مەكتەپلەر مائارىپتىن تەڭ بەھىرلىنىش ئىدىيسىنىڭ ئوتتۇرغا قويلىشىغا ئەگىشىپ مەكتەپلەرئوتتۇرسىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتىكى پەرىقلەر بارغانسىرى كىچىكلەشكە باشلىدى.
ئەمما مەكتەپ ئچىدە مائارىپتىن تەڭ بەھىرلىنىش ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ،
بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەسلە تەجىرىبە سىنىپنى كۆپلەپ قۇرۇش
بۇنداق قىلىش تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەسلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،
ئادەمنىڭ بىلىش ئۇسسۇلىنىڭ مۇھىم شەكلى سىلىشتۈرۈپ بىلىش
تەجىرىبە سىنىپ قۇرۇپ دەرىستە ياخشى باللارنى بىر سىنىپقا يىغىۋالغاندا
ئادەتتىكى سىنىپتىكى بالىلارنى ئۆز ئقتىدارىنى مۆلچەرلەشتىن مەھرۇم قىلىپ قويمىز، بۇ ئارقىلىق بالىلاردىكى رىقابەتلىشىپ ئۆگنىش ھالىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ قويمىز.
تەجىرىبە سىنىپ قۇرۇلغان ئىكەن، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىن بەھىرمان قلىشقا توغرا كىلدۇ ، ئۇلار ياخشى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسسۇلىدىن بەھرمان بولىدۇ ،ياخشى ئوقۇ –ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسىدىن بەھىرمان بوللايدۇ ياكى بولالمايدۇ.
دۆلتىمىز يىقىندا مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. دۆلتىمىز مەدەنىيتىنى سىرتقا چىقىرىش ۋە چەت ئەللەردىكى ئلغار مەدەنىيەتنى كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويدى، بىزگە شۇ ئنىقكى مەدەنىيەتنى ساقلاش ،تەرەققى قىلدۇرۈش،راۋاجلاندۇرۈشنىڭ ئاساسى بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىز . مائارىىپ جەھەتتە پەرىق شەكىللەنگەن بۇ ئنىقلا ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ
مەدەنىيەتنى چۈشنىش ۋە بەھىرمان بولۇش جەھەتتىكى پەرقىنى چوڭايتىۋىتدۇ.دېمەك بىزنىڭ نىشانىمىز بىلەن كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئۆزئارا زىددىيەتلىك بولۇپ قالىدۇ.
80-يىللاردا مەملىكىتىمىزدە ساۋاتسزلىق ئغىر بولۇپ ،بىلىم سەۋىيە جەھەتتە خەلقىئارادا ئارقىدا تۇراتتى. مەملىكىتمىزىكى بۇ ئەمەلىي ئەھۋال دۆلتمىزدە نوقۇل ئوقۇتۇش تىپىدىكى مائارىپنى ئاساس قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بەلگىلگەن ئىدى.
2005-يىلغا كەلگەندە يىڭلىق يارتىش تىپىدىكى جەمىئيەت قۇرۇش ئىدىيسى ئوتتۇرغا قويۇلدى.
بۇ شۇنى چۈشەندۈدىكى نۇقۇل ئوقۇتۇش تىپىدىكى مائارىپنى ئاساس قىلىشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئىدى ، يىڭلىق يارتىش تىپىدىكى مائارىپنىڭ تەخىرسزلىكى ۋە زۆرۈرلىكىنى كۆرىستىپ بەردى .
ئەمما نۇقۇل ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان تەجىرىبە سىنىپ يەنىلا مەكتەپلەر ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسى بولۇپ قىلۋاتىدۇ.
80-يىللاردا مەملىكىتىمىز ئقتىسادا ئارقىدا قالغان ئەھۋالغا ئاساسەن بىر قىسىم شارائتى بار رايونلاردا ئالاھىدە ئقتسادى رايونلارنى قۇرۇپ پۇتكۈل مەملىكەت ئقتسادىغا يتەكچىلىك قىلىش ھەم مەملىكەت ئقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئستىراتىگيسىنى تۈزۈپ چىقتى.
بۇ كۆز قاراش تىزدىن مائارىىپ ساھاسىگە سڭىپ كىردى،
مەكتەپلەر بۇ كۆز قاراشنىڭ يىتەكچىلكىدە ئاۋال دەرىستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئوقۇتۇپ مەكتەپلەر ئوقۇتۇشنى جانلاندۇرۇش ھەم مەكتەپلەر ئوقۇتۇشغا يىتەكچىلىك قىلىشنى ئويلاشتى .
شۇنىڭ بىلەن مەملىكىتىمىزدە كۆپلەپ تەجىرىبە سىنىپ قۇرۇلىشقا باشلىدى، قارايدىغان بولساق شۇ چاغدىكى رايونلار مائارىپنىڭ پەرىق ئەھۋالغا ئاساسەن تەجىرىبە سىنىپ قۇرۇش توغرا ئىدى .
ھازىربۇ پەرىقنىڭ بارغانسىرى كىچىكلىشىگە ئەگىشىپ، يىڭلىق يارتىش تىپىدىكى مائارىىپ ئىدىيسى ئوتتۇرىغا قويلۇپ، نۇقۇل ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلىشتىن يىڭلىق يارتىشنى ئاساس قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى تەكىتلەندى.
شۇنىڭ بىلەن دەرىسلىك كىتابلار بالىلارنىڭ يىڭلىق يارتىش ئقتىدارىنى يىتىلدىرۈشنى مەقسەت قىلغان ھالدا تۈزلۈشكە باشلىدى .
قارايدىغان بولساق بۇ يەردىمۇ بىر زىددىيەتلىك مەسلە بار ئىدى.
دەرىسلىك كىتابلار يىڭلىق يارتىشقا يىتەكچىلىك قىلىش شەكىلدە تۈزۈلگەن بولسىمۇ ئەمما ئوقۇتقۇچىلار نۇقۇل ئوقۇتۇش تىپنى ئاساس قىلغان مائارىپنى قوبۇل قىلغان ئىدى، دېمەك ئوقۇتقۇچىللىرىمىزدا يىىڭلىق يارتىش روھى ھەم يىىڭلىق يارتىش روھنى ئوقۇغۇچىلارغا قانداق سڭدۈرۈش جەھەتتىكى ئوقۇتۇش ئۇسسۇلى يوق دىسەك بولدۇ، ئەلۋەتتە بۇنى قىسقا ۋاقىت ئچىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ بۇنى ئوقۇتقۇچلارنى تۇركۈملەپ تەربىيلەش ئارقىلىق مۇئەييەن ھەل قىلغىلى بولشى مۈمكىن،
يۇقىردىكى مەسلىنى يەنە ھەر قايسى رايونلار ئۆزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن نۇقۇل ئوقۇتۈش تىپىدىكى تەجىرىبە سىنىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۈش ياكى ۋاقىتلىق يىنڭلىق يارتىش تىپىدىكى تەجىرىبە سنىپىغا ئۆزگەرتىش بۇ ئارقىلىق يىڭلىق يارتىش تىپىدىكى مائارىپ روھىنى ئوقۇغۇچىلارغا قانداق سىڭدۈرۈشتە ئەمەلىي قوللنىشقا بولدىغان ئوقۇتۇش ئۇسسۇلىنى تىپىپ چىقىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولشى مۇمكىن.
دېمەك مائارىپنىڭ ھەققى مەقسىتى بارلىق تەربىيلەنگۈچىلەرنى ئوخشاش تەربىيلىنىىش پۇرسىتىگە ئگە قىلىش
مائارىپنىڭ نىشانى بولسا مۇستەققىل تەپەككۇر قىلالايدىغان ،مۇستەققىل يىڭلىق يارتالايدىغان ئەۋلاتلارنى يتشتۈرۈپ چىقىش بولشى كىرەك.