مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2877|ئىنكاس: 19

‹‹ئۇيغۇر›› سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78149
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 11:37:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹ئۇيغۇر›› سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشى توغرىسىدا



ئۇيغۇرلارئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەگرى-توقاي مۇساپىلىرىدە ئەتراپىدىكى قوشنا،قېرىنداشخەلقلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى، قىممەتلىك مىراسلىرىنى قالدۇردى،ھەمدە ھازىرقى زامان مىللىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇچۇرلىشىۋاتقان ۋە كىچىك كەنتگەئايلىنىۋاتقان يەرشارىدا ئۆز خاسلىقى ۋە رولى بويىچە ياشاپ كەلمەكتە.
  ئۇيغۇرلارنىڭئەجدادلىرىغا ئائىت ئەڭ دەسلەپكى مەلۇماتلار جۇڭگونىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى يازمامەنبەلىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ كىيىنكى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە韦纥 (ۋېيگې)،乌纥(ۋۇگې)، 袁纥(يۈەنگې)،回纥 (خۇيخې)، 回鹘(خۇيگۇ)، 畏兀儿 (ۋېيۋۇئېر)، كىيىن “维吾尔” دەپ ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم چەتئەل تارىخىي ئەسەرلىرىدە ئوخشاشبولمىغان ناملار بىلەن ئاتالغانلىقىمۇ راست،ئەلۋەتتە ،19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقىيىللىرىدا گېرمانىيىنىڭ بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسى  شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتى  تەرىپىدىن چىقىرىلغان ،تۈركۈلوگىيە تەتقىقاتىغابېغىشلانغان‹‹UIGIRICA›› ( ئۇيگىرىكا) ناملىق ژورنالنىڭ نەشر قىلىنىشى‹‹ئۇيغۇر ››دىگەنبۇ ئىسىمنىڭ  رەسمىي ،سېستىمىلىق ھالدادۇنيا ئىلىم ساھەسىگە تۇنۇشتۇرۇلۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى.20-ئەسىردىكى غايەتزور ئۆزگىرىشلەر،بولۇپمۇ يېقىنقى 30يىلدىن بۇيانقى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشلارئۇيغۇرلارنى ئۆز كىملىكى  بىلەن دۇنياۋىيرىقابەتكە كىرىشكە يۈزلەندۈردى ،ئېنگىلىز تىلىنىڭ بۇ جەرياندا ۋاستىلىق رولئوينىغان بولدى ،شۇنىڭ بىلەن ‹‹ئۇيغۇر ››نامىنى بىر ئۆلچەملىك ئاتالغۇ ھەم ئۇقۇمسۈپىتىدە ئىلىم دۇنياسى بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى ،ئۇيغۇر تىلىنىڭفونېتىكىلىق  خۇسۇسىيىتىگە يېقىنراق بولغانتۈركىي تىللاردا ‹‹ئۇيغۇر ››سۆزى ئاساسەن تولۇق تەلەپپۇز قىلىنىپ ،يېزىلىپ كەلدى،ئەرەپ،پارس تىللىرى بىلەن بولغان مىڭ يىللىق ئۆتۈشۈش جەريانى  شۇ تىللارنىڭ فونىتېك ئالاھىدىلىكى بويىچە  بۇ ئاتالغۇلارنى  قىسمەن ئۆزگەرگەن ھالدا شۇ تىللاردا مۇقىم بىرئاتالغۇ،ئۇقۇم سۈپىتىدە ئومۇملاشتۇردى،ياۋروپادىكى تىللاردىن فرانسۇزچىدا‹‹OUïGOUR››، گىرمانچىدا‹‹UIGUR›› دىگەندەك  شەكىللەر بويىچە ئومۇملاشقان بولدى ،لېكىنخەلقئارادا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان  ئىنگىلىزتىلىدا ‹‹ئۇيغۇر ››سۆزى ‹‹Uygur››، ‹‹Uyghur››،‹‹Uighur››،‹‹Uighuir››، ‹‹Uiguir››،‹‹Uigur››، ‹‹weiwuer››دىگەندەك خىلمۇ-خىل ئاتالدى، مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسنىڭ  ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىمۇ  خېلى بىر مەزگىل  ‹‹Uygur››دەپ يېزىلدى ،ھەتتا ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ،تىلى، تارىخى توغرۇلۇق يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىمۇئىنگىلىزچىغا قىلىنغان تەرجىمىلىرىدە ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يېزىلىش شەكلىنىتاللىۋېلىپ  ئىشلەتتى .