1. ئوسمان ئىسمائىل تارىم ئەپەندىنىڭ سەنئەتكە قارشى تۇرۇش -ئىنسانىيەت مەدىنيىتىگە قارشى تۇرغانلىق دىگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقىتىم .
2.شەخسەن ئۆزەم سەنئەتكە قارشى تۇرۇپمۇ كەتمەيمەن ،قوللاپمۇ كەتمەيمەن ، ھەم قىزىمنىڭ سەنئەتچى بولۇشىنى ئارزۇمۇ قىلمايمەن .
3.سەنئەت مەن ئۇچۇن بەرىبىر . بىر ئادەم تويىدا سەنئەت ئۆمەكنى چاقىرىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ ئۆتكۇزۇپ بەرسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ، يەنە بىر ئادەم جىمجىت ئۆتكۇزۇپ بەرسىمۇ بۇمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى . ئاشۇ ئادەمنىڭ خالشىىغا باغلىق ئىشلار . بۇ مەدىنيەت ئىنقىلابى دەۋرى ئەمەس ، ھەربىر توي قىلغان ئادەم چوقۇم ماۋزۇدۇڭنىڭ رەىسمىگە تازىم قىلىشى كېرەك بولدىغان . يەنە ئوخشاشلا ھەر بىر توي قىلغان ئادەم چوقۇم نەغمە ناۋا قىلشىى شەرت ئەمەس .
4.نەغمە ناۋا قىل ،ئەگەر ئۇنىڭغا كۆڭلۇڭ تارمىسا بىر مەيدان چېلىش ئۇيۇشتۇرۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ ، ياكى بىر مەيدان ئوغلاق تارتىشسىمۇ بولىدۇ ، ياكى تويۇڭنى جىمجىت ئۆتكۇزىۋالساڭمۇ ئۆزەڭنىڭ ئىشى . خايى يوقۇرقىلارنىڭ ھەممىسنى قىل ياكى قىلما بۇ بەرىبىر سېنىڭ خالىشىڭ . مەن بۇنىڭ ئۇچۇن چىڭقىلىپ كەتمەيمەن . مەشرەپ بەرىبىر يوقالمايدۇ ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بار .
5. ئۇيغۇرلار بارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بىر مۇكەممەل مىللەت ، بۇ مىللەتتە ھەر خىل ئېقىم ھەر خىل قاراشلارنىڭ بولۇشى ئەقىلگە ئىنتايىن مۇۋاپىق ، ھەم بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ ئېقىم تېخىمۇ كۆپ كۆز قاراشلارنىڭ بولۇشىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ ، بۇنداق بولسا ئۇيغۇرلار قۇمدەك چېچىلىپ كەتمەمدۇ دىگۇچىلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى ئۇنداق بولمايدۇ ، گەرچە ئۇيغۇرلار قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان شەرت ئاستىدا ھەر خىل مەپكۇر ھەر خىل ئېقىملارغا پارچىلىنىپ كەتسىمۇ جامائەت ئېڭى ۋە جامائەت مەنپەئەتى يەنىلا بىزنى جەملەيدۇ .
6. ئوسمان ئىسمائىل تارىم ئەپەندىنىڭ خۇددى توخوغا ئوخشاش بىر يۇرتۇم سۇ ئىچىپ بولۇپلا ئاسمانغا قاراپ ئاسمان ئۆرۇلۇپ چۇشۇدىغان بولدى دىگەنگە ئوخشاش ئەندىشىسى پۇتۇنلەي بىھودە .
7. خەلق قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىسىلا بولدى ، قالدى ئىشلارنى ئۆزى مەيلى ئۆز خالىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇدۇ ئىنشائاللا .
8. يەنە بىر گەپ ئوسمان ئىسمائىل تارىم ئەپەندى ، سىز ئۆزىڭىز ئانچە مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان ساھەگە پۇتىڭىزنى سالغاندەك قىلىسىز . بۇنداق قالپىغى چوڭ شۇئار توۋلاپ ئادەم قورقۇتىدىغان ئشىنى قىلمىسڭىزكەن ،
http://uyghur.people.com.cn/158504/15346532.html
بەزىلەرنىڭ تويىدا نەغمە ناۋا قىلىشنى خالىماسلىغى ھەرگىزمۇ سەنئەتكە قارشى تۇرغانلىقى ئەمەس ، ئۇ قىلمىسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ئۇ قىلمىسا باشقىلار قىلۋىرىدۇ ، بۇنى قارشى تۇرۇش دىمەيمىز سەنئەتكە بولغان بىتەرەپلىك دەيمىز ، خالىمايدىكەن شۇ ، يەنە كىلىپ سەنئەت دىگەن نەغمە ناۋالا شۇ دىسەك ئىنتايىن چۇپەي گەپ بولۇپ قالامدۇ قانداق ، خەلقىمىزنىڭ قولىدىكى ھويلا سۇپۇرىدىغان سۇپۇرگىمۇ بىر سەنئەت مېنىڭچە ئاشۇ دىقاننىڭ سەۋزە كۆمىدىغان ئورىسىمۇ بىر سەنئەت ، ياق سەن سەۋزەڭنى چوقۇم دىشادا ساقلىشىڭ كېرەك دەۋالساق بولمايدۇدە . ئىشقىلىپ ئۇيغۇر دىمەك مەدىنيەت دىمەكتۇر سەنئەت دىمەكتۇر ، نەغمە ناۋا بولسا ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەكمۇ كىچىك ئۇقۇمدۇر ئەپەندىم . راستىنى ئېيتىسام ئۇقۇمنى چېلىۋېتىدىغانلاردىن قاتتىق بىزار بولدۇم ،
قاراپ باقسام سىز قارشى تۇرۇش دىگەن ئىبارە بىلەن بىتەرەپ تۇرۇش دىگەن ئىبارىنىمۇ چۇشەنمەيدىكەنسىز .
سەنئەت تەڭ مەشرەپ دەپ چۇشۇنىدىكەنسىز ھەي ...........................................
مەسلەن : بىر ئادەم بۇتقا سەجدە قىلسا ، بىز بۇتقا سەجدە قىلمىساق ئۇ ھالدا بىز بۇتقا قارشى تۇرغان بولمايمىز ، بۇتنى چېقىۋەتسەك ئاندىن بۇتقا قارشى تۇرغان بولىمىز ، ھەممە ئادەم ئەخمەتجان قاسىمى ئەمەس بۇتنىڭ ئالدىدىمۇ باش ئىگىپ يۇرۇيدىغان .
بىر دادۇيجاڭ قوناق تېرىسا بىز قوناق تېرىمىساق ئۇ ھالدا بىز دادۇيجاڭغا قارشى تۇرغان بولامدۇق ؟
سىز بىر مىللەتتە كۆپ خىل ئېقىملارنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلىشىڭىز كېرەك ئەپەندىم . ئۆز ئارا تەسىر كۆرۇسۇتۇپ ئۆز ئارا كۇچ سىنىشىپ تۇرۇدۇ .
چوقۇم ھەممە ئادەم نەغمە ناۋانى تاللىشى كېرەك بولمىسا جىنايەت دەۋالسىڭىز قانداق بولۇدۇ دەيمەن ، بۇ دىياردا نەغمە نەۋامۇ بولۇدۇ ، نەغمە ناۋانى خالىمايدىغانلارمۇ بولىدۇ ،ئۇيغۇرلار بىر مۇكەممەل مىللەتتۇر ، بىر مۇرەككەپ جەميەتتۇر . ئۇ شاپاشلىشىڭىز بىلەن ئاددىشىلىپ يىپقا ئوخشاش ھالەتكە ھەرگىزمۇ كەلمەيدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-27 05:21 PM