2013-يىللىق 12-نۆۋەتلىك لىياۋنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول تۈرى مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى بۇ تۈرىنىڭ 20ياشلىقلار مۇسابىقىسىگە تىزىملاتقان. شىنجاڭ كوماندىسى بۇ يىل ئاپرىلدىن ئىيۇنغىچە 3تۈرلۈك تاللاش مۇسابىقىسىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈپ تەنھەرىكەت يىغىنىڭ بىلىتىنى ئالغان. بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 8يىلدىن كېيىن يەنە بىرقېتىم تەنھەرىكەت يىغىنىغا كىرىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىلدىكى شىنجاڭ كوماندىسى بۇلتۇرقى ئەسلىدىكى خەيتاڭ (غەربىي دىيار تاشئالما) كوماندىسىدىن تەشكىللەنگەن. شىنجاڭ كوماندىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇچراشقان رەقىبلىرى بىلەن يەنە بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن.
شىنجاڭ كوماندىسى تەييارلىق مەشىقىنى 1ئاي بۆرتالا ئوبلاستىنىڭ ئارشاڭ ناھىيىسىدە ئېلىپ بارغان.
20ياشلىقلار مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
گۇرۇپپا
Aگۇرۇپ شىنجاڭ جېجياڭ گۇاڭدۇڭ جىياڭسۇ
Bگۇرۇپ شاڭخەي چۇڭچىڭ لىياۋنىڭ سىچۈەن
شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالار تىزىملىكى
ئېرجات ؛ ياڭفەن ؛ مۇستاپا؛ نۇرمەمەت؛ مەخمۇت؛ شۇۋەنچۈەن؛ ئېلىجان؛ مەخمۇتجان؛
ئەسئەتجان؛ ئەخمەتجان؛ ئەخمەي؛ مەردان؛ ئالماس؛ ئېلزات؛ جاڭ تىڭجۈن؛ ئەرافات؛ سەلىقان
مەردان؛ خەمىت؛ لۇجىچاۋ؛ نىيازئەلى؛ جىياڭ جىيەنمىڭ؛ ئابدۇللا ئەزىز
1-ئايلانما (9-ئاينىڭ 1-كۈنى ؛ يەكشەنبە)
12:00 جېجياڭ VS شىنجاڭ ( تۇنجى باشلىنىش مۇسابىقىسى)
2-ئايلانما (9-ئاينىڭ 2-كۈنى؛ سەيشەنبە)
12:00 شىنجاڭ VS جىياڭسۇ
(9-ئاينىڭ 5-كۈنى؛ پەيشەنبە)
3-ئايلانما شىنجاڭ VS گۇڭدۇڭ
4-ئايلانما (9-ئاينىڭ 8-كۈنى ؛ يەكشەنبە)
12:00 5-8 لىك يېرىم ھەل قىلغۇچ Aگۇرۇپ 3 - Bگۇرۇپ 4
14:30 5-8 لىك يېرىم ھەل قىلغۇچ Bگۇرۇپ3 - Aگۇرۇپ4
5-ئايلانما (9-ئاينىڭ 10-كۈنى؛ سەيشەنبە)
12:00 7- 8 لىك ھەل قىلغۇچ 13-مەيدان غەلبە - 14-مەيدان غەلبە
14:30 5-6 لىك ھەل قىلغۇچ 13-مەيدان غەلبە - 14-مەيدان غەلبە
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ يىللىق ئاخىرقى مۇسابىقىسىنىڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشىغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن! ھۇررا شىنجاڭ! ھۇررا ئەزىمەتلەر!
شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە ئوينايدىغان مەيدان (ئاۋشەن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانى)