يىك شىئېرلىرى
ئەجدات مەشئىلى
ئەجدادىم قۇلىدا چاقنىغان مەشئەل،
نۇر چېچىپ دىللارنى يۇرۇتقان ئىدى.
ئەجدادىم ئىزىنى نامايەن قىلىپ ،
مىللىتىم نامىنى تۇنۇتقان ئىدى .
ئەجدادىم مەشئەلنى بىزلەرگە بىرىپ،
كەتكەنتى ئۇزاققا ئىزلىرى قېلىپ .
بۇراندا شۇ مەشئەل خىرە يۇرۇيدۇ ،
بەزىدە ئۈچىدۇ بەزىدە يېنىپ.
قورقىمەن شۇ مەشئەل ئۈچۈپ قېلىشتىن،
خەلقىمنىڭ يۇلىدىن ئېزىپ قېلىشتىن.
خەلقىمگە نۇر بەرگەن ئاشۇ مەشئەلنىڭ،
بىزلەرنىڭ قۇلىدا ۋەيران بۇلىشتىن .
قەلىپ تىنىقى
تەتۈرنى ئوڭ دىدىم ئاپئاقنى قارا،
ھەقىقەت يۇلىنى ئۇنتۇدىم مانا .
ۋىجدانىم بۇنىڭغا كۆنمىدى بىراق،
نائىلاچ سۆزلەيمەن يالغاننى مانا.
ھەق سۆزنى سۆزلەشكە تىلىم كۈيىدۇ،
يالغاننى سۆزلەشكە دىلىم كۈيىدۇ .
ئادالەت يۇلىنى تاپالماي پە قەت ،
ھاياتلىق يۇلىدىن كەچكۈم كىلىدۇ.
ناھەققە كۈنۈپلا كەتتۇققۇ بىزلەر
ھەق يولنى ھەقىقى ئىزدەيدۇ كىملەر.
ھەق ئىشنى كۆرگەندە مەسخىرە قىلىپ ،
ئۇيۇندەك تۇيۇلۇپ كۈلىمىز بىزلەر .
2013-يىلى8-ئاينىڭ6-كۈنى
ئىزاھات ؛ تورداشلارنى تىمىغا ئادىل باھا يېزىشىنى شۇنداقلا تىما بىلەن تىما ئىگىسىنى باغلىۋېلىپ تېتىقسىز باھالارنى يازماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ.
يىك شىئىېرلىرى