5
مەن ياتاققا قايتىقاندىن كىيىن ئەھمەتنىڭ ياتىقىغا كىردىم ،ھەمدە ئۆزۇمنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ئۇنىڭ ياتاقداشلىرىغا چۇشەندۇردۇم ،ئەپسۇس ئۇلار ئىشەنمىدى .تۇيۇقسىز كۆزۇم ئەھمەتنىڭ كارۋىتى ئاستىدىكى كىر داسقا كۆزۇم چۇشتى .دارھال داستنى تارتىپ چىقىرىپ قاراپ چۆچۇپ كەتتىم ،داستىمۇ بىر تال لاتا قونچاق داستىكى سۇدا لەيلەپ تۇراتتى .
شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر 4 كۇندە قارغىش خەتتكى تەرتىپ ۋە ئۆلۇش شەكلى بويۇنچە تالاپەتكە ئۇچراشقا باشلىدى ،ئوتتا كۆيۇپ ،بىنادىن چۇشۇپ كىتىپ دىگەندەك قانلىق ۋەقەلەر داۋاملاشماقتا ئىدى .
كۇندە قارغىش خىتىنى يىنىمدا ئىلىپ يۇردۇم ،بىر كۇن گويا بىر يىلدەك ئۆتمەكتە ئىدى ،مىنىڭ ئىسمىم خەتتە ئەڭ ئاخىرىدا ئىدى ،يەنە 12 كۇندىن كىيىن يەنى يەنە ئىككى ياتقدىشىمدىن كىيىن ماڭا نۆۋەت كىلەتتى . ساراڭدەكلا يۇردۇم .
بىر كۇنى بىلىپ بىلمەي ساخچىخانىغا بىرىپ قاپتىمەن ،ساقچىلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدىم بىراق ساقچىلار مىنى ساراڭ دىيىشىپ قوغلاپ چىقىرىشتى .شۇندىلا ئۆزۇمىنڭ ئۆلۇمنى كۇتۇشتىن باشقا چارەمنىڭ يوقلىقىنى ھىس قىلدىم . ئارىدىن 4 كۇن ئۆتۇپ تىزىملىكتىكى بىرسىنىڭ ئۆلۇم خەۋىرى كەلدى ،ئۇ ئىسىلىپ ئۆلۋالغان بولۇپ ،خەتتىكى بىلەن ئوخشاش چىقتى .
ئۇ تىىخى يىقىندا مۇنەۋەر سىنىپ كادىرى دەپ تەغدىرلەنگەن سىنىپ باشلىقىمىز ئەكبەر ئىدى ،ئۇ نىڭ مىجەزى شۇنچىلىك شوخ ئىدىكى ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋىلىشىغا ئىشەنمەيتىم.
ئەكبەرنىڭ ياتىقىغا كىردىم .ئىشىكنى ئىچىپلا ئەكبەرنىڭ كارۋىتىدا ئىسىقلىق تۇرغان لاتا قونچاقنى كۆرۇپ يۇرۇكىم ئىغىزىمغا قاپلىشىپ قالدى .قونچاق دەل بوينىدىن ئىنچىكە يىپ بىلەن كارۋاتنىڭ بۇلىڭىدىكى كۆزگە ئانچە ئاسان چىلىقمايدىغان يىرىگە ئىسىقلىق تۇراتتى (ئەكبەرنىڭ ياتىقىغا كىرىشتىكى مەخسىتىم دەل شۇ قونچاقنى ئىزدەش بولغاچ مەن قونچاقنى ئاسانلا بايقىيالىدىم ) ،قونچاق كۆزۇمگە ئەكبەرنىڭ سۇخانىدىكى ئىسىقلىق تۇرغان جەسسىتىدەكلا كۆرۇنۇپ كەتتى .شۇ چاغىكى كەيپىياتىمنى ۋە قورقۇنچۇمنى ھىچكىم ھىس قىلالمايتى يەنە 8كۇندىن كىيىن مىنى قانداق بىر پاجىئە كۇتۇپ تۇرغىنى كۆڭلۇمگە بەش قولدەك ئىنىق ئىدى .
كونىلار ياخشى ئېيتقان (يىتىپ ئۆلگىچە ئىتىپ ئۆل ) .ئۆزۇمنىڭ قوتقۇزۇش ئۇچۇن ئامال چارە ئىزدەشكە باشلىدىم ، ئىككى كۇن سەرىپ قىلىپ بارلىق ئۆلگىچىلەر ئورتاق بولغان مۇنداق ئالاھىدىلىكنى يىغىنچاقلاپ چىقتىم :
1. سۇباتنى خورلىغان ياكى بوزەك قىلغان .
2. ئۆلۇم ۋاقتى سەھەر 4:30 ئەتراپىدا ،سۇباتنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى بىلەن ئۆخشاش بولسا دەل 4:44 يەنى ياتىقىمىزنىڭ ياتاق نۇمۇرى 444 بىلەن ماس كىلىدۇ .
3. ھەر بىر كىشى ئۇچۇن ئىسمى يىزىلىپ تەييەرلانغان لاتا قونچاق بار بولۇپ لاتا قونچاق سىمىئول خاراكتىردە ئۆلگۇچىنىڭ ئۆلۇش شەكلىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ .
ئەمما بۇلاردىن ئۆزۇمنىڭ قوتۇلدۇرۇشقا يارىغۇدەك بىرەر يىپ ئۇچى تاپالمىدىم ،بىراق ئۆلمىگەن جاندا ئۆمۇت بار دىگەن دەك بۇنداقلا بولدى قىلغۇم كەلمىدى . كۆڭلۇمدە بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالدىممىكىن دەپ ئويلاپ قايتىدىن ئىزدىنىشكە باشلىدىم .
تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپ پەرھات ئسىملىك ساۋاقدىشىم كىرىپ كەلدى .
-ئاداش خوش خەۋەر مەن بۇقىتىملىق يازلىق لاگىرغا بارىداغان ئوقوغۇچىلار تىزىملىكىگە كىىپتىمەن .دىدى ئۇ خوشاللىقىدىن سەكرەپ . پەرھات دەل تىزىملىتىكى ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنجى يەنە تىزىملىكتىكى ئىسمى بار ھايات قالغۇچىنىڭ بىرسى ئىدى .
-نەگە بارىدىكەنسىلار ؟دەپ سوراپ قويدۇم ئۇنىڭ كۆڭلى ئۇچۇن .
-غۇلجىغا ،ناراتقا .دىدى ئۇ مەغرۇر ھالەتتە .
-توۋا ،دىدىم ئۆز ئۆزۇمگە ئۆزىنىڭ ئۆلىمىگىمۇ شۇنداق ئالدىرغان بارمۇ ؟ ئۇنىڭ بۇ قىتىملىق لاگىرغا تاللانغىنىڭ ئۆزىلا كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ . چۇنكى ئۇنىڭ يە ئۇگىنىشى يە ئەخلاقى ياخشى ئەمەستى .
ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنى ھاڭغا چۇشۇپ سەكپارە بولۇپ ئۆلىدۇ دەپ يىزىلغان ئىدى .ئۇرۇمچىدىن غۇلجىغا بارغۇچە نىمە تولا ؟ ھاڭ داۋان تولا ئەمەسمۇ ؟
ئۇنى بىرىشتىن توسماقچى بولدۇم ، بىراق ئۇنىڭ ئىشەنمەيدىغىنى ئىنىق ئىدى .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنى بۇيەردە ئىلىپ قالغان بىلەنمۇ قوغداپ قالغىلى بولامدۇ يوق بىلمەيتتىم .
دەرۋاقە ، ئۇلار يولغاچىقىپ ئەتىسى ئۇلار چىققان ماشىنىڭ داۋاندىن چۇشۇپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلدى .ئۇنىڭ ئۆلۇم خەۋرى كەلگەندىن باشلاپ راستلا ساراڭ بولۇپ قالدىم .كۆزۇمدىن ئۇيقۇ قاچتى ،ھەتتا ئۇ ئۆلۇمنىڭ تىزرەك كىلىشنى تىلىدىم . چۇنكى ئۆلۇمنى كۇتۇش ئۆلۇمنىڭ ئۆزىدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىكەن .
ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلگەن چاغدىكى ئىچىنىشلىق ھالىتى بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۇشكە باشلىدى .بىردىنلا
بۇرۇن ئۇنۇتقان بىر نوقتىنى ھېس قىلدىم ، توغرا ،ئۆلگۇچى ئولۇشتىن بۇرۇن چوڭ كىچىك بولۇپ مۇكاپات ياكى تەغدىرلەشكە ئېرىشىدىكەن .ئۇنىڭدىن باشقا قونچاق چوقۇم بۇ يەردىكى ئاچقۇچ .مەن ھەر قىتىم پاجىئەدىن كىيىن ئاندىن قونچاقنى بايىقىدىم ،ئەگەر مىنىڭ ئىسمىم يىزىلغان قونچاقنى ئۆلۇم ۋاقتىدىن بۇرۇن تاپالىسام بەلكىم قوتۇلۇپ قىلىشىم مومكىم ئەمەسمۇ ؟
دەرھال لاتا قونچاقنى ئىزدەشنى باشلىدىم ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-24 07:02 PM