يۇرۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟
قاسىم سىدىق
شەكىل نەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يۇرۇقلۇق تېزلىكى ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقى فۇتۇننىڭ ھەققىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە بولۇش-بولماسلىقىغا باغلىق.
شەكىل نەزەرىيىسىدە ئەڭ يۇقىرى تېزلىك پەقەت ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچىلەردىلا بولىدۇ. ھاسىلىي زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ تىزلىكى ماكرو دۇنياغا قاراپ يۈزلەنگەنچە ئاستا بولىدۇ،دەپ قارىلىدۇ. نۆۋەتتە فوتۇننى ھەقىقىي مەنىدىكى
ئېلمىنتار زەررىچە دەپمۇ قارايدىغان، ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە ئەمەس،
تۈزۈلۈشكە ئىگە زەررىچە دەپمۇ قارايدىغان ئوخشىمايدىغان كۆز-قاراشلار مەۋجۇت. مۇبادا
فوتۇن ئۆمۈرگە ئىگە بولسا،
يىمىرىلسە،
ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە بولسابۇ ھالدا ئۇنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە دەپ قاراشقا ئەسلا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە شۇكى، بۇ ھالدا
يۇرۇقلۇق تېزلىكى تېزلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى ئەمەس. بۇ نۇقتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە ياكى ئىسپاتلانسا ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى مىسلىسىز خىرىسقا يولۇقىدۇ.
ئوخشاشلا يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقىرى تىزلىككە ئىگە زەررىچىلەر ياكى زەررىچىلەر ئىقىمى بايقالسىمۇ يەنىلا فۇتۇن ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە ھېسابلانمايدۇ. فۇتۇننىڭ 300 مىڭ كىلۇمتېر سىكۇنتلىق تىزلىكى تەجرىبىدە قانچە ئىسپاتلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئەھۋال شۇنداق.
ياكى فۇتۇننىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ياكى بولمىسا ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە ئەمەسلىكىنى دەلىللەش مېنىڭ قارىشىمچە بۈگۈنكى دەۋىر فىزىكىسىغا نىسبەتەن ئاكتىۋىئال تىما.
خالىغان كەسىپ ئىگىلىرى ۋە تورداشلارنىڭ فوتۇنغا ئالاقىدار سانلىق قىممەت ۋە ئۇچۇرلارنى بۇ تېمىنىڭ ئاستىغا يوللاپ مۇھاكىمىگە قاتنىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مېنىڭ قارىشىمچە، فۇتۇن ھەرگىز ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە ئەمەس.
ئاساسلىرىم تۆۋەندىكىچە:
يورۇقلۇق تىزلىگىدىن يۇقىرى تىزلىككە ئائىت ئۇچۇرلار
1. 2008-يىلى شىۋىتسارىيە جەنۋە ئونۋېرسىتېتىدىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىلىرىنىڭ يورۇقلۇق تىزلىگىدىن
10مىڭ ھەسسە يۇقىرى تىزلىكىگە ئىرىشكەن. بۇ خەۋەر نۇرغۇن تور بىكەتلىرىدە تارقىتىلىپ غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، ئىلمىي ژۇرناللاردا بۇ ئۇچۇردىن پايدىلنىپ يىزىلغان نۇرغۇن ماقالىلار ئېلان قىلىنغان.
2. 2000-يىلى ياپۇنيە NEC شىركىتىنىڭ شىمالى ئامېرىكا تەتقىقات گۇرۇپپىسى «تەبىئەت»ژۇرنىلىدا يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ھالقىغان يۇرۇقلۇق ئىمپۇلىسى تەجرىبىسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقى
ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان.
3. 2005-يىلى شىۋتسارىيىلىكلەر يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ 310 ھەسسىسىگە تەڭ تىزلىككە ئىرىشكەنلىگى ھەققىدىكى تەجرىبە نەتىجىسى
«قوللىنىشچان فىزىكا خەۋەرلىرى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
4. كۈزىتىش ۋە ھېسابلاش ئارقىلىق ئاستورنۇملار سامان يولى سىرتىدىكى 4 يۇلتۇزسىمان جىسىملار رادىياتسىيىسىدىن يورۇقلۇق تىزلىگىنىڭ
5-10 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان تىزلىگىنى بايقىغان.
5.
بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس.
ئامېرىكا پەنلەر ئاكادىيمىسىنىڭ دەم ئىلىشقا چىققان ئاكادىيمىكى شىن جىيۇەن ئەپەندى: «كىۋانت ئورالمىسى فوتۇنلىرى ئارىسىدا يورۇقلۇق تىزلىكىدىن ھالقىغان تەسىرنىڭ مەۋجۈتلىگى نۇرغۇن تەجرىبلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان، بۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامال يوق، بىز سۇبېكتىپ بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، كىۋانت ئورالمىسى يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى ئۇچۇر تارقىتىدىغانلىقىنىڭ ئوبېكتىپ پاكىتلىقىنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك»
دەپ يازىدۇ.
فۇتۇننىڭ ئىنېرگىيە قويۇپ بىرىشى
ئېينىشتېيىننىڭ ماسسا ئىنېرگىيە مۇناسىۋىتى تەڭلىمىسىدىن بىز ئىنېرگىيەنىڭ ماددا (ماسسا) ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. فۇتۇن ئىنېرگىيە قويۇپ بەردى دېگەنلىكنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. مەن بۇ ھەقتە شى فڭلاڭ ئەپەندىنىڭ «فىزىكا ئوقۇتۇشى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «
فۇتۇن ئەلبەتتە بىر قىسىم ئىنېرگىيىسىنى قويۇپ بىرىدۇ» دېگەن يازمىسىنى ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كومپىتۇن ئففىكىتىدە ئېلكتېرۇن فۇتۇندىن بىر قىسىم ئىنېرگىيەنى قوبۇل قىلىۋالدىغانلىقى، فۇتۇننىڭ بىر قىسىم ئىنېرگىيىدىن ئايرىلدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. مەن «
كومپىتۇن ئففىكتى» بىلەن ياخشى تونۇشۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.
2011.8.16
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-19 12:24 AM