ھېلىلا بوز قىر ئەپەندىمنىڭ «
نامراتلارنىڭ بالىلىرى ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇمامدۇ؟» ناملىق تەرجىمە ئەسىرىنى كۆرگەن ئىدىم .
بۇ يازمىنى چۇڭقۇرراق تەھلىل قىلساق بىرەر پارچە رومان پۈتكىدەك .
مېنىڭچە ئاپتورنىڭ مەخسىدى :
1) بىر بولسا جۇڭگۇ جەمىيىتىدىكى مائارىپ يۆنىلىشىنىڭ چىرىكلىشىپ كېتىۋاتقانلىغىنى پاش قىلىش؛
2) بىر بولسا ئۆزى ئەسلىدە كاتتا بىر ئىمتىيازلىق ئەرباپ بولۇپ، ئۆزىدىن تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق ؛
3) بىر بولسا مۇشۇنداق يازمىلىرى بىلەن كىشىلەرنى كولدۇرلىتىپ تاماششا كۆرۈش؛
ئەمما نىمىلا بولمىسۇن، ئوقۇش كېرەك. بۇ ئىنسانغا خاس پەزىلەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى. چۈنكى جەنابىي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە چۈشۈرگەن تۇنجى ۋەھىسى «ئىقرائ» (ئوقۇ!) ئىدى.
بىزدە بولسا «ئىشەك تەخىيىگە ئىشەكلىكتىن باشقىنى ئۆگەتمەيدۇ» دېگەن تەمسىل بار.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش ، بىلىم ئىگەللەش ئىشىغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئەمدى، ئوقۇشتىكى مەخسەت ، نىشاننى نەزەردە تۇتقاندا، دەرۋەقە ھازىرقى رېئاللىق كىشىنى قاتتىق ئازاپلايدۇ. ئەمما ئىنسان بەلگۈلۈك بىر غايىنى نىشانلىغان ئىكەن، ئۇنىڭدا قۇربان بىرىش روھى بولمىسا ، دېمەك ھەرخىل ئازاپ - ئوقۇبەتلىك شەرت-شارايىتلارغا بەرداشلىق بىرەلمىسە ئۇ نىشانغا يېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس! پېقىر مانا شۇ ۋەجىدىن ئون نەچچە يىل بۇ ياقا يۇرتتا سەۋر - تاقەت ، چىدام - جەسارەت بىلەن ئىزدىنىپ كېلىۋاتىمەن. ......
دېمەككى، ئوقۇش - ئوقۇماسلىق نوقۇل شەخسى تۇرمۇشىڭىزنىڭ چىقىش نوقتىسى ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىنسانىي خارەكتىر، ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە ئاندىن ۋەتەن ، مىللەتكە پېداكارانە خىزمەت قىلىشنى چىقىش نوقتىسى قىلىشى كېرەك!
ئوقۇڭ! ياراتقان ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بېرىدۇ. بىلىپ قويۇڭكى، بەدەلسىز نەتىجە مەيدانغا چىقمايدۇ.....!
ھۆرمەتلىك بوز قىر قېرىندىشىمغا كۆپلەپ تەشەككۈرلەر!
ئىزاھات:
تەرجىمە ئەسەرنىڭ ئەسلى ئادرېسى:
/thread-106938-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdulquddus1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-22 08:10 PM