ھىسام چاخچاقلىرىدىن دۇردانىلەر(1)
ئۆزىنىڭ كۆز قارشى
ئىدارىدىكى كادىرلارنىڭ ئانكىتنى تولدۇرۋاتقاندا ئەللىككە تاقاپ قالغان بىر ئايال خىزمەتچى ئۆزىنىڭ يىشىنى ئوتتۇز بەش ياش دەپ مەلۇم قىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كىتىپتۇ.
- پاتەمخان،ھىچ بولمىغاندا قىرىق ياش دەڭا، - دەپتۇ ئارىدىن بىرى.
- سىز ئارلاشماي ئولتۇرۇۋېرىڭ،- دەپتۇ ئايالنىڭ يىنىدا تۇرغان ھىسام، - ھازىر ھەر ئادەمنىڭ كۆز-قارشىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئەركىنلىكى بار.
زاسۇخانىمىكىن دەپتىمەن
ماگزىنغا سودىلىققا كىرگەن ھىسام ئۆزىگە ئېھتىياجلىق ماللار تېزىلغان پۇكەينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، بىر ئورۇندا ئىككى پىركازچىك قىز مەشتىكى ئوتتا ئوت كولىغۇچنى قىزىتىپ چىچىنى بۈدۈر قىلۋاتقان ئىكەن. ئالدىراۋاتقان ھىسام ئۇلاردىن قايتا-قايتىلاپ گەپ سورىسىمۇ، قىزلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن بولۇپ ئۇنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلماپتۇ.
بىر ھازادىن كىيىن قولى بوشىغان قىز، تىخىچىلا بىشىدا قاراپ تۇرغان ھىسامدىن سوراپتۇ:
-يولداش ،نىم بۇلاتتىڭىز؟
تىرىكىپ تۇرغان ھىسام:
-بىر كاللا بىلەن توت پاقالچاك ئالاتتىم.-دەپتۇ.
پىركازچىك قىزنىڭ شۇ ئان چىرايى ئۆڭۈپ ۋارقىراپ كىتپتۇ:
-قانداق ئادەمسىز؟بۇ تۈرلۈك ماللار ماگزىنى تۇرسا،كاللا-پاقالچاق نىمە قىلىدۇ؟
-قىزچاق،كەچۈرۈڭ،-دەپتۇ ھىسام،-سىز بايا ئوت كولىغۇچتا باش ئۈكلاۋاتسىڭېز زاسۇخانمىكىن دەپتىمەن.
ئەڭ تەس ئىش
كەچقۇرۇن مەھەللە دوقمۇشىدا ئىككى ھۇرۇن تام يۆلەپ ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىچە<<دۇنيادا ئەڭ تەس ئىش قايسى؟>>دىگەن مۇنازىرگە چۈشۈپتۇ.
-ئېرىق يوق يەردە كىچىسى سۇ تۇتماق تەس،-دەپتۇ بىر ھۇرۇن.
-ياق، كۈننىڭ ئىسسىغىدا ئورما ئورمەق تەس،-دەپتۇ ئىككىنچىسى.
دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ھھىسام ھورۇنلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قاپتۇ-دە،يېقىن كىلىپ:
-ھەر ئىككىڭلار تاپالمىدىڭلار، دۇنيادا ھۇرۇننىڭ ئىش تاپمىغى ئەڭ تەس،-دەپتۇ.
قانچىسى ئوغۇل قانچىسى قىز؟
بىرسى ھىسامدىن سوراپتۇ:
- ئىنىڭىزنىڭ قانچە بالىسى بار؟
- ئالتە بالىسى بار،-دەپتۇ ھىسام.
- قانچىىسى ئوغۇل، قانچىسى قىز، - دەپ سوراپتۇ ھىلىقى كىشى.
- ۋاي تاڭەي، - دەپتۇ ھىسام بىشىنى چايقاپ، - ئەيتاۋۇر ئەتىگەنلىكى قارسام ھەممسىلا ئەينەك بىلەن تارغاقنى تالىشىدىغۇ!
ئەڭ تەس ئورما
قايسى ئاشلىقنىڭ ئورمىسىنى ئورماقنىڭ تەسلىكىنى تالىشڭپ قالغان بىر نەچچە يىگىت ھىسامنىڭ ئالدىغا بىرىپ سوراپتۇ:
- ھىسامكا، سىز كۆپنى بىلدىغان ئادەم، ئىيتىڭە! زادى قايسى ئاشلىقنىڭ ئورمىسىنى ئورماق ئەڭ تەس؟
ھىسام ئويلىنىپ جاۋاپ بىرىپتۇ: مىنىڭچە، قولغا تەگمەيدىغان ئاشلىقنىڭ ئورمىسىنى ئورماق ئەڭ تەس.
دەرۋىشكە ئوخشاپتۇ
بىر ئاغىنىسى ھىسامنى ئۆيگە مىھمانغا چاقىرىپتۇ. غىزا ۋاختىدا ئۆي ئىگىسىنىڭ غەيرى پاسۇندا چاچ-ساقال ئۆستۈرۋالغان ئوغلى كىرىپ قولىغا سۇ ئاپتۇ: ئوغلى چىقىپ كەتكەندىن ئۆي ئىگىسى ماختىنىش ئاھاڭدا سوراپتۇ.
- قانداق ھىسام، ئوغلۇم كىمگە ئوخشاپتۇ؟
- ئوغلىڭىز ياپياش تۇرۇپلا رىۋايەتلەردىكى دەرۋىشكە ئوخشاپ قاپتۇ، - دەپتۇ ھىسام دەرھاللا.
مەنبە: ھىسام چاخچاقلىرى توپلىمىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-8 12:58 AM