29-تىئورمىنىڭ توغرا -خاتالىغىنى سىنايدىغان يەنە بىر ئاددى تەجىربە
قاسىم سىدىق
ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
"مىسرانىم"دا شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىغا ئالاقىدار مۇھاكىمە - مۇنازىرىلەر ئېلىپ بىرىلغاندىن كىيىن بۇ تېمىغا مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىن ئاز بولمىغان تورداشلار قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى.مۇنازىرە جەريانىدا 29-تىئورمىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق بېرىش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىگى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلاندى.مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن"مىسرانىم"تور بىكىتىگە ۋە مۇھاكىمە مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغان بارلىق تورداشلارغا قىزغىن رەھمەت ئوقۇيمەن.
ئەندى يوللانغان بۇ تېما مۇنازىرىنىڭ خۇلاسىلاش،29-تىئورمىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق كۈچىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن سىناپ كۆرۆشتە مۇلاھىزىگە قويۇشقا تېگىشلىك زۆرۆرى تېما.باشقۇرغۆچىلارنىڭ تەستىقلەپ قويۇشىنى سەمىمى ئۆمىت قىلىمەن.
视频: 车轮进动
http://v.youku.com/v_show/id_XNDAzNzkwNTI=.html
(فىلىم)
يۇقۇرقى ئۇلىنىش قىلىنغان فىلىمدىكى چاقنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرىتمەي،سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىنى قارشى تەرەپكە قىلىپ ئۆزگەرىتسەك بۇ ھالدا چاق يۇقۇرغا ئاغماي ئەكسىچە تۆۋەنگە ئاغىدۇ!.
مانا بۇ مىركورىنىڭ قوياشقا يېقىن نۇقتىدىكى پىرىسيىسىنىڭ(سىلجىشىنىڭ) ھەقىقى سەۋەبى.مۇبادا ئىتقانلىرىم توغرا بولسا بىز ئالەمشۇمۇل بىر ئىشنى بايقىغان بولىمىز.بۇ29-تىئورمىنىڭ ئاسمان جىسىملىرى ھەركىتى ئارقىلىق تۆنجى دەلىللىنىشى بولۇپ قالىدۇ.ئەپسۇس ،مۇشۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقسا ئېينىشتېيىنگە تولىمۇ پايدىسىز!.
ئەسكەرتىش:پەقەت سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىلا قارشى تەرەپكە قايتۇرۇلۇپ ئۆزگەرتىلىدۇ،چاقنىڭ ئۇقىدا ئايلىنىشى ئوخشاش بولىشى شەرىت.ئونىڭغا چېقىلماسلىق كېرەك!.
يۆقۇرقىدەك مەشغۆلات قىلغىلى بولمىسا ،چاق ئۇزىنى قارشىسىغا ئايلاندۇرۇپ(پېقىرىتىپ) سىناپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ.ئىككى سەككىز ئون ئالتە.قىممەت ئۆزگەرمەيدۇ!.
2013.7.16
بالىلار،ئاڭلاڭلار ،خۆشخەۋەر!
شۇنداق ئىپتىدائى ،ئاددى ئۆسۆل بىلەن سىناپ باقتىمكىن،نەق تېمىدا دىگىنىمدەك ئەھۋال كۇرۆندى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-18 01:28 PM