يازمىنىڭ تىمىسىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتىكى بىز سۈرىيىنى تۇتۇلغان پوزىتسىيىگە نىسپەتەن بىر دۆلەت بىلەن يەنى لىۋىيە بىلەن سېلىشتۇردۇق. بۇ سېلىشتۇرۇش، بۇ سۇئاللارنى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويدى، سۇراشتى. لىۋىيىگە ئاكتىپ ھۇجۇم قوزغاش بىلەن ئۆلۈم-يىتىم نەچچە ھەسسە ئارتىپ كەتكەن سۈرىيىگە ھازىرغىچە قول سېلىنماسلىقنىڭ بىرقانچە خىل پەرقى، توغرىسى سەۋەبى بار. بۇنىڭ بىرى لىۋىيىگە كۆپ دۆلەتلەر مەنپەئەت تالىشىش دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى دۆلەت. يەنە بىر مۇھىم ئامىل ھەربىي كۈچ جەھەتتە كازافي ھۆكۈمرانلىقىدىكى لىۋىيە زىمىنى كەڭ، نۇپۇسى ئاز، قۇرال-جابدۇق، تەلىم-تەربىيە،ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئارمىيە سۈپىتى قالاق دۆلەت. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال ناتونىڭ كازافىي ھۆكۈمىتىگە تىزلىكتە زەربە بىرىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ھىساپلىنىدۇ. بۇلۇپمۇ بىرىنچىسى شۇنداق.
تۈۋەندە بىرقانچە نوقتىدىن سۈرىيەگىمۇ لىۋىيىگە ئوخشاش ئاكتىپ ھۇجۇم قوزغالماي. ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئامىللىرىنى مۇلاھىزە قىلىمىز.
1) ھەلقىلغۇچ ئىستىراتىگىيىلىك تىركىشىش. سىياسىي-جۇغراپىيىۋى نوقتىدىن ئېيتقاندا سۈرىيىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنى مەركەز قىلغان 1000كىلومىتىر دائىرە ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي تەرتىپى ۋە ھەربىي ئىشلىرىدا يادرولۇق رول ئوينايدىغان رايۇن. سۈرىيە بولسا مۇشۇ يىتەكچى رايۇننىڭ مەركىزى-يۈرەك قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يېقىنقى زامان تارىخىدا بۇ ئەۋزەللىكنى قولغا كىرگۈزۇپ ياۋرۇ-ئاسىيا بەلۋىغىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەمىشە ئۇرۇش پارتلاپ تۇردى. روس-تۈرك ئىمپىرىيەلىرى يىمىرىلگىچە بۇ ئىككى دۆلەت ئازكەم 250يىل،11قېتىم چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشتى. ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى روسلارنىڭ كىڭەيمىچىلىك قىلىشى بۇلۇپ مەقسىتى دەل دىڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىدى. بۇيەردە روسلار كۆزلىگىنى قارا دىڭىز بولماستىن، تۈركىيىنىڭ قولىدىن ئوتتۇرا دىڭىزغا چىقىشتىكى سۇ يۇلىنى تارتىۋېلىپ چوڭ ئوكيانغا يۈرۈش قىلىش بىلەن بىرگە غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى توڭلىماس پورتلارغا ئىگە بۇلۇش ئىدى.
كۆرىۋېلىشقا بۇلىدىكى روسىيىنىڭ ئوتتۇرا دىڭىز رايۇنىغا ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەت نوقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشى خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى، ئامىرىكا-روسىيە ئارىسىدىكى تەسىر-كۈچ كەسكىنلەشكەن ۋاقىتتا سوۋىت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا دىڭىزدا دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ 5-تارماق فىلوتىنى تەسىس قىلغان (دىققەت؛ يېقىندا سۈرىيە ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەندىن كىيىن روسىيە قارا دىڭىز فىلوتىغا قاراشلىق ئوتتۇرا دىڭىز تارماق فىلوتى قۇرۇپ سۈرىيىگە يېقىن دىڭىز رايۇنىغا ئەۋەتتى). 5-فلوتنىڭ پائالىيەت دائىرىسى پۈتكۈل ئوتتۇرا دىڭىز رايۇنىغا ئۆزئىچىگە ئالدىىغان بۇلۇپ، ئامىرىكا 6-فىلوتى بىلەن تىركىشىش ھالىتىدە تۇرغان. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ نۇرغۇن ھەربىي پاراخوتلار پورتتا ئەسكى تۆمۈرگە ئايلىنىپ قالغاندىن كىيىن، مەزكۇر فىلوتمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئەمما، يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى، كوسوۋۇ مۇستەقىللىقى قاتارلىق سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەردىن كىيىن روسىيىنىڭ تەسىر-كۈچى زور دەرىجىدە سىقىۋىتىلىدى. ك گ ب دىن چىققان پوتىن روسىيىدە پېرىزدىنتلىق تەختىگە چىققاندىن كىيىن ئامىرىكىنىڭ روسىيىنى ئوتتۇرا شەرقتىن سىقىپ چىقىرىۋىتىش پىلانىغا كەسكىن قارشى تۇرۇپ، روسىيىنىڭ فىدىراتسىيە چىگرىسى ئەتراپىدىكى بىرقانچە يۈز كىلومىتىرلىق سوۋۇتىش بەلۋىغىدىن ھالقىغان رايۇنلاردا موسكىۋانىڭ سىياسىي تەسىرىنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشى كىرەكلىكىنى، بۇنىڭ دەخلۇ-تەرۇزسىز تەرتىپ بۇلىشىنى تەكىتلىدى. ئەمما، ئامىرىكىلىقلار ئۇنداق قارىمايدۇ. بوش ھۆكۈمىتى روسىيىنىڭ تەسىر-دائىرىسنى ئىتىراپ قىلىشنىڭ ئەكسىچە شەرىقى ياۋرۇپا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى پىلانى يولغا قۇيۇپ ئىجرا قىلدى. گەرچە كىيىن بۇ پىلان ۋىۋىسكا ئالماشتۇرۇپ ياۋرۇپا بىخەتەرلىك سېستىمىسى نامىدا ئىجرا يولغا قۇيۇلغان بولسىمۇ ماھىيەتتە ئامىرىكىلىقلار ھېچنىمىنى ئۆزگەرتمىدى.
ئۈستىدە سۈرىيىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنى تەكىتلەپ ئۆتتۈق. سۈرىيە ئوتتۇرا شەرقتە ئىران ۋە روسىيىگە مايىل بىردىن بىر دۆلەت. تارتۇس ھەربىي پورتى روسىيە دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا دىڭىز رايۇنىدا موسكىۋانىڭ ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىشتىكى ئارقىسەپ تەمىنات بازىسى، شۇنداقلا ياۋرۇپا غا جەنۇپتىن تەھدىت سېلىش ۋە ئاتلانتىك ئوكيانغا چىقىشتىكى مۇھىم تايىنىش نوقتىسى. ناۋادا روسلار چەتئەلدىكى بىردىن بىر ھەربىي بازىسى بولغان تارتۇس پورتىدىن ئايرىلىپ قالسا روسىيىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك تەھدىت سېلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ كىتىدۇ. چۈنكى ئوباما ۋىۋىسكا ئالماشتۇرغان ياۋرۇپا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى ياۋرۇپانى شەرقتىن بىخەتەر قىلغان بولسا، ئوتتۇرا دىڭىزدا روسلارنىڭ پۇت تىرىگۈدەك يىرى قالماسلىق ياۋرۇپانىڭ جەنۇپتىن بىخەتەر بولغانلىقىنى دىرەك بىرىدۇ(ئەلۋەتتە بۇ ئادەتتىكى دائىملىق تەھدىتنى كۆرسىتىدۇ). ئۇچۇقراق دىگەندە؛ئوتتۇرا دىڭىز پۈتۈنلەي ناتۇنىڭ ئىچكى كۆلىگە ئاينىپ روسلارنىڭ دائىملىق تەھدىت كۈچى تۇرغۇزىشى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ تولغۇقىغا ئوخشاش قىيىن بۇلىدۇ. قارا دىڭىزدىن چىقىش ئۈچۈن تۈركىيىگە ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
بۇ تەرەپ موسكىۋاغا بەش قولدەك ئايان بولغىنى ئۈچۈن سۈرىيىدىكى روسلارغا مايىل باشار ھۆكۈمىتىنى سىياسىي، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئامىرىكا بىلەن تىغمۇتىغ ئېلىشىپ قوغداۋاتىدۇ. 100مىڭدىن ئۇشۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە تەلىۋىلەرچە پەرۋا قىلماسلىق روسىيىگە دىپلوماتىيە جەھەتتە ئەيىپلەش ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ سۈرىيىنى مۇھىم تايىنىش نوقتىسى قىلغان ئوتتۇرا دىڭىزدىكى تەسىر-كۈچىنى قوغداپ قېلىشتا مىليۇن كىشىنىڭ ئۆلىمىگىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. ھازىر سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىكى ئىككى تەرەپنى قوللىغۇچى روسىيە، ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئامىرىكا بىلەن ياۋرۇپا سۈرىيە ئۆكتىچلىرىنى ئاشكارە قۇراللاندۇرماسلىق بەدىلىگە روسلارنىڭ باشار ئارمىيىسىنى ئوت كۈچى زور قۇراللار بىلەن تەمىنلىشىنى تۇسۇپ كىلىۋاتىدۇ(S-300مۇ شۇنىڭ ئىچىدە). ناۋادا بۇخىل تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتسە ئامىرىكىنىڭ روسلارغا بېسىم قىلىشتىكى سەۋەبى قالمايدۇ دە يادرو قۇرالىدىن باشقا ھەرقانداق زور بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈچىگە ئىگە قۇرالنى روسىيە باشارغا بىرىدۇ. ئامىرىكىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى قۇراللاشدۇرۇشتا تۇلا ئارىسالدا بۇلىشىنىڭ سەۋەبى دەل شۇ.
ئەلۋەتتە، بۇخىل تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ ئۇرۇشنى ئاسان بىرياقلىق قىلغىنى بولمايدۇ، ھازىرقى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا سۈرىيە ئۆكتىچىلەر ئارمىيىسى پاسسىپ ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالغان. بۇخىل ئەھۋالدا ئامىرىكا يۇقارقى پىرىنسىپنى بۇزماي روسىيىنى قاماللاپ تۇرغان ئاساستا باشار ئارمىيىسىگە ئۆزى قول سېلىپ ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە بۇرۇلۇش پەيدا قىلىشى كىرەك.
روسلارنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە شۇنچە قانتتىق تىركىشىش پەقەت ئوتتۇرا دىڭىزدىكى ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشلا بولماستىن ، بەلكى تېخىمۇ تەخرسىز بولغان كاۋكاز رايۇنىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قارا دىڭىزدا ئۇچراش ئىھتىماللىقى چوڭ بولغان تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش(بۇ ھەقتە ئايرم ئىنكاس يازاي)
...
2)ھەربىي كۈچ. ئۈستىدە لىۋىيە ئارمىيىسىگە قالاق دىگەن باھانى بەردۇق .لېكىن، سۈرىيە ئارمىيىسىنى ئۇنداق دىگىلى بولمايدۇ. ئالدى بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرا شەرق، جۈملىدىن ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى كۈچلۈك ئارمىيىگە ئىگە ساناقلىقلا دۆلەتنىڭ بىرى. نەچچە 10يىللىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا مول جەڭ تەجرىبىسى توپلىغان، ھەم ئىسرائىلىيىگە قارشى يۇقىرى ھەربي ھالەتنى ساقلاپ كەلگەچكە ئەسكەرلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە ئېلىشى ۋە جەڭگىۋارلىقى نىسپەتەن يۇقىرى. گەرچە كونا بولسىمۇ سانى خېلى كۆپ بولغان زور كۆلەملىك سوقۇش ئايرۇپىلانىغا ئىگە. ھاۋا مۇداپىئە قۇراللىرى جەنۇبتىكى دەمەشىق ۋە ئوتتۇرا دىڭىز بۇيى رايۇنىغا توپلاشتۇرۇپ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاچقا ئوت كۈچى نىسپەتەن زىچ، ئىچكى رايۇنغا كىرىپ ھۇجۇم قىلىشنى تۇسۇش ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە. ئارمىيىدە ئالاۋى مەزھىپىدىكەر 3تىن 2قىسىمدىن كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئىراق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن نۇپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان شىئەلەر مۇقەررەر ھۆكۈمەتتە يۇقىرى نىسپەتنى ئىگىلىدى. لېكىن، سۈننىيلەر ھۆكۈمەتنى شىئەلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ سىياسەت يۈرگۈزدى دەپ قارىغاچقا ئىراق دۆلەت ئىچى تىنجىماي كىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن سۈرىيىدىكى ھوقۇق ئىگىلىگۈچى ئالاۋىلار، بۇلۇپمۇ ئارمىيىدىكى بىرخىللىقتىن تەشكىل قىلىنغان ئەسكەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى جان تىكىپ قوغداپ قالمىسا ‹كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن مۇزاينىڭ بېشىغىمۇ كىلىدىغانلىقى›ئىسپاتى بىلەن تۇرۇپتۇ.
ئامىرىكا بۇخىل قارشىلىقتا ئالدىراقسانلىق بىلەن سۈرىيىگە قۇراللىق ئارلىشىشىنىڭ ئاسان يېغىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغاندىن كىيىن، ئۆكتىچىلەرنى خورۇتۇش ئۇرۇشى قىلىشقا قۇيۇپ بەردى. يەنە سۈرىيىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغان خېمىيىلىك قۇرالى بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى كىرزىس تۈپەيلى قىسقارتقان دۆلەت مۇداپىئە خامچوتلىرى، ئامىرىكا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشتىن بۇرۇن ئۇبدان ئويلانمىسا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە. ئالدىنقىسىدا ناتۇ يەريۈزى قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ باشار بىلەن خېمىيىلىك قۇرال ئۇرۇشى قىلىشقا تەۋەككۇل قىلمايدۇ. كىينكىسىدە؛ يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن پەقەت 5تىن1قىسىم دۆلەتلەرلا ھەربىي چىقىمىنى ناتونىڭ تەلىپى بولغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %2دىن تۈۋەن بولماسلىق ئۆلچىمىگە يەتكۈزدى. بەزى ئەزا دۆلەتلەر ھەتتا تانكا، ھەربىي پاراخوتلارنى پىچەتلەپ سېتىۋېتىشنى ئويلىشۋاتىدۇ. بىر قىسىملىرى جەڭ ئايرۇپىلانىنى پىچەتلەپ ساقلىدى ياكى ئۇچقۇچىلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولدى. بۇخىل مالىيە قىيىنچىلىقىدا لىۋىىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان ھەم روسىيە سىياسىي، دىپلوماتىيە جەھەتتە كۈچلۈك ھىمايە قىلىۋاتقان سۈرىيىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشتا ياۋرۇپالىقلار ھەقىقەتەن ئىككىلىنىپ قالدى.
ياۋرۇپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر جۈرئەت ۋە پۇل چىقىرىشتا ئىككىلەنگەن ئۇرۇشقا ئامىرىكا ئەلۋەتتە ئالدىراپ ئۆتۈك سالمايدۇ(مەسئۇلىيەتنى يالغۇز ئۈستىگە ئېلىپ باشقىلارنىڭ ئاش پىشقاندا پايتمىسىنى سۆرەپ كىلىپ تەييارغا داخىل بۇلىشى خالىمايدۇ)
..
3)ئاۋارىچىلىق ئۈستىگە ئاۋارىچلىق. كۆپچىلىككە ئايانكى ئافغانسىتان ئۇرۇشىدىن ھىساپلىغاندا ئامىرىكىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئۇدا ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىغا 10يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپالىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى. ھەربىر تىرورلۇق قىلمىشى ھەقلىق دەپ سانالمىغاندىمۇ ئامىرىكىلىقلارغا قارشى كەيپىيات ئارىلاپ پارتلاپ تۇردى. بولتۇر يازدا لىۋىيىدىكى ئامىرىكا ئەلچىسىنىڭ ئۆلتۈرىشى پەقەت بىر قېتىملىق ئامىرىكىغا قارشى ئۆچ ئېلىش خارەكتىرلىك تىرورلۇق ۋەقەسىلا ئەمەس. بەلكى ئامىرىكا تەشەببۇس قىلغان، قوللىغان تەرتىپتە مەسىلە كۆرۈلدى. ئاقساراينىڭ ئەرەب باھارى ھەرىكىتىنى پەردە ئارقسىىدا قوللاشتىكى مەقسىتى ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستىراتىگىيىسى نىسپەتەن تىنچلىققا مۇھتاج. ئامىرىكا ئوتتۇرا شەرقتە روسلارنىڭ پۇت تىقىدىغان يىرىنى قويمىغاندىن كىيىن موسكىۋامۇ ئاقساراي بىلەن قارا دىڭىزدىن ئۆتۈپ ئۇيۇن ئويناش سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ دىگەنلىك ئوتتۇرا شەرقتە يېرىم ئەسىرگە سۇزۇلغان روسلارنىڭ ئەرەبلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئامىرىكا بىلەن تىركىشىش ئۇيۇنى ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما، ئوتتۇرا شەرقتىن روسلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئاسان ئىش ئەمەس. تەكىتلەپ قۇيىدىغان بىر نوقتا؛ ئىسرائىلىيىلىكلەر ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە يىڭى تەرتىپ ئورنىتىشىنى خالاپ كەتمەسلىكى، ھەتتا ئامال قىلىپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھازىرقى جەڭگە-جىدەلگە تولغان ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ھىيلە ئىشلىتىشى مۇمكىن.
...
بۇيىل يازدا تۈركىيىدە يۈزبەرگەن نامايىش ۋە ئارقىدىن كۈچ ئۇلاپ كەلگەن مىسىردىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق ئامىرىكىنىڭ سۈرىيىگە تەدبىر قوللىنىشىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. تۈركىيە سۈرىيە ئۆكتىچلىرىنى يۆلىگەن دۆلەت. سۈرىيە ۋەزىيىنىڭ ھازىرى ھالەتكە كىلىشىنى ئەنقەرەسىز تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ئامىرىكىنىڭ تۈركىيىنى تايانچ قىلماي قوللانغان تەدبىرى ئاسانلا ئىران ۋە روسىيىنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچراپلا قالماي ناتۇ نىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يېغىپ ئېيتقاندا؛ سۈرىيىگە سۈكۈت قىلىشنىڭ سەۋەپلىرى خېلى كۆپ ۋە سالمىقى ئېغىر. ناۋادا ئامىرىكا لىۋىيىگە قوللانغان تاكتىكا بۇيىچە يىنىكلىك بىلەن سۈرىيىگە قول سالسا باشار ھۆكۈمىتىنى ئاسانلا ئاغدۇرىۋىتىشى مۇمكىن. ئەمما، ئوتتۇرا شەرقتىكى تەرەپلەر ئارىسىدىكى ھازىرقى زىل مۇناسىۋەت بۇ زەربىنى كۆتۈرەلمەسىلىكى مۇمكىن. بۇ ئاقساراينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كۆڭۈلدىكىدەك تەرتىپ تۇرغۇزۇش پىلانىغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كىلىدۇ.
-----------
مەنزىل-كەمىنە.