سەن گويا كەچكۈزدە توزىغان ياپراق
ئۆتمەكتە كۈنلىرىم شۇنـچە شادىمـان
سېنىڭدىن ئايرىلغان بولساممۇ گەرچە.
ۋاقىـتنىـڭ ئۆتىشى ،كۈنـنىڭ چىقىـشى،
يوقـاتتى مەندىكـى ئازاپنـى بـارچـە .
ئېسىڭدە ،ئايرىلغان مۇشۇ باغچـىدا،
سەن كۈلگەن ،قالغانتىم ئازاپتا يىغلاپ.
ئەمدىلىك ئالدىمدا پەيدا سىمايىڭ ،
تەئەججۈپ ئىچىدە قالدىم تېڭىرقاپ .
سۆزلىدىڭ -ئەسسالام بارمۇ سەن جانىم ،
سېغىندىم ،سەنمۇ ھەم كۈتتۈڭمۇ مېنى .
مۇھاببەت بىر ئازغۇن كەچۈرەلەمسەن ،
يەنىـلا دىلىـمدىن سۆيىمـەن سېـنى .
گېپىڭـگە جاۋاپنى كۆرمىـدىم لايىـق ،
كۆزۈڭگە تىكىلىپ تۇردۇم ئۈن-تىنسىز.
يۈرىكىم شىۋىرلار قىلىپ مەسخىرە ،
تىڭشىغىن جاۋاپنى يۈرەكتىن ھەي قىز .
ئۆزگەرمەس خۇلىقىڭ تاتلىق كۈلىشىڭ ،
يەنىلا بۇرۇنقى سۆيۈملۈك قىزچاق.
كۆزۈڭدىن كۆرمىدىم سۆيگۈ ئۇچقۇنى ،
سەن گويا كەچكۈزدە توزىغان ياپراق .
مەنبەسى:ئەپچىلەم