ھەي، تور ھاياتى
ئەركيار
سەھەردىكى قۇياشنى ئۇنۇتتۇم،
ئاينىڭ كەچتە نەگە پېتىشى بىلەنمۇ كارىم يوق.
تورنى بويلاپ ئاقماقتا ئۆمۈر،
ھەربىت گۇيا ھەربىر تىنىق!
كۆزئالدىمدا،ئەسيادىمدا،...
ئۆزۈمگە، ئەۋلادىمغا
تاماقتىن كېيىنكى پاراڭلىرىمغا،
سۆيگەن دىلبەر بىلەن مۇڭدىشىشقىمۇ،
ئاجراتقۇدەك ۋاقتىم قالمىدى.
بىرچاغلارنى ئەسلىگۈم يوق،
بىركىملەرنى يوقلاپ بارغۇم يوق.
شۇ يېقىندىلا تۇغقانلار بىلەن چاقىرىشاتتۇق،
تاڭ يورۇغىچە پارىڭىمىز تۈگىمەيتتى،
پەرزەنتلىرىمىز،نەۋرە-چەۋرىلەر،ئەۋرىلەرمۇ ئىزدىشىپ ئۆتەتتى،
ھازىر،
نېمە دېيىشنى بىلمەيمەن.
تور!
ئەلۋەتتە،سەن گۇناھسىز.
ئۇنداقتا،
بىزگە نېمە بولدى؟نەگە كېتىۋاتىمىز؟
ئېسىل ئادەملىرىمىز نەگە كەتتى؟
ئوتلۇق مۇھەببەت نەدە غېرىپسىنىۋاتىدۇ؟
بالىلارنىڭ قول تېلفۇنىدا نېمىلەر بار؟
ئارزۇيىمىز
سەن ئېيتىپ باققىنچۇ،
چۈش ئىچىگە كىرىپ قالغىنىمىز يالغانمۇ؟
بىزنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟
ئەيسانىڭ ئاسماندىن چۈشىشىنى كۈتەمدۇق؟
ئىسراپىلنىڭ سۈر تارتىشىنى كۈتىۋاتامدۇق؟
«ئەگەر قول تېلفۇندىن ئايرىلساق...»دەپ تەسەۋۋۇر قىلسام،
تەرەققىياتنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالامدىم؟
«بىز نېمىشقا ئالدىراشلىققا مەجبۇرلاندۇق؟»دەپ ئويلىسام،
ئىنسانىيەتكە قارشى بولامدىم؟
نېمىشقا،
نېمىشقا مەست قىلغۇچىلار كېرەك؟
نېمىشقا،
تۇيۇقسىزلا، «ئىلاھ بىلەن ئۆزىمىز»دىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى گۇمانلىقتەك بىلىنىدۇ؟
ئويلانمايدىغان،
بىلىم ئىزدىمەيدىغان،
بايلىق ئىزدىمەيدىغان،
دىپلوم ئالمىغان ھېچكىم قالمايدىغاندەك...
ئەمما،
شۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا،
ئىنسانىيەتنىڭ سۇئاللىرىغا،
تەبىئەتنىڭ سۇئاللىرىغا،
قەيەردە جاۋاب؟
قەيەردە جاۋاب!!؟
يۇلتۇزلار ئۈستىمىزدە سۈكۈتتە،زېمىن ئاستىمىزدا زۇۋانسىز!
پۇل،
تەڭ قىممەتلىك مال ئىدى.
پۇلغا ئىشەندۇق،
ئىنسان ئىنسانغا ئىشەنمەمدۇق؟
...
ھەي،
تور ھاياتى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-31 09:04 PM