مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 62301|ئىنكاس: 221

قانخور قونچاق(قورقۇنچلۇق ھىكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80086
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 4756
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-5-13
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 10:20:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قانخور قونچاق

ئا.قويچى



ئىزاھات:
ئەسەر مەزمۇنى قورقۇنۇشلۇق بولغاچقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە قورقۇنۇشلۇق ۋەقەلەر تەسىر قىلىدىغانلارنىڭ ئوقۇشىغا بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىققا ئاپتور  مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
ئەسەر ھوقۇقى مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋە.  ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ。


1-باب


بۇ يىل ئونۋېرسىتىتقا  يىڭىدىن  كەلگەن  ئوقۇغۇچىلار  جاپالىق ھەربى مەشىقتىن كىيىن ياتاقلىرىغا قايتىشتى. يېرىم كېچە ئونۋېرسىتىتنىڭ ئوغۇللار ياتاق بىناسى 444-نومۇرلۇق ياتاق.


-ئاناڭنى ... ھاۋا تەڭشىگۈچى يوق بۇ قوتۇر ياتاقتىن ھەجەپ تويدۇم،- دېدى چېچى ، قېشى ئىشقىلىپ بەدىنىدىكى بارلىق تۈكى ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان  چۈچىنىڭ مويىدەك سېرىق ۋىجىككىنە كەلگەن بىرسى . بۇدەل : تۇرغۇن : لەقىمى پاختەك، قورقۇنچاق ، قارتا ئويناشقا ماھىر .

- زېرىككەن بولساڭ كەتمەمسەن؟ كىم سىنىڭ يولۇڭنى توسۇپتۇ!،- دېدى بىر قولىدا ساقال تىغى ،بىرقولىدا ئەينەك ،قويۇق ساقىلىغا  ماغزاپ سۈركىگەن قاۋۇل تەتۈر ئۇستىخان رۇستەم ،- بۇنىڭ لەقىمى بۇقا ، قورقىماس، تەلۋە لېكىن تازا كاللىسى ئىشلەپ كەتمەيدۇ.

-بولدى قىلىشە گۇيلاجىم يېتىپ ئۇخلاشساڭ بولمامدۇ ،يا ئۆزۈڭ ئۇخلىماي يا ئادەمنى ئۇخلاتماي، قاملاشمىغان!- بۇ ئۈستىنكى كارۋاتتا ياتىدىغان مۇرات ئىدى. چېچىنى خوراز تاجىسىدەك تارىۋالغان، ناھايتى ياسانچۇق،  ئۇرۇق، تىپىك قۇرۇق سۆلەت بايۋەتچى ئىدى.

-مۇراتكا، چۈشە پەسكە، بىردەپ قارت ئوينايمىز،-دېدى تۇرغۇن پاختەك ھېجىيىپ قاراپ.

-ۋاي قويە، ئۇخلايمەن.

-چۈشە، بىكا ما يۇندىنى بىر چاچىمەن،-تۇرغۇن شۇنداق دېگەچ  پايپاق يۇيۇپ ئاشقان قاپقارا يۇندا بار داسنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ.

-مەن چۈشكەن بىلەن يا ئۈچ ئادەمدە تۈزۈك ئوينىغىلى بولمىسا،-دېگەچ غۇدۇراپ كارۋىتىدىن چۈشتى. دەل شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلمەيلا ئېچىلىپ چىۋىقتەك ئورۇق، بويى زىراپىدەك ئېگىز بىرسى كىرىپ كەلدى. بۇ قوشنا ياتاقتىكى ئەيسا بولۇپ داۋاملىق جىن -ئالۋاستى، كونا قەبرە، دېگەندەك تېمىلاردا سۆزلەپ يۈرىيدىغان بولۇپ، لەقىمى باخشى ئىدى. ئەيسا نىڭ  دادىسىمۇ، دادىسىنىڭ دادىسىمۇ، دادىسىنىڭ دادىسىنىڭ دادىسىمۇ باخشى بولغاچ نەچچە ئەۋلاد داۋاملىشىپ ئاتا مىراس كەسپ نامى ئەيساغا لەقەم بولۇپ سىڭگەنىكەن.

-مانا تېپىپ كەپتىمەن، قېنى خەلقىم، كېلىڭلار! بىر قول قارتا ئوينىغاچ سىلەرگە قونچاققا يىڭنە سانجىپ قەست ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قوياي. كېلىڭلار خەلقىم،كېلىڭلار ! ، - ئۇ ئادەتتە باشقىلارنى <<خەلقىم>> دەپ چاقىرىشقا ئامراق. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا باخشىلار جىن دوستلىرىنى شۇنداق چاقىرارمىش.

ئەيسا بىر قولىدا بىرى بىرىگە ئوخشىمايدىغان رەڭلىك بىر قول قارت، بىر قولىدا نەق يۈرىكىگە ئۇزۇن يىڭنە سانجىنلغان  كىچىك لاتا قونچاقنى كۆتۈرگىنىچە مەغرۇر قاراپ تۇراتتى.

-نېمە قالايمىقان سۆزلەپ يۈرۈيدۇ ماۋۇ، بولدى قولۇڭدىكى ئاۋۇ نەرسىلىرىڭنى كۆزىمىزدىن يوقوتۇپ كەلگىنە ئاندىن قارتنى باشلايمىز،-دېدى ساقلىنى ئېلىپ بولغان رۇستەم.

-ماقۇل، بۇ ئاسان،ئەسلى ئويۇننىڭ قىزىقى مۇشۇ قونچاق ئىدى، بوپتۇ، خەير،-دېگەچ لاتا

قونچاق ئۈستىدىكى يىڭنىنى تارتىۋېلىپ ئاۋايلاپ يانجۇقىغا سالدى.

   بۇ تۆتەيلەن دۇنيانى ئۇنتۇپ قىمار ئوينىماقتا ئىدى. ئۇتۇش - ئۇتتۇرۇش ئالمىشىپ تۇراتتى. ۋاقت ئۇزارغانچە  دەسلەپكى چوڭ ئوينىمايمىز دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ تىكىدىغان پۇل سوممىسىنى يۇقىرىلاپ مېڭىۋاتاتتى.

قىپقىزىل پۇللار ھېلى ئۇنىڭ ئالدىغا، ھېلى بۇنىڭ ئالدىغا دۈۋىلىنىپ، ئەڭ بۇرۇن رۇستەم قۇرۇقدىلىنىپ قالدى.

-ئاناڭنى ... بۈگۈن ھەجەپ تەلىيىم كەلمىدى. ئەكە بەش كوي بېرىپ تۇرە،-دەپلا تۇرغۇننىڭ ئالدىدىن بەش يۈەننى شاپلا قىلىپ ئېلىۋالدى.

- بۇ... نېمە قىلغىنىڭ؟باشقا پۇلۇڭ بولمىسا ئوينىيالمايسەن، بولدى قىلە!،-دېدى تۇرغۇن.

-ھەي... خەلقىم، بوپتۇ، ئۇنىڭغا مۇشۇ بىر پۇرسەت بېرەيلى، بۇ قېتىم ئوچۇق ساناي. ئۇتالىسا يەنە ئوينىسۇن، بولمىسا قوپۇپ كەتسۇن، قانداق؟-دەپ تۇرغۇننىڭ ئالدىنى توستى

-   ئاناڭنى ...بۈگۈن ھەجەپ تەلىيىم كەلمىدى ،ئەكە 5 كوي بىرىپ تۇرە -.دەپلا تۇرغۇننىڭ ئالدىدىن 5 يۈەننى شاپلا قىلىپ ئىلىۋالدى.

-   بۇ...بۇ...  نېمە قىلغىنىڭ ؟ باشقا پۇلۇڭ بولمىسا يەنىلا ئوينىيالمايسەن، بولدى قىلە .

-   ھەي... خەلقىم خەلقىم بوپتۇ، ئۇنىڭغا مۇشۇ بىر پۇرسەت بىرەيلى بۇقېتىم ئوچۇق ساناي ئۇتالىسا يەنە ئوينىسۇن بولمىسا قوپۇپ كەتسۇن قانداق ؟ -دەپ تۇرغۇننىڭ ئالدىنى توستى ئەيسا باخشى.

-بولىدۇ، بولىدۇ،- رۇستەم خۇشاللىقتىن ۋارقىراپ كەتتى.

قارتا ئوچۇق سانالدى. بۇ قېرىم رۇستەمنىڭ ئامىتى كېلىپ، رەڭلىك قاتار بىلەن ھەممىنى يەڭدى.

-تۇتە مانا بەش كوي،- رۇستەم تۇرسۇننىڭ پۇلىنى قايتۇرىۋېتىپ سۈف دەپ بەش كوينى مەيدانغا قويدى.ئەيسا ھەممەيلەنگە مەنىلىك قارىۋېتىپ، قارتىنى تارقىتىشنى باشلىدى.

  بۇ قېتىم سورۇن شۇنداق قىززىدىكى ھەممەيلەن يېنىدىكى بارلىق پۇللىرىنى دوغا تىكتى، ئاخىرىدا سورۇندا پەقەت ئەيسا بىلەن رۇستەملا قالدى.

-قېنى گەپ قىلە! ،-دەپ ئەيسا رۇستەمنى ھە دەپ قىستىغىلى تۇردى.

-ھەي... تازىمۇ بىر. ھالقىلىق چاغدا پۇلۇم قالمىدى،ـ رۇستەم قارتىنى چىڭ تۇتقىنىچە تىت-تىت بولۇپ.

-قېنى باشقا دوستلىرىڭدىن پۇل سۇرىمامسەن؟

-بۇلاردىمۇ قالمدى، بولمىسا ئېچىپلاۋېتىلى ئاداش؟

-ياق، ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ خەلقىم، ئامال تاپ ياكى قارتنى تاشلاپ ۋاز كەچ، ياكى بولمىسا...

-ياكى؟ يەنە قانداق ئامال بار؟

-ياكى بولمىسا مەن قالغان پۇللىرىمنىڭ ھەممىنى تەق تاشلايمەن، سەن مۇشۇ قونچاقنىڭ خالىغان يېرىگە بىر تال يىڭنە سانجىپ بەرسەڭلا بولدى، قانداق؟

-بولىدۇ.

تەلۋىلىكى تۇتقان رۇستەم بۇ قىلمىشنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشىدىن بىخەۋەرلار قوشۇلدى. ئەيسا يېنىدىكى بارلىق پۇللىرىنى يىغىشتۇرۇپ سورۇنغا تاشلىدى. رۇستەممۇ يىڭنىنى قونچاقنىڭ نەق قورسىقىغا سانجىپ سورۇنغا تاشلىدى. دەپ شۇ چاغدا تۇيۇقسىز كۆكنىڭ قارنى يېرىلغاندەك قاتتىق چاقماق چېقىپ، دېرىزىدىن مۇدھىش سوغۇق شامال ئۇچۇپ كىردى. ھەممەيلەن سوغۇقتىن تۈگۈلگىنىچە سورۇنغا تىكىلىشىپ قاراپ تۇرشاتتى.

