مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1863|ئىنكاس: 30

ئـەپـچىلـەم چـاتـمـا ھېكـايىلـىرى(4) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2693
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5110
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1744 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 02:21:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

007.jpg

ئاچچىق ئەسلىمە

(4)


ئاپتور ئېلاۋەسى_مانا بۈگۈن چاتما ھېكايەمنىڭ 4-قىسىمى بولغان ئاچچىق ئەسلىمە ناملىق ھېكايىنى مۇنبەرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم، ئالدىنقى  قېتىمدا ئەكبەرنىڭ كىشى قەلبىنى ئېچىشتۇرىدىغان ئاچچىق كەچمىشلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغان ئىدىم.بۈگۈن چاتما ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ(مەن)نىڭ ئاچچىق ئەسلىمىلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم قېنى بەھرىلەنگەيسىلەر.

چاتما ھېكايىلىرىم پەقەت مېنىڭ تەسەۋۇرۇمغا تايىنىپلا روياپقا چىققان ئەسەرلەر، شۇڭا ئەسەر مەزمۇنىنى مەن بىلەن باغلاپ چۈشىنىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .


كۈلكە- چاقچاقلار ئىچىدە ئايرودىرومغا كېلىپ قالغانلىقىمىزنى بىلمەيلا قالدۇق، ئۆمرىدە ئايرۇپىلانغا چىقىپ باقمىغان ،ھەتتا بۇنچىلىك يېقىن ئارلىقتىنمۇ كۆرۈشكە نېسىپ بولۇپ باقمىغان بالىلار بۇ تۆمۈر بۈركۈتكە ھەۋەسلىنىپ قارايتى، كۈچلۈك قۇياش نۇرىنىڭ تۆمۈر بۈركۈتكە چۈشىشى بىلەن ئۇنىڭدىن قايتقان  نۇر ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇپ يالت-يۇلت قىلىپ خۇددى بىزگە خىرىس قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى، شۇ ئەسنادا توساتتىن ئارىمىزدىن بىرسى ۋارقىرىدى.
-ئەكبەر،ئەكبەر كۆرۈنمەيدىغۇ؟
-ھەي ،ئىككىڭلار بىرتىڭلارغۇ؟
-شۇ ھازىر بارتى، ئىيەگە بېرىپ كەلگۈچە يوق.
-يۈك-تاقلىرى باركەن بولمىسا
-بولۇڭلار،ئىزدەيلى ، ئايرۇپىلاننىڭ ئچىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى .
شۇنداق دىگىنىمىزچە ئالاقزادە بولۇپ ئۇنى ئىزدەشكە چۈشتۇق،ھېلىمۇ ياخشى ئايرودرومىدا ئادەم شالاڭ، بىراق ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، نەچچە كىشىنىڭ ئارقىسىدىن تۇتۇپ ئۆزۈمگە قارىتىپ كەچۈرۈڭ خاتا تۇنۇپ قاپتىمەن دېگىنىمنىمۇ ئۇقمايمەن، توساتتىن ئايروپىلان خادىمىنىڭ ئەسكەرتىش ئاۋازى ئاڭلاندى، بالىلار يۈگرەپ يېنىمغا كېلىپ ئۇنى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىشتى، مەن ئۇلارنى ئايرۇپىلانغا چىقىپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ ، گاڭگىرىغان ھالدا ئۇياق-بۇياققا قاراپ ئۇنىڭ قارىسىنى ئىستەيتىم، يەنە بىر قېتىملىق ئەسكەرتىش بېرىلدى، كىشىلەر قەدەملىرىنى ئالدىراتقىنىچە ئايرۇپىلانغا چىقىشقا باشلىدى، توساتتىن مەندىن نەچچە قەدەم يىراقتىكى قەددى پۈكلەنگەن بىر كىشىگە نەزىرىم چۈشۈپ قالدى، قارىغاندا ئۇ كىشىنىڭ ھېلىتىن بېشى قېيىۋاتقان بولسا كېرەك بىر قولىدا تامنى تىيىۋالغان بولۇپ، يىراقتىن قاراشقىلا ئۇ كىشىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا بىلىنىپ تۇراتتى ،چاتىقىم نېمە دېگەنلەرنى ئويلاپ يەنە ئۇنى ئىزدەشكە تەرەددۇت قىلدىم، ئۇ كىشىنىڭ يېنىدىن قەدەملىرىمنى چوڭ-چوڭ ئالغىنمىچە ئۆتۈپ كەتتىم،قىياسىمچە ئون نەچچە مېتىر يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن مەقسەتسىزلا ئارقامغا قارىدىم، ئۇ كىشىنىڭ قەيەرلەردىندۇر بىر تونۇش سىما كېلىۋاتاتتى، قارىغىنىمچە مەڭدەپ تۇرۇپ قاپتىمەن، ئۇ كىشىنىڭ مەن تەرەپكە قارىشىنى شۇنچە ئۈمۈت قىلغان بولساممۇ لېكىن ئۇ كىشى يەنىلا بېشىنى پەسكە ساڭگىلاتقىنىچە تامغا يۆلىنىپ تۇراتتى، تۇساتتىن كانايدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئەسكەرتىش چاقىرىقى ئاڭلاندى، ئەمدى مەن ئۇنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچكەنىدىم، قارىغاندا يۇرتىدىن ئايرىلىشقا چىدىمىغان ئوخشايدۇ دېگەن خىياللار ئىچىدە يۈگۈرگىنىمچە بېلەت تەكشۈرۈش ئورنىغا ماڭدىم، يۈگرەپ كېتىۋېتىپ ئارقامغا ، ھېلىقى تونۇش سىماغا قاراپ قويدۇم، ئۇ توساتتىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ، مەن تەرەپكە ئىلدام قەدەم ئېلىشقا باشلىدى،ئۇنىڭمۇ قەدەملىرى تېزلەشكەن ، قارىغاندا ئۇمۇ ئايرۇپىلانغا ئالدىراۋاتقان بولسا كېرەك .
-ئەكبەر؟
ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇ سىماغا قارىدىم ،ئۇ ئەكبەر ئىدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭدىن سوئال سورىغۇدەكمۇ ۋاقىت يوق، ئۇ مېنى كۆرۈپلا سۇسقىنا تىنچلىق سوراپ مەن بىلەن تەڭ يۈگۈرگىنىچە بېلەت تەكشۈرۈش كۆزنىكىگە كەلدى، بالىلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ساقلاپ تۇرغانىكەن،ئەكبەرنى كۆرۈپلا ھەممىسى تۇشمۇ-تۇشتىن ئەيىپلەپ كەتتى.
-نەگە كەتتىڭ بالا، ھەمىمىزنى پاتىپاراق قىلىپ.
-شۇنى دەيمەن ئىزدىمىگەن يەر قالمىدى سىلەرنى، ئادەمنى...
-بولدى قىلىڭلار!
باشقىلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ جىمىپ قېلىشتى، ھەممىمىز بېلەتنى تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن ئايرۇپىلانغا چىقىشقا تەرەددۇت قىلدۇق، نېمىشقىكىن ئەكبەرنىڭ قەدىمى ئاستىلاپ قالغانىدى، مەن ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى سەزگەندەك بولدۇم ، باشقىلار بىر-بىرلەپ ئايرۇپىلانغا جايلىشىپ بولدى.ئەكبەر دېگەن ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئۇ شاپپىدە ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قانداقتۇر بىر مەيۈسلۈك، مىسكىنلىك جىلۋىسى ئەكس ئېتەتتى، مەن بۇ جىلۋىسىنى بۇرۇنمۇ كۆرگەن، بىز تۇنجى قېتىم ھېلىقى ياتاقتا ئەسرالاشقان چاغدا ئۇ ھازىرقىدەك كەيپىياتتا ماڭا كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەرگەن ، لېكىن ھازىر ئۇنىڭ خوشال بولىدىغان چاغلىرى تۇرسا يەنە كېلىپ بۇ ئۆزى قۇشۇلغانغۇ كېتىشكە .
-ئەكبەر ئاداش، قارىغاندا سېنىڭ بۇ يەردىن كەتكىڭ يوق ئوخشايدۇ،بوپتۇ كۆڭلۈڭ ئاداش سېنى زورلىمايمەن، كەتكىڭ بولمىسا مۇشۇ يەردىلا توختاپ قالغىن .
-ياق ،شۇ،شۇ...
ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي دۇدۇقلاپ قالغانىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم ، ئازراق ياش يۇقى ئەگىپ قاپتۇ، گەرچە ئۇ ئۆيىدىن ئايرىلىپ جەمىيەتنىڭ ھەر قانداق كوچىسىغا كىرىپ باققان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدا يەنە بىر يۈرەك بار ئىدى، بۇنى ئادەتتىكى كۆزلەر بىلەن كۆرگىلى بولمايتى،ئەپسۇز ئۇنىڭ قەلبىگە بولغان غەزەپ-نەپرەت يەنە بىر يۈرەكنىڭ پارتىلىشىنى توسۇپ قويغان، ئەمما ناگان-ناگاندا يانار تاغ كەبى بىر پارتىلاي دەيتىيۇ لېكىن قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆچكەن يانار تاغدەك جىمىپ قالاتتى،قاچاندىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتىم ئۇنى خۇددى ئۆز قېرىندىشىمدەكلا كۆرىدىغان بولۇپ قالغانىدىم ، شۇڭا ئۇنىڭ بىزنىڭ ئاتالمىش جەننەت ماكانىمىزغا بولغان قارارىغا ھۆرمەت قىلغۇم بار ئىدى، مەن ئۇ يەردىن خۇشاللىق تاپالىغان بىلەن ئەمما ئەكبەرچۇ؟ ئۆزەمنىڭ خوشاللىقىنى باشقىلارغا بېغىشلىسام بولىدۇ ،لېكىن تاڭسام پەقەت بولمايدۇدە، يەنە كېلىپ ئۇ ئەكبەر تۇرسا  دېگەندەك خىياللار كاللامدىن غىل-پاللا ئۆتتى.
-ئەمسە ،نېمىگە شۈكلەپ قالدىڭ، سېنىڭ بۇنداق ھالىتىڭنى كۆرسەم مەن بىئارام بولۇپ قالىدىكەنمەن ،كۆڭلۈڭنى خۇشال تۇتە.
-بامۇ ؟
ئۇ شۇنداق دېگەچ قولىنى شەرەتلىدى، مەن ئۇنىڭ مەقسىتىنى دەرھاللا چۈشەندىم، ۋە ئەمدى ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ گېپىمنى ئۈزۈپ قويدى .
-ھا!ھا!ھا! كەچۈرگىن ئاداش، ئۆزەمنىڭ ئايرۇپىلاندا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، خۇمارىمغۇ تۇتمىغان لېكىن جىيلە بولۇپ قالدىم شۇڭا...
ئۇ ئوڭايسىزلانغاندەك قىلىپ ئوبورنىغا چىقىپ كىرەي دېگىنىچە ئورنىدىن قوپۇشقا تەمشەلدى، قالغان بالىلارغا قارىسام شىرىن ئۇيقۇغا كېتىپتۇ، باياتىن تېخى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلانغا چىققانلىقىنى ئېيتىشىپ قىن-قېنىغا پېتىشماي كەتكەنىدى، ئەمدى ئۇخلاپ كەتكىنىنى ماۋۇلارنىڭ ، ھاردۇق يەتكەن چېغى، مەنغۇ چوڭ ۋەدىلەرنى بېرىپ ئۇلارنى ماكانىمىزغا ئېلىپ كېتىۋاتىمەن، ئۇلارنىڭ  تەغدىرى راستىنلا كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆلگەن، بەزەنلىرى ئۆگەي ئانىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ،يەنە بەزەنلىرى ئاتا -ئانىسىنى ياخشىراق كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزى بىلىپ بىلمەي يامان يولغا كىرىپ قالغان بالىلار ئىدى .ئەكبەردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان بۇ سەپىرىدىن خوشال،نېمىشقىكىن ئۆزۈم جەننەت ماكاندا تۇرۇپ شۇنچە يامان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرىكىمنىڭ قارىداپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ لېكىن نېمىشقىكىن، ئۆزۈم بىلەن تەقدىرداش بالىلارنىڭ كەچۈرمىشىنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرۈكۈم ئېغىپ كېتەتتى، مانا ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ يەنە كۆڭلۈم پەرىشان بولۇپ قالدى، خىيالىم تامان شۇ ئاچچىق كەچمىشىمگە قايىتقان .
-ئاداش  ماڭە سۇغا چۈشكىلى بارىمىز ،
-ئاپام تىللايدۇ،
-قورقۇنچاق جۇمۇ سەن ئاپام تىلايدۇ دېگەنمۇ گەپمۇ، دەپ قويمىساقلا ئۇقمايدۇ، سۈيى تېيىزكەن، ئۆتكەندە بىر تال دەي تېپىۋالغان ،ئۆيگە ئاپارسام دادام  يەملەپ بەردى، يەل ئۇرۇپ باققانىدىم ،ئازراق سېزىدىكەن لېكىن يەنىلا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، تۆتىمىز شۇ دەيگە چىقىپ ئۆستەڭنىڭ قارشى قېتىغا لەيلەپ چىقىپ باغچىغا كىرىپ ياڭاق تىرىپ چىقمايمىزمۇ .
-ئەجەب بەختلىك جۇمۇ سەن، ئاتا-ئاناڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىدىكەن ، مېنىڭ ئاپاممۇ شۇنداق بولسىچۇ، ئۇنى قىلساممۇ ھاي  بۇنى قىلساممۇ ھاي، ئۆتكەندە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالغانتىم ، تاياقنى بۇلۇشىغا يېدىم ، سىلەرغۇ دوستۇم بولغاچقا دەيمەن ،مەكتەپتە دەپ يۈرمەڭلار جۇمۇ.
-كىم دەيدۇ مېنى باشقۇرمايدۇ دەپ ئاتا -ئانام مېنىمۇ باشقۇرىدۇ، شۇ بىرلا بالا دەپ بەك ئەتىۋارلايدۇ، مەن يا سەندەك كۈندە ئۇلارغا ئىش تېپىپ بەرمەيمەن، شۇڭا ئۇلار مېنىڭ نېمە قىلىشىمنى ئانچە توسۇپ كەتمەيدۇ،ھەي دەينى ئەچىقاي سەنمۇ بارامسەن يا ، ياڭاق ئوغىرلاپ كېلىمىز .
مەن شۇنداق دېگىنىمچە  يەنە بىر دوستۇمنى ئالدىرتىشقا باشلىدىم، بىزنىڭ ئۆي بىلەن باغچىنى پەقەت بىرلا ئۆستەڭ ئايرىپ تۇراتتى،باغچا خادىملىرى كىشىلەرنى ھەر قانچە بولسىمۇ ئۆستەڭدىن ئۈزۈپ  كەينىدىن ئوغۇرلۇقچە كىرىدۇ دەپ ئويلىمايتتى، لېكىن مېنىڭ دېيىم بار،بىزنى لەيلىتىپ ئۇ قاتقا ئۆتكۈزۈپ قۇيىدۇ، ئۇ ئاخىرى بىز بىلەن چىقىدىغان بولدى، مەن ئۆيگە كىرىپ دېيىمنى ئېلىپلا سىرىتقا چاپتىم، ئاپامنىڭ بالام كەچ بوپ قالدى پاتراق كىرگىن دېگىنى قۇلاق تۈۋىمدىلا توختاپ قالدى، بىز ئۆستەڭ ئالدىغا كېلىپ كىيىملىرىمىزنى سېلىپ بىر خالتىغا سالدۇقتە دەينى سۇغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلغىنىمىزچە ئۇ قاشقا لەيلەپ ئۆتتۇق ، ئەپسۇز تۆتىمىز بىر دەيگە يامىشىۋېلىپ پەقەتلا ئەپلەشمىدى، شۇنىڭ بىلەن  يەنە بىر دوستۇم قارشى قىرغاققا قايتىدىن بېرىپ قالغىنى بىلەن بىرگە بۇ تەرەپكە ئۈزۈپ كەلدى، بىز ھاپىلا -شاپىلا كىيىمىمىزنى كىيىپ، دەينى بى يەرگە مەھكەم يۇشۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، قىرغاقتىن ئايرىلدۇق، ھەممىمىز قەيەردىندۇر چارلىغۇچىلار چىقىپ قالمىغىيتى دەپ قورقۇپ تۇراتتۇق، شۇنداق دەككە-دۈككە ئىچىدە ياڭاقلىقنىڭ قېشىغا كەلدۇق، ئەتراپتىن چارلىغۇچىلار غىل-پال ئۆتۈپ تۇراتتى، لېكىن ئەمدى بىز قوقمايتۇق، چۈنكى ئۇلارمۇ بىزنىڭ سۇ ئارقىلىق باغچىغا كىرگىنىمىزدىن گۇمانلانمايتى، ئۇلار كۆزدىن غايىپ بولۇشىغا  بىرسى كۆزەتچىلىكتە تۇردى، قالغانلىرىمىز دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ ياڭاق قېقىشقا باشلىدۇق، بولدى دېگۈدەك ياڭاق تەرگەندىن كېيىن كەتمەكچى بولدۇق، ئېلىۋالغان ياڭاقلىرىمىز بەك جىق، بۇنىڭ بىلەن سۇدا لەيلەپ ئۆتۈپ كەتمەك خېلى بىر ئىش ئىدى، توساتتىنلا كاللامغا ئەقىل كەلدى،
-بىز ئەمدى باغچىنىڭ كىرىش ئىشىكىدىن چىقىپ كەتسەك بولىدۇ،ئىككىمىز دەي بىلەن ئۈزۈپ ئۆتەيلى، سىلەر ما ياڭاقلارنى ئېلىپ ئالدى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىڭلا، چاندۇرۇپ قويماڭلار جۇمۇ، مەھەللىگە بارغاندا تەڭ ئۆلەشتۈرىمىز.
مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئۆستەڭ تەرەپكە يۈرۈپ كەتتىم، قالغانلارمۇ دېيىشىۋالغىنىمىز  بويىچە يولىغا راۋان بولدى، ئىككىمىز ئۇ قاتقا ئۆتۈپ خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇلار قايتىپ كەلدى، بىز خالىيراق بىر يەرگە بېرىپ ياڭاقنى ئىلەشتۈردۇق، خۇشلۇقىمىزدا بىر يانچۇقلىرىمىزدىكى ياڭاقنى تاتلىقكەن دەپ بىر -بىرىمىزگە ھىجىيىپ يەرگە ئۇرۇپ دېگۈدەك چېقىپ يەيتۇق، قولىرىمىز قارىداپ كەتكەن، كىيىملىرىمىزمۇ توپا ھالەتتە ئىدى، شۇ تاپتا ئەلپازىمىزنى تۇنۇمايدىغان كىشىلەر كۆرسە بىزنىڭ شەھەر مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلگەن بالىلار ئىكەنلىكىمىزدىن شەكسىز گۇمانلىناتتى، خۇشلۇقىمىزدا ياڭاقلىرىمىزنى تويغىچە يېگەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كىردىم.
ئىشىك ئالدىدا دادامنىڭ موتوسى تۇراتتى، دادام قايتىپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ دەپ ئويلاپ كۈنگە قارىدىم، ئوھوي كۈن خېلىلا قىيسىيىپ قالغانىدى، ئويۇن بىلەن بوپ كېتىپ كەچ بولغىنىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن دېسە، خۇشال ھالدا  تاماق پىشتىمۇ دەپ توۋلىغىنىمچە يۈگرەپ ئۆيگە كىردىم، ئەپسۇز مەن كۆرۈشنى خالىمايدىغان مەنزىرە، چىنە-تەخسىلەر چېقىلغان، ئاپام بىر بۇلۇڭدا يىغلاپ ئولتۇراتتى، دادام بولسا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىچە تاماكىسىنى ئاچچىق شوراپ خىيالغا پاتقان ،ئۆيىمىزدە يەنە ئۇرۇش پارتىلىغانلىقىنىقىياس قىلدىم، چۈنكى مەن بۇنداق ئۇرۇشلارغا كۆنۈپ قالغان،گەرچە سىرىتتا مەھەللە بويىچە ئەڭ بەخىتلىك بالا ھىساپلانساممۇ لېكىن ئىچىمدىكى ئاچچىق ئازاپلار، بىھۇدە تەشۋىش-ئەنسىرەشلەر ئۆزۈمگە ئايان. ئۇلار مېنى كۆرۈپلا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ھۇدۇقۇپ كەتتى،ئۇلارنىڭ ئەلپازىغا ، ئۆينىڭ خانىۋەيرانە تۇرىقىغا قاراپ مېنى يىغا تۇتۇشقا باشلىدى، بايىقى خوشال كەيپىياتىمغا خۇددى يەردىكى ئاشۇ چېقىلغان چېنە كەبى دەز كەتكەنىدى.
-نېمىگە ئۇرۇشتۇڭلار؟
يىغلامسىراپ ئۇلاردىن سورىدىم، ئىككىلىسى جىمىپ قالغان، بەلكىم مەندىن خىجىل بولىۋاتقان بولسا كېرەك، يىقىلغان ئورۇندۇقنى يۆلىمەكچى بولۇپ تۇرۇشۇمغا ئاپام گەپ ئېچىپ قالدى،
-قورسىقىڭ ئاچتىمۇ بالام،جىندەك تەخىر قىلىپ تۇ، مەن ھازىرلا تاماق تەييارلاپ بېرەي .
ئاپام شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ تاماققا تۇتۇش قىلدى، چاناقلىرىدىن قۇيۇلغان ياش كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزەتتى، يىغامنى زورىغا بېسىۋېلىپ ئۆينى بىر قۇر رەتلەشكە باشلىدىم، شۇ تاپتا يۈركىم ئازاپ دەستىدىن پىچاق تىققاندەك ئاغرىنىۋاتاتتى، تېخى بايىلا ھەممىسى ئەجەپ بەخىتلىك جۇمۇسەن  دېگەن بالىنىڭ ھالى مانا مۇشۇ .
-بولدى تاماق تەييارلىما، كەچ بولۇپ كەتتى، بالىنىڭ قورسىقىمۇ ئېچىپ كەتتى، كېلە بالام  ما يىگىرمە كويغا ئاشخانىدىن ئۆزەڭ خالاپ تاماق يەپ كىرگىن .
دادام شۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى پۇلنى ماڭا تەڭلىدى، مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپقالدىم،ئاپاممۇ چۈشەندى بولغاي ئالغىن دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى، مەن شۇنىڭغا خوش ھازىرغىچە ئاتا-ئانامنىڭ مېھرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىم يوق، ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئائىلىمىزدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس ماجىرانىڭ شاھىدى بولۇپ كەپتىمەن ،لېكىن گەرچە ئۇلارنىڭ سەۋەپسىزلا ئۇرۇشۇپ قېلىشى قەلبىمگە ئازاپ سالسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان كۆيۈنۈشى ھەممىنى بېسىپ تۇراتتى، مەن شۇڭا ئۆزەمنى بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم، ھەتتا باشقىلارغىمۇ ئۆزەمنى ئەڭ بەخىتلىك بالا دەپ كۆرسىتىپ قويغۇم كېلەتتى، ئىككى خىل ھىسيات ئىچىدە ياشاپ كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزدۇم، دېگەندەك بالىلار مېنىڭ ئىجىل-ئىناق ئائىلەمگە ۋە ماڭا ھەۋەسلىنەتتى، مېنىڭ ئائىلەممۇ شۇنداق بولغان بولسىچۇ دەپ ئارزۇلاپ كېتەتتى.لېكىن ئۇلار ئائىلەمدىكى بىلىپ بىلمەي پارتىلاپ قالىدىغان ئۇرۇشنى بىلمەيدۇ، مېنىڭ كۆز پارقىرىتىپ بىر بۇلۇڭدا قان -قان يىغلاپ ئۇلارغا ئۇرۇشماڭلار دەپ قىلغان نەسىھىتىمنى ئاڭلىمايدۇۋە كۆرمەيدۇ، چۈنكى مەن ئۇنى توسىۋالغان، ساختا كۈلكىلىرىم ئارقىلىق ئائىلەمنىڭ ئەسلى يۈزىنى ئۇلاردىن يۇشۇرغانىدىم،مەن رازى، بىر ئۆمۈر ئاشۇنداق ساتا كۈلكە ئىچىدە باشقىلارنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ ياشاشقا رازى ئىدىم، چۈنكى مەن ئاتا-ئانامنى سۆيىمەن، ئائىلەمنى سۆيىمەن، ئاتا-ئانامنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىنى ، ئۇرۇش ماجىرا قايناپ تۇرسىمۇ لېكىن ماڭا ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىغان بۇ ئائىلەمنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى خالىمايتىم .مانا ھازىرمۇ شۇنداق بايا ئۆيگە كىرىپلا توڭلاپ كەتكەنلىكىمنى سەزگەنىدىم، قەلبىمدە ئازاپ ئىچىدە ئۆرتىنەتتى، ئەمدىچۇ ئاتا-ئانامنىڭ بالام دەپ يۈرۈپ مېھىر بىلەن گەپ قىلىشى ھەممىنى ئۇنتۇلدۇردى، كىچىك بالا دېگەن ئەجەپمۇ گول بولىدىكەن دېسە، مېنىڭ بۇلارنى ئويلىغىدەك ۋاقتىم يوق قەلبىم ئىللىشقا باشلىغان ،پۇلنى ئېلىپ سىرىتقا ماڭدىم، ماڭغاچ ئۇلارغا قاراپ قويدۇم، ئۇلار كۈلۈمسىرىگىنىچە تېزراق كىرىشىمنى تاپىلاپ ئارقامدىن قاراپ قالدى، كۆڭلۈم سەل ئەمىن تاپقاندەك بولۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتتىم، بىردەمدىن كېيىن ئۆيگە كىرسەم ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇلۇپ بولغان، بايىقى ئۇرۇشتىن ئەسەرمۇ يوق، ئۇلار گەپ سۆز قىلماي كىنو كۆرگىلى تۇرۇپتۇ، مەنمۇ ئاستا دادام تەرەپكە سۈرۈلۈپ تامغا يۆلەنگىنىمچە كىنو كۆرۈشكە چۈشۈپ كەتتىم .
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئائىلىمىزدە يەنە بۇرۇنقىدەك پات-پاتلا كۆرۈنۈپ قالىدىغان خوشال كەيپىياتلار ئۈزۈلمەيۋاتاتتى،ئۇلارمۇ ناھايىتى خۇش چاقچاق ئۆز-ئارا چېقىشىپ قۇيۇشلىرىچۇ تېخى كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرۈپ،مانا مەن ئۈمۈت قىلغان ئائىلە، زارقىتىپ كۈتكەن پەيىتلەر كەلگەن بولسا كېرەك، كۈنلىرىم ئۇلارنىڭ خوشالىقىغا جور بولۇپ ئاتا-ئانامنىڭ مېھرىبانلىقى ئىچىدە خوشال-خورام ئۆتمەكتە ، كۆز تەگمىسۇن بۇ ئائىلەمگە شۇ تاپتا مېنىڭدەك بەخىتلىك بالا بولمىسا كېرەك دېگەندەك تاتلىق ھىسلار ئىچىدە خېلى بىر مەزگىل  كۆڭۈللەر ئەمىن تېپىپ،دىللار شاتلىنىپ قالدى،مەن بۇ ئەمىنلىكنىڭ بىر ئۆمۈر بولۇشىنى تىلەيتىم، سۇقۇشمايمۇ شۇنچىلىك خوشال تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدىكەنغۇ دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم، نېمىشقىكىن يېقىندىن بۇيان كۆيۈنۈش ۋە خوشال كەيپىياتلار ئەۋجىگە چىقىپ قالغانىدى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ھەددىدىن زىيادە كۆيۈمچانلىقى ،ئامراقلىقى مېنى سەل گۇمانغا سېلىپ قويغانىدى،نېمە يەيسەن ،نېمە كىيىسەن ،نېمە ئوينايسەن دەپ سوراپ ھالىمنى قويمايتى، شەنبە يەكشەنبىلىك ئارام كۈنلىرىدىمۇ ئۇلار ۋاقتىنى ماڭا بېرىپ مېنىڭ خوشاللىقىمغا تەڭ جۆر بولاتتى.ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ سىرتقا چىققىنىمدا مەيدەمنى كېرىپ مېنىڭ مۇشۇنداق بەختىيار ئائىلەم بار دەپ كۆز -كۆز قىلاتتىم ،ھەم باشقىلارنىمۇ ماڭا ھەۋەسلىنىپ قاراۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم،بىر كۈنى دادام توساتتىن بۈگۈن كەچتە تاماقنى سىرىتتىن يەپ كېلىش تەكلىپىنى بەردى، باشتا بۇ گەپكە سەل تەئەججۈپلىنىپ قالدىم،بىزنىڭ ئائىلىدە شۇنداق بىر قائىدە بولۇپ ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خوشال خورام ئوينايدىغان شۇ بىر كۈنلۈك تاماقنى سىرىتتىن يەيدىغان ئادىتىمىز بار ئىدى، لېكىن بۇ رەسمىيەت تېخى تۈنۈگۈنلا تاماملىنىپ بولغان يەنە كېلىپ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدىلا ئىككى قېتىم سىرىتتىن تاماق يېگەنىدۇق، دادام يەنە ...
-نېمەبولدۇڭ؟خالىمىساڭ بارمايلى بولدى، ئاپاڭ ئوخشىتىپ بىر تاماق ئەتسۇن ئەمسە، شۇنداقمۇ خۇتۇن.
-بارغۇڭ كەلمىسە ، تۈگۈر تۈگۈپ بېرەي بالام، سەن ئامراققۇ ئۇنىڭغا.
-ياق-ياق،مېنىڭغۇ بارغۇم با لېكىن شۇ تۈنۈگۈنمۇ -بۈگۈنمۇ بارساق...
-ھا!ھا!ھا! ما بالىنى يانچۇقۇمدىكى پۇلغا ئىچىڭ ئاغرىپ قاپتۇ دە،ئەخمەق بالا شۇ سېنى خوشال قىلاي دەپ بۇ تەكلىپنى بەردىم ، قارار چىقىرىش ئۆزەڭدىن .
يۈگرەپ بېرىپ دادامنى قۇچاقلىۋالدىم، دادام يىرىك ساقاللىرىنى يۈزۈمگە سانجىغىنىچە مېنى سۆيۈشكە باشلىدى.كۆزلىرىم ئاپامغا تىكىلدى ئۇمۇ خوشال ،دادام بىلەن كۆز ئوينىتىپ قۇيۇشىدۇ، ئەجەپ خوشاللىق كەينى -كەينىدىن كېلىۋاتىدۇ دېسە،ياندۇرۇپ دادامغا گەپ قىلدىم .
-كۈنلىرىم شۇنچە خوشالغۇ مېنىڭ ،شۇ بۈگۈن سىرىتتىن تاماق يېيىشىمىزدە بىرە سەۋەپ بارمۇ شۇنى بىلەي دەپ شۇ.
-ۋاقتى كەلگەندە بىلىسەن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى
گەرچە ئاپام بۇ گەپنى كۈلۈپ تۇرۇپ دېگەن بولسىمۇ لېكىن ،ۋاقتى كەلگەندە بىلسەن دېگەن گەپتىن بىر خىل ئەلەمنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتاتتى، كاللام گادىرماچ خىياللار ئىچىدە لېكىن ئارتۇق خىيال قىلىشقا رايىم يوق شۇ تاپتا بارچە خىياللارنى ئۇنۇتقان ئۇلارنىڭ شۇ خوشال كەيپىياتىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق بارمۇ ،مەن سۈرگەن خىيال ئەسلى مۇشۇ ئەمەسمۇ ،دېگەنىمچە كاللامنى سىلكىۋەتتىم،بىردەمدىن كېيىن مەن ئويناپ كىرەي دەپ تالاغا چىقىپ كەتتىم.
مانا كەچمۇ بولدى، دادام مېنى ئۆزۈڭ خالىغان يەرگە بارىلى دەپ مەيلىمگە قويۇۋەتتى، ئايدىڭ تاماشاسى قىلغاچ شەھەر كوچىسىدا باشقا بەخىتلىك بالىلارنىڭ سېپىگە قۇشۇلۇپ ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتقىنىمچە كېتىۋاتىمەن ، مېنىڭ زورۇم بىلەن بىر غەرىپچە تاماقخانىغا كىردۇق، تاماقلارمۇ تارتىلىپ ھەممىمىز ئېغىز تېگىشكە باشلىدۇق، ئوخشاشلا كۈلكە چاقچاقلىرىمىز بۇ تاماقخانىدىنمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىدى، توساتتىن دادامنىڭ مېنى چاقىرىشى بىلەن بېشىمنى شاپپىدە كۆتۈرۈپ ئالدىمغا قارىدىم،قارىدىميۇ كۆڭلۈم بىر نەرسىنى سەزگەندەك يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى، دەل شۇ پەيىتتە ئاتا-ئانام تەڭلا ئېغىز ئاچتى، كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلماقتا، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالغانىدىم،بەدەنلىرىم مۇزلاپ كەتكەنىدى توڭلاۋاتىمەن، بۇخىل توڭلاش پەقەت ئاتا-ئانام سۇقۇشۇپ قالغان چاغدىلا ئاندا-ساندا كۈرۈلۈپ قالىدۇ لېكىن يەنىلا يامغۇردىن كېيىنكى ئاپتاپتەك بۇ توڭلاشلىرىممۇ نەلەرگىدۇ غايىپ بولۇپ كېتەتتى، كۆزلىرىمنى باشقۇرالمىدىم ياشلىرىم قۇيۇلۇپ شىرە ئۈستىدىكى تاماق بىلەن ئارلىشىپ كەتتى.
-بالام!
ئۇلار شۇنداق دېگىنچە شىرەدىكى قەغەزنى ماڭا سۇنۇشتى، ئۇلارغا قاراشقا پېتىنالمايتىم،بەدەنلىرىم ،جىسمىم  روھىم لاغ-لاغ تىتتىرىمەكتە،ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە نەپرەتلىك قارىدىم،كۆزلىرىدىن ئۇلارنىڭمۇ شۇنچىلىك ئازاپ ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى،ھۆڭرەپ يىغلىغۇم كېلەتتى مەن ئەمدى راستىنلا پايلىيالمىدىم ئاۋازىمنى قۇيۇۋەتكىنىمچە ئۆزەمنى سىرىتقا ئاتتىم................
-ئاداش،ئاداش !
ئەكبەرنىڭ قاتتىق توۋلىشىدىن چۆچۈپ چۈش قوينىدىن ئويغىنىپ كەتتىم، توۋا دەيتىم ئىچىمدە، نېمە بولغاندىمەن ،ئۇزاق بولغان  بۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلىمىغىلى ئجەپ بىر چۈشۈم بۇزۇلۇپ قاپتۇ دېسە،قارىغاندا ماڭىمۇ ھاردۇق يەتكەن چېغى مەنزىلگە بارغۇچە بىر ئۇخلىۋالاي .
-نېمە بولدۇڭ ئاداش ،كۆزلىرىڭ ياش يۇقى،قانداق كۆڭلۈڭ جايىدا ئەمەستەكقۇ؟
-نەدىكىنى ، نېمىكى كۆزۈمگە كىرىپ كەتكەن شۇڭا كۆزۈمنى ئۇگىلاپ قىزارتىۋېتىپتىمەن، قانداق ئەكبەر كۆڭلۈڭ جايىدىدۇ؟
-رەھمەت ساڭا ئاداش، ماڭا قىلغانلىرىڭنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمەن ، تىنىچلىقلا بولسام چوقۇم ئەجرىڭگە لايىق ئىشلەيمەن ئاداش.
مەن ئۇنىڭ دولىسىغا ئاستا ئۇرۇپ قويغىنىمچە كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇيقۇغا كەتتىم .




