ئېيىتقىنا جېنىم
سۆيگۈمنى شېئىـردا ئەيلىـسـەم بايـان،
بولىدۇ پاك سۆيگۈم ئەينەكتەك ئايان.
ئەللەرنىڭ ئالدىدا بولدۇم بىر ساراڭ،
ئەمما سەن قىيادا باقمايسەن جانان .
ئاشىقلىق دەردىدىن چىقارمىش شائىر ،
ساڭا خاس مۇھاببەت مىسرادا زاھىر.
مۇھابـبەت يولىـدا قىينالـدى يۈرەك ،
سۆيۈشتىن قىلچىمۇ ئالمىغاچ بەھىر .
بىرسى دەر-بىچارە ئاشىقى مەجنۇن ،
بىرسى دەر-كويىدا بولمىغىن ئازغۇن.
نە پىسەنت قىلايمەن سەپسەتىلەرگە ،
بولغاچقا ئىشقىڭدا پەرۋانە ،مەپتۇن .
كىم دېدى سېنى بىر چاقنىغان چىراق،
مەن بولاي پەرۋانە باغلاپ ئىشتىيـاق .
ئۆزەمنى ئۇرىمەن ، قايتاي دېسەممۇ،
توختىماس ئاشىقلىق ئىشقى دەرت-پىراق.
جىغ قىلدى يۈرەكـىم، ئاغرىدى تېنـىم ،
ئۆتتىغۇ بەدەندىن شۇنداق مۇز ئېقىـم.
بىلدىم مەن قەلبىڭنى ئىللىتالماپتۇ ،
ئېيىتقىنا پاك سۆيگۈم شۇنداقمۇ جېنىم .
مەنبەسى: ئەپچىلەم