29-تىئورما ۋەئۇقۇشماسلىق
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۈم ،مىسرانىم ئەھلى كەمىنە قۇمباغدىن سىلەرگە ئالى ئىھتىرام.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تورلاردا قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزىريىسىنىڭ 29-تىئورمىسى ھەققىدىكى مۇنازىرلەر بولۇپ كېلۋاتاتتى. مەنمۇ مىسرانىم مۇنبىردە «قاسىم سىدىق ئەپەندىگە ئوچۇق خەت»دىگەن تىمنى يازغان ئىدىم،
ئادرىسى مانا
https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... 1&extra=#pid1642767
مەن «قاسىم سىدىق ئەپەندىگە ئوچۇق خەت»دىگەن تىما ئارقىلىق 29-تىئورمىنىڭ توغرا خاتاسىنى ئايرىشنى مەخسەت قىلغان ئىدىم،مۇنازىرە قىزغىن داۋاملىشۋاتقاندا ئۇتىمىنىڭ ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى يوقاپ كەتتى .مۇنازىرە شۇيەردە توختاپ قالغان ئىدى.كىيىن قاسىم سىدىق ئەپەندى،«
قاسىم سىدىق:قانداق باھانىڭىز بار؟» دىگەن تىمىنى يازدى شۇنىڭ بىلەن 29-تىئورمىنىڭ مۇنازىرسى يەنە باشلاندى.
مۇنازىردىن مەلۇم بولدىكى شەكىل نەزىريىسى 29-تىئورمىسى ئۇقۇشماسلىقتىن ئوتتۇرغا قويولۇپ قالغان.
مانا بۇ قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ مەزمۇنى:
«"ئېن"(زەررىچە)ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.»
نىيۇتۇننىڭ دىگىنى بولسا:
ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.
ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.
قاسىم سىدىق:قانداق باھانىڭىز بار؟ دىگەن تىمىدىكى قاسىم سىدىق ئەپەندى بىلەن مېنىڭ مۇنازىرە قىلىشقان ئىنكاسلارنىڭ بىرقىسمى:
مەن مۇنداق دىدىم:
نىيوتۇن:
پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.
قاسىم سىدق:
«"ئېن"(زەررىچە)ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.»
ئەمللىيەتتە بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى يوقكەنغۇ.
29-تىئورمىنى باشقىلار بۇرۇنلا دەپ بوپتىكەن ئەمدى بولدى قىلاسىز؟
قاسىمسىدىق ئەپەندى مۇنداق دىدى:
مەن 29-تىئورمىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا نىيوتۇننىڭ بۇ گىپىدىن خەۋىرىم يۇق ئىدى.
29-تىئورمىنى باشقىلار دەپ بولغان بولسىمۇ ،مەن قىلچىلىك مەيۆسلەنمەيمەن.
مانا بۇتىمدىكى مۇنازىرلەردىن مەلۇم بولدىكى،قاسىمكام ئۇقۇشماسلىقتىن 29-تىئورمىنى ئوتتۇرغا قويۇپ قالغان،چۈنكى بۇنى بۇرۇنلاردا نىيۇتۇن ئوتتۇرغا قويۇپ بولغانلىقنى بىلەلمەي قالغان.
ھلمۇ ياخشى 29-تىئورما ئىنگىلىس تىلغا تەرجىمە قىلنىپ قالماپتۇ،بولمىسا قاسىم سىدىق ئەپەندىنى بىلىم ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ ئاۋارە قىلغان بولاتتى.
تورداشلار توغرا چۈشىنەيلى! بۇھەرگىزمۇ بىلىم ھوقۇقىغا دەخىلى تەرۈز قىلىش ئەمەس،بەلكى ئۇقۇشماسلىق،باشقىلارغا ئوخشاش شېئىرنىڭ مىسرالىرنى ئالماشتۇرۇپلا يېڭى شېئىر مەن يازدىم دەپ مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىشقا ئوخشىمايدۇ.تورداشلار توغرا چۈشەنسەك.
ئاخردا بىزنىڭ ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئاكنىڭ مۇنۇ سۆزىنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى.
نەقىل:
بۈگۈنكى كۈندە فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە ساھەسىدە بىر يېڭى نەزەرىيە، قانۇن، ياكى تىئورمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن بىر ئادەم كەم دېگەندە تۆۋەندىكى ئىككى شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك:
1.ئاساسىي ۋە ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش.
2.پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر بايقاپ، ئىسپاتلاپ، ۋە خەلقئارادا ئېلان قىلىپ ئېتىراپ قىلدۇرۇپ بولغان نەزەرىيە، قانۇن ۋە تىئورمىلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇش
ئەگەر قاسىم سىدىق ئەپەندىدە مۇنۇ ئىككى شەرت ھازىرلانغان بولساياكى بىرسى بولسىمۇ ھازىرلانغان بولسا نەچچە يىللاردىن بىرى تورلاردا بولۇپ ئۆتكەن كەسكىن مۇنازىرلەر،بىرسى-بىرسىگە ئازار بېرىشلەر بولمىغان بولاتتى.
ئەمدى مۇشۇنىڭ بىلەن 29-تىئورمىنڭ گېپى مۇشۇ يەردە پاك -پاكىز تۈگىدى.
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇندىن كىيىكى تەتقىقاتىغا ئۇتۇق تىلەيمەن،
ھەم بارلىق تورداشلارنى قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئۈگۈنۈش روھىدىن ئۆرنەك ئېلشىمىزنى تەۋسىيە قىلمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-11 02:13 PM