدى، ئاقىۋەتتە، بەزى بەگلەر ئەندىجانغا قېچىپ كەتتى. بابۇر مىرزاقاچاقلارنى ئىنساپقا چاقىرىش ئۈچۈن مەۋلانە مۇھەممەد قازىنى ئەندىجانغا ئەۋەتتى.ئەندىجانغا قېچىپبارغان بەگلەردىن — سۇلتان ئەھمەد تەنبەل بىلەن ئۇزۇن ھەسەن تىل بىرىكتۈرۈپخىيانەت يولىغا ئۆتتى. ئىككى خىيانەدگار بەگ سەمەرقەنددە ئولجا تاپالماي قاچقانبەگلەرنى شۇنىڭدەك قاچقۇن موغۇل نەۋكەرلەرنى ئۆز تەرپىگە تارتىپ، بابۇر مىرزىنىڭئىنىسى جاھانگىر مىرزىغا ئەندىجان تەختىنى ئېلىپ بەرمەككە قەستلىدى. ئەندىجانغايېتىپ بارغان مەۋلانە مۇھەممەد قازى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، يۈرۈش باشلانغاندا بابۇرمىرزا تەرپىدىن قالدۇرۇلغان نەۋكەرلەرنىڭ ئىسيانچىلار تەرپىگە ئۆتۈپ كەتمەسلىكىئۈچۈن ئون سەككىزمىڭ قوينى قورغاندىكى قوشۇنغا تارقىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگەئۇ ئارقىمۇ-ئارقا مەكتۇپ يېزىپ، بابۇر مىرزىنى ئەندىجانغا قايتىشقا دەۋەت قىلدى.بابۇر مىرزا بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان «مۇھاسىرە مەزگىلىدە مېنىڭ ۋالىدەلىرىدىم ۋەخوجا قازىدىن ئارقىمۇ-ئارقا بۇ مەزمۇندا خەتلەر كېلۇر ئېدىكىم، بىزلەرنى  مۇھاسىرە قىلىپتۇرلەر، ئەگەر كېلىپ پەريادىمىزغايەتمىسىڭىز ئىش يامان بولغۇسىدۇر  دېگەنتەرىقىدە ئارقىمۇ-ئارقا خەتلەر كەلدى.» شۇ كۈنلەردە يالغۇزلىق،قورقۇنچ ياكى باشقا سەۋەبتىن بابۇر مىرزىنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ئاغرىپ يېتىپقالدى. ئانا كۆكسىنى ئۇنتۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئون بەش ياشلىق پادىشاھ ئۆز ۋالىدەسىنىڭتەقدىرىدىن چۆچۈپ قالغان ئىدى. ئىنىسى جاھانگىر مىرزىنىڭ ئانىسى باشقا ئىدى، شۇڭازۇلۇم يولى ئوچۇق ئىدى. ئەندىجاندىن كېلىدىغانخەت توختىمىدى «ئانىلىرىمدىن ئانام ۋە ئانامنىڭ ئانىسى ئېسەن دەۋلەتبېگىم، يەنەئۇستازىم ۋە پىرىم خوجا مەۋلانە قازىلاردىن خەتلەر كېلىپ تۇراتتى...»بابۇر مىرزا سەمەرقەندتەختىگە ئولتۇرغىنىغا دەل يۈز كۈن بولغان چاغ يەنى 1498-يىلى فېۋرالدا شەھەرنىتەرك ئېتىپ، ئەندىجانغا قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ قوشۇنى يول يۈرۈپ بىر ھەپتەدېگەندە خوجەندكە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا بابۇر مىرزىنى دەھشەتلىك خەۋەر كۈتۈپتۇراتتى. «شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەندىجاندىن بىر كىشى ئۇشبۇ خەۋەرنى كۆتۈرۈپكەلدىكىم، بۇندىن يەتتە كۈن بۇرۇنقى شەنبە كۈنى بىز سەمەرقەنددىن چىقىپتۇمىز، ئاشۇشەنبە كۈنى ئەلىي دوست تاغايى (بۇ ئادەمنى بابۇر مىرزا ئەندىجانغا ھاكىم قىلىپقالدۇرغان. خ.د) ئەندىجان قەلئەسىنى مۇخالىفلارغا بېرىپتۇ...»  يەنە نەچچە كۈن ئۆتۈپ بابۇر مىرزا يەنە بىرشۇمخەۋەرنى ئىشتتى. «ئەندىجاننى ئالغاندىن كېيىن، مېنىڭ خوجەندكە كەلگىنىمنىئاڭلاپ، خوجا مەۋلانە قازىنى ئەرك دەرۋازىسىغا ئېسىپ شېھىت قىلدىلەر»  بابۇر مىرزا پىر ئۇستازىنى ئەسلەپ خاتىرسىنىشۇنداق يەكۈنلىگەن «خوجا قازى ھەزرىتى خوجا ئۇبەيدۇللاھنىڭ مۇرتى ئىدى، كۆپتەربىيەتلەرنى ئالغان ئىدى. خوجا قازىنىڭ ۋەلىلىكىدە مەندە ھېچ شەك يوقتۇر. مۇنداقبىر ئىش ۋەلىلىقىگە دەلىلدۇركى، ئۇلارغا قەسد قىلغانلاردىن ناھايتى تېزلا ئۇچۇر ۋەئالامەتلەر قالمايتتى. خوجا قازى ئاجايىپ كىشى ئىدى، ئۇنىڭدا قورقۇنچ دەيدىغاننەرسە ئەسلا يوق ئىدى، ئۇنىڭدەك دانا كىشى كۆرۈلگەن ئەمەس. بۇ سۈپەتكە ئۇ ئالغانۋىلايەتلەر دەلىلدۇر. شەھەر ئالغان ھەرقانداق بىر باھادىر كىشى، چوقۇمكى داغدۇغاۋە تەۋەھھۇملارنى قىلاتتى، خوجا ئەسلا داغدۇغا ۋە تەۋەھھۇملارنى قىلىپ باقمىغانئىدى. خوجا ۋەقەسىدىن كېيىن خوجىغا مەنسۇپ جايلار، نەۋكەر، چاكار، ئايماقئاھالىلىرىنى تامامەن تۇتتۇرۇپ تالاتتى....»  خوجا ئابدۇللا قازىھەققىدە سۆز بولغاندا خېلى كۆپ تارىخى مەنبەلەردە مەۋلانە مۇھەممەد قازى نامىبىلەن تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر زات خۇسۇسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈش بەك مۇھىم. بۇئىككى كىشىنىڭ ئوخشاشلا «مەۋلانە قازى» دەپ ئاتىلىشى بەزى مەنبەلەردە بۇ ئىككىشەخسنى بىر زاد دەپ چۈشۈنۈشتەك مۈجمەل پىكىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كەمىنە ھەمدەسلەپكى ماقالىلىرىمنىڭ بىرىدە شۇنداق خاتاغا يول قويغان ئىدىم. كىيىنكى يىللارداسەمەرقەندلىك ئۇلۇغ ئالىم ئاكادىمىك باتىرخان ۋەلىخوژىۋ ۋە ئىزلەنۇۋچان ئالىمكامىلخان كاتتيېۋنىڭ تەتقىقاتلىرى بۇ مەسلىگە جاۋاپ بەردى. خوجا ئابدۇللاھ بىلەنخوجا مۇھەممەد ئەممەزادىلەردۇر(بىر ئۇستازنىڭ شاگىرتلىرىدۇر ــ ئاققىر). ھەرئىككىسىنى مىرزا بابۇر يېزىپ قالدۇرغان، بىرنەچچە ئەسىرلەر مابەينىدە «فەرغانەۋىلايىتىدە...