مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 15

يىتىمنىڭ كەچمىشى __چاتما ھېكايىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2486
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1592 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 02:40:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1348678009771[1].jpg

رەڭۋازلىقنىڭ باشلىنىشى  

(1)

(ھېكايە)



ئاپتۇر ئىلاۋەسى:ئەسەر مەزمۇننى خىيالى تەسەۋۇرنى مەركەز قىلغان ئاساستا بارلىققا كەلگەن ،شۇنىڭدەك خىياللار ئارقىلىق ئىككى بۆلەكنى تۈگەتتىم، ئەسلى ئۈچىنچى بۆلىكىنىمۇ شۇ تەرىقىدە داۋام قىلاي دېگەن لېكىن ئۈچىنچى بۆلەكنىڭ مەزمۇنى يىتىملىككە يېقىنلاشقاچقا ئۇنىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي ئىشلاردىن پايدىلاندىم، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئۈچىنچى بۆلىكىدىكى كەچۈرمىشى ھەقىقىي ئەھۋالغا ئاساسەن يېزىلدى. ئۇلۇغ ئاللاھتىن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يىتىملىك دەردى تارتماسلىقىنى تىلەيمەن ،ئامىيىن!

سەمىمىي ئەسكەرتىش:ئاپتۇرغا نىسبەتەن قالايمىقان تەسىردە بولماي ئەسەرگە بولغان تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز





..........
-ئاكا ئادەم ئالامسىز؟
-ياق.
ھەدە ئادەم ئىشلىتەمسىز؟
-ياق...
-ئۇنداق قىلماي يۈگۈر-يىتىم ئىشلىرىڭىزغا بولسىمۇ ياردەملىشەي، مەن  تاماق يېمىگىلى نەچچە كۈن بولدى .
-كۆزۈمگە سەن كۆرۈنمەي يوقىلە .
-ئاكا ماڭا ئىنساپ قىلىڭ ، ئۇنداق قىلماڭ ئاكا مەن تاماق يېمىگىلى..
-ئوھوي، مېنى بىر بايۋەتچە كۆرۈپ قالدىڭما ،دارىلئېتام ئەمەس بۇ يەر، قانداق نەرسە بۇ.
پېشانەمنىڭ تەتۈرلۈكى تۈپەيلى ھەممىدىن ۋاز كەچكەن ھالدا جەمىيەتكە چىقتىم،نە ئامال نەپرەتكە ئادەم ئۆرە تۇرغىلى بولمايدىكەن،نەچچىلىگەن بۇسۇغىلاردا تىنەپ ،نەچچىلىگەن دوقمۇشلاردا سەرگەردان بولغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن،مانا بۈگۈنمۇ جەمىيەت تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم سىلكىندىم،لېكىن مەن كۆنۈپ قالغان،تالاي قېتىملىق كەمسىتىلىش ، باشقىلارنىڭ ھاقارەتلىشىگە ئۇچىراش دېگەندەك ئىشلار مەن ئۈچۈن يەرگە تۈكۈرگەندەكلا ئىش بولۇپ قالدى،لېكىن ھەممىدىن گالنىڭ ئىشى بەكراق چاتاق بولدى ئەمەسمۇ؟كوچىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تەمتىرەپ تۇرماقتىمەن، شۇ تاپتا مېنى مۇشۇنداق كۈنگە دۇچار قىلغان كىشىلەرگە ئىچ-ئىچىمدىن نەپرەتلەنمەكتىمەن،ئاشقازىنىمنىڭ توساتتىن كورۇلدىشى بىلەن نەپرىتىم خۇددى بىر يۈتۈم سۇدەكلا ئۈن-تىنسىز سىڭىپ كەتتى .قەددىمنى ئاستا تىكلىگىنىمچە ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ ئادەم توپلاشقان جايغا قاراپ يول ئالدىم،شۇ تاپتا بىرسى سۇقىۋەتسىلا يىقىلىپ چۈشكىدەك ئەلپازدا كېتىپ باراتتىم، توساتتىن  كۆزۈم كوچىدىكى بىر تىلەمچىگە چۈشۈپ قالدى،ئاددىي-ساددا كىيىنگەن،يېشى مەندىن ئانچە پەرىقلەنمەيدىغان بىر ياش قولىنى كۆتۈرگىنىچە كىشىلەردىن سەدىقە تىلەۋاتاتتى، توۋا دەپ قالدىم ئاران ئىنجىقلاپ،كۆزىدىن مەككارلىق چىقىپ تۇرىدىغان ،تەنلىرى بىجىرىم بىر يىگىتنىڭ قىلچىمۇ ھېيىقماستىن يەرگە يۈكۈنىشى مېنى سەل تىرىكتۈرۈپ قويغانىدى ،لېكىن ئۇنىڭغا بىھۇدە ئاچچىقلانغۇدەك ماغدۇرۇم يوق ،  ئالدىمغا نەچچە قەدەم مېڭىپلا تۇرقۇمغا بىر قۇر قاراپ چىقتىم، تەقى-تۇرقۇم ئاۋۇ ساھىلدىنمۇ ئۆتە بەتبەشىرە ئىدى،ئۆزەممۇ بىلمەيلا يەرگە پۈكلەندىم ،ئىسىت !دەل شۇ چاغدا ئىرادەمگە خىلاپ ئىشتىن بىرسى يۈز بەردى، ئالدىمغا مېڭىۋاتقان كىشىلەرگە ئامىيىن دېگىنىمچە قولۇمنى سۇندۇم،ئەمدىلىكتە مەنمۇ تىلەمچىلەر سېپىگە قۇشۇلۇپ كەتكەنىدىم. تەقى-تۇرقۇمنىڭ جۇلجۇللىقى خېلى رولىنى كۆرسەتكەن چېغى بىردەمدىلا ئالدىمغا پارچە پۇللار دۆۋلىنىشكە باشلىدى،ئۆزەمچە بىرخىل مەغرۇرلىنىش ھىسياتى بىلەن يېنىمدىكى ھېلىقى تىلەمچىگە قارىدىم، لېكىن ئۇ قاچانلاردىن يېنىمدىن كەتكەنكى بۇنى بىلەلمىدىم، قارىغاندا ئۇ مېنىڭ ئۆزىنىڭ بازىرىنى ئېلىۋالغانلىقىمدىن ئاچچىقلىنىپ باشقا يەردىن بازار ئاچقىلى كەتكەن چېغى .نېمىشقىكىن ئالدىراپ ئورنۇمدىن تۇرغۇم كەلمەيتى،ئېچىل داستىخان ئالدىمدا تۇرسا ئالدىراپ يىغىۋېتىشكە قانداقمۇ كۆڭلۈم ئۇنىسۇن .ئەل ئايىغى بىسىققاندا بازىرىمنى يىغىشقا تەرەددۈت قىلدىم،بايىقى خوشلۇقۇمدا قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن دېسە ، ئاستا بىر بۇلۇڭغا كەلدىمدە قولۇمدىكى پۇرلىشىپ كەتكەن پۇللارنى ساناشقا باشلىدىم،پاھ! ساقمۇ-ساق بەشيۈزسوم، راست گەپنى ئېيىتسام تىلەمچىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققىنىڭ بۇنچىلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم ، بولۇپمۇ مەدەك يېڭىدىن بازار ئاچقان تىلەمچىگە نىسبەتەن بۇنچىلىك پۇل تېپىش خېلى چوڭ ئىش ھىسابلىناتتى.
تامنىڭ بىر بۇلىڭىغا يۆلىنىپ پۇللارنى قانداق خەجلەش ۋە ئەتىكى بازارنى قانداق ئېچىش توغرىلىق كۆڭلۈمدە چوت سۇقۇشقا باشلىدىم.پۇل!مۇشۇ كۈنلەردە ئەجەپ ئۇلۇغلىنىپ كېتىۋاتىدۇ دېسە، كىم دېگەن بولغىيتى پۇل دېگەن جىننىمۇ ئۇسۇلغا سېلىۋېتىدۇ دەپ ، مانا بىرنى زار بىرنى ئىنتىزار قىلغان پۇلنى سىقىمداپ تۇرماقتىمەن ،شۇ تاپتا مەندە پۇل بار دەپ قاتتىق ۋارقىرىغۇم كېلەتتى، نەچچە يەردە سۇقۇلۇپ يۈرۈپمۇ بىر تىيىن پۇلنىڭ بۇرجىكىنى كۆرەلمەي مانا ئەمدى شۇنچە ئوڭايلا نەچچە كۈنلۈك ئىشلىرىم ھەل بولۇپ قالدى دېسە،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپلا جايىمدا قېتىپ قالدىم، ئاھ ئۇراتتىم،چېچىمنى يۇڭداپ بۇقۇلداپ يىغلايتىم، پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلاندىم،بىر يىگىت ئۈچۈن بۇ نەقەدەر ئېغىر ھاقارەت ،ئاھ خۇدا، ئىست مېنىڭ يىگىت بولۇپ قالغانلىقىم ،ئاھ رەھىمسىز تەغدىر، شۇ تاپتا ئۆزەمدىن نەپرەتلىنەتتىم، ئۆزەمنىڭ گۆشىنى ئۆزەم يىگۈدەك بولۇپ كەتكەنىدىم، شۇ چاغدىلا پۇلنىڭ جىننى قانداق ئۇسۇلغا سالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم،قەلبىمدىكى شەيتان مېنىڭ ئىرادەمنى ئاجىزلاشتۇرۇپتۇ، نەدىن كەلگەن غەيرەتكى ئۆزەممۇ بىلمەيلا قولۇمدىكى پۇلنى يىرتىپ-يىرتىپ تاشلىۋەتتىم.بايىقى بۇقۇلداپ يىغلاشلىرىم ئەمدى كۆككە يەتكەنىدى، جەمىئەتنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن ئاغرىنىپ يەردىكى تاشلارنى تېپەتتىم، ئالا-تاغىل ۋارقىرايتىم،تامدىكى قەغەزلەرنى يىرتاتتىم، شۇنداق قىلساملا ئازابىم يىنىكلىگەندەك ھىس قىلاتتىم،بارا-بارا تېنىمنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم،تامغا يۆلەنگىنىمچە بېشىمنى چاڭگاللاپ چوڭقۇر ئويغا پاتتىم، ياق دەيتىم ئۆز ئۆزەمگە،جەمىئەتتىن ئاغرىنىشقا نېمە ھەددىم بار، ئۆزەم خوشاللىق ئىزدىگەن كىشىلەردىن خوشاللىق تاپالمىغىنىمدا يەنىلا مۇشۇ جەمىئەت مېنى قوينىغا ئالدى ئەمەسمۇ ، جەمىئەتكە يېڭىدىن قەدەم ئالغان چاغلىرىم ھېلىمۇ ئىسىمدە قاتتىق ئېسەڭگىرەش،ئازاپلىق قايغۇرۇشتىن كىيىنكى شۇ كۈنلەردە مەن جەمىئەتكە شۇنداق ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈپ قارىغان ئىدىم ،شۇ چاغلاردا مەن ھازىر رەزىل دەپ قارىغان جەمىئەت شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنگەن ئەمەسمىدى.تامغا مۇشلىغىنىمچە ئۆزەمگە ئېچىنىپ يەنە ياش تۆكۈشكە باشلىدىم.
ئەمەلىيەتتە ياش ئەمەس چىپ-چىپ قانلار يۈرىكىمدىن ساقىپ چۈشمەكتە ئىدى.قولۇم بىر نەرسىگە ئۇرۇنغاندەك بولدى،كۆزۈم توساتتىن تامغا چاپلانغان بىر ۋاراققا چۈشۈپ قالدى، ئادەم ئىزدەش ئېلانى، مۇشۇ كۈنلەردە ئادەم بىدىكلىرى ئەجەپ يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ دېسە، بىچارە بالىلار نەلەردە تەمتىرەپ يۈرىدىغاندۇ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈتلىرى بولغان سەبىيلىرىمىز ئەمدىلىكتە كەلگۈسىنىڭ يانچۇقچىلىرى، ئاقچى-كۆكچىلىرى دېگەندەك بىر قاتار يامان ئىشلارنىڭ ئاسا سالغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ، بىچارىلەرنىڭ ئاتا -ئانىلىرىچۇ؟....لېكىن بۇلارنىڭ ئايىغىنى ئويلاشقا ماجالىم قالمىدى،گۈپپىدە يەرگە يىقىلدىم،نۇرسىز كۆزلىرىم ئاستا-ئاستا ئۆچۈشكە باشلىدى.كۆز ئالدىمدىلا چاشقانلار ئۇياق-بۇياققا چېپىشىپ يۈرمەكتە، ئۇ ۋاراق تېخىچە قۇلۇمدا قالغان ، ئاللىقانداقتۇر بىر ئويلار بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتىم...
قۇياش ئاللىقاچان نەيزە بويى ئۆرلەپ بولغان، ئىنجىقلىغىنىمچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆزەممۇ بىلمىگەن مەۋھۇم نىشانغا قاراپ ماڭدىم،بىر يانچۇقچى كۆز ئالدىمدىلا بىر ئايالنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرىۋاتاتتى،ئەمما ئايال سېزىپ قالغان چېغى كاپپىدە قىلىپ ئۇنىڭ قولىدىن تۇتىۋالدى،يانچۇقچى قولىنى بوشاتماق بولۇپ شۇنچە قېيىشقان بولسىمۇ لېكىن ئايالنىڭ قولىدىن زادىلا يۇلقىنالمىدى، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن يانچۇقچى شاپپىدە پورتىمالنى يىراققا پىرقىرىتىپ تاشلىۋەتتىدە،يۇۋاشلىق بىلەن ئايالنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرىشىنى كۈتۈپ تۇردى.مانا ھايال ئۆتمەيلا ساقچىمۇ كەلدى، تاماشا كۆرىدىغانلار يانچۇقچى بىلەن ئۇ خۇتۇننى چۆرىدەپ بولغان ، مەنمۇ بىلمەيلا چەمبەرنىڭ ئىچىگە ئېلىنىپ قاپتىمەن،تەمتىرىگىنىمچە ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدىم.
- ساقچى مەن ئالمىدىم، بايا تېخى بىر يانچۇقچى ئاختۇرغاندەك قىلغان،
-يالغان ئېيىتما ،سەن ئالمىساڭ قولۇڭنى تۇتىۋالاتتىم مەن ، پورتىمالنى چىقار.
-توۋا ئاچا ، قاراپ تۇرۇپ ئادەمگە قارا سۇگىماڭ، قايسى پورتىمالنى ، بۇ يەردە ئادەم شۇنچە جىق تۇر...
-تولا گەپ يورغىلاتماي ،ئالە دېگەنكىن ئالە،ھېلى ئاختۇرۇپ قالسام سەتلىشىپ قالىسەن.
- شۇ مەن ئالمىسام، مانا ئاختۇرساڭلا ئاختۇرۇڭلار.
يانچۇقچى شۇنداق دېگىنىچە ، ساقچىنىڭ ئالدىغا غادىيىپ باردى، ئايال بىلەن ساقچى شۇنچە ئاختۇرغان بولسىمۇ ئەمما نەتىجە چىمىغانىدى، ئايالنىڭ توساتتىن سۆز ئېچىشى مېنى چۆچىتىۋەتتى.
-مانا بۇ بالىمۇ كۆرگەن ، شۇنداقمۇ ، بايا يېنىمدا بارئىدى مۇشۇ بالا.
-سەن راستىنلا ئۇنىڭ بىر پورتىمالنى ئالغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ ؟
-ھە...ھە،ياق ، ئۇنى كۆرمەپتىمەن، مەن تېخى ھازىرلا كەلگەن، ئۇ بالىنىڭ ئالغىنىنى كۆرمىدىم.
شۇنداق دېگىنىمچە كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇ ئايالغا قارىدىم، ئايالنىڭ نەپرەتلىك كۆزلىرىنىڭ ماڭا تىكىلىشى بىلەنلا كۆزۈمنى پەسكە قارىتىپ ساقچىنىڭ ئالدىدا گۇناھكارلاردەك باش ئىگىشكە باشلىدىم.
-راست كۆرمىدىڭما؟
-نېمە قىلىمەن بىر يانچۇقچىنى قانات ئاستىمغا ئېلىپ.
يانچۇقچى گېپىمنى ئاڭلاپ مەككارلىق بىلەن ماڭا قاراپ ھىجىيىپ قويدى.
-قاراڭ خانىم، ئىسپات يوق شۇڭا بۇنى ئوغرى دەپ تۇتقىلى بولمايدۇ.
-لېكىن...
-كەچۈرۈڭ خانىم، يىپ ئۇچى بولسىلا سىزگە خەۋەر بېرىمەن.
ساقچى شۇنداق دېگەچ ئۇ يەردىن ئايرىلدى، ئايالمۇ بىر نېمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىغىنىچە ئەستا كىتىپ قالغانىدى،مەنمۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك يولۇمغا ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا دولامغا قۇيۇلغان شاپلاقتىن چۆچۈپ ئارقامغا قارىدىم.
-رەخمەت ساڭا بۇرادەر، باياتىن ياردەم قىلمىغان بولساڭ، قاماقتا بولاتتىم .
يانچۇقچى شۇنداق دېگەچ،باياتىن ئاللىقاياقلارغىدۇر تاشلىۋەتكەن پورتىمالنى تېپىپ قايتىدىن گەپ باشلىدى.
-سېنى دەپ قۇيارمىكىن دەپ بەك ئەنسىرىگەن، سەنمۇ يامانكەنسەن چاندۇرمىدىڭ،دوستلۇققا يارايدىكەنسەن. ماڭە ئولجىنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ كېلەيلى.
ئۇ شۇنداق دېگەچ مېنى تاماق يەپ كېلىشكە چىللىدى، مەنمۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم.ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغاچ تەقى-تۇرقىغا قارىدىم،ۋىجىككىنە كەلگەن، بىر كۆزى سەل قىسماق، يۈزلىرىنىڭ بەزى يەرلىرى تارتۇق بولغان ياشقىنە بىر يىگىتنىڭ ئارقىدىن مېڭىۋاتاتتىم.ھايال ئۆتمەيلا بىر غەرىپچە تاماقخانىغا كەلدۇق، مانا ھەش-پەش دېگۈچە تائاملار تارتىلدى، مەن خۇددى ئاچ بۆرىدەكلا تاماققا ئېتىلىشقا باشلىدىم، مېنىڭ بۇ قىلىقىم ئۇنى ئەجەپلەندۈرگەن چېغى ماڭا قاراپ سۆز ئاچتى.
-قانچە كۈن بولدى ساڭا تاماق يىمىگىلى.
-بەش كۈن
مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماستىن تاماققا داخىل بولۇشقا باشلىدىم،ئەمدى خېلى تېتىكلىشىپ قالغانىدىم، پۇت-قولۇممۇ ماغدۇرغا كېلىپ قالغانىدى، ئۇ تاماكىدىن بىرنى تەڭلىدى، تاماكىنى ئېلىپ ئاچچىق شورىغىنىمچە ئۇنىڭدىن سورىدىم.
-ساڭا بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟
-قانداق سېنىڭمۇ ئۆگەنگىڭ كېلىۋاتامدۇ؟
ئۇ مۇغەمبەرلەرچە ماڭا قاراپ ھىجىيىشقا باشلىدى، مېنىڭ كۈتكىنىممۇ دەل شۇ ئىدى، مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىشقا قىزىقىدىغانلىقىمنى مۇمكىن بولسا بۇ ھۈنەرنى ئۆگەنگۈم بارلىقىنى ئېيىتتىم، ئۇ قايتىدىن بىر تۇرۇقۇمغا قارىۋەتكەندىن كېيىن ماڭە دېگىنىچە ئۇ يەردىن ئورنىدىن تۇرۇشقا باشلىدى، بىز ئۇدۇل بىر سودا-سارايغا كەلدۇق، مانا بىر قۇر كىيىم بىلەن يېڭىچە بىر ئادەم بولۇپ قالدىم،ئۇ بىر كىشىگە تىلفۇن قىلغاندىن كېيىن ماڭا بىر نەچچە ئېغىز سۆز جىكىلەپ ئۆزىنى قايتىدىن تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى. ھايال ئۆتمەي قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان باداڭ قورساق بىر كىشى ئالدىمىزدا پەيدا بولدى،ئۇ بىز بىلەن سۇسقىنا بىر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئاستا ئۇنى يېنىغا تارتىپ بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن مېنى چاقىردى .
-ماڭا قارا ئاغىينە ، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ يەرگىچىلا ئەكىلىپ قۇيالايمەن، ھۈنەر ئۆگەنمەكچى بولساڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇنۇ كىشىگە ئەگەشكىن، خەير ئەمدى  خوشلىشاي.
ئۇ شۇنداق دېگەچ بىر تاكسىنى توسقىنىچە مەندىن ئايرىلدى ، مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي جايىمدا قاققان قوزۇقتەك جىملا تۇرۇپ باداڭ قورساقنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم، ماڭە دېگەچ مېنى ئارقىغا ئەگەشتۈردى، ھىچنىمىنى بىلمىگەن ھالدا ئىككى كۈن ئۇنىڭ ئارقىدىن ئەگەشتىم ، ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا بىز تۇيۇقسىز ئىچكىرگە ماڭىدىغان بولۇپ قالدۇق.
ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇشۇم بولغاچقا قەلبىم شۇنچىلىك ھاياجان ئىچىدە، ئاسمان بوشلۇقىدىن بۇ سېھىرلىك ئالەمگە قارىدىم،ئايرۇپىلان لەرزان ئۇچماقتا .
- توۋا، مەن تېخى جاھاننى بەكلا كىچىك دەپ ئويلايتتىم، نېمانداق كەڭرى بۇ جاھان،بوپتۇ ئانا دىيارىم مېنى ئۆز قوينىدىن يەكلىدى ئەمدى ئۆزگە يۇرتنىڭ لەززىتىنى كۆرىدىغان چاغمۇ كېلىپ قاپتۇ.شۇنداق شىرىن ئىزگۈ-خىياللار ئىچىدە يەنە بىر يېڭى ماكانغىمۇ كېلىپ قاپتىمەن، باداڭ قورساق مېنى شەھەر سىرتىدىكى خالى بىر جايغا جايلاشقان داچىسىمان ئارامگاھقا باشلاپ كەلدى، ئۇلارنىڭ تىلى بويىچە بولغاندا بۇيەر جەننەت ماكانى دەپ ئاڭلىنىدىكەن،بىردەمدىن كېيىن قاۋۇل بەستىلىك كەلگەن بىر كىشى ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى، باداڭ قورساقنىڭ شۇنچە تەكەللۇپ قىلىشلىرىدىن ئۇنىڭ خوجايىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، توساتتىن ھويلىنى قىيا-چىيا قاپلىدى .
-ئاكا،ئۇنداق قىلماڭ ئاكا...
-بىر كۈن بازار ئويناپ تاپقان پۇلۇڭ مۇشۇما، بىزنىڭكىنى يەيسەن، سەن ھارام تاماقلارنىڭ پوقى دورىمۇ بىزگە،نەچچىلىك ۋاقىت بولدى ساڭا ھۇد....
-قورقما ،بولدى كۆنۈپ قالىسەن،ئاڭلىسام بۇ ئىشقا قىزىققاچقا سېپىمىزگە قوشۇلماقچى بوپسەن .
تۇيۇقسىز سورالغان سوئالدىن ھۇدۇقۇپ نېمە دېيىشىمنى ئۇقالماي بىر ھازا تەمتىرەپ قالدىم،مېنى قوينىغا ئالماقچى بولغان بۇ جەننەت ماكانغا قايتىدىن بىر قاراپ چىقتىم، كىچىكى 9~10ياش  چوڭلىرىنىڭ يېشى 50لەرگە ئۇلاشقان 15تەك ئادەم جەننەت ماكاننىڭ ئەزالىرى ئىدى، مانا بۈگۈن بۈ ماكانغا يەنە يېڭى بىر ئازا قېتىلدى،قاياقلاردىندۇر ئېچىنىشلىق پەريادلار ئاڭلىناتتى،بىرسنىڭ بىشارىتىدىن ئىسىمگە كەلدىم .
-ھە،مەن قىزىقىمەن، قاچانلاردىن بۇ خىيالغا كېلىپ قالغىىمنى بىلمەيمەن، پەقەت بۇ ھۈنەرنى ياخشى ئۆگىنىپ سىزگە ئوخشاش كىشى بولغۇم بار
-ھا!ھا!ھا! ماڭا ئوخشاش دە، خېلى غەيرىتىڭ باركەن ، تىرىشىپ ئۆگەنسەڭلا مەندىن ئېشىپ چۈشكىدەك ماھارەتنى يىتىلدۈرىسەن، ھوي، سەن بۇيەرگە كەل .
خوجايىن شۇنداق دېگىنىچە مېنى ئوتتۇرا بوي بىر كىشىگە تۇتقۇزدى،ۋە ماڭا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ئۇستاز بولىدىغانلىقىنى ، ياخشىراق ئۆگىنىشىمنى جېكىلەپ ئورنىدىن تۇردى .
مانا شۇ كۈندىن كېيىن مېنىڭ يېڭى تۇرمۇشۇم باشلاندى، ئۆگىنىشىم ھەقىقەتەن ياخشى بولۇۋاتاتتى، كۈۈدە دېگۈدەك ئاچچىق ئىڭراشلار،ئازاپلىق يالۋۇرۇشلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى، لېكىن مەن ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدىم،تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگەنگەچكە باشقىلار نەچچە ھەپتىدە ئۆگىنىدىغان ھۈنەرنى مەن نەچچە كۈندىلا ئۆگىنىۋالاتتىم،باشقىلار ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قارايتى، كېيىنچە چوڭ ئاكىلار مېنى تۇتقا قىلىپ پۇلنى ئاز تاپقانلارنى تېخىمۇ قاتتىق خورلايدىغان بولىۋالدى، بۇ چاغدا ئۆزۈمنى پەخىرلىنىش ئىچىدە چوڭ تۇتۇشقا تىرىشاتتىم،ئەلۋەتتە  نېمىشقا بۇنچە تېز ئىلگىرىلىشىم ئۆزەمگە ئايان ئىدى، مۇشۇ ئىشقا بولغان بىر خىل قىزىقىش مېنى توختىماي ئۆگىنىشكە زورلايتى،لېكىن ئۇلارچۇ؟ ئۇلار مەجبۇرلاش خارەكتىرلىك ئۆگەنگەن بولغاچقا پەقەت ئۇلارنىڭ  قارشى تۇرۇش ئېڭى ئاجىزلىغان چاغدىلا ئاندىن ئۆگىنەلەيتى، شۇنداق قىلىپ بۇجىنايەت پاتقىقىغا ئۆزۈم خالاپ كەچتىم، يۈرۈكۈمنىڭ بارغانسىرى قارداپ كەتكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى، خوجايىنلارنىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيىسى ئالاھىدە ياخشى ئىدى، ئەلۋەتتە بۇنداق ياخشى تەمىناتلار ماڭا ئازدۇر-كۆپتۇر دۈشمەنلەرنىمۇ كۆپەيتىپ قويغانىدى، نېمىشقىكىن بۇ جەننەت ماكاندا جەمىئەتنىڭ نەقەدەر ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇ چاغلاردا خوجايىن بىزگە مۇنداق تەلىم بېرىدىغان كۈچلۈكلەر ھامان غالىپ كېلىدۇ دەپ ،بۇ يەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا پۇلنى جىق تېپىش غالىپ كەلگەننىڭ ئىپادىسى ئىدى ، بىر مەزگىللىك ئۆگىنىشتىن كېيىن مەنمۇ بازارغا چىقىپ پۇل تاپىدىغان بولدۇم، شۇ تاپتا ئۆزەمگە قاتتىق ئىشىنەتتىم،نەچچىلىگەن كىشىنىڭ يانچۇقىدىن تۈشۈك ئېچىپ يانچۇقۇمغا پۇللارنى توملاپ كېتىدىغاندەكلا تۇيغۇدا ئىدىم،لېكىن ئويلىغىنىم كۈتكەندەك بولمىدى، تۇنجى قېتىملىق بازار ئوينىشىمدىلا قاماققا چۈشۈپ قالدىم، مەن ئەڭ قورققان ئىش مۇشۇ ئىدى، توساتتىن ھېلىقى چاغدىكى تۇنجى كۆرۈشكەن بۇرادىرىمنىڭ سۆزلىرى ئېسىمگە كەلدى.
-ئىشلىرىڭغا ئامەت تىلەيمەن، تۇتۇلۇپ قالمىغايسەن، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىملىق بازار ئوينىشىڭدا تۇتۇلۇپ قالساڭ ئۇلارنىڭ سەن بىلەن پەقەت كارى بولمايدۇ...
نېمە قىلىشىمنى بىلمەي قاراڭغۇ كامىردا ئولتۇرۇپ بىرە مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۈتمەكتە ئىدىم، نەچچە كۈننىڭ ياقى قىلغان تىرىشچانلىقىم مۇشۇنداقلا يوق بولارمۇ ؟
-ھەي ! سەن چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ، ھە سېنى دېدىم.
قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالغانىدىم، ئېنىق ئۇلار مېنى قۇيۇپ بەرگەنىدى،قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالغانىدىم ، ۋاھ!دەۋەتتىم ساقچىخانا ئالدىغا چىقىپ، بىردەمدىن كېيىن بىر ماشىنا كېلىپ مېنى ئەكەتتى .
چاڭ قىلغان بىر شاپىلاق بىلەن مەڭزىم ئوت بولۇپ ياندى، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالغانىدىم.
-بۇ شاپىلاق ساڭا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش ، تەلىيىڭ باركەن، ئەقىللىق بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا جەننەتكە قايتىپ كېلەلىدىڭ بولمىسا تۇرار جايىڭ دوزاق بولاتتى.ھەممە كىشى تۇنجى قېتىملىق ئىشىدا ئوڭۇشلۇق بولۇشنى تىلەيدۇ، مەن تېخى سېنى ...
چاڭڭىدە قىلىپ يەنە بىر تەستەك سېلىندى، ئەينى چاغدا ماڭا ھەۋەسلىنىپ قارىغان كىشىلەر ئەمدىلىكتە ماڭا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارايتى، بەلكىم ئۇلار سەنمۇ شۇنچىلىككەنسەنغۇ دەۋاتقاندۇر .
- بۇ تەستەك سېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۇتۇلۇپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن سىگنال، ئاڭلاپ قال، نەچچە كۈندىن بۇيان بىزنىڭكىنى يېدىڭ،ھېچقايسى يېڭى ئەزالار بەھرىمان بولالمايدىغان ھۇزۇردىن بەھرىمان قىلدۇردۇم، لېكىن سەن ئۈمىدىمنى يەردە قويدۇڭ، ئاڭلاپ قال بۇيەردە ئىشلىگەن چىشلەيدۇ.
-يوقىتىڭلار مانى .
نەچچەيلەن كېلىپ مېنى قاراڭغۇ كامىرغا سولاپ قويدى، مەندىن باشقا يەنە بەش بالا ئۇيەردە ئىڭرىغىنىچە مۈكچىيىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان تەمىناتتىن بەھرىمان بولغانلىقىنى سېزىپ بىر بۇلۇڭغا  بېرىپ ئولتۇردۇم، نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى،بىز گويا ئۇنتۇلغان ئادەمدەك ھېچكىم يوقلاپ قۇيايمۇ دېمىدى، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق قىينىماقتا ئىدى، بولۇپمۇ يېقىندا چېكىشنى ئۆگىنىۋالغان ئاق تاماكىنىڭ خۇمارى مېنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ئازاپ بىلەن قىينىماقتا ئىدى.ئەمدى چىدىمىدىم،ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە ئىشىكنى جالاقشىتىپ ئۇرۇشقا باشلىدىم.
-ئادەم بارمۇ!مەن چىدىمىدىم!ئىشىكنى ئېچىڭلار، ئاكا ، مەن خاتا قىلىپتىمەن، يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ ئاكا، ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ قېتىم چۇقۇم كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقىمەن ئاكا،
يەردە ئىتتەك يۈكىنىپ  يىغلاپ-قاخشاپ يالۋۇرماقتا ئىدىم، غارت قىلىپ ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئىككى ناتۇنۇش سايە قولتۇقۇمدىن سۆرىگىنىچە سېرىتقا ئېلىپ چىقتى،كاللام قاپاق ئەس-يادىم شۇ بىر بولاقتىلا .
-ئاڭلىسام تۆۋە قىلىپسەن، قانداق گۇناھىڭنى تۇنۇدۇڭمۇ؟
خوجايىن شۇنداق دېگەچ ئالدىغا بولاقتىن بىرنى تاشلىدى. مەن ھاپىلا شاپىلا يېنىمدىن چاقماقنى چىقىرىپ ، بەڭ سىيرىشقا باشلىدىم، پۇت-قولۇمغا جان كىرگەندەك بولدى، شۇ تاپتا ئۆزۈمنى ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم،بىردەمدىن كېيىن ئۆزەمنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۋېلىپ سۆز ئېچىشقا باشلىدىم .
-خاتالىقىمنى تۇنۇدۇم ئاكا ، يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ،بۇ قېتىم مەن چوقۇم ...
-نەچچە كۈن ئارام ئېلىۋال ئاندىن كېيىن بىرنەرسە دېيىشەيلى، شۇنى ئۇقۇۋال ئەگەر بۇ قېتىم يەنە تۇتۇلۇپ قالساڭ قانداق كۈندە قالىدىغانلىقىڭ ئۆزەڭگە ئايان .
- بۇنى بىلىمەن ئاكا،بولدى مەن ئارامنى ئېلىپ بولدۇم بۈگۈنلا بازارغا چىققۇم بار خالىسىڭىز...
مەن شۇنداق دېگىنىمچە خوجايىنغا يىلىنىشقا باشلىدىم،ئۇ ماڭا بىرەر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ،ماڭا ئىككى كىشىنى قۇشۇپ قويدى،بۈگۈن تەلىيىم ئوڭدىن كەلگەن چېغى،نەچچە سائەت ئىچىدىلا خېلى جىق پۇل تاپتىم، كەچ بولغاندا مەغرۇر ھالدا جەننەتكە قايتىپ كەلدىم، خوجايىن مېنى توختىماي ماختايتى، بۈگۈنكى تۆھپەمنىڭ بەدىلىگە مەن خوجايىنىڭ سول بېقىنىدىن ئورۇن ئېلىش شەرىپىگە ئېرىشتىم.شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ كەتتى، ھەش-پەش دېگۈچە بۇ جەننەت ئارالدىكى ئىناۋىتىم ئېشىشقا باشلىدى، ئىلگىرى مېنى ئارقىغا سېلىپ ماڭىدىغان كىشىلەر ئەمدىلىكتە مېنىڭ ئارقامدىن لالما ئىتتەكلا ئەگىشەتتى،مانا ئەمدىلىك خوجايىننىڭ ئوڭ بېقىنىدىكى ئۆزگەرمەس كىشىگە ئايلانغانىدىم، شۇ چاغدىلا بۇيەرنىڭ نېمىشقاجەننەت ماكان دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدىم، كۈنلىرىم ئەيش-ئىشرەت،كەيىپ-ساپا ئىچىدە شۇنچەخىرامان ئۆتمەكتە، مەن ھىس قىلالىغانىدىم،جەمىيەتنىڭ نەقەدەر ئىللىقلىقىنى ھىس قىلالىغانىدىم، ئىلگىرى مېنى جەمىيەتكە پالىغان ئاشۇ كىشىلەرگە نەپرەتلەنگەن بولسام ،ئەمدى ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىغا رەخمەت ئىيتماقتا ئىدىم، ئىلگىرى ئىللىق ماكانىمنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن قانچە ئەنسىرىگەن بولسام ئەمدى بۇ ماكاننى شۇ ئائىلەمگە ئوخشىتىپ قالغانىدىم، كۆڭلۈمدىكىنى ئېيىتقاندا ھازىرقى ماكانىمنىڭ ۋەيران بولۇشنى خالىمايتىم، لېكىن نېمىشقىكىن يېقىندىن بۇيان ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتاتتى، قانۇن-تۈزۈمنىڭ كۈچىيىشى، شوركىلارنىڭ پات-پات قېچىپ كېتىشلىرى، مەن-مەن دېگەن يانچۇقچىلارنىڭ ئازىيىپ كېتىشى بۇ جەننىتى ماكانىمىزغا خىرىس ئەكەلمەكتە ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ مەن كۈتىۋاتقان نەتىجە ئەمەس، بۇنىڭغا ئامال تېپىشىم كېرەك ئىدى، قانداق قىلىشىم كېرەك ، توساتتىن ئۆزەمنىڭ بۇ يولغا كىرىپ قالغانلىق كەچمىشلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم،توۋا قىقسىغىنە ياشلىقىمدا ئەجەپ بىر ئىشلار يۈز بېرىۋاتقاندۇ،لېكىن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىرادەمگە خىلاپ بولىۋاتاتتى. بۇرۇن يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەنلىكىم ئېسىمدە،
-مەن بۈگۈن ئۈچۈنلا تۇغۇلغان ،قەلبىمدىكى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان نەپرەت مېنىڭ ئەتىنى كۆرىدىغان كۆزۈمگە بىر قەۋەت تۇمان پەردىسىنى ئاسقان، لېكىن مەن ھىچقاچان ئۇ پەردىنى قايرېۋېتىشنى ئويلاپ باقمىدىم ، چۈنكى ئۇ پەردە مېنىڭ بۈگۈن كۈلۈپ ياشىشىم ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەردى، شۇڭا مەن بۈگۈنگە ئامراق ئەتە بىلەن كارىم يوق.
لېكىن بۈگۈن توساتتىن بۇ پەردىنى قايرىۋەتتىم، ۋاھ!ئەتىنىڭ نۇرلىرى نېمانداق پارلاق كۆزۈمنى ئاچالماي قالدىم،نېمىشقىمۇ بالدۇراق ئەتىگە قاراپ باقمىغاندىمەن، قاقاقلاپ كۈلىدىغان چاغلىرىم ئەسلى ئەتىدىكەن ئەمەسمۇ، قارىغاندا نەپرەتلىرىم سۇسلاپ قالغان چېغى، شۇنداق بىر ئۆچمەنلىك بىلەن ئاسمانغا قاراپ قويدۇم،ئېرىشىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كېرەك، بەلكىم ئەتىنىڭ پەردىسىنىڭ قايرىلىشى ماڭابولغان نەپرەتلەرنى ئۇلغايتىۋېتىشى مۇمكىن ،لېكىن مەن بۇنىڭغا رازى، ناۋادا شۇ نەپرەتلەرنىڭ بەدىلىگە مەن پۈتمەس -تۈگىمەس ئامەتلەرگە ئېرىشىپ قالسامچۇ؟بۇ پەردە كىچىكىپ ئېچىلىپ قالدىمۇ ياكى ئېچىلغىنى خاتا بولدىمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، لېكىن مەن بۈگۈن  ئەتىنى كۆرۈشكە قىزىقىپ قالدىم،توساتتىن يۈرىكىمنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ شۇنچىلىك قارىداپ كېتىپتۇ، قارىسام يۈرىكىممۇ بىر قەۋەت پەردە بىلەن توسۇپ قويۇلغان، بەلكىم ئۇ پەردىنىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر كۈنۈم بولىشى مۇمكىن،ئۇنى ئويلىنىشقا ۋاقتىم يوق، ئەتىنىڭ پەردىسىنى ئاران ئاچتىم شۇڭا ئاۋال ئەتەمنىڭلا غېمىنى يېيىشىم كېرەك. ئويلىنىشقا باشلىدىم...  يېڭىچە بىر قەبىھ خىيال مېڭەمدە ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى، كاللامنى قاتتىق بىر سىلكىۋەتكىنىمچە ،بۇ يېڭى پىلانىم ئۈچۈن ئىزدىنىشكە باشلىدىم ...


