yulghunjan :
ئېشەكتىن تەلىم ئالساڭ تېپىشنى ئۆگۈتىدۇ.
hushwah:
كۈلمە دۇنيا ! بىزنىڭ بۇ ھالىمىزغا قاراپ كۈلمە ! بىركۈنلەر كېلىدۇ ، ھەمىمىزنىڭ دىنى ، تىلى،يىزىقى بىر بولغىنىدەك ، دىللىرىمىزمۇ ھەم بىر بۇلىدۇ
دىنىمنىڭ ئىسلام ،رەببىمنىڭ ئاللا ، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد(س ئە ۋ ) .. مىلىللىتىمنىڭ ئۇيغۇر بولغىنىدىن سۈيىنىمەن .
زەنجىر :
ئۆسەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر- بىرسىنى پالۋان دەپ ، چۆكەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر- بىرسىنى گالۋاڭ دەپ ...!
Mr-omar:
جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران.
326 ayixa :
قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .
Uyghurjan:
ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !
Polatalamdar:
مەن ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن قورقمايمەن ، ئاللاھتىن قوققانلارنى ھۆرمەتلەيمەن .
Jim:
ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.
Sawahdax:
ھالالدىن كەلمىگەن ئاش ئەمەس ،
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش-ياش ئەمەس .
بېشىم باردەپ غادىيىپ يۈرمە ،
سەجدىگە بارمىغان باش-باش ئەمەس.
Hekmat-uyghur:
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى ئىتقاد چېچىلىپ كەتكەن مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى يۇقاتقان ئىنسان ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....
دىيارىم:
دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.
555rikabatqi:
قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ.
ئاردا:
ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !
Sukut520:
ئەقلىمىزنى ھىسياتىمىزنىڭ ئۈستىگە قويايلى!ياراتقۇچىمىزمۇ ئەقىل قاچىلىنىدىغان بىشىمىزنى ھېسيات قاچىلىنىدىغان يۈرەكنىڭ ئۈستىگە ياراتقان.
ئېشەككە ئوڭلاپ مىنەلمەي تۇرۇپ،
دۇلدۇلغا ئېسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ.
ھەرئىشنىڭ يولى بار ئۈگىنىش ئاتلىق،
بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.
Owqi450:
ياشاش بىر جەريان ,ئۆلۈم بولسا مۇقەرەر نەتجە. ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن ،ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن قورقۇش نە ھاجەت!
matematika:
ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت
Bahari:
سەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ ھاياتلىق رومانىڭنىڭ مۇقەددىمىسىنى يېزىشقا باشلايسەن،سەن ئۆلگەندىن كېيىن باشقىلار ئۇنىڭ خاتىمىسىنى يازىدۇ.
Baturana:
تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا‹‹خەق كۆرمىدى›› دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كېلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!
Ayguzal007:
ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن.
jalipkar:
ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !
Uyol:
ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.
_ ئۇيغۇر ئوغلى
Honzada:
دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!
مەنبە: مۇنبەرداشلارنىڭ ئىمزاسى
ئەسكەرتىش: مۇنبەرداشلارنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا ھەممىنى يېزىپ بولالمىدىم،ئالدىنقى قېتىمدا نادىر ئىمزالىرى يېزىلىپ بولغان مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ قېتىم ئىمزالىرى يوللانمىدى....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-18 01:31 AM