قانداق باھانىڭىز بار؟
قاسىم سىدىق
2009-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۆنى
"ئەلدوسىت"شېركىتى ماڭا ئاجرىتىپ بەرگەن ئىشخانىدا پېقىرىتىلغان نور بىلەن يانتۇ تەكشىلىك تەجىربىسى ئىشلەپ ،پېقىراۋاتقان نۇر(پېقىرىغۇچ) نىڭ يانتۇ تەكشىلىكتەئۆز ئوقىدا ئايلىنىش(پېقىراش)يۆنىلىشى تەرەپكە رۇشەن ھالدا ئاغىدىغانلىغىنى كۆزەتتۇق.
مەن شۇندىن بۇيانقى ئۈچ يىلدىن ئارتوق ۋاقىتتىن بۇيان مۇشۇنداق تەجىربىنى29-تېئورمىنىڭ تەجىربە ئىسپاتى قىلىشقا بولمايدىغانلىغىغا ھېچقانداق باھانە تاپالمىدىم.ئىنىرىتسىيىلىك كۈچتىن باشقا ئالاقىدار بارلىق كۈچلەر بۇنداق ئېغىشنىڭ سەۋەبى ئەمەس.ئەكسىچە سۆركۆلۆش كۆچى،ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى قاتارلىقلار ماھىيەتتە ئېغىشقا قارشى كۈچ سۆپىتىدە رول ئوينايدۇ.
مەن ھازىر ،ئەينى ۋاقىتتا گالىلى ئۇزئوقىدا ئايلاندۇرۇلمىغان شارلارئارقىلىق يانتۇ تەكشىلىك تەجىربىسى ئىشلىگەنلىگىنى كۆزدە توتۇپ،بىزمۇ ئۆز ئوقىدا ئايلاندۇرۇلغان شارلار(نۇرلار) ئارقىلىق يانتۇ تەكشىلىك تەجىربىسى ئىشلەپ كۆرسەك چوڭقۇر مەناغا ئىگە بولىدۇ.بۇھالدا گالىلى تەجىربىسىگە ئىجادى ۋارىسلىق قىلغان ،ئىجادى تەركىپلەرمۇ بار تەقلىدى تەجىربە ئېلىپ بارغان بولىمىز،دەپ قارىدىم.دەرۋەقە،نىيوتۇن 1-قانونىنىڭ تەجىربىۋى ئاساسى بولغان گالىلى تەجىربىسى پەقەت ئوز ئوقىدائايلانمايدىغان زەررىچەۋە جىسىملارنىڭلا ھەركەت قانۇنىيىتىنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلەيدۇ.ئۇز ئوقىدا ئايلىنىدىغان زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ھەركەت قانونىيىتىنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلمەيدۇ.ھالبۇكى،تەبىئەت دونياسىدا ئۇز ئوقىدا ئايلانمايدىغان زەررىچە ۋە جىسىملارنى،سىستىمىلارنى تاپقىلى بولمايدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا يانتۇ تەكشىلىكتە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان نۇر(شار)تەجىربىسى ئىشلەش ۋە ئۇنىڭ كۈچىنى بېكىتىش تېخىمۇ زۆرۆر.
مەن ھەقىقەتەنمۇ بۇنداق تەجىربىنى ئىشلەشكە بولمايدىغانلىغىنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق باھانىسىنى تاپالمىدىم .شۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى كۆزۆتۆشنىڭ نەتىجىسىنى ئەمدى ئاشكارىلاش قارارىغا كەلدىم.
ئەينى ۋاقىتتا تەجىربىدە ئىشلىتىلگەن نۇر(پېقىرىغۇچ) ئۆچىغا پولات شارىك ئورنىتىلغان ياغاچ نۇر ئىدى.يانتۇ تەكشىلىك ئەينەك چاي شىرەسىنىڭ بىر بېشىنى تەكشى كۆتۆرۆش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان.تۆۋەندىكى فىلىمنىڭ باش تەرەپلىرى تەييارلىق جەريانلىرى بولۇپ ئاخىرقى قىسمىدائېغش ھادىسىسى نۇقتۇلۇق كۆرسىتىلىدۇ.
فىلىمنىڭ ئۇلىنىشى مانا:
شىرە ئۇستىدىكى نۇرنىڭ 29-تېئورمىچە ئېغىشى
视频: nur_物理测试
http://v.youku.com/v_show/id_XNTc4OTQwNjEy.html?qq-pf-to=pcqq.c2c
بىلىمخۇمار،ئابلىمىت، قۇمباغ 79،مۇھاكىمەقاتارلىق بىر قىسىم تورداشلار"مىسرانىم"دىكى29-تىئورمىغا ئالاقىدارتېمىلاردا قىزغىن مۇھاكىمە -مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ،نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەكلىپلەرنى بەردى،مەن ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئوقۇيمەن ۋە بۇ تېمىغىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ئۆمىت قىلىمەن.بارلىق تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدا بۇ تېمىنىڭ تەلىۋىدىن چەتنەپ كەتمەسلىگىنى ئالاھېدە تەشەببۇس قىلىمەن.
بۇ تېمىنىڭ تەلىۋى ۋە مۇھاكىمە -مۇنازىرە دائىرىسى:
ئۆز ئوقىدا ئايلاندۆرۇلغان شارلار ئارقىلىق يانتۇ تەكشىلىك تەجىربىسى ئېلىپ بىرىشقا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟.مىنىڭ تەشەببۇسۆمنى قوللامسىز ياكى رەت قىلامسىز؟ رەت قىلسىڭىز سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزنىڭ ئاساسى نىمە؟.ئىلمى"باھانە"لىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ!
ئۇنداق بولسا ،مەرھەمەت قېرىنداشلار!.
2013.7.8
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-8 11:44 PM