مۇقتەدا ۋە شەيخۇلئىلسام ۋە قازى بولۇپ كېلىنگەن» خانادانغا مەنسۇپتۇر.(يەنە بىر خوجا مەۋلانەقازى ھەققىدە ــ ئاققىر) خوجا مەۋلانە ئابدۇللاقازىغا ئوخشاش خوجا ئەھرارى ۋەلىنىڭ ئەسھابلىرى بولمىش خوجا مەۋلانە مۇھەممەدئىبنى بۇرھانىددىن 851-يىلى (1447-1448-يىلى) سەمەرقەنددە تۇغۇلغان. خوجا مەۋلانە مۇھەممەدئۆزىنىڭ «سىلسىلات ئۇل-ئارىفىن ۋە تەزكىرات ئۇس-سادىقىن» دېگەن ئەسىرىدە خوجائەھرار ۋەلىي مۇلازىمىدە ئون ئىككى يىل بولغانلىقى قەيد قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھېكايەقىلىشىچە ئۇ مەۋلانە نېمىتىللا دىگەن كىشى بىلەن ئىلىم ئېلىش مەقسىتىدەسەمەرقەنددىن ھىراتقا ئاتلانغان، شادىمەن داراسىگە (؟) كەلگەندە ھاۋانىڭ ئىسسىپكېتىشى سەۋەبلىك ئۇلار شۇ جايدا پاناھلانغان. شۇ پەيتتە خوجا ئەبەيدۇللا ئەھرار بۇجايغا كېلىدۇ. مەۋلانە مۇھەممەد قازى شۇ زامان ئۇنىڭ ھوزۇرىغا بارىدۇ. خوجائۇنىڭدىن «سەن قەيەرلىكسەن؟»  دەپ سورايدۇ.مەۋلانە سەمەرقەندلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. خوجا ئەھرار كۆپ ھېكايەتلەرنىئۇلارغا نەقىل قىلىدۇ ۋە شۇ جۈملىدىن مەۋلانى قازىينىڭ نىمە مەقسەددە سەمەرقەنددىنھىرات تامان يول ئالغىنىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ بىشارىتىدىن ھەيرەتتە قالغانمۇھەممەد قازى خوجىغا ئېتقاد قىلىدۇ. خوجا ئەھرار ئۇنىڭغا ھىراتقا بېرىشتىن مەقسەتئىلىم ئېلىش بولسا، بۇخارادىمۇ ھەم ئېلىش مۈمكىنلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە يولدىن قايتىشنىتەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي مەۋلانە قازى يولىنى داۋام ئەتتۈرمەكچى بولۇپ،ئىجازەت ئېلىش مەقسىتىدە خوجىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. خوجا ئەھرار ئۇنىڭغا «راستىنىئېيتقىن، ھىراتقا دەرۋىشلىك ئۈچۈن بارامسەن ياكى ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈنمۇ؟» دەپسورىغاندا مەۋلانە نېمىتوللا «دەرۋىشىلىكى كۈچلۈك كېلىپ، ئىلىم ئېلىشنىمۇ بىرلىكتەقىلماقچىن» دەيدۇ. شۇ چاغدا خوجا ئەھرار تەبەسسۇم قىلىپ مەۋلانى قازىنىڭ قولىدىنتارتىپ باغ تەرەپكە بۇرايدۇ. مەۋلانە قازى ئەسلەپ مۇنداق يازىدۇ. «‹قولۇمنى ھەزرەتتۇتقان ھامان ئەس ھۇشۇمنى يوقاتتىم ۋە بىرنەچچە مۇددەتتىن كېيىن ئۆزۈمگە كەلدىم›.ھەزرىتى ئىشان ئېيتىدۇ. ‹ساڭا بىر مەكتۇب بېرىمەنكى ئۇنى قولۇڭدا تۇت ۋە ئۇنىئوقۇيالمىساڭ ياخشى ساقلا، ئۇ ساڭا كېپىلدۇر› شۇنىڭ بىلەن بىزگە رۇخسەت بەردى ۋەفاتىھە بېرىپ ئۆزلىرى ئاتقا مىنىپ يۈرۈپ كەتتى. بىز بۇخارا تامان يول ئالدۇق.ئانچە ئۇزۇن يۈرمەيلا ئارقىمىزدىن بىر پىيادە كىشى يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە خوجا ئېيتقانمەكتۇبنى ماڭا بەردى. بۇ خەتنى ئوغۇللىرى خوجا كالانغا يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «بۇمەكتۇبنى ئېلىپ بارغۇچىنىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقىپ بولۇڭ، ھورۇنلۇق قىلىشقا ۋە ھەر كىمگەئوشۇقچىلىق قىلىشىغا ئەسلا يول قويماڭ»، ديىلگەن ئىكەن. بۇخاراغا بارغۇچە ئالتەئېشەكنى ئالماشتۇردۇق، بۇخاراغا بېرىش بىلەن كۆز ئاغرىقىغا دۇچار بولدۇم ۋە نەچچەكۈنگىچە سەپەرگە چىقالمىدىم. نەچچە مەرتىۋە سەپەرگە چىقىشنى نىيەت قىلسام، شۇنچەمەرتەم قارشىلىققا دۇچ كەلدىم. ئاخىرى بەزگەك كېسلىگە دۇچار بولدۇم ۋە سەپەر قىلىشپىكىرىنى بىر تەرەپكە يىغۇشتۇرۇپ قويدۇم. مەندە تاشكەنتكە بېرىش ئىشتىياقى پەيدابولدى ۋە تاشكەنتكە بېرىپ شەيخ ئىلياس تەرەپكە بارماقچى بولۇپ ئۇلىغىمنى ۋەئۇنىڭغا ئارتىلغان كىتابلارنى شۇ يەردىلا بىرىگە ساقلاشقا بەردىم. شەيخ ئىلياسدەرۋىشلىرىدىن بىرەر كىشىنى كۆرۈش مەقسىتىدە بازارغا كىردىم، بىر كىشى ئۇچراپ مېنىشەيخ ئىلياس تەرەپكە ئېلىپ بارماقچى بولدى. ئۇلىغىمنى ئېلىش ئۈچۈن دەڭگە كەلسەم،ئۇ كىشى ماڭا «ئۇلۇغۇڭ خورجىنلىرى بىلەن يوقالدى» دەپ جاۋاپ قايتۇردى. ئىزتىراپچېكىپ بىر چەتكە چىقىپ غەمكىن ھالدا ئولتۇردۇم ۋە خىيالىمدا  ‹بۇ جاھاننىڭ غەم-غۇسسىلىرى بەك كۆپتۇر، مەنئەسلى ئۇلارنى قويۇپ شەيخ زىيارىتىگە بېرىشىم كېرەك، ئېھتىيات قىلسام باشقا زەرەرتەگمەس› دەپ ئويلاپ ئولتۇرسام قۇلۇقۇمغا بىر تاۋۇش كىردى. «سېنىڭ ئېشىگىڭتېپىلدى». بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئېشىگىم ھازىر بولۇپ تۇرۇپتۇ. ھېلقى كىشى ماڭا‹ھەيرەتتىمەن، شۇنداق ئالدىمدا تۇرغان ئۇلىغىڭ بىردىنلا غايىپ بولدى› دەۋاتاتتى.