بۇنداق بىر مىللەتنامىنىڭ كۆپ خىل ئاتىلىشى كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش ،خىزمەت ،ئالاقىلىرىگە ئاز بولمىغانئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ،ھەتتا  ئۇيغۇرنى  چۈشەنمەيدىغان ياكى چۈشىنىشى  كەمچىلكىشىلەردە‹‹ بۇلار بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان مىللەت ئوخشايدۇ›› دىگەن ئۇقۇمغاكەلتۈرۈپ قويدى. ،چۈنكى ئىنگىلىز يېزىقى ئېلىپبەلىك يېزىق بولغاچقا قارىماققائوخشىشىپ كىتىدىغان نۇرغۇن ئىسىملار بىرەر تاۋۇش ياكى بىرەر ھەرپنىڭ ئۆزگىرىشىبىلەن پەرقلىنىدۇ،مەسىلەن: India سۆزى ھىندىستاننى بىلدۈرسە ،indian سۆزى ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىبىلدۈرىدۇ،Austria سۆزى ياۋروپادىكى ئاۋىستىرىينى بىلدۈرسە ،Australia سۆزى ئوكئانىيە قىتئەسىدىكى ئاۋسترالىيىنىبىلدۈرىدۇ ، Niger بىلەن Nigeriaبولسائافرىقىدىكى ئوخشىمايدىغان ئىككى دۆلەت.ھەتتا ئىنگىلىزچىنىڭ ئۆزىدىمۇ سەللا دىققەتقىلمىسا ياكى ئىزاھات بەرمىسە ئۇقۇم ئارلىشىپ قالىدىغان سۆزلەر خېلى  بار .دىمەك ئىنگىلىز تىلىغا باشقا تىللاردىنئۆزلىشىۋاتقان سۆزلەر كۆپنىچە ئۆز ئوقۇلۇشى بويىچە تەلەپپۇز قىلىپ تەرجىمەقىلىنغاچقا تاۋۇش ۋە يېزىق پەرقى تۈپەيلىدىن بىر سۆز بىر نەچچە خىل يېزىلىپمۇقالىدۇ ،‹‹ئۇيغۇر››سۆزىدىكى ‹‹ي››،‹‹غ››،‹‹ۇر›› تاۋۇشلىرىنى ئېنگىلىز تىلىدىكى ‹‹our،uir،i،y,gh,g››دىگەندەك  ھەرپ ،تاۋۇشلار بىلەن ئىپادىلەش ھەمدە ‹‹ئۇيغۇر››سۆزىنىڭ تەلەپپۇزىغا ئاساسەن تېخىمۇ كۆپ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى بولغاچقا(مەسىلەن:Uigour  Uigur, Uyghuir،Uyghourدىگەندەك)بۇ سۆزنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىكى ۋارىيانتلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشى ۋە ئاسانلا خاتاچۈشەنچە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تۇرغانلا گەپ، يەنە كىلىپ ئىنگىلىز  تىلى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھەمدە بىۋاستە ئۇچراشمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئۆز ئاتالغۇلاركۆپىنچە ھاللاردا شۇ مىللەتنىڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئات،نەشىرياتلىرىنىڭ قوللانغىنى بويىچە ئىشلىتىدۇ ، قارايدىغان بولساقمىللەتلەر نەشرىياتى 1999-يىلى نەشىر قىلغان ‹‹خەنزۇچە-روسچە-ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچەئېلېكتر پەن-تېخنىكىسى لۇغىتى››دە ‹‹Uygur››دەپ ئېلىنغان بولسا ،مەركىزىيمىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 1994-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلغان‹‹روسچە-خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە -ئۇيغۇرچە دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرلۇغىتى››دا،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىلى نەشرقىلغان ‹‹ئۇيغۇرچە- ئىنگىلىزچەلۇغەت ››تە، 1993-يىلى نەشر قىلغان ،ئەنۋەر جاپپار تۈزگەن ‹‹خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچەبىئو-خىمىيە لۇغىتى››دە، يەنە شۇ يىلىدىكى ‹‹ئۇيغۇرچە- ئىنگىلىزچە لۇغەت ››تە،2005-يىلى نەشر قىلغان ‹‹خەنزۇچە- ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە –قازاقچە سېيسمولوگىيەلۇغىتى››دە ،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى 2002-يىلى نەشر قىلغان ،قادىرقاۋۇز تۈزگەن ‹‹ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە قوش ئىزاھلىق لۇغەت ››تە  ‹‹Uighur››دەپ ئېلىنغان ،يەنە شۇ 2002 –يىلىشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹خەنزۇچە –ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچەپەن-تېخنىكا چوڭ لۇغىتى ››دا  ‹‹Uyghur›› دەپ ئېلىنغان ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاشيېزىلىشتىكى قالايمىقانچىلىقلار ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇمرايۇنلۇق مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش-بېكىتىش كومىتېتى تەتقىققىلىش ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئارقىلىق ‹‹ئۇيغۇر ››سۆزىنىڭئىنگىلىزچىسىنى ‹‹Uyghur››(تەلەپپۇزى[Ujɤur]دەپ يېزىشنى  بېكىتتى ۋە 2006-يىلى10-ئاينىڭ 11-كۈنى بۇ توغرۇلۇق  ھۆججەتچۈشۈرۈپ تارقاتتى،بۇنىڭ بىلەن مەتبۇئات، نەشرىياتلاردىكى ئۆز ئالدىغا يېزىشقاخاتىمە بېرىلىپ،ئۆلچەملەشكەن ئەندىزە تىكلەندى ،لېكىن تەشۋىقات كەمچىلبولغانلىقتىن خېلى مەلۇماتلىق بەزى زىيالىيلار ئارىسىدا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇتوغرىدا مۇنازىرە  ھېلىھەم داۋاملىشىپكېلىۋاتىدۇ ،ھەم ئۆز –ئارا كومپيۇتېر ئالاقىلىرىدە قولايلىقنى كۆزلەپ ‹‹رەسمىي بىريەردە ئېلان قىلمىغاندىكىن ››دىگەندەك مەۋقەدە تۇرۇپ  بىپەرۋالىق قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا ،بۇ ئۆزمىللىتىمىز نامىنىڭ خەلقئارالىق تىل بولغان ئىنگىلىز تىلىغا كىرىشى ۋە ئومۇملىشىشىزۆرۈر بولغان ئەڭ مۇھىم ئاتالغۇ بولۇپ ،سىرتقى دۇنياغا تەشۋىق قىلىپلا قالمايئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار،زىيالىيلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ شۇ ئاساستا پۈتكۈلمىللەت خەلقىگە  ئۆز كىملىكى،سالاھىيىتىنىڭ  ئەڭ مۇھىم ئاتالغۇسىسۈپىتىدە تونۇتۇش ،ئۇنى قەدىرلەش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش نوقۇلمەتبۇئات ،نەشرىيات ،ئاتالغۇ ئورۇنلىرىنىڭ ئىشى بولماستىن ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنىقەدىرلەشنى بىلىدىغان مىللەت ئەزالىرىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيەتلىرىدىندۇر.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-7 01:12 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10342
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3034 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 01:54:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Uyghur دېگىنى توغرىسى