ئۆزگىچە تاكتىكا

(2)




-ئاكا ،رەپقەت يەنە تۇتۇلۇپ قاپتۇ.
-ئاكا شايكىلىرىمىز  بۈگۈنمۇ قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ.
-ئاكا..
بولدى !نېمە تۈگىمىگەن ئاكا -ئاكا ئۇ، ھۇد لامزەللىلەر قولىدىن تۈزۈك ئىشمۇ كەلمىگەن ،خۇمسى ھېجىقىزلار، ھەر قايسىڭغا بىكارغا ئاكىمۇ مەن ، شەھەر كۆرسىتىپ كۆزىنى ئېچىپ قويسام ........ئۇكام !
ئاكامنىڭ توساتتىن مېنى چاقىرىشى بىلەن شاپپىدە ئۇنىڭ قېشىدا ھازىر بولدۇم،
-نېمە ئىش ئاكا؟
-ئەمدى ئۆزەڭمۇ كۆرىۋاتىسەن ئۇكا،نەچچە كۈننىڭ ياقى ماۋۇ كوسپۇرۇچلارنىڭ بازا ئوينىشى ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئۆزۈڭ بىر مۇشۇلارنى ئارقاڭغا سېلىپ چارلاپ كەلمىسەڭ بولمىدى .
-ھە،مۇشۇ ئىشمىدى ،ئۇقتۇم ئاكا، مەن ھازىرلا...
-توختا ئۇكا، ئاۋۇ رەپقەت دېگەن جالاپنىڭ بالىسىنى تۈرمىدىن ئاچىقىڭلار.
ئاكامنىڭ توساتتىن دېيىلگەن بۇ گېپىدىن ئەمدىلا ئاتلىماقچى بولغان بىرىنچى قەدىمىمنى جايىغا قۇيۇپ قويدۇم، ئاكام بولسا ئاڭلىمىدىڭمۇ دېگەن تەلەپپۇزدا بايىقى گېپىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى .ھەيرانلىقتىن ئۆزۈمگە سوئال قويغۇم كېلەتتى.
توۋا، بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىققاندۇ ، ئادەتتە شايكىلىرىمىزنى ساقچىلار تۇتىۋالسا  بىز ئەپچىقىلىمۇ دېمىسەك  ئاكىمىز ئۆزى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئېغىز ئاچمايدىغان لېكىن بۈگۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەپقەت مۇشۇنىڭ بىلەن 6قېتىم ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىندى،ئادەتتە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تۇتۇلغانلار ئاكامنىڭ رەھمىتىڭگە ئېرىشەلمەيتتى، ئۇنىڭ ھۈنىرىغۇ خېلى يانچۇقچىلاردىن قېلىشمايدۇ ،لېكىن ئۆتكەندە ئەڭ قابىل بىر شايكىمىز ئىككنچى قېتىم ھەپسىگە ئېلىنغاندىن كېيىنلا  خوجايىنغا شۇنچە گەپ قىلساقمۇ ھېچبىر كارى بولمىغان، ئۇنىڭ ئالدىدا مۇنۇ رەپقەت دېگەن سەي بولالمايتىغۇ؟
كاللامغا كەلمىگەن خىياللار قالمىدى،يەنىلا رەپقەتنى ئاچىقىۋېلىشنى ئويلايتتىم ئەنە شۇنداق خىياللار ئىچىدە ئۈچ بالىنى ئەگەشتۈرۈپ بازار ئوينىغىلى ماڭدىم.
پاھ! تەلەي دېگەن مەندىن ئايلىنىۋاتاتتى، تۆت تال ئايفۇن، 6~7مىڭچە نەق پۇل ۋە ئىككى سومكا ئولجا ئاپتىمىز، قىزىق ئىش دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە، ما شايكىلارنىڭ ھەممىسى ساقچىلار ئەدەپ قالدى، بازارغا چىقماق تەس بولدى دەۋاتاتتى ،نەدىكىنى،  مېنىڭچە ساقچىلار بۇرۇنقىدىنمۇ بەكراق بوشاپ كېتىپتۇ، ماۋۇ نەچچە كۈندىن بۇيان بازارغا چىقىپ تۈزۈكرەك نەرسە تاپالمايۋاتقان چۈپرەندىلەرمۇ بۈگۈن مەن بىلەن بىرگە چىقىپلا ئالدى 5000كەينى بىرە يانفون بولسىمۇ تېپىپ كەپتۇ دېسە،زادى بۇنىڭ ئىچىدە بىر سىز بار.
كەچتە يانلىرىمىزدىكى يانفون قاتارلىق پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ قاماقخانىغا رەپقەتنى ئەپچىقىش ئۈچۈن باردۇق،ساقچىلار ئالاھەزەل يېرىم سائەت رەپقەتكە تەربىيە ئىشلىگەندىن كېيىن ئۇنى قويۇپ بەردى ، گەرچە رەپقەت كىركەتكىلى ئىككى كۈن بولغان بولسىمۇ لېكىن بىر كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان قېرىنداشلاردەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق، توساتتىن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ قالدىم، مەن تېخى ئۇنى ئەچىققىنىمدىن خۇش بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم لېكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل نارازىلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى، ھەيرانلىقتا ئۇنىڭدىن سورىدىم.
-ۋوي رەپقەت،شۇنچە پۇل خەجلەپ سېنى قۇتقۇزۇپ قويسام ھېچبىر رەھمىتىڭمۇ يوققۇ بالاڭزا، قارىغاندا كىچىكىپ كەلگىنىمىزدىن نارازى ئوخشمامسەن، كەچۈرگىن نەچچە كۈندىن بۇيان بەزى ئىشلا تۈپەيلى سېنى ۋاقتىدا ئەچىقالمىدۇق،مانا ئەمدى كەلدۇققۇ، خۇشال يۈرە.
ئۇ يەنىلا شۇنچىلىك سۈكۈت ئىچىدە، بۇرۇنقى رەپقەت رەپرەپ دەيدىغان ئاغىنىمىز ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن ، ئەينى چاغلاردا رەپقەت بەكلا شوخ بولۇپ ،نەچچە قېتىم يانچۇقچىلىق قىلىپ سېزىلىپ قالغاندىمۇ ئۆزىنىڭ شوخلۇقىدىن بەزى بىر قىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ كۆزلەرنى غەلەت قىلىپلا قۇتۇلاتتى، ساقچىخانىغا كىرىپ قالسىمۇ قانداقتۇر بىر قىلىقلىرى بىلەن ساقچىلارنى گاڭگىرىتىپ قۇياتتى،شۇڭا بىز ئادەتتە ئۇنى رەپقەت پىر-پىر دەپ ئاتايتتۇق.
-گەپ قىلامسەن يا بالا، ساقچىلار تىلىڭنى كىىسىۋەتمىگەندۇ؟
-رەپقەتكا ، ھىچ بولمىسا مەن ياخشى دەپ قويساڭمۇ بولىدۇ، سېنى ئەچىقىشقا 5000سوم كەتتى جۇمۇ
-بولدى قىلىشە،ماڭە تاكسى توسۇپ كەل ، بۇ رەپقەتنىڭ ھازىرچە گەپ قىلغۇسى يوق ئوخشايدۇ ھېلىلىققا ئاكامنىڭ ئالدىغا بارغاندا زۇۋانى ئېچىلىدۇ بۇ رەپرەپنىڭ.
تاكسىنىڭ ئىچىدىكى كۆزىتىش ئەينىكىدىن ئارقا رەتتە ئولتۇرغان رەپقەتكە قارىدىم، ئۇ يەنىلا شۇنچىلىق مسكىنلىك ئىچىدە بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە قاراپ ئولتۇرماقتا، تاكسى شەھەرنىڭ غۇۋا توك نۇرىدا ئاينى قوغلغىنىچە بىرلىك سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتماقتا، شۇ ئايلانىڭ ئورنى بىزنىڭ جەننەت ماكانىمىز، تاكسى بارا-بارا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ يولنىڭ چېتىدە توختىدى، بىز مەغرۇر قىياپەت بىلەن خۇددى جەڭدە غالىب كەلگەن ئەسكەرلەرگە ئوخشاش، بۇ جەننەت ماكانىمىزدىن ئاتلىدۇق، ئارىمىزدا پەقەت رەپقەتلا بىزگە ئەسىرگە چۈشكەن ئادەمدەكلا بېشىنى سالغىنىچە ئارقىمىزدىن كەلمەكتە، بۇنىڭ سەۋەبى بىزگىمۇ نامەلۇم، چۈنكى بىز ئۇنى ئەسىر ئەمەس بەلكى جەننەت ماكانىمىزنىڭ بىز ئەزاسى سۈپىتىدە بۇ يەرگە ئەكەلدۇق.
-ئاكا!ئاكا، مەن قايتىپ كەلدىم ، رەپقەتنىمۇ قايتۇرۇپ كەلدىم.
ئاكام مەن بىلەن سۇسقىنا ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن  ئاستا رەپقەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى،رەپقەت يەنىلا جىممىدە تۇراتتى ، تەرەپ -تەرەپلەردىن پىچىرلاشلار ئاڭلاندى.
-رەپقەت..
-رەپقەت ، ئاكامغا سالام بەرمەمسەن،
-ساقچىخانىدىن چىققاندىن تارتىپ مۇشۇنداق ، نېمە بولغاندۇ بۇ يېتىمغا؟
چاڭڭىدە قىلغان شاپىلاق ئاۋازىدىن ھەممىمىز چۆچۈپ كەتتۇق.
-ھۇد ھارىمى، سېنىڭ ئويۇنلىرىڭنى مەن بىلمەي قالىمەنما ، نەچچە قېتىم پۇرسەت بەردىم مەن ساڭا ، دەپ باقە! ئالتە قېتىم ...
-ئۇكام سەن قېلىپ قالغانلىرىڭلار ئىشىڭلارنى قىلىڭلار.
ئاكام شۇنداق دېگىنىچە باشقىلارنى سارايدىن چىقىرۋەتتى، ئۇ يەنىلا رەپقەتكە سۆزلەۋاتاتتى.
-ئۆزۈڭچە ئەقىللىق بولۇپ كېتىپسەن-ھە، ئىككى قېتىمدىن جىق سولانسام تۈرمىدىن ئەچىقمايدۇ ئامالسىز ئۇلار مېنى يۇرتۇمغا قايتۇرۋېتىدۇ دەپ ئويلىغانمىدىڭ ، ئاناڭنى جالاپنىڭ بالىسى، ئاڭلاپ قوي داداڭ سېنى ماڭا 5000مىڭ كويغا سېتىۋەتكەن، شۇڭا بۇيەردە مەن سېنىڭ داداڭ، ھۈنىرى ياخشى دەپ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ قويسام خەپ جۇمۇ...
ئاكام شۇنداق دېگىنىچە تۇرۇشقا ئېسىللىق تۇرغان پۇرژۇنلۇق كالتەكنى ئېلىپ رەپقەتنى ئۇرۇشقا باشلىدى، كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار مېنى گاڭگىرىتىپ قويغانىدى، دەماللىققا ئارىغا چۈشۈپ ئاكامنى توسۇپ قالالمىدىم،چۈنكى رەپقەت توغرىسىدىكى بايانلار مېنى  سەل چۈشەپ قويغانىدى، ئاتىسى سېتىۋەتكەن دېگەن قانداق گەپ ئەمدى، بىزدەكلەر ئاتا-ئانا مېھرىگە قانالماي ئامالسىز مۇشۇ يولنى تاللىدۇق لېكىن بۇ رەپقەتنىڭ ......ئىشلارنىڭ كەينىنى ئويلاشقا رايىم بارمايتى،لېكىن ئاكامنىڭ گەپلىرىدىن ئۇنىڭ بۇ جەننەت ماكانىمىزنى ۋەيران قىلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدىم، مېنىڭمۇ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى.
- ھېي خۇمسى ، نەچچە يىلدىن بۇيان سېنى بېقىپ بۈگۈنكىدەك قىلىپ قويغان ماكانىڭغا قارايۈزلۈك قىلماقچىما سەن ، ئىسىت يىگىت بولۇپ قالغىنىڭ ، خېلى ئېسىل نېمە دەيتتىم مەن سېنى ، چەكچىيىسەنغۇ ؟
شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنىڭ مەيدىسىگە نەچچىنى مۇشتلىۋەتتىم،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن پەقەت غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنىلا كۆرگىلى بولاتتى، ئاكام بىر تەرەپتىن ئۇنى تىللىسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى تازا سالاتتى ، لېكىن ئۇ يەنىلا سۈكۈت ئىچىدە، ئاكام توساتتىن قاتتىق ۋارقىرىدى.
-قايسىڭ بار!
ھەش دېگۈچە بالىلار يىغىلىپ تەق بولدى، مەنمۇ ئاكامنىڭ قېشىدا تۇرۇپ گېپىنى ئاڭلاشقا تەمشەلگەنىدىم.
-يېقىندىن بۇيان ئارىمىزدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي ، ماڭا قارشى چىقىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى، مەن نەچچە يىل ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن كشىلەرمۇ تېخى ھالىغا باقماي مېنىڭ ئارقامدىن پىچاق ئۇرۇپتۇ، تۈفىي!
بىلىپ قويۇش ھارام تاماقلار، سەن كىيىۋاتقان،ئىچىۋاتقان ،چېكىۋاتقىنىنىڭ ھەممىسىنى سەنلەرگە مەن بەرگەن ، مەن خالىساملا ئوخشاشلا ھەممىسىنى قايتۇرۋالالايمەن ،  مانا بۈگۈن ھەممىڭلارغا ئىبرەت بولۇشى ئۈچۈن مەندىن يۈز ئۆرىگەن مۇنۇ ئىتنىڭ بالىسىنى جازالايمەن. ئەركىن ماڭە كىرىپ زاڭدونى ئەپچىق!
بىر شوركا دىكىلداپ يۈرگىنىچە زاڭدونى ئاكامغا تۇتقۇزدى.ھەممىمىزنىڭ كۆزى بىردە رەپقەتتە بولسا بىردە ئاكامدا ئىدى، ئاكام شەرەت قىلىپ مېنى يېنىغا چاقارتتى،
-ئۇكام بۇياققا كەل ، بۇ ناكەسنىڭ قولىنى كەسكىن، بىز ئۈچۈن ئىشلەشكە خالىمىغان قولنىڭ ئەمدى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئوتنى يوق.
-ئاكا!ئاكا ...بۇ،
-بۇ دېگەن بۇيرۇق!
ئاكام شۇنداق جىددى تەلەپپۇزدا ماڭا قاتتىق ۋارقىرىدى، ئۈستەلدىكى زاڭدونى ئالدىمدە ئۇنىڭ قولىنى ئالدىمغا تارتىپ يەنە جىملا بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭدا ھېچبىر قورقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى، قولىنى تارتىۋالىدىغۇ دەپ ئويلىغانتىم لېكىن ......قايتىدىن بىر غەيرەتكە كېلىپ ئۇنىڭ ئىككى بارمىقىنى چىقارغىنىمچە كۈچەپ پىچاق ئۇردۇم، ۋايجان دېگەن ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ ئىككى بارمىقى قولىدىن ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپ بىردەم بېلىقتەك پىلتىڭلىغاندىن كېيىن جىمىپ قالدى، ئۇ ئاغرىقنى ئىچىگە يۈتكىنىچە يەنىلا ئۈن-تىنسز ئولتۇراتتى، ئەمدى بالىلار ئۇنىڭ نورماللىقىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالغانىدى.
-كېلىڭلار، بۇ دەيۈزنى قوغلاپ چىقىرىڭلار!
بالىلار ھەھۇ دېيىشىپ ئۇنى سارايدىن قوغلاپ چىقىرىشتى، توساتتىن ئاسمان يىغلىۋەتتى، شۇنچە خورلۇققا ، ئاغرىققا ، ھاقارەتكە رەپقەت چىدىغان بىلەن ئاسمان چىدىمىدى، شارقىراپ ياغقان يامغۇردا ئۇ ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكىگىنىچە كېتىپ بارماقتا، بارماقلىرىدىن چىپ-چىپ قىلىپ ئاققان قىپقىزىل قان يامغۇر سۈيىگە ئارلىشىپ ئاستا-ئاستا سۈزۈكلىشىپ كەتكەنىدى، مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تاكى قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم.
-ئاكا ، خوجايىن سېنى چاقىرىدۇ.
-ھە مانا!
جىددىيلىكنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن تاماكىدىن بىرنى ياقتىم، شۇ تاپتا كۆڭلۈم راستىنلا پەرىشان بولۇپ قالغانىدى، رەپقەت بىلەن ئۆتكەن شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ قالدىم، ئامان بول رەپقەت....
-ئاكا مېنى نېمىگە چاقىرغانتىڭ
-ھەممىڭلار ئاڭلاپ تۇرۇڭلار ، بۈگۈندن باشلاپ بۇ ئۇكام مېنىڭ ئىزباسارىم بولىدۇ، مەن يوق چاغلاردا ھەممىڭلار ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايسىلەر، مېنى قانداق كۆزدە كۆرسەڭلار ئۇنىمۇ شۇنداق كۆزدە كۆرۈڭلار، ھازىردىن باشلاپ مانا بۇ خوجايىن.
گۈلدۈراس ئالقىش ئاۋازى ئاڭلىنىپ كەتتى، ھەممە كىشىلەر مەن ئۈچۈن تەنتەنە قىلماقتا ئىدى،مەنچۇ؟ مەنمۇ قاقاقلاپ كۈلۈشۈم، بۇ خوشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشۇم كېرەكمۇ ؟لېكىن مەن بۈگۈن پەقەتلا خۇشال بولالمىدىم،ئۆزەم ئىنتىلگەن ئورۇنغا ئېرىشىپ يەنە نېمىشقا خۇشال بولالمايدىغاندىمەن،
شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە كۈندە پەقەتلا ئېچىلالمىدىم ، بىر كۈنى ئاكام چاقىرىتىپ قالدى.
-ئۇكام يېقىندىن بۇيان قىلغان ئىشنىڭ تاينى يوق، ئادەملىرىمىز ھە دېسىلا ساقچىنىڭ قولىغا تۇتۇلۇپ ياكى بولمىسا ۋەزىپىنى تۈزۈك ئادا قىلالمايۋاتىدۇ، تىللاپمۇ باقتۇق ، ئۇرۇپمۇ باقتۇق ،لېكىن ھېچبىر كارغا كەلمىدى، مەن تېخى رەپقەتنىڭ ئىشىدىن ئىبرەت ئالارمىكىن دەپ ئويلىسام ئەكسىچە بۇلار تېخىمۇ چىكىنىپ كەتتى .
رەپقەتنىڭ گېپى چىقىش بىلەنلا  ئۈنۈم تېخىمۇ ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقتۇ ؟
- شۇڭا ئۇكام سېنىڭ كاللاڭ ئىشلەپ قويىدۇ، ئۆزۈڭ بىر شايكىلارنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپ بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ باقساڭ .
-بولىدۇ ئاكا ، ماڭا ھەپتە ۋاقىت بەرگىن ، بىر ھەپتىدىن كېيىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئىنىقلاپ بولىمەن.
-يارايسەن ئۇكام ، چىقساڭ بولىدۇ.
ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە ئۇ يەردىن ئايرىلدىم، ئەمەلىيەتتە مەن نېمىشقا ئىشىمىزنىڭ يۈرۈشمەيۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىدىم . پەقەت ياخشىراق بىر ئارام ئېلىپ كاللامدىكى ئىسكەنجىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن،مۇنداقچە ئېيىتقاندا رەپقەتنى ئىزدەش ئۈچۈنلا ۋاقىتنى بىر ھەپتە ئۇزارتقان ئىدىم. بىر ھەپتە شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنى توختىماي ئىزدىگەن بولساممۇ لېكىن رەپقەتنىڭ ئۇچۇرىنى پەقەت سېزەلمىدىم، بىر كۈنى  ئىشلىرىمدىن گۇمانلانغان ئاكام مېنى چاقىرتىپ
-ئۇكا ، يېقىندىن بۇيان كۆڭلۈڭ تازا جايىدا ئەمەسقۇ، باشقىلار سېنى بىر نەرسە ئىزدەۋاتىدۇ دەيدۇ ، ئېيىتقىنا ساڭا زادى نېمە لازىم بولۇپ قالدى ، بىرە ئىش بولسا تەڭ ھەل قىلىمىز، مەن سېنىڭ ئاكاڭ ئۇنتۇپ قالما.
ئاكامنىڭ ئاخىردا دېگەن گېپى سەل ئۇرغۇلۇق چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ مەن سېنىڭ ئاكاڭ دېگەن گېپى ئەمەلىيەتتە ماڭا بەرگەن سىگنال ئىدى، دەرھاللا گەپ ياساپ ئاكامغا قايتۇردۇم.
-ھا!ھا!ھا! كىمۇ ئاكا مېنىڭ ئارقامدىن گەپ تاپقان، ئۆتكەندە سىز تاپشۇرغان ھېلىقى ئىشنى بىجىرىمەن دەپ ،نۇرغۇن يەرلەرنى ئايلىنىپ شۇ يەردىكى يەرلىك ئوغرى يانچۇقچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلدىم ، لېكىن سېنىڭ مەندىن گۇمانلانغىنىڭ بەك ئېغىر كەلدى ئاكا، مەن مۇشۇ ھەپتىنىڭ ياقى تۈزۈك ئۇخلىماي ئىشىمىز ئۈچۈن چېپىۋاتسام  سېنىڭ بۇنداق گەپ قىلىپ يۈرگىنىڭ نېمىسى.
ئاكامغا سەل ئاچچىقلانغان تەلەپپۇزدا گەپ قىلدىم، ئامال بار ئىشىمنى چاندۇرۇپ قويماسلىققا تىرىشاتتىم، بىر ھەپتە توشىدىغانغا يەنە ئىككى كۈن بار ، شۇ ئىككى كۈنلۈك ئۈمۈدنى دەپ بولسىمۇ چاندۇرماي تۇراي .
-نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن، ساڭا ئىشەنمەيدىغان گەپ يوق ئۇكام، نەدىكى كىسپۇرۇشلارنىڭ قوڭىغا ئۇرۇپلا تاپقان گېپىكەن ، شۇ قۇلىقىم ئىشتىپ قالغاچقا ئارىمىز ئۇچۇق بولۇپ كەتسۇن دەپ يۈزۈڭگىلا سېلىۋەردىم ،سېنى ئۆز كۆرگەنلىكىم بۇ .
ئاكام مۇغەمبەرلەرچە ھىجىيىشقا باشلىدى، ئەمدى ئۇنىڭ گۇمان تۇمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تارقاپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم سەل ئىزىغا چۈشتى ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالغان ھالدا گېپىمنى باشلىدىم.
-سەنمۇ كەچۈر ئاكا، چېچىلىپ قالدىم، ئەمدى ئاساسلىق ئىشقا كەلسەك ، سەن تاپشۇرغان ئىش ئاساسى جەھەتتىن ئېنىق بولدى ،بەلكىم ئەتىگىچە ساڭا جاۋابىنى بېرىشىم مۇمكىن ، شۇڭا بۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بول، لېكىن مېنىڭ بىر ئىلتىماسىم ئاكا ،بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن قالايمىقان گۇمان قىلما.
شۇنداق دېگىنىمچە پېشىمنى قېقىپلا ئۇ يەردىن ياندىم، ئەمدى بىر كۈن قالغاندى، يەنە بىر قېتىم نىيەت قىلىپ رەپقەتنى ئىزدەش قارارىغا كەلدىم،بۇ قېتىم  نەچچە كىلومېتىر دائىرىدىكى ساقچىخانىلاردىن تارتىپ شۇنچە سۈرۈشتە قىلغان بولساممۇ لېكىن ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى پەقەت ئالالمىدىم، ئېغىر ھارغىنلىق ئىچىدە ئاخىرقى بىر كۈننى ئۆتكۈزدۈم، بۇ بىر ھەپتىدىكى ئىزدەش دولقۇنىدا مەن خېلى چارچاپ قالغانىدىم، ئەمدى رەپقەتتىن ئۈمۈدۈم ئۈزۈلگەن،ئىچىمدە پەقەت ۋە پەقەت ياتقان يېرىڭ جەننەت بولسۇن دېگەن گەپنىلا دېيەلەيمەن خالاس.توساتتىن ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالدىم ، مەن رەپقەتكە يۈز كېلەلمەيتىم،راستىنلا يۈز كېلەلمەيتتىم، بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا مەن رەپقەتنىڭ نېمىشقا ئەينى چاغدىكى شۇخىل روھى كەيپىيات ئىچىدە بىزدىن ئايرىلماقچى بولغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدىم، كەچۈر رەپقەت .
بۈگۈنمۇ ئادىتىمدىكىدەك بىرە سائەت بازار ئوينىۋېتىپ جەننىتى ماكانىمىزغا قايتىپ كەلدىم، ئاكاممۇ خۇددى مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى كۈتىۋاتقاندەكلا مېنى يېنىغا چىللىدى.
مەن ئىپادىسىزلا ئاكامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئىشىكنى ياپتىمدە گېپىمنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئورۇندۇققا يۆلەندىم .ئاكام مەندىنن بەكراق ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك ، يېنىدىن بىر تال تاماكا ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇرغىنىچە ماڭا تەڭلىدى.مەن دەپ گېپىمنى باشلىدىم.
-ئاكا ، بۇ نەچچە كۈندىن بۇيان مەن چوڭقۇر ئويلاندىم ،ئۆزەڭگىمۇ ئايان، يېقىندىن بۇيان ئىشلىرىمىز ئانچە يۈرۈشمىگىلى تۇردى، شايكىلىرىمىزمۇ ئىشىنى بىجاندىل ئورۇندىمايدۇ ، قاماققا چۈشىۋاتقانلار تېخىچە كېپىلسىز،مەن كۆزىتىپ باقتىم ئاكا، قانۇن راستىنلا كۈچىيىپ كەتتى، لېكىن بۇ بىزنىڭ يولىمىزنىڭ تامامەن ئېتىلگەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەيدۇ، ئىزدەنسەكلا يولىنى تاپالايتۇق.
- ئەمسە نېمىشقا؟
-توختا ئاكا، سەن بەلكىم نېمىشقا ئۇلار ئىزدىنىپ باقماي ئۆزىنى ئوتقا ئۇرىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولىشىڭ مۇمكىن، ساڭا دېسەم ئاكا شوركىلار ھازىر ئوغىرىلىق تۇرمۇشىدىن زېرىكتى، ئاتا-ئانىلىرىنى يۇرت ماكانىنى سېغىندى ، سەن ئويلاپ  باقتىڭمۇ ؟مانا مەن ئۆز رازىلىقىم بىلەن سېنىڭ سېپىڭگە قۇشۇلغان ، ئۆزۈم قىزىققان ھۈنەر بولغاچقا شۇنچە تېز ئىلگىرلەپ كەتتىم ، سېنىڭ ئاراڭدا مەندەك بالىدىن بىرەسى بارمۇ ؟ ئەلۋەتتە يوق، بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى، ئالداپ كېلىنگەنلەر، ياكى سېتىۋېتىلگەنلەر، ئۇلار باشتا سېنىڭ خورلاشلىرىڭدىن قورقۇپ سەن ئۈچۈن ئىتتەك ئىشلەيدۇ، لېكىن كېيىنچە قانات قۇيرۇقى يىتىلگەندە ئۇلاردىكى بىر خىل مۇھاببەت ئۇلارنى ئەركىنلىككە بۇ جەننەت ماكاندىن چىكىتىشكە مەجبۇرلايدۇ، مانا ھېلىقى رەپقەت دېگەن دەل مۇشۇ تىپتىكى ئادەم، ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ خارەكتىرىنى باشقىلار بايقىيالمىدى.قانۇنمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ ، دېمىسىمۇ بىزنىڭ بازارغا چىقىشىمىز تەسلەشتى ، بەزەنلەر پىشانىسىنىڭ تەتۈرلىكىدىن تۇرۇلۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر دائىم قاماققا چۈشۈپ قېلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەستە؟ شۇنىڭدىن گۇمان قىلىۋاتىمەن ئاكا، ئۇلار ساقچىخانىغا ئۈزلۈكسىز كىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىماقچى بولىۋاتامدىكىن.
-ئۇنداقتا سېنىڭ بۇنىڭغا قارىتا بىرە ئوبدان ئامالىڭ بارمۇ ئۇكا؟
ئاكامنىڭ كۆزلىرى پولتىيىپ چىكىتەي دەپلا قالغانىدى، مېنىڭ باياتىن بېرى ئۇنىڭغا دېگەن  گۇمانى گەپلىرىم ئۇنىمۇ سەل تەشۋىشلەندۈرۈپ قويغان چېغى، گېپىمنى داۋام قىلىشقا بۇيرىدى.
-مەنمۇ شۇ سەن بىلەن شۇ ئىشنى مەسلىھەتلىشەي دەپ تۇرغان ئاكا، مەن شىنجاڭغا بىر قېتىپ بېرىپ كەلسەم، بەلكىم سەن قوشۇلماسلىقىڭ مۇمكىن لېكىن ئويلاپ باقتىڭمۇ ، بۇ قېتىم ياخشى تەدبىر قوللانمىساق بۇ جەننەت ماكانىمىزنىڭ ھالى چاتاق، مەن بۇ قېتىم يەنە بىر تۈركۈم شىنجاڭلىق بالىلارنى ئەپچىقىمەن .
-توختا، سەن ھازىر تېخى ........
-ھا!ھا!ھا!  گېپىمنى چۈشەنمەپسەن ئاكا، سېنىڭ ئەپچىققان بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسى مەجبۇرى ئېلىپ چىقىلغانلار، ئۇلار يانچۇقچىلىقنى ئۆزلىرى خالىماي قىلىدۇگەرچە ئۇلار سەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە ئۆزگىرىش، ئەركىنلىككە مۇھاببەتكە ئىنتىلىشتەك بىر قاتار ھادىسىلەر پەيدا بولىدۇ،شۇڭا ھازىرقىدەك ئەھۋال يۈز بەردى، ئەمدى مېنىڭ شىنجاڭغا كىرىمەن دېگىنىم بولسا مەنمۇ شىنجاڭدىن بىر تۈركۈم بالىلار ئەپچىقماقچى، لېكىن مەن ئۇلارنى ئالداپ ئەمەس بەلكى ئۆز رازىلىقى بىلەن بۇيەرگە باشلاپ كېلىمەن .سەن ئۇقماسلىقىڭ مۇمكىن شىنجاڭدا ھېلى ھەم ماڭا ئوخشاش ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن قارا كۆزلەر توننىسى بىلەن تۇرۇپتۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى پەقەت نەپرەتكىلا تولغان شۇڭا مەن شۇنىڭدەك بالىلارنى بۇ يەرگە ئەپكېلىپ دۇنيانىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئويلىغاندەك رەزىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىمەن ،ئىشىنىمەنكى ئاكا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىكى تەربىيەدىن كېيىن ئۇلار چۇقۇم مەندىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك قالتىس ئوغرى-يانچۇقچىلاردىن بولالايدۇ .
- لېكىن ..لېكىن ئۇكا ، مەن سېنى ئۆز قېرىندىشىمدىنمۇ چارە كۆرىمەن ،سېنى .......
-ھا!ھا!ھا! مېنى يېنىپ چىقماسمىكى دەپ قورقۇپسەندە ئاكا، قېنى ئۆزەڭ دەپباقە مەن شۇنداق ئادەممۇ ، مېنىڭ بۇ يەردىكى ئارزۇ ئارمانلىرىم كۆپ ئاكا، سەنلا كەت دېمىسەڭ بۇيەردىن پەقەت كەتكىم يوق، لېكىن بۇ قېتىم مەن كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىمىز ئۈچۈنلا بۇ يەردىن ۋاقىتلىق ئايرىلماقچى بولىۋاتىمەن ، مەن ئۈچۈن بۇ يەر مېنىڭ ئىللىق ئائىلەم ، چۈنكى ئۆمرۈمدە ھېس قىلالمىغان بەخىتنى مۇشۇ يەردە ھېس قىلدىم ، شۇڭا مەنمۇ بۇ ئائىلەمنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرسام بولمايدۇ شۇڭا..
-بولدى سېنىڭ مۇشۇ ساداقىتىڭلا بولىدىكەن يەنە ئىشەنمەسلىككە باھانەم بارمۇ ؟ ساڭا ئىشىنىمەن ئۇكام ،ئىشلىرىمىز ئۇتۇقلۇق بولغاي، ئەتە ئۆزۈم يولغا سېلىپ قوياي.
شۇ كېچە بىر كېچە كىرپىك  قاقماي يۇلتۇزغا قاراپ چىقىپتىمەن ،بىر تۇرۇپ ئۆزەمنىڭ يېڭىچە تاكتىكىسىدىن خۇشال بولسام يەنە بىر تۇرۇپ بۇنىڭدىن كىيىنكى قىسمەتلىرىم قانداق بولاركىن دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم، نېمىلا بولمىسۇن كۆڭلۈم شۇنچىلىك خۇش، ئۆزۈمگە شۇنداق ئىشەنچىم كامىل ،مەن باشلاپ كەلگەن بالىلارنىڭ دەۋرىمىزدىكى داڭدار ئوغرى-يانچۇقچىلارنىڭ بولىشىغا كۆزۈم يېتىپ تۇرۇپتۇ .ھەممىسى جەننەت ماكانىمىز ئۈچۈن دېگىنىمچە ئاستا ئۇيقۇغا كەتتىم .
پارلاق قۇياش سېخى نۇرى بىلەن ئالەمنى يورۇتماقتا ، بۈگۈن روھى-كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى،ئاكاممۇ بۈگۈن ئاتايىتەن مېنى  ئۇزىتىش ئۈچۈن ئايرودىرومغا كەلگەن ، مەن ئاكا بىلەن يەنە مېنى ئۇزاتقىلى چىققان بالىلار بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشقىنىمچە ئايروپىلانغا چىقتىم ، نېمىشقىكىن بېلەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن چاغدا يۈرىكىمنىڭ ئاجايىپ بىر ئېغىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم،يۈرىكىم بۇ جەننەت ماكانغا تارتىشىپ قالغانىدى، توساتتىنلا نەچچە يىل مۇقەددەم مەن ئىچكىرگە كەلگەن چاغنى ئەسلەپ قالدىم ، شۇ چاغدا ئانا يۇرتۇمدىن ئايرىلغاندىمۇ يۈرىكىم بۇنچىلىك ئىزىلىپ باقمىغان ، ھەي دەپ قالدىم ئىچىمدە ئېغىر خۇرسىنىپ، ئايروپىلان ئاستا-ئاستا بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئاخشام تۈزۈك ئۇخلىمىغاننىڭ تەسىرىدىنمۇ ئايرۇپىلاننىڭ لەرزان ئۇچۇشىدىن ئەللەيلىنىپ شىرىن ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن ........



يىتىمنىڭ كەچمىشى

(3)



ئايرۇپىلاننىڭ قاتتىق بىر سىلكىنىشىدىن ئەندىكىپ كۆزۈمنى ئاچتىم، كۆز ئالدىمدا نە پايانسىز بوشلۇق بولسۇن، نەچچە سائەتلىك يول بىر ئۇخلاپ ئويغانغانچىلىك ئارلىقتا بېسىلىپ بوپتۇ، سەپەر تەييارلىقى ئۈچۈن ئارتۇق يۈك-تاق ئەكەلمىگەنىدىم،نەچچە مىڭچە پۇل بىلەن ئۆزۈم سالتاڭلا بۇ ئانا يۇرتۇمغا كەلگەنىدىم، نېمىلا دېگەن بىلەن بىر ئوبدان ھۈنىرىم بار شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئاچ قېلىشىمدىن قورقاتتىممۇ؟
توساتتىن ئىلگىركى قاباھەتلىك كۈنلىرىم ئېسىمگە كېلىپ كۆڭلۈمنىڭ ئارامى بۇزۇلدى، خەير دەۋەتتىم ئىچىمدە ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ، ئايرودرومدىن ئايرىلىپلا تۇنجى ئېسىمگە كەلگەن ئادەم بولسا ھېلىقى چاغدا ماڭا دوستلۇقىنى سۇنغان يانچۇقچى بۇرادىرىم بولدى، راس گەپ قىلسام مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئادەمگەرچىلىكتە قەرىزدەك ھېس قىلاتتىم، مېنىڭچە بولغاندا ئۇ بولمىغان بولسا مېنىڭ ھازىرقىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇڭا بۇ قېتىم ئۇنىڭ شۇ ياخشىلىقىغا ئوبدانراق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدىم، مانا ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، يانچۇقتىكى پۇللۇرۇممۇ تۈگەپ قالغان ، ئىككى كۈندىن بۇيان كەسپىمگە تايىنىپ جېنىمنى گۈلدەك بېقىپ كېلىۋاتىمەن،ئۇنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى، يانچۇقچىلاردىنمۇ سوراپ باقتىم ،لېكىن ئۇنداق ئادەمنى تونۇمايمىز دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتتى، توۋا دەپ قالدىم ئىچىمدە
- شۇ چاغلاردا ئىسمىنى دەپ بەرگەنىدى، خېلى ئابرويى بار يانچۇقچىكەنتۇق، ساقچىلار تۇتۇپ كەتمىگەندۇ؟ ياكى بولمىسا ئىسمىنى يالغان دەپ بەرگەن بولسىچۇ؟
شۇلارنى ئويلىغاچ ئارام ئېلىش ئۈچۈن مېھمانسارايغا قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم، بۇ شەھەر شۇنچىلىك گۈزەل بولغان بىلەن لېكىن ماڭا ئىللىق مېھرىنى بېرەلمىدى، قەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇرىدىغان تىلەمچىلەر، كۆزلىرىدىن تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل مىسكىنلىق چىقىپ تۇرىدىغان ئوماق قارا كۆزلەر كىشىنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇراتتى، شۇنداق كىشىلەرگە قارىغاچ جەننەت ماكانىمىزغا يارىغۇدەك ئولجا ئىزدەۋاتاتتىم، ئۆزەممۇ بىلمەيلا مىھمانخانىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن ، مەن ياتقان بۇ مېھمانخانا ئەمەلىيەتتە 4قەۋەتتىن تەركىب تاپقان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بولۇپ ئوغرى-يانچۇقچىلارنىڭ يايرايدىغان ماكانى ئىدى، ئىچىشۋازلىق-چىكىشۋازلىق...تەك بىر قاتار ئۇيۇنلار بىلەن ياشلارنى ئۆزىگە خېلىلا تارتىپ تۇراتتى، ئۆزەممۇ بىلمەيلا ئىككىنچى قەۋەتتىكى كۆڭۈل ئېچىش زالىغا كىردىم، قارتا، شاھمات، ۋە باشقا قىمار خارەكتىرىنى ئالغان ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلارنىڭ ئالدى كىشىلەر بىلەن مىسسىدە تولغان، بۇلۇڭلاردا كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ بەزەنلىرى نىشە چىكىشىۋاتسا يەنە بەزەنلىرى بەڭ تارتىۋاتاتتى، ئەمدى بىر قەدەم ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا بىرسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى.
-ئوي ..بۇيەرگە كەل ئاداش،
نەچچە كۈن ئىلگىرى تۇنۇشۇپ قالغان مەندىن سەللا چوڭ، ۋىجىككىنە كەلگەن بىرسى بۇلۇڭدا مېنى چاقىرىۋاتاتتى، قولۇمنى كۆتۈرۈپ شەرەت قىلغىنىمچە ئۇنىڭ قېشىغا كەلدىم،ئۇنىڭ بىلەن سۇسقىنە ئەھۋاللىشىپ ياندىن بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ مېنى  يېقىنلىرىغا تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
-بۇ ئۇكىمىز، ئىچكىردىن چىققان ،نامى بار يانچۇقچى، ئۆزى مەرد، مەيدىسىدە تۈكى بار.....
بۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قلىشىممۇ بىر تەغدىر بولسا كېرەك، مەن يېڭى كەلگەن چاغلار ئىدى، تۇنجى كۈنى بۇ مىھمانخانىغا چۈشكىنىمدە ، ئۇنى دىڭ-دىڭ ئېتىپ تۇرغان يەردە ئۇچراتقانىدىم، ئۇنىڭ ئەلپازىدىن بىر خىل جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى، قىزىقىپ تاماشا كۆرىۋاتسام توساتتىن ئۇرۇش پارتىلاپ كەتتى، نەچچىسى بىر بولۇپ ئۇنى دەسسەپ ئۇرۇپلا كەتتى، ھەي، قەرىزگە بۇغۇلۇپتۇدە دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،كىشىلەر ياندا تۇرۇپ پىخىلداشقانچە تاماشا كۆرۈشمەكتە، بەزەنلىرى ھەتتا، ئۇرە دېسە ئۇرە دەپ دەيدەيچىلىق قىلىپ ماجىرانىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىشىنى كۈتمەكتە ئىدى، ئادەتتە بۇ يەردە ماجىرا چىقسا مېھمانخانا خوجايىنلىرى ئۇلارنى ئايرىپ قويمايدىكەن، ئۇلار مال مۈلۈككە زىيان يەتكۈزمىسىلا تىغلىق ئەسۋابلارنى ئەكىرمىسىلا قانداق قىلسا چاتىغى يوق، ئۇ بارا-بارا بولالماي قالدى، ئالتە-يەتتە ئادەم بىر بولۇپ ئۇنى خۇددى قۇم خالتىسىنى ئۇرغاندەك دۇمبالاۋاتاتتى، بۇلارنىڭ نامەرتلىكىگە مەن چىدىمىدىم، قاراپ تۇرۇپ بىرىگە نەچچىسىنىڭ چىققىنىنى دەپ ئويلىدىم ۋە شۇئانلا
-تارتىشە قولۇڭنى، ھۇد لاتىلا، بىرگە قانچىڭ چىقىسەن، ئوغۇلبالا بولساڭ بىرگە بىر كەلمەمسەن؟
ئۇلار توساتتىن ئۇنى ئۇرۇشتىن توختاپ ماڭا قاراپ ھۈرپىيىپ كەلدى، تاماشا كۆرۈۋاتقانلارنىڭ ئكتكۈر نەزەرلىرى ماڭا چۈشۈشكە باشلىدى، قانداق بولۇشنى پەملەپ قويغانىدىم ،بەك بولماي قالسا ئۇلار بىلەن نەچچە پەشۋا ئېتىشىپ كەلگۈلۈكنى كۆرۈمەن دەپ ھۈرپەيگەنلەرگە چەكچىيىپ قاراشقا باشلىدىم.
-ھە،گېپىڭ يامانغۇ بالاڭزا، ئۇ سېنىڭ ئاتتاڭمىتى، نېمە خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ ئۆزەڭگە ئىش تاپىسەن، ئۇ بىزگە قەرز شۇڭا ئۇرامدۇق ، چاپامدۇق ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، قانداق قارايسەنغۇ، قارىغاندا سېنىڭمۇ بېقىنىڭ قىچىشىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟
ئۇلار ماڭا تەنە قىلىپ زەردە بىلەن سۆزلەيتى، ئۇ بولسا بىر بۇلۇڭدا بېقىنىنى تۇتقىنىچە ئىنجىقلاپ ياتاتتى، باياتىن بېرى بولىۋاتقان ماجىراغىمۇ پىسەنت قىلماي ئۆز تاماشاسىنى كىشىلەرمۇ ئەمدى قانداق يېڭى ئۇيۇن چىقاركىن دەپ بىزنىڭ ئەتراپىمىزغا يىغىلىشقا باشلىدى،ئىشنىڭ سەل چاتاقلىقىنى پەملىدىمدە ئۇلارغا
-ئېيتە قېنى ئۇ ساڭا قانچىلىك قەرىز؟
ئېغىزىمدىن چىققان بۇگەپكە قاراپ ئۇلار ھەيران قالدى، ئۇمۇ ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى .
-ئون مىڭ
-نېمە ؟ئون مىڭ كويغىمۇ ئادەمنى شۇنداق دۇمبالامسەن ، ئاناڭنى لاتىلار،
قېنىم سەل قىزىپ قالغانىدى، كىشىلەرمۇ مېنىڭ گېپىمدىن ھەيران بولغىنىچە ماڭا گۇمانى نەزەر بىلەن قارايتى ۋە بىر-بىرلىرىدىن مېنىڭ كىملىكمنى سۈرۈشتۈرەتتى.
-ئالە ماۋۇ بەش مىڭنى ، قالغىنىنى يېرىم سەئەتكە ئەكىلىپ بېرىمەن.
شۇنداق دېگىنىمچە يانچۇقۇمدىكى ئەللىك كويلۇق بىر باغلام پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم، ياندا تاماشا كۆرىۋاتقانلار ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى يۆلەشكە باشلىدى، مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ مېنى جان جىگەر ئاغىينەم دەپ قاراپ كەلگەنىدى .
-ھە نىمىش قىلىپ كەتتىڭ
-بىكار شۇ بازار ئويناپ، ساياھەت قىلىپ دېگەندەك.
-كېلە ئاداش ، ھۆرمىتىڭ ئۈچۈن بىرنى تارتىپ قويغىن.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تازا چىڭداپ سېلىنغان بىر قاپاق چىلىمنى ماڭا سۇندى، دوستۇمنىڭ كۆڭلى دەپ كۆزلىرىمنى خىرە يۇمغىنىمچە كۈچەپ شوراشقا باشلىدىم، ئېغىزىمدىن چىققان ئاپپاق ئىسلار ئاۋا بوشلۇقىدا يەڭگىل لەيلەپ ئاستا-ئاستا غايىپ بولاتتى، ياندا ئولتۇرغانلار بولسا خۇددى لالما ئىتلاردەك ئىسنى تويماي پۇرايتى، مەنمۇ ئىككىنى تاتقاندىن كېيىن ياتاققا كىرىپ ئارام ئالماقچى بولۇپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم، ئەمدىلا نەچچە قەدەم مېڭىپ تۇرۇشۇمغا تازلىق ئۆيى تەرەپتىن بىر ياش دەلدەڭشىگىنىچە مەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كەلدى،ئۇنىڭ تۇرقىغا بىر قۇر قاراپ چىقتىم بۇنىدىن قانلار چىپ-چىپ قېلىپ ئېقىپ تۇراتتى، لېكىن ئۇ شۇنداق روھسىز يەنىلا چۈشكۈن ھالەتتە كېتىپ بارماقتا، ئۇ مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتۈپ نەچچە قەدەم ماڭا ماڭمايلا تۈۋرۈككە يۆلىنىپ تۇرۇپلا قالدى، مەن ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماستىن يولۇمنى داۋام ئەتتىم، باياتىنقى ھېچنىمە ئارىلاشتۇرۇلمىغان ساپ نىشە كۈچىنى كۆرسەتكەن چېغى، شىرىن خىياللار ئىچىدە كىرىپلا ئۇيقۇغا دۈم چۈشتۇم.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمەيمەن بىردەمدىن كېيىن قورسىقىمنىڭ كوركىرىشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاماق يىيىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدىم، ئۇيۇن زالىدا كىشىلەر ئازلاپ قالغان، ھېلىقى ياش تېخىچە تۈۋرۈكنى قۇچاقلاپ يېتىپتۇ، بۇرنىدىن ئاققان ياش قېتىپ  ماڭقىسى بىلەن ئارلىشىپ كەتكەنىدى، كۆڭلۈم سەل ئېلىشقاندەك بولۇپ ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم، لېكىن نەچچە قەدەم مېڭىپلا يۈرىكىم بىر نېمىنى سەزگەندەك ئاجايىپ بىر ئېغىپ كەتتى، ئۆزەممۇ بىلمەيلا ئۇنى يۆلىدىم ۋە ياتىقىمغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قۇيۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم.
كوچىدا مېڭىۋاتىمەن ، ئۆزەممۇ ھەيران ئاجايىپ بىر سېزىمدىلا بولۇپ قالدىم دېسە، ئۇ خۇددى مېنىڭ تەغدىردىشىمدەك،
- ئەجىبا ئۇ مەن ئىزدەۋاتقان كىشى شۇمىدۇ؟ ئەممازە ئۇنىڭ ئاق چىكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلىقى چاتاق بوپتۇ ئەمەسمۇ. بەلكىم ئۇنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش كەچۈرمىشى بولىشى مۇمكىن ، قېنى ھېلى بىر پاراڭلىشاي.
باياتىن ئۇنى يۆلىگەچ قولىدا ئازراق كەيفىننىڭ يۇقىنى كۆرگەنىدىم، كەيفىن دېگىنىمىز ئادەتتە خىروئىننىڭ  ئەڭ داشقىلى بولۇپ ، ئۇنى تېپىش بىر قەدەر ئاسانراق، باھاسىمۇ تۆۋەن ئىدى ئادەتتە ، ئۇ ئاقۇش بىر دانچە بولۇپ، خۇمارى تۇرۇپ كەتكەنلەر ئۇنى كۈچەپ پۇرىسا ئۇ دانچىلەر بۇرۇن تۈشۈكىگە كىرەتتىدە، بۇرۇندىكىكى ئەڭ زىل قىلقان تۇمۇرلارنى زەخمىلەندۈرەتتى ،شۇنىڭ بىلەن قان بىلەن كەيفىن ئارلىشىپ ئادەمگە بىر خىل ھۇزۇر ئاتا قىلاتتى، گەرچە ئۇنىڭ كۈچى خىروئىندەك بولمىسىمۇ لېكىن خۇمارنى باساتتى ،لېكىن ئۇنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا خەتىرى خىروئىنغا قارىغاندا كۆپ بولاتتى، بەلكىم ئۇ تېخى يېڭى ئىشلەتكەن چېغى ،ئادەتتە كۆنۈپ كەتكەن ئادەم ئۇنى ئىشلەتسە بۇرنىدىن قان چىقماي دورا بىلەن سىڭىپ كېتەتتى، لېكىن ئۇنىڭ بۇرنىدىن قان  چىققىنىغا قارىغاندا  زەھەر بىلەن ماسلىشالمىغانلىقتىن دەپ چۈشىنىشكە بولاتتى، سىرتقا چىقىپ بىرە كىلو قوي گۆشى كاۋېپى ۋە ئىچىملىك ئالغاندىن كېيىن ياتاققا كىردىم، ئۇ تېخىچە ئۇخلىغىلى تۇرۇپتۇ، ئاستا نۇقۇپ ئۇنى ئويغاتتىم، ئۇ بىردەم ماڭا بىردەم ياتاققا قارىغىنىچە مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدى .
-ماڭە ئاۋۇ مۇنچا، ئاۋۋال بىر يۇيۇنۇپ چىققىن ، قالدى گەپنى كېيىن قېلىشىمىز، ھە راست كىيىمىڭ مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ، ئاۋۇ ئىشكاپتا كىيىم بار ئۆزەڭگە يارىغاننى كىيىپ چىققىن .
شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنىڭغا ئىشكاپنى كۆرسەتتىم، ئۇ ماڭا گۇمانى نەزەر بىلەن قارىغىنىچە مۇنچىغا كىرىپ كەتتى ،تاماكا چەككىنىمچە كىنو كۆرۈپ ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم ،بىردەمدىن كېيىن  ياخشىمۇ...دېگەن ئاۋاز بىلەن كەينىمگە قارىدىم ، پاھ ! ئۇ بىر كىشلىك ئادەم بولۇپ كەتكەنىدى، قېنى ئولتۇرە، شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنى ئالدىمدىكى ئورۇنغا تەكلىپ قىلدىم.
-تاماكا چىكەمسەن؟
ئۇ قولىنى تەڭلەشكە باشلىدى، ئۇ بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەنلەيتىيۇ لېكىن بۇغۇزىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك گەپ قىلماي جىم تۇراتتى
-ھە مېنىڭ ئىسمىم ...
شۇنداق دېگىنىمچە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا بىرە قۇر تونۇشتۇرۇشقا باشلىدىم، ۋە قولۇمنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم، ئۇمۇ ئۆزىنى بىرە قۇر تۇنۇشتۇرغاندىن كېيىن قولۇمنى چىڭ سىقىملاپ ماڭا رەھمەت  ئېيتتى، مەن ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئاق چىكىدىغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ ئېغىر خۇرسىنغىنىچە ماڭا كەچۈرمىشلىرىنى ئېيتىپ بەردى.
مەن دەپ گەپ باشلىدى ئۇ تاماكىنى ئاچچىق بىر نەچچىنى شورىغىنىچە
