مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 921|ئىنكاس: 13

فارابىينىڭ سىرغىپ چىقىش نەزەرىيسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8215
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 01:17:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

فارابىينىڭ  سىرغىپ چىقىش نەزەرىيسى


تەييارلىغۇچى:ئەركيار


فارابىي بارلىق شەيئىلەرنىڭ تۇنجى مەۋجۇدىيەتتىن ئىنتايىن سېستىمىلىق ھالدا سىرغىپ چىققانلىقىنى بايان قىلىدۇ.ئىسلامىي نۇقتىئىنەزەرلەربويىچە ئېيتقاندا،بۇ ئىنتايىن كۇپرانە كۆزقاراش ئىدى.كىشىگە پروكلوسنىڭ دەلىلىنى ئەسلىتىدىغان ئاچقۇچ شۇكى،"تۇنجى"ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيتى ۋە مۇكەممەللىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك،ئۇ "تەبئىي ماھىيەتنىڭ ئېھتىياجى"ئارقىلىق ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ پۈتكۈل تەرتىپىنى مەيدانغا كەلتۈردى.بۇ "تەبئىي ماھىيەتنىڭ ئېھتىياجى"ئۇنىڭ تاللىشى ۋە ئىختىيارىغا پۈتۈنلەي بويسۇنمايدۇ،بۇ ئالەم ھەممىدىن ئۈستۈن مەۋجۇدىيەتنىڭ يۈكسەك گۈزەللىكىگە ھېچقانداق مەزمۇن ئاۋۇتۇپ بېرەلمەيدۇ.ھەممىدىن ئۈستۈن مەۋجۇدىيەتنى بەلگىلەيدىغان ھەرقانداق ئەڭ ئاخىرىقى ياكى تېلېئولوگىيلىك چارە-ئامالمۇ يوق.ئەكىسچە،ئۇ ئۆزى ھەممىدىن ئۈستۈن مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىپادىلىگەن غەيرى ماددىلىق مەردلىكىنىڭ بىرخىل ئىستىخىيلىك ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى.ئۇنىڭدىن سىرت،بۇ خىل تېشىپ چىقىش جەريانىدا،"تۇنجى"ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچى تاسادىپى سەۋەب ياكى بۈيۈك مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان چارە-ئاماللارغا مۆھتاج ئەمەستۇر.يەنە بىرجەھەتتىن،بۇ جەرياننىڭ داۋاملىشىشىنى توسىيالايدىغان ھېچقانداق ئىچكى ياكى تاشقى توسالغۇلار يوقتۇر.
بىرىنچى مەۋجۇدىيەتتىن ئاۋۋال چىققىنى تۇنجى مەرىپەت،ئۇ ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئۆزى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدۇ.ئىلگىرىكى ھەرىكەت ئىدراكىي سەۋەبىدىن ئىككىنچى مەرىپەت مەيدانغا كېلىدۇ.كېيىنكىسى ئارقىلىق ئەڭ سىرتقى قەۋەت ئاسمان ھاسىل بولىدۇ.ئارقىدىنلا بۇ ئىككىنچى مەرىپەت ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى مۇلاھىزە قىلىپ چىقىپ،ئۈچىنچى مەرىپەت مەيدانغا كېلىدۇ.ئۇ ئۆزى ئۈسىتىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ.بۇنىڭدىن مۇقىم تۇراقلىق يۇلتۇزلار توپى بولغان ئاسمان بارلىققا كېلىدۇ.بۇ جەرياندا بىرباسقۇچ يەنە بىرباسقۇچقا ئۇلىنىپ داۋاملىشىپ تۆتىنچى،بەشىنچى،ئالتىنچى،يەتتىنچى،سەككىزىنچى،توققۇزىنچى،ئونىنچى مەرىپەت مەيدانغا كېلىدۇ.يەنە ساتورن،يۇپېتىر،مارىس،قۇياش،ۋېنرا،مېركورىي ۋە ئاي شارى بىلەن ماس ھالدا ئايرىم-ئايرىم دائىرىلەر ھاسىل بولىدۇ.ئونىنچى مەرىپەتكە كەلگەندە ئالەمدىكى بۇ بىريۈرۈش مەرىپەتلەر تاماملىنىپ،ئايدىن باشلاپ يەنە بىرقانچە ئاسمان سەييارىلىرى مۇقىملىشىدۇ.ئۇلارنىڭ (ئۆزئوربىتىسىدىكى)ئايلانما ھەرىكىتى ئالەمدىكى بارلىق زاماندىن ئۆتۈشىدىغان ئەقىل تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.

ئاسماننىڭ تۆۋىنىدىكىسى زېمىن بولۇپ بۇ دائىرىدىكىسى تەرەققىيات  جەريانى تەتۈرسىچە بولىدۇ.شۇڭا،ئۆزگەرمەيدىغان،مۇقىم بولغان كوسمولوگىيە ئەندىزىسىگە ئاساسلىنىپ،مۇكەممەلسىزلىكتىن مۇكەممەل ھالەتكە،ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ئۆتىدۇ.ئەڭ تۆۋەن سەۋىيدىكى ئەڭ ئاساسلىق ماددا،ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى تۆت چوڭ ئامىل __ مېنرال،ئۆسۈملۈك،ھايۋانات،ئەڭ ئاخىرقىسى ئادەم.ئادەم يەرشارىدىكى مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ئالىيسى ھېسابلىنىدۇ(يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ).
ئاۋۋال بۇ ئامىللار بىرىكىپ ئانچە مۇرەككەپ بولمىغان بىر-بىرىگە قارمۇقارشى،خىلمۇ خىل جىسىملار بارلىققا كېلىدۇ.بۇ جىسىملار يەنە ئۆزئارا بىرىكىپ،خىلمۇخىل ئاكتىپ ھەم پاسسىپ ئىقتىدارغا ئىگە بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان بىرتۈردىكى جىسىملار مەيدانغا كېلىدۇ.ساماۋى جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدىكى بىرىكىش جەريانى تاكى ئەڭ ئاخىرقى بىرىكىشنىڭ نەتىجىسى بولمىش ئادەم بارلىققا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزلۈكسىز ھالدا بۇ دۇنيادىكى بىرقەدەر ئالىي ھەم بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان سۇبىستانسىيلەرنى ئىشلەپچىقىرىۋېرىدۇ.
ئۇلارنىڭ ماددا ۋە شەكىلدىن تەركىپ تاپقانلىقىغا ئاساسەن ئېيتساق،يەرشارىدىكى بۇ سۇبىستانسىيلەرنىڭ ھەربىرخىلى ئۇزاق داۋاملىشىشچانلىققا ئىگە.ھازىر مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ماددىدىكى مەلۇم شەكىلنىڭ ھەمرا بولۇشى بىلەن بىرلىكتە مەيدانغا كېلىدۇ.ئۇنىڭ قارمۇقارشىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا زۆرۈر ئەمەس.شۇڭا بۇ ماددىلارنىڭ قارىمۇقارشى بولغان خىلمۇ خىل شىەكىللىرىنىڭ توختاۋىسىز داۋاملىشىشى تەبىئەت دۇنياسىدىكى پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىشنىڭ ئۆز-ئارا ئالمىشىشىغا سەۋەب بولغان.
مەجىد پەخرو:"ئىسلام پەلسەپە تارىخى"
مەنبە:ئۇيغارتورى"ئەركيارپەلسەپە تەتقىقاتى"دىن.



كۈن ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كۈندۈز كەتكەندە،
ئاي ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كېچە يەتكەندە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 05:18:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېنىق چۈشەنمىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3870
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 05:58:36 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت بەزى نۇقتىلار چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ياكى ئۇيغۇن بولمىغاندەك تۇرىدۇ.باشقا تەرەپلىرىنى ھەق دەلىل بىلەن ئىسپاتلاش ھەتتاكى كۈچلەندۈرۈش مۇمكىن.
مۇشۇ مىتا فىزىكا مەن ئەڭ قىزىقىدىغان،ئەڭ بىلەلمەيدىغان پەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3655
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14430
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3709 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 10:16:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئىلىمىنتار شەكىل ۋەھاسىلى شەكىللەر ئىدىيىسى فارابىنىڭ بۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئالاقىدار ئىدىيىسى بىلەن باغلىنىشقا ئىگە ئىكەن.بۇ نۇقتىدا شەكىل نەزەريىسىنى فارابى ئىدىيىسىگە قىلىنغان ئىجادى ۋارىسلىق دىسەك بولغىدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84233
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 77
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 10:28:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا تۇنجى مەۋجۇدىيەت نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ نەدىن بارلىققا كەلگەن؟
بارچىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان تۇنجى مەۋجۇدىيەتنى ئاللاھ دەپ تونۇشقا بولامدۇ؟

فارابىنىڭ تۇنجى مەرىپەت، ئىككىنجى، ئۈچىنجى، ... مەرىپەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى چۈشەندۈرۈشى مەلۇم مەنىدىن ئاللاھنىڭ ئالەمنى يارىتىش رەت-تەرتىپىنى پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئېچىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرۈشى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 494
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 11:22:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا بۇ نەزەرىيەدىكى تۇنجى مەۋجۇدىيەت قۇياش بولامدۇ؟قۇياش  ئۆز ئەتراپىدىكى بارلىق سەييارىلەرنى تۇغقان دىمەكچىمۇ؟

مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1760
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13029
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 11:48:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشەنمىدىم

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96014
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 523
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2013-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 11:52:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تىمىنى ئانچە چۇشەنمىدىم، لىكىن تۇنجى مەۋجۇداتنى پەقەت بىر اللە ياراتقان ھەم ئىككىنچى،ئۇچۇنچى،تۈتۈنچىسىنىمۇ ھەتتە ئون،ئىككىنچىسىنىمۇ، مۇشۇ دۇنيادىكى بارلىق يارتىلغان نەرسىلەرنى بىراللە ياراتقان. ئۇنىڭ سىرىنى اللەدىن بىلەك ھېچكىم  بىلمەيدۇ ھەم بىلەلمەيدۇ. الىملارمۇ پەرەزگە ئاساسەن شۇنداق دەيدۇ،لىكىن توغراسىنى بىر اللە بىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-29 11:54 AM  


ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 1631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21150
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 9532 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 12:06:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
marhaba77 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-29 11:22 AM
ئۇنداقتا بۇ نەزەرىيەدىكى تۇنجى مەۋجۇدىيەت قۇياش بولام ...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6048
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 724 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 12:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ ياخشىراق چۈشىنىشى ئۈچۈن ماۋۇ سۆزنىڭ چۈشەندۈرشىنى يېزىپ قويدۇم. ‹‹ ئۆزى ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ( مۇستەققىل مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايدىغان) نەرسىنى سۇبىستانسىيە  ،  ئۆزى ئۈچۈن مەۋجۈت بولۇپ تۇرمىغان نەرسە ‹‹ ئاكدېنسىيە ›› دىيىلىدىكەن.

خارلانماسلىقنىڭ يولى ـ خارلىماسلىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش