(3) ياتاقنىڭ ئىچى ناھايىتى قالايمىقان دەرىزىدىن بىر خىل مۇدەھىش سوغۇق كىرىپ تۇراتتى،قاياقلاردىندۇر بىر خىل چىرىغان جەسەتنىڭ ئىنتايىن سىسىق پۇرقى كىلەتتى، - باللا بىرەر نەرسە يۈتتىمۇ قاراڭلا ! بولۇڭلا تىز! سەمى شۇنداق دىگەچ ئۆزىنىڭ چامادىنىنى ئاختۇرغىلى تۇردى.
توۋا مۇشۇ مەكتەپنىڭ باللىرنىزە، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلىمىسا نىم بولا ........ ئەكىرەممۇ غۇدۇڭشىغىنىچە يۈك تاقىسىنىڭ ئالدىغا ماڭدى. يۈسۈفنىڭ خىيالى تىخىچە مىنەۋەرنىڭ چەكچەيگىنىدە ئىدى . تۇغۇلغاندىن تا ھازىرغىچە جەسەت كۆرۈپ باقمىغان يۈسۈفنىڭ يۈركى تىخىچە جايىغا چۈشمىگەن ئىدى ، يۈسۈفمۇ روھى چىقىپ كەتكەن ئادىمدەك بىرىپ چامادىنىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. - نەرسەڭلار تولۇقمىكە باللا ؟؟ مىنىڭ تولۇقكەن . سەمى شۇنداق دىگەچ سەت ھىجايغىنىچە ئەكىرەمنىڭ يىنىغا كەلدى. - مىنىڭمۇ تولۇقكەن . يۈسۈف سىنىڭچۇ؟؟؟ ھەي گەپقىلەۋە لاۋزا . نەمە مىنەۋەرگە ئىچ ئاغرىق تارتىۋاتامسەيا؟؟؟ ئەكىرەم شۇنداق دىگەچ يۈسۈفنىڭ كارۋىتى ئالدىغا كەلدى . - بولدى قىلە ! يۈسۈف سوغۇق مۇئامىلىدە ئەكىرەمنى قاتتىق سىلكىۋەتتى دە ئۆزىنى كارۋات ئۈستىگە تاشلىدى. - قوپە ياتاقنى يۇغۇشتۇرۋەتىپ بىردەم قىرىت ئوينايمىز قوپە ! - ۋاي ئاناڭغا ئاپرا شۇ قىرتىڭنى - قوپە قوپە .. شۇنداق دىگەچ ئەكىرەم بىلەن سەمى قولىغا چىققان ياستۇقنى يۈسۈفكە ئاتقىلى تۇردى . -شۇ ۋاقىتتا باشقا ياتاقداشلار كىرگىلى تۇردى . قاسىم تاماقتىن ئەمدى كىرگەن ئىدى .ئۇنىڭ كەينىدىن ياقۇپ تىلاۇن سۆزلەشكىنىچە كىرىپ كەلدى. ياقۇپ باشقا ياتاقداشلارغا سىلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ئىگەزرەك ئىدى ئاغزىدا قۇرۇق گەپتىن باشقىسى يوق ئىدى نەگىلا بارسا چوڭ سۆزلەپلا يۈرەتتى. شۇ سەۋەپتىمۇ ياتاقداشلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەقەتلا خوشى يوق ئىدى. -- كىلىڭلا باللا باشلايمىز ! سەمى شۇنداق دىگىنىچە قىرىتنى كۆتۈرۈپ بوش كارۋاتقا چىقتى -ھە كىلە كىلە ، نەچچىدىن كىلىمىز ، 10 دىنلا كەممەيلىمۇ؟ ھە كىلە! ئەكىرەم،سەمى،قاسىم،ياقۇپ لار قىزغىن قىرىت ئويناشقا چۈشۈپ كەتتى . يۈسۈف بولسا ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى . -قاياقلاردىندۇر بىر ئايال كىشىنىڭ ئايىقىنىڭ ئاۋازى ھەم چاس قىلغان ئاۋاز بىلەن توك ئۆچتى سائەت 12دىن ئاشقان ئىدى. ئۇ دەل ياتاق باشقۇرغۇچى مۇئەللىم رەنا چايان ئىدى ، بەك ئىچى يامان بولسا كىرەك ، باللارنىڭ ھەممىسى ئۇنى رەنا چايان دىيشەتتى. بىراۋنىڭ چايان دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدىمۇ چايانلىقىنى رەسمىي كۆرسىتەتتى. --ھەي باللا تۇتۇڭلا ماۋۇ پۇلۇڭلانى ، دادام ھارام پۇلنى خەجلىمە دىگەن ئەڭ ياخشىسى ئەتە ئۆزۈڭلار بىلىپ مىھمان قىلاسىلەر ھى ھى ھى ....... سەمى شۇنداق دىگەچ ئۆزىنىڭ كارۋىتىغا ماڭدى. -- ياقۇپ ئوبىرنىغا چىقامسە؟؟؟ ئەكىرەم شۇنداق دىگەچ ساپما كەشنى ئىزدىدى -- ياق ئۆزۈڭ چىقىۋىرە! ياقۇپمۇ كۆزىنى ئۇۋلىغىنىچە ئورنىغا كىرىپ ياتتى. ئەكىرەم بولسا ساپما كەشىنى سۆرەپ سىرىتقا قاراپ ماڭدى. نىمىشقىكىن بۈگۈن مەكتەپ باشقىچىلا جىمجىت ئىدى . ئەكىرەم تازلىق ئۆيىگە كىردى دە ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى. ھەممە يەر جىمجىت، بىر يەرلەردىن ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى،ئاياق تىۋىشى قىزلار ئايىقىنىڭ ئىدى . –
-توۋا ئوغۇللار ياتاق بىناسىدا قىزبالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدىغۇ؟؟ ئەكىرەمنى سۈرە بىسىۋاتاتتى، ئاياق تىۋىشى دەل ئەكىرەم ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى. ئەكىرەم قورققىنىدىن يانچۇقىدىن چاقمىقىنى ئالدى دە يورتۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپلا تۇراتتى، ئىشىك ئاستا ئىچىلدى. توغرا توغرا بۇ دەل قىزبالا ئىدى ئەكىرەم ۋارقىرىغىنىچە سىرىتقا ئۆزىنى ئاتتى . ياتاققا كىرىپلا يوتقىنىغا بىشىنى چۆكۈرۈپ تىتىرىگىنىچە ياتاتتى . ئۇنىڭ كۆرگىنى تونۇشلا چىراي ئىدى . ئۇچىدىدىكى كىيىممۇ شۇنچە تونۇش . ئۇ ئاستا يوتقاندىن بىشىنى چىقىرىپ ئەتراپقا قارىدى، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھىلىقى تونۇش چىراي قىز دەرىزە سىرتىدىن قاراۋاتاتتى. ئەكىرەم قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى، ياتاقداشلار چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتى .- نىمە بولدۇڭ؟؟ ساراڭمۇ سەن؟؟ گەپ قىل . ئەكىرەم نىڭ ئىغىزى گەپكە كەلمەيۋاتاتتى، پەقەت قولىدا دەرىشزە سىرتىنى كۆرسىتىپ تۇرەتتى ھەمميلەن تەڭلاشۇ تەرەپكە قارىدى ، لىكىن دەرىزە سىرتىدا ھىچنەرسە كۆرۈنمەيتتى. قالغانلار ئەكىرەمنى تىللاشقىنىچە جايىغا بىرىپ ئۇيقىغا كەتتى. تۇيۇقسىز ياتاقنىڭ ئىشىكى ئاستا ئىچىلغىلى تۇردى . بايا قورقۇپ ياتاققا كىرگەندى ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنى تاقىۋەتكىنى ئىنىق ئىسىدە ئەكىرەم ئىشىك تەرەپكە قارىغىنىچە قىتىپلا قالدى. مانا ئىشىك ئەمدى تولۇق ئىچىلدى .
داۋامى بار ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن بۇرۇن بىر بۆلەكتىن يوللىنىدۇ !
قىزغىنلىق ئۈچۈن ئىنكاس يىزىڭ !
ھاياتلىقنى قەدىرلەپ ناچار ئىنكاسلاردىن يىراق تۇرۇڭ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yusuf0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-26 12:06 PM
|