شۇ زامات ئۇلۇغىمنى مىنىپ سەمەرقەند تامان يول ئالدىم ۋە شەيخ ئىلياس يېنىغابېرىشتىن ئۆزۈمنى توستۇم. سەمەرقەندتە ھەزىرىتى ئېشان ھوزۇرىغا  كىرگەن ئىدىم، ئېشان ‹خۇش كېلىپسەن، ماڭا مەلۇمبولدىكى، سەن ئۆز جايىڭنى تاپتىڭ› دەپ تەبەسسۇم قىلدى.»   شۇندىنباشلاپ مەۋلانە قازى خوجا ئاھرار ئىرادەتىگە كىرىپ، شۇ كىشىگە مۇرت بولىدۇ.  ئۇنىڭ قولىدا تەربىيلىنىپ، پىرىنىڭ ئەينىزاماندىكى پائالىيەتلىرىگە بىۋاستە ئىشتىراك قىلىپ، ئۇنىڭ مۇناسىپ ياردەمچىسىگەئايلىنىدۇ. مانا بۇ مەھدۇم ئەزەم رىسالىلىرىدە قەيت قىلىنغان نەقىل. بۇ نەقىلدەپىر ۋە مۇرشىد پائالىيەتلىرى ھەققىدىلا ئەمەس، شۇنىڭدەك نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭئىبرەتلىرىمۇ بار. «بىر قېتىم ھەزىرىتى خوجا ئۇبەيدۇللا ئاھرار تاشكەنت شەھەرگەكەلدى. رامزان ئايلىرى ئىدى ــ دەپ ھېكايە قىلىدۇ مەۋلانى مۇھەممەد قازى ــپېقىرمۇ ئىشان ھەزرەتلىرى بىلەن ھەمراھ بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. شۇ ۋاقىتتا شاھبېكخان(شەيبانىخان، مۇھەممەد شەيبانىخان، مانا مۇشۇ پادىشاھتىن كېيىن ئۆزبەك دېگەنئاتالغۇ رەسمىي مەيدانغا كەلگەن—ئاققىر) turkنى ئىشغال قىلىپ بولغان ئىدى. شۇسەۋەب بارلىق ئاچ-يالىڭاچ ئالامانلار تاشكەندكە يىغىلغان ئىدى. ھەزىرىتى ئىشان(خوجا ئەھرار) ماڭا: ‹ئاچ قالغان تۈركۈستانىقلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزسام، سەن بۇخىزمەتكە مەسئۇل بولساڭ› دىدى. پېقىر ئىشاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇخىزمەتلەردە بولدۇم. ھەر كېچە 700 نان يېقىپ ۋە 100 قوي سويۇپ تاماق قىلاتتىم. تاڭسەھەرگىچە تائام يىيىشكىمۇ پۇرسىتىم يوق ئىدى. ئۆز-ئۆزۈمگە دىدىمكى ‹سېنىڭ ئىشىڭئەمدى پەقەت شۇ بولۇپ، تەرىقەت ئىشلىرى سىرىتتا قالدىمۇ؟› فىلھال (دەل شۇ پەيتتە)بىر مۇلازىم كېلىپ، ئىشاننىڭ ھوزۇرىغا بېرىشىمنى ئېيتتى. ھەزرەتنىڭ ئۆيىگە باردىم،ئۇ كىشى ماڭا قاراپ ‹ئى پەرزەند، شۇنى بىلگىنكى تەرىقەت بىلەن مەشغۇللۇقدىنتاشقىرى تەرىقەت يولىدا ساۋاپ ئىش قىلىش خۇدانىڭ نەزىرىدىن ساقىت قالمىغاي!›ئاڭلدىمكى مېنىڭ ئويلىغان ئويلىرىم ئىشانغا ئايان بولغان ئىكەن. شۇ ئىشتىن كېيىنتەۋبە قىدىم. »نەقىللەرگە قارىغاندامەۋلانە مۇھەممەد قازى ئۇستازىنىڭ ئەمرى بىلەن تاشكەندكە كېلىپ، بىرقانچە ۋاقىت شۇيەردە ياشايدۇ. شۇ سەۋەب ئۇنىڭ يەنە بىر نامى «شاشى» (تاشكەندنىڭ بۇرۇنقى ئىسىمىشاش ئىدى ــ ئاققىر) دەپمۇ ئاتالغان. تاشكەنددە بىر مەزگىل ئۆتۈپ مەھدۇم ئەزەم نامى بىلەن مەشھۇر بولغانئەمەكزادىسى سەيىد ئەھمەت جالالىددىن كاسانىنى شاگىردلىققا قوبۇل قىلىدۇ. خوجا ئەھرار ۋەلىينىڭۋاپاتىدىن كېيىن (1490-يىلى) نەخشىبەندىيە خانادانىنىڭ پىشۋالىقى مەۋلانە مۇھەممەدقازىگە ئۆتتى. نەقىللەردىن كۆرە ئۇ كۆپ ئۆتمەي سەمەرقەنددە باشلانغان توپىلاڭدىنقېچىپ يەنە تاشكەندكە قايتىپ ئۇستازىنىڭ قەدەم جايى بولغان فەركەددا (؟)ئىستىقامەت قىلدى. مەخدۇم ئەزەم تىلىدىىن ئېيتىلغان رىۋايەتلەرنىڭ بىرىدىن نەقىلكەلتۈرلۈشچە تاشكەند خانى، بابۇر مىرزىنىڭ تاغىسى بولغان سۇلتان مەھمۇدخان (سەئىدخاننىڭدادىسى ــ ئاققىر)  مەۋلانە ھوزۇرىغا ئادەمئەۋەتىپ «رىسلاتقا (ئىلچىغا، يەنى قورغاسقا ــ ئاققىر) ئەلچىلىككە قابىليەتلىككىشىدىن بىرىنى ئەۋەتىشنى» ئىلتىماس قىلغاندا مەۋلانە مۇھەممەد قازى ئۆزى بۇ ئىشقائاتلاندى. شەيبانىخانھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە (1500-1510) ئۇنىڭ ئابروي-ئىناۋىتى ناھايتتى يۇقۇرى بولغان.كىتابلاردا شەيبانىخاننىڭ ئۇكىسى پايتەختى بۇخارا ھاكىمى بولغان مەھمۇد سۇلتاننىڭئۇنىڭغا (مەۋلانە مۇھەممەد قازىغا) مۇرد بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. 1512-يىلىماۋارەئۇننەھرىگە مىرزا باربۇرنى يوقتۇش ئۈچۈن كەلگەن شاھ ئىسمايىل قوشۇنى(قىزىلباشلار، شىئەلەر) باستۇرۇپ كەلگەندە مۇھەممەد قازى ئەندىجان تەرەپكە كەتكەنۋە ئاقسى شەھرىگە ئورۇنلۇشىپ قالغان. مېنىڭچە ئۇ مىرزا بابۇرنىڭ قىزىلباشلارنىيۇرتىمىزغا چاقىرىپ خاتا ئىش قىلغانلىقنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق يول تۇتقانبولۇشى مۈمكىن. كىيىنچىرەك ئېنىقراق ئېيتقاندا ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن سەل ئىلگىرىشەيبانى سېۋىنچىكخان تەكلىپى بىلەن تاشكەندكە بارغان ۋە 992-يىلى (1516\1515) يىلىۋاپات بولغان.