رەڭۋازلىقنىڭ باشلىنىشى

(1)

..........
-ئاكا ئادەم ئالامسىز؟
-ياق.
ھەدە ئادەم ئىشلىتەمسىز؟
-ياق...
-ئۇنداق قىلماي يۈگۈر-يىتىم ئىشلىرىڭىزغا بولسىمۇ ياردەملىشەي، مەن  تاماق يېمىگىلى نەچچە كۈن بولدى .
-كۆزۈمگە سەن كۆرۈنمەي يوقىلە .
-ئاكا ماڭا ئىنساپ قىلىڭ ، ئۇنداق قىلماڭ ئاكا مەن تاماق يېمىگىلى..
-ئوھوي، مېنى بىر بايۋەتچە كۆرۈپ قالدىڭما ،دارىلئېتام ئەمەس بۇ يەر، قانداق نەرسە بۇ.
پېشانەمنىڭ تەتۈرلۈكى تۈپەيلى ھەممىدىن ۋاز كەچكەن ھالدا جەمىيەتكە چىقتىم،نە ئامال نەپرەتكە ئادەم ئۆرە تۇرغىلى بولمايدىكەن،نەچچىلىگەن بۇسۇغىلاردا تىنەپ ،نەچچىلىگەن دوقمۇشلاردا سەرگەردان بولغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن،مانا بۈگۈنمۇ جەمىيەت تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم سىلكىندىم،لېكىن مەن كۆنۈپ قالغان،تالاي قېتىملىق كەمسىتىلىش ، باشقىلارنىڭ ھاقارەتلىشىگە ئۇچىراش دېگەندەك ئىشلار مەن ئۈچۈن يەرگە تۈكۈرگەندەكلا ئىش بولۇپ قالدى،لېكىن ھەممىدىن گالنىڭ ئىشى بەكراق چاتاق بولدى ئەمەسمۇ؟كوچىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تەمتىرەپ تۇرماقتىمەن، شۇ تاپتا مېنى مۇشۇنداق كۈنگە دۇچار قىلغان كىشىلەرگە ئىچ-ئىچىمدىن نەپرەتلەنمەكتىمەن،ئاشقازىنىمنىڭ توساتتىن كورۇلدىشى بىلەن نەپرىتىم خۇددى بىر يۈتۈم سۇدەكلا ئۈن-تىنسىز سىڭىپ كەتتى .قەددىمنى ئاستا تىكلىگىنىمچە ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ ئادەم توپلاشقان جايغا قاراپ يول ئالدىم،شۇ تاپتا بىرسى سۇقىۋەتسىلا يىقىلىپ چۈشكىدەك ئەلپازدا كېتىپ باراتتىم، توساتتىن  كۆزۈم كوچىدىكى بىر تىلەمچىگە چۈشۈپ قالدى،ئاددىي-ساددا كىيىنگەن،يېشى مەندىن ئانچە پەرىقلەنمەيدىغان بىر ياش قولىنى كۆتۈرگىنىچە كىشىلەردىن سەدىقە تىلەۋاتاتتى، توۋا دەپ قالدىم ئاران ئىنجىقلاپ،كۆزىدىن مەككارلىق چىقىپ تۇرىدىغان ،تەنلىرى بىجىرىم بىر يىگىتنىڭ قىلچىمۇ ھېيىقماستىن يەرگە يۈكۈنىشى مېنى سەل تىرىكتۈرۈپ قويغانىدى ،لېكىن ئۇنىڭغا بىھۇدە ئاچچىقلانغۇدەك ماغدۇرۇم يوق ،  ئالدىمغا نەچچە قەدەم مېڭىپلا تۇرقۇمغا بىر قۇر قاراپ چىقتىم، تەقى-تۇرقۇم ئاۋۇ ساھىلدىنمۇ ئۆتە بەتبەشىرە ئىدى،ئۆزەممۇ بىلمەيلا يەرگە پۈكلەندىم ،ئىسىت !دەل شۇ چاغدا ئىرادەمگە خىلاپ ئىشتىن بىرسى يۈز بەردى، ئالدىمغا مېڭىۋاتقان كىشىلەرگە ئامىيىن دېگىنىمچە قولۇمنى سۇندۇم،ئەمدىلىكتە مەنمۇ تىلەمچىلەر سېپىگە قۇشۇلۇپ كەتكەنىدىم. تەقى-تۇرقۇمنىڭ جۇلجۇللىقى خېلى رولىنى كۆرسەتكەن چېغى بىردەمدىلا ئالدىمغا پارچە پۇللار دۆۋلىنىشكە باشلىدى،ئۆزەمچە بىرخىل مەغرۇرلىنىش ھىسياتى بىلەن يېنىمدىكى ھېلىقى تىلەمچىگە قارىدىم، لېكىن ئۇ قاچانلاردىن يېنىمدىن كەتكەنكى بۇنى بىلەلمىدىم، قارىغاندا ئۇ مېنىڭ ئۆزىنىڭ بازىرىنى ئېلىۋالغانلىقىمدىن ئاچچىقلىنىپ باشقا يەردىن بازار ئاچقىلى كەتكەن چېغى .نېمىشقىكىن ئالدىراپ ئورنۇمدىن تۇرغۇم كەلمەيتى،ئېچىل داستىخان ئالدىمدا تۇرسا ئالدىراپ يىغىۋېتىشكە قانداقمۇ كۆڭلۈم ئۇنىسۇن .ئەل ئايىغى بىسىققاندا بازىرىمنى يىغىشقا تەرەددۈت قىلدىم،بايىقى خوشلۇقۇمدا قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن دېسە ، ئاستا بىر بۇلۇڭغا كەلدىمدە قولۇمدىكى پۇرلىشىپ كەتكەن پۇللارنى ساناشقا باشلىدىم،پاھ! ساقمۇ-ساق بەشيۈزسوم، راست گەپنى ئېيىتسام تىلەمچىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققىنىڭ بۇنچىلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم ، بولۇپمۇ مەدەك يېڭىدىن بازار ئاچقان تىلەمچىگە نىسبەتەن بۇنچىلىك پۇل تېپىش خېلى چوڭ ئىش ھىسابلىناتتى.
تامنىڭ بىر بۇلىڭىغا يۆلىنىپ پۇللارنى قانداق خەجلەش ۋە ئەتىكى بازارنى قانداق ئېچىش توغرىلىق كۆڭلۈمدە چوت سۇقۇشقا باشلىدىم.پۇل!مۇشۇ كۈنلەردە ئەجەپ ئۇلۇغلىنىپ كېتىۋاتىدۇ دېسە، كىم دېگەن بولغىيتى پۇل دېگەن جىننىمۇ ئۇسۇلغا سېلىۋېتىدۇ دەپ ، مانا بىرنى زار بىرنى ئىنتىزار قىلغان پۇلنى سىقىمداپ تۇرماقتىمەن ،شۇ تاپتا مەندە پۇل بار دەپ قاتتىق ۋارقىرىغۇم كېلەتتى، نەچچە يەردە سۇقۇلۇپ يۈرۈپمۇ بىر تىيىن پۇلنىڭ بۇرجىكىنى كۆرەلمەي مانا ئەمدى شۇنچە ئوڭايلا نەچچە كۈنلۈك ئىشلىرىم ھەل بولۇپ قالدى دېسە،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپلا جايىمدا قېتىپ قالدىم، ئاھ ئۇراتتىم،چېچىمنى يۇڭداپ بۇقۇلداپ يىغلايتىم، پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلاندىم،بىر يىگىت ئۈچۈن بۇ نەقەدەر ئېغىر ھاقارەت ،ئاھ خۇدا، ئىست مېنىڭ يىگىت بولۇپ قالغانلىقىم ،ئاھ رەھىمسىز تەغدىر، شۇ تاپتا ئۆزەمدىن نەپرەتلىنەتتىم، ئۆزەمنىڭ گۆشىنى ئۆزەم يىگۈدەك بولۇپ كەتكەنىدىم، شۇ چاغدىلا پۇلنىڭ جىننى قانداق ئۇسۇلغا سالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم،قەلبىمدىكى شەيتان مېنىڭ ئىرادەمنى ئاجىزلاشتۇرۇپتۇ، نەدىن كەلگەن غەيرەتكى ئۆزەممۇ بىلمەيلا قولۇمدىكى پۇلنى يىرتىپ-يىرتىپ تاشلىۋەتتىم.بايىقى بۇقۇلداپ يىغلاشلىرىم ئەمدى كۆككە يەتكەنىدى، جەمىئەتنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن ئاغرىنىپ يەردىكى تاشلارنى تېپەتتىم، ئالا-تاغىل ۋارقىرايتىم،تامدىكى قەغەزلەرنى يىرتاتتىم، شۇنداق قىلساملا ئازابىم يىنىكلىگەندەك ھىس قىلاتتىم،بارا-بارا تېنىمنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم،تامغا يۆلەنگىنىمچە بېشىمنى چاڭگاللاپ چوڭقۇر ئويغا پاتتىم، ياق دەيتىم ئۆز ئۆزەمگە،جەمىئەتتىن ئاغرىنىشقا نېمە ھەددىم بار، ئۆزەم خوشاللىق ئىزدىگەن كىشىلەردىن خوشاللىق تاپالمىغىنىمدا يەنىلا مۇشۇ جەمىئەت مېنى قوينىغا ئالدى ئەمەسمۇ ، جەمىئەتكە يېڭىدىن قەدەم ئالغان چاغلىرىم ھېلىمۇ ئىسىمدە قاتتىق ئېسەڭگىرەش،ئازاپلىق قايغۇرۇشتىن كىيىنكى شۇ كۈنلەردە مەن جەمىئەتكە شۇنداق ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈپ قارىغان ئىدىم ،شۇ چاغلاردا مەن ھازىر رەزىل دەپ قارىغان جەمىئەت شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنگەن ئەمەسمىدى.تامغا مۇشلىغىنىمچە ئۆزەمگە ئېچىنىپ يەنە ياش تۆكۈشكە باشلىدىم.
ئەمەلىيەتتە ياش ئەمەس چىپ-چىپ قانلار يۈرىكىمدىن ساقىپ چۈشمەكتە ئىدى.قولۇم بىر نەرسىگە ئۇرۇنغاندەك بولدى،كۆزۈم توساتتىن تامغا چاپلانغان بىر ۋاراققا چۈشۈپ قالدى، ئادەم ئىزدەش ئېلانى، مۇشۇ كۈنلەردە ئادەم بىدىكلىرى ئەجەپ يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ دېسە، بىچارە بالىلار نەلەردە تەمتىرەپ يۈرىدىغاندۇ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈتلىرى بولغان سەبىيلىرىمىز ئەمدىلىكتە كەلگۈسىنىڭ يانچۇقچىلىرى، ئاقچى-كۆكچىلىرى دېگەندەك بىر قاتار يامان ئىشلارنىڭ ئاسا سالغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ، بىچارىلەرنىڭ ئاتا -ئانىلىرىچۇ؟....لېكىن بۇلارنىڭ ئايىغىنى ئويلاشقا ماجالىم قالمىدى،گۈپپىدە يەرگە يىقىلدىم،نۇرسىز كۆزلىرىم ئاستا-ئاستا ئۆچۈشكە باشلىدى.كۆز ئالدىمدىلا چاشقانلار ئۇياق-بۇياققا چېپىشىپ يۈرمەكتە، ئۇ ۋاراق تېخىچە قۇلۇمدا قالغان ، ئاللىقانداقتۇر بىر ئويلار بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتىم...
قۇياش ئاللىقاچان نەيزە بويى ئۆرلەپ بولغان، ئىنجىقلىغىنىمچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆزەممۇ بىلمىگەن مەۋھۇم نىشانغا قاراپ ماڭدىم،بىر يانچۇقچى كۆز ئالدىمدىلا بىر ئايالنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرىۋاتاتتى،ئەمما ئايال سېزىپ قالغان چېغى كاپپىدە قىلىپ ئۇنىڭ قولىدىن تۇتىۋالدى،يانچۇقچى قولىنى بوشاتماق بولۇپ شۇنچە قېيىشقان بولسىمۇ لېكىن ئايالنىڭ قولىدىن زادىلا يۇلقىنالمىدى، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن يانچۇقچى شاپپىدە پورتىمالنى يىراققا پىرقىرىتىپ تاشلىۋەتتىدە،يۇۋاشلىق بىلەن ئايالنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرىشىنى كۈتۈپ تۇردى.مانا ھايال ئۆتمەيلا ساقچىمۇ كەلدى، تاماشا كۆرىدىغانلار يانچۇقچى بىلەن ئۇ خۇتۇننى چۆرىدەپ بولغان ، مەنمۇ بىلمەيلا چەمبەرنىڭ ئىچىگە ئېلىنىپ قاپتىمەن،تەمتىرىگىنىمچە ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدىم.
- ساقچى مەن ئالمىدىم، بايا تېخى بىر يانچۇقچى ئاختۇرغاندەك قىلغان،
-يالغان ئېيىتما ،سەن ئالمىساڭ قولۇڭنى تۇتىۋالاتتىم مەن ، پورتىمالنى چىقار.
-توۋا ئاچا ، قاراپ تۇرۇپ ئادەمگە قارا سۇگىماڭ، قايسى پورتىمالنى ، بۇ يەردە ئادەم شۇنچە جىق تۇر...
-تولا گەپ يورغىلاتماي ،ئالە دېگەنكىن ئالە،ھېلى ئاختۇرۇپ قالسام سەتلىشىپ قالىسەن.
- شۇ مەن ئالمىسام، مانا ئاختۇرساڭلا ئاختۇرۇڭلار.
يانچۇقچى شۇنداق دېگىنىچە ، ساقچىنىڭ ئالدىغا غادىيىپ باردى، ئايال بىلەن ساقچى شۇنچە ئاختۇرغان بولسىمۇ ئەمما نەتىجە چىمىغانىدى، ئايالنىڭ توساتتىن سۆز ئېچىشى مېنى چۆچىتىۋەتتى.
-مانا بۇ بالىمۇ كۆرگەن ، شۇنداقمۇ ، بايا يېنىمدا بارئىدى مۇشۇ بالا.
-سەن راستىنلا ئۇنىڭ بىر پورتىمالنى ئالغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ ؟
-ھە...ھە،ياق ، ئۇنى كۆرمەپتىمەن، مەن تېخى ھازىرلا كەلگەن، ئۇ بالىنىڭ ئالغىنىنى كۆرمىدىم.
شۇنداق دېگىنىمچە كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇ ئايالغا قارىدىم، ئايالنىڭ نەپرەتلىك كۆزلىرىنىڭ ماڭا تىكىلىشى بىلەنلا كۆزۈمنى پەسكە قارىتىپ ساقچىنىڭ ئالدىدا گۇناھكارلاردەك باش ئىگىشكە باشلىدىم.
-راست كۆرمىدىڭما؟
-نېمە قىلىمەن بىر يانچۇقچىنى قانات ئاستىمغا ئېلىپ.
يانچۇقچى گېپىمنى ئاڭلاپ مەككارلىق بىلەن ماڭا قاراپ ھىجىيىپ قويدى.
-قاراڭ خانىم، ئىسپات يوق شۇڭا بۇنى ئوغرى دەپ تۇتقىلى بولمايدۇ.
-لېكىن...
-كەچۈرۈڭ خانىم، يىپ ئۇچى بولسىلا سىزگە خەۋەر بېرىمەن.
ساقچى شۇنداق دېگەچ ئۇ يەردىن ئايرىلدى، ئايالمۇ بىر نېمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىغىنىچە ئەستا كىتىپ قالغانىدى،مەنمۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك يولۇمغا ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا دولامغا قۇيۇلغان شاپلاقتىن چۆچۈپ ئارقامغا قارىدىم.
-رەخمەت ساڭا بۇرادەر، باياتىن ياردەم قىلمىغان بولساڭ، قاماقتا بولاتتىم .
يانچۇقچى شۇنداق دېگەچ،باياتىن ئاللىقاياقلارغىدۇر تاشلىۋەتكەن پورتىمالنى تېپىپ قايتىدىن گەپ باشلىدى.
-سېنى دەپ قۇيارمىكىن دەپ بەك ئەنسىرىگەن، سەنمۇ يامانكەنسەن چاندۇرمىدىڭ،دوستلۇققا يارايدىكەنسەن. ماڭە ئولجىنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ كېلەيلى.
ئۇ شۇنداق دېگەچ مېنى تاماق يەپ كېلىشكە چىللىدى، مەنمۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم.ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغاچ تەقى-تۇرقىغا قارىدىم،ۋىجىككىنە كەلگەن، بىر كۆزى سەل قىسماق، يۈزلىرىنىڭ بەزى يەرلىرى تارتۇق بولغان ياشقىنە بىر يىگىتنىڭ ئارقىدىن مېڭىۋاتاتتىم.ھايال ئۆتمەيلا بىر غەرىپچە تاماقخانىغا كەلدۇق، مانا ھەش-پەش دېگۈچە تائاملار تارتىلدى، مەن خۇددى ئاچ بۆرىدەكلا تاماققا ئېتىلىشقا باشلىدىم، مېنىڭ بۇ قىلىقىم ئۇنى ئەجەپلەندۈرگەن چېغى ماڭا قاراپ سۆز ئاچتى.
-قانچە كۈن بولدى ساڭا تاماق يىمىگىلى.
-بەش كۈن
مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماستىن تاماققا داخىل بولۇشقا باشلىدىم،ئەمدى خېلى تېتىكلىشىپ قالغانىدىم، پۇت-قولۇممۇ ماغدۇرغا كېلىپ قالغانىدى، ئۇ تاماكىدىن بىرنى تەڭلىدى، تاماكىنى ئېلىپ ئاچچىق شورىغىنىمچە ئۇنىڭدىن سورىدىم.
-ساڭا بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟
-قانداق سېنىڭمۇ ئۆگەنگىڭ كېلىۋاتامدۇ؟
ئۇ مۇغەمبەرلەرچە ماڭا قاراپ ھىجىيىشقا باشلىدى، مېنىڭ كۈتكىنىممۇ دەل شۇ ئىدى، مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىشقا قىزىقىدىغانلىقىمنى مۇمكىن بولسا بۇ ھۈنەرنى ئۆگەنگۈم بارلىقىنى ئېيىتتىم، ئۇ قايتىدىن بىر تۇرۇقۇمغا قارىۋەتكەندىن كېيىن ماڭە دېگىنىچە ئۇ يەردىن ئورنىدىن تۇرۇشقا باشلىدى، بىز ئۇدۇل بىر سودا-سارايغا كەلدۇق، مانا بىر قۇر كىيىم بىلەن يېڭىچە بىر ئادەم بولۇپ قالدىم،ئۇ بىر كىشىگە تىلفۇن قىلغاندىن كېيىن ماڭا بىر نەچچە ئېغىز سۆز جىكىلەپ ئۆزىنى قايتىدىن تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى. ھايال ئۆتمەي قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان باداڭ قورساق بىر كىشى ئالدىمىزدا پەيدا بولدى،ئۇ بىز بىلەن سۇسقىنا بىر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئاستا ئۇنى يېنىغا تارتىپ بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن مېنى چاقىردى .
-ماڭا قارا ئاغىينە ، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ يەرگىچىلا ئەكىلىپ قۇيالايمەن، ھۈنەر ئۆگەنمەكچى بولساڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇنۇ كىشىگە ئەگەشكىن، خەير ئەمدى  خوشلىشاي.
ئۇ شۇنداق دېگەچ بىر تاكسىنى توسقىنىچە مەندىن ئايرىلدى ، مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي جايىمدا قاققان قوزۇقتەك جىملا تۇرۇپ باداڭ قورساقنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم، ماڭە دېگەچ مېنى ئارقىغا ئەگەشتۈردى، ھىچنىمىنى بىلمىگەن ھالدا ئىككى كۈن ئۇنىڭ ئارقىدىن ئەگەشتىم ، ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا بىز تۇيۇقسىز ئىچكىرگە ماڭىدىغان بولۇپ قالدۇق.
ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇشۇم بولغاچقا قەلبىم شۇنچىلىك ھاياجان ئىچىدە، ئاسمان بوشلۇقىدىن بۇ سېھىرلىك ئالەمگە قارىدىم،ئايرۇپىلان لەرزان ئۇچماقتا .
- توۋا، مەن تېخى جاھاننى بەكلا كىچىك دەپ ئويلايتتىم، نېمانداق كەڭرى بۇ جاھان،بوپتۇ ئانا دىيارىم مېنى ئۆز قوينىدىن يەكلىدى ئەمدى ئۆزگە يۇرتنىڭ لەززىتىنى كۆرىدىغان چاغمۇ كېلىپ قاپتۇ.شۇنداق شىرىن ئىزگۈ-خىياللار ئىچىدە يەنە بىر يېڭى ماكانغىمۇ كېلىپ قاپتىمەن، باداڭ قورساق مېنى شەھەر سىرتىدىكى خالى بىر جايغا جايلاشقان داچىسىمان ئارامگاھقا باشلاپ كەلدى، ئۇلارنىڭ تىلى بويىچە بولغاندا بۇيەر جەننەت ماكانى دەپ ئاڭلىنىدىكەن،بىردەمدىن كېيىن قاۋۇل بەستىلىك كەلگەن بىر كىشى ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى، باداڭ قورساقنىڭ شۇنچە تەكەللۇپ قىلىشلىرىدىن ئۇنىڭ خوجايىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، توساتتىن ھويلىنى قىيا-چىيا قاپلىدى .
-ئاكا،ئۇنداق قىلماڭ ئاكا...
-بىر كۈن بازار ئويناپ تاپقان پۇلۇڭ مۇشۇما، بىزنىڭكىنى يەيسەن، سەن ھارام تاماقلارنىڭ پوقى دورىمۇ بىزگە،نەچچىلىك ۋاقىت بولدى ساڭا ھۇد....
-قورقما ،بولدى كۆنۈپ قالىسەن،ئاڭلىسام بۇ ئىشقا قىزىققاچقا سېپىمىزگە قوشۇلماقچى بوپسەن .
تۇيۇقسىز سورالغان سوئالدىن ھۇدۇقۇپ نېمە دېيىشىمنى ئۇقالماي بىر ھازا تەمتىرەپ قالدىم،مېنى قوينىغا ئالماقچى بولغان بۇ جەننەت ماكانغا قايتىدىن بىر قاراپ چىقتىم، كىچىكى 9~10ياش  چوڭلىرىنىڭ يېشى 50لەرگە ئۇلاشقان 15تەك ئادەم جەننەت ماكاننىڭ ئەزالىرى ئىدى، مانا بۈگۈن بۈ ماكانغا يەنە يېڭى بىر ئازا قېتىلدى،قاياقلاردىندۇر ئېچىنىشلىق پەريادلار ئاڭلىناتتى،بىرسنىڭ بىشارىتىدىن ئىسىمگە كەلدىم .
-ھە،مەن قىزىقىمەن، قاچانلاردىن بۇ خىيالغا كېلىپ قالغىىمنى بىلمەيمەن، پەقەت بۇ ھۈنەرنى ياخشى ئۆگىنىپ سىزگە ئوخشاش كىشى بولغۇم بار
-ھا!ھا!ھا! ماڭا ئوخشاش دە، خېلى غەيرىتىڭ باركەن ، تىرىشىپ ئۆگەنسەڭلا مەندىن ئېشىپ چۈشكىدەك ماھارەتنى يىتىلدۈرىسەن، ھوي، سەن بۇيەرگە كەل .
خوجايىن شۇنداق دېگىنىچە مېنى ئوتتۇرا بوي بىر كىشىگە تۇتقۇزدى،ۋە ماڭا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ئۇستاز بولىدىغانلىقىنى ، ياخشىراق ئۆگىنىشىمنى جېكىلەپ ئورنىدىن تۇردى .
مانا شۇ كۈندىن كېيىن مېنىڭ يېڭى تۇرمۇشۇم باشلاندى، ئۆگىنىشىم ھەقىقەتەن ياخشى بولۇۋاتاتتى، كۈۈدە دېگۈدەك ئاچچىق ئىڭراشلار،ئازاپلىق يالۋۇرۇشلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى، لېكىن مەن ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدىم،تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگەنگەچكە باشقىلار نەچچە ھەپتىدە ئۆگىنىدىغان ھۈنەرنى مەن نەچچە كۈندىلا ئۆگىنىۋالاتتىم،باشقىلار ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قارايتى، كېيىنچە چوڭ ئاكىلار مېنى تۇتقا قىلىپ پۇلنى ئاز تاپقانلارنى تېخىمۇ قاتتىق خورلايدىغان بولىۋالدى، بۇ چاغدا ئۆزۈمنى پەخىرلىنىش ئىچىدە چوڭ تۇتۇشقا تىرىشاتتىم،ئەلۋەتتە  نېمىشقا بۇنچە تېز ئىلگىرىلىشىم ئۆزەمگە ئايان ئىدى، مۇشۇ ئىشقا بولغان بىر خىل قىزىقىش مېنى توختىماي ئۆگىنىشكە زورلايتى،لېكىن ئۇلارچۇ؟ ئۇلار مەجبۇرلاش خارەكتىرلىك ئۆگەنگەن بولغاچقا پەقەت ئۇلارنىڭ  قارشى تۇرۇش ئېڭى ئاجىزلىغان چاغدىلا ئاندىن ئۆگىنەلەيتى، شۇنداق قىلىپ بۇجىنايەت پاتقىقىغا ئۆزۈم خالاپ كەچتىم، يۈرۈكۈمنىڭ بارغانسىرى قارداپ كەتكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى، خوجايىنلارنىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيىسى ئالاھىدە ياخشى ئىدى، ئەلۋەتتە بۇنداق ياخشى تەمىناتلار ماڭا ئازدۇر-كۆپتۇر دۈشمەنلەرنىمۇ كۆپەيتىپ قويغانىدى، نېمىشقىكىن بۇ جەننەت ماكاندا جەمىئەتنىڭ نەقەدەر ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇ چاغلاردا خوجايىن بىزگە مۇنداق تەلىم بېرىدىغان كۈچلۈكلەر ھامان غالىپ كېلىدۇ دەپ ،بۇ يەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا پۇلنى جىق تېپىش غالىپ كەلگەننىڭ ئىپادىسى ئىدى ، بىر مەزگىللىك ئۆگىنىشتىن كېيىن مەنمۇ بازارغا چىقىپ پۇل تاپىدىغان بولدۇم، شۇ تاپتا ئۆزەمگە قاتتىق ئىشىنەتتىم،نەچچىلىگەن كىشىنىڭ يانچۇقىدىن تۈشۈك ئېچىپ يانچۇقۇمغا پۇللارنى توملاپ كېتىدىغاندەكلا تۇيغۇدا ئىدىم،لېكىن ئويلىغىنىم كۈتكەندەك بولمىدى، تۇنجى قېتىملىق بازار ئوينىشىمدىلا قاماققا چۈشۈپ قالدىم، مەن ئەڭ قورققان ئىش مۇشۇ ئىدى، توساتتىن ھېلىقى چاغدىكى تۇنجى كۆرۈشكەن بۇرادىرىمنىڭ سۆزلىرى ئېسىمگە كەلدى.
-ئىشلىرىڭغا ئامەت تىلەيمەن، تۇتۇلۇپ قالمىغايسەن، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىملىق بازار ئوينىشىڭدا تۇتۇلۇپ قالساڭ ئۇلارنىڭ سەن بىلەن پەقەت كارى بولمايدۇ...
نېمە قىلىشىمنى بىلمەي قاراڭغۇ كامىردا ئولتۇرۇپ بىرە مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۈتمەكتە ئىدىم، نەچچە كۈننىڭ ياقى قىلغان تىرىشچانلىقىم مۇشۇنداقلا يوق بولارمۇ ؟
-ھەي ! سەن چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ، ھە سېنى دېدىم.
قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالغانىدىم، ئېنىق ئۇلار مېنى قۇيۇپ بەرگەنىدى،قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالغانىدىم ، ۋاھ!دەۋەتتىم ساقچىخانا ئالدىغا چىقىپ، بىردەمدىن كېيىن بىر ماشىنا كېلىپ مېنى ئەكەتتى .
چاڭ قىلغان بىر شاپىلاق بىلەن مەڭزىم ئوت بولۇپ ياندى، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالغانىدىم.
-بۇ شاپىلاق ساڭا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش ، تەلىيىڭ باركەن، ئەقىللىق بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا جەننەتكە قايتىپ كېلەلىدىڭ بولمىسا تۇرار جايىڭ دوزاق بولاتتى.ھەممە كىشى تۇنجى قېتىملىق ئىشىدا ئوڭۇشلۇق بولۇشنى تىلەيدۇ، مەن تېخى سېنى ...
چاڭڭىدە قىلىپ يەنە بىر تەستەك سېلىندى، ئەينى چاغدا ماڭا ھەۋەسلىنىپ قارىغان كىشىلەر ئەمدىلىكتە ماڭا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارايتى، بەلكىم ئۇلار سەنمۇ شۇنچىلىككەنسەنغۇ دەۋاتقاندۇر .
- بۇ تەستەك سېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۇتۇلۇپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن سىگنال، ئاڭلاپ قال، نەچچە كۈندىن بۇيان بىزنىڭكىنى يېدىڭ،ھېچقايسى يېڭى ئەزالار بەھرىمان بولالمايدىغان ھۇزۇردىن بەھرىمان قىلدۇردۇم، لېكىن سەن ئۈمىدىمنى يەردە قويدۇڭ، ئاڭلاپ قال بۇيەردە ئىشلىگەن چىشلەيدۇ.
-يوقىتىڭلار مانى .
نەچچەيلەن كېلىپ مېنى قاراڭغۇ كامىرغا سولاپ قويدى، مەندىن باشقا يەنە بەش بالا ئۇيەردە ئىڭرىغىنىچە مۈكچىيىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان تەمىناتتىن بەھرىمان بولغانلىقىنى سېزىپ بىر بۇلۇڭغا  بېرىپ ئولتۇردۇم، نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى،بىز گويا ئۇنتۇلغان ئادەمدەك ھېچكىم يوقلاپ قۇيايمۇ دېمىدى، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق قىينىماقتا ئىدى، بولۇپمۇ يېقىندا چېكىشنى ئۆگىنىۋالغان ئاق تاماكىنىڭ خۇمارى مېنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ئازاپ بىلەن قىينىماقتا ئىدى.ئەمدى چىدىمىدىم،ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە ئىشىكنى جالاقشىتىپ ئۇرۇشقا باشلىدىم.
-ئادەم بارمۇ!مەن چىدىمىدىم!ئىشىكنى ئېچىڭلار، ئاكا ، مەن خاتا قىلىپتىمەن، يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ ئاكا، ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ قېتىم چۇقۇم كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقىمەن ئاكا،
يەردە ئىتتەك يۈكىنىپ  يىغلاپ-قاخشاپ يالۋۇرماقتا ئىدىم، غارت قىلىپ ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئىككى ناتۇنۇش سايە قولتۇقۇمدىن سۆرىگىنىچە سېرىتقا ئېلىپ چىقتى،كاللام قاپاق ئەس-يادىم شۇ بىر بولاقتىلا .
-ئاڭلىسام تۆۋە قىلىپسەن، قانداق گۇناھىڭنى تۇنۇدۇڭمۇ؟
خوجايىن شۇنداق دېگەچ ئالدىغا بولاقتىن بىرنى تاشلىدى. مەن ھاپىلا شاپىلا يېنىمدىن چاقماقنى چىقىرىپ ، بەڭ سىيرىشقا باشلىدىم، پۇت-قولۇمغا جان كىرگەندەك بولدى، شۇ تاپتا ئۆزۈمنى ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم،بىردەمدىن كېيىن ئۆزەمنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۋېلىپ سۆز ئېچىشقا باشلىدىم .
-خاتالىقىمنى تۇنۇدۇم ئاكا ، يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ،بۇ قېتىم مەن چوقۇم ...
-نەچچە كۈن ئارام ئېلىۋال ئاندىن كېيىن بىرنەرسە دېيىشەيلى، شۇنى ئۇقۇۋال ئەگەر بۇ قېتىم يەنە تۇتۇلۇپ قالساڭ قانداق كۈندە قالىدىغانلىقىڭ ئۆزەڭگە ئايان .
- بۇنى بىلىمەن ئاكا،بولدى مەن ئارامنى ئېلىپ بولدۇم بۈگۈنلا بازارغا چىققۇم بار خالىسىڭىز...
مەن شۇنداق دېگىنىمچە خوجايىنغا يىلىنىشقا باشلىدىم،ئۇ ماڭا بىرەر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ،ماڭا ئىككى كىشىنى قۇشۇپ قويدى،بۈگۈن تەلىيىم ئوڭدىن كەلگەن چېغى،نەچچە سائەت ئىچىدىلا خېلى جىق پۇل تاپتىم، كەچ بولغاندا مەغرۇر ھالدا جەننەتكە قايتىپ كەلدىم، خوجايىن مېنى توختىماي ماختايتى، بۈگۈنكى تۆھپەمنىڭ بەدىلىگە مەن خوجايىنىڭ سول بېقىنىدىن ئورۇن ئېلىش شەرىپىگە ئېرىشتىم.شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ كەتتى، ھەش-پەش دېگۈچە بۇ جەننەت ئارالدىكى ئىناۋىتىم ئېشىشقا باشلىدى، ئىلگىرى مېنى ئارقىغا سېلىپ ماڭىدىغان كىشىلەر ئەمدىلىكتە مېنىڭ ئارقامدىن لالما ئىتتەكلا ئەگىشەتتى،مانا ئەمدىلىك خوجايىننىڭ ئوڭ بېقىنىدىكى ئۆزگەرمەس كىشىگە ئايلانغانىدىم، شۇ چاغدىلا بۇيەرنىڭ نېمىشقاجەننەت ماكان دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدىم، كۈنلىرىم ئەيش-ئىشرەت،كەيىپ-ساپا ئىچىدە شۇنچەخىرامان ئۆتمەكتە، مەن ھىس قىلالىغانىدىم،جەمىيەتنىڭ نەقەدەر ئىللىقلىقىنى ھىس قىلالىغانىدىم، ئىلگىرى مېنى جەمىيەتكە پالىغان ئاشۇ كىشىلەرگە نەپرەتلەنگەن بولسام ،ئەمدى ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىغا رەخمەت ئىيتماقتا ئىدىم، ئىلگىرى ئىللىق ماكانىمنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن قانچە ئەنسىرىگەن بولسام ئەمدى بۇ ماكاننى شۇ ئائىلەمگە ئوخشىتىپ قالغانىدىم، كۆڭلۈمدىكىنى ئېيىتقاندا ھازىرقى ماكانىمنىڭ ۋەيران بولۇشنى خالىمايتىم، لېكىن نېمىشقىكىن يېقىندىن بۇيان ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتاتتى، قانۇن-تۈزۈمنىڭ كۈچىيىشى، شوركىلارنىڭ پات-پات قېچىپ كېتىشلىرى، مەن-مەن دېگەن يانچۇقچىلارنىڭ ئازىيىپ كېتىشى بۇ جەننىتى ماكانىمىزغا خىرىس ئەكەلمەكتە ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ مەن كۈتىۋاتقان نەتىجە ئەمەس، بۇنىڭغا ئامال تېپىشىم كېرەك ئىدى، قانداق قىلىشىم كېرەك ، توساتتىن ئۆزەمنىڭ بۇ يولغا كىرىپ قالغانلىق كەچمىشلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم،توۋا قىقسىغىنە ياشلىقىمدا ئەجەپ بىر ئىشلار يۈز بېرىۋاتقاندۇ،لېكىن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىرادەمگە خىلاپ بولىۋاتاتتى. بۇرۇن يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەنلىكىم ئېسىمدە،
-مەن بۈگۈن ئۈچۈنلا تۇغۇلغان ،قەلبىمدىكى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان نەپرەت مېنىڭ ئەتىنى كۆرىدىغان كۆزۈمگە بىر قەۋەت تۇمان پەردىسىنى ئاسقان، لېكىن مەن ھىچقاچان ئۇ پەردىنى قايرېۋېتىشنى ئويلاپ باقمىدىم ، چۈنكى ئۇ پەردە مېنىڭ بۈگۈن كۈلۈپ ياشىشىم ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەردى، شۇڭا مەن بۈگۈنگە ئامراق ئەتە بىلەن كارىم يوق.
لېكىن بۈگۈن توساتتىن بۇ پەردىنى قايرىۋەتتىم، ۋاھ!ئەتىنىڭ نۇرلىرى نېمانداق پارلاق كۆزۈمنى ئاچالماي قالدىم،نېمىشقىمۇ بالدۇراق ئەتىگە قاراپ باقمىغاندىمەن، قاقاقلاپ كۈلىدىغان چاغلىرىم ئەسلى ئەتىدىكەن ئەمەسمۇ، قارىغاندا نەپرەتلىرىم سۇسلاپ قالغان چېغى، شۇنداق بىر ئۆچمەنلىك بىلەن ئاسمانغا قاراپ قويدۇم،ئېرىشىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كېرەك، بەلكىم ئەتىنىڭ پەردىسىنىڭ قايرىلىشى ماڭابولغان نەپرەتلەرنى ئۇلغايتىۋېتىشى مۇمكىن ،لېكىن مەن بۇنىڭغا رازى، ناۋادا شۇ نەپرەتلەرنىڭ بەدىلىگە مەن پۈتمەس -تۈگىمەس ئامەتلەرگە ئېرىشىپ قالسامچۇ؟بۇ پەردە كىچىكىپ ئېچىلىپ قالدىمۇ ياكى ئېچىلغىنى خاتا بولدىمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، لېكىن مەن بۈگۈن  ئەتىنى كۆرۈشكە قىزىقىپ قالدىم،توساتتىن يۈرىكىمنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ شۇنچىلىك قارىداپ كېتىپتۇ، قارىسام يۈرىكىممۇ بىر قەۋەت پەردە بىلەن توسۇپ قويۇلغان، بەلكىم ئۇ پەردىنىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر كۈنۈم بولىشى مۇمكىن،ئۇنى ئويلىنىشقا ۋاقتىم يوق، ئەتىنىڭ پەردىسىنى ئاران ئاچتىم شۇڭا ئاۋال ئەتەمنىڭلا غېمىنى يېيىشىم كېرەك. ئويلىنىشقا باشلىدىم...  يېڭىچە بىر قەبىھ خىيال مېڭەمدە ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى، كاللامنى قاتتىق بىر سىلكىۋەتكىنىمچە ،بۇ يېڭى پىلانىم ئۈچۈن ئىزدىنىشكە باشلىدىم ...

ئۆزگىچە تاكتىكا

(2)




-ئاكا ،رەپقەت يەنە تۇتۇلۇپ قاپتۇ.
-ئاكا شايكىلىرىمىز  بۈگۈنمۇ قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ.
-ئاكا..
بولدى !نېمە تۈگىمىگەن ئاكا -ئاكا ئۇ، ھۇد لامزەللىلەر قولىدىن تۈزۈك ئىشمۇ كەلمىگەن ،خۇمسى ھېجىقىزلار، ھەر قايسىڭغا بىكارغا ئاكىمۇ مەن ، شەھەر كۆرسىتىپ كۆزىنى ئېچىپ قويسام ........ئۇكام !
ئاكامنىڭ توساتتىن مېنى چاقىرىشى بىلەن شاپپىدە ئۇنىڭ قېشىدا ھازىر بولدۇم،
-نېمە ئىش ئاكا؟
-ئەمدى ئۆزەڭمۇ كۆرىۋاتىسەن ئۇكا،نەچچە كۈننىڭ ياقى ماۋۇ كوسپۇرۇچلارنىڭ بازا ئوينىشى ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئۆزۈڭ بىر مۇشۇلارنى ئارقاڭغا سېلىپ چارلاپ كەلمىسەڭ بولمىدى .
-ھە،مۇشۇ ئىشمىدى ،ئۇقتۇم ئاكا، مەن ھازىرلا...
-توختا ئۇكا، ئاۋۇ رەپقەت دېگەن جالاپنىڭ بالىسىنى تۈرمىدىن ئاچىقىڭلار.
ئاكامنىڭ توساتتىن دېيىلگەن بۇ گېپىدىن ئەمدىلا ئاتلىماقچى بولغان بىرىنچى قەدىمىمنى جايىغا قۇيۇپ قويدۇم، ئاكام بولسا ئاڭلىمىدىڭمۇ دېگەن تەلەپپۇزدا بايىقى گېپىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى .ھەيرانلىقتىن ئۆزۈمگە سوئال قويغۇم كېلەتتى.
توۋا، بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىققاندۇ ، ئادەتتە شايكىلىرىمىزنى ساقچىلار تۇتىۋالسا  بىز ئەپچىقىلىمۇ دېمىسەك  ئاكىمىز ئۆزى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئېغىز ئاچمايدىغان لېكىن بۈگۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەپقەت مۇشۇنىڭ بىلەن 6قېتىم ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىندى،ئادەتتە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تۇتۇلغانلار ئاكامنىڭ رەھمىتىڭگە ئېرىشەلمەيتتى، ئۇنىڭ ھۈنىرىغۇ خېلى يانچۇقچىلاردىن قېلىشمايدۇ ،لېكىن ئۆتكەندە ئەڭ قابىل بىر شايكىمىز ئىككنچى قېتىم ھەپسىگە ئېلىنغاندىن كېيىنلا  خوجايىنغا شۇنچە گەپ قىلساقمۇ ھېچبىر كارى بولمىغان، ئۇنىڭ ئالدىدا مۇنۇ رەپقەت دېگەن سەي بولالمايتىغۇ؟
كاللامغا كەلمىگەن خىياللار قالمىدى،يەنىلا رەپقەتنى ئاچىقىۋېلىشنى ئويلايتتىم ئەنە شۇنداق خىياللار ئىچىدە ئۈچ بالىنى ئەگەشتۈرۈپ بازار ئوينىغىلى ماڭدىم.
پاھ! تەلەي دېگەن مەندىن ئايلىنىۋاتاتتى، تۆت تال ئايفۇن، 6~7مىڭچە نەق پۇل ۋە ئىككى سومكا ئولجا ئاپتىمىز، قىزىق ئىش دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە، ما شايكىلارنىڭ ھەممىسى ساقچىلار ئەدەپ قالدى، بازارغا چىقماق تەس بولدى دەۋاتاتتى ،نەدىكىنى،  مېنىڭچە ساقچىلار بۇرۇنقىدىنمۇ بەكراق بوشاپ كېتىپتۇ، ماۋۇ نەچچە كۈندىن بۇيان بازارغا چىقىپ تۈزۈكرەك نەرسە تاپالمايۋاتقان چۈپرەندىلەرمۇ بۈگۈن مەن بىلەن بىرگە چىقىپلا ئالدى 5000كەينى بىرە يانفون بولسىمۇ تېپىپ كەپتۇ دېسە،زادى بۇنىڭ ئىچىدە بىر سىز بار.
كەچتە يانلىرىمىزدىكى يانفون قاتارلىق پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ قاماقخانىغا رەپقەتنى ئەپچىقىش ئۈچۈن باردۇق،ساقچىلار ئالاھەزەل يېرىم سائەت رەپقەتكە تەربىيە ئىشلىگەندىن كېيىن ئۇنى قويۇپ بەردى ، گەرچە رەپقەت كىركەتكىلى ئىككى كۈن بولغان بولسىمۇ لېكىن بىر كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان قېرىنداشلاردەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق، توساتتىن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ قالدىم، مەن تېخى ئۇنى ئەچىققىنىمدىن خۇش بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم لېكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل نارازىلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى، ھەيرانلىقتا ئۇنىڭدىن سورىدىم.
-ۋوي رەپقەت،شۇنچە پۇل خەجلەپ سېنى قۇتقۇزۇپ قويسام ھېچبىر رەھمىتىڭمۇ يوققۇ بالاڭزا، قارىغاندا كىچىكىپ كەلگىنىمىزدىن نارازى ئوخشمامسەن، كەچۈرگىن نەچچە كۈندىن بۇيان بەزى ئىشلا تۈپەيلى سېنى ۋاقتىدا ئەچىقالمىدۇق،مانا ئەمدى كەلدۇققۇ، خۇشال يۈرە.
ئۇ يەنىلا شۇنچىلىك سۈكۈت ئىچىدە، بۇرۇنقى رەپقەت رەپرەپ دەيدىغان ئاغىنىمىز ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن ، ئەينى چاغلاردا رەپقەت بەكلا شوخ بولۇپ ،نەچچە قېتىم يانچۇقچىلىق قىلىپ سېزىلىپ قالغاندىمۇ ئۆزىنىڭ شوخلۇقىدىن بەزى بىر قىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ كۆزلەرنى غەلەت قىلىپلا قۇتۇلاتتى، ساقچىخانىغا كىرىپ قالسىمۇ قانداقتۇر بىر قىلىقلىرى بىلەن ساقچىلارنى گاڭگىرىتىپ قۇياتتى،شۇڭا بىز ئادەتتە ئۇنى رەپقەت پىر-پىر دەپ ئاتايتتۇق.
-گەپ قىلامسەن يا بالا، ساقچىلار تىلىڭنى كىىسىۋەتمىگەندۇ؟
-رەپقەتكا ، ھىچ بولمىسا مەن ياخشى دەپ قويساڭمۇ بولىدۇ، سېنى ئەچىقىشقا 5000سوم كەتتى جۇمۇ
-بولدى قىلىشە،ماڭە تاكسى توسۇپ كەل ، بۇ رەپقەتنىڭ ھازىرچە گەپ قىلغۇسى يوق ئوخشايدۇ ھېلىلىققا ئاكامنىڭ ئالدىغا بارغاندا زۇۋانى ئېچىلىدۇ بۇ رەپرەپنىڭ.
تاكسىنىڭ ئىچىدىكى كۆزىتىش ئەينىكىدىن ئارقا رەتتە ئولتۇرغان رەپقەتكە قارىدىم، ئۇ يەنىلا شۇنچىلىق مسكىنلىك ئىچىدە بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە قاراپ ئولتۇرماقتا، تاكسى شەھەرنىڭ غۇۋا توك نۇرىدا ئاينى قوغلغىنىچە بىرلىك سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتماقتا، شۇ ئايلانىڭ ئورنى بىزنىڭ جەننەت ماكانىمىز، تاكسى بارا-بارا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ يولنىڭ چېتىدە توختىدى، بىز مەغرۇر قىياپەت بىلەن خۇددى جەڭدە غالىب كەلگەن ئەسكەرلەرگە ئوخشاش، بۇ جەننەت ماكانىمىزدىن ئاتلىدۇق، ئارىمىزدا پەقەت رەپقەتلا بىزگە ئەسىرگە چۈشكەن ئادەمدەكلا بېشىنى سالغىنىچە ئارقىمىزدىن كەلمەكتە، بۇنىڭ سەۋەبى بىزگىمۇ نامەلۇم، چۈنكى بىز ئۇنى ئەسىر ئەمەس بەلكى جەننەت ماكانىمىزنىڭ بىز ئەزاسى سۈپىتىدە بۇ يەرگە ئەكەلدۇق.
-ئاكا!ئاكا، مەن قايتىپ كەلدىم ، رەپقەتنىمۇ قايتۇرۇپ كەلدىم.
ئاكام مەن بىلەن سۇسقىنا ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن  ئاستا رەپقەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى،رەپقەت يەنىلا جىممىدە تۇراتتى ، تەرەپ -تەرەپلەردىن پىچىرلاشلار ئاڭلاندى.
-رەپقەت..
-رەپقەت ، ئاكامغا سالام بەرمەمسەن،
-ساقچىخانىدىن چىققاندىن تارتىپ مۇشۇنداق ، نېمە بولغاندۇ بۇ يېتىمغا؟
چاڭڭىدە قىلغان شاپىلاق ئاۋازىدىن ھەممىمىز چۆچۈپ كەتتۇق.
-ھۇد ھارىمى، سېنىڭ ئويۇنلىرىڭنى مەن بىلمەي قالىمەنما ، نەچچە قېتىم پۇرسەت بەردىم مەن ساڭا ، دەپ باقە! ئالتە قېتىم ...
-ئۇكام سەن قېلىپ قالغانلىرىڭلار ئىشىڭلارنى قىلىڭلار.
ئاكام شۇنداق دېگىنىچە باشقىلارنى سارايدىن چىقىرۋەتتى، ئۇ يەنىلا رەپقەتكە سۆزلەۋاتاتتى.
-ئۆزۈڭچە ئەقىللىق بولۇپ كېتىپسەن-ھە، ئىككى قېتىمدىن جىق سولانسام تۈرمىدىن ئەچىقمايدۇ ئامالسىز ئۇلار مېنى يۇرتۇمغا قايتۇرۋېتىدۇ دەپ ئويلىغانمىدىڭ ، ئاناڭنى جالاپنىڭ بالىسى، ئاڭلاپ قوي داداڭ سېنى ماڭا 5000مىڭ كويغا سېتىۋەتكەن، شۇڭا بۇيەردە مەن سېنىڭ داداڭ، ھۈنىرى ياخشى دەپ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ قويسام خەپ جۇمۇ...
ئاكام شۇنداق دېگىنىچە تۇرۇشقا ئېسىللىق تۇرغان پۇرژۇنلۇق كالتەكنى ئېلىپ رەپقەتنى ئۇرۇشقا باشلىدى، كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار مېنى گاڭگىرىتىپ قويغانىدى، دەماللىققا ئارىغا چۈشۈپ ئاكامنى توسۇپ قالالمىدىم،چۈنكى رەپقەت توغرىسىدىكى بايانلار مېنى  سەل چۈشەپ قويغانىدى، ئاتىسى سېتىۋەتكەن دېگەن قانداق گەپ ئەمدى، بىزدەكلەر ئاتا-ئانا مېھرىگە قانالماي ئامالسىز مۇشۇ يولنى تاللىدۇق لېكىن بۇ رەپقەتنىڭ ......ئىشلارنىڭ كەينىنى ئويلاشقا رايىم بارمايتى،لېكىن ئاكامنىڭ گەپلىرىدىن ئۇنىڭ بۇ جەننەت ماكانىمىزنى ۋەيران قىلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدىم، مېنىڭمۇ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى.
- ھېي خۇمسى ، نەچچە يىلدىن بۇيان سېنى بېقىپ بۈگۈنكىدەك قىلىپ قويغان ماكانىڭغا قارايۈزلۈك قىلماقچىما سەن ، ئىسىت يىگىت بولۇپ قالغىنىڭ ، خېلى ئېسىل نېمە دەيتتىم مەن سېنى ، چەكچىيىسەنغۇ ؟
شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنىڭ مەيدىسىگە نەچچىنى مۇشتلىۋەتتىم،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن پەقەت غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنىلا كۆرگىلى بولاتتى، ئاكام بىر تەرەپتىن ئۇنى تىللىسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى تازا سالاتتى ، لېكىن ئۇ يەنىلا سۈكۈت ئىچىدە، ئاكام توساتتىن قاتتىق ۋارقىرىدى.
-قايسىڭ بار!
ھەش دېگۈچە بالىلار يىغىلىپ تەق بولدى، مەنمۇ ئاكامنىڭ قېشىدا تۇرۇپ گېپىنى ئاڭلاشقا تەمشەلگەنىدىم.
-يېقىندىن بۇيان ئارىمىزدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي ، ماڭا قارشى چىقىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى، مەن نەچچە يىل ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن كشىلەرمۇ تېخى ھالىغا باقماي مېنىڭ ئارقامدىن پىچاق ئۇرۇپتۇ، تۈفىي!
بىلىپ قويۇش ھارام تاماقلار، سەن كىيىۋاتقان،ئىچىۋاتقان ،چېكىۋاتقىنىنىڭ ھەممىسىنى سەنلەرگە مەن بەرگەن ، مەن خالىساملا ئوخشاشلا ھەممىسىنى قايتۇرۋالالايمەن ،  مانا بۈگۈن ھەممىڭلارغا ئىبرەت بولۇشى ئۈچۈن مەندىن يۈز ئۆرىگەن مۇنۇ ئىتنىڭ بالىسىنى جازالايمەن. ئەركىن ماڭە كىرىپ زاڭدونى ئەپچىق!
بىر شوركا دىكىلداپ يۈرگىنىچە زاڭدونى ئاكامغا تۇتقۇزدى.ھەممىمىزنىڭ كۆزى بىردە رەپقەتتە بولسا بىردە ئاكامدا ئىدى، ئاكام شەرەت قىلىپ مېنى يېنىغا چاقارتتى،
-ئۇكام بۇياققا كەل ، بۇ ناكەسنىڭ قولىنى كەسكىن، بىز ئۈچۈن ئىشلەشكە خالىمىغان قولنىڭ ئەمدى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئوتنى يوق.
-ئاكا!ئاكا ...بۇ،
-بۇ دېگەن بۇيرۇق!
ئاكام شۇنداق جىددى تەلەپپۇزدا ماڭا قاتتىق ۋارقىرىدى، ئۈستەلدىكى زاڭدونى ئالدىمدە ئۇنىڭ قولىنى ئالدىمغا تارتىپ يەنە جىملا بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭدا ھېچبىر قورقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى، قولىنى تارتىۋالىدىغۇ دەپ ئويلىغانتىم لېكىن ......قايتىدىن بىر غەيرەتكە كېلىپ ئۇنىڭ ئىككى بارمىقىنى چىقارغىنىمچە كۈچەپ پىچاق ئۇردۇم، ۋايجان دېگەن ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ ئىككى بارمىقى قولىدىن ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپ بىردەم بېلىقتەك پىلتىڭلىغاندىن كېيىن جىمىپ قالدى، ئۇ ئاغرىقنى ئىچىگە يۈتكىنىچە يەنىلا ئۈن-تىنسز ئولتۇراتتى، ئەمدى بالىلار ئۇنىڭ نورماللىقىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالغانىدى.
-كېلىڭلار، بۇ دەيۈزنى قوغلاپ چىقىرىڭلار!
بالىلار ھەھۇ دېيىشىپ ئۇنى سارايدىن قوغلاپ چىقىرىشتى، توساتتىن ئاسمان يىغلىۋەتتى، شۇنچە خورلۇققا ، ئاغرىققا ، ھاقارەتكە رەپقەت چىدىغان بىلەن ئاسمان چىدىمىدى، شارقىراپ ياغقان يامغۇردا ئۇ ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكىگىنىچە كېتىپ بارماقتا، بارماقلىرىدىن چىپ-چىپ قىلىپ ئاققان قىپقىزىل قان يامغۇر سۈيىگە ئارلىشىپ ئاستا-ئاستا سۈزۈكلىشىپ كەتكەنىدى، مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تاكى قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم.
-ئاكا ، خوجايىن سېنى چاقىرىدۇ.
-ھە مانا!
جىددىيلىكنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن تاماكىدىن بىرنى ياقتىم، شۇ تاپتا كۆڭلۈم راستىنلا پەرىشان بولۇپ قالغانىدى، رەپقەت بىلەن ئۆتكەن شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ قالدىم، ئامان بول رەپقەت....
-ئاكا مېنى نېمىگە چاقىرغانتىڭ
-ھەممىڭلار ئاڭلاپ تۇرۇڭلار ، بۈگۈندن باشلاپ بۇ ئۇكام مېنىڭ ئىزباسارىم بولىدۇ، مەن يوق چاغلاردا ھەممىڭلار ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايسىلەر، مېنى قانداق كۆزدە كۆرسەڭلار ئۇنىمۇ شۇنداق كۆزدە كۆرۈڭلار، ھازىردىن باشلاپ مانا بۇ خوجايىن.
گۈلدۈراس ئالقىش ئاۋازى ئاڭلىنىپ كەتتى، ھەممە كىشىلەر مەن ئۈچۈن تەنتەنە قىلماقتا ئىدى،مەنچۇ؟ مەنمۇ قاقاقلاپ كۈلۈشۈم، بۇ خوشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشۇم كېرەكمۇ ؟لېكىن مەن بۈگۈن پەقەتلا خۇشال بولالمىدىم،ئۆزەم ئىنتىلگەن ئورۇنغا ئېرىشىپ يەنە نېمىشقا خۇشال بولالمايدىغاندىمەن،
شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە كۈندە پەقەتلا ئېچىلالمىدىم ، بىر كۈنى ئاكام چاقىرىتىپ قالدى.
-ئۇكام يېقىندىن بۇيان قىلغان ئىشنىڭ تاينى يوق، ئادەملىرىمىز ھە دېسىلا ساقچىنىڭ قولىغا تۇتۇلۇپ ياكى بولمىسا ۋەزىپىنى تۈزۈك ئادا قىلالمايۋاتىدۇ، تىللاپمۇ باقتۇق ، ئۇرۇپمۇ باقتۇق ،لېكىن ھېچبىر كارغا كەلمىدى، مەن تېخى رەپقەتنىڭ ئىشىدىن ئىبرەت ئالارمىكىن دەپ ئويلىسام ئەكسىچە بۇلار تېخىمۇ چىكىنىپ كەتتى .
رەپقەتنىڭ گېپى چىقىش بىلەنلا  ئۈنۈم تېخىمۇ ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقتۇ ؟
- شۇڭا ئۇكام سېنىڭ كاللاڭ ئىشلەپ قويىدۇ، ئۆزۈڭ بىر شايكىلارنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپ بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ باقساڭ .
-بولىدۇ ئاكا ، ماڭا ھەپتە ۋاقىت بەرگىن ، بىر ھەپتىدىن كېيىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئىنىقلاپ بولىمەن.
-يارايسەن ئۇكام ، چىقساڭ بولىدۇ.
ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە ئۇ يەردىن ئايرىلدىم، ئەمەلىيەتتە مەن نېمىشقا ئىشىمىزنىڭ يۈرۈشمەيۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىدىم . پەقەت ياخشىراق بىر ئارام ئېلىپ كاللامدىكى ئىسكەنجىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن،مۇنداقچە ئېيىتقاندا رەپقەتنى ئىزدەش ئۈچۈنلا ۋاقىتنى بىر ھەپتە ئۇزارتقان ئىدىم. بىر ھەپتە شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنى توختىماي ئىزدىگەن بولساممۇ لېكىن رەپقەتنىڭ ئۇچۇرىنى پەقەت سېزەلمىدىم، بىر كۈنى  ئىشلىرىمدىن گۇمانلانغان ئاكام مېنى چاقىرتىپ
-ئۇكا ، يېقىندىن بۇيان كۆڭلۈڭ تازا جايىدا ئەمەسقۇ، باشقىلار سېنى بىر نەرسە ئىزدەۋاتىدۇ دەيدۇ ، ئېيىتقىنا ساڭا زادى نېمە لازىم بولۇپ قالدى ، بىرە ئىش بولسا تەڭ ھەل قىلىمىز، مەن سېنىڭ ئاكاڭ ئۇنتۇپ قالما.
ئاكامنىڭ ئاخىردا دېگەن گېپى سەل ئۇرغۇلۇق چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ مەن سېنىڭ ئاكاڭ دېگەن گېپى ئەمەلىيەتتە ماڭا بەرگەن سىگنال ئىدى، دەرھاللا گەپ ياساپ ئاكامغا قايتۇردۇم.
-ھا!ھا!ھا! كىمۇ ئاكا مېنىڭ ئارقامدىن گەپ تاپقان، ئۆتكەندە سىز تاپشۇرغان ھېلىقى ئىشنى بىجىرىمەن دەپ ،نۇرغۇن يەرلەرنى ئايلىنىپ شۇ يەردىكى يەرلىك ئوغرى يانچۇقچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلدىم ، لېكىن سېنىڭ مەندىن گۇمانلانغىنىڭ بەك ئېغىر كەلدى ئاكا، مەن مۇشۇ ھەپتىنىڭ ياقى تۈزۈك ئۇخلىماي ئىشىمىز ئۈچۈن چېپىۋاتسام  سېنىڭ بۇنداق گەپ قىلىپ يۈرگىنىڭ نېمىسى.
ئاكامغا سەل ئاچچىقلانغان تەلەپپۇزدا گەپ قىلدىم، ئامال بار ئىشىمنى چاندۇرۇپ قويماسلىققا تىرىشاتتىم، بىر ھەپتە توشىدىغانغا يەنە ئىككى كۈن بار ، شۇ ئىككى كۈنلۈك ئۈمۈدنى دەپ بولسىمۇ چاندۇرماي تۇراي .
-نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن، ساڭا ئىشەنمەيدىغان گەپ يوق ئۇكام، نەدىكى كىسپۇرۇشلارنىڭ قوڭىغا ئۇرۇپلا تاپقان گېپىكەن ، شۇ قۇلىقىم ئىشتىپ قالغاچقا ئارىمىز ئۇچۇق بولۇپ كەتسۇن دەپ يۈزۈڭگىلا سېلىۋەردىم ،سېنى ئۆز كۆرگەنلىكىم بۇ .
ئاكام مۇغەمبەرلەرچە ھىجىيىشقا باشلىدى، ئەمدى ئۇنىڭ گۇمان تۇمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تارقاپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم سەل ئىزىغا چۈشتى ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالغان ھالدا گېپىمنى باشلىدىم.
-سەنمۇ كەچۈر ئاكا، چېچىلىپ قالدىم، ئەمدى ئاساسلىق ئىشقا كەلسەك ، سەن تاپشۇرغان ئىش ئاساسى جەھەتتىن ئېنىق بولدى ،بەلكىم ئەتىگىچە ساڭا جاۋابىنى بېرىشىم مۇمكىن ، شۇڭا بۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بول، لېكىن مېنىڭ بىر ئىلتىماسىم ئاكا ،بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن قالايمىقان گۇمان قىلما.
شۇنداق دېگىنىمچە پېشىمنى قېقىپلا ئۇ يەردىن ياندىم، ئەمدى بىر كۈن قالغاندى، يەنە بىر قېتىم نىيەت قىلىپ رەپقەتنى ئىزدەش قارارىغا كەلدىم،بۇ قېتىم  نەچچە كىلومېتىر دائىرىدىكى ساقچىخانىلاردىن تارتىپ شۇنچە سۈرۈشتە قىلغان بولساممۇ لېكىن ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى پەقەت ئالالمىدىم، ئېغىر ھارغىنلىق ئىچىدە ئاخىرقى بىر كۈننى ئۆتكۈزدۈم، بۇ بىر ھەپتىدىكى ئىزدەش دولقۇنىدا مەن خېلى چارچاپ قالغانىدىم، ئەمدى رەپقەتتىن ئۈمۈدۈم ئۈزۈلگەن،ئىچىمدە پەقەت ۋە پەقەت ياتقان يېرىڭ جەننەت بولسۇن دېگەن گەپنىلا دېيەلەيمەن خالاس.توساتتىن ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالدىم ، مەن رەپقەتكە يۈز كېلەلمەيتىم،راستىنلا يۈز كېلەلمەيتتىم، بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا مەن رەپقەتنىڭ نېمىشقا ئەينى چاغدىكى شۇخىل روھى كەيپىيات ئىچىدە بىزدىن ئايرىلماقچى بولغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدىم، كەچۈر رەپقەت .
بۈگۈنمۇ ئادىتىمدىكىدەك بىرە سائەت بازار ئوينىۋېتىپ جەننىتى ماكانىمىزغا قايتىپ كەلدىم، ئاكاممۇ خۇددى مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى كۈتىۋاتقاندەكلا مېنى يېنىغا چىللىدى.
مەن ئىپادىسىزلا ئاكامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئىشىكنى ياپتىمدە گېپىمنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئورۇندۇققا يۆلەندىم .ئاكام مەندىنن بەكراق ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك ، يېنىدىن بىر تال تاماكا ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇرغىنىچە ماڭا تەڭلىدى.مەن دەپ گېپىمنى باشلىدىم.
-ئاكا ، بۇ نەچچە كۈندىن بۇيان مەن چوڭقۇر ئويلاندىم ،ئۆزەڭگىمۇ ئايان، يېقىندىن بۇيان ئىشلىرىمىز ئانچە يۈرۈشمىگىلى تۇردى، شايكىلىرىمىزمۇ ئىشىنى بىجاندىل ئورۇندىمايدۇ ، قاماققا چۈشىۋاتقانلار تېخىچە كېپىلسىز،مەن كۆزىتىپ باقتىم ئاكا، قانۇن راستىنلا كۈچىيىپ كەتتى، لېكىن بۇ بىزنىڭ يولىمىزنىڭ تامامەن ئېتىلگەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەيدۇ، ئىزدەنسەكلا يولىنى تاپالايتۇق.
- ئەمسە نېمىشقا؟
-توختا ئاكا، سەن بەلكىم نېمىشقا ئۇلار ئىزدىنىپ باقماي ئۆزىنى ئوتقا ئۇرىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولىشىڭ مۇمكىن، ساڭا دېسەم ئاكا شوركىلار ھازىر ئوغىرىلىق تۇرمۇشىدىن زېرىكتى، ئاتا-ئانىلىرىنى يۇرت ماكانىنى سېغىندى ، سەن ئويلاپ  باقتىڭمۇ ؟مانا مەن ئۆز رازىلىقىم بىلەن سېنىڭ سېپىڭگە قۇشۇلغان ، ئۆزۈم قىزىققان ھۈنەر بولغاچقا شۇنچە تېز ئىلگىرلەپ كەتتىم ، سېنىڭ ئاراڭدا مەندەك بالىدىن بىرەسى بارمۇ ؟ ئەلۋەتتە يوق، بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى، ئالداپ كېلىنگەنلەر، ياكى سېتىۋېتىلگەنلەر، ئۇلار باشتا سېنىڭ خورلاشلىرىڭدىن قورقۇپ سەن ئۈچۈن ئىتتەك ئىشلەيدۇ، لېكىن كېيىنچە قانات قۇيرۇقى يىتىلگەندە ئۇلاردىكى بىر خىل مۇھاببەت ئۇلارنى ئەركىنلىككە بۇ جەننەت ماكاندىن چىكىتىشكە مەجبۇرلايدۇ، مانا ھېلىقى رەپقەت دېگەن دەل مۇشۇ تىپتىكى ئادەم، ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ خارەكتىرىنى باشقىلار بايقىيالمىدى.قانۇنمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ ، دېمىسىمۇ بىزنىڭ بازارغا چىقىشىمىز تەسلەشتى ، بەزەنلەر پىشانىسىنىڭ تەتۈرلىكىدىن تۇرۇلۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر دائىم قاماققا چۈشۈپ قېلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەستە؟ شۇنىڭدىن گۇمان قىلىۋاتىمەن ئاكا، ئۇلار ساقچىخانىغا ئۈزلۈكسىز كىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىماقچى بولىۋاتامدىكىن.
-ئۇنداقتا سېنىڭ بۇنىڭغا قارىتا بىرە ئوبدان ئامالىڭ بارمۇ ئۇكا؟
ئاكامنىڭ كۆزلىرى پولتىيىپ چىكىتەي دەپلا قالغانىدى، مېنىڭ باياتىن بېرى ئۇنىڭغا دېگەن  گۇمانى گەپلىرىم ئۇنىمۇ سەل تەشۋىشلەندۈرۈپ قويغان چېغى، گېپىمنى داۋام قىلىشقا بۇيرىدى.
-مەنمۇ شۇ سەن بىلەن شۇ ئىشنى مەسلىھەتلىشەي دەپ تۇرغان ئاكا، مەن شىنجاڭغا بىر قېتىپ بېرىپ كەلسەم، بەلكىم سەن قوشۇلماسلىقىڭ مۇمكىن لېكىن ئويلاپ باقتىڭمۇ ، بۇ قېتىم ياخشى تەدبىر قوللانمىساق بۇ جەننەت ماكانىمىزنىڭ ھالى چاتاق، مەن بۇ قېتىم يەنە بىر تۈركۈم شىنجاڭلىق بالىلارنى ئەپچىقىمەن .
-توختا، سەن ھازىر تېخى ........
-ھا!ھا!ھا!  گېپىمنى چۈشەنمەپسەن ئاكا، سېنىڭ ئەپچىققان بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسى مەجبۇرى ئېلىپ چىقىلغانلار، ئۇلار يانچۇقچىلىقنى ئۆزلىرى خالىماي قىلىدۇگەرچە ئۇلار سەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە ئۆزگىرىش، ئەركىنلىككە مۇھاببەتكە ئىنتىلىشتەك بىر قاتار ھادىسىلەر پەيدا بولىدۇ،شۇڭا ھازىرقىدەك ئەھۋال يۈز بەردى، ئەمدى مېنىڭ شىنجاڭغا كىرىمەن دېگىنىم بولسا مەنمۇ شىنجاڭدىن بىر تۈركۈم بالىلار ئەپچىقماقچى، لېكىن مەن ئۇلارنى ئالداپ ئەمەس بەلكى ئۆز رازىلىقى بىلەن بۇيەرگە باشلاپ كېلىمەن .سەن ئۇقماسلىقىڭ مۇمكىن شىنجاڭدا ھېلى ھەم ماڭا ئوخشاش ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن قارا كۆزلەر توننىسى بىلەن تۇرۇپتۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى پەقەت نەپرەتكىلا تولغان شۇڭا مەن شۇنىڭدەك بالىلارنى بۇ يەرگە ئەپكېلىپ دۇنيانىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئويلىغاندەك رەزىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىمەن ،ئىشىنىمەنكى ئاكا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىكى تەربىيەدىن كېيىن ئۇلار چۇقۇم مەندىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك قالتىس ئوغرى-يانچۇقچىلاردىن بولالايدۇ .
- لېكىن ..لېكىن ئۇكا ، مەن سېنى ئۆز قېرىندىشىمدىنمۇ چارە كۆرىمەن ،سېنى .......
-ھا!ھا!ھا! مېنى يېنىپ چىقماسمىكى دەپ قورقۇپسەندە ئاكا، قېنى ئۆزەڭ دەپباقە مەن شۇنداق ئادەممۇ ، مېنىڭ بۇ يەردىكى ئارزۇ ئارمانلىرىم كۆپ ئاكا، سەنلا كەت دېمىسەڭ بۇيەردىن پەقەت كەتكىم يوق، لېكىن بۇ قېتىم مەن كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىمىز ئۈچۈنلا بۇ يەردىن ۋاقىتلىق ئايرىلماقچى بولىۋاتىمەن ، مەن ئۈچۈن بۇ يەر مېنىڭ ئىللىق ئائىلەم ، چۈنكى ئۆمرۈمدە ھېس قىلالمىغان بەخىتنى مۇشۇ يەردە ھېس قىلدىم ، شۇڭا مەنمۇ بۇ ئائىلەمنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرسام بولمايدۇ شۇڭا..
-بولدى سېنىڭ مۇشۇ ساداقىتىڭلا بولىدىكەن يەنە ئىشەنمەسلىككە باھانەم بارمۇ ؟ ساڭا ئىشىنىمەن ئۇكام ،ئىشلىرىمىز ئۇتۇقلۇق بولغاي، ئەتە ئۆزۈم يولغا سېلىپ قوياي.
شۇ كېچە بىر كېچە كىرپىك  قاقماي يۇلتۇزغا قاراپ چىقىپتىمەن ،بىر تۇرۇپ ئۆزەمنىڭ يېڭىچە تاكتىكىسىدىن خۇشال بولسام يەنە بىر تۇرۇپ بۇنىڭدىن كىيىنكى قىسمەتلىرىم قانداق بولاركىن دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم، نېمىلا بولمىسۇن كۆڭلۈم شۇنچىلىك خۇش، ئۆزۈمگە شۇنداق ئىشەنچىم كامىل ،مەن باشلاپ كەلگەن بالىلارنىڭ دەۋرىمىزدىكى داڭدار ئوغرى-يانچۇقچىلارنىڭ بولىشىغا كۆزۈم يېتىپ تۇرۇپتۇ .ھەممىسى جەننەت ماكانىمىز ئۈچۈن دېگىنىمچە ئاستا ئۇيقۇغا كەتتىم .
پارلاق قۇياش سېخى نۇرى بىلەن ئالەمنى يورۇتماقتا ، بۈگۈن روھى-كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى،ئاكاممۇ بۈگۈن ئاتايىتەن مېنى  ئۇزىتىش ئۈچۈن ئايرودىرومغا كەلگەن ، مەن ئاكا بىلەن يەنە مېنى ئۇزاتقىلى چىققان بالىلار بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشقىنىمچە ئايروپىلانغا چىقتىم ، نېمىشقىكىن بېلەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن چاغدا يۈرىكىمنىڭ ئاجايىپ بىر ئېغىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم،يۈرىكىم بۇ جەننەت ماكانغا تارتىشىپ قالغانىدى، توساتتىنلا نەچچە يىل مۇقەددەم مەن ئىچكىرگە كەلگەن چاغنى ئەسلەپ قالدىم ، شۇ چاغدا ئانا يۇرتۇمدىن ئايرىلغاندىمۇ يۈرىكىم بۇنچىلىك ئىزىلىپ باقمىغان ، ھەي دەپ قالدىم ئىچىمدە ئېغىر خۇرسىنىپ، ئايروپىلان ئاستا-ئاستا بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئاخشام تۈزۈك ئۇخلىمىغاننىڭ تەسىرىدىنمۇ ئايرۇپىلاننىڭ لەرزان ئۇچۇشىدىن ئەللەيلىنىپ شىرىن ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن ........



يىتىمنىڭ كەچمىشى

(3)



ئايرۇپىلاننىڭ قاتتىق بىر سىلكىنىشىدىن ئەندىكىپ كۆزۈمنى ئاچتىم، كۆز ئالدىمدا نە پايانسىز بوشلۇق بولسۇن، نەچچە سائەتلىك يول بىر ئۇخلاپ ئويغانغانچىلىك ئارلىقتا بېسىلىپ بوپتۇ، سەپەر تەييارلىقى ئۈچۈن ئارتۇق يۈك-تاق ئەكەلمىگەنىدىم،نەچچە مىڭچە پۇل بىلەن ئۆزۈم سالتاڭلا بۇ ئانا يۇرتۇمغا كەلگەنىدىم، نېمىلا دېگەن بىلەن بىر ئوبدان ھۈنىرىم بار شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئاچ قېلىشىمدىن قورقاتتىممۇ؟
توساتتىن ئىلگىركى قاباھەتلىك كۈنلىرىم ئېسىمگە كېلىپ كۆڭلۈمنىڭ ئارامى بۇزۇلدى، خەير دەۋەتتىم ئىچىمدە ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ، ئايرودرومدىن ئايرىلىپلا تۇنجى ئېسىمگە كەلگەن ئادەم بولسا ھېلىقى چاغدا ماڭا دوستلۇقىنى سۇنغان يانچۇقچى بۇرادىرىم بولدى، راس گەپ قىلسام مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئادەمگەرچىلىكتە قەرىزدەك ھېس قىلاتتىم، مېنىڭچە بولغاندا ئۇ بولمىغان بولسا مېنىڭ ھازىرقىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇڭا بۇ قېتىم ئۇنىڭ شۇ ياخشىلىقىغا ئوبدانراق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدىم، مانا ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، يانچۇقتىكى پۇللۇرۇممۇ تۈگەپ قالغان ، ئىككى كۈندىن بۇيان كەسپىمگە تايىنىپ جېنىمنى گۈلدەك بېقىپ كېلىۋاتىمەن،ئۇنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى، يانچۇقچىلاردىنمۇ سوراپ باقتىم ،لېكىن ئۇنداق ئادەمنى تونۇمايمىز دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتتى، توۋا دەپ قالدىم ئىچىمدە
- شۇ چاغلاردا ئىسمىنى دەپ بەرگەنىدى، خېلى ئابرويى بار يانچۇقچىكەنتۇق، ساقچىلار تۇتۇپ كەتمىگەندۇ؟ ياكى بولمىسا ئىسمىنى يالغان دەپ بەرگەن بولسىچۇ؟
شۇلارنى ئويلىغاچ ئارام ئېلىش ئۈچۈن مېھمانسارايغا قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم، بۇ شەھەر شۇنچىلىك گۈزەل بولغان بىلەن لېكىن ماڭا ئىللىق مېھرىنى بېرەلمىدى، قەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇرىدىغان تىلەمچىلەر، كۆزلىرىدىن تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل مىسكىنلىق چىقىپ تۇرىدىغان ئوماق قارا كۆزلەر كىشىنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇراتتى، شۇنداق كىشىلەرگە قارىغاچ جەننەت ماكانىمىزغا يارىغۇدەك ئولجا ئىزدەۋاتاتتىم، ئۆزەممۇ بىلمەيلا مىھمانخانىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن ، مەن ياتقان بۇ مېھمانخانا ئەمەلىيەتتە 4قەۋەتتىن تەركىب تاپقان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بولۇپ ئوغرى-يانچۇقچىلارنىڭ يايرايدىغان ماكانى ئىدى، ئىچىشۋازلىق-چىكىشۋازلىق...تەك بىر قاتار ئۇيۇنلار بىلەن ياشلارنى ئۆزىگە خېلىلا تارتىپ تۇراتتى، ئۆزەممۇ بىلمەيلا ئىككىنچى قەۋەتتىكى كۆڭۈل ئېچىش زالىغا كىردىم، قارتا، شاھمات، ۋە باشقا قىمار خارەكتىرىنى ئالغان ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلارنىڭ ئالدى كىشىلەر بىلەن مىسسىدە تولغان، بۇلۇڭلاردا كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ بەزەنلىرى نىشە چىكىشىۋاتسا يەنە بەزەنلىرى بەڭ تارتىۋاتاتتى، ئەمدى بىر قەدەم ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا بىرسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى.
-ئوي ..بۇيەرگە كەل ئاداش،
نەچچە كۈن ئىلگىرى تۇنۇشۇپ قالغان مەندىن سەللا چوڭ، ۋىجىككىنە كەلگەن بىرسى بۇلۇڭدا مېنى چاقىرىۋاتاتتى، قولۇمنى كۆتۈرۈپ شەرەت قىلغىنىمچە ئۇنىڭ قېشىغا كەلدىم،ئۇنىڭ بىلەن سۇسقىنە ئەھۋاللىشىپ ياندىن بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ مېنى  يېقىنلىرىغا تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
-بۇ ئۇكىمىز، ئىچكىردىن چىققان ،نامى بار يانچۇقچى، ئۆزى مەرد، مەيدىسىدە تۈكى بار.....
بۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قلىشىممۇ بىر تەغدىر بولسا كېرەك، مەن يېڭى كەلگەن چاغلار ئىدى، تۇنجى كۈنى بۇ مىھمانخانىغا چۈشكىنىمدە ، ئۇنى دىڭ-دىڭ ئېتىپ تۇرغان يەردە ئۇچراتقانىدىم، ئۇنىڭ ئەلپازىدىن بىر خىل جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى، قىزىقىپ تاماشا كۆرىۋاتسام توساتتىن ئۇرۇش پارتىلاپ كەتتى، نەچچىسى بىر بولۇپ ئۇنى دەسسەپ ئۇرۇپلا كەتتى، ھەي، قەرىزگە بۇغۇلۇپتۇدە دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،كىشىلەر ياندا تۇرۇپ پىخىلداشقانچە تاماشا كۆرۈشمەكتە، بەزەنلىرى ھەتتا، ئۇرە دېسە ئۇرە دەپ دەيدەيچىلىق قىلىپ ماجىرانىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىشىنى كۈتمەكتە ئىدى، ئادەتتە بۇ يەردە ماجىرا چىقسا مېھمانخانا خوجايىنلىرى ئۇلارنى ئايرىپ قويمايدىكەن، ئۇلار مال مۈلۈككە زىيان يەتكۈزمىسىلا تىغلىق ئەسۋابلارنى ئەكىرمىسىلا قانداق قىلسا چاتىغى يوق، ئۇ بارا-بارا بولالماي قالدى، ئالتە-يەتتە ئادەم بىر بولۇپ ئۇنى خۇددى قۇم خالتىسىنى ئۇرغاندەك دۇمبالاۋاتاتتى، بۇلارنىڭ نامەرتلىكىگە مەن چىدىمىدىم، قاراپ تۇرۇپ بىرىگە نەچچىسىنىڭ چىققىنىنى دەپ ئويلىدىم ۋە شۇئانلا
-تارتىشە قولۇڭنى، ھۇد لاتىلا، بىرگە قانچىڭ چىقىسەن، ئوغۇلبالا بولساڭ بىرگە بىر كەلمەمسەن؟
ئۇلار توساتتىن ئۇنى ئۇرۇشتىن توختاپ ماڭا قاراپ ھۈرپىيىپ كەلدى، تاماشا كۆرۈۋاتقانلارنىڭ ئكتكۈر نەزەرلىرى ماڭا چۈشۈشكە باشلىدى، قانداق بولۇشنى پەملەپ قويغانىدىم ،بەك بولماي قالسا ئۇلار بىلەن نەچچە پەشۋا ئېتىشىپ كەلگۈلۈكنى كۆرۈمەن دەپ ھۈرپەيگەنلەرگە چەكچىيىپ قاراشقا باشلىدىم.
-ھە،گېپىڭ يامانغۇ بالاڭزا، ئۇ سېنىڭ ئاتتاڭمىتى، نېمە خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ ئۆزەڭگە ئىش تاپىسەن، ئۇ بىزگە قەرز شۇڭا ئۇرامدۇق ، چاپامدۇق ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، قانداق قارايسەنغۇ، قارىغاندا سېنىڭمۇ بېقىنىڭ قىچىشىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟
ئۇلار ماڭا تەنە قىلىپ زەردە بىلەن سۆزلەيتى، ئۇ بولسا بىر بۇلۇڭدا بېقىنىنى تۇتقىنىچە ئىنجىقلاپ ياتاتتى، باياتىن بېرى بولىۋاتقان ماجىراغىمۇ پىسەنت قىلماي ئۆز تاماشاسىنى كىشىلەرمۇ ئەمدى قانداق يېڭى ئۇيۇن چىقاركىن دەپ بىزنىڭ ئەتراپىمىزغا يىغىلىشقا باشلىدى،ئىشنىڭ سەل چاتاقلىقىنى پەملىدىمدە ئۇلارغا
-ئېيتە قېنى ئۇ ساڭا قانچىلىك قەرىز؟
ئېغىزىمدىن چىققان بۇگەپكە قاراپ ئۇلار ھەيران قالدى، ئۇمۇ ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى .
-ئون مىڭ
-نېمە ؟ئون مىڭ كويغىمۇ ئادەمنى شۇنداق دۇمبالامسەن ، ئاناڭنى لاتىلار،
قېنىم سەل قىزىپ قالغانىدى، كىشىلەرمۇ مېنىڭ گېپىمدىن ھەيران بولغىنىچە ماڭا گۇمانى نەزەر بىلەن قارايتى ۋە بىر-بىرلىرىدىن مېنىڭ كىملىكمنى سۈرۈشتۈرەتتى.
-ئالە ماۋۇ بەش مىڭنى ، قالغىنىنى يېرىم سەئەتكە ئەكىلىپ بېرىمەن.
شۇنداق دېگىنىمچە يانچۇقۇمدىكى ئەللىك كويلۇق بىر باغلام پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم، ياندا تاماشا كۆرىۋاتقانلار ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى يۆلەشكە باشلىدى، مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ مېنى جان جىگەر ئاغىينەم دەپ قاراپ كەلگەنىدى .
-ھە نىمىش قىلىپ كەتتىڭ
-بىكار شۇ بازار ئويناپ، ساياھەت قىلىپ دېگەندەك.
-كېلە ئاداش ، ھۆرمىتىڭ ئۈچۈن بىرنى تارتىپ قويغىن.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تازا چىڭداپ سېلىنغان بىر قاپاق چىلىمنى ماڭا سۇندى، دوستۇمنىڭ كۆڭلى دەپ كۆزلىرىمنى خىرە يۇمغىنىمچە كۈچەپ شوراشقا باشلىدىم، ئېغىزىمدىن چىققان ئاپپاق ئىسلار ئاۋا بوشلۇقىدا يەڭگىل لەيلەپ ئاستا-ئاستا غايىپ بولاتتى، ياندا ئولتۇرغانلار بولسا خۇددى لالما ئىتلاردەك ئىسنى تويماي پۇرايتى، مەنمۇ ئىككىنى تاتقاندىن كېيىن ياتاققا كىرىپ ئارام ئالماقچى بولۇپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم، ئەمدىلا نەچچە قەدەم مېڭىپ تۇرۇشۇمغا تازلىق ئۆيى تەرەپتىن بىر ياش دەلدەڭشىگىنىچە مەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كەلدى،ئۇنىڭ تۇرقىغا بىر قۇر قاراپ چىقتىم بۇنىدىن قانلار چىپ-چىپ قېلىپ ئېقىپ تۇراتتى، لېكىن ئۇ شۇنداق روھسىز يەنىلا چۈشكۈن ھالەتتە كېتىپ بارماقتا، ئۇ مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتۈپ نەچچە قەدەم ماڭا ماڭمايلا تۈۋرۈككە يۆلىنىپ تۇرۇپلا قالدى، مەن ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماستىن يولۇمنى داۋام ئەتتىم، باياتىنقى ھېچنىمە ئارىلاشتۇرۇلمىغان ساپ نىشە كۈچىنى كۆرسەتكەن چېغى، شىرىن خىياللار ئىچىدە كىرىپلا ئۇيقۇغا دۈم چۈشتۇم.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمەيمەن بىردەمدىن كېيىن قورسىقىمنىڭ كوركىرىشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاماق يىيىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدىم، ئۇيۇن زالىدا كىشىلەر ئازلاپ قالغان، ھېلىقى ياش تېخىچە تۈۋرۈكنى قۇچاقلاپ يېتىپتۇ، بۇرنىدىن ئاققان ياش قېتىپ  ماڭقىسى بىلەن ئارلىشىپ كەتكەنىدى، كۆڭلۈم سەل ئېلىشقاندەك بولۇپ ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم، لېكىن نەچچە قەدەم مېڭىپلا يۈرىكىم بىر نېمىنى سەزگەندەك ئاجايىپ بىر ئېغىپ كەتتى، ئۆزەممۇ بىلمەيلا ئۇنى يۆلىدىم ۋە ياتىقىمغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قۇيۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم.
كوچىدا مېڭىۋاتىمەن ، ئۆزەممۇ ھەيران ئاجايىپ بىر سېزىمدىلا بولۇپ قالدىم دېسە، ئۇ خۇددى مېنىڭ تەغدىردىشىمدەك،
- ئەجىبا ئۇ مەن ئىزدەۋاتقان كىشى شۇمىدۇ؟ ئەممازە ئۇنىڭ ئاق چىكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلىقى چاتاق بوپتۇ ئەمەسمۇ. بەلكىم ئۇنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش كەچۈرمىشى بولىشى مۇمكىن ، قېنى ھېلى بىر پاراڭلىشاي.
باياتىن ئۇنى يۆلىگەچ قولىدا ئازراق كەيفىننىڭ يۇقىنى كۆرگەنىدىم، كەيفىن دېگىنىمىز ئادەتتە خىروئىننىڭ  ئەڭ داشقىلى بولۇپ ، ئۇنى تېپىش بىر قەدەر ئاسانراق، باھاسىمۇ تۆۋەن ئىدى ئادەتتە ، ئۇ ئاقۇش بىر دانچە بولۇپ، خۇمارى تۇرۇپ كەتكەنلەر ئۇنى كۈچەپ پۇرىسا ئۇ دانچىلەر بۇرۇن تۈشۈكىگە كىرەتتىدە، بۇرۇندىكىكى ئەڭ زىل قىلقان تۇمۇرلارنى زەخمىلەندۈرەتتى ،شۇنىڭ بىلەن قان بىلەن كەيفىن ئارلىشىپ ئادەمگە بىر خىل ھۇزۇر ئاتا قىلاتتى، گەرچە ئۇنىڭ كۈچى خىروئىندەك بولمىسىمۇ لېكىن خۇمارنى باساتتى ،لېكىن ئۇنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا خەتىرى خىروئىنغا قارىغاندا كۆپ بولاتتى، بەلكىم ئۇ تېخى يېڭى ئىشلەتكەن چېغى ،ئادەتتە كۆنۈپ كەتكەن ئادەم ئۇنى ئىشلەتسە بۇرنىدىن قان چىقماي دورا بىلەن سىڭىپ كېتەتتى، لېكىن ئۇنىڭ بۇرنىدىن قان  چىققىنىغا قارىغاندا  زەھەر بىلەن ماسلىشالمىغانلىقتىن دەپ چۈشىنىشكە بولاتتى، سىرتقا چىقىپ بىرە كىلو قوي گۆشى كاۋېپى ۋە ئىچىملىك ئالغاندىن كېيىن ياتاققا كىردىم، ئۇ تېخىچە ئۇخلىغىلى تۇرۇپتۇ، ئاستا نۇقۇپ ئۇنى ئويغاتتىم، ئۇ بىردەم ماڭا بىردەم ياتاققا قارىغىنىچە مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدى .
-ماڭە ئاۋۇ مۇنچا، ئاۋۋال بىر يۇيۇنۇپ چىققىن ، قالدى گەپنى كېيىن قېلىشىمىز، ھە راست كىيىمىڭ مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ، ئاۋۇ ئىشكاپتا كىيىم بار ئۆزەڭگە يارىغاننى كىيىپ چىققىن .
شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنىڭغا ئىشكاپنى كۆرسەتتىم، ئۇ ماڭا گۇمانى نەزەر بىلەن قارىغىنىچە مۇنچىغا كىرىپ كەتتى ،تاماكا چەككىنىمچە كىنو كۆرۈپ ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم ،بىردەمدىن كېيىن  ياخشىمۇ...دېگەن ئاۋاز بىلەن كەينىمگە قارىدىم ، پاھ ! ئۇ بىر كىشلىك ئادەم بولۇپ كەتكەنىدى، قېنى ئولتۇرە، شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنى ئالدىمدىكى ئورۇنغا تەكلىپ قىلدىم.
-تاماكا چىكەمسەن؟
ئۇ قولىنى تەڭلەشكە باشلىدى، ئۇ بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەنلەيتىيۇ لېكىن بۇغۇزىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك گەپ قىلماي جىم تۇراتتى
-ھە مېنىڭ ئىسمىم ...
شۇنداق دېگىنىمچە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا بىرە قۇر تونۇشتۇرۇشقا باشلىدىم، ۋە قولۇمنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم، ئۇمۇ ئۆزىنى بىرە قۇر تۇنۇشتۇرغاندىن كېيىن قولۇمنى چىڭ سىقىملاپ ماڭا رەھمەت  ئېيتتى، مەن ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئاق چىكىدىغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ ئېغىر خۇرسىنغىنىچە ماڭا كەچۈرمىشلىرىنى ئېيتىپ بەردى.
مەن دەپ گەپ باشلىدى ئۇ تاماكىنى ئاچچىق بىر نەچچىنى شورىغىنىچە
-مەن ئەسلى، بىر ئائىلىنىڭ بەخىتلىك پەرزەنتى ئىدىم، ئاتا-ئانامنىڭ ئىككىلىسى كادىر، ئۆيدە پەقەت مەن بىرلا بالا بولغاچقىمۇ كىچكىمدىن تارتىپ شۇنداق ئەركىن ياشاپ چوڭ بولغان ، ئاتا-ئانام مېنىڭ گېپىمنى ياندۇرمايتى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئىككىلىسى كادىر بولغاچقا مېنىڭ ئوقۇشۇمغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئائىلە ئۇقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ مېنىڭ ياراملىق پەرزەنىتتىن بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتى، مەنمۇ بەك زېرەك بولغاچقا  دەرىسلەرنىمۇ شۇنچە ئاسان ئۆزلەشتۈرىۋالاتتىم،سېنىپ ھەتتا مەكتەپ بويىچىمۇ ئىلغار ئۆگىنىش نەمۇنىسى ئىدىم، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى مېنى كەلگۈسىدە ئۈمۈت زور دەپ تەرىپلىشەتتى، ئاتا-ئاناممۇ مېنىڭدەك ئوغلى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى، لېكىن بۇ خوشال چاغلار ئۇزاققا بارمىدى، دادام خىزمەت ئىشلىرى بىلەن تولىراق كاماندۇرۇپكىغا چىقاتتى، توساتتىن بىر كۈنى ئاپام بۇ ئىشنى بايقاپ قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئاپام دادامغا ئاجرىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى، دادام شۇنچە يالۋۇرسىمۇ بىراق بۇ ئىش ئاپامغا ئېغىر كەلگەن چېغى زىنھار ئۇنىمىدى ، شۇ چاغلاردا مەن شىنجاڭنىڭ سەرسان روھ دېگەن كىنوسىنى كۆرگەن بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى ئەكبەرجاننىڭ  قىسمەتلىرى مېنى چۆچۈتكەن، ئۆزەمنىڭ يەنە بىر ئەكبەرجان بولۇپ قېلىشىمنى خالىمايتىم، لېكىن ،لېكىن....
ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ كەچۈرمىشىگە سىڭىپلا كەتكەنىدىم ، ئۇ ئېغىر خۇرسىنغىنىچە يەنە گېپىنى داۋام قىلدى.
-شۇنداق قىلىپ ئۇلار گەپ سۆزسىزلا ئاجرىشىپ كەتتى، لېكىن باشقا كەلگەن ئەلەملەر بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى، ئاتا-ئانام ماڭا چىدىمايتى، شۇڭا ئىككىسى مېنى تالىشىپ قايتىدىن سوتقا چۈشتى، ھۆكۈم چىقىرىش ئارقىلىق مەن دادامغا قالىدىغان بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم بولدۇم، دادام ماڭا ئىلگىركىدىنمۇ نەچچە ھەسسە دادىلىق مېھرىنى ئاتا قىلىپ ماڭا يىتىملىكنىڭ دەردىنى تارتقۇزماسلىققا تىرىشاتتى، لېكىن مەن نېمىشقىكىن بۇرۇنقىدەك ئەركىن بولالمايتىم .كۈنلىرىم بارا-بارا مەنىسىزدەك بىلىندى، روھى-كەيپىياتىم بارغانسىرى چۈشكۈنلىشىپ ،ئۆزەمنى بارا-بارا تۈگىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم .شۇنداق كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە توساتتىن دادامغا سوتتىن چاقىرىش بۇيرۇقى كەلدى، ئەسلىدە ئاپام مېنىڭ دادامغا بېرىلگىنىمگە قايىل بولماي قايتىدىن سوتقا ئەرىز سۇنغانىكەن، سوتتا ئاپام دادامنىڭ سىرتتا ئاشنا ئوينىغانلىقىنى،بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز دادىنىڭ بالا بېقىشقا لايىق كەلمەيدىغانلىقىنى شىپى كەلتۈرۈپ مېنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشلىرى قالمىدى ، داداممۇ ئۆزىنىڭ توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ھەم بۇنى تۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاپامنىڭ مېنى تارتىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى، شۇ چاغدا ئۆزەمنىڭ قانچىلىك خورلۇق ھىس قىلغانلىقىمنى بىلمەيسەن ئاداش .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ماڭا يۆلىنىپ يەنە ياش تۆكۈشكە باشلىدى، مېنىڭ كۆز چاناقلىرىممۇ نەمدەلگەنىدى، ئۇنىڭ كىيىنكى بايانلىرىغا تېخىمۇ قىزىقىپ قالدىم، ئۇمۇ خۇددى مېنىڭ تەشنالىقىمنى بىلگەندەك ئۈستەلدىكى تاماكىدىن بىرنى ئالدىدە ئوت تۇتاشتۇرۇپ كەچۈرمىشىنى يەنە داۋام قىلىشقا باشلىدى .
-سوت ئامالسىز تاللاش پۇرسىتىنى ماڭا بەردى، ئەلۋەتتە مەن ئىككىلىسى بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالايمەندە ، لېكىن تەغدىر بۇنىڭغا يول قويمىدى، شۇنىڭ بىلەن سوت ئامالسىز ئۆزى قارار چىقىرىشقا باشلىدى، ھەم دادامنىڭ ئاجراشقاندىن كېيىنكى مېنى باققان ئەجرىنى كۆزدە تۇتۇپ مېنى يەنىلا دادامغا ھۆكۈم قىلدى،شۇنداق قىلىپ يەنە دادام بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدىم ، لېكىن مەھەللە-ئاۋام ، قۇلۇم- قوشنىلار دادامنىڭ ئارقىسىدىن قالايمىقان ئۆسەك گەپنى تېپىشقا باشلىدى، ھەتتا ماڭىمۇ غەيرى كۆزدە قاراپ ، يىتىمەك دېسە يىتىمەك دەپ چەتكە قاقاتتى، تۇرمۇشنىڭ نى-نى بېسىمىغا چىدىغان بىچارە دادام بۇ غەيۋەت، ئۆسەك گەپلەرگە چىدىمىدى.مەن بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەك كارى بولمايدىغان بولىۋالدى، ھە دېسىلا ھاراق ئىچىپ كېلەتتى، ئۆيگە كەلسىلا مېنى ئۇراتتى، قانداق قىلاي ھەممىسىنى تەغدىر پىشانەمدىن كۆرىمەن ، دادام شۇنداق قىلىپ تۈگىشىپلا كەتتى..
-ئۇنداق زۇلۇم ئىچىدە ياشىغۇچە ئۆيدىن چىقىپ كەتسەڭ بولمامدۇ؟
-شۇنداق دەيدىكەنسەن ئاداش،ئائىلەم ۋەيران بولدى، گەرچە ئاپام بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارلىقىم يىراقلاشتى، ئەمدى دادامدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتىم ، كېيىنچە دادام ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ روھى كېسەل بولۇپ ساناتورىيىگە كىرىپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن ئاپام مېنى يېنىغا ئەكىلىۋالدى، ئەلۋەتتە ئاپاممۇ ئوخشاشلا ماڭا بارلىق مېھرىنى بېرىپ مېنى شادلاندۇرۇشقا تىرىشاتتى، لېكىن مېنىڭ ھالىم بارغانچە خاراپلاشماقتا ئىدى، كېيىنچە ئاپامغا ئەلچىلەر كەلدى، ئاپام مېنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆگەيلىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىمىدى، لېكىن كەينى كەينىدىن كەلگەن ئەلچىلەر ھەم چوڭلارنىڭ گېپىنى يىرالمىغان ئاپام ئامالسىز توي قىلىشقا قوشۇلدى، شۇنداق قىلىپ مېنىڭ يېڭى دادام بار بولدى، لېكىن نېمىشقىكىن بۇ كىشىنى كۆرسەملا بىچارە دادام ئېسىمگە كېلىپ قالاتتى، ئويلاپ باقسام دادامنى ساناتورىيىگە ئەكەتكەندىن بېرى كۆرىشىپ باقماپتىمەن ئاپاممۇ ھەم مېنىڭ كۆرۈشۈمگە قارشى ئىدى، دەسلىپىدە بۇ يېڭى دادا ماڭىمۇ ئاپامغىمۇ خېلى ياخشى مۇئامىلە قىلدى، خېلى بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن  ئۆزىنىڭ ناچار خۇلقىنى ئاشكارلاشقا باشلىدى، بۇ ئادەم سودىگەر بولغاچ كىشىلەر بىلەن قىلىدىغان ئالاقىسىمۇ كۆپ بولاتتى، پات-پات ئۆيگە ھاراق ئىچىپ كېلەتتى ، مەس بولۇۋالسىلا ئاپامنى ئۇرۇپ ئىش-پۇشۇقىنى چىقىراتتى، ئەمما ئاپامدا نە چارە، ئۇلار توي قىلغان چاغدا ئۇ كىشى ئاپامغا كەلگۈسىدە سىزنى مەن باقىمەن دەپ ۋەدىلەرنى بەرگەچكە ئاپام بىر ئوبدان خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەن، ئاجرىشىپ كېتەي دېسە،كىشىلەرنىڭ سۆز چۆچىكىدىن قورقىدۇ، ئامالسىز ئۇ كىشى بىلەن ئۆي تۇتۇشقا مەجبۇر بولدى، كېيىنچە ئۇ كىشى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقىلى تۇردى، ھاتتا تەپ تارتماستىن ئاشنىلىرىنى ئۆيىمىزگە ئېلىپ كەلدى، بىچارە ئاپام بۇ نېمە قىلغىنىڭىز دېسە ئۇرۇپ ........
ئەمدى ئۇ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەنىدى،مەنمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىگە چىدىيالماي ئۇنى قۇچاقلىغىنىمچە يىغلاپ كەتتىم، ئۇنىڭ تەغدىرىنى ئاڭلاپ گاڭگىراش ئىچىدە ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشنىمۇ ئۇنۇتقان ئىدىم،جاھاندا مەندىنمۇ بەكراق يېتىملىك دەردىنى تارتقان بالىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتى ، لېكىن بۇنىڭ قىسمىتى ھەقىقەت، توساتتىن بىزدەكلەرنى يىتىم قىلغان ئاشۇنداق ئاتىلارغا نەپرەتلەندىم ، ئۇ يەنە داۋاملاشتۇردى.
-بىر كۈنى ئاپام يېنىمغا چاقىرىپ ،بالام ياخشى ئادەم بولغىن، مەندىن كېيىن قالساڭ چوڭ ئاناڭنىڭ قېشىغا بېرىپ تۇرغىن ، يامان كىشىلەر بىلەن ئارلاشما، خۇدايىم بەختىڭنى بەرسۇن دەپ كۆز يېشى قىلغىنىچە مېنى مەكتەپكە ئۇزىتىپ قويدى، مەن ئاپامنىڭ سۆزلىرىدىن تەئەججۈپلىنىپ قالدىم، ئاپام خۇددى مەندىن ئايرىلماقچى بولغاندەكلا سۆزلەرنى قىلاتتى، مەنمۇ ئاپامغا ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ مەكتەپكە كەتتىم. كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كەلسەم ئۆيدە ھېچكىم يوق، چوڭ ئۆيگە كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ چوڭ ئانامغا تېلېفون قىلدىم،
_ۋەي ،ئانامما؟
چوڭ ئانام گېپىمنى ئاڭلاپلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى، مەن نېمە بولدى دېسەم ، مېنى دەرھال چوڭ ئۆيگە كەلگىن دەپ يىغلىغان پېتى تېلفۇننى قۇيىۋەتتى، يۈرىگىم قارتتىدە قىلىپ قالدى، دەرھاللا كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ چوڭ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم، ھويلا قورۇسىغا كىرسەم ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ، تاغام مېنى يىراقتىن كۆرۈپ يۈگرەپ كېلىپلا باغرىغا باستى ، ۋە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭغىچە باشقا ئۇرۇق-تۇققانلارمۇ بېشىمنى سىلاپ كۆز يېشى قىلىپ كەتتى، مەن .ئۇلاردىن نېمە بولغانلىقىنى سورىدىم ،ئۇلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز مېنىمۇ يىغا تۇتۇپ كەتتى .
-بالام، ئاپاڭ،ئاپاڭ ئۇ.....
چوڭ ئانام گېپىنىڭ ئايىغىنى دېيەلمەي يىغلاپ كەتتى، كۆزلىرىمدىن ياشلار تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى، تاغام يېنىمغا كېلىپ ئاتىلىق مېھىر بىلەن بېشىمنى سىلىغىنىچە چوڭ ئانامنىڭ گېپىنى داۋام قىلدى،
-ئاپام تۈگەپ كەتتى ئوغلۇم.
تاغام شۇنداق دەپلا مېنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى، ئاپا دەپ ئاچچىق نالە قىلغىنىمچە ئىچكىركى ئۆيگە كىردىم ، ئاپام كىپەنلىنىپ بوپتۇ، ھۆڭرەپ يىغلىغىنىمچە چوڭ ئانامنىڭ قۇچىقىغا ئۆزەمنى ئاتتىم، شۇ كۈندىن كېيىنلا تەغدىرىمدە ئۆزگىرىش بولدى، ئائىلەممۇ ۋەيران بولدى، دادامنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمەن، ئاپاممۇ تۈگەپ كەتتى، گەرچە چوڭ ئانام ماڭا شۇنچە ئامراق بولسىمۇ لېكىن ئانامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى ماڭا ئېغىر كەلگەنىدى، بۇ دەرتنى زادىلا ئىچىمگە پاتقۇزالمىدىم .ئۆزەمنى بىر شۇمبۇيادەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، نېمىشقىكىن بولىۋاتقان ھەممە ئىشلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن بولىۋاتقاندەكلا ،شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئانامغىمۇ جاپا سالماي دەپ ئويلاپ ئويدىن چىقىپ كەتتىم، مانا ئۆزەڭمۇ كۆردۈڭ ھالىم مۇشۇ ئاداش.
ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى، ئۆتۈپ كېتىدۇ ئاداش ، سەبرى قىل دېگىنىمچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساشقا باشلىدىم،
-كېلە ئاداش، قارىغاندا ئىككى دەتمەن بىر يەرگە كەلگەن چېغى، بايا ئاقتىن ئىككىنى  ئەكىرىپ قويغانىدىم ، بىر ئىچىشىپ ئازاپلىق كەچمىشلەرنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنىتايلى.
شۇنداق دەپ خالتىدىن ھاراقنى ئېلىپ تازا ئىچىشىپتۇق، بايا قايغۇدىن كۆزلىرىمىز نەمدەلگەن بولسا ئەمدى شوخ كۈلكىمىزدىن ئۆينىڭ تۇرۇسى ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغانىدى، ئىككىمىز ئۆمۈرلۈك ھەمرالاردىن بولۇشقا ۋەدە-قەسەملەرنى بېرىپ كەيىپنىڭ كۈچىدىن مەست ئۇيقۇغا كېتىپتىمىز.ئەتىسى بىرسىنىڭ نۇقۇشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم،قارىسام ئۇ لاغ لاغ تىتتىرەيتى، قارىغاندا ئۇنىڭ خۇمارى تۇتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى، كىيىملىرىمنى كەيدىمدە ئىشتىنىمدىن بىر بولاق ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدۇم،ئۇ ھەيرانلىق ئىچىدە ماڭا قارىۋەتكەندىن كېيىن ، شاپپىدە تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ئالاھەھەل 10مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يېنىمغا كېلىپ بىر نېمە دېيىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ماڭا قاراپ تۇردى.
-ئاداش ،ئەكبەر، مەن ئەسلى شىنجاڭغا .....
مەن ئۇنىڭغا شىنجاڭغا كېلىشتىكى مەقسىتىمنى قىسقىغىنا چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭغا قارىدىم .
-زورلىمايمەن ئاداش، ئەگەر مەن بىلەن كۇلىغا كېتىشنى خالىساڭ ، ئاز كۈندىن كېيىن قايتىمىز ،ئەگەر
-ياق ئاداش، ماڭىمۇ بۇ يەر كۈلۈپ قارىمىدى، بولدى سەن بىلەن كەتتىم، بۈگۈندىن باشلاپ ساڭا ئەگەشكىنىم ئەگەشكەن كېلە قولۇڭنى ئاداش.
شۇنداق دېيىشىپ بىز يەنە بىر قېتىم مەڭگۈلۈك دوستلۇق ئۈچۈن قول بېرىشتۇق.ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئەكبەر ۋە باشقا قىسمەتلەر بىلەن جەمىيەتنىڭ ھەر خىل كوچىسىغا كىرىپ قالغان بەش بالىنى ئېلىپ جەننىتى -ماكانىمىزغا قاراپ يول ئالدۇق.


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-109358-1-1.html

مەنبەسى: ئەپچىلەم


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xah! + 300 ئېسىل
hayat + 300 يەنىمۇ تىرىشىڭ، ياخشى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 600   باھا خاتىرىسى

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 06:27:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شئىر ھېكايە دىگەننى يازغۇچىلاردەك يازدىكەنسىز ،تىرشىڭ تىرشىڭ مۇنبەردىكى داڭدار يازغۇچى بوپ كەتتىڭز ئەپچىلەم دىسە تونۇمايدىغان ئادەممۇ بامىدۇ دەيمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 06:28:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شئىر ھېكايە دىگەننى يازغۇچىلاردەك يازدىكەنسىز ،تىرشىڭ تىرشىڭ مۇنبەردىكى داڭدار يازغۇچى بوپ كەتتىڭز ئەپچىلەم دىسە تونۇمايدىغان ئادەممۇ بامىدۇ دەيمە

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2693
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5110
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1744 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 06:38:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alenur يوللىغان ۋاقتى  2013-8-14 10:28 PM
شئىر ھېكايە دىگەننى يازغۇچىلاردەك يازدىكەنسىز ،تىرشى ...

ھېلى گېپىڭىزدىن ئۇچۇپ كەتمەي يانا، مېنى تۇنۇش تۇنۇماسلىقى مۇھىم ئەمەس ، مەن ئۈچۈن ئوقۇرمەنلىرىم ئەسەرلىرىمنى، ئەسەرلىرىمدىكى مەزمۇننى تۇنىسا مەن شۇنىڭدىن خۇرسەن بولىمەن

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 06:43:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-8-14 06:38 PM
ھېلى گېپىڭىزدىن ئۇچۇپ كەتمەي يانا، مېنى تۇنۇش تۇنۇما ...

ماختاپ قويسام رەھمەتمۇ دىمەي

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 49 رەخمەت، ماختىغىنىڭىز.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 49   باھا خاتىرىسى

ھەركىم ئۆزنىڭ ئەركسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 326
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8928
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 07:44:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىزىقچىلىق ئىلھامىىڭىز كەلسە راستىنلا پارتىلايدىكەنسىزغۇ ، مەن ساقلىۋىلىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇي ھە ;بولسا ئىلكىتاپ قىلىپ يوللىۋەتكەن بولسىڭىز تىلفۇنۇمغا قاچىلىۋىلىپ ئوقۇيدىكەنمەن .........

يۇركۈمگە تۇتاشقان بۇ ئوت بىلەن دۇنيانى كۆيدۇرۋىتىمەن،سەن بىلەن توي قىلىشقا پىتىنغان يىگىتنىڭ ئىتىنى ئۆلتۇرۋىتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 859
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 08:55:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى باردۇ بۇرادەر،   مەن ئەسەرنىڭ ئەك ئىچكىرسىگە كىرىپ كەتكەندە تۈگەپ كەتتى دىسە؟ داۋامى قاچان چىقىدۇ؟ داۋامىغا ئىنتىزارمەن. سىزنىڭ مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزنى دەپلا چىقىمەن مىسرانىمغا

كۆك ئەتتىرگۈل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5228
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 09:19:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋىلىپ كىيىن ئوقاي . ۋاڭبادا ئوقۇسا قىزىمايدىكەن .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

كۆك ئەتتىرگۈل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5228
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 09:19:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋىلىپ كىيىن ئوقاي . ۋاڭبادا ئوقۇسا قىزىمايدىكەن .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 341
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 10:17:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زادى  ئەپچىلەم ئەسەرلىرى دەپ بىر  ئېلكىتاپ  ئىشلىسەك  بولغۇدەك  ئەمدى.....      

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش