مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3982|ئىنكاس: 36

جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدە يەنە يۇقىرى پەللە كۆر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26317
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7838 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 04:46:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدە يەنە يۇقىرى پەللە كۆرۈلدى

ئاپتورى: لىن زىجىڭ (شىياڭگاڭ)
تەرجىمانلار: شاراپەت (ئۈرۈمچىدىن)، نەپرەت 2009

$[4B[WPE96S)95HC$V~`42P.jpg

ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ


تۆۋەندىكىلەر كىشىنى قاتتىق ئېچىندۈرىدىغان بىر يۈرۈش جىنايى قىلمىشلار:
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى جېڭ ياڭ (正阳) ناھىيىسىدە ئىككى ئۆسمۈر ئويۇن ئوينايدىغان پۇلى يوق، بىر مېيىپ موتسكىلىت شوپۇرىنى خىش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
6-ئاينىڭ 11-كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىن (宜宾) شەھىرى شىڭۋېن (兴文) ناھىيىسىدە، بىر ئوغۇل بالا موتوسىكىلىت كىرا قىلغاندا ئون يۈەن كەملىك سەۋەبلىك، شوپۇرنىڭ بوينىنى پىچاق بىلەن كېسىۋەتكەن، ئاندىن بەدىنىگە نەچچە پىچاق تىقىۋەتكەندىن كېيىن شوپۇرنى تاغدىن ئىتتىرىۋېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
6-ئاينىڭ 16-كۈنى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىبىڭ (西彬) ناھىيىسىدە، بەش نەپەر ئون نەچچە ياشلىق بالا كوچىدىكى بىر سەرگەرداننى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى پەقەت بۇلاڭچىلىقنى «مەشىق قىلىش» ئىكەن.
ئۆتكەن يىلىغا قاراپ باقساق، 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭياڭ (衡阳) ناھيىسىدە 12 ياشلىق بىر ئۆسمۈر نەۋرە سىڭلىسىنىڭ ئۇنىڭ ئوغرىلىقچە تورغا چىققانلىقىنى ئاتا-ئانىسىغا دەپ قويىمەن دېگەنلىكى سەۋەبلىك نەۋرە سىڭلىسى بىلەن نەۋرە ئىنىسىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، كەينىدىن يۈگۈرۈپ كەلگەن ھاممىسىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، كارىدوردىكى قان داغلىرىنى سۈرتۈۋەتكەن.
يۇقىرىقىلار ياش-ئۆسمۈلەرنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدا سادىر قىلغان يامان خاراكتېرلىك جىنايى قىلمىشلىرى خاتىرىلەنگەن قېلىن دەستىلەنگەن دېلو خاتىرىلىرىدىن ئېلىنغان مىساللاردۇر. جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى «2012-يىللىق جۇڭگو قانۇن ئىشلىرى يىلنامىسى»نىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2011-يىلى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 282429 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قورامىغا يەتمىگەنلەر 67280 نەپەر، 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغانلار 215149 نەپەر بولۇپ، بىر يىللىق جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئادەم سانىنىڭ تەخمىنەن 26 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدە ئىلگىرى ئىككى قېتىملىق يۇقىرى دولقۇن بولغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشى بىلەن 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسى ئىكەن. كەلگۈسى نەچچە يىلدا، جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋەزىيىتى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

دەۋر تامغىسى


بېيجىڭ شەھەرلىك ياش-ئۆسمۈرلەر قانۇن ۋە پىسخىكا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى زوڭ چۇنشەن: «ئالاھىدە دەۋىرلەردىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدە دەۋرلەرنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىدۇ، ياش-ئۆسمۈرلەر دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىگە سەزگۈر كېلىدۇ. ئىجتىمائىي كىرىزىس، سىياسىي ئىسلاھات ۋە يېزا-شەھەر پەرقى قاتارلىق دەۋر ئالاھىدىلىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، جۇڭگونىڭ سىياسىيسىدا ۋە جەمئىيىتىدە كەسكىن ئۆزگىرىش بولدى، بۇ مەزگىلدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدىكى بىرىنچى قېتىملىق يۇقىرى پەللە كۆرۈلدى. 80-يىللارنىڭ بېشىدا، ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆتكۈزگەن جىنايى ئىشلار دېلوسى پۈتكۈل جىنايى ئىشلار دېلوسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا يۇقىرىلاپ 70-80 پىرسەنتكە يەتكەن. 1980-يىلدىن 1995-يىلغىچە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى %127 ئاشتى، 1995-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلوسى جەمئىي بىر مىليون 450 مىڭ قېتىم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايىتى 820 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. 1994-يىلدىن 2003-يىلغىچە ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى %34.7 كۆپەيگەن. 2003-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا، 25 ياشتىن تۆۋەن ياش-ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلوسى سادىر قىلغانلارنىڭ 45 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۈگۈنگە قەدەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق ھادىسىگە ئايلاندى، بۇ مەزگىللەردە كۆچمەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ياش-ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچىدىكى كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىك بولۇپ قالدى. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، جۇڭگونىڭ نوپۇس تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى سەۋەبلىك، شەھەرلەردە ئىشلەۋاتقان يېزىلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە ئامالسىز قالدى ھەمدە شۇ سەۋەبلىك زور ساندىكى بالىلارنىڭ ئۆيىدە قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
«جۇڭگو 2010-يىلى ئالتىنچى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىيالى»دىكى ئەۋرىشكە سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، جۇڭگودا ئۆيىدە قالغان بالىلاردىن 61 مىليون 25 مىڭ 500 بار بولۇپ، يېزا بالىلىرى نوپۇسىنىڭ %37.7 نى ئىگىلەيدىكەن. بېيجىڭ فاڭشەن سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 2009-يىلى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر سادىر قىلغان جىنايى ئىشلار دېلوسىدا، «ئاتا-ئانىسى قارىيالمىغان بالىلار» %60 نى ئىگىلىگەن.
جۇڭگو خەلق ج ج ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى لى مېيجىن (李玫瑾) قۇرامىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش پىسخىكىسى ھەمدە ئالدىنى ئېلىشنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئائىلە فۇنكىسىيىسىنىڭ كەمچىللىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىنىڭ پات-پات يۈز بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھەم جۇڭگونىڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىللار مابەينىدىكى GDP نى ئۇچقاندەك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆلىگەن ئېچىنىشلىق بەدىلى ئىكەن. 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ئائىلىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن، ئائىلە فۇنكىسىيىسى ئاجىزلىغان ھەتتا يوقالغان.
قاراقسىز قالغان بالىلار پەقەت يېزىلاردىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە شەھەرلەردىمۇ زور تۈركۈمدە قاراقسىز قالغان ياش-ئۆسمۈرلەر بار. ئاتا-ئانىلار پۇل تېپىش بالىسىنى ئۆيدە قالدۇرۇپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولغاچقا ياكى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئائىلىنىڭ ئاساسلىق فۇنكىسىيىسى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزى بالا تەربىيىلەش ۋە ھەمرا بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.
لى مېيجىن پىروفېسېسسور ئىنساننىڭ يېتىلىشى 1-6 ياشقىچە، 6-12 ياشقىچە، 12-18ياشقىچە بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئادەم 12-18 ياشتا ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويىدىغان بولغاچقا، مۇستەقىللىق ئېڭى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش پىسخىكىسى بۇ مەزگىلنىڭ ئائىلە تەربىيىسى دەۋرى ئەمەسلىكىنى بەلگىلىگەن. شۇڭا، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم دەۋرى 12 ياشتىن ئىلگىرى بولۇپ، رىشتە باغلاش باسقۇچى. رىشتە باغلاش باسقۇچىدا 1-6 ياش ئەل ئاچقۇچلۇق پەيت.
فۇنكىسىيىسى كەمچىل ئائىلە رىشتە باغلاش مەزگىلىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە خاراكتېر تەربىيىسى بېرىشكە ئامالسىز قالىدىغان بولغاچقا، بۇ بەلكىم بالىلارنىڭ باشقىلارغا ياكى مۇھىتقا ئىشەنمەسلىكى، ئىش-ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرالماسلىق، خاراكتېرى غەلىتە، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قېلىش، ھەتتا قوپال، گۇمانخور بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇلار ناچار قىلمىشلارنىڭ، ھەتتا جىنايى قىلمىشنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2003-يىلى، جۇڭگو پەيدىنپەي ئېنتىرنېت دەۋرىگە كىردى، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ئېنتىرنېت بىلەن زىچ باغلىنىشقا باشلىدى.  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدا ھەر يىلى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدىغان رېژىسسور شۈ خۇي ئېنتىرنېت تورىغا غەرق بولغان ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باققان، بۇ بالىلار دەل ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان دەۋرنىڭ ھالقىلىق مەزگىللىرىدە رېئال تۇرمۇش بىلەن مەۋھۈم دۇنيانى ئارىلاشتۇرۇۋالغان، ئۇلار مەۋھۇم دۇنيادىكى زوراۋانلىق ۋە قاتىللىق قىلمىشلىرىنى رېئال تۇرمۇشقا كۆچۈرۈپ كەلگەن، شۈ خۇي:«تور ئويۇنلىرى رېئال تۇرمۇشتىن رايى قايتقان ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن زەھەرلىك چېكىملىكتەك ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار توردىكى ئويۇنلاردا ئۆزلىرى رېئال تۇرمۇشتا ئېرىشەلمەيدىغان غەلبە تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ» دېدى.
بېيجىڭ شەھەرلىك ياش-ئۆسمۈرلەر قانۇن ۋە پسىخىكا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى زوڭ چۇنشەننىڭ بايقىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىگە ئوخشاشقا قاراپ يۈزلەنگەن ھەمدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىسى تېخىمۇ قەبىھلەشكەن.  جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىسى چوڭلارنى دورىغان، زوڭ چۇنشەن: «ئەڭ تىپىك مىسال شۇكى، بۇرۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزگەندە زەھەر سېتىش دېلوسى يوق دېيەرلىك ئىدى،  لېكىن قورامىغا يەتكەنلەردە كۆرۈلىدىغان بۇ خىل جىنايەت يېقىنقى يىللاردا قۇرامىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەردىمۇ كۆرۈلمەكتە» دېدى.

يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى


ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش پىسخىكىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئائىلە تەسىرى ياش-ئۆسمۈرلەردە جىنايەت ئۆتكۈزۈش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن. نۇرغۇن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئادىمىيلىك توسالغۇلىرى، پىسخىكا ۋە ھەرىكەت نۇقسانلىرى، ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا يولدىن چىقىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت يولىدا مېڭىشىنىڭ ھەممىسى مەنبەسى ئائىلە ئامىلىدا ئىكەن.
ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ «ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ۋە ئۆزگەرتىش تەتقىقاتى» گۇرۇپپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 16 ئۆلكە- رايوندىكى 18 ئۆسمۈرلەرنى باشقۇرۇش ئورنىدىكى 6495 نەپەر ئۆسمۈر جىنايەتچىنى چەك تارتىپ يازما تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بايقىشىچە، %26.6 ئۆسمۈر جىنايەتچى دەل ۋەيران بولغان ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان. ناچار ئائىلە مۇھىتى ئېغىر بولغاندا بالىلاردا قىلمىش مەسىلىسىنى، مەسىلەن روھىي كېسەللىك ياكى ياكى جىنايەت سادىر قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاتا-ئانىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىنىڭ ئوغۇل بالىغا بولغان روھىي زىيىنى ئادەتتە قىز بالىلارنىڭكىدىن چوڭ بولىدىكەن.
مۇكەممەل ئائىلىلەردىكى بالىلاردىن چاتاق چىقمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. لى مېيجىن پروفېسسورنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى %80 ياش-ئۆسمۈر جىنايەتچى مۇكەممەل ئائىلىلەردىن كەلگەن، ئەمما ئۇلار يەنىلا جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالغان. بۇنىڭدا ئۈچ سەۋەب بولۇپ، بىرى تۇغۇپ قويۇپلا باقمىغان، بۇنداق بالىلارنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەن. ئىككىنچىسى پەرزەنتنى باقسىمۇ تەربىيىلىمىگەن. بۇ ئادەتتە باي ئائىلىلەردە كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئائىلىلەر بالىلارنىڭ پەقەت ماددى ئېھتىياجىنىلا قانائەتلەندۈرىدۇ، ئەمما ھېسسىيات، خاراكتېر تەربىيىسى كەمچىل.  ئۈچىنچىسى تەربىيىلەش جايىدا بولماسلىق. ئاتا-ئانا ناھايىتى ئەستايىدىل تەربىيلىسە ئەكسىچە چاتاق چىقىدۇ.
«تۇغۇپ قويۇپ باقماسلىق»نىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى جۇڭگودىكى يېزا-كەنت ئائىلىلىردە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، مەسىلەن ئۆيدە قاراقسىز قالغان بالىلار مەسىلىسى. بىرپەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى جۇڭگودا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تەربىيلەش مۇۋاپىق بولماسلىق جۇڭگو ئائىلىلىردە نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك ۋە ئالاھىدە ھادىسە بولۇپ قالدى.
زوڭ چۇنشيەن: «يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە پەرزەنتلەرگە ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىۋېلىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىشىتە سىرتقى ئۆلچەمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى بەك كۆپ، ئۆزىنى باشقۇرۇشى يېتەرلىك ئەمەس، لېكىن ئادەمنىڭ يېتىلىشى دەل ئۆز ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆز ئۆزىنى كونترول قىلالىشىغا باغلىق، جۇڭگو ئائىلىلىرى ۋە مەكتەپلىرىدىكى تەربىيە بالىلارنىڭ پسىخىك يېتىلىشىنى ئارقىغا سۈرۈۋېتىدۇ، نۇرغۇن بالىلار ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلىدۇ، ئۇلاردا ئۆزلىرىنى كونترول قىلىش كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ، ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بېسىمى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتسە، بالىلاردا ئەكسىچە قارشىلىق كۆرسىتىش ياكى ئۆزىنى كەمسىتىش خاراكتېرى يېتىلىپ قالىدۇ. جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنۋېرسىتېتى ياش-ئۆسمۈر جىنايىتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پڭ يىجۈن (皮艺军) پروفىسسورنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىكا ۋە كەيپىياتى خەتەرلىك قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتكەندە ئاڭسىز قىلمىشتا بولىشىنى، ھەتتا جىنايەت سادىر قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇنداق يولدىن چىقىشلارنى ئادەتتە بېسىم ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەر بىر تاپتىن چىققان قىلمىشىنىڭ ئارقىسىدىن بىر بېسىم مەنبەسىنى بايقىغىلى بولىدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا چۈشۈۋاتقان بېسىم مەنبەسىنى تىزىپ چىققان، ئۆگىنىشى قىيىن بولۇش، ئىمتىھاندا مەغلۇپ بولۇش، ئوقۇتقۇچىسى كەمسىتىش، ساۋاقداشلىرى يىراقلىشىپ كېتىش، دوستىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى تىزىملىكتىن بار.
پى يىجۈن تەكىتلەپ:«ئەگەر جەمئىيەت يولدىن چىققان بالىلارنى بىردەك ئەيىبلىمەي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى بېسىم مەنبەسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تېپىپ چىقىپ يوقاتسا، ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ ئىنتايىن تېزلا نورمال ھالەتكە قايتىشى مۇمكىن» دېدى، جۇڭگو ئائىلىلىرى ۋە مائارىپى يەنىلا ئىمتىھان مائارىپىغا تاقابىل تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ، جەمئىيەتنىمۇ ھەم بۇنى ئۆلچەم قىلىدۇ. زوڭ چۇشىيەن «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى»نىڭ مۇخبىرىغا مىسال ئېلىپ: جۇڭگودا ياش-ئۆسمۈرلەر قانۇنى ۋە پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنىغا تېلىفون بېرىپ مەسلىھەت سورايدىغان ئائىلە باشلىقلىرىدا، مەسلىھەت سوراش مەزمۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى بىلەن  بەك چوڭ پەرق يوق، ھەتتا ھەر بىر ئېغىز سۆزىدە ئۆگىنىشنى تىلغا ئالىدۇ: بالام دەرستە ئارقىدا قالسا قانداق قىلىمەن؟ ئۆگىنىشتىن بىزار بولسا قانداق قىلىمەن؟ دەيدۇ، دېدى.              
شەندۇڭ ئۆلكىسى ئۆسمۈرلەرنى باشقۇرۇش ئورنى قاماقتىكى مىڭغا يېقىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى سىتاتىستىكىلاش ئارقىلىق بايقىشىچە، قولغا ئېلىنشتىن ئىلگىرى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالا پەقەت 235 نەپەر بولغان، لېكىن مەكتەپتىن قاچقان ئوقۇغۇچىلار سانى يۇقىرى بولۇپ 616 نەپەرگە يەتكەن. پى يىجۈن ناھايىتى ئەپسۇسلانغان ھالدا:«جەمئىيەت يەككە قىممەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئەسلىدە باشقا تالانتى بار بالىلارنى شاللاپ تاشلىدى، ئۇلار ئۆزىگە تەۋە بوشلۇقنى تاپالمىدى، بېسىملارنىڭ توپلىنىشى بىلەم مەكتەپتىن قاچتى، ھەتتا يولدىن چىقىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن» دېدى.
پى يىجۈن پرافىسسورنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو جەمئىيىتىدە نۆۋەتتىكى نۇرغۇن قائىدىسىزلىكلەر ياش-ئۆسمۈرلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان. «ئاممىدا شەخسىي ئەخلاق بار ئاممىۋى ئەخلاق يوق، پەقەت تونۇش كىشىلەر توپىدا قائىدىگە رىئايە قىلىدۇ، باشقا سورۇنلاردا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كەمچىل. ئاقىۋەت بالا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قائىدىگە رىئايە قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەكسىچە سەلبىي قىممەتكە بولغان تونۇشى كۈچىيىدۇ». شۈ خۇي بىر دېلونى خەۋەر قىلغان. يېزىدىكى بىر ئۆسمۈر قوشنىسىنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن ماجىرا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بىر توپ زوراۋاننى باشلاپ كېلىپ ئۆزىنىڭ دادىسىنى ئۇرغان، بالىنىڭ مۇئەللىمىمۇ زوراۋانلار ئىچىدە بار ئىكەن. بالا مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن دەرھال بۇ مۇئەللىمىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

ئۈنۈمىنى يوقاتقان تۈزىتىش


شۈ خۇي ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئورنىدا ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان نۇرغۇن سۆھبەتلەردە بولدى. بىر ئۆسمۈرنى كىچىكىدىن ھاممىسى باققان، ھاممىسى قاتتىق باشقۇرۇدىغان بولۇپ، بۇ بالا مەكتەپتە بىر مەزگىل «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولغان، ئەمما قاتتىق قول ھاممىسىغا ئاسىيلىق قىلىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ، ھاممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. مەزكۇر بالا قىلمىشىغا ئىزچىل پۇشايمان قىلمىغان، پەقەت بۇ ئىشنىڭ دادىسىغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەنلىكىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانغان. شۈ خۇي ئەسلەپ «بۇ پەقەت بىر مىسال» دېدى، ئۇ ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئورنىدا نۇرغۇن بالا جىنايەتچىلەر بىلەن ئۇچراشقان، ھەممىسى ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلمىغان.
زوڭ چۇنشەن بۇنىڭغا قارىتا ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ دائىم پىسخىكا مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياش-ئۆسمۈرلەرگە پىسخىك يېتەكچىلىكى قىلىدۇ:«ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خاراكتېرى جاھىل، جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىشقا مايىل، ھەممىسى باشقىلارنىڭ خاتالىقى دەپ قارايدۇ. گەرچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئەدلىيەدە جازاغا ئۇچراش سالمىقى نىسبەتەن يېنىك بولسىمۇ، ئەمما ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىگە ھەمدە گۇناھىغا چوقۇم قاتتىق تەلەپ قويۇش كېرەك، بۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز جىنايى قىلمىشىغا بولغان خاتالىق قايسى تەرەپتە بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك. خاتالىقنىڭ كىمدە بولۇشى ئادەمنىڭ خاراكتېرىنىڭ بۇرۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى ياكى ئادەتلەنگەن جىنايەتچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېدى.
پى يىجۈننىڭ قارىشىچە، ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئورنى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىنىڭ ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تۈزەش ئۈنىمى يوق دېيەرلىك بولۇپ:«ياش-ئۆسمۈرلەر قائىدە ۋە نىزام ئېڭىغا موھتاج، ھازىر بەزى ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئورنى ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرگە كۈن بويى "شاگىرت يوسۇنلىرى" قاتارلىق ئەخلاق دەستۇرلىرىنى يادلىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە رولى يوق. ئۇلارغا ئەخلاقنى قايتا يۈكلەشنى ئەمەس، بەلكى قانۇننى تونۇتىشىمىز كېرەك» دېدى.
پى يىجۈن ياش-ئۆسمۈرلەرگە جازانىڭ زىيادە ئېغىر بولىشىنى قوللاپ كەتمەيدۇ، ئۇ جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى، لېكىن جازانى كېچىكتۈرۈشنىڭ نىسبەتەن ئاز ئىكەنلىكىنى بايقىغان، چەتئەلدە ياش-ئۆسمۈرلەر جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن %70 گە كېچىكتۈرۈپ جازا بېرىدۇ. لېكىن جۇڭگودا ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئورنىدىن سىرت، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن تۈرمىگە قاماش خىلىدىكى جازاغا تەۋە، بۇ ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قايتىشىنىڭ تەسلىشىپ كېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
شۈ خۇينىڭ بايقىشىچە، بۇ جۇڭگودىكى يېزا-كەنت بالىلىرىدا ئالاھىدە كۆرىنەرلىك ئىكەن. ئۆسمۈرلەرنى باشقۇرۇش ئورنىدىن چىققاندىن كېيىن، شارائىتى ياخشى ئائىلىلەر ئىشلىتەلەيدىغان ئىجتىمائىي بايلىق نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، بالىسىنى مەكتەپتە ئوقۇتالايدىكەن ياكى خىزمەت پۇرسىتى تاپالايدىكەن. يېز بالىلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى پۇرسىتى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

%6 نەمۇنىلىك قانۇن-نىزام


پى يىجۈن يېقىنقى يىللاردا ئىزچىل ھالدا:«بالىلار ئاغرىپ قالسا چوڭلار يەيدىغان دورىنى ئازراق يەپ قويسىلا بولمايدۇ، جۇڭگونىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە بېرىدىغان جىنايى جازا خەلقئارا بىلەن ماس قەدەمدە بولىشى كېرەك، مەخسۇس قانۇن تەسىس قىلىش كېرەك» دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.
جۇڭگودا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزسە سوتلىنىش باسقۇچىدا ئۆسمۈرلەر سوتى تەسىس قىلىنغان. 2011-يىلى 7-ئايغا قەدەر، جۇڭگودا جەمئىي 2331 ئۆسمۈرلەر سوتى تەسىس قىلىندى. ئەمما جۇڭگودا مۇستەقىل ئۆسمۈرلەر جىنايى ئىشلار قانۇنى يوق، پەقەت قۇرامىغا يەتكەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنى ئاساسىدا يېنىك ھۆكۈم چىقىرىدۇ. پى يىجۈن ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش سەۋەبىنى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە ئارىلاشتۇرۇۋالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، ئىككىسىنىڭ دەرىجىسى ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكىن ماھىيىتىدە پەرق بار.
جۇڭگونىڭ «جىنايى ئىشلار ۋە ئەرز-شىكايەت قانۇنى» نىڭ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى 266-بەلگىلىمىسىدە:«جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تەربىيە قىلىش، تەسىرلەندۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش لايىھىسىنى يولغا قويۇپ، تەربىيەنى ئاساس، جازانى قوشۇمچە قىلغان پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېيىلگەن. 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلغان «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھىسى» دە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە كەڭچىلىك قىلىدىغان كۆپلىگەن تۈزۈملەر قوشۇلدى. مەسىلەن قىسمەن قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ دوكلات قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتتى.
جازا بېرىشنى يېنىكلەتكەن بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى ئېلىشقا ئۇيغۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە يەنىلا جىنايى جازا بېرىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان جىنايى ئىشلار قانۇنىدىن سىرتقى تەدبىرى يوق. پى يىجۈننىڭ قارىشىچە،ئەدلىيەدە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەنپەئەتى ئالدى بىلەن قوغدىلىشى كېرەك ئىكەن، پەقەت ئۇلاردا ئوبيېكتىپ يامان غەرەز ياكى خەتەر بولسا ئاندىن جازاغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك ئىكەن.
گېرمانىيە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى تەتقىق قىلىش تۈرىنى تەسىس قىلغان، سىپايىلىق، تەربىيە خاراكتېرىدە ۋە جەمئىيەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق، چۈنكى ياش-ئۆسمۈرلەر جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلىش كېلەلمەسلىكى كەلگۈسىدە تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى بولۇپ قېلىش قالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. شۋېتسىيە قانۇنىدا 18 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ھەرگىز تۈرمىگە قاماشقا بولمايدۇ، لېكىن ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىدۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش قاتارلىق يامان خاراكتېرلىك جىنايەت بولغاندىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. شۋېتسىيەنىڭ ئەدلىيە ئىدىيىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ئەمەلىيەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇلارنى ياخشى تەربىيلىمىگەنلىكىدىن، شۇڭا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جازالاشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.
ياپونىيە 1922-يىلىلا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرگە قارىتىلغان «ئۆسمۈرلەر قانۇنى» نى تۈزۈپ چىققان، 1948-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىپ چىققاندىن كېيىن، يېڭى «ئۆسمۈرلەر قانۇنى» نى بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىپ كەلمەكتە. 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ياپونىيەدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېغىر يامان خاراكتېرلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋەقەسى يۈز بەردى، ياپونىيە جەمئىيىتى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھازىرقى «ئۆسمۈرلەر قانۇنى» ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە زىيادە بوش بولۇپ قالدى، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يامان غەرەزلىك جىنايىتىگە قاتتىق جازا بېرىش كېرەك دەپ قارىدى. 2000-يىلدىن كېيىن، ياپونىيە «ئۆسمۈرلەر قانۇنى» غا ئۈچ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتتى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە بېرىدىغان جازالاش سالمىقىنى ئېغىرلاتتى.
شۇنداق بولسىمۇ، ياپونىيە قانۇن ئىشلىرى ۋازارىتى ئاشكارىلىغان «2011-يىللىق جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئاق تاشلىق كىتابى»غا ئاساسلانغاندا، 2010-يىلى ئائىلە ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى بىر تەرەپ قىلغان ياش-ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر سانى 144 مىڭ 985 ئادەم بولغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سوتلىماسلىق ھۆكۈمى چىقارغانلار سانى 83 مىڭ 440 بولۇپ، %57.6 نى ئىگىلىگەن، سوتلاش ئەمما چارە كۆرمەسلىك ھۆكۈمى چىقارغانلار سانى 25 مىڭ 723 بولۇپ، %17.7 نى ئىگىلىگەن، جەمئىيەتنىڭ كۆزىتىش جازاسى بېرىلگەنلەر 29 مىڭ 515 ئادەم بولۇپ، %20.4 نى ئىگىلىگەن، ئۆسمۈرلەر مەكتىپىگە يۆتكەلگەنلەر پەقەت 3619 ئادەم بولۇپ، %2.5 نى ئىگىلىگەن، خاراكتېرى يامان بولۇش سەۋەبلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە يۆتكەلگەنلەر پەقەتلا 6062 ئادەم بولۇپ، %4.2 نى ئىگىلىگەن.
ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ساھەسىدىكى ئالىم، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ماۋېن ۋولفگاڭ پرافىسسورنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىشىچە، گەرچە %33 ئۆسمۈر ساقچىلار بىلەن ئېيتىشسىمۇ، پەقەت %6 بالا ئادەتلەنگەن جىنايەتچى ئىكەن. ياش-ئۆسمۈلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى كونترول قىلىش بۇ %6 بالىغا قارىتىلىشى كېرەك ئىكەن. ئەمما ئەگەر %33 ئادەمنىڭ ھەممىسى %6 ئادەتلەنگەن جىنايەتچى ئۇچرىغان قاتتىق جازاغا ئۇچرىسا، ئۇلار بۇ تەدبىرلەر سەۋەبلىك ئوڭۇشلۇق جەمئىيەتكە قايتالمىسا قايتا جىنايەت سادىر قىلىدىكەن.
ۋولفگاڭ پرافىسسور بىر ئۆمۈر سەرپ قىلىپ بايقىغان بۇ «%6» پۈتكۈل دۇنيادىكى جىنايەت ئىلمىگە ئۆرنەك بولالايدۇ، پى يىجۈن پرافىسسورنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو خەلقئارا قائىدە-تەرتىپلەرنى سېلىشتۇرۇپ، بۇرۇنراق ئۆسمۈرلەر قانۇنى تۈزۈپ چىقىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە جەمئىيەتنى قوش پايدىغا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك ئىكەن. زوڭ چۇنشەن جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىپ:«قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەيلى قانداق جىنايەت ئۆتكۈزسۇن، بىرىنچى جاۋابكار قۇرامىغا يەتكەنلەر جەمئىيىتى بولىشى كېرەك» دېدى.

مەنبە: ئوكيان تورى؛ شىياڭگاڭ «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 23-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-16 05:17 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96824
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 314
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-8-8
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 05:22:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 527 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 05:55:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھرىرلەندى ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلئاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-16 07:54 PM  


ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 527 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 06:28:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاس يېزىلىۋاتىدۇ ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلئاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-16 07:55 PM  


ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96780
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 06:32:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى  2013-8-16 05:55 PM
ھازىرلا مىسىر توغۇرلۇق بىر تېما تەستىقلىنىپتىكەن ، كۈ ...

ھئي
پۇل.

80ياش ھايات 30مىڭ كۈن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 147
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2073
تۆھپە نۇمۇرى: 462
توردا: 1986 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 06:33:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى ھەم تورىنى ئىشلىتىۋاتقان قىرىنداشلار دىققەت،سىز سالاھىيەت گۇۋاھنامىڭىزنى تىجارەت زالىغا ئىلىپ كىرىپ سىزنىڭ نامىڭىزدا سىز بىلمەيدىغان نۇمۇر بىجىرىلگەنمۇ قاراپ بىقىڭ. يىقىندا ئىنىمنىڭ ھەم مىنىڭ نامىمدا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ بىرنەچچە تال ئەخلەت كارتا بىجىرىپ بازارغا سالغانلىقىنى بىلدىم ،ۋەزىيەتنىڭ قانداقلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز،بۇبەك خەتەرلىك ئەھۋال،كىم بىلىدۇ ئۇكارتىلارنى كىمنىڭ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھەم بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ بۇنداق قىلغىنىمۇ بىز ئابىنۇتلارنىڭ سەخسىي ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق ،سەخسىي مەخپىيەتلىكىمىزدىن قانۇنسىز پايدىنىلغانلىق بولىدۇ،ئۇلارنىڭ يۈرىكى ھەقىقەتەن چوڭكەن،كىملىكىمىزدىن خالىغانچە ،قانۇنسىز پايدىلىنالىغاندىكىن ،قانۇندىن تولۇق پايدىلىنايلى ،ئۆز ھوقۇق مەنپەتىمىزنى قوغدايلى،يىقىندا مەن تارتىۋالغان ئىسپاتلىق سىن ھۆججىتى تورغا يوللىنىدۇ،ھازىرغىچە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشكە ئىشىنىپ كىملىكىدىن كارتا بىجىرگەنلەر بىلىپ قالسۇن

نىمە ئۈچۈن بۆشۈك بىلەن قەۋرىنىڭ شەكلى ئوخشاش،ھەرئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۈچۈن ياسىلىدۇ پەرقى شۇكى بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن بىرى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈندۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96780
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 07:01:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيامان
ئش،بولۇپتۇئەمەسمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96780
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 07:01:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيامان
ئش،بولۇپتۇئەمەسمۇ.

كېيىنكى ئەۋلاتل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 814
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13409
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4745 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 07:29:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن كۈندىن كۈنگە مۇكەمەللىشىۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە بۇ ئۆسمۇرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىنىڭ ئېشىپ كىتىشى قانۇنىمىزغا بولغان بىر ئاقارەت شۇنداقلا قانۇندا يەنىلا نۇرغۇن يۇچۇقلاربار دىگەنگەپ ،دىيارىمىزدىمۇ قانۇن شۇنداق چىڭ ئىجرا قىلىنى ۋاتقىنىغا قارىماي ياشلارنىڭ پات پات توپلۇشۇپ جىدەل چىقىرىۋاتقىنىنى كۈرۈپ قالىمىز ساقچىلارنى كۆرگەندە بولسا بۇلار تاراپ كىتىدىكەن بۇ كىچىك ئىجتىمائى مەسىلە دەپ ھىچكىمنىڭ كارى يوق ھەي ......................................................

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 08:45:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇ ياشلىرغا نىمبولغاندۇ زادى قىزلار مودا قوغلىشىش كويىدا ئوغۇللار بولسا جىنايات يولىغا مىڭىپتۇ .  ھەي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش