ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئەپەندىم،سىز ئاساسى مەسىلىنى تۇتۇپسىز.
بۇ ئىنكاسنى بۇ يەرگىمۇ چاپلاپ قويسام بولغىدەك:
يۇقۇرقىدەك چاقنىڭ،ياكى بىز ياسىغان كارتۇن دىسكىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرىتمەي تۆرۆپ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ دىسكىنىڭ ھەم يۇقۇرغا،ھەم تۆۋەنگە ئاغىدىغانلىغىنى،مەيلى قاياققا ئېغىشىدىن قەتئى نەزەر كونكىرىت پەيىتتە ئوخشاشلا ئۇزئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدىغانلىغىنى كۇزەتكىلى بولىدۇ.
بىر ئالاھىدە ماھارەتنى ئىگەللىسىڭىز ،بۇ ئارقىلىق بىر ياخشى ئويۇن كۇرسىتەلەيسىز.يەنى،دىسكىنى يۇقۇردا دىيىلىپ كىلۋاتقان يۆنىلىش بۇيچە پىقىراتقان ئەھۋالدا، ئالدىدا سول قۇل يۆنىلىشىگە قارىتپ يۇقۇرىغا ئاندىن تەدىرىجى ئوڭ قۇل يۆنىلىشى تەرەپكە قارىتىپ تۆۋەنگە ئايلاندۇرۇپ گۇيا سالغا ئاتقاندا سالغىنى ئايلاندۆرغاندەك _ ئايلاندۇرۇپ بەرسەك،تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتمەي ئىزچىل ئايلىنىدۇ ۋە بۇ ئايلىنىشنىڭ تىرايىكتورىيىسى بىر چەمبەر بولىدۇ.مەن قېرى جېنىمدا قۇۋلاشمىساممۇ سىناپ كۇردۆم .سىلەرياشلار سىناپ كۇرۇڭلار،مەندىمۇ ياخشى ئۆنۆمگە ئىرىشسىلەر؟.
ماۋۇ ئىككى پارچەرەسىمنىڭ ،مەن دەۋاتقان بوشلۇقتىكى مەنزىرىنى چۈشۈنۆشتە پايدىلىنىش قىممىتى بار:

ئۇيغۇن ئەپەندى تەمىنلىگەن.

بىلىمخۇمار ئەپەندى تەمىنلىگەن.
كارتۇن دىسكىنى ياسىۋالماق ئوڭاي.ھەممەيلەندە بىردىن بولسا ياخشى بولغىنى.نەۋرەم ياسىغان دىسكىنىڭ دىيامىتىرى 40 سانتىمىتىرچە كېلىدۇ.
ئەسكەرتىش:
1.بىلىمخۇمار ئەپەندى تەمىنلىگەن رەسىمدىكى چەمبەر _ چاقىنى سالغا ئايلاندۇرغاندەك ئايلاندۇرغان ۋاقتىدىكى قالدۇرغان تىرايىكتۇريىڭىز بولسۇن.بۇئۇسۇلنى مەشىق قىلىپ بەرسىڭىز ياخشى ئىگەللەپ كېتىسىز.سىناپ كۇرسىڭىز ھەتتا ئۇنىڭ مۇئەييەن تەنتەربىيە ئۆنۆمىگە ئىگە ئىكەنلىگىنىمۇ ھېس قىلىسىز.
2.بوشلۇقتا يۇقۇرقىچە مەشغۇلات جەريانىدا ئۇيغۇن ئەپەندى يۇقۇردا سىزغان رەسىمدەك ئۆنۆمنى كۇزەتكىلى بولىدۇ.
/forum.php?mod=viewthread&tid=108549&page=1&extra=#pid1652765
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-18 09:06 PM