ئېلاۋە: بۇ ئەسەر جەمئىيەت تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن پاكىتلىق ماتېرىياللار ئاساسىدا يېزىلغان ھەقىقي، يالىڭاچ نەق گەپ بولغاچقا، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىش ئىمكانىيىتىدە ئېرىشەلمىدى. شۇڭا، توردا ئېلان قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرگە جەمئىيەتتە مەۋجۇت بوپ تۇرۋاتقان ھادىسە ۋە مەسىلىلەرنى بىر ئوپراتسىيە قىلىپ، تۈزەش ۋە ئوڭشاش يوللىرى ئۈستىدە ئورتاقلىشىشىنى لايىق تاپتۇق. ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرگۈچىلەر ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن چىن ۋەقەلەر بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ خىل جەمئىيەت ھادىسىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۈچرىغۇچىلار ۋە ئۆز قىلمىشلىرىغا پۇشايمان ۋە تۆۋە قىلغۇچىلار. ئۇلارنىڭ ئۆزى خالاپ، كىشىلەر ۋە كېيىنكىلەر ئىبرەت ئالسۇن دەپ، بىزگە مۇشۇنداق قىممەتلىك ئۈچۈر ۋە ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكىنىگە رەھمەت ئېيتىمىز.
كارىزبويىدىكى تاكىراڭخانىلار(1)
ئادىل غاپپار كارىزى
1.مۇقەددىمە
2000-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرى، مەن ئالىي مەكتەپتىن تەتىل قىلىپ، ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا كەلدىم. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر نەچچە ساۋاقدىشىم بىلەن شەھەر ئىچىدىكى بىر كەچلىك بازادا يىغىلىپ ئىچىملىك ئىچكەچ سالقىنداپ ئولتۇردۇق. بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن،چاچلىرى بۈدرە، قېىنىق گىرىم قىلغان، قىسقا يەڭ كۆڭلەك كەيگەن بىر قىز يېنىمىزدىن ئۆتتى، ئۇ كېلىشى بىلەن تەڭ بەدىنىدىن قۇيۇق ئەتتىرنىڭ پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلدى. ئۇئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ساۋاقداشلاردىن بىرى، «ئارزىم تاكاراڭ، دىگەن مۇشۇ شۇ!»دىدى. مەن بۇ گەپنى چۈشەنمەي، «تاكاراڭ دىگەن نىمە گەپ؟» دەپ سورىدىم. بۇنى بىلىدىغان ساۋاقداشلىرىم، ماڭا بەس-بەس بىلەن چۈشەندۈرگىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، تاكاراڭ دىگەن گەپ «بۇزۇق، جالاپ، پاھىشە» دىگەن گەپكەن. مەن ئۇلاردىن،«نىمىشقا بۇنداقلارنى ‹بۇزۇق، جالاپ، پاھىشە› دەۋەرمەي، ‹تاكاراڭ› دەيسىلەر؟» دەپ سورىدىم. ئۇلار ماڭا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىدى. «‹تاكاراڭ› دىگەن بۇ گەپنى بىزدەۋالغان گەپ ئەمەس، ھازىر چوڭلار شۇنداق ئاتايدىكەن. ھازىر شىڭزەندە ‹پالانىئارامگاھ›، ‹پۇستانى ئارامگاھ› دەيدىغان ئاشخانىلار ئېچىلىپتۇ. نۇرغۇن ئايرىمخانىلىرى باركەن، ھەممە تاماق چىقىدىكەن، تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچسە بولىدىكەن. مېھمانلار ئايرىمخانىغا كىرىپ بولغۇچە، ئايال خوجايىن مېھمانلاردىن نەچچىسى(قىز) كېرەك؟ دەپ سورايدىكەن. مېھمانلار ئۇ يەرگە قىزلارنى دەپلا بارىدىكەن. تاماقلار چىقىپ بولغۇچە قىزلار كىرىپ، ھەر بىر مېھماننىڭ يېنىدىن بىر قىز ئورۇن ئالىدىكەن. تاماقلار چىقىپ بولغاندىن كېيىن، ھاراق-تاماكىلارنى بويرۇتۇپ، مېھمانلار قىزلار بىلەن بىللە ئېچىشىپ-چېكىشىدىكەن. بىرەر-ئىككى رومكا ئىچكەندىن كېيىن، قىزلار تارتىنماستىنلا مېھمانلارنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ئولتۇرۋالىدىكەن. قىزلارنىڭ مەقسىدى مېھمانلار كۆپرەك ھاراق ئىچكۈزۈپ، مەس قىلىپ،بۇ يەردە كۆپرەك پۇل خەجلىتىپ، خوجايىننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشكەن. مېھمانلارنىڭ مەقسىدى قىزلار بىلەن بىللە ھاراق ئىچىپ، كۆڭۈل ئېچىشكەن. سورۇن ئاخىرلاشقاندا،خوجايىنلار بىلەن باھادا كېلىشىپ، قىزلارنى ئېلىپ كېتىپ نىمىلا قىلسا بولىدىكەن. ئۇ يەردىكى قىزلار ئۈچتە ھەمراھ قىزلاركەن. شۇڭا كىشىلەر، بۇنداق جايلارنى‹تاكاراڭخانا› دەيدىكەن. شۇ يەردىكى قىزلارنى ‹تاكاراڭ› دەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ‹تاكاراڭخانا›دىگەن شۇ پاھىشەخانا دىگەن گەپ.» مەن جەمىئيەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى، بۇ خىل قاراڭغۇ-مەينەت ھىكايىلەرنى ئاڭلاپ قۇبۇل قىلالماي، ئۇلارغا، «ۋاي، بۇ ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق سولامچىلىقكەنغۇ؟!!! ھۆكۈمەت، قانۇن ئورۇنلىرى بۇنى چەكلىمەمدىكەن؟!!!»دەپ سورىسام، ئۇلار ماڭا جاۋابەن مۇنداق دىدى. «ئاڭلىساق، ئۇ يەرگە شۇ ساقچىلار، ھۆكۈمەت، قانۇن ئورۇنىدا ئىشلەيدىغانلار كۆپ بارىدىكەن. ساقىچلارغا بىكارلىقكەن. بەزى تاكاراڭخانا خوجايىنلىرى ساقچىلارنىڭ بۇ يەرنى قانۇنسىز دەپ تاقىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا خوشامەت قىلىپ، دائىم ئۇلارنى چاقىرىپ كېلىپ مېھمان قىلىدىكەن. ئەڭ دەسلپتە تاكاراڭخانا ئاچقىنى بىر ئايال كىشىكەن، ئىسمى ‹xxخان›كەن، ھازىر چوڭلار ئارىسىدا ‹xxخان تاكاراڭ› دىسە تۇنىمايدىغىنى يوقكەن. ئاڭلىساق،ئۇ ئايالنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە ئارقا تىركى باركەن، ئېرى دىدىمۇ ياكى ئاشنىسى دىدىمۇ چوڭ ساقچىكەن. شۇڭا قورقماي يۈرەكلىك ئېچىۋېرىدىكەن. تاكاراڭخانا ئېچىپ تاپقان پۇلىغا ھەرەمگە بېرىپ كېلىپ، ھازىر ‹xxخان ھاجىم›بولىۋاپتۇدەك. ئۇ باشقىلارغا، ‹مەن نۇرغۇن يول تاپالمىغان، ئاچ-يالىڭاچ قالغان، يىتىم-يىسىر قىزلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، ياخشىلىق قىلىپ، ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپ قىلغاچقا، خۇدايىم ماڭا ھەرەمگە بېرىشنى نىسىپ قىلدى› دەيدىكەن.»
مەن بۇ ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ، تۇرپان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قانۇن بىلەن قانۇنسىزلىق، ئەخلاق بىلەن ئەخلاقسىزلىق، ساۋاب بىلەن گۇناھ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ھالال بىلەن ھارام ئارلىشىپ كەتكەن، مۇدھىش ھادىسىلەر كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. قەدىمدىن تارتىپ، قەلبى ۋە پىكىرلىرى كارىز سۈيىدەك سۈزۈك، مىھرى ئاتەش، مەردلىكىنى، ئىزگۈلۈكنى ئەلا بىلىدىغان تۇرپان خەلقى ئارىسىدا مەينەتلىك يامراپ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن بۇلغىنىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ تۇلىمۇ ئېچىندىم. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھەر قېتىم تۇرپانغا بارغاندا، ‹تاكاراڭخانا› ۋە‹تاكاراڭ› توغرىسىدا خىلمۇ-خىل ھېكايىلارنى ئاڭلاپ تۇردۇم. تۇرپان ژورنىلىنىڭ مەلۇم سانلىرىدىمۇ مۇشۇ تېمىدىكى بىر قسىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇدۇم. بۇنىڭ بىلەن، تۇرپان رايۇنىدا ئەۋج ئالغان بۇ خىل جەمئىيەت ھادىسىسى توغرىسىدا خېلى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بوپ قالدىم.
1-ھېكايە: 2009-يىلى 7-8-ئايلاردا، مەن تۇرپانغان بېرىپ ئاتۇشلۇق سودىگەرلەرگە ھەمكارلىشىپ ئۈزۈم سودىسى قىلدىم. مەن مەھەلىدىكى 20 نەچچە ياش بالا(چوڭى 36 ياش، كىچىكى 17 ياش)غا كۈنىگە 100 يۈۋەندىن پۇل بېرىپ ساندۇققا ئۈزۈم قاچىلاتتىم. ئۇلار كەچتە مەندىن ئىش ھەققىنى ئالاتتى، كەچتە ئوينىغىلى بارىمىز دەپ شەھەر ئىچىگە كىرىپ كېتەتتى. ئەتىسى سەھەردە ۋاقتىدا ئىشقا چىقمايتتى. مەن سۈرۈشتە قىلسام، ئۇلار ئاخشىمى مەندىن پۇلنى ئېلىپلا تاكاراڭخانىغا يۈگۈرەيدىكەن. ئۇي يەرگە بېرىپ، قىزلار بىلەن ھاراق ئىچىشىپ، ناشايان ئىشلارنى قىلىشىپ، كۈندۈزى تاپقان پۇلىنى كېچىسى سورىۋېتىپ قايتىپ كېلىدىكەن. بىر كۈنى مەن كەچتە پۇل تارقاتقىچە، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، ‹پۇلنى جاپا تارتىپ، ھالال ئىشلەپ تاپقاندىن كېيىن، ئۇنداق ھارام ئىشلارغا سەرپ قىلماي، ئائىلىنى، تۇرمۇشنى قامداشقا ياكى باشقا ئىشقا دەسمايە سېلىشقا ئىشلىتىڭلار، ئىش ھەققىنى ھەر 10 كۈندا ياكى ئايدا بىرلا تارقىتاي› دېدىم. ئارىدىن ياشقا چوڭراق بىرى، ‹بىز كۈنلۈك ئىشلىگەندىن كېيىن، كۈندىكىنى كۈندە ئالىمىز› دەپ تۇرۋالدى. شۇ كۈنىمۇ ئۇلار پۇلنى ئېلىپلا، مەھەللىدىن يوقالدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئائىلىسى، بالىسى بار، بەزىلىرى تېخى توي قىلمىغان، ھەتتا توي قىلىش يېشىغىمۇ يەتمىگەنىدى.
ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-25 10:14 PM