-مەن ئەسلى، بىر ئائىلىنىڭ بەخىتلىك پەرزەنتى ئىدىم، ئاتا-ئانامنىڭ ئىككىلىسى كادىر، ئۆيدە پەقەت مەن بىرلا بالا بولغاچقىمۇ كىچكىمدىن تارتىپ شۇنداق ئەركىن ياشاپ چوڭ بولغان ، ئاتا-ئانام مېنىڭ گېپىمنى ياندۇرمايتى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئىككىلىسى كادىر بولغاچقا مېنىڭ ئوقۇشۇمغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئائىلە ئۇقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ مېنىڭ ياراملىق پەرزەنىتتىن بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتى، مەنمۇ بەك زېرەك بولغاچقا  دەرىسلەرنىمۇ شۇنچە ئاسان ئۆزلەشتۈرىۋالاتتىم،سېنىپ ھەتتا مەكتەپ بويىچىمۇ ئىلغار ئۆگىنىش نەمۇنىسى ئىدىم، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى مېنى كەلگۈسىدە ئۈمۈت زور دەپ تەرىپلىشەتتى، ئاتا-ئاناممۇ مېنىڭدەك ئوغلى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى، لېكىن بۇ خوشال چاغلار ئۇزاققا بارمىدى، دادام خىزمەت ئىشلىرى بىلەن تولىراق كاماندۇرۇپكىغا چىقاتتى، توساتتىن بىر كۈنى ئاپام بۇ ئىشنى بايقاپ قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئاپام دادامغا ئاجرىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى، دادام شۇنچە يالۋۇرسىمۇ بىراق بۇ ئىش ئاپامغا ئېغىر كەلگەن چېغى زىنھار ئۇنىمىدى ، شۇ چاغلاردا مەن شىنجاڭنىڭ سەرسان روھ دېگەن كىنوسىنى كۆرگەن بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى ئەكبەرجاننىڭ  قىسمەتلىرى مېنى چۆچۈتكەن، ئۆزەمنىڭ يەنە بىر ئەكبەرجان بولۇپ قېلىشىمنى خالىمايتىم، لېكىن ،لېكىن....
ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ كەچۈرمىشىگە سىڭىپلا كەتكەنىدىم ، ئۇ ئېغىر خۇرسىنغىنىچە يەنە گېپىنى داۋام قىلدى.
-شۇنداق قىلىپ ئۇلار گەپ سۆزسىزلا ئاجرىشىپ كەتتى، لېكىن باشقا كەلگەن ئەلەملەر بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى، ئاتا-ئانام ماڭا چىدىمايتى، شۇڭا ئىككىسى مېنى تالىشىپ قايتىدىن سوتقا چۈشتى، ھۆكۈم چىقىرىش ئارقىلىق مەن دادامغا قالىدىغان بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم بولدۇم، دادام ماڭا ئىلگىركىدىنمۇ نەچچە ھەسسە دادىلىق مېھرىنى ئاتا قىلىپ ماڭا يىتىملىكنىڭ دەردىنى تارتقۇزماسلىققا تىرىشاتتى، لېكىن مەن نېمىشقىكىن بۇرۇنقىدەك ئەركىن بولالمايتىم .كۈنلىرىم بارا-بارا مەنىسىزدەك بىلىندى، روھى-كەيپىياتىم بارغانسىرى چۈشكۈنلىشىپ ،ئۆزەمنى بارا-بارا تۈگىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم .شۇنداق كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە توساتتىن دادامغا سوتتىن چاقىرىش بۇيرۇقى كەلدى، ئەسلىدە ئاپام مېنىڭ دادامغا بېرىلگىنىمگە قايىل بولماي قايتىدىن سوتقا ئەرىز سۇنغانىكەن، سوتتا ئاپام دادامنىڭ سىرتتا ئاشنا ئوينىغانلىقىنى،بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز دادىنىڭ بالا بېقىشقا لايىق كەلمەيدىغانلىقىنى شىپى كەلتۈرۈپ مېنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشلىرى قالمىدى ، داداممۇ ئۆزىنىڭ توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ھەم بۇنى تۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاپامنىڭ مېنى تارتىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى، شۇ چاغدا ئۆزەمنىڭ قانچىلىك خورلۇق ھىس قىلغانلىقىمنى بىلمەيسەن ئاداش .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ماڭا يۆلىنىپ يەنە ياش تۆكۈشكە باشلىدى، مېنىڭ كۆز چاناقلىرىممۇ نەمدەلگەنىدى، ئۇنىڭ كىيىنكى بايانلىرىغا تېخىمۇ قىزىقىپ قالدىم، ئۇمۇ خۇددى مېنىڭ تەشنالىقىمنى بىلگەندەك ئۈستەلدىكى تاماكىدىن بىرنى ئالدىدە ئوت تۇتاشتۇرۇپ كەچۈرمىشىنى يەنە داۋام قىلىشقا باشلىدى .
-سوت ئامالسىز تاللاش پۇرسىتىنى ماڭا بەردى، ئەلۋەتتە مەن ئىككىلىسى بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالايمەندە ، لېكىن تەغدىر بۇنىڭغا يول قويمىدى، شۇنىڭ بىلەن سوت ئامالسىز ئۆزى قارار چىقىرىشقا باشلىدى، ھەم دادامنىڭ ئاجراشقاندىن كېيىنكى مېنى باققان ئەجرىنى كۆزدە تۇتۇپ مېنى يەنىلا دادامغا ھۆكۈم قىلدى،شۇنداق قىلىپ يەنە دادام بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدىم ، لېكىن مەھەللە-ئاۋام ، قۇلۇم- قوشنىلار دادامنىڭ ئارقىسىدىن قالايمىقان ئۆسەك گەپنى تېپىشقا باشلىدى، ھەتتا ماڭىمۇ غەيرى كۆزدە قاراپ ، يىتىمەك دېسە يىتىمەك دەپ چەتكە قاقاتتى، تۇرمۇشنىڭ نى-نى بېسىمىغا چىدىغان بىچارە دادام بۇ غەيۋەت، ئۆسەك گەپلەرگە چىدىمىدى.مەن بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەك كارى بولمايدىغان بولىۋالدى، ھە دېسىلا ھاراق ئىچىپ كېلەتتى، ئۆيگە كەلسىلا مېنى ئۇراتتى، قانداق قىلاي ھەممىسىنى تەغدىر پىشانەمدىن كۆرىمەن ، دادام شۇنداق قىلىپ تۈگىشىپلا كەتتى..
-ئۇنداق زۇلۇم ئىچىدە ياشىغۇچە ئۆيدىن چىقىپ كەتسەڭ بولمامدۇ؟
-شۇنداق دەيدىكەنسەن ئاداش،ئائىلەم ۋەيران بولدى، گەرچە ئاپام بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارلىقىم يىراقلاشتى، ئەمدى دادامدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتىم ، كېيىنچە دادام ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ روھى كېسەل بولۇپ ساناتورىيىگە كىرىپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن ئاپام مېنى يېنىغا ئەكىلىۋالدى، ئەلۋەتتە ئاپاممۇ ئوخشاشلا ماڭا بارلىق مېھرىنى بېرىپ مېنى شادلاندۇرۇشقا تىرىشاتتى، لېكىن مېنىڭ ھالىم بارغانچە خاراپلاشماقتا ئىدى، كېيىنچە ئاپامغا ئەلچىلەر كەلدى، ئاپام مېنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆگەيلىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىمىدى، لېكىن كەينى كەينىدىن كەلگەن ئەلچىلەر ھەم چوڭلارنىڭ گېپىنى يىرالمىغان ئاپام ئامالسىز توي قىلىشقا قوشۇلدى، شۇنداق قىلىپ مېنىڭ يېڭى دادام بار بولدى، لېكىن نېمىشقىكىن بۇ كىشىنى كۆرسەملا بىچارە دادام ئېسىمگە كېلىپ قالاتتى، ئويلاپ باقسام دادامنى ساناتورىيىگە ئەكەتكەندىن بېرى كۆرىشىپ باقماپتىمەن ئاپاممۇ ھەم مېنىڭ كۆرۈشۈمگە قارشى ئىدى، دەسلىپىدە بۇ يېڭى دادا ماڭىمۇ ئاپامغىمۇ خېلى ياخشى مۇئامىلە قىلدى، خېلى بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن  ئۆزىنىڭ ناچار خۇلقىنى ئاشكارلاشقا باشلىدى، بۇ ئادەم سودىگەر بولغاچ كىشىلەر بىلەن قىلىدىغان ئالاقىسىمۇ كۆپ بولاتتى، پات-پات ئۆيگە ھاراق ئىچىپ كېلەتتى ، مەس بولۇۋالسىلا ئاپامنى ئۇرۇپ ئىش-پۇشۇقىنى چىقىراتتى، ئەمما ئاپامدا نە چارە، ئۇلار توي قىلغان چاغدا ئۇ كىشى ئاپامغا كەلگۈسىدە سىزنى مەن باقىمەن دەپ ۋەدىلەرنى بەرگەچكە ئاپام بىر ئوبدان خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەن، ئاجرىشىپ كېتەي دېسە،كىشىلەرنىڭ سۆز چۆچىكىدىن قورقىدۇ، ئامالسىز ئۇ كىشى بىلەن ئۆي تۇتۇشقا مەجبۇر بولدى، كېيىنچە ئۇ كىشى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقىلى تۇردى، ھاتتا تەپ تارتماستىن ئاشنىلىرىنى ئۆيىمىزگە ئېلىپ كەلدى، بىچارە ئاپام بۇ نېمە قىلغىنىڭىز دېسە ئۇرۇپ ........
ئەمدى ئۇ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەنىدى،مەنمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىگە چىدىيالماي ئۇنى قۇچاقلىغىنىمچە يىغلاپ كەتتىم، ئۇنىڭ تەغدىرىنى ئاڭلاپ گاڭگىراش ئىچىدە ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشنىمۇ ئۇنۇتقان ئىدىم،جاھاندا مەندىنمۇ بەكراق يېتىملىك دەردىنى تارتقان بالىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتى ، لېكىن بۇنىڭ قىسمىتى ھەقىقەت، توساتتىن بىزدەكلەرنى يىتىم قىلغان ئاشۇنداق ئاتىلارغا نەپرەتلەندىم ، ئۇ يەنە داۋاملاشتۇردى.
-بىر كۈنى ئاپام يېنىمغا چاقىرىپ ،بالام ياخشى ئادەم بولغىن، مەندىن كېيىن قالساڭ چوڭ ئاناڭنىڭ قېشىغا بېرىپ تۇرغىن ، يامان كىشىلەر بىلەن ئارلاشما، خۇدايىم بەختىڭنى بەرسۇن دەپ كۆز يېشى قىلغىنىچە مېنى مەكتەپكە ئۇزىتىپ قويدى، مەن ئاپامنىڭ سۆزلىرىدىن تەئەججۈپلىنىپ قالدىم، ئاپام خۇددى مەندىن ئايرىلماقچى بولغاندەكلا سۆزلەرنى قىلاتتى، مەنمۇ ئاپامغا ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ مەكتەپكە كەتتىم. كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كەلسەم ئۆيدە ھېچكىم يوق، چوڭ ئۆيگە كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ چوڭ ئانامغا تېلېفون قىلدىم،
_ۋەي ،ئانامما؟
چوڭ ئانام گېپىمنى ئاڭلاپلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى، مەن نېمە بولدى دېسەم ، مېنى دەرھال چوڭ ئۆيگە كەلگىن دەپ يىغلىغان پېتى تېلفۇننى قۇيىۋەتتى، يۈرىگىم قارتتىدە قىلىپ قالدى، دەرھاللا كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ چوڭ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم، ھويلا قورۇسىغا كىرسەم ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ، تاغام مېنى يىراقتىن كۆرۈپ يۈگرەپ كېلىپلا باغرىغا باستى ، ۋە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭغىچە باشقا ئۇرۇق-تۇققانلارمۇ بېشىمنى سىلاپ كۆز يېشى قىلىپ كەتتى، مەن .ئۇلاردىن نېمە بولغانلىقىنى سورىدىم ،ئۇلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز مېنىمۇ يىغا تۇتۇپ كەتتى .
-بالام، ئاپاڭ،ئاپاڭ ئۇ.....
چوڭ ئانام گېپىنىڭ ئايىغىنى دېيەلمەي يىغلاپ كەتتى، كۆزلىرىمدىن ياشلار تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى، تاغام يېنىمغا كېلىپ ئاتىلىق مېھىر بىلەن بېشىمنى سىلىغىنىچە چوڭ ئانامنىڭ گېپىنى داۋام قىلدى،
-ئاپام تۈگەپ كەتتى ئوغلۇم.
تاغام شۇنداق دەپلا مېنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى، ئاپا دەپ ئاچچىق نالە قىلغىنىمچە ئىچكىركى ئۆيگە كىردىم ، ئاپام كىپەنلىنىپ بوپتۇ، ھۆڭرەپ يىغلىغىنىمچە چوڭ ئانامنىڭ قۇچىقىغا ئۆزەمنى ئاتتىم، شۇ كۈندىن كېيىنلا تەغدىرىمدە ئۆزگىرىش بولدى، ئائىلەممۇ ۋەيران بولدى، دادامنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمەن، ئاپاممۇ تۈگەپ كەتتى، گەرچە چوڭ ئانام ماڭا شۇنچە ئامراق بولسىمۇ لېكىن ئانامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى ماڭا ئېغىر كەلگەنىدى، بۇ دەرتنى زادىلا ئىچىمگە پاتقۇزالمىدىم .ئۆزەمنى بىر شۇمبۇيادەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، نېمىشقىكىن بولىۋاتقان ھەممە ئىشلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن بولىۋاتقاندەكلا ،شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئانامغىمۇ جاپا سالماي دەپ ئويلاپ ئويدىن چىقىپ كەتتىم، مانا ئۆزەڭمۇ كۆردۈڭ ھالىم مۇشۇ ئاداش.
ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى، ئۆتۈپ كېتىدۇ ئاداش ، سەبرى قىل دېگىنىمچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساشقا باشلىدىم،
-كېلە ئاداش، قارىغاندا ئىككى دەتمەن بىر يەرگە كەلگەن چېغى، بايا ئاقتىن ئىككىنى  ئەكىرىپ قويغانىدىم ، بىر ئىچىشىپ ئازاپلىق كەچمىشلەرنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنىتايلى.
شۇنداق دەپ خالتىدىن ھاراقنى ئېلىپ تازا ئىچىشىپتۇق، بايا قايغۇدىن كۆزلىرىمىز نەمدەلگەن بولسا ئەمدى شوخ كۈلكىمىزدىن ئۆينىڭ تۇرۇسى ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغانىدى، ئىككىمىز ئۆمۈرلۈك ھەمرالاردىن بولۇشقا ۋەدە-قەسەملەرنى بېرىپ كەيىپنىڭ كۈچىدىن مەست ئۇيقۇغا كېتىپتىمىز.ئەتىسى بىرسىنىڭ نۇقۇشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم،قارىسام ئۇ لاغ لاغ تىتتىرەيتى، قارىغاندا ئۇنىڭ خۇمارى تۇتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى، كىيىملىرىمنى كەيدىمدە ئىشتىنىمدىن بىر بولاق ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدۇم،ئۇ ھەيرانلىق ئىچىدە ماڭا قارىۋەتكەندىن كېيىن ، شاپپىدە تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ئالاھەھەل 10مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يېنىمغا كېلىپ بىر نېمە دېيىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ماڭا قاراپ تۇردى.
-ئاداش ،ئەكبەر، مەن ئەسلى شىنجاڭغا .....
مەن ئۇنىڭغا شىنجاڭغا كېلىشتىكى مەقسىتىمنى قىسقىغىنا چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭغا قارىدىم .
-زورلىمايمەن ئاداش، ئەگەر مەن بىلەن كۇلىغا كېتىشنى خالىساڭ ، ئاز كۈندىن كېيىن قايتىمىز ،ئەگەر
-ياق ئاداش، ماڭىمۇ بۇ يەر كۈلۈپ قارىمىدى، بولدى سەن بىلەن كەتتىم، بۈگۈندىن باشلاپ ساڭا ئەگەشكىنىم ئەگەشكەن كېلە قولۇڭنى ئاداش.
شۇنداق دېيىشىپ بىز يەنە بىر قېتىم مەڭگۈلۈك دوستلۇق ئۈچۈن قول بېرىشتۇق.ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئەكبەر ۋە باشقا قىسمەتلەر بىلەن جەمىيەتنىڭ ھەر خىل كوچىسىغا كىرىپ قالغان بەش بالىنى ئېلىپ جەننىتى ماكانىمىزغا قاراپ يول ئالدۇق .


