قانغا بويالغان ئەينەك پارچىسى
(يۈسۈف)
(1)
ئەكىرەم ناھايىتى ھىرىپ كەتتى بولغاي سىرىتتىن كىرىپلا ئالدىدىكى كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.كەينىدىنلا كىرگەن ئابدۇسەمى ئۆزىنىڭ كارۋىتىدا يىتىۋالغان ئەكىرەمنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغان ھالدا ئۇنىڭغا ۋاقىرىدى
- ئۆزەڭنىڭ ئورنىدا ياتساڭ بوممامدۇ؟ ھارىمى!
- نىمە دىدىڭ؟ كارۋات سىنىڭمىتى؟سىتىۋالغانما؟ سولامچى.........
-................................................
-............................................................!
كەينىدىنلا يۈسۈف كىرىپ كەلدى،
ئوھوي نىمە بولدى؟؟
- ئۆزىنىڭ كارۋىتىدا ياتماي.....................
- يىتىپ قويغانغا خوش بولاۋاي........
- ھى ھى ھى بولدى قىلىڭلا باللا كىچىك باللادەك ، ھەر ئۈچىمىز بىر يەرلىك تۇرۇپ بۇنداق ئۇرشۇپ يۈرسەك قالغانلا...............
شۇ ئەسنادا ئىشىك قاتتىق ئىچىلغان پىتى قاسىم كىرىپ كەلدى
-باللا لەغمەن ئىتىپتۇ،مەن چىققاچ تۇراي ھە ! ھى ھى ھى
قاسىم شۇنداق دىگىنىچە قاچىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
دىمىسىمۇ قاسىم ياتاقتىكى قورسىقىغا ئەڭ ئامراق ئىدى، بەزى شۇ خەۋەر ئەكىرمىسە تاماقنىڭ
پىشقانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.ئارقىدىنلا ئۇلارمۇ تاماققا ماڭدى.
تاماقنى شۇنداق كۆڭۈللۈك يىگەندىن كىيىن ئاشخانىدىن چىقتى. تاماق ئوخشىمىغان بولسىمۇ ئەكىرەم بىلەن ئابدۇسەمىنىڭ كىچىڭ بالىدەك نەگىلا بارسا ئۇرشۇپ يۈرۈشلىرى تولىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى ئۈچىنىڭ بىرەرسى باشقىلار بىلەن ئۇرشۇپ قالغان بولسا قالغىنى ھىچ ئىكىلەنمەستىن ئوتتىرىغا چىقاتتى.تولىسى يۈسۈف باشقىلار بىلەن ئۇرشۇپ قالاتتى ، يۈسۈف قىز بالىغا ئامراق بولغاچ قەيەردە چىرايلىق قىزلانى كۆرسە گەپ قىپ قوياتتى.ئۆزىمۇ خىلى كىلىشكەن قۇرۇق سۆلەت بەگزادىلەردىن ئىدى.
.- ئايتۇرسۇن سائىتىڭگە قارىۋىتە،نەچچە بولدىكىن؟ يۈسۈف ئاشخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ساۋاقدىشى ئايتۇرسۇندىن سائەت سورىدى.
.- سائەت 7 تە بو...................................
دەل شۇ ۋاقىتتا قىزلار ياتاق بىناسى تەرەپتىن قاتتىق ۋارقىرىغان-چىرقىرغان ئاۋازلار ئاڭلاندى.
.- ۋوي نىمىشلا بوپكەتتى بىرىپ باقامدۇق؟؟ دىدى ئابدۇسەمى،
.- بارساڭ مەززىلىك قىلىپ پىشۇرۇپ قويۇپتۇ دەيدۇ قىزلا ياتىقىنىڭ ئالدىغا--. ئەكىرەم ئابدۇسەمىنڭ گىپىنىڭ بىلىگە تەپتى.
.- ۋاي ماڭا بارىمىز دىسەم دىمسەم مەكتەپنىڭ نوچىلىرى ئۇرىشىۋاتقاندۇ، بىرىپ گۇمپا ئۈگىنىپ كەممەمدۇق؟ ھى ھى ھى .........................................
ئۈچىلىسى يۈگۈرگىنىچە قىزلار ياتاق بىناسى تەرەپكە يۈگۈردى.
(2)
ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا خىلى كۆپ بالىلار ئاغزىنى تۇتقىنىچە چۆرىدىشىپ تۇراتتى،
يۈسۈف،ئەكىرەم،سەمى ئۈچى نىمە ئىشلىقىغا قىزىقىپ قورشاۋنى بۇزۇپ كىرىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ كۆرگىنى ئۇرۇش-جىدەل بولماستىن بەلكى قانغا مىلەنگەن ئەينەپ بارچىسى بىلەن بىر قىزنىڭ جەسسىتى ئىدى،ئۇ دەل سىستىرالىق 7.سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى مىنەۋەر ئىدى .
مىنەۋەرمۇ يۈسۈف لەر بىلەن يۇرتداش بولۇپ ئائىلە ئىقدىسادى دىگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ جاپاكەش ئاپىسى ئۇنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن چەكمىگەن جاپالىرى قالمىغان ئىدى ئۇنىڭ دادىسى كىچىكىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.
كىچىكىدىنلا كۆپ كەمسىتىشكە ئۇچىرغانلىقتىنمۇ ناھايىتى كەمسۆز،باشقىلار بىلەن ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيدىغان بىر قىز ئىدى مانا ئەمدى بۇ خەۋەرنى ئانىسى ئاڭلىسا نىم بوپكىتەر ھە ؟؟؟؟
يۈسۈفنىڭ كۆزى تۇيۇقسىز مىنەۋەرنىڭ كۆزىگە چۈشۈپ قالدى ، مىنەۋەرنىڭ كۆزى خۇددى تىرىك ئادەمنىڭكىدەكلا يۈسۈفكە قاتتىق بىر چەكچەيدى. يۈسۈفنىڭ يۈركى جىغغىدە بولۇپ ئىسىنى يىققۇچە قاياقلاردىندۇر پەيدا بولغان قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدىن 3 دوختۇر چۈشۈپ مىنەۋەرنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ جەسەت خالتىسىغا سىلىپ سىگىنالنى بولىشىغىچە چىلىپ يۈرۈپ كەتتى. يۈسۈفنىڭ يۈركى تىخى ئورنىغا چۈشمىگەن ئىدى ، دولىسىغا قاتتىق تەگكەن بىر قولدىن چۈچۈپ كەينىگە قارىدى.
.- ماڭە كىتىمىز جودانىمۇ كۆرۈپ بولدۇڭ ئاستا ياتاققا قايتايلى............ سەمى شۇنداق دىگىنىچە ياتاق تەرەپكە قاراپ ماڭدى كەينىدىن يۈسۈف بىلەن ئەكىرەممۇ ئەگىشىپ ياتاققا قاراپ ماڭدى .
ئۈچى تەڭلا ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپلا تۇرغان جايىدا قىتىپلا قالدى.