بار ئىدى مېنىڭدە پەقەت بىر يۈرەك
يۈرەككە دەز كەتتى شۇ بىر گەپ بىلەن ،
كۆزۈمدىن ياش ئەمەس ئاقتىغۇ قېنىم .
سۆز ئاچتىڭ_(ئايرىلىپ كېتەيلى بولدى ،
دېمىگىن بولدى بەس دېمىگىن جېنىم .)
ئۆتۈنەي ئاغزىڭدىن چىقارما بولدى ،
ئايرىلىش مەن ئۈچۈن ئالەمچە ئازاپ .
دېسەممۇ شۇنچىلىك پەرۋاسز تېخى ،
ھالىمغا تۇرىسەن ھىجىيىپ قاراپ .
يالۋۇردۇم ، نە ئامال كۆيۈپ قاپتىمەن ،
ھىدىڭغا ،شۇ تاتلىق كۈلۈشلىرىڭگە.
شۇ سۆزۈڭ دەرتلىرى سۆڭەكتىن ئۆتتى ،
ئەرزىمەس بولدۇممۇ سۆيۈشلىرىڭگە .
سۆيۈلدۈڭ،سۆيۈلدۈم،سۆيگەنتىم سېنى ،
بارلىقىم بىلەنتتىم شۇ سىمايىڭنى .
تىلەيتىم بىر ساڭا ئالەمچە بەخىت ،
ئاھلىغۇم كەلمەيتى سېنىڭ ئاھىڭنى .
سـاڭىـلا ئاتالغـان پاك مۇھـابـبىتىم ،
سۆيگۈمدىن ھەيرەتتەقارايتى ھەممە.
كۈلەتتىڭ باغرىمدا تاتلىق ۋىلىقلاپ .
بەزلەيتىڭ(جانىم دەپ يېنىمدىن كەتمە.)
يۈرەككە بىلمەيلا تۇتىشىپ قاپتۇ ،
يۈرەكىڭ ئوتلىرى، ئۈزۈلمەس سۆيگۈ.
بولۇپسەن مەن بىلەن بىر گەۋدە بىر جان،
قەلبىمدە ھاياجان ، رومانتىك تۇيغۇ .
سۆيگۈمگە باشقىلار قىلغاندەك ھەسەت،
سۆز ئاچتىڭ،كۆزۈمدىن تۆكۈلدى قان ياش .
بولساممۇ بىر يىگىت بېرەلمىدىم مەن ،
شۇ ئېيىتقان سۆزۈڭنىڭ دەردىگە بەرداش .
سۆزلىدىڭ(كەچۈرگىن،كەچۈرگىن پەقەت،
تىلىگىن، بەختىمچۈن مەڭگۈگە تىلەك ).
يوقالغىن يۈرەكنى قىلدىڭغۇ لەختە ،
بار ئىدى مېنىڭدە پەقەت بىر يۈرەك.
مەنبەسى:ئەپچىلەم