- بۈگۈن ئامەت سېنىڭ، سېنىڭ نۆۋىتىڭ كەپتۇ،-دېدى ئەيسا قولىدىكى قارتنى تاشلاپ.

-بولدى، بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئەتە ھەممىڭلارنى مېھمان قىلىمەن دوستلار، ھا ھا ھا...،-دەپ ئاغزىنى يۇمالماي بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي پۇل ساناۋاتقان رۇستەم.

-ھەي، ئاللاھ خالىسا دە، بوپتۇ خەير، مەن چىقاي خەلقىم،-دېدى ئەيسا مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

-توۋا قىززىق ئاداشكىنا بۇ، شۇنچە پۇلنى ئۇتتۇرىۋېتىپ، يەنە شەھەر ئۇتىۋالغاندەك خۇشاللىقىنى دېدى مۇرات ھەيران بولۇپ.يەنە رۇستەمدىن سۇرىدى:

-قەيەردە مىھمان قىلىسە ئاداش؟

-مەكتەپتىكى ماگىزىندىن مىنرال سۇ ئەپبېرەي، ھى ھى ھى

-ۋاي پىخسىق، گۆرۈڭگە ئېلىپ كەت بولدى.

ساۋاقداشلار شۇنداق دېيىىشپ ئۇخلاپ قېلىشتى.

رۇستەمنىڭ تېلېفۇنى تۇيۇقسىز تىترەشكە باشلىدى. رۇستەم كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ تېلېفونغا قارىغانىدى، ئىكراندا قوڭغىراق سائەت 4:44نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. رۇستەم ھېچقاچان قوڭغىراق توغرىلىمىغاچقا ئازراق ھەيران قالدى  ۋە بايا بىرەرسى توغرىلاپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئۇخلىماقچى بولىۋىدى تۇيۇقسىزلا قورسىقى قاتتىق موجۇپ ئاغرىشقا باشلىدى.  ئاغرىقتىن ئۇيقۇسى پۈتۈنلەي قاچقان رۇستەم ھاجەتخانىغا يۈگۈردى.

2-باب

مەشىق ئۈچۈن يىغىلىش سىگنالى ھەممىنى شېرىن ئۇيقىنىڭ قوينىدىن مەجبۇرى سوغۇرۇپ چىقتى، ھەممە غودۇراشقىنىچە سۇخانىغا يۈگۈگۈرۈشتى.

بىراق...

تۇنجى بولۇپ ھاجەتخانىنىڭ ئىشكىنى ئاچقان تۇرغۇن<<ۋايجان>>دەپ چىقىراپلا جاققىدە ئورنىدا ئولتۇرۇپ قالدى. سۇخانىدىكى پاجىئە ھەممەيلەننى ھاڭ –تاڭ قالدۇردى. رۇستەم ھاجەتخانىدا تامغا يۆلىنىپ يېتىپ قالغان بولۇپ ئۇنىڭ قاۋۇل بەدىنىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان،  گويا ئۇنىڭ ئىچ-باغرىنى بىر نەرسە شورىۋالغاندەكلا بىر تېرە بىر ئۇستىخان، بىر جۇپ كۆزى چاناقلىرىدىن ئىتىلىپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ ئككى كۆزىنىڭ ئورنىدا قاپقاراڭغۇ ئىككى كامار قانغانىدى.كۆز قارچۇقى ئۇنىڭ مەيدىسىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى.  بىر نەرسىدىن ناھايىتى قورققان بولسا كىرەك يۈز-كۆزىنى ، مەيدىسىنى تاتلاپ قان –يېغىر قىلۋەتكەن ئىدى .كىشىنى ئەڭ چۆچىتىدىغىنى ئۇنىڭ قان يۇقى قوللىرى قورسىقىدىن كىرىپ دۇمبىسىدىن تىشىپ چىقان سوغۇق سۇ تۇربىسىنى چىڭ قاماللاپ تۇراتتى .
ساقچىلار كېلىپ نەق مەيداننى تەكشۇرۇپ بولۇپ ئەھۋال ئىگەللەش ئۇچۇن رۇستەمنىڭ ياتاقداشلىرىنى ئۇلارنىڭ سىنىڭ مەسئۇلىنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرتىتى.
-باشقا ئالاھىدە ئىشمۇ بولمغان شۇ ،بىردەم قەرت ئوينىدۇق ،ئۇ ئۇتىۋىلىپ مىھمان قىلماقچى بولدى، بىراق ئۇ بەك پىخسىق ،
مەن چاقچاق قىلىپ ئۆلە دەپ قويغان شۇنىڭغا ئۆلۇپ قالماس .
دىدى تۇرغۇن يىغلامسىراپ .
-كەچتە ياتاققا باشقا بىرسى كىرگەنمۇ ؟ دەپ سورىدى ئوتتۇراياش ساقچى كۆزەينىكىنى ئۇستىگەرەك قىلىپ قويۇپ .
-ھەراست قوشنا ياتاقتىن ئەيسا كىرگەن دىدى مۇرات ئەسكە ئىلىپ.
-نىمە ئەيسا ؟ ئەيسا تىخى تۇنۇگۇنلا قەشقەرگە قايتىپ كەتكەن ،ئۇ قانداق بولۇپ يىرىم كىچىدە سىلەرنى ئىزدەپ كىلىدۇ؟
-نىمە ؟ ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەنما ؟ دەپ سورىدى مۇرات بىلەن تۇرغۇن . سىنىپ مەسئۇلىنىڭ سۆزى ئۇلارنىڭ بىشىغا مۇزدەك سۇ بولۇپ قۇيۇلدى .


3





-توۋا باللار نىمىش بولۇپ كەتتى ؟ رۇستەم ھەجەپ ئىچىنىشلىق ئۆلۇپ كەتتى ھە ؟
-شۇنى دەيمەن ،ساقچىلار قاتىلنى تاپالارمۇ ؟
كەچلىك مەشىقىنى تۇگىتىپ كىرىپ تۇرغۇن بىلەن مۇرات شۇنداق دىيىشىپ يىتىشاتتى توساتتىن ئىشىك چىكىلدى .
-كىمۇ ؟ دەپ ۋاقىرىدى  مۇرات، ۋە -بىز يىتىپ بولدۇق ،ئىشىڭىز بولسا ئەتە كۇندۇز دە كىرىڭ .دىدى تۇرغۇنمۇ ئارقىدىنلا .رۇستەمنىڭ ئۆلىمى بەكلا قورقۇنۇشلۇق ھەم بەكلا تۇيۇقسىز بولغاچ  يەنە بىرەر كىلىشمەسلىىك چىقمىسۇن دەپ بۇرۇنلا ئىشىكنى تاقاشقا ئادەتلەنگەن ئىدى .
-مەن ،بالام مەن سوپاخۇن ، ئاچا ئىشىكنى ،ئۆھو ---ئۆھو ---
سوپاخۇن : مەكتەپنىڭ پىشقەدەم ئامانلىق قوغدۇغۇچىسى .چاچ ساقىلى ئۇچتەك ئاقارغان ،ناھايىتى سىرلىق بىر بوۋاي .
سوپاخۇن ياتاققا كىرىپ ئۇزۇن دۇئادىن كىيىن تۇرغۇن بىلەن مۇراتنى تاھارەت ئىلىپ كىرىشكە بۇيرىدى .
-تاھارەت ئىلىپ كىرىڭلار باللىرىم سلەرگە دەيدىغان مۇھىم گىپىم بار .
-نىمە گەپتى ئۇ تاھارەتسىز ئاڭلىسا بولمايدىغان .دەپ سورىدى مۇرات تاھارەت ئىلىشنى ئىىغىر كۆرۇپ .
-ئەگەر رۇستەمنىڭ پاجىئەسى مىنىڭ بىشىمغىمۇ كەلمىسۇن دىسەڭ  دىگىنىمنى قىل بالام .دىدى بوۋاي ئىغىر تىنىپ .
-بولە ،بولە سوپاخۇن دادام نىمە دىسە شۇنى قىلىمىز دەپ مۇراتنىڭ قولىنى تارتىپ ئالدىراتتى تۇرغۇن . مۇرات ئىغىزىنى كامادەك ئاچقىنىچە ھەيرانلىق ئىلكىدە چىقىپ كەتتى .
مۇرات بىلەن تۇرغۇن ياتاققا قايتىپ كىلىپ ھەيران قىلىشتى ،بوۋاي ياتاقنىڭ قاق ئوتتۇرىدا چاپىنىنى سىلىپ يۇكۇنۇپ ئولتۇراتتى .

ئۇ ئىككىسى بوۋايغا تىكىلىپ بىرھازا قاراپ تۇردى. بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ ئەزان تولاشقا باشلىدى ،ئۇ ئككىسىمۇ قىستىلىپراق بوۋاينىڭ كەينىدىن نامازغا تۇردى .
بوۋاي سەجدىدىن بىشىنى كۆتۇرمەي ئۇزاق ئۇزاق بىر نىمىلەرنى ئوقىدى .ئاندىن تۇيۇقسىز ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى . مۇرات بىلەن تۇرغۇن ھەم ھەيران بولۇپ ھەم قورقۇپ نىمە قىلارىنى بىلمەي بوۋاي نىمە قىلسا شۇنى قىلىپ تۇردى.
-باللىرىم سىلەر كۆرگىنىڭلار ھەرگۇزمۇ ئەيسا ئەمەس  دىدى بوۋاي نامازدىن كىيىن .
-ئەمسە كىم ؟ ئۇلار تەڭلا سورىدى .
بوۋاي قىرىق يىل ئاۋالقى قورقۇنۇچلۇق پاجىئەنى ئەسكە ئالدى .
-بۇندىن قىرىق يىل مۇقەددەم .....دەپ سۆز باشلىدى بوۋاي .دەل مۇشۇ ياتاقتا مۇنداق بىر قانلىق ۋە قە يۇز بەرگەن ....





