|
|
|
|
قومۇل تارىختا غەربىي يۇرتنىڭ شەرىقى دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان ، بۇ قەدىمىي يۇرتتىمۇ تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان بەگلەر ئۆتكەن ، چىڭ سۇلالىسى كاڭشى خان زامانىسىغا كەلگەندە قومۇلدا ۋاڭلىق تەسىس قىلىنغان ، شۇ زامانلاردىن يېڭىنقى دەۋر،يەنى 1930-يىلىغىچە قومۇلدا رەسمىي 9 ئەۋلاد ۋاڭ ئۆتكەن .قومۇل ۋاڭلىرى 233 يىل قومۇلنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ ئەلنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن .مەن مۇشۇ توققۇز ئەۋلاد ۋاڭنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي !
1-ئەۋلاد قومۇل ۋاڭى :ئەبەيدۇللا تارخانبەگ.
(1668-1709)تەختتە ئولتۇرغان.ئەبەيدۇللا دادىسى مۇھەممەد شاھ غازىبەگدىن كېيىن تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان.ئۇ يىراقنى كۆرەر سىياسىيون بولۇپ،ئىنتايىن تەدبىرلىك ئىدى.ئۇ تەختكە چىققان مەزگىللەردە قومۇل يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەۋەسىدە ئىدى.1678-يىلى يەركەن خانلىقى جۇڭغارلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، قومۇل جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان . جۇڭغارلار ئۇيغۇرلار رايونىدا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكتىن، ئۇيغۇر خلقىنىڭ قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى قوزغىغان.ئۇلار قومۇلدىنمۇ ئۆتۈپ گەنسۇ،چىڭخەي قاتارلىق جايلارغىمۇ پاراكەندىچىلىك سالغانلىقتىن، چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھەربىي يۈرۈش قىلغانىدى.ئەبەيدۇللا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ھەمدەمدە بولۇپ جۇڭغارلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن.1697-يىلى ئەبەيدۇللا چوڭ ئوغلى گۇپا(ۋاپا)بەگنى باركۆلگە ئەۋەتىپ ، جۇڭغارلار ھۆكۈمرانى غالداننىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى تۇتۇپ،بېيجىڭغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.كاڭشى خان ئەبەيدۇللانى تارتۇقلايدۇ،قومۇل ئۇيغۇرلىرىنى قىزىل تۇغلۇق ئۇيغۇر خوشۇنى قىلىپ ئايرىيدۇ.ئەبەيدۇللانى 1-دەرىجىلىك جاساق قىلىپ تەيىنلەيدۇ .كاڭشى خان 1706-يىلى ئەبەيدۇللانى بېيجىڭغا چاقىرتىدۇ.ئەبەيدۇللا نۇرغۇن سوۋغا-سالاملا بىلەن بىللە تۇنجى قېتىم قومۇل قوغۇنىنى خانغا سوۋغا قىلىدۇ.ئەبەيدۇللا قايتقاندىن كېيىن قومۇل ۋاڭ ئوردىسىنى سالدۇرىدۇ . ئەبەيدۇللا تارخانبەگ ئىلىم - مەرىپەتقە كۆڭۈل بۆلگەن مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولۇپ ، تېبابەتچىلىكتىنمۇ خەۋىرى بارلىقى مەلۇم.ئەبەيدۇللا تارخانبەگ 1709-يىلى ۋاپات بولىدۇ.
2-ئەۋلاد قومۇل ۋاڭى : گۇپا بەگ
(1709-1711) تەختتە ئولتۇرغان.گۇپابەگ ئەبەيدۇللانىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، ئەبەيدۇللا تارخانبەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، گۇپابەگ 1-دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىككە ۋارىسلىق قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ.ئۇ دادىسى ئەبەيدۇللا تارخانبەگنىڭ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلىشىدا مۇھىم خىزمەت كۆرسەتكەن.1697-يىلى دادىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە 300ئەسكەر بىلەن باركۆلگە بېرىپ ، غالداننىڭ ئوغلى سەپتىن بالجۇرنى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى تىرىك تۇتۇپ كېلىدۇ.شۇنىڭدەك جەڭلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
3-ئەۋلاد قومۇل ۋاڭى :ئىمىن ۋاڭ
(1711-1740)تەختتە ئولتۇرغان . ئىمىن ۋاڭ 1711-يىلى دادىسى گۇپابەگنىڭ 1-دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىك ئىمتىيازىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.ئۇ ناھايىتى قابىلىيەتلىك ھەربىي قوماندان بولۇپ،ئوقيا ئېتىشقا ناھايىتى ماھىر ئىدى.ئۇنىڭ خاننىڭ ئالدىدىمۇ ئوقيا ئېتىش ماھارىتى كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم .ئۇنىڭ قومۇل شەھىرىنىڭ سىرتىدا مەخسۇس ئوقيا ئېتىپ مەشىق قىلىدىغان مەيدانى بولغان.جۇڭغارلارغا قارشى جەڭلەردە نۇرغۇن تۆھپە كۆرسىتىدۇ.ئىمىن ۋاڭ 1740-يىلى ۋاپات بولغان.
4-ئەۋلاد قومۇل ۋاڭى: يۈسۈپ ۋاڭ
(1740-1767)يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان.يۈسۈپ ۋاڭمۇ دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . 1756-يىلى تۇرپاندىكى مەڭلىك بەگ جۇڭغارلار بىلەن بىرلىشىپ ئىسيان كۆتۈرىدۇ.يۈسۈپ ۋاڭ بۇ ئىسياننى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مەنچىڭ خان تەرىپىدىن تارتۇقلىنىدۇ.1758-يىلى يۈسۈپ ۋاڭ يەنە ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەچكە ئۇنى <بېيلى>ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلايدۇ.يۈسۈپۋاڭ كۇچا،ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان قاتارلىق جايلارنى باشقۇرىدۇ.1759-يىلى 11-ئايدا قەشقەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىنىدۇ ھەمدە ئىنانچىخانلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ.1767-يىلى 12-ئايدا يۈسۈپ ۋاڭ چوڭ ئوغلى ئىبراھىم بىلەن بېيجىڭغا خاننى زىيارەت قىلغىلى كېتىۋېتىپ،يول ئۈستىدە چېچەك چىقىپ ۋاپات بولىدۇ.
5-ئەۋلاد قومۇل ۋاڭى: ئىسھاق ۋاڭ
(1767-1780)يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان.ئىسھاق ۋاڭ يۈسۈپ ۋاڭنىڭ 2-ئوغلى.ئىنانچىخان دەرىجىلىك دورو بېيلىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ.ئىسھاق ۋاڭ دەۋرىدە ئاراتام،باغداش باغلىرىدىكى ئوردا قۇرۇلۇشلىرى ۋە باغ قۇرۇلۇشلىرى پۈتىدۇ.شەھەر ئىچىدىكى تۇغلۇق مازار مەچىتى سېلىنىدۇ.1780-يىلى ئىسھاق ۋاڭغا چېچەك چىقىپ ۋاپات بولىدۇ.
6-ئەۋلاد قومۇل ۋاڭى : ئەردىشىر ۋاڭ
(1780-1813)يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان.1780يىلى دادىسى ئىسھاق ۋاڭنىڭ تەختىگە ۋارسلىق قىلىدۇ.ئەردىشىر ۋاڭ قومۇل ئالتۇنلۇقتىكى ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ ئاخىرقى قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزىدۇ.چاڭغۇ ۋە چوقايتۇردىكى باغچىلارنى ئۆز نامىغا بىنا قىلدۇرىدۇ.ئۇ 1813-يىلى ۋاپات بولىدۇ.
7-ئەۋلا قومۇل ۋاڭى :مۇھەممەد بېشىر چىڭۋاڭ
(1813-1867)يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرىدۇ. 1813-يىلى ئەردىشىرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىرمۇ دادىسىنىڭ ئىنانچىخان دورو بېيلىلىق مەرتىۋېسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ.ئۇنىڭ چىڭ سۇلالىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا ، خان ئۇنىڭ مەرتىۋېسىنى كېيىنچە چىنۋاڭلىققا ئۆستۈرگەن.ئۇ توققۇز ئەۋلاد ۋاڭ ئىچىدە ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن مەرىپەتپەرۋەر ۋاڭدۇر.تارىخچى موللا موسا سايرامى<<تارىخىي ئەمىنىيە>> دېگەن كىتابىدا :<بېشىر ۋاڭنىڭ يىلقىسىنىڭ سانىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىكەن.تاغدىكى قويلىرى270قوتان بولۇپ،ھەر قوتاندىكى قوينىڭ سانى 700دىن كەم ئەمەس،1200دىن زىيادە ئەمەس ئىكەن>دەپ يازىدۇ.بېشىرۋاڭ 1832-يىلى قومۇل شەھەر ئىچىدىكىكونا مەدرىسنى بىنا قىلدۇرغان.تۇرپان،قەشقەر ھەتتا ئەرەبىستان قاتارلىق جايلارغاتالىپلارنى ئەۋەتىپ،ئالىم-ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرگەن.يەنە بىر تۈركۈم تىببىي ئىلىم ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرگەن.بېشىرۋاڭ دەۋرىدە ئوردىنىڭ مەخسۇس نوپۇس دەپتىرى بار بولۇپ ، تۇغۇلغان بالىلار نوپۇس دەپتىرىگە خاتىرلىنىپ ، يەتتە ياشقا توشقاندا مەكتەپكە كىرگەن-كىرمىگەنلىكى سۈرۈشتۈرۈلگەن.1866-يىلى سۈپۈرگە قاتارلىقلار قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ.سۈپۈرگە خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرىدۇ. مۇھەممەد بېشىرۋاڭ خەلقىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنىدىن كېچىپ ،ئۆز ئايىقى بىلەن تۇڭگانلارنىڭ ئالدىغا بارىدۇ .1867-يىلى1-ئايدا بېشىر ۋاڭ تۇڭگان قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ .
8-ئەۋلاد ۋاڭ : غولامىدىن ۋاڭ
(1867-1882)يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان.1867-يىلى 7-ئايدا بېشىر ۋاڭنىڭ ئوغلى غولام مۇھەممەت خوشۇت چىنۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇ تۇغما پالەچ بولۇپ،قومۇل خەلقى ئۇنى <تەن ۋاڭ> دەپ ئاتىغان.ئۇ ئۆز-ئۆزىنى جوڭقۇرالمىغاچقا ، ئوردىنىڭ چوڭ ھوقوقىنى ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى مېھرىبانۇ ئۆز قولىدا تۇتىدۇ.غولامىدىن ۋاڭ 1882-يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. (قومۇلدا <توققۇز ئەجدىھاتال رىۋايىتى> دەپ خەلق ئارىسىدا بىر رىۋايات بار.بۇ دەل مۇشۇ غولامىدىن ۋاڭ توغۇرلۇق رىۋايەتتۇر،مەنمۇ بوۋاملاردىن ئاڭلىغان.بېيجىڭ خاننىڭ ئوردىسىنىڭ ئۈستىدە بىر بۇلۇت بارمىش ، كەتمەي دائىم تۇرىدىكەنمىش، بىر كۈنى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن پالچىلارنى كەلتۈرۈپ پال سالدۇرۇپتۇ،پالچىلار خانلىق يۆتكەلگىدەك دەپتۇ ،يەنى غەرب تەرەپتە بىر توققۇز ئەجدىھاغا ئوخشاش ئۆسكەن بىر سۆگەت دەرىخى بار بولۇپ ، شۇ دەرەخنىڭ شېخى ئاستىدىكى بۇلاق سۈيىگە تەگسە،دەرەخ ئۈستىدىكى قۇشنىڭ بالىلىرى تۇخۇمدىن چىقسا بىر بالا تۇغۇلىدىكەن، بۇ بالا كەلگۈسىدە پۈتۈن جاھانغا پادىشاھ بولغىدك ، شۇ دەرەخنىڭ ئاستىدىن بىر چوڭ ئەجدىھا چىقىپ بالىنى قوغدارمىش.بۇنى ئاڭلىغان خان غەربىي يۇرتقا لەشكەر ئەۋەتىپتۇ.ئۇلار قومۇلنىڭ قوراي دېگەن تېغىغا كەلگەندە بىر يەرنىڭ تېگىدىن يوغان ئەجدىھانىڭ بېشىنى بايقاپ قاپتۇ ۋە ئۇنى كۆيدۈرۈپ،ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ. قومۇلغا چىققاندا پۈتۈن تال دەرەخلەرنى كېسىشكە باشلاپتۇ،كېيىن شەھەرئىچى يېزىسىنىڭ ھازىرقى توققۇز ئەجدىھاتال كەنتىدىن شۇ دەرەخنى تېپىپ كېسىپ تاشلاپتۇ ۋە قۇشنىڭ تۇخۇملىرىنى چۇۋۇۋېتىپتۇ.دەل شۇ چاغدا مۇھەممەد بېشىرۋاڭنىڭ ئوغلى غولامىدىن تۇغۇلۇپتۇ،ئەما،مېيىپ ئىكەن. ناۋادا ئۇ ئىشلار يۈز بەرمەي بالا ساق تۇغۇلغان بولسا پۈتۈن دۇنيانى سوراركەنمىش.)
مېھرىبانۇ پۇجىن ۋاڭ
غولامدىن ۋاڭنىڭ ئورنىدا ۋاڭلىق يۈرگۈزگەن،ئۆز دەۋىرىدە خەلققە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن،1882-يىلى غولام مۇھەممەت ۋاڭۋاپات بولىدۇ.مېھرىبانۇ ۋاڭلىق ھوقۇقىنى ،ئوغلى بولمىغانلىقتىن،كۈيئوغلى شاھ مەخسۇتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.مېھرىبانۇ ۋاڭ 1896-يىلى ۋاپات بولىدۇ.
9-ئەۋلاد قومۇل ۋاڭى : شاھ مەخسۇت ۋاڭ
(1882-1930)يىلىغىچە 48 يىل قومۇلنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىدە ئولتۇرغان.ئۇ تاجىدىن تەيجى دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ ،مېھرىبانۇ ۋاڭ بۇ ئاقسۆڭەك پۇشتىنى تاپقاندىن كېيىن،قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ.شۇنداق قىلىپ شامەخسۇت 1882-يىلى رەسمىي تەختكە چىققان. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن كونا تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ ، ھاشار كۈنىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگە،كېيىنچە يەتتە كۈنگە ئۆزگەرتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن زۇلۇم مىسلىسىز ئېغىرلىشىدۇ.ئۇ ئەمگەكچى خەلقنى ئېزىپ،ئۆزىگە ھەددىي-ھېسھبسىز بايلىق توپلايدۇ.زۇلۇم خەلقنى جاق تويغۇزۇۋېتىدۇ.نەتىجىدى 1907-يىلى <تورپاقلار قوزغىلىڭى>،1912-يىلى<تۆمۈر خەلپە قوزغىلىڭى> كۆتۈرۈلىدۇ.شاھمەخسۇت ياڭ زېڭشىن بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ بۇ قوزغىلاڭلارنى قانلىق باستۇرىدۇ.
شامەخسۇت گەرچە ھاياتلىقىدا خەلقنى قاتتىق ئەزگەن بولسىمۇ ،لېكىن ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىغا مەلۇم دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلگەن.1883-يىلى قومۇل ۋاڭلىرى قەبرىستانلىقىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشىنى ئېلىپ بارغان.1902-يىلى قومۇل شەھەر ئىىچىدىكى يېڭى مەدرىسىنى ،ئاراتۆرۈك نېرىنكىردىكى دەرەخلىق خوجام ئەرشىدىنخان خوجا مازىرىنى ياساتقان.ئىۋىرغول بىلىم يۇرتى قاتارلىق خەنزۇچە،مانجۇچە تىل ئۆگىنىش مەكتەپلىرىنى قۇرغان.1920-يىلى قومۇل رايونىدىكى مەشھۇر مۇقامچىلارنى ئوردىغا يىغدۇرۇپ،قومۇل مۇقاملىرىنى رەتلەش،قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تارىخىي ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. شاھ مەخسۇت ۋاڭ 1930-يىلى 6-ئاينىڭ6-كۈنىئالەمدىن ئۆتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ 233يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىدۇ.
<قومۇل تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر>ناملىق كىتابتىن پايدىلاندىم .
|
|
|
|
|
|