بۇمېنىڭ ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمى ماقەلەمنىڭ بىر قىسمى ئىدى،مۇشۇنداق يەنە بىر تېما يوللىنىپ تىكەن سېلىشتۇرۇپ كۇرۇپ باقاسىلە دىگەن مەقسەتتە يوللاپ قويدۇم.
فارابى كۇللى مەۋجۇداتنىڭ بارلىققا كىلىش جەريانىنى يېڭى پىلاتونىزىمچە ھالدا بايان قىلغان، فارابىمۇ گەرچە سىرغىپ چىقىش نەزەرىيىسىنى بايان قىلغان بولسىمۇ،بۇ پلاتوننىڭ سىرغىپ چىقىش نەزەرىيىسىدىن سېستىمىلىق ۋە مۇكەممەل قۇرۇلمىغا ئىگە.
فارابىنىڭ قارىشىچە دەسلەپكى مەۋجۇتلۇق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە مۇكەممەللىگى ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبلىك،ئۇ‹‹تەبىئىي ماھىيەتنىڭ ئېھتىياجى››ئارقىلىق ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ پۈتكۈل تەرتىپىنى مەيدانغا كەلتۈردى.بۇ‹‹تەبىئىي ماھىيەتنىڭ ئېھتىياجى››ئۇنىڭ تاللىشى ۋە ئخىتىيارىغا بويسۇنمايدۇ.بۇئالەم ھەممىدىن ئۈستۈن دەسلەپكى مەۋجۇتلۇقنىڭ يۈكسەك گۈزەللىكىگە ھىچقانداق مەزمۇن قۇشۇپ بېرەلمەيدۇ.بۇخىل سىرغىپ چىقىش جەريانىدا‹‹دەسلەپكى مەۋجۇتلۇق››ئوتتۇردىكى ۋاستىچى سەۋەب ياكى مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كاپالەتلۈندۈردىغان چارە-ئاماللارغا مۇھتاج ئەمەستۇر.يەنە بىر جەھەتتىن،بۇ جەرياننىڭ داۋاملىشىشىنى توسيالايدىغانغا ھىچقانداق ئىچكى سەۋەب ياكى تاشقى توسالغۇلار يوقتۇر.
دەسلەپكى مەۋجۇتلۇقتىن ئاۋۋال چىققىنى دەسلەپكى مەرىپەت،ئۇ ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئۆزى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدۇ.بۇ ھەركەت ئدراكىي سەۋەبىدىن ئىككىنچى مەرىپەت مەيدانغا كېلىدۇ،كىيىنكىسى ئارقىلىق ئەڭ سىرىتقى قەۋەت ئاسمان ھاسىل بولىدۇ،ئارقىدىنلا بۇ ئىككىنچى مەرىپەت ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى مۇلاھىزە قىلىپ چىقىپ،ئۈچىنچى مەرىپەت مايدانغا كېلىدۇ.ئۇ ئۆزى ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگىزىدۇ،بۇنىڭدىن مۇقىم تۇراقلىق يۇلتۇزلار توپى بولغان ئاسمان پەيدا بولىدۇ.بۇ جەرياندا بىر باسقۇچ بىر باسقۇچقا ئۇلىنىپ داۋاملىشىپ،تۆتىنچى،بەشىنچى،ئالتىنچى،يەتتىنچى،سەككىزىنچى،توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى مەرىپەت مايدانغا كېلىدۇ.يەنە ساتورىن،يوپىتېر،مارىس،قۇياش،ۋېنىرا،مېركۇرىي ۋە ئاي شارى بىلەن ماس ھالدا ئايرىم-ئايرىم دائىرىلەر ھاسىل بولىدۇ.ئونىنچى مەرىپەتكە كەلگەندە ئالەمدىكى بۇ بىريۈرۈش مەرىپەتلەر تاماملىنىپ،ئايدىن باشلاپ يەنە بىرقانچە ئاسمان سەييارىلىرى مۇقۇملىشىدۇ.ئۇلارنىڭ ئايلانما ھەركىتى ئالەمدىكى بارلىق زاماندىن ئۆتۈشىدىغان ئەقىل تەرپىدىن بەلگىلەنگەن.
ئاسماننىڭ تۆۋىنىدىكىسى زېمىن بۇلۇپ،بۇ دائىرىسىدىكى تەرەققىيات جەريانى تەتۈرسىچە بولىدۇ.شۇڭا ئۆزگەرمەيدىغان كوسمولوگىيە ئەندىزىسىگە ئاساسلىنىپ،مۇكەممەلسىزلىكتىن مۇكەممەل ھالەتكە،ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ئۆتىدۇ،ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ماددا،ئۇنىڭدىن كىيىنكىسى تۆت چوڭ ئامىل-مېنىرال،ئۆسۈملۈك.ھايۋانات،ئەڭ ئاخىرقىسى ئادەم.ئادەم يەرشارىدىكى مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ئالىيسىدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-30 03:32 AM