4






ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى يىڭىدىن ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن يىللىرى ئىدى . تۇنجى قارادىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە مۇ شۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم.
مەن بىلەن بىر ياتاقتا سۇبات ئىسىملىك بىر بالا بار ئىدى .سۇبات ناھايىتى چىرايىلىق ،يۇز تىرىسى تولىمۇ ئاق بولغاچ قىزلار ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدى .سۇبات قىزبالا مىجەز ئىدى ، ئۇنىڭ گەپ قىلىشى ،يول يۇرىشى ھەممىسى قىزلاردەكلا ئىدى . شۇ سەۋەپلىكمىكىن ئۇنى ئوغۇللار پەقەت ئارىغا ئالمايتۇق .پۇرسەت تاپساقلا ئۇنى ھاقارەتلەپ بوزەك قىللاتتۇق .
سۇبات بىزنىڭ يىنىكرەك چاقچاقلىرىمىغا كۇلۇپ قويۇپ ،سەل ئىشىپ كەتسە يالغۇر بىر يەرنى تىپىپ يىغلاپ دىگەندەك بىر يىلچە ۋاقىتنى ئۆتكۇزدى . كىيىن كىشىنى چۆچىتىغان قانلىق ۋە قەلەر باشلىنىشقا باشلىدى .
بىر كۇنى كەچتە سىرىتتا ھاراق ئىچىپ مەس قايتقان بىر قانچىسى سۇباتنى ياتىقىغا سولىۋىلىپ ئۇنى قىزلارنى دوراپ ئۇسۇل ئويناشقا بۇيرۇپتۇ ،بىراق سۇبات ئۇنىماپتۇ ،ئۇلار سۇباتنى قاتتىق ئۇرۇپ ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلاپتۇ ...
قاتتىق خورلۇق ھىس قىلغان سۇبات ياتاققا قايتىپ كىرىپ بەك ئۇزۇن يىغلىدى ،دەسلەپ ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىدى ،كىيىن ئازراق تەسسەللى بەردۇق ئۇنىڭ يىغىسى توختىمىدى ،ئاقىۋەت بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىدى ،ئۇخلاپ قالدۇق .ئەتىسى سەھەردە سۇباتنىڭ كاررىدوردا ئىسىلىپ ئۆلۋالغىنىنى بايقىدۇق .قانۇن دوختۇرىنىڭ سۇباتنىڭ ئۆلگەن ۋاقتىنى ئەتىگەن سائەت 4:44دەپ بىكىتتى .
سۇباتنىڭ ئۆلىمى دەسلەپ ھىچكىمنىڭ دىقىتىنى تارتمىدى ،ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭدەك خورلىنىپ ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشى دىيىشىپمۇ يۇردى .
بىراق سۇبات ئۆلۇپ 44 كۇندىن كىيىن سۇباتنى خورلىغانلاردىن بىرىنى تام بىسىۋىلىپ ئۆلدى ،ئۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئۇ ئەسكى تاملىققا بىرىپ قالغىنىنى ھىچكىم بىلمەيتى ،بىراق ئۇنىڭ ئۆلگەن چاغدىكى ھالىتى ناھايىتى ئىچىنىشلىق ھەم قورقۇنۇچلۇق ئىدى .ئۇنىڭ ئۆلگەن ۋاقتىمۇ دەل سۇباتنىڭ ئۆلگەن ۋاقىتى بىلەن ئۆخشاشلا ئەتىگەن سائەت 4:44 ئىدى . مەن ھادىسە نەق مەيدانىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردىن بىر تال لاتا قونچاق تىپىۋالدىم ،لاتا قونچاق كىسەك پارچىللىرى بىلەن باستۇرۇقلۇق ئىدى ، كۇزۇمگە تونۇش كۆرۇنگەچ لاتا قونچاقنى تىرىۋىلىپ ياتاققا ئىلىپ قايىتتىم .
لاتا قونچاق سۇبات دائىم كارۋىتىنىڭ بىشىغا ئىسىپ قويىدىغان لاتا قونچاققا ئوخشايتتى . مەن قىزىقىپ سۇباتنىڭ ئىشكابىنى بۇزۇپ ئاچتىم .سۇباتنىڭ ئىشكابىدىنمۇ قولۇمدىكىگە ئوخشاشلا بىر تال لاتا قۇنچاق چىقتى .قونچاققا يىقىن يەردە يەنە بىر پارچە خەتمۇ تۇراتتى .
بۇ بىر پارچە قان بىلەن يېزىلغان قارغىش خىتى بولۇپ خەتتە سۇباتنى خورلىغانلاردىن باشقا سۇباتنىڭ ياتاقداشلىرى يەنى مىنىڭمۇ ئىسمىم بار ئىدى .خەتتە ئىسىمى چىققان ھەربىر كىشىنىڭ قاچان ،قانداق  قەيەدە ئۆلىدىغىنى ئىنىق قىلىپ يىزىلغان ئىدى . خەتتە بىرىنجى بولۇپ ئىشمى چىققىنى بولسا دەل بۇ گۇن تام بىسىۋىلىپ ئۆلگەن ئەركىن ئىسىملىك بىرسى ئىدى .
دەسلەپ بۇنى بىر ئۇدۇل كىلىپ قىلىش دەپ ئويلاپ تازا كارىم بولمىدى .بىراق
دەل تۆتكۇندىن كىيىن يەنى خەتتە كورسىتىلگەن ئككىنجى كىشىنىڭ ئۆلۇم ۋاقتى توشقان كۇنى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى كەلدى .سۇباتنىڭ قارغىش خىتىنى ئىلىپ دەرھال نەقمەيدانغا باردىم ، ئەھمەت ئىسىملىك بۇ ساۋاقدىشىمىز خەتتە ئىسمى چىققان ئككىنجى كىشى ئىدى خەتتە ئۇنى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ دەپ يىزىلغانتى .  مەن كىشىلەر توپىنى تەستە يىرىپ ئوتتۇرغا كىردىم بۇ چاغدا ئەھمەت ئاللىقاچان قىرغاققا سۇزۇپ ئىچىقىلغان ئىدى . ئولگەن ۋاقتى ئوخشاشلا 4:44 ئەتراپىدا ئىدى .ئۇنىڭ ئۆلىمىمۇ ناھايىتى ئىچىنىشلىق ئىدى ،سۇ ئاستىدا ئۇنى بىر نەرسە تالىۋەتكەندەك قىلاتتى .پۇتۇن بەدىنىدە بىر تالمۇ ساق يىرى قالمىغان بولۇپ چىرايى تونىغۇسىز بولۇپ كەتكەنتى.ئۇنىڭ كىيىملىرگە ۋە بەزى بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەنلا ئاندىن تونىغىلى بولاتتى . مەن قاتتىق قورۇقتۇم سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئەھمەتنىڭ ئۆلگەندىكى ئىچىنىشلىق ھالىتى ئەمەس بەلكى سۇبات قالدۇرۇپ كەتكەن قانلىق قارغىش خىتى ئىدى .





5





مەن ياتاققا قايتىقاندىن كىيىن ئەھمەتنىڭ ياتىقىغا كىردىم ،ھەمدە ئۆزۇمنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ئۇنىڭ ياتاقداشلىرىغا چۇشەندۇردۇم ،ئەپسۇس ئۇلار ئىشەنمىدى .تۇيۇقسىز كۆزۇم ئەھمەتنىڭ كارۋىتى ئاستىدىكى كىر داسقا كۆزۇم چۇشتى .دارھال داستنى تارتىپ چىقىرىپ قاراپ چۆچۇپ كەتتىم ،داستىمۇ بىر تال لاتا قونچاق داستىكى سۇدا لەيلەپ تۇراتتى .
شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر 4 كۇندە قارغىش خەتتكى تەرتىپ ۋە ئۆلۇش شەكلى بويۇنچە تالاپەتكە ئۇچراشقا باشلىدى ،ئوتتا كۆيۇپ ،بىنادىن چۇشۇپ كىتىپ دىگەندەك قانلىق ۋەقەلەر داۋاملاشماقتا ئىدى .
كۇندە قارغىش خىتىنى يىنىمدا ئىلىپ يۇردۇم ،بىر كۇن گويا بىر يىلدەك ئۆتمەكتە ئىدى ،مىنىڭ ئىسمىم خەتتە ئەڭ ئاخىرىدا ئىدى ،يەنە 12 كۇندىن كىيىن يەنى يەنە ئىككى ياتقدىشىمدىن كىيىن ماڭا نۆۋەت كىلەتتى . ساراڭدەكلا يۇردۇم .
بىر كۇنى بىلىپ بىلمەي ساخچىخانىغا بىرىپ قاپتىمەن ،ساقچىلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدىم بىراق ساقچىلار مىنى ساراڭ دىيىشىپ قوغلاپ چىقىرىشتى .شۇندىلا ئۆزۇمىنڭ ئۆلۇمنى كۇتۇشتىن باشقا چارەمنىڭ يوقلىقىنى ھىس قىلدىم . ئارىدىن 4 كۇن ئۆتۇپ تىزىملىكتىكى بىرسىنىڭ ئۆلۇم خەۋىرى كەلدى ،ئۇ ئىسىلىپ ئۆلۋالغان بولۇپ ،خەتتىكى بىلەن ئوخشاش چىقتى .
ئۇ تىىخى يىقىندا مۇنەۋەر سىنىپ كادىرى دەپ تەغدىرلەنگەن سىنىپ باشلىقىمىز ئەكبەر ئىدى ،ئۇ نىڭ مىجەزى شۇنچىلىك شوخ ئىدىكى ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋىلىشىغا ئىشەنمەيتىم.
ئەكبەرنىڭ ياتىقىغا كىردىم .ئىشىكنى ئىچىپلا ئەكبەرنىڭ كارۋىتىدا ئىسىقلىق تۇرغان لاتا قونچاقنى كۆرۇپ يۇرۇكىم ئىغىزىمغا قاپلىشىپ قالدى .قونچاق دەل بوينىدىن ئىنچىكە يىپ بىلەن كارۋاتنىڭ بۇلىڭىدىكى كۆزگە ئانچە ئاسان چىلىقمايدىغان يىرىگە ئىسىقلىق تۇراتتى (ئەكبەرنىڭ ياتىقىغا كىرىشتىكى مەخسىتىم دەل شۇ قونچاقنى ئىزدەش بولغاچ مەن قونچاقنى ئاسانلا بايقىيالىدىم ) ،قونچاق كۆزۇمگە ئەكبەرنىڭ سۇخانىدىكى ئىسىقلىق تۇرغان جەسسىتىدەكلا كۆرۇنۇپ كەتتى .شۇ چاغىكى كەيپىياتىمنى ۋە قورقۇنچۇمنى ھىچكىم ھىس قىلالمايتى يەنە 8كۇندىن كىيىن مىنى قانداق بىر پاجىئە كۇتۇپ تۇرغىنى كۆڭلۇمگە بەش قولدەك ئىنىق ئىدى .
كونىلار ياخشى ئېيتقان (يىتىپ ئۆلگىچە ئىتىپ ئۆل ) .ئۆزۇمنىڭ قوتقۇزۇش ئۇچۇن ئامال چارە ئىزدەشكە باشلىدىم ، ئىككى كۇن سەرىپ قىلىپ بارلىق ئۆلگىچىلەر ئورتاق بولغان مۇنداق ئالاھىدىلىكنى يىغىنچاقلاپ چىقتىم :
1.        سۇباتنى خورلىغان ياكى بوزەك قىلغان .
2.        ئۆلۇم ۋاقتى سەھەر 4:30 ئەتراپىدا ،سۇباتنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى بىلەن ئۆخشاش بولسا دەل 4:44  يەنى ياتىقىمىزنىڭ ياتاق نۇمۇرى 444 بىلەن ماس كىلىدۇ .
3.        ھەر بىر كىشى ئۇچۇن ئىسمى يىزىلىپ تەييەرلانغان لاتا قونچاق بار بولۇپ لاتا قونچاق سىمىئول خاراكتىردە ئۆلگۇچىنىڭ ئۆلۇش شەكلىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ .
ئەمما بۇلاردىن ئۆزۇمنىڭ قوتۇلدۇرۇشقا يارىغۇدەك بىرەر يىپ ئۇچى تاپالمىدىم ،بىراق ئۆلمىگەن جاندا ئۆمۇت بار دىگەن دەك بۇنداقلا بولدى قىلغۇم كەلمىدى . كۆڭلۇمدە بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالدىممىكىن دەپ ئويلاپ قايتىدىن ئىزدىنىشكە باشلىدىم .
تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپ پەرھات ئسىملىك ساۋاقدىشىم كىرىپ كەلدى .
-ئاداش خوش خەۋەر  مەن بۇقىتىملىق يازلىق لاگىرغا بارىداغان ئوقوغۇچىلار تىزىملىكىگە كىىپتىمەن .دىدى ئۇ خوشاللىقىدىن سەكرەپ .  پەرھات دەل تىزىملىتىكى ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنجى يەنە تىزىملىكتىكى ئىسمى بار ھايات قالغۇچىنىڭ بىرسى ئىدى .
-نەگە بارىدىكەنسىلار ؟دەپ سوراپ قويدۇم ئۇنىڭ كۆڭلى ئۇچۇن .
-غۇلجىغا ،ناراتقا .دىدى ئۇ مەغرۇر ھالەتتە .
-توۋا ،دىدىم ئۆز ئۆزۇمگە ئۆزىنىڭ ئۆلىمىگىمۇ شۇنداق ئالدىرغان بارمۇ ؟ ئۇنىڭ بۇ قىتىملىق لاگىرغا تاللانغىنىڭ ئۆزىلا كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ . چۇنكى ئۇنىڭ يە ئۇگىنىشى يە ئەخلاقى ياخشى ئەمەستى .
ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنى ھاڭغا چۇشۇپ سەكپارە بولۇپ ئۆلىدۇ دەپ يىزىلغان ئىدى .ئۇرۇمچىدىن غۇلجىغا بارغۇچە نىمە تولا ؟ ھاڭ داۋان تولا ئەمەسمۇ ؟
ئۇنى بىرىشتىن توسماقچى بولدۇم ، بىراق ئۇنىڭ ئىشەنمەيدىغىنى ئىنىق ئىدى .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنى بۇيەردە ئىلىپ قالغان بىلەنمۇ قوغداپ قالغىلى بولامدۇ يوق بىلمەيتتىم .

دەرۋاقە ، ئۇلار يولغاچىقىپ ئەتىسى ئۇلار چىققان ماشىنىڭ داۋاندىن چۇشۇپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلدى .ئۇنىڭ ئۆلۇم خەۋرى كەلگەندىن باشلاپ راستلا ساراڭ بولۇپ قالدىم .كۆزۇمدىن ئۇيقۇ قاچتى ،ھەتتا ئۇ ئۆلۇمنىڭ تىزرەك كىلىشنى تىلىدىم . چۇنكى ئۆلۇمنى كۇتۇش ئۆلۇمنىڭ ئۆزىدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىكەن .

ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلگەن چاغدىكى ئىچىنىشلىق ھالىتى بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۇشكە باشلىدى .بىردىنلا
بۇرۇن ئۇنۇتقان بىر نوقتىنى ھېس قىلدىم ، توغرا ،ئۆلگۇچى ئولۇشتىن بۇرۇن چوڭ كىچىك بولۇپ مۇكاپات ياكى تەغدىرلەشكە ئېرىشىدىكەن .ئۇنىڭدىن باشقا قونچاق چوقۇم بۇ يەردىكى ئاچقۇچ .مەن ھەر قىتىم پاجىئەدىن كىيىن ئاندىن قونچاقنى بايىقىدىم ،ئەگەر مىنىڭ ئىسمىم يىزىلغان قونچاقنى ئۆلۇم ۋاقتىدىن بۇرۇن تاپالىسام بەلكىم قوتۇلۇپ قىلىشىم مومكىم ئەمەسمۇ ؟
دەرھال لاتا قونچاقنى ئىزدەشنى باشلىدىم ...




6




ساق بىر كۈن ئىزدەپ قونچاقنى ھىچيەردىن تاپالمىدىم ، ئۆمۈدۈمنى ئۈزۈپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقاندىن كۆرە ئۆلىۋېلىپلا قۇتۇلماقچى بولدۇم ، تۇيۇقسىز ئانام ئىسىمگە كىلىپ قالدى ، دەرھال تۆۋەنگە چۈشۈپ ئانامغا تېلفۇن قىلدىم ، ئانام بىلەن ئۇزاق پاراڭلىشىپ خېلى يىنىكلەپ قالدىم . ياتاققا كىرىپ تەييارلاپ قويغان ئارغامچىغا ئېسىلىپلا ئۆلىۋالماقچى بولۇپ سىرتماققا بېشىمنى تىقتىم ، پەقەت ئورۇندۇقنى تىپىۋەتسەملا 30 سىكونتقا بارمايلا بۇ ئازاپلاردىن قۇتۇلالايتىم .
     تاپىنىمنى كۆتۈرۈپ پۇتۇمنىڭ ئۇچى بىلەن ئورۇندۇقنى تىپىۋەتتىم ، ئارغامچا دەرھال نەپىسىمنى بوغدى ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ كۆزلىرىمگە قان تولغاندەك بولدى ، كىيىن كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن . كۆزۈمنى ئاچسام دۇختۇرلار ۋە ساۋاقداشلىرىم خوش بولۇپ سەكرىشىپ كەتتى ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغىنىمغا ئازراقمۇ خوش بولالمىدىم ، ئەكسىچە مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى ئاجىز ھىس قىلدىم ، باشقىلاردىن سورىسام بىر كۈن ھۇشسىز يېتىپتىمەن . دىمەك ئىككى كۈندىن كىيىن ئۆلىدىكەنمەن ، ئۆزۈم ئۆلىمەن دەپلا ئۆلەلمەيدىكەنمەن ، ئاچچىق كۈلدۈم .
     دوختۇرخانىدا يېتىۋېرىپ زىرىكىپ يانجۇقۇمدىن قارغىش خىتىنى قولۇمغا ئېلىپ قايتا ئوقۇشقا باشلىدىم . بۇ قېتىم ئۇ قارا تىزىملىكنى ئوقۇمىدۇم ، ئوقۇشۇممۇ ھاجەتسىز ئىدى ، سۇبات خەتنىڭ بېشىدا ئۇنى  3يېشىدىن باشلاپ  بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ۋاپادارلىق يەتكۈزەلمىگىنى ئۈچۈن ئۆكۈنىدىغىنى يازغان ئىدى . تۇيۇقسىز سۇباتنىڭ ئانىسىنى يوقلاشنى ئويلاپ قالدىم ، بەلكىم مىنىڭ ئەجەل قونچىقىم سۇباتنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىدا بولىشى مومكىن دەپ ئويلىدىم . گەرچە بۇ خىيالىمنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق بولسىمۇ ، دوختۇرخانىدا يېتىپ بوينۇم ئۈزۈلۈپ ئۆلۈشۈمنى (قارغىش خىتىدە شۇنداق يېزىلغان ئىكەن ) كۈتكىنىمدىن كۆپ ياخشى ئىدى .
     بىر ئاماللار بىلەن دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىقتىم ، ئۇدۇل بېكەتكە بېرىپ غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقتىم .
ماشىنىدىن چۈشۈپ خەتتىكى ئادىرىسنى باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلدىم . ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر سۇباتنىڭ ئۆيى تۇرۇشۇلۇق يېزىغا ئاۋال خادىك (ئات ھارۋىسى ) دا مېڭىپ ئاندىن بىر - ئىككى سائەت تاغ يولىنى مېڭىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەردى . خادىكتىن چۈشۈپ ھارۋىكەش بوۋاينى ئوبدان رازى قىلدىم ، كۆپ تەشەككۈر ئېيتىپ خوشلۇشۇپ تاغ يولىنى بېسىپ يۈرۈپ كەتتىم .
     توۋا دەيمەن ، ھايات كىشىنى مۇشۇنداق ئەخمەت قىلىدۇ . يولدا كىتىۋېتىپ پۇتۇم بىر نەرسىگە پۇتلاشتى ، قارىسام پۇتۇم ئاستىدا مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتا ئالتۇن پارقىراپ تۇرۇپتۇ ، مۇشۇ ئادىمىزات ئاز ماڭىدىغان بۇ يولدا تولىمۇ ھەيران قالدىم ، بىراق بۇ ئامەت بولماستىن قائىدە بويىچە ماڭا ئۆلۇمنىڭ يېقىنلاپ كىلىۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم .
     شۇ تاپتا بۇ ئالتۇن كۆزۈمگە كالىنىڭ تېزىكىدىنمۇ سەت كۆرۈندىكى ، ئاچچىقىمدا يىراقلارغا تىپىۋەتتىم .
قاش قارايغاندا سۇباتنىڭ قوروسىنى تەستە تېپىپ كەلدىم ، ئىشىكىنى يىنىك چەكتىم ، بىراق ھىچكىم ئۈندىمىدى ، ئىشىكنى ئىتتىردىم ، ئىشىك غىچىرلاپ ئېچىلدى ، ھويلىدىكى باراڭ ئاستىدا چاچلىرى ئاپپاق ئاقارغان بىر موماي ئولتۇراتتى .
     - ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم موما ! - دەپ قورۇنۇپراق سالام بەردىم مومايغا ، بىراق موماي ئۇندىمىدى ، ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى . موماينىڭ چۇۋۇلغان چاشلىرى ئارىسىدىن ئۇنىڭ بىر جۇپ كۆزى شۇنچىلىك نۇرلۇق ھەم سۈرلۈك كۆرۈنەتتى ، موماي ئۇزۇنغىچە ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئېتىكىدىن بىر تال قونچاقنى چىقاردى .
     ئىھ .. دەل شۇ مەن ئىزدەۋاتقان قونچاق ئىدى .
     موماي قۇرىغان ئوتۇندەك بولۇپ كەتكەن بارماقلىرى بىلەن بىر قولىدا قونچاقنىڭ قوسىقىنى ، يەنە بىر قولىدا قونچاقنىڭ بېشىنى تۇتۇپ تۇرۇپ شۇنداق تولغۇدىكى ، قونچاقنىڭ بوينى ئۈزۈلۈپ ئالدىمغا دومۇلاپ كەلدى ، مەن قونچاق بىلەن تەڭ بېشىم ئۈزۈلگەندەك بولۇپ  ، ئاغرىق ئازابىدىن ئورنۇمدىلا يىقىلىپ قالدىم .



7




ئەجەل كەلمىسە جان چىقماس ئىكەن ،بولمىسا تارتقان ئازاپلىرىمغا مىڭ ئۆلۇپ تۇگەيتتىم . ياتقان يىرىمدىن ئۆمىلەپ قوپۇپ موماينىڭ ئايىقىغا ئۆزۇمنى تاشلاپ قاتتىق يىغلاپ يالۋۇردۇم ، تارتقان ئازاپلىرىمنى ئاڭلاتتىم ،ئۇنىڭدىن كەچۇرۋىتىشنى ئۆتۇندۇم ،موماي بولسا چۇۋۇق چاشلىرىنىڭ ئارسىدىن غەزەپ ئوتى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە پەرۋاسىز تۇراتتى ، سۇباتنىڭ ئورنىدا ئوغلىڭىز بولۇپ خىزمىتىڭىزنى قىلاي دىدىم ،پۇتۇنى سۆيۇپ ئاياقلىرىغا يۇزۇمنى سۇرتتۇم . موماي قولىنى كۆتۇرۇپ ھويلىنىڭ بىر بۇلىڭىدىكى پالتىنى كۆرسەتتى ، قورقىنىمدىن يۇرىكىم ئىغىزىمغا قاپلىشىپ قالدى ، ئەجابا شۇ پالتا بىلەن بىشىمنى ئۇزەرمۇ دەپ ئويلىدۇم . ئۆمىلەپ دىگەندەك پالتىنىڭ يىنىغا باردىم پالتىنى قولۇمغا ئىلىشىمغا مۇماي پالتىنىڭ يىنىدىكى قۇرۇق ئوتۇنلارنى كۆرسەتتى . ئۇنىڭ مەخسىتىنى تىزلا چۇشەندىم . كۇچۇمنىڭ بارىچە پالتا ئۇرۇپ ئۇتۇن يىرىشقا باشلىدىم ، كۇزۇمدە ياش لىكىن كۇلىۋاتاتتىم ، چۇنكى مۇماي ماڭا ھاياتتىن قايتا ئۆمۇت بىرىۋاتتى . ئوتۇننى يىرىپ بولۇپ كۇپنى سۇغا تودۇردۇم ، ئۆيلەرنى تازلاپ باغدىكى ئۇرۇكلەردىن ئۆگزىگە قاق سالدىم ئاخىرىدا بىر قاچا شۇيقاش ئىتىپ موماينىڭ ئالدىغا قويدۇم .
موماي ئاشنى قولىغا ئىلىپ بىر قوشۇق ئىچتى ئاندىن مىنى شەرەتلەپ يىنىغا چاقىردى . ئۆمىلەپ بىرىپ موماينىڭ قۇچقىغا باش قويدۇم . موماي بىردىنلا ئارىدەك قوللىرى بىلەن گىلىمنى سىقىشقا باشلىدى ، تىنالماي قالدىم بىراق ھىچقاندەك قارشىلىق كۆرسەتمىدىم .
ھەمدە جىنىم چىقتى دەپ ئويلاپ تۇراتتىم موماي قوللىرىنى بوشاتتى ، بىشىمغا تامچىلاپ ياشلىرى تۆكۇلدى، مەنمۇ ئۆزۇمنى تۇتالماي ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتىم .
بۇ كەچ سائەت 4:44 ئەزرائىل مىنى قوينىغا چاقىراتتى شۇڭا يىڭىدىن تاھارەت ئىلىپ ناماز ئوقۇدۇم ئاندىن يۇزۇمنى قىبلىگە قىلىپ ئاستا كۆزۇمنى يۇمدۇم .
ئاللاھ ئۇلۇغدۇر .سەھەردە نۇرلۇق قوياش ۋە موماينىڭ مىھرىبان يۇزىنى كۆردۇم .
مەكتەپكە قايتىپ مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى بىر بۇلۇڭغا ئوراك كۆلاپ بارلىق قونچاقلارنى كۆمىۋەتتىم .شۇنىڭ بىلەن بۇ قىرىق يىل شۇنداق تىنىچ ئۆتتى مەنمۇ تاكى ئۇ ئامانەتنى تاپشۇرغانغا قەدەر مومايغا ۋاپادارلىقىمنى يەتكۇزۇپ تۇردۇم.
رۇستەمنىڭ ئۆلىمى دىقىتىمنى قوزغىدى ،شۇ قونچاقتىن گومان قىلدىم ،بىرىپ قارىسام ھەقىقەتەن قۇنچاقلارنى بىر سى كۆلاپ چىقىرىپتۇ ،نىمە سەۋەپتىن ئۇنداق قىلدى بىلمىدىم ،بىراق بۇ بىر بالايى قازانىڭ باشلىنىشى .باللىرىم سىلەر ھازىر مۇشۇ ئويۇننىڭ ئىچىدە ھەربىرىڭلارنىڭ 4كۇنلا ۋاقىتى بار قولۇڭلاردىن كەلگىنىنى قىلىپ ئۆزۇڭلارنى قوتۇلدۇرۇڭلار .
سوپاخۇن يىغلامسىراپ ئۇزۇن دۇئا قىلىپ ياتاقتىن ئايرىلدى.
مۇراد بىلەن تۇرغۇن بۇنىڭغا بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئۇخلاپ قىلىشتى .



8





ئەتىسى تۇرغۇن بىلەن مۇرات كىيىنرەك ئورنىدىن تۇردى .ئىككىسى كىم ناشتىلىق ئىلىپ كىرىدۇ دەپ تالىشىۋاتقاندا سىرىتتىن بىرئايالنىڭ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
مۇرات بىلەن تۇرغۇن يۇگۇرشۇپ ئاۋاز ئاڭلانغان يەرگە بىرىشتى .ئاۋاز مەكتەپنىڭ دىجورنىلىق ئۆيىدىن چىقىۋاتتى .
مۇرات بىلەن تۇرغۇن سوپاخۇنى كۆرۇپ يۇرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى ،سۇپاخۇن دىجورنىلىق ئۇيىگە قويۇلغان ياغاچ كارۋات ئۇستىدە تۇگۇلۇپ ياتاتتى ،ئىغىز ،بۇرۇن ،قۇلاق ۋە كۆزىدىن قىپقىزىل قان ئىقىۋاتتى .
تۇرغۇن بىلەن مۇرات تىزلا ئەتراپقا كۆرگۇرتتى ،مۇرات كارۋاتنىڭ ئاستىدىن بىر تال لاتا قونچاققنى تىپىۋالدى .قونچاقنىڭ  ،ئىغىز ،بۇرۇن ،قۇلاق ۋە كۆزىگە چوڭ بىر تال يىڭنە سانجىچلىق تۇراتتى.
مۇرات بىلەن تۇرغۇن ئاستا توپتىن ئايرىلىپ ياتاققا قايىتتى .نىمە قىلارىنى بىلەيمەي بىرى بىرىگە قارىشىپ قاراپ تۇرىشاتتى .
-ئەيسا بىلەن كۆرۇشۇپ باقايلى بولمىسا دىدى تۇرغۇن .
-مەيلى ھازىر ئۇنىڭدىن باشقا چارىمۇ يوق
ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ ئەيسانىڭ ئىزدىرىكىنى قىلدى بىراق نە ئۇنىڭ ياتاقداشلىرى نە ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ خەۋىرىنى بىلمەيتتى .
-سىنىپ مەسئۇلىدىن سوراپ باقايلى بولمىسا  دىدى مۇرات روھسىز ھالدا
-ئۇ گىپىمىزگە ئىشىنەرمۇ ؟ توۋا دەيمەن بىز ئەيساغا نىمە يامانلىق قىلغان .دىدى تۇرغۇن يىغلامسىراپ .
ئۇلار سىنىپ مەسئۇلىنىڭ يىنىغا باردى بىراق كىشىنى چۆچىتىدىغىنى سىنىپ مەسئۇلىمۇ ئەمدىلا ئەيسانىڭ ئۆلۇم خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئەيسانىڭ ئۆلىمىمۇ شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . مۇرات بىلەن تۇرغۇن بىشىنى چۆرگىلىتىپ قويىۋەتكەن ئادەمدەك مەس گاراڭ ھالدا ياتاققا قايتىشتى .
-مەن يۇرتقا كىتىمەن ، قازاقىستاندىكى تاغاملارنىڭكىگە كىتىپ پاناھلىنىمەن دىدى مۇرات ئالدىراش يۇك-تاقىللىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ .
-تەغدىرىمىزدە مۇشۇ بالا بولسا ھىلىغۇ قازىقىستانكەن يەتتا قات ئاسمانغا چىقساڭمۇ بىكا ،مەن چۇقۇم بۇ سىرنى يىشىمەن .ئۇنىڭدىن باشقا قۇتۇلۇش يوق بۇ ئىشتىن ،بىز بىرسىگە يامانلىق قىلمۇدۇق ، چۇقۇم قۇتۇلالايمىز .
شۇنداق قىلىپ مۇرات يۇرتىغا قايتىپ قازىقىستانغا كىتىدىغان ،تۇرغۇن بۇ سىرنى يىشىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن تىرشىدىغان بولدى .
قىنى ئاۋال گەپنى مۇراتتىن باشلايلى .
مۇرات شۇ كۇنى كەچتىلا ئاپتۇبۇس بىكىتىگە باردى بىراق ئۇ كۇندىكى بىلەت سىتىلىپ بولغان بولۇپ مۇرات كىتىشكە ئامال قالمىدى .ئامالسىز مۇرات بۆرتالاغا قايتىدىغان دۆلەت يولىدا شۇ يۆلىنىشكە كىتىۋاققان ماشىنىلاردىن بىر نى توسۇپ چىقىۋىلىشنى ئويلاپ يولنىڭ چىتىدە ماشىنا ساقلاپ تۇردى .
كىچە سائەت 11لەر ئەتراپىدا توساتتىن ھاۋا بۇزۇلۇپ يامغۇر يىغىشقا باشلىدى .كۆپ ئۆتمەي قارشى تەرەپتىن   ئاجايىپ كونا بىر ئاپتوبۇس كىلىپ مۇراتنىڭ ئالدىدا  توختىدى ،مۇرات خۇشال بولۇپ ئاپتۇبۇسقا چىقتى .ئاپتۇبۇستا ئادەم كۆپ ئەمەستى ، ئاپتۇبۇسنىڭ ئارقىدىكى بىر رەت ئورۇندۇقتا چىرايلىق بىر قىز ئولتۇراتتى  ،مۇرات ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ  -قىزچاق ئولتۇرسام بولامدۇ –دەپ قىزچاقنىڭ يىنىدىكى بوش ئورۇننى كۆرسەتتى .
-بولىدۇ پەقەت سىز خالىسىڭىزلا ،دىدى قىزچاق كۇلۇمسىرەپ  . قىزچاقنىڭ يۇزى شۇنداق ئاپپاق ئىدى ،بىراق ئۇ كۇلۇمسىرىگەندە كۇرۇنگەن ئالتە تال چىشى قاپقارا .كۆزلىرى نۇرسىز ئىدى .كىسەل بولسا كىرەك دەپ ئويلىدى مۇرات . بىر دەمدىن كىيىن ئىككىسى تەبىئى ھالدا مۇڭدىشىپ قالدى .
قىزچاق ئۆزىنىڭ ناھايىتى جاپادا چوڭ بولغانلىقىنى يىتىمچىلىكنىڭ دەردىنى ئىيتىپ كۆزيىشى قىلدى .
-مەن بەش ياشقا كىرگەن توغۇلغان كۇنۇم دادام تۇيۇقسىز ئەتە ئاپىڭىز بىزدىن ئايرىلىدۇ . دىدى كىچىك بولغاچ ئانچە كارىم بولمىدى دەرۋەقە ئەتىسى ئانام ئۆلۇپ كەتتى . مەن دادامغا قارىسام دادام ماڭا غەلىتىلا كۇلۇپ قويدى .
14ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇنۇمدە دادام يەنە ئەتە ئىنىڭىز بىزدىن ئايرىلىدۇ دىدىم .بۇقىتىم مەن ھەممىنى چۇشەنگەچ دادامغا يالۋۇرۇپ يىغلىدىم بىراق دادام يەنىلا شۇنداق مۇغەمبەر كۇلۇپ قويۇپ كارى بولمىدى .
ئەتىسى ئىنىم تۇنجۇقۇپ ئولۇپ كەتتى .
18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇنۇمدە دادام ماڭا قىزىم ئەتە مەن كىتىمەن  سىز ئۆزىڭىزنى ياخشى بىقىڭ دەپ ئۇخلاپ قالدى .بىراق شۇ ئۇخلىغانچە ئويغانمىدى .دادام ماڭا بىر پار چە خەت قالدۇرۇپ كىتىپتىكەن خەتنى مەن دەل 20 ياشقا كىرگەن كۇنى پوچتالىيون ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ بەردى .خەتتە دادام قىزىم بىر ھەممىىز سىزنى سىغىندۇق ،ئەتە بىر ئائىلە كىشىللىرى ئاخىرى جەم بولىدىغان بولدۇق دىدى .
-        نىمە ؟ سىز ھازىر قانچە ياش ؟ دەپ سورىدى مۇرات ھەيران بولۇپ .
-        مەن ھازىر 23 ياش ،3 يىلدىن بىرى دادام –ئانام ئىنىللىرىم بىلەن بىللە ناھا يىتى ياخشى ئۆتىۋاتىمىز .
-        نىمە ؟  مىنى قورقۇتماڭ نىمە دەيدىغانسىز قىزچاق .دىدى مۇرات قورقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ .
-        ئىشەنمەمسىز قاراڭ ئاۋۇ ماشىنا ھەيداۋاققان مىنىڭ دادام .ماۋۇ ئانام ،ماۋۇ ئىنىم . قىزچاق ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىر بىر لەپ چاقىرۋىدى ئۇلار ئاستا ئارقىغا بۇرۇلۇپ مۇراتقا قاراپ يىقىنلاشتى .ھاتتا شوپۇرمۇ ماشىنىنىڭ رولىنى تاشلاپ ئۇلارغا قوشۇلدى ،ماشىنا ئۇچقانداك ماڭماقتا ئىدى ،سىرىتتا ياققان قاتتىق يامغۇر ماشىنا ئەينەكلىرىكە تاراسلاپ ئۇرۇلماتتا ئىدى .




9





مۇرات جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىرماقتا ئىدى ، بۇ بىر ئائىلىلىك شاياتۇنلار مۇراتنى ئاستىغا بىسىپ تالىماقتا ئىدى ،مۇراتنىڭ پۇتۇن بەدىنىدىن قىپقىزىل قان چاچىراپ چىقماقتا ئىدى .بىر ھازادىن كىيىن ماشىنا توختىدى ،مۇرات قانغا مىلەنگەن تىنىنى سۆرەپ ئاپتۇبۇستىن ئۆزىنى يەرگە ئاتتى .
ئەتىسى ساقچىلار مۇراتنىڭ يەرگە چاپلىشىپ كەتكەن جەسىتىنى تاپتى . ئۇنىڭ جەسىتىدىن ئۇنى ئازدىگەندە يۇز ماشىنا بىسىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى .
مۇراتنىڭ جەسىتىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە  پۇت-قوللىرى ئۇزۇلۇپ تاشلانغان قونچاق قانغا مىلەنگەن ھالدا تاشلىنىپ ياتاتتى .
مۇرات تەغدىرىدىن قاچالمىدى. ئەمدى گەپنى تۇرغۇندىن ئاڭلايلى .
تۇرغۇن سوپاخۇنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئالدى بىلەن قارغىش خىتىنى ئىزدەشكە باشلىدى . بىراق شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدى .
تۇرغۇن خەتنى چوقۇم ئەيسانىڭ يازغانلىقىنى ھىچ بولمىغاندا ئەيسا بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى جەزىملەشتۇرۇپ ئەيساغا ئالاقىدار ماتىرياللارنى يىغىشقا باشلىدى .كىچە سائەت 12دىن ئاشقاندا تۇرغۇننى ئۇيقۇ بىسىپ ئۇخلاپ قالدى .
تۇرغۇن بىر چۇش كۆردى چۇشىدە تۇمانلار ئارسىدا ئۇزۇپ يۇرگەن بىر قىز ئۇنىڭغا كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ :
-قىنى كىلىڭە ،مەن سىزنى ساقلاۋاتىمەن .دەپ ۋىلىق ۋىلىق كۇلۇپ ئۇنى يىنىغا چاقىراتتى .تۇرغۇن ھەيران بولۇپ قىزدىن كىملىكىنى سورىدى .
-سىز كىم مەن سىزنى نەدىن تاپىمەن ؟
-قىنى كىلىڭە ،مەن سىزنى ساقلاۋاتىمەن .قىزچاق تۇرغۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەستىن ئۆزىنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى . تۇيۇقسىز يۇز كۆزلىرى قانغا مىلەنگەن ئەيسا پەيدا بولۇپ تۇرغۇنغا قاراپ تولىدى :
-ئۇنى ئۆلتۇر ،ئۇنى ئۆلتۇر ...
تۇرغۇن چۇشىدىن چۆچۇپ ئويغۇنۇپ قارا تەرگە چۇمۇلگەن ھالدا ئويغاندى.
ئۇ قىز زادى كىم ؟ ئەيسا نىمىشقا ئۇنى ئۆلتۇرشۇمنى بۇيرىيدۇ ؟ بۇ سۇئاللار تۇرغۇننىڭ مېڭىسىنى يەپلا كەتتى ،بىراق بۇ سۇئاللارغا ھىچ بىر جاۋاپ تىپىلمىدى .تۇرغۇن قەشقەرگە بىرىپ ئەيسانىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئىنىقلاپ كەلمەكچى بولدى . چۇنكى ئەگەر قونچاق قەستىنى ئۇ باشلىغان بولسا ئۇ ئۆزى ئۆلمەسلىكى كىرەك ،ئۇ ئۆلمىگەن بولسا ئۇنداقتا بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە ئەيسادا . بىراق ئۇ قىز زادى كىم ؟ ئۇنىڭ ئەيسا بىلەن نىمە ئالاقىسى بار ؟
تۇرغۇن شۇ كۇنىلا ئەيسانىڭ يۇرتى قەشقەرگە يولغا چىقتى .
تۇرغۇن قەشقەرگە كىلىپ ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئۆيىگە باردى ،ئۇ ئۆزىنى ئەيسانىڭ مەكتەپتىكى  ئەڭ يىقىن دوستى دەپ تونۇشتۇردى.
تۇرغۇن ئەيسانىڭ ئۆلگىنىدىن گۇمان قىلغانلىقى ئۇچۇن ئۇنىڭ قەبرىسىگە بىرىپ كۆرۇپ باقماقچى بولدى .
-ئەيسا دوستۇمنىڭ بىشىغا بىرىپ فاتىھە قىلىپ كەلسەم .دىدى ئۇ يالغاندىن يىغلامسىراپ
-مەن بىللە باشلاپ باراي .دىدى پاكار دۇغۇلاق بۇغداي ئۆڭ بىرسى .
ئۇ ئىككىسى بىللە ئەيسانىڭ تۇپراق بىشىغا قاراپ يولغا چىقتى . يولدا ماڭغاچ تۇرغۇن ھەمرىيىدىن ئەيسانىڭ ئەھۋالىنى سورىدى .
-سىز ئەيسانىڭ توققىنىما ؟
-ياق لىكىن مەن ئۇنىڭ قىيامەتلىك ئاغىنىسى .ئىسمىم ئابلەت
-ئۇنداقتا ماڭا ئەيسا توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىزچۇ .
-بولىدۇ ،بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان يىقىن دوستلاردىن ،بىز ...
-ماڭا ئۇ قانداق ئۆلۇپ كەتتى شۇنىلا سۆزلەپ بىرىڭ .دىدى تۇرۇن ئابلەتنىڭ سۆزىنى بۆلۇپ .
-ھەي...بىچچارە ناھايىتى ئىچىنىشلىق ئۆلۇپ كەتتى ،ھەممىنى قىلغان ئاشۇ پاتەك .پاتەك باشقىلار بىلەن يۇرۋالمىغان بولسا ئەيسامۇ قايتىپ كىلىپ يۇرمەيتتى ،قايتىپ كەلمىگەن بولسا بۇ پاجىئەمۇ يۇز بەرمەستى .
-ھە ؟ پاتەك كىم ؟
- ئۇ مەلىمىزدىكى قادىر تامچىنىڭ يالغۇز قىزى ،ئۇچىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇيتتۇق ،كىيىن ئككىسى يۇرۇپ قالدى ،كىيىن ئەيسا داشۆگە كەتتى ،ئۇ كىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پاتەك مەلىمىزدىكى ھىزىم باينىڭ ئۆغلى داۋۇت بىلەن توي قىلىغان بولۇپ پۇتۇشۇپتۇ . بۇنىڭدىن خەۋەرتاپقان ئەيسا يۇرۇتقا قايتىپ كىلىپ بۇ توينى توسماقچى بولدى بىراق ئۆزى ۋاقىتسىز كىتىپ قالدى .
ئۇلار ئەيسانىڭ قەبرە بىشىنى ئايلىنىۋىرىپ -قەبرىدە ياتقان راستلا ئەيسامۇ ؟دەپ سورىدى تۇرغۇن ئابلەتتىن .
-شۇنداق ، يالغىنى يوق ئۇنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن يۇيۇپ يەرلىكىگە قويدۇم .دەپ جاۋاپ بەردى ئابلەت .تۇرغۇن ئابلەتنىڭ شۇ سۆزلەرنى قىلغان چىغىدا باشتىن ئاخىر ئابلەتنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇردى . ئابلەت سۆزى تۇگەپلا تۇرغۇندىن كۆزىنى قاچۇردى .





10





تۇرغۇن ئۈن- تىنسىز مىڭىپ مەھەللىگە كىلىپ قالغىنىمۇ تويمايلا قالدى .ئۇنىڭ كاللىسدا تۇمەن مىڭ سۇئال ئەمما بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى يەر ئاستىدا قۇرۇت قوڭغۇز يەۋەتتى .
-        ئەنە ئاۋۇ پاتەك شۇ .دىدى ئابلەت كۆلدىن سۇ ئىلىۋاتقان بىر قىزنى كۆرسىتىپ
تۇرغۇن خىياللار دىڭىزىدىن ئۆزىنى تارتىپ ئابلەت كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدى .زىلۋا بوي بۇغداي ئۆڭ چىرايلىق بىر قىز ئەپكەش كۇتۇرۇپ ئۇلار تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتتى . قىزچاق يىقىنلاشقاندا تۇرغۇن ئۇنىڭ يۇزىگە سىنچىلاپ قارىدى .
-شۇ .ئۆزى شۇ ... دىۋەتتى تۇرغۇن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي .
-نىمە ؟ نىمە دىدىڭىز ؟ دەپ سورىدى ئابلەت ھەيران بولۇپ .
- ھىچنىمە ، ھىچنىمە .ئۆيگە قايتايلى .دىدى تۇرغۇن . ئۇ كۇنى تۇرغۇن ئابلەتنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى .
تۇرغۇننىڭ كۆزىگە ئۇزاققىچە ئۇيقۇ كەلمىدى .
-        ئۇخلىيالمايۋاتامسىز ، بولمىسا بىردەم پاراڭلىشايلى .دىدى ئابلەت .
-        بولىدۇ . دىدى تۇرغۇن ئىغىر تىنىپ ؛
-        مۇ شۇ زاماندا قىزلار ۋاپاسىز بولۇپ كەتتى .ھەي.
-        ئەيسا پاتەكنى ياخشى كۆرەمتى ؟
-        ئاجايىپ ياخشى كۆرەتتى ،ھەتتا تاس قالغان پاتەكنى دەپ ئۆلگىلى .
-        ئەمسە ئەيسا نىمىشقا پاتەكنى ئۆلتۇرمەكچى بولىدۇ ؟ تۇرغۇن تۇيۇقسىزلا ئىغىزىدىن قاچۇرۇپ قويدى .
-        نىمە ئەيسا پاتەكنى ئۆلتۇرمەكچىمىكەن ؟
-        شۇنداق .تۇرغۇن ئىغىزىنىڭ بوشلىقىدىن مىڭ پۇشايمان قىلدى .ئامالسز قونچاق قەستىنى ۋە ئۇنىڭ چۇشىگە ئايىت بولغان ھەممە ئىشنى ئابلەتكە سۆزلەپ بەردى .
-        دىمەك سىز نىڭ قۇتۇلۇشىڭىز ئۇچۇن پاتەكنى ئۆلتۇرۇپ ئەيسانى رازى قىلىشىڭىز كىرەككەن دە ؟
-        باشقا ئامال يوق .
-        توغرا ،ئۇنداق ۋاپاسىز بۇزۇقنىڭ ياشىغىنىدىن ئۆلگۇنى تۇزۇك .
-        ئەمما بىر ئادەمنى ئۆلتۇرمەك ئۇنداق ئاسان ئەمەستە .
-        ئۇغۇ شۇ بىراق سەۋەپ قىلسا سېۋەتتە سۇ توختايدۇ .مۇنداق قىلسىڭىز قانداق ،ئابلەت شۇنداق دەپ تۇرغۇننىڭ قۇلقىغا پىچىرلىدى .تۇرغۇن بىشىنى مىدىرلىتىپ قوشۇلدى .
-        رەھمەت سىز گە  . ئەتە بۇ ئىشنى تۇگىتىپ مەكتەپكە قايتاي . ئەمسە ئۇخلايلى .
تۇرغۇن ئۆزىنىڭ سەزگۇسىگە ئەمدى ھەقىقى ئىشەندى .ئابلەت ئۇ ئويلىغاندەك ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ئىدى . بەلكىم قاتىل دەل مۇشۇ يىنىدا ياتقان كىشى بولىشى مومكىن . تۇرغۇن مۇشۇلارنى ئويلىغىنىدا ئىختىيارسىز تېنىنى تىتىرەك باستى .
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى نامەلۇم تۇرغۇن ئۇخلاپ قالدى . دەل شۇ چاغدا ئەيسانىڭ قەبرىسىدىن قويۇن كۆتۇرۇلدى ،قويۇن ئەتراپتىكى قۇرۇق ئوت-چۆپلەرنى بىلەن يۇلۇپ تاشلاپ غەزەپ بىلەن ھۆركىرەيتتى. قويۇن مەھەللىنىڭ يولىنى بويلاپ ئۇدۇل ئابلەتنىڭ ئۆگزىسىدە كىلىپ توختىدى .قۇيۇن بىر سىلكىنىپلا ئادەمگە ئايلاندى .
تۇرغۇن يۇزىگە تامغان بىر تامچە قاندىن چۆچۇپ ئويغاندى ،تۇرغۇن يۇزىدىكى قان تامچىسىنى سۇرتىۋىتىپ ئەتراپقا قارىدى .تۇرغۇننىڭ كۆزى تۈڭلۇككە چۇشكەندە قورقۇپ ئىشتىنىغا سىيۋەتكىلى تاس قالدى .تۈڭلىكتىن پۇتۇن بەدىنىدە بىر پارچىمۇ تىرىسى قالمىغان بۇتۇن بەدىنىدىن تامچىلاپ قان ئىقىپ تۇرغان بىر ئادەم بىشىنى تىقىپ قاراپ تۇراتتى .ئۇ باشقا بىرسى بولماستىن دەل ئەيسا ئىدى .
تۇرغۇن ينىدىكى ئابلەتنى نوقۇپ ئويغاتتى . ئابلەت كۇزىنى تەستە ئىچىپ تۇرغۇنغا قارىدى . تۇرغۇن ئابلەتكە تۈڭلىكنى كۆرسەتتى .ئابلەت تۈڭلىكتىكى ئەيسانى كۆرۇپ قورقۇپ ۋاقىرۋەتتى. بىراق تىزلا ئىسىنى يىغىپ ئۆينىڭ بۇلىڭىدىن بىر تال قارا تاشلىق خاتىرىنى ئالدىدە ئاللىقانداق بىر نەرسىلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى .
ئابلەت ئەپسۇن ئوقۇش بىلەن تەڭ تۈڭلىكتىكى ئەيسا ئېچىنىشلىق چىقىراپ ئۆزىنى ئۇرۇپ تاتلاشقا باشلىدى .ئابلەت بولسا ئەپسۇننى باغانچا كۇچەپ ئوقۇشقا باشلىدى ئەيسا بىردىنلا ئوت بولۇپ يىنىپ كۆزدىن غايىپ بولدى .




خاتىمە
ئابلەت ئەيسانى قوغلىۋىتىپ ئارقىغا بۇرۇلدى ،تۇرغۇن ئۇنىڭ قولىدىكى قارا تاشلىق خاتىرىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .ئابلەت تۇرغۇننىڭ ئىشنىڭ تەكتىگە يەتكىنىنى بىلىپ بولدىدە ئاستا قولىنى يىنىدىن ئايرىمايدىغان پىچىقىغا سۇندى . تۇرغۇن ئابلەتنىڭ ئەلپازىنى كۆرۇپ دەرھال ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ ئابلەتكە ئىسىلدى .ئىككىسى پولداقلىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتتى .
بىر كۇندىن كىيىن بەرىبىر ئۆلۇم ،تۇرغۇن پۈتۈن كۇچى بىلەن تىركىشىپ ئاخىرى مىڭ تەستى ئابلەتتىن قارا تاشلىق خاتىرىنى تارتىپ ئالدى - دە، بىر مۇش بىلەن ئابلەتنى ھوشىدىن كەتكۇزۇپ يىقىتىپ قويدى.
خاتىرە ئەيسانىڭ كۇندىلىك خاتىرىسى ئىدى .ئەيسا خاتىرىسىنى ئالى مەكتەپكە كىرگەن كۇنىدىن باشلاپ يىزىشقا باشلىغان بولۇپ پۇتۇنلەي پاتەككە بولغان سىغىنىش ھىسياتى يىزىلغان ئىدى .پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر قانچە بىتىگە پاتەكنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلغاندىكى ئىشلىرى يىزىلغان بولۇپ ،بۇ ئەھۋالنى خەۋەر قىلغۇچى دەل ئابلەت ئىدى .تۇرغۇن خاتىرىنىڭ ئارسىغا  قىستۇرۇقلۇق قارغىش خىتىنى ئىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى .
خاتىرىگە قىستۇرۇقلۇق قارغىش خىتىدە بىرىنجى بولۇپ پاتەكنىڭ ئۆلۇم قىسمىتى يىزلغان ئىدى .بىراق پاتەك ئۆلمەستىن ئەيسانىڭ ئۆلگىنى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى .
تۇرغۇن ھوشسىز ياتقان ئابلەتنى يۆلەپ تۇغۇزۇپ ھويلىدىكى تۇرۇككە چەمبەر-چەس قىلىپ باغلىۋەتتى ،ئاندىن بىر چىلەك مۇزدەك سۇنى چىچىپ ئابلەتنى ئويغاتتى .
-ھۇ ئاناڭنى ،بوشىنىۋالساملا سىنى ئۆلتۇرۋىتىمەن ...ھۇ ھاراملىق ... ئابلەت كۆزىنى ئىچىپلا تۇرغۇننى تىللاشقا باشلىدى . تۇرغۇن گەپ سۆزسىزلا بىرىپ ئابلەتنىڭ ئوڭ قۇلىقىنى كىسىۋەتتى .
توغرا بۇنداق ئادەملەرگە بۇنىڭدىن باشقىسى بىكار ئىدى . بىراق ئابلەت توڭگۇزدەك چىقىراپ توۋلىغىنىچە تۇرغۇننى تىللاشقا باشلىدى .
تۇرغۇن ئىتىلىپ بىرىپ ئابلەتنىڭ ئككىنجى قۇلىقىغا ئىسىلدى ،بۇ چاغدا ئابلەت يالۋۇرۇشقا باشلىدى .
بىراق تۇرغۇن ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي ئۇنىڭ ئككىنجى قۇلىقىنىمۇ كىسىۋەتتى. ئابلەتنىڭ قۇلىقىدىن ئاققان قان ئۇنىڭ يۇزىنى قىپقىزىل قىلىپ بويىۋەتتى .
-بۇيۇك چىڭنىڭ ئون چوڭ گۇناھقا قانداق جازا بىردىغانلىقىنى بىلەمسەن ؟ دەپ سورىدى تۇرغۇن گەپ قىلماقچى بولۇپ تەمشىلۋاتقان ئابلەتنى تۇسۇپ .  – بىلمەيسەن ،سەن مەكتەپتە ياخشى ئوقىمىغان ،بىراق مەن ساڭا ئىيتىپ بىرەي ، بۇ ئۇسۇلنى تارىختا ئادەم ئۆلتۇرۇش سەنىئىتى دەپ ئاتايدۇ ،يەنە ئادەمنى تىرىك تۇرغۇزۇپ بەدىنىدىن 1000 پارچە گوش شۇلۇپ ئىلىش ،ئەلۋەتتە بۇنى 10 كۇنگە بۆلۇپ شۇلۇپ ئالىدۇ شۇنداقلا 1000 پارچە گوش ئىلىنىپ بولغۇچە جىنايەتچى ئۆلۇپ قالسا بولمايدۇ . بۇ جازاغا ئۇچرىغان ھەرقانداق كىشى ئۆلۇمنى تۆت كۆزى بىلەن كۇتۇپ ئۆلىدۇ . مەن بۇ جازانى سىنىڭ تىنىڭدە سىناپ باقماقچى . قانداق ؟
ئابلەت تۇرغۇننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئىشتىنىغا سىيۋەتتى .
-مەن دەي ،مەن ھەممىنى دەي .دىدى ئابلەت يىغلامسىراپ ئەيسا ئوقۇشقا كەتكەندىن كىيىن بۇرۇندىن پاتەككە كۆيۇپ يۇرگەن ئابلەت بۇنى پۇرسەت بىلىپ پاتەكنى قوغلاپ يۇردى .بىراق پاتەك ئۇنى رەت قىلىپ ئۆزىگە يىقىنلاشتۇرمىدى . ئابلەت مەقسىتىگە يىتىش ئۇچۇن ۋاستە تاللىمايدىغان بىرسى ئىدى . ئابلەت خوشنا يىزىدىكى قىرى باخشىنى تىپىپ ئىسىتقۇ قىلىپ يۇردى ،شۇ جەرياندا قونچاق قەستى قىلىشنى ،روھ چاقىرىش قاتارلىق ھۆنەرلەرنى ئۇگىنىۋالدى .
پاتەككە قىلغان ئىستقۇلىرى كارغا كەلمىگەن ئابلەت بىر كۇنى پاتەك يالغۇز قالغان پۇرسەتتە ئۇنىڭغا زورلۇق قىلدى .شۇنداق قىلىپ پاتەكنى ئۆزى بىلەن توي قىلىشغا زورلىماقچى بولغان ئابلەتنىڭ چۇشىنى داۋۇت بۇزىۋەتتى ،پاتەك داۋۇت بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلدى . ئابلەت دەرھال بۇ خەۋەرنى ئەيساغا يەتكۇزدى ،ھەمدە ئەيسانىڭ قولى بىلەن داۋۇتنى ئۆلتۇرمەكچى بولۇپ ئۇنىڭغا قونچاق قەستىنى ئۇگەتتى ،بىراق ئەيسا ئۇنىڭ ئويلىغان يىرىدىن چىقماي مەكتەپتىن كۆلاپ كەلگەن لاتا قونچاققا پاتەكنىڭ ئىسمىنى يازدى .
ئەيسا كىلىپلا ئابلەتنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى ،ئابلەت ئەيسانىڭ سومكىسىنى ئاختۇرۇپ لاتا قونچاققا داۋۇتنىڭ ئەمەس بەلكى پاتەكنىڭ ئىسمى يىزىلغىنىنى كۆرۇپ دوستىنىڭ ھاماقەتلىكىگە كۇلدى .
ئابلەت قارغىش خىتىنى ۋە ئەيسانىڭ كۇندىلىك خاتىرسىنى تىقىپ قويۇپ كىچىلەپ قونچاقنى پاتەكنىڭ ھويلىسىغا ئاپىرىپ تاشلىدى .شۇنداق بولغاندا سەھەردە پاتەك لاتا قونچاقنى كۆرەتتى ،قەست قىلىنغۇچى لاتا قونچاقنى ئۆلۇم ۋاقتىدىن بۇرۇن كۆرۇپ قالسا قەست قەست قىلغۇچىغا ياناتتى . ئىش ئابلەتنىڭ ئويلىغىنىدەك بولدى . پاتەك قۇتۇلۇپ ئەيسا ئۆلدى .ئەيسا سىىھىر ئىشلىتىپ تۇرغۇننى يىزىغا باشلاپ كەلدى .ئابلەت ئاۋال تۇرغۇندىن پايدىلنىپ پاتەكنى ئۆلتۇرۇپ ئاندىن ئىش پۇتكەندە تۇرغۇننى ئۆلتۇرۋەتمەكچى بولدى بىراق ئويلىمىغاندا ئۆزى تۇرغۇننىڭ قولىغا چۇشۇپ قالدى .
تۇرغۇن ھەممە ئىشنى ئىنىق بىلىپ  بولدى ،ئارقىدىنلا ئۆزىدىكى قەستنى ئابلەتتىن ئۇگەنىۋالغان قەست قايتۇرۇش ئەپسۇنى بىلەن قەستنى قايتۇردى .ئاندىن لاتا قونچاقنى ۋە قەست خىتىنى ئىلىپ يانجۇقىغا سالدى . ئەيسانىڭ كۇندىلىك خاتىرسىگە ئوت يىقىپ رەھ چاقىراش ئەپسۇنىنى ئوقىدى .خاتىرە لاۋىلداپ كۆيۇپ بىردىنلا پۇتۇن بەدىنى كۆيۇپ تۇرغان ئەيساغا ئايلاندى . ئەيسانىڭ ئىككى كۆزىدىن ئوت چاقناپ تۇراتتى ،ئەيسا ئاۋال تۇرغۇنغا ئۆزى قونچاق قەستىنى سىناش ئۇچۇن ھاياتىنى سىناق قىلغان بىراق ئاخىرى يەنە ئۆزى ئۇچۇن ئۆچ ئىلىپ بەرگەن بىر ساۋاقدىشىغا قارىدى .بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزىدىن يانغان ئوت ئۆچۇپ ئوتنىڭ ئورنىنىدىن ئىىسىق ياش ئىقىپ چۇشتى . ئۇنىڭ بۇ كۆزيىشىنى چۇشەنمەك تەس ئىدى .
ئەيسا بىردىنلا ئىچىنىشلىق چىقىراپ ئۆزىنى ئابلەتكە ئاتتى .ئابلەتنىڭ بەدىنىگە تىزلا ئوت تۇتۇشۇپ كۆيۇشكە باشلىدى .تۇرغۇن سائىتىگە قارىدى سائەت دەل 4:44 ئۆتكەنىدى .
تۇرغۇن مەھەللىدىن ئايرىلىپ ناھىيەگە باردىغان ئاسفالىت يولغا چىقىپ ئارقىغا قارىدى ،يىراقتا ئابلەتنىڭ ئۆيى كۆيىۋاتتى ،مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئەنسىز توۋلىشىپ ئوت ئۆچۇرۋاتقان ئاۋازى سەھەرنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزاتتى .

تۇرغۇن مەكتەپكە قايتىپ كېلىپلا مەكتەپنىڭ ئارقىدىكى قەبرىستانلىققا باردى ،بىر گۇمبەز كۆنا قەبرىنىڭ يىنىدىكى بىر تۇپ يۇلغۇننىڭ يىنىنى كۆلاپ لاتا قونچاق ۋە قارغىش خىتىنى ئاۋايلاپ كۆمدى.
تۇرغۇن بۇ بالايى قازانىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن تۇگەپ كىتىشىنى ناھايىتى ئۆمۇت قىلاتتى ، شۇڭا كۆمگەن توپىنىڭ ئۇستىدىن بىر قانچىنى دەسسىۋەتتى .تۇرغۇن توپىللىرىنى قېقىشتۇرۇپ مەكتەپكە قايتى .


خىلىدىن بىرى تۇرغۇننى كۇزۇتۇپ تۇرغان بىرسى تۇرغۇن كىتىشى بىلەنلا يۇلغۇننىڭ ئاستىنى كۆلاشقا باشلىدى ...

1-بۆلۇم تۇگىدى .
2013-7-24  قەشقەر44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-25 08:40 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مەلىكە + 500 تەپەككۇرى كۈچلۈك
muhammadiya + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 600   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6047
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 06:17:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا پەيزى ھىكايىدىن بىرنى ئوقۇيدىغاندەك تۇرىمىز؟داۋامىنى كۈتىمەن بۇرادەر.
بىر كۆزلۈك بوۋاقتىن ئېشىپ چۈشكۈدەك تۇرىدۇ.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3065
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5901
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2624 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 06:18:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېزىپ قۇيىسىزغۇ زادى  قورقۇنۇچلۇق ھېكايىنى ، بەكلا ئاز يوللاپ قاپسىز دېسە بۇ قېتىم داۋامىغا تەشنا مەن

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15701
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3432 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:32:14 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى چىققاندا  بىراقلا ئۇقاي  بۇ  ھىكايىنى

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

ئوقۇتقۇچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48789
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5792
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 760 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 12:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماگىنىت ھېكايىدىن يەنە بىرى مەيدانغا كەپتۇدە،،  ئاخىرى چىقىپ بولغىچە ماۋۇ بېشىدىكى مەزمۇننى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولدۇمدە ئەمدى ..

ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى  ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شان- شەرىپى نېسى ئىدى

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4231
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1675 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 12:31:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 945
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 02:10:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى بەك ساقلىتىۋەتمەي تىزراق يازارسىز.

ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75119
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 03:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىقمىدىما تېخى

قورقۇش پەقەت نېرۋىنىڭ ئەڭ زىل ئىنكاسى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95997
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 05:14:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە 1 - قىسمىدىلا پىرسۇناژلارنى تۇنۇشتۇرۇپ بولغاندەك قىلسىز ،پىرسۇناژلارنى ھىكايە ۋەقەلىك تەرەققىياتىغا بىرلەشتۇرۇپ تۇنۇشتۇرغان بولسىڭىز كىتابخاننى تېخمۇ جەلىپ قىلاتىتى. ۋەقەلىك ياخشى باشلىنىپتۇ،كىيىنكى قىسىملىردا ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80086
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 4756
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-5-13
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 06:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام دوستلار ،رەخمەت سىلەر گە ! مەقسەتكە كەلسەك ،ئېملا خاتالىقىمنى تۇزتۇشكە تىرشىمەن ،بۇنىڭغا باھانەم يوق ! ئەسەرنىڭ پاچە -پارچە بولۇپ كىتىشى ئوقۇرمەنلەرگە تىزراق يوللاپ ئۇلارنىڭ باھا سۆزىنى ئاڭلاش ،بۇنىڭ پايدىلىق تەرىپى بىرىنجىدىن ماڭا مەدەت بولىدۇ ،ئككىنجىدىن ئىنكاسقا ئاساسەن ۋەقەلىكنى راۋاجلاندۇرۇش .ئەگەر تۇلۇق بولغاندا  ئوقۇيمەن دىگۇچىلەر مىنڭ چ چ: 403086283نى قىتىپ مەندىن ۋورد ھۆججىتىنى سوراڭ . مۇنبەر نامىڭىزنى ۋە مەقسىتىڭىزنى ئۇنۇتماڭ !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش