ئازغۇن يۈرەك
يىك شىئىرلىرى
بوپ قالدىم ئارالدا ئازغان بىر قولۋاق،
يۇلۇمنى بىلمەيمەن ماڭىمەن ھەر ۋاق.
نىشانغا يىتىشتىن خېلى بەك يىراق،
بىر ئۆمۈر نىشاندىن كەچمەيمەن بىراق،
سەپەردە جۇدۇندا چەكسەممۇ پىراق.
ھەقىقەت يۇلىدۇر ھەردەم نىشانىم،
ناھەققە قارايمەن ئالىيىپ دائىم .
ھەق يولنى ئىزدەيدۇ دائىم خىيالىم،
رازىمەن ھەق يولدا كىسىلسە باشىم.
ئۈمىدىم ئۈزۈلمەس ھەق يولدىن بىراق.
ھەقىقەت غالىپتۇر شۇنداق ئەزەلدىن ،
ھەقىقەت كىلىدۇ قان تەر بەدەلدىن.
ناھەققە ئەسىر بوپ ھايات يۈرگەندىن،
ھەقىقەت يۇلىدا قايتاي جاھاندىن .
ئەۋلاتقا قالدۇرۇپ ئۆچمەس بىر چىراق.
ئەجرىمنى خەلقىمىز بىلمەيدۇ دىسەم ،
ناھەقنى يول قىلىپ ماڭىمەن دىسەم .
ھەق يولدىن ۋاز كىچىپ يۈرىمەن دىسەم.
ناھەقتىن تون چاپان كىيىمەن دىسەم ،
تۇنۇتار خەلىقكە تاۋۇتۇم بىراق .
ھەقىقەت سىغارمۇ ئازغۇن يۈرەككە،
بۇ تىلىم كەلمەيدۇ بۇندىن بۈلەككە.
ئاللاھىم يەتكۈزگەي ئاشۇ تىلەككە ،
ئاراملىق يەتسىچۇ ئوتلۇق يۈرەككە .
بولسامچۇ ھەر دائىم ناھەقتىن يىراق .
2013-يىلى4-ئاينىڭ14-كۈنى
مەنبەسى ؛ھەققانىيەتچى قەلىپ يىك ئىلھاملىرى
ئىزاھات ؛ تورداشلارنى تىمىغا ئادىل باھا يېزىشىنى شۇنداقلا تىما بىلەن تىما ئىگىسىنى باغلىۋېلىپ تېتىقسىز باھالارنى يازماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-15 01:52 AM