مۇئەللىم
مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس
مىننەتسىزلىك،كەمتەرلىك ئۈلگىسىدۇر مۇئەللىم،
غەم-قايغۇنىڭ شىپاسى - كۈلكىسىدۇر مۇئەللىم؛
كۈچ-جاسارەت بۇلىقى، ئىلىم-ئىرپان چىرىقى،
باھادىرى يېڭىلمەس، سەركىسىدۇر مۇئەللىم.
شۇم نىيەتلىك، پەسكەشلىك قامچىسىدۇر مۇئەللىم،
چاڭققاق دىلغا ئۇ زەم-زەم تامچىسىدۇر مۇئەللىم؛
ئاتار ئەلگە مېھرىنى، خورىسىمۇ شام تېنى ،
خۇنۈكلۇققا نۇر-زىبا باغچىسىدۇر مۇئەللىم.
ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈكنىڭ كۈيچىسىدۇر مۇئەللىم،
مۈشكۈلاتنىڭ، قىسمەتنىڭ يەلكىسىدۇر مۇئەللىم؛
ئۆڭمىگەچ ۋىجدان-غۇرۇر، تاپار ئۇندىن ئەل ھوزۇر،
مەنزىلىنىڭ ساداقەت رولچىسىدۇر مۇئەللىم.
خامۇشلۇقنىڭ، غەپلەتنىڭ خەنجىرىدۇر مۇئەللىم،
ئىناقلىقنىڭ، بىرلىكنىڭ زەنجىرىدۇر مۇئەللىم؛
پۈككەچ ئەلنى چىن دىلغا،تەرىپى داستان تىلغا،
ئەلنى سۆيۈش، گۈللەشنىڭ دىلبىرىدۇر مۇئەللىم.
مۇڭ-پىغاننىڭ، كۈلپەتنىڭ شادلىقىدۇر مۇئەللىم،
مەجرۇھ تەننىڭ ئوزۇقى- ئاشلىقىدۇر مۇئەللىم؛
ئوتقاش تۈندە يورىغان ، قوياش تاڭدا پارلىغان،
دىلغا بەخت تېڭىشنىڭ ئاشىقىدۇر مۇئەللىم.
گۈل چىمەننىڭ، باغلارنىڭ بۇلبۇلىدۇر مۇئەللىم،
رىقابەتنىڭ، جەڭگاھنىڭ دۇلدۇلىدۇر مۇئەللىم؛
قەلبى سۈتتەك بىغۇبار، قەددى مەزمۇت گاڭ- چىنار،
ئەل-جاھانغا پاسىبان، گۈل-گۈلىدۇر مۇئەللىم.
بىپايان ئۇز زېمىننىڭ گىياھىسىدۇر مۇئەللىم،
پارلىغان تاڭ-قۇياشنىڭ جۇلاسىدۇر مۇئەللىم؛
بولار بىت-چىت قاباھەت، تاپقاچ شىپا جاراھەت،
چىن ھاياتنىڭ جاكاسى، نىداسىدۇر مۇئەللىم.
ئادىمىيلىك، خىسلەتنىڭ ئىنژىنېرى مۇئەللىم،
ھۆنەر، ئىلىم-ھېكمەتنىڭ ئۇستاز-پىرى مۇئەللىم؛
مەرىپەتنىڭ مەشئىلى، يۈكسىلىشنىڭ كۈچ، ئۇلى،
ئىدراك-ئەقىل، ھۆرمەتنىڭ چولپان نۇرى مۇئەللىم.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ongmas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-17 12:53 AM