قۇياشنىڭ بىر پارچىسى يەر شارىغا قاراپ كېلىۋاتقىنى راستمۇ؟
بىلىمخۇمار
ئالدىنقى 31-ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ، غەرپتىكى بىر قىسىم ئىنگلىزچە تور بەتلىرىدە «قۇياشنىڭ بىر يوغان پارچىسى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقىپ، يەر شارىغا قاراپ كېلىۋەتىپتۇ» (Large chunk of Sun broke off and headed to Earth) دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە خەۋەر تارقىلىپ يۈرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، قۇياشنىڭ بۇ بىر چوڭ پارچىسى مۇشۇ ئاۋغۇست ئېيى ئىچىدە يەر شارىغا يېتىپ كېلىپ، يەر شارىغا ئىنتايىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلەرمىش. مەن بۇ ئىشنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ناسا نىڭ تور بەتلىرىدىن بۇنىڭغا ئائىت بىرەر ئۇچۇرنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ، بۇ مەزمۇنغا ئائىت ئازراق ئۇچۇر تاپتىم. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقىدەك بۇرمىلانغان خەۋەر ۋەتەندىكىلەرمۇ يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرمىسۇن، دەپ، ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلاش قارارىغا كەلدىم.
ئىنگلىزچە «coronal hole» دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇيغۇرچە «كۈن تۇتۇلۇش ئۆڭكۈرى» گە يېقىن كېلىدىغان بىر نەرسە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ قۇياش زەررىچىلىرىنى قۇياشنىڭ سىرتىغا يۆتكەپ چىقىدىغان قۇياش بورىنىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يىل 5-ئايدا، ناسا قۇياشنى ئۈچ خىل ئەڭ يىراقتىكى ئۇلترا بىنەپشە رەڭ (extreme ultraviolet light) نى ئۆلچەيدىغان تېلېسكوپ بىلەن ئۆلچىگەندە، بىر ناھايىتى چوڭلۇقتىكى «كۈن تۇتۇلۇش ئۆڭكۈرى» نىڭ يەر شارى تەرەپكە قاراپ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. بۇ بايقاشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بەزى بىر پەننى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغان كىشىلەر ئۆز تور بەتلىرىدە يۇقىرىقىدەك بورمىلانغان ئۇچۇرنى تارقىتىشقا باشلىغان. شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ بۇنداق خەۋەرلەرنى ئۇچراتقاندا قورقۇپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلگىنى ئۈچ خىل ئەڭ يىراقتىكى ئۇلترا بىنەپشە رەڭنى ئۆلچەيدىغان تېلېسكوپ بىلەن تارتىلغان رەسىملەر بولۇپ، ئۇنىڭدا «كۈن تۇتۇلۇش ئۆڭكۈرى» مۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇ ئۆڭكۈر مەلۇم تېمپېراتۇرىدىكى ماددىلارنىڭ كەملىكىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، قۇياشنى نورمال كۆز ياكى تېلېسكوپ بىلەن كۆرگەندە، ئۇنى بايقىغىلى بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەن يېقىندا سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قېلىپ، ناسا ھەققىدىكى يېڭى خەۋەرلەرنى ئۆز ۋاقتىدا يېزىپ، تورلارغا چىقىرالماي قالدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن. مەن مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە سەپەرگە چىقىدىغان بولۇپ، ھازىر شۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي ھالدا ئىلمىي ماقالە ۋە ئىلمىي دوكلات تەييارلاۋاتقان بولغاچقا، مېنىڭ ناسا توغرىسىدا يېڭى ئۇچۇر يوللۇشۇم سەل ئاستىلاپ قېلىشى مۇمكىن. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
http://beforeitsnews.com/prophecy/2013/07/more-update-nasa-dark-sun-large-chunk-broke-off-headed-to-earth-2452098.html
http://foxnewsinsider.com/2013/07/30/chunk-sun-headed-toward-earth-2-million-miles-hour
http://www.youtube.com/watch?v=YfdzYhV5bOs
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-16 02:41 PM