ئۇنىڭ قەبىرىسى ئۇستازىيېنىدا يەنى سەمەرقەنددە. خوجا ئەھرار ۋەلى مەقبەرسىنىڭ ئالدىدا. بۇ خۇسۇستاتارىخچى ئەبۇ تاھىر خوجا «سەمەرىيە» ناملىق ئەسىرىدە شۇنداق مەلۇمات بەرگەن.«مەۋلانە مۇھەممەد قازى خوجا ماھار (؟) نىڭ يېنىغا كۆمۈلگەن.» شەيخ مەخدۇم ئەزەمخوجا مەۋلانە مۇھەممەدقازىنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن نەقشىبەندىيە خانادانىغا پىشۋالىق قىلىش شەرىپى تەسەۋۇپتارىخىدا مەخدۇم ئەزەم، ئىمام ئەل كاسانى، خوجىلار خوجىسى، خوجا كاسانى ناملىرىبىلەن ئىز قالدۇرغان خوجا سەيىد ئەھمەد خوجا ئىبىن سەيىد جالالىدىن كاسانىنىڭقولىغا ئۆتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇ ئىش ئۇنىڭغا خوجا ئەھرار ۋەلىي زامانىداكارامەت بولغان. بابا ھاجى نەقىل قىلىدۇ: «بىر كۈنى ئاتام بىلەن ھەزىرىتى خوجائۇبەيدۇللا ئەھرار ھوزۇرىغا باردۇق. ھەزرەت چاھار بېغىدا ئىدى. ئۇنىڭ خىزمەتلىرىدەھەزرىتى خوجا مۇھەممەد يەھيا ۋە مەۋلانە مۇھەممەد قازى  ھازىر ئىدى. خوجا يەھيا (خوجا ئەھرارنىڭ كىچىكئوغلى) نىڭ قوللىرىدا يا بار ئىدى، تۇيۇقسىز بىر كەپتەرنى سوقۇپ يىقىتتى ۋە كەپتەرھالاك بولدى. ھەزرىتى ئەھرار ئورنىدىن تۇرۇپ ئوغلىنىڭ ئالدىغا غەزەپ بىلەن باردى ۋەئۇرۇپ كەتتى: ‹بۇ جانۋاردا نىمە ئۆچۈڭ بار ئىدى؟ بۇ نىمە قىلغىنىڭ؟› بېشىنى ئىگىپتۇرغان خوجا يەھيا كاماننىڭ ئوقى بىلەن ئۆلگەن كەپتەرنى مىدىرلاتقان ئىدى، قۇشتىرىلىپ ئۇچۇپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ھەزرىتى خوجا ئەھرار خۇشال بولۇپ ئېيتتى:‹مۇھەممەد يەھيا، سەن بىزگە كارامەت كۆرسەتتىڭ، بىزدىن كېيىن ساھىبى كارامەت سەن،سەندىن كېيىن مەۋلانە مۇھەممەد قازى ۋە ئۇندىن كېيىن مەۋلانە خوجى ئەھمەد كاسانىبولغاي. ئۇنىڭ كارىبارى كۆپ ئۇلۇغ ۋە ئەزىم بولغۇسى!› سەئىد ئەھمەد كاسانىھەزرەتلىرىنىڭ نەقشىبەندىيە تەرىقىتى يولىدا ئېلىپ بارغان كاتتا خىزمەتلىرى ئۈچۈنئۇ زاتقا مەھدۇمى ئەزەم ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئىسلام تارىخىدا پەقەت ئۈچ كىشىگە ئەزەمئۇنۋانى بېرىلگەنلىكى مەلۇم. «ئەزەم» سۆزى ئەرەپ تىلىدىن ئېلىنغان بولۇپ ئۇلۇغ،كاتتا دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئەزەم ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان كىشىلەرنىڭبىرىنچىسى:  ھەنەپى مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسىئىمام ئەزەم (رەھمۇتۇللاھ ئەلەيھ) ھەزرەتلىرى، ئىككىنچىسى: ئەۋلىيالارنىڭ سۇلتانىدەپ نام ئالغان غەۋسۇل ئەزەم، يەنى ئابدۇلقادىر جىلانى ھەزرەتلىرى. ئۈچۈنچىسىبولسا مەھدۇم ئەزەم ــ سەيىد ئەھمەد كاسانىدۇر. سەيىد ئەھمەدفەرغانىنىڭ كاسانى دىگەن يېرىدە 1461-يىلى تۇغۇلغان. شەجەرىسى جەھەتتە ئاتاتەرپىدىن يىگىرمە بىر پۇشتى بىلەن ئىمام ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپقابېرىپ يېتىدۇ. يۇقۇرىدا قەيىد قىلغىنىمىزدەك مەخدۇم ئەزەم تەسەۋۇپچىلارنىڭ ئۇلۇغئەربابى شەيخ بۇرھانىددىن قىلىچنىڭ ئەۋلادى ئىدى. مەھدۇم ئەزەم بۇ زاتنىڭ5-ئەۋلادىدۇر. ئۇ دەسلەپكى تەربىيەنى سەيىد ئەلىي دىگەن كىشىدىن ئالغان،كىيىنچىرەك تاشكەنتكە بېرىپ، مەۋلانى مۇھەممەد قازىدىن تەسەۋۇپ ئىلمىنى تولۇقئىگەللىگەن.شۇ ئەۋلادقا مەنسۇپبولۇمىش سەمەرقەندلىك تەنقىدى تارىخچى ئالىم كامىلخان كاتتايېۋنىڭ يېزىشىچە مەھدۇمئەزەم قىران چاغلىرىدا خوجا ئەھرار ۋەلىي، مەۋلانە مۇھەممەد قازى كەبى ئۆزدەۋرىنىڭ ئاتاقلىق ئەللامەلىرى بىلەن يېقىندىن سۆھبەت قۇرغان ۋە ئۇلاردا ئوقۇغان.جۈملىدىن ئابدۇراھمان جامى سەمەرقەنددە بىتاپ بولۇپ ياتقان چېغىدا ياش مەھدۇمئەزەم ئۇستازى مەۋلانە مۇھەممەد قازى بىلەن ئۇل زاتنى كۆرگىلى بارغان، ھەزىرىتىجامى بۇ ئۇچرىشىشتىن خۇشال بولۇپ: «كېلىڭ، خۇش كېلىپسىزلەر، بۇ زاماندابىر-بىرىمىزنى غەنىمەت بىلەيلى. بۇ شۇنداق زامانكى ئەتە نىمە بولۇشنى ياراتقانئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ» دىگەن.نەقىلدە ئېيتىلىشىچەمەھدۇم ئەزەم نەقشىبەندىيەنىڭ ئۇلۇغ پىشۋالىرىنىڭ مازارلىرىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈنبۇخاراغا بارىدۇ. ئۇ دەسلەپ خوجا باھاۋۇددىن نەقشىبەند، ئاندىن خوجا ئابدۇخالىق غىجدۇۋانى(؟) مەقبەرلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. ھەر ئىككى جايدا: «تەرىقەت خوجاگاننىڭ(خۇجىلارنىڭ) زۇبدەسىدۇر (خۇلاسىسىدۇر). بۇنى سەن ۋۇجۇتقا كەلتۈردۈڭ، مۇبارەكبولغاي!» دېگەن غايىبى ئاۋازنى ئاڭلىغان. بۇخارادىن كېيىن ئۇ ئۇستازى مەۋلانەمۇھەممەد قازىنىڭ جايىغا ــ فەركاد (؟) قا قايتقان. مەھدۇم ئەزەم مۇرشىد سۈپتىدەئۆز پائالىيەتلىرىنى ئاساسەن شەيبانىلار دەۋرىدە باشلىغان. بەزى مەنبەلەردەكۆرسىتىلىشىچە شەيبانىلار سۇلالىسى نامايەندىلىرى« ئۇبەيدۇللاخان، جانبېك سۇلتان،ئىسفاندىيار سۇلتان، ئىسكەندەر سۇلتان، ئابۇلئەزىزخان (بۇلارنىڭ ھەممىسى شەيبانەپادىشاھلىرى ـ ئاققىر) ئۇنىڭغا مۇرتلىققا قول بەرگەن. ئېيتىلىشىچە مەھدۇم ئەزەم ۋە«ئۇبەيدى» تەخەللۇسىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئاتاقلىق ئۆزبېك شائىرىئۇبەيدۇللاخان ئوتتۇرسىدا ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان.مەھدۇم ئەزەم بۇ ھەقدە ئۇبەيدۇللاخان ئەسەرلىرىگە بېغىشلانغان «رىسالە شەرھىئەبىيات» دېگەن ئەسىرىدە بۇ توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. مەھدۇم ئەزەمنەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ئەڭ زەبەردەست نەزىريىچىسىدۇر، ئۇنىڭ ئىلاھىيەت،ئەدەبىيات، ئەدەپ ۋە تەسەۋۇپ ئىلمى بىلەن تارىخقا ئائىت يىگىرمىدىن ئارتۇقئەسەرلىرى مەۋجۇت. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ئايرىملىرىنى ساناپ ئۆتىمىز. «تەنبىھئەس-سالىھىن»، «ئەدەب ئەل ـ سالىكىن»، «ئەدەب ئۇس- سىددىقىيىن»، «نەسىھەت ئەس –سالىكىن»، «سىلسىلا ئۇس –سىددىقىيىن»، «ۋۇجۇدىيە»، «باقىيە»، «سامائىيە»، «مىرئاتىسەفا»، «مېراج ئەل – ئاشىقىن»، «بابۇرىيە»، «گەنجىدىيە»، «سىلسىلا خوجاگان»،«چاھار كەلىمە» (نەقشىبەندىيەنىڭ تۆت ئاساسى تەلىپى ھەققىدە) «نەفەھات ئەل –سالىكىن»، «شەيبىيە»، «قانۇنىيە»، «رىسالى زىكىر گۇپتەن»، «رىسالى بايانى ئەۋالىئۇلەما ۋە ئۇمەرا» ۋە باشقىلار.مۇۋەررىخ ئەبۇتاھىرخوجا سەمەرقەندى «سەمەرىيە» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ «ھەزرىتى مەھدۇم ئەزەم جانابلىرىنىڭنە قامەت، نە ھالەت ۋە كارامەتلىرى شۇنداقكى بۇ ناداننىڭ قەلىمى تەقرىر ۋە تەھرىرقىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ» دەپ يازىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا مۇۋەررىخ ھافىز تانىش بۇخارى«شەرەفنامە شاھى» (؟) دە شۇنداق يازىدۇ: «ئۇ كىشى ئۆز زامانىسىدىكى بۈيۈك ۋە ئەڭيۇقۇرى ئابرويغا ئىگە كىشى ئىدى. يۇقۇرى دەرجىدىكى ھازارەتتىن تۈرلۈك كارامەتلىرىۋە ئاجايىپ ئادەتلىرى بار ئىدى. ماۋارەئۇننەھرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكى شەھەرئاھالىلىرى ۋە باشقا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ھەم شەرەپلىك ئىرادەتلىك بېشىنى ئۇكىشىنىڭ ئىناۋەت ھالقىسىدا تۇتاتتى. ئۇ ھەزرەتنىڭ سۆھبەتلىرىنىڭ شاراپىتىدىنمۇجاھەدا (سەئىيىلىك، ۋەلىيلىك) ۋاقتىدا دىل ۋە كۆزلىرىنى دوستىنىڭ نەزەرىدىنغاپىل قويمىدى. شۇ ئىش مەشھۇركى ۋەلىيلىك نۇرىلىرى ۋەجىدىن مەشرىقدە سادىقتالىبلىرى ۋە ئاشىقلاردىن توپلانغان ئاتمىش كىشى ئۇ كىشىنىڭ تەربىيەت ئېتىگىدەپەرۋىش قىلىنىپ، يوقلىق سەھراسىنى راستلىق قەدىمى بىلەن كېزىپ، ھەقىقى ۋىسالكەپىسىگە قاراپ يول ئالدى. شۇ تۈپەيلى كىشىلەر ھەزرەتنى ‹پىرى شاستى› (ئاتمىشكىشىنىڭ پىرى) دەپ ئاتاشتى. ئۇ ھەزرەتنىڭ نىسبىتى (ئۇنۋانى)  ھەقىقەت شەيخى، تەرىقەت مۇقتىدەسى، مەۋلانەمۇھەممەد قازىغا نىسبەتەن ۋە  سۈلۈكىدىكىنىسبىتى ئىنىساب ۋە ھىدايەت دائىرىسىنىڭ مەركىزى ۋە ۋىلايەت پەركارىنىڭ نۇقتىسى،غايىپلار خىلۋەتخانىسىنىڭ مەھرىمى، قەلىب ئەھلىنىڭ مۇقتەداسى، تەرىقەت قۇتبى،ھەقىقەت غاۋسى، سالىھلار پىشۋاسى، پاك ئاگاھ خوجا ناسىرىددىن ئۇبەيدۇللا بولغان.»مەھدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرىئەسىرلەر داۋامىدا يۈز بەرگەن قىر-چاپ، توپىلاڭلار تۈپەيلى دۇنيانىڭ جىمى يېرىگەچېچىلىپ كەتكەن. ئۇلار ماۋەئۇننەھرى، قەشقەر ۋە باشقا كۆپلىگەن ئۆلكىلەردەپائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ تارىخى بىھايەت ئۇزاق ھېكايىلەر بولغىنى ئۈچۈنبۇ ھەقتە توختىلىپ ئولتۇرمايمىز. مەھدۇم ئەزەمرىۋايەتلىرىگە كۆرە تەخمىنەن 1540-يىلىدا مىيانكال (؟ باشقا يازمىلاردا ئوش دەپكۆرگەندەك قىلغان ــ ئاققىر) ھاكىمى جانبېك سۇلتان ئىلتىماسى بىلەن سەمەرقەنددەھبېدكە (؟) كۆچۈپ بارغان ۋە بۇ يەر خوجىغا خۇسۇسى مۈلۈك قىلىپ بېرىلگەن. ھەزرەتدەسلەپ بۇ يەرگە 10 تۈپ دەرەخنى تىككەن. شۇ سەۋەپ بۇ جاي كىيىنچىرەك «دەھبېد» دەپئاتالغان. «دەھبېد» سۆزى پارىس- تاجىك تىلىدا «ئونتال» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. مەھدۇم ئەزەم ئىككىيىلدىن كېيىن شۇ جايدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئەسھابلىرىدىن بولمىش ھاپىزئىبراھىم ۋە مەۋلانە قاسىم شۇنداق يازىدۇ: «ھەزىرىتى ئىشاننىڭ ئۆلۈمالىرىدىن ئاخسىۋىلايىتىدىكى يارو- دوستلىرى: مەۋلانە لۇفۇللاھ، مۇھەممەد ئەلىي، خوجا چاكى ۋەباشقىلار دەھبېدكە كېلىپ ھەزرەتنى ئاقسا ۋېلاىيىتىگە ئېلىپ كېتىش مەقسىدىنىبىلدۈردى. ئىشان ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، خوجا چاكى (؟) گەئەسھابلىرىنى (ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەر، چاكار، تالىپلىرىنى ـ ئاققىر)  ئېلىپ ئالدىن مېڭىپ تۇرۇشنى بۇيرىدى. ئۆزىبولسا دەھبېددىن سەمەرقەندكە ــ ھەزىرىتى خوجا ئۇبەيدۇللا مازارلىرىنى تاۋاپ قىلىشنىيتىدە يولغا چىقتى....دەھبېددىن سەمەرقەندكەھەزرەت مەھدۇمزادىسى كالان (مەھدۇم ئەزەمنىڭ تۇنجى ئوغلى خوجا كالان) ۋە خوجامۇھەممەد سىدىق يېتىپ كېلىپ ئانىسىنىڭ بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ھەزرەتكەئېيتتى. ھەزرەت ئوغۇللىرىغا ‹مېنى دەھبېدكە ئېلىپ بېرىڭلار› دىدى. ئۈچ كۈندىنكېيىن ھەزرىتى بىبى كالان ئالەمدىن ئۆتتى. بىبىنى (مەھدۇم ئەزەمنىڭ مەزلۇمەسى)توپرىقىغا قويىدىغان چاغدا ھەزرەت تاۋۇتنى قازناققا قويۇشنى بۇيرىدى. مەۋلانەسەيىد تۈركۈستانى ۋە سەمەرقەندلىك يارەنلەر ‹تاۋۇتنى ئۆيدە قويۇش دۇرۇس ئەمەس(مەنىسى يوق)›  دەپ توسسىمۇ ھەزرەت ‹«ئىشمۇشۇنداق› دەپ كۆنمىدى. تۆتىنچى كۈنى ئاغرىپ يېتىپ قالدى...»مەنبەلەردە دېيىلىشىچەمەھدۇم ئەزەم ھىجىريە 949-يىلى مۇھەررەمنىڭ يىگىرمە بىرىنچىسى شەنبە كۈنى چاشگاھۋاقتىدا ـــ مىلادى 1542-يىلى 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە دەھبدكە دەپنەقىلىنغان. زامانلار ئۆتۈپ ئۇنىڭ مەقبەرىسىنىڭ يېنىدا ھەزرەتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن خوجا كالان ياتقان، خوجاخانىم، خوجا مۇسا ۋە باشقا ئۈچ كىشى ــ سۇفا تەرپىدە ، مەھدۇم ئەزەمنىڭ ئاياقتەرپىدە سەمەرقەند ھۆكۈمدارى يالاڭتۆش باھادىر، ئۇنىڭ ئوغلى سۇتانقۇلى باھادىر ۋەئافغانىستان ھۆكۈمدارلىرىدىن شاھ قاسىم، شاھ ھىدايەت  مەلىكە ئىقلىمەبانو قويۇلغان.  بۇ مازار يېنىدا 1619-يىلى يالاڭتۆش باھادىربىنا قىلدۇرغان مەسچىد ھازىرمۇ بار. ئەمما بۇ يەردە بىنا قىلىنغان 41 ھۇجرىلىقمەدىرسىتىن نام – نىشان قالمىغان. پات ئارىدا ئۇشبۇ مەقبەر ۋە مەسچىد بىناقىلىنغىنىغا 400 يىل بولىدۇ. رۇس تارىخچىسى پروفېسسور ن. ۋېسېلاۋىسكىنىڭيازمىلىرىدا دىيىلىشىچە مەھدۇم ئەزەم قۇرلۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا قۇرلۇشلىرى ئىچىدىكىئەڭ كاتتىسى ھېساپلىنىدىكەن. 1817 كۇۋادىرات مېتىرلىق سەھنىلىك قۇرلۇشنىڭ ئەتراپىمەرمەر تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغان بولۇپ، سۇپىسىنىڭ كەڭلىكى 2 مېتىر ئىكەن. مەھدۇم ئەزەم تۈركۈستانشېئىرىيتىنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىسى. بابارەھىم مەشرەپنىڭ پىرى بولغان ئاپپاق خوجاقەشقەرنىڭ باباكالانىدۇر. مەشرەپ بىر ساتراسىدا مۇنداق يازىدۇ. پىرى مەھدۇم ئەزەم،پادىشاھنى كۆرگەلى كەلدىم،ئېتىكى ئۈستىگە يۈزۈمنىسۈرگەلى كەلدىم.قىيامەت بارگاھىن تۈزەرئۇل كۈن مەلائىكىلەر،كى سەن كىمياگەر، مەنمىس بولغىلى كەلدىم...مەھدۇم ئەزەم نامى«بابۇرنامە» دە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بابۇر مىرزىنىڭ بۇ مۇبارەك زاتقاھىندىستاندا تۇرۇپ ئېتقادىنى ئايان قىلىپ تۇرغانلىقى بىر قاتار مەنبەلەردە مەۋجۇد.پادىشاھنىڭ مەھدۇم ئەزەم بىلەن قىسقا مۇددەت ئۇچراشقانلىقى، مۇرت بولغانلىقىشەك-شۈبھىسىز. بۇ ئۇچرىشىش  مەھدۇم ئەزەمكاسان ياكى تاشكەنتتىكى چاغدا يۈز بەرگەن بولۇشى مۈمكىن. يەنە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشلازىمكى، ماقالىنىڭ بېشىدا بىز تىلغا ئالغان زات يەنى مىرزا بابۇرنىڭ پىرى مەۋلانەئابدۇللا قازى ئەسلى مەھدۇم ئەزەمنىڭ ئەمەكزادىسىدۇر. (؟ باشتا ئۇستازى دىگەندەكقىلغان)  مۇشۇ خىل ئەھۋالمۇ مىرزا بابۇرنىڭمەھدۇم ئەزەمنى ئۆزىگە ناھايتتى يېقىن تۇتقانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. بىز بىرىنچى ماقالىنىڭبېشىدا ھەسەنخوجا نىسارىينىڭ بابۇر مىرزانىڭ نەقشىبەندىيە خانادانىغا ئىناۋەتنىسبەتى بارلىقى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزىنى يازغان ئىدۇق. نىسارى بۇ سۆزىنىڭداۋامىدا مۇنداق يازىدۇ: «(بابۇر مىرزا) ھەزرىتى مەھدۇم موللا خوجىگانغا بىر قىسىمئالتۇننى تارتۇق تەرىقىسىدە ئەۋەتىپ، بۇنىڭغا تۆۋەندىكى قىتئەسىنى شاھىد قىلغانئىدى. قىتئە:دار ھاۋوى نافسى گۇمروھئۇمر زوې كارداېم،پېشى ئاھلۇللوھ ئازئاتۋورى خۇد شارمانداېم،ياك نازار ئافكان باسۇى مو، كى ئاز روھى ۋافو،خوژاگىرو مونداېم،خوژاگىرو بانداېم.مەزمۇنى:ئاداشقان نەفسى يولىدائۆمۈرنى زايە قىلدىڭ،دىنئەھلى ئالدىدا بۇقىلمىشىشىمىزدىن ئۇيىلىمىز.بىز تاماگە ھېچ بولمىسابىر نەزەر سال، ۋاپادارلىق قىلىپخوجىغا باغلىنارمىز،خوجىغا بەندە بىز.. مەھدۇم ئەزەمنىڭ«بابۇرىيە» دېگەن رىسالىسىدىكى بۇ قىتئە، ئېنىقراقىنى ئېيتقاندا ئۈچۈنچى سەتىرباشقا تەرزدە يېزىلغان: دار ھاۋوى نافسى گۇمروھئۇمر زوې كارداېم،پېشى ئاھلۇللوھ ئازئاتۋورى خۇد شارمانداېم،ياك نازار بارمۇخلىسونى خاستادىل بىنمو، كى موخوژاگىرو مونداېم،خوژاگىرو بانداېم.ئۆز ئەجدادىنىڭ ھاياتىۋە پائالىيتىگە بېغىشلاپ رىسالە يازغان، ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مەھدۇمئەزەمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن خوجەندلىك ئالىم ئىلياسخان غازىي كېيىنكى بېيت مەزمۇنىنىباشقىچە بايان قىلىپ، شۇنداق شەرھىلىگەن.بىر نەزەر، بۇلخەستەدىل مۇخلىسلىرىڭگگ تاشلادىم،خوجىگە قايتقان ئىدۇق،خوجىغا بەندە بىز. بۇ بېيىتنىڭ ئاخىرىدىكى«خوجىغا قايتقان ئىدۇق، خوجىگە بەندە بىز» دىيىلگەننى قايتقۇچە دەپ چۈشۈنىشمۈمكىن. تېمورىلار ئىمپېريىسى ئاياغلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزبېك خانلىرى ــشەيبانىلار سىياسى سەھنىگە چىقتى. بۇ سۇلالە نامايەندىلىرى ئۇبەيدۇللاخان، جانبىكسۇلتان، ئىسفەندىيار سۇلتان، ئىسكەندەر سۇلتان ۋە ئابدۇلئەزىزخانلار مەھدۇمئەزەمنىڭ مۇرتلىرى ئىدى. تېمۇرىيلەر دەۋرىدىكى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭمۇرشىدلىرى ــ خوجا ئەھرار، مەۋلانە قازى قاتارلىقلارنىڭ ۋاپاتى ۋە مەھدۇمئەزەمنىڭ مۇرشىد سۈپتىدە سەھنىگە چىقىشى شەيبانىلار دەۋرىگە توغرا كەلگەن ئىدى.تېمۇر نەسلىدىن بولغان بابۇرنىڭ ئەلۋەتتە مەھدۇمى ئەزەمنىڭ شەيبانىلار بىلەنئالاقىدە بولىشىغا مىننەددار بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. مەھدۇمى ئەزەمنىڭ بابۇرغاقىلغان مۇرۋەتلىرى بابۇرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئېترازىغا بەرھەم بەردى ۋە يەنەقايتىدىن بابۇر خوجىغا چىراي ئاچتى. «ئىلياسخان غازىي بۇ ئۇرۇندا مەھدۇمى ئەزەمنىڭ بابۇرغا قىلغانمۇرۋەتلىرىنى قانداق نەزەردە تۇتتى؟ » بۇ مۇئەممانى (سىرنى) ئېچىش ئۈچۈن مۇۋەررىخھاپىز تانىش بۇخارىينىڭ بابۇر مىرزا مەھدۇمى ئەزەمنى ئۆزىگە پىرى بىلىپ، ئۇنىڭدىنمەسلىھەت ۋە ياردەم سوراپ تۇرغانلىقىنى يازغان ياكى شەرىقى تۈركۈستانلىق مۇۋەررىخمۇھەممەد سىدىق قەشقەرىنىڭ كىتابىدا دىيىلىشىچە «بابۇرىيە» رىسالىسىدە كەلتۈرۈلگەنمەلۇماتلاردىن نەقىل قىلىدۇ. شەرىقى تۈركۈستانلىق مۇئەللىپنىڭ يازغانلىرىدا :«نەقىلدۇركىم، ۋىلايەت ھىندىستاندا بابۇر ئاتلىق بىر پادىشاھ بولغان ئىدى، ئۇلزامانىدە سۇلتان ئىبراھىم ئاتلىق بىر پادىشاھ دۈشمەن بولۇپ لەشكەر تارتىپ كەلدى،بابۇر پادىشاھ ھەزىرتى خوجىغا مۇخلىس ئېتقاد قىلاتتى. خوجىلار ئەرۋاھلىرىغاتەۋەززۇھ قىلدى، ھەزرىتى خۇجا ئۇبەيدۇللا ئەھرار ئالەمى غايىپدا ھازىر بولدىلەر،پادىشاھ بۇلاردىن مەدەت تىلىدىلەر، بۇ ئەسنادا ھەزىرتى مەھدۇمى ئەزەمنىڭ سىررىھۇسۈرەت زاھىرەن نامايەن بولدى. خوجا ئەھرار پادىشاھنى ھەزرىتى مەھدۇمى ئەزەمگەتاپشۇردىلەر، ‹كۇللى مۇھىمات ۋە مەدەد سىزگە بولغاي› دەپ غايىپ بولدىلەر، پادىشاھئۆزىگە كەلدى، ھەممەيلەن بۇ ئەھۋالنى كۆردىلەر، مەھدۇمى ئەزەم جامائە  ئالدىدا زاھىر بولدىلەر دۈشمەن لەشكەرلىرىگەبەرھەم (زەربە) ئۇردىلەر»1525-يىلىنىڭ باھارىدابولۇپ ئۆتكەن بۇ جەڭدە غەلبە قازانغان بابۇر مىرزا مىننەددارلىقىنى ئىزھار قىلىشنىيتىدە دەھبېدكە ئۆزىنىڭ سادىق كىشىلىرىدىن ئەمىر قازىنى كۆپ ئىنئام ۋە بىر نەچچەئاسارە ئەتىقىلەر بىلەن ئەۋەتتى. مەھدۇمى ئەزەم «بابۇرىيە» دە بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىرقىسىملىرىنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇشبۇ مەنىدە ئىدى.دارۋېش، تۇرو ئاگارچىنا ئاز خېشونېم،لېك ئاز دىلۇ ژونمۇتاقاددى ئېشونېم،دۇر ئاست ماگۆي شوھىئاز دارۋېشى،شوھېم، ۋالې بانداىدارۋېشونېم.مەزمۇنىدەرۋىش ساڭا يېقىنئەمەسمىز،لېكىن دىلۇ-جانىمىزبىلەن ساڭا ئېتقاد قىلارمىز.دىمەككىم شاھلىقدەرۋىشلىكتىن يىراقتۇر،شاھىمىز، ئەممادەرۋىشلەرگە بەندىمىز. بابۇر مىرزىنىڭ مەھدۇمئەزەمگە يوللىغان ۋە «بابۇرىيە» رىسالىسىدا ئورۇن ئالغان باشقا ئەسەرلەردە  ئۇنىڭ پىرىگە بولغان كاتتا ئېتقادى ئۆز ئەكسىنىتاپقان. مەھدۇمى ئەزەم بابۇر مىرزغا بېغىشلىغان رىسالىسىدە، ئۆز گۇناھىنى بىلگەنۋە ئۇنى بوينىغا ئالغان، پۇشايمان نادامەت چەككەن كىشىلەر ئاللاھقا ئېزىزدۇر دىگەنپىكىرنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە بۇنىڭغا بابۇر مىرزىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگەن.سۆزىمىز ئاخىرىدا شۇنىتەكىتلەشنى لايىق كۆردۇقكى، بۇ يازغانلىرىمىز ئۇلۇغ زادلار ھايات ۋەپائالىيەلىرىدىن بىر مىسقالچىدۇر. ئۇنى داۋام ئېتىش نەپەقەت مېنىڭ، نەپەقەتكاىمىلخان كاتتيېۋ، ئىلياسخان غازى كەبى ئالىملارنىڭلا ئەمەس بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ زىممىسىدىدۇر.
             خۇرشىد دەۋران.

بۇ تىما مىسرانىم مۇنبىرى، ئىزدىنىش، ياخشى مۇنبىرى، قەلەمنۇر بىلوگىغا يوللىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-24 12:47 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22440
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7132
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2137 سائەت
تىزىم: 2010-12-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 01:01:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنى ۋورددا يېزىپ مۇنبەرگە چاپلىغان ئىدىم، خەتلىرى ئۇلىشىپ قاپتۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 01:24:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئىزدىنىپ نۇرغۇنلىغان تارىخى پاكىتلار بىلەن تەمىللىگىنىڭزگە كۆپ رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 07:47:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ تارىخنى بەك قىزقىپ ئۇقۇيمەن رەخمەت

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 09:35:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر  قالتىس  ئادەم  جۇمۇ

كارتون تەرجىمە قىلىشقا يەنە كىم ياردەم بېرىدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 10:48:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بابۇرنامە نى تۇلۇق ئۇقۇپ چىققان ، مەنمۇ بابۇر پادىشاھقا بەك قىزىقىمەن ،  مۇشۇ بۇرۇنقى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى پادىشاھلارنىڭ بىرى مۇشۇ بابۇر پادىشاھ ئىكەن ،  بىر قورساق قېرىنداشلارمۇ بىر-بىرىدىن تەخىت تالىشىپ بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشۈپ  زادىلا تىنىچ ئۈتۈشمىگەن ئىكەن ، باھادىرنامە رومانىدىمۇ مۇشۇ ھەقتە تۇلۇق سۆزلىنىدۇ

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92153
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 11:07:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك ياقتۇراتتىم رھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 03:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۆزبىكستانلىق ئالىم ھەقىقى تارىخنى بۇ ماقالىسدا ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. تېما ئىگسىگە كۆپ تەشەككۈر يانا مۇشۇنداق پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرى ماقاللارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 03:54:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۆزبىكستانلىق ئالىم ھەقىقى تارىخنى بۇ ماقالىسدا ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. تېما ئىگسىگە كۆپ تەشەككۈر يانا مۇشۇنداق پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرى ماقاللارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22440
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7132
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2137 سائەت
تىزىم: 2010-12-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 07:14:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما سەل بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ چىقىپ قاپتۇ.. شۇڭا تىمىنىڭ pdf نۇسخىسىنى يوللاپ قويدۇم. ساقلاشنى خالايدىغانلار چۈشۈرۈپ ساقلىۋالغايسىلەر.
مۇشۇ يەردىن چۈشۈرۋېلىڭلار!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش