بەختىڭنى تاپ
تۈڭلۈكۈڭدىن تاش ئاتتىم ئاخشام ،
چـاقىـرىشـقا قىـلالـمـاي جـۈرئـەت .
ئايدىڭ كەچتە ياڭرىدى ناخشام،
ئەيلەپ دىلدا سۆيگۈ -مۇھاببەت.
يـەنـە ئاشـۇ قىيـسـايـغـان بىنــا ،
ساقلاپ كەتتىم ئۇزاق يۆلىنىپ ،
شۇنچە كۈتتۈم قىلمىدىڭ پەرۋا،
تەنھالىققـا قـالدىـم يۆگـىلىـپ ،
جۈرئەت بىلەن ئالدىم تېلىفـۇن ،
(ئېيىتقىن زادى نەدىسەن گۈلۈم).
كۈتۈلمىـگەن مەنـزىرە ئۈچـۈن ،
كـونـۇپـكىـدا قاتتىغـۇ قولـۇم .
قولتۇقلىشىپ باشقـا بىر بىلـەن ،
كۈلگىنىڭچە كەلگەننى كۆردۈم .
-مېنىڭچە ئۇ يىگىتى ئىكەن ،
دېگەن ساختا خىيالنى سۈردۈم.
ئازاپلانـدى يۈرۈكـۈم شـۇتـاپ ،
خەير دېدىم كەتتىم ئۈن تىنسىز.
سۆزلەپ قويدۇم ئاستا پىچىرلاپ،
-بەختىڭنى تاپ ئەي مەن سۆيگەن قىز.
مەنبەسى:ئەپچىلەم