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1020 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 02:03:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ.مەن تېخى uyghurشەكلىدە بىرلىككە كىلىپ بولغان دەپ ئويلايتىم.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3027
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5973
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2548 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 02:05:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر سۆزىنىڭ خەلىقئارادا بىرلىككە كەلگەن قىسقارتىلمىسى UG  مۇ ياكىUY

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 02:24:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ناھايتى ئوبدان يولىنىپتۇ . بىزنىڭ نان قېپى تىل كومىتىتى ئىشنى ئاۋال بىزنىڭ نامىمزدىن باشلىماي ، كىيىن قېلىپ مانا ئەمدى يەنلا چاتاق بۇلۋاتىدۇ مەنچە ئىلتىماسقا كۈچىسە قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ئىدى ...
   ئاڭلىشىمچە ئامېركا دۆلەتلىك كۈتۈپخانىسى (زادى قايسى كۈتۈبخانا ئىكەنلىكى ئىسىمدە قالماپتۇ )غا  بىر يېڭى سۆزلۈك كىرسە كىيىنىكى قالايماقانچىلقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قايتا ئۆزگەرتىلمەيدىكەن ، شۇڭا بىزنىڭ بۇ يېڭى بىرلىككە كەلگەن نامىمىز دۇنيا تىلىدا ھېلىھەم بىرلككە كەلمەي ئىشىك سىرتىدا تۇرۋېتىپتۇ .
         يەنە ئاچىقىم كېلدىغىنى بىزنىڭ Uyghur سۈزى  ئىنگىلىسچىدا ۋېيگېر دەپ  ئۇقۇپ كىلنىۋاتىدۇ ( بىرلىككە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىنگىلىسچىنىڭ فونتىكىسى بۇيچە ئايېر ، ئايگىر ، ۋېيئېېر، ئۇيۇر ... دەپ ئۇقۇلدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن  بۇ يەرنى بېسىپ تەرجىمىسىنى كۈرۈپ  بېقىڭ , uyghur نىڭ ئاستىدىكى كانايچاقنى بېسىپ ئۇقۇلىشىنى ئاڭلاپ بېقىڭ ،ئاندىن  Uyghur نى Uighur , uygur ... دەپ ئالماشتۇرۇپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ بېقىڭ !!!! )  ،بۇ  نان قېپىلار زادى نىمىش قىلدۇ؟؟؟؟ ھىچ بولمىسا ئۇيگۇر دەپ ئۇقۇلسىمۇ بۇلاتىغۇ ؟؟؟  يېزىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرەلگەنلەر نىمىشقا ئۇقۇلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرمەيدۇ ؟   ياكى ئۇلار دۇنيا تىلىنى بىلمەمدۇ ؟ ئۇنداق بولسا ئۇرۇن بۇشاتسۇن !!!!   بىزگە تۇنۇۇش ئۆزبەكلەرنىڭ  <<ئۇ>>زبىك دەپ(ئەمدى بۇنى بېسىپ كىرىپ كانايچاقنى بېسىپ بېقىڭ) ئۇقۇلغانىكەن بىزدىكى << ئۇ >> نىمە بۇلۇپ  << ۋ>> بۇلۇپ قالدى ؟؟   يەنە بىزدىكى << قۇمۇل نىمە بۇلۇپ ئىنگىلىسچىدە hami بۇلۇپ قالدى ؟            شۇنداق دىگۈم  كىلدۇ   ئاشۇ تىل كومىتىتى  دىگەن  نان قېپى ئاداشلار  نىمە قىلسىلەر ؟      
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-7 02:46 PM  


خوش  مىسرانىم ساڭا قىيالمايمەن

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7710 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 02:56:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 02:05 PM
ئۇيغۇر سۆزىنىڭ خەلىقئارادا بىرلىككە كەلگەن قىسقارتىل ...

خەلقئارادا بىزنىڭ مىللەتنىڭ قىلىپلاشقان قىسقارتىلمىسى بولسا ug

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 04:09:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 02:24 PM
بۇ تىما ناھايتى ئوبدان يولىنىپتۇ . بىزنىڭ نان قېپى تىل  ...
يەنە ئاچىقىم كېلدىغىنى بىزنىڭ Uyghur سۈزى  ئىنگىلىسچىدا ۋېيگېر دەپ  ئۇقۇپ كىلنىۋاتىدۇ

ماۋۇ نان قېپىلارنى؟؟؟؟    ۋېيگىر دىگەن ئامىركىنىڭ دورىسىنىڭ ئىسمى تۇرسا، (ئابدىكىرەم ئابلىزنىڭ ئىپىزوتىدا دىيىلگەن «ئاجىز ئەرنى ئۆزگەرتىپ شىرغا» دىگەن دورا شۇ)، ئاشۇ مەينەت دورىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن ئوخشاپ قاپتۇيا.
ھەجەپ ئاچچىقىم كەلدىيا
تورغا بىرنەچچە كۈن چىقمىسام يېڭىلىقلار كۆپ بوپ كىتىپتۇ دەيمە

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 04:58:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەھمەت!  بەك ياخشى مۇلاھىزە بوپتۇ!  بىراق ئىنگىلىزچە ئاتىلىشىمىز ھەرھالدا "ئۇيغۇر "دىگەن ئىسىمغا يېقىنلىشىدۇ!  بىراق خەنزۇچە ئاتىلىشىمىز "ۋېيۋۇرى " دىيلىپ، "ئۇيغۇر "دىگەن ئىسىمدىن تەلەپپۇز جەھەتتىن خېلىخوپ يىراقلاپ كەتكەن!  بۇنىڭغا نىمىشقا سۈكۈت قىلىمىز!؟ ...ئادەمگە ئىسمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتىشىدىن باشقىچە تەلەپپۇزدا چاقىرلىشى خورلۇق ھىس قىلدۇردىكەن!  ئەجىبا خەنزۇ تىلىدا ئىسمىمىزنى "ئۇيغۇر "دىگەن سۆزگە يېقىن تەلەپپۇز قىلغىلى بولماسمۇ؟!؟ ....
ئەلۋەتتە تەلەپپۇز قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن :خەنزۇچىدا "ئۇيغۇر "دىگەن سۆزنى تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىن بولغان "讴义故尔,"دەپ ئاتىغىلى بولىدۇ. بەزىلەر بۇ ئىشنى ئاۋارچىلىق، دەپ بېشىغا يەل يېغىشى مۈمكىن! ئەمما سۆزۈمنى توغرا تاپقانلار بۇ ئىشنى ئويلىنىپ باقساڭلار! ...بۇ كىچىك ئادەتتىكى ئىش ئەمەس! بەلكى مۇھىم ئىش! ئۇنداق دەپ قارىمىسىڭىز، سىزنى مەن ئىسمىڭىزدىن باشقىچە تەلەپپۇز بىلەن چاقىرىپ باقاي! ئاچچىغىڭىز كىلەمدۇ! كەلمەمدۇ؟! .......

JAMES0991 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 08:02:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

يىڭنە  قىلغاننى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15521
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9656
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2590 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 08:39:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
JAMES0991 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 08:02 PM
مانا بۇ UYGUR ئۇيغۇرچنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى،،،،،،،
uyghur ماۋ ...

سىزنىڭ  «  مانا  بۇنى  ئىشلىتىڭلار ...» دەپ تەۋسىيە  قىلغان ئاۋۇ سۆزىڭىز ، نۇرغۇن تالاش-تارتىشلاردىن  كىيىن ،  پۇت تىرەپ تۇرالماي ئەمەلدىن  قالغان بىراك قىلىنغان سۆز.
  سىز  دىگەن ئۇ  سۆ«زUYGUR» ئېنىقتىن ئېنىقلا بىر  مىللەتنىڭ ئىسمىنى خاتا ئاتىغانلىق ، چۈنكى، ئۇ سۆز  ئۇيغۇرچە  ئۇقۇسىڭىزمۇ « ئۇيگۇر» دەپ  ئۇقۇلىدۇ ، لىكىن  بۇ  مىللەتنىڭ نامى « ئۇيغۇر» شۇڭا خەلقارالىق مۇھاكىمىلەردە ،  مۇشۇ  نوقتا كۆزدە  تۇتىلىپ، «ئۇيغۇر » دىگەن بۇ  نامنىڭ ئەسلى ئاتىلىشىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئېنگىلىزچىدە  بولمىغان بىر ھەرپ شەكلىنى قوللىنىپ« uyghur» دەپ قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئېنگىلىزچىدە «غ» تاۋۇشى بولمىغانلىقتىن ،بۇ« gh» ھەرىپى ئۇيغۇرتىلىدىكى  «غ»  تاۋۇشىغا سىموۋۇل  قىلىنغان.
  ئۇنىڭ  ئۈستىگە  ،  بۇ  ئېنىق  قارار ماقۇللاپ چىقىرىلغان ، خەلقاراغا ئېلان قىلىنغان  بىر  ئىش. بۇنى  قۇپۇپ  ،  سىز  بۇنداق  ئاتا  دەپ ئۇياققا  تارتسىڭىز ، باشقىلار  بىر  ياققا  تارتسا، سىزگە  بەك  قىززىق ئۇيۇن  بولۇپ تۇيىلامدىكەن يا ؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش