|
|
|
|
نەچچە كۈندىن بۇيان ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر خەۋەر پەيدا بولدى . گىرمانىيەنىڭ ئامرىكىدا ساقلىنىۋاتقان زاپاس ئالتۇنىنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغاندا ئامرىكا تەرەپتىن رەت قىلىندى . بۇ خەۋەر تۈۋەندىكى بىر نەچچە ئىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ :
1 ) زاپاس ئالتۇننىڭ بىخەتەرلىكىدىن مەسىلە چىقتى، ئامرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھۇكۇمدارى نامىدا ئاساسلىق تايىدىغىنى مالىيە-ئىتىساد بۇلۇپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ زاپاس ئالتۇنىمۇ بار . ئەگەر ئامرىكا يەنە ئالتۇندىن ئايرىلىپ قالسا ،بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ يەتكىلى بۇلىدۇ.
2) ياۋرۇپا - ئامرىكىنىڭ ئېقتىسادتىكى كونتىروللىقى ، گىرمانىيە ياۋرۇپانىڭ كاتتىبېشى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن زاپاس ئالتۇنى 3000 توننىدىن ئاشىدىغان بۇلۇپ ،دۇنيا بۇيىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ . ياۋرۇپانىڭ قەرز ۋەقەسى پارتىلغاندىن كىيىن ،مەيلى قەرزى ئېغىر بولغان گىرىتسىيە بولسۇن ياكى ئىسپانىيە بولسۇن ئۆزىنىڭ ئالتۇنىغا چېقىلمىدى ،لېكىن گىرمانىيەنىڭ زاپاس ئالتۇنىنى قايتۇرۇپ كىتىشتىكى مەقسىدى بىر ئىشىنى چۈشەندۈرىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ئالتۇن ئارقىلىق ياۋرۇپانىڭ ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ، لېكىن يەنىلا ئامرىكا تەرەپتىن رەت قىلىندى .ئامرىكىنىڭ قورقىدىغىنى شۇكى ،ئەگەر گىرمانىيە زاپاش ئالتۇننى قايرۇرۇپ كەتسە باشقا دۆلەتلەرمۇ كەينى - كەينىدىن زاپاس ئالتۇنلارنى قايتۇرۇپ كىتىدۇ ،بۇنداق بولسا ئامرىكىنىڭ ھۆكۈمران ئورنى قايتا مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ . مەيلى قايسى تەرەپتىن بولسۇن ،ئامرىكىدا (ئىناۋەتلىك )ئورنىدا كىرزىس كۆرۈلدى! بۇ ئىش ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىر ئېلىپ كىلەر ؟ ئامرىكا ئىناۋەتلىك ئورنىدىن ئايرىلىپ ئالتۇن ۋە دوللارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇشتەك ھالەتتىن ئايرىلىپ قېلىپ ،دۇنيا ئىقتىسادىدا بىر بۆسۈش بۇلىدۇ ، ئالتۇن بولسا يالغۇز دەرەختەك يالغۇز بۇلۇپ قالىدۇ.
مەنبە : پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 282 يۈەن
395619400
|
|
|
|
|
|