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-109228-1-1.html


مەنبەسى :ئەپچىلەم



كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

armanim120@hotmail.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2006
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13823
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 2794 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 01:27:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگىدىمۇ ياكى داۋامى بارمۇ ؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1487
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5765
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 01:36:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى باردەك قىلىدۇ...........ھەممىنى ئۇقۇپ بىر نەرسە دەي

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90383
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 842
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2013-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 03:33:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يازاسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 05:02:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىز ياخشى چىقىۋاتىدۇ. داۋاملىق ئالغا .....

ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6189
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3399 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 05:36:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قاچان چىقىدۇ ...........   قىزىقىپ قالدىم............

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 07:04:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قارىسام ئاخىرلاشقاندەك، ئەمما كۆپچىلىك ئاخىرى بارمۇ، تېزراق يېزىڭ دەپتۇ، مەننىڭ قەدىمى شۇ بويىچە بېسىلىپ بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا توختىلامسىز يا؟

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2486
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1592 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 12:43:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ArmanimⅡ يوللىغان ۋاقتى  2013-8-5 05:27 PM
تۈگىدىمۇ ياكى داۋامى بارمۇ ؟!

داۋامىغا ساقلىماڭ بولدى، ئادەتتە ئۆزەممۇ يازغان ھېكايىلىرىمنىڭ داۋامى بارمۇ ئۇقمايمەن،

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2486
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1592 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 12:44:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
katran يوللىغان ۋاقتى  2013-8-5 11:04 PM
مەن قارىسام ئاخىرلاشقاندەك، ئەمما كۆپچىلىك ئاخىرى بار ...

ئۇقىىسزغۇ سز، ئادەتتە مەن ھېكايەمنىڭ داۋامى بار دە ئەسكەرتىشكە ئۆچ، ئۆزەممۇ ئۇقمايمەن داۋامىنى ، بەلكىم تەسەۋۇرۇم ئارقىلىق يەنە داۋام قىلىنىپ يېزىلىپ قىلىشىممۇ مۇمكىن

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2486
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1592 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 12:55:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرنىسە يوللىغان ۋاقتى  2013-8-5 07:33 PM
داۋامىنى تىزراق يازاسىز.

داۋامىنى بەكمۇ كۈتۈپ كەتمەڭ جۇمۇ، مەنمۇ ئۇقمايمەن تېخى داۋام